ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: ئەنسارى
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈزۈك (مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
91#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-19 23:55:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 17:22  


16


    29 -چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغان ۋاقىتتا مەن ئايرىلغىلى ئۈچ ئايدىن ئاشقان ئاشۇ تونۇش مەھەللەمگە قەدەم قويدۇم.گەرچە دادام يېزا باشلىقى بولسىمۇ،يېغقان مال-مۈلكى ئۆيىنى قانداق يەردىن ئىلىپ قانداق ياسايمەن دېسە ئېشىپ –تېشىپ تۇرسىمۇ لىكىن مۇشۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كىتىشنى خالىمايتتى، بۇ تەرەپ بولسا مېنىڭ دادامدىن رازى بولىدىغان چەكلىك ئىشلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى.ئالدىمغا چىققان دادام بىلەن ئۆيگە يىتىپ كەلگىنىمدە،بىزنىڭ بىرمۇنچە ئۇرۇغ-تۇققانلىرىمىز ئاللىقاچان بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ بولغانىكەن. ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈم.ئىككى يىلدىن بىرى تۇنجى قىتىم ئۆيدىن بۇنداق ئۇزۇن ئايرىلغاچ، مەنمۇ ئۇلارنى خېلى سېغىنغانىدىم.ئەڭ ئاخىرىدا دىدارلاشقىنىم ئانام بولدى،ئۇنىڭ قىسقا-قىسقا سوئاللىرى ئۆزىنىڭ ئوغلىغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتىنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى.بىر قاتار سالام سەئەتتىن كىيىن ئىسسق ئۆيدە ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتۇق، بىر نەچچە نەۋرە سېڭىللىرىم بولسا بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزدىن قۇرۇق قىلىشنى خالىمىسىمۇ لىكىن ئانامنىڭ قازان بىشىدا يالغۇز قىلىشىنى خالىمىغاچ،ئانامغا ياردەملىشىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. يېنىمدا ئولتۇرغان بىرنەچچە تاغام ۋە نەۋرە ئۇكىلىرىم بولسا توختىماي سوئال سورايتتى:
-يالقۇن ئۇكام، مۇشۇ شاڭخەيدە يەر ئاستى پويىزى بار دەيدۇ، ئۇ پويىز قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان پويىزغا ئوخشامدىكەن؟
-يالقۇن،شاڭخەيلىكلەرنى بەك پۇلدار دەيدۇ،زادى قانچىلىك بايكەن ئۇلار؟ئۇيەردە تىلەمچىلەرنىڭ كۈنىمۇ بەك ياخشىدۇ-ھە ئۇنداقتا؟
-ھەي ئاكا، ھېلىقى بىزنىڭ جەمىيەت كىتابتا رەسىمى بار بىر مۇنار باغۇ، شۇنى كۆدۈڭمۇ؟
-ئۇ يەرلەردە قىش بولماسمىش،قارمۇ ياغماسمىش، يىل بويى ياپيىشىللا تۇرىدىغان يەرمىش، بىرىنچى ئايلاردىمۇ بىر تال چاپان بىر كۆڭلەك كىيىپلا يۈرسە بولامىش،ھەممە ئادەمنىڭ ماشىنىسى بارمىش. ھەراسىت تېخى، بەك ئىسسق بولغاچ كۈندە بىرە ئىككى قىتىم يۇيۇنمىسا پۇراپ تۇرغىلى بولماسمىش...
-سېنىڭچە شاڭخەي ياخشىمىكەن، يۇرتىمىز ياخشىمىكەن؟ ئۇيغۇرلارمۇ جىقتۇ ھە ئۇياقتا؟
     مەن ئۇلارنىڭ بىرنىڭ كەينىگە بىرنى ئۇلاپ سورىغان سوئاللىرىغا زىرىكمەي –تىرىكمەي جاۋاب بەردىم. دادام تەرەپتىن تۆت بالا بولۇپ، دادامدىن باشقىسى تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن،ئانام تەرەپتىن بولسا پەقەت ئىككى بالا بولۇپ، ئانامنىڭ يۇۋاش،مۆمىن ئىنىسىدىن بىرسى بار،ئۇ تاغاممۇ مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىماپتىكەن.گەرچە دادام ۋە ئانامنىڭ غەمخورلىقى ۋە ياردىمى ئاستىدا ئۇلارنىڭ كۈنى خېلىلا ياخشى ئۆتسمۇ لىكىن بىلىدىغىنى جىق ئەمەس ئىدى. بۇلار ماڭا ئايان بولغاچ ئۇلارنىڭ سورىغان بەزىبىر قىزىقارلىق سوئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىرىنمىدىم. مەيلى ئۇلار قانداق بولمىسۇن مېنىڭ ئۇرۇغ-تۇققان، قان قېرىنداشلىرىم. ئۇلار بىلەن قىلىۋاتقان پاراڭ ئەۋجىگە چىققاندا ئۆيگە دادام كىردى،سۇپىدا قالايمىقانلا ئولتۇرغان بىز تەبئىيلا «سەپكە»كىرىپ پاراڭلىرىمىزنى توختاتتۇق.دادامنىڭ ھازىرقى سالاھىتى ساھىبخان بولغاچقا ئۆزىنى بىلىپ تۆر تەرەپنىڭ قارشىسىغا بىرىپ ئولتۇردى، كىچىك ئۇكىلىرىم«مامۇت دادا سىز يۇقىرىغا ئۆتىڭە»دېگىنىگە ئۇنىماي قويدى.
-ھە، يالقۇن بالام، شاڭخەيگە بارغىن دەپ يامان دېمىگەندىمەن؟ ياش بولغاندىكىن كۆرۈپ باققۇلۇق،ئادەمنىڭ كاللىسى ئىچىلىپ قالىدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بەلكىم ئازراق جاپا تارتقانسىلە، لىكىن جاپا تارتقانغا تۇشلۇق بىرنەسىگە ئېرىشەلەيدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن.-دادامنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ئېيتقان بۇ گەپلىرى ماڭا خېلى ياقتى.شۇڭا مەنمۇ مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا دادامنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ، ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق قىلىشقا بۇيرىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم.ماڭا ئايان، ئەگەر بۇ قىتىم ئۈرۈمچىدە گۈلمىرەنى ئۇچرىتالمىغان بولسام، ھەرگىز بۇنداق دىيەلمەيتتىم.
    كەچ كىردى، ئۇرۇغ-تۇققانلار بىلەن بىللە مۇڭدىشىپ، بىللە غىزالىنىپ خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولدۇق. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارمۇ بىر-بىرلەپ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ قىلىشتى.ئاخىرىدا بىر ئۆيلۈك ئۈچەيلەنلا قالدۇق.كەلگەندىن بىرى ئادەمنىڭ جىقلىقىدا، دادام –ئانام بىلەن پاراڭلىشىدىغان تۈزۈك پۇرسەتمۇ بولمىغانىدى، شۇڭا ئەمدىلىكتە ئۈچىمىز بىر ئۆيگە كىرىپ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇردۇق. ئىلگىرى بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشقا چولىسى يوق داداممۇ ئېسىل گىلەمنىڭ ئۈستىگە سىلىنغان ،چىرايلىق كۆرپىنىڭ تېپىگە ئانام ئۆز قولى بىلەن كەشتىلەپ تىككەن ياستۇقتىن بىرنى قويۇپ، يانپاشلىنىپ ئولتۇرغىنىچە بىز بىلەن پاراڭغا چۈشتى.
  -ئۈچ ئايدىن بىرى يوقلىقىڭ خېلىلا چاندى جۇمۇ بالام،ئۆيگە كىرسەممۇ، تالاغا چىقساممۇ بىرنەرسە كەمدەكلا.بۇرۇن ئوقوغىلى كەتتى دەپ ئولتۇراتتۇق، ھەم كۆنۈپمۇ قالغانىدۇق.لىكىن خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىل بولغىچە يىنىمىزدا تۇرۇپ،تۇيۇقسىز كىتىپ قالساڭ،كۆنمەك ھەقىقەتەنمۇ تەسكەن.
-ۋاي ۋۇي، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرىۋەرگىچە،«سېنى سېغىندۇق بالام» دېسىڭىزلا بولمىدىمۇ.-دادامنىڭ گەپنى تۈز دېمىگەنلىكىدىن جىلە بولغان ئانام، دادامنىڭ ئېغىزىدىكى گەپنى تارتىۋالدى.-سەن يوق بالام، بۇ چوپچوڭ ئۆيىمىز تېخىمۇ چۆلدەرەپ قالدى،بەزىدە داداڭ ئۆيدە يوق بولسا، ئۆزۈم يالغۇز تۇرۇشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قالدىم.ھەنىم بولسا قايتىپ كەلدىڭ،بولسا بىر توي ئىشىڭنى ئويلىشىپ، بۇ ئۆيىمىزنى ئاۋات قىلغان بولساق.-ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۆيگە ئەمدى كىلىشىمگىلا يەنە توي ئىشىنى تىلغا ئىلىشىنى ئويلىمىغاچقا سەل ھودۇقۇپ قالدىم.
-ئاناڭ راست دەيدۇ بالام، يېشىڭمۇ يىگىرمە ئالتە، يىگىرمە يەتتىلەگە يەتتى. بولسا توي ئىشىڭنى بىر بىرتەرەپ قىلىۋەتسەك، خۇدايىم بىرىپ نەۋرىلىك بولساق،بۇ ئۆمرىمىزدىمۇ ئەپسۇسلانغىدەك ئىش قالمىغان بولاتتى.-بۇ گەپلەرنى دادام ماڭا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئەمەس، بەلكى ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئېيتىۋاتاتتى،دادامنىڭ تولا قوپال گەپلىرىنى، بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلاۋىرىپ كۆنۈپ قالغاچ تازا كۆنەلمەي قىلىۋاتاتتىم.
-ئەمدى،دادا، ئانا.سىلەمۇ بۈگۈنگە كەلگىچە مەن ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىدىڭلا، دېگىنىڭلىمۇ ئورۇنلۇق، شۇڭا مەنمۇ كەينىگە تارتماي،ئەگەر خۇدايىم ۋاقىت-سائىتىنى بەرگەن بولسا توي قىلسام قىلاي.لىكىن...
-مۇشۇ گېپىڭنى ساقلاپ تۇرغانتىم بالام. قالدى ئىشلارنى ئۆزۈم توغرىلايمەن.-دادام ئېغىزىمدىكى گەپنى تارتىۋىلىشقا ئاران ئۈلگۈردى.
-دادا،ئەجەپ كىم بىلەن توي قىلغىڭ بار؟ كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويغان بىرەرسى بارمۇ دەپ سورىمايسەنغۇ؟-بۇ گەپنى يامان تەسلىكتە دەپ تۈگەتتىم.
-سېنىڭ كۆڭلۈڭگە پۈككەن ئادىمىڭ بولۇشى ناتايىن جۇمۇ بالام، بىللە ئىشلەۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، سېنىڭ نېمە ئىش قېلىۋاتقىنىڭنى، نەلەردە يۈرىيدىغىنىڭنى بەش قولدەك بىلىمەن مەن، بىرەر قىز بىلەن تۈزۈك بىر ئالاقە قىلىپمۇ باقماي نەدىكى كۆڭلىگە پۈكۈشكەن ئۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن شاڭخەيگە مېڭىشتىن بۇرۇن ساڭا بىر قىز تېپىپ قويغان،شۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ ياخشى،دېگىنىمنى قىلساڭ زىيان تارتمايسەن بالام.-بۇ ۋاقىتتا رۇقىيە ئىسىمگە كەلدى.مانا مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئىنقىلاپ رەسمىي باشلاندى، مەن غالىب كىلىشىم كېرەك، شۇنداق قىلالىغاندىلا ئاندىن گۈلمىرە بىلەن بىرگە بولالايمەن.
-قانداقلا دېگەن بىلەن مامۇتاخۇن،ئوغلىمىزنىڭ پىكىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلمىساق بولمايدۇ، ئۆي تۇتىدىغىنى ھامان شۇ ئىككىسى، كىيىن كىلىشەلمەي قالسا ياخشى بولمايدۇ.
-ئۇنداق بولسا يالقۇن بىلەن ئۇ قىز بىر كۆرۈشۈپ باقسۇن،دىتىغا ياقامدۇ ياقمامدۇ،شۇ ۋاقىتتا بىر نېمە دېسۇن. ئەممازە،ھامان شۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغان ئىش.
     مەن ئۇلارنىڭ يىنىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىككەيلەننىڭ پارىڭىنى تېڭشىدىم، دادام بۇنداق دېگەندە ئاسانلا قوشۇلدۇم. مېنىڭ ئويۇمدا مەن رۇفىنە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۈرۈمچىدە بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا دەيمەن، ئۇ ئۇققاندىن كىيىن بۇ توي ئىشىنى بىكار قىلىشقا قوشىلىدۇ، ھەمدە دادىسىغا ئېيتىپ مەن بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ توي ئىشىمىز بىكار بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يەتكەندە مەن گۈلمىرەنىڭ گېپىنى چىقىرىمەن،دادام-ئاناملار ئاخىرى ماقۇل بولىدۇ، گۈلمىرەمۇ قەشقەرگە قاراپ يول ئالىدۇ...
  ئۆيدىكىلەر بىلەن يەنە بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن، ئارام ئىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا خوش دەپ ئۆز ياتاق ئۆيۈمگە يىنىپ چىقتىم.قىش كەلگەچكە ئىلگىرىكى نىپىزراق يوتقىنىمنى ،ئانام ئاللىقاچان قىشلىق قىلىن يوتقانغا ئالماشتۇرىۋەتكەنىكەن. ئۈرۈمچىدىن كىلىپ بولغىچە خېلى جاپا تارتقاچ باشقا ئىشلارنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن يوتقىنىمغا كىرۋالدىم-دە، ئۇيقۇغا كەتتىم.
     ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كىلىپ دادام ماڭا بەش كۈنلۈك روخسەت قىلدى،.يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يېڭى يىلنىڭ 3-كۈنى چارشەنبە قەدەم باستىم، ھەممە ئىشچى-خىزمەتداشلىرىم مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى، بىر مۇنچە تەكەللۈپ سۆزلىرىنى ئېيتىپ مېنى سېغىنىشقانلىقىنى، ئەسلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى، مەنمۇ مۇناسىپ ھالدا رەھمەت ئېيتىپ بولدى قىلدىم. مېنىڭ ئىلگىرىكىدەك تۇرمۇشۇم يەنە باشلىىش ئالدىدا تۇراتتى.بۇ بىر نەچچە كۈن جەريانىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك گۈلمىرە بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم، ئۇ تەرەپتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سوراپ تۇردۇم،ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىشقا كۈچەۋاتقىنىنى، مېنى توي قىلسەن دېگەن قىزدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتقىنىمنىمۇ قالدۇرماي سۆزلەپ بەردىم، ئىشقىلىپ ھەرقىتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام تېخىمۇ غەيرەتكە كىلىپ روھلىناتتىم. شۇڭا ئالدىمدىكى ئىشلار ماڭا بەك قېيىندەك تۇيۇلمىدى.
     قىشنىڭ سوغۇق كۈنىدىن ئىككىنى ئۆتكۈزىۋەتتىم، شەنبە كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا ،كەينىمدىنلا ماشىنىسى بىلەن يىتىپ كەلگەن دادام مېنى چاقىرىپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۇت-قولۇمنى ئىسسىتقاچ دادامنىڭ گېپىغا قۇلاق سالدىم.
-يالقۇن، ئىشلارنى دىيىشىپ قويدۇم، ئۇ قىز بىلەن ئەتە كۆرۈشىدىغان بولدۇڭلا، ئەتە يەكشەنبە بولغاندىكىن ئىشلارمۇ قاملاشقىدەك. قانداق ، باشقا پىكرىڭ بارمۇ؟
-ھە بوپتۇ دادا، ھامان كۆرىشىدىغان ئىش بولغاندىكىن، ئەتە كۆرۈشسەممۇ كۆرۈشەي.-بۇنىڭدىن ئۆزگە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
-خەلق مەيدانى ئالدىدا كۆرۈشسۇن دەپ قويدۇم، قالغىنىغا ئىككىڭلا كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۆزۈڭلا خالىغان يەرگە بىرىپ ئولتۇراسىلە.
-ھە بولغىدەك، لىكىن دادا، يامان سۈنئىيدەك بىلىنىپ كەتتى ماڭا بۇ ئىشلار،قاملىشامۇ؟
-قاملاشمايدىغان نېمىسى با دەيسەن، باشقا ئىشنى ئويلىماي كۆرۈشكىن قېنى باشتا.ئاۋۇ تېلېفۇن نۇمۇرى مېنىڭ تېلېفۇندا ئىدى، تۈنۈگۈن كىرگۈزىۋالغان، قاراپ كىرگۈزىۋالغىنە تېلېفۇنۇڭغا، ئەتە ئالاقىلىشىدىغانغا ئاسان بولسۇن.
باشقا گەپ قىلمىدىم، تېلېفۇن نۇمۇرىنىمۇ كىرگۈزىۋالمىدىم، چۈنكى رۇفىنەنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى مەندە بار ئىدى.ۋاقىتنى 11گە ئورۇنلاشتۇرۇپتىمىش، بۇرۇن قىلىۋەتسە بەك سوغۇق ئەلۋەتتە.شۇنداق قىلىپ شەنبىنىڭ تىزراق ئۆتۈپ كىتىشىنى تىلەپ ئولتۇردۇم، ئەتە رۇفىنە بىلەن كۆرۈشسەملا ئۇنى قايىل قىلىشقا كۆزۈم يېتەتتى. كۈتە-كۈتە ۋاقىتنى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزغا ئەكەلدىم،ناشتا قىلىپ، دادام-ئانام بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن كۆرۈشۈشكە مېڭىشقا تەمشەلدىم.
  سائەت 11 گە يەنە يىگىرمە مىنۇت قالغاندا، مەن خەلق مەيدانى ئالدىغا يىتىپ كەلدىم، ماشىنىنى بىر مەيدانغا ئەكىلىپ توختاتاندىن كىيىن، ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ يىگىرمە مىنۇتنى ئۆتكۈزدۈم،سائەت دەل 11 بولغاندا ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئادەملەر جىقراق يىغىلىدىغان تەرەپكە ئۆتتۈم، لىكىن رۇفىنەنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. مانا كىلەر، ھازىر كىلەر دەپ يەنە يىگىرمە مىنۇت ئۆتتى، لىكىن يەنىلا ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.شۇڭا ئاخىرى تېلېفۇن قىلدىم، ئەمما تېلېفۇنى ئىتىك چىقتى.ئۆزۈمنى ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ تۇرغىنىمدا ناتونۇش بىر نۇمۇردىن تېلېفۇن كەلدى، مەن بەلكىم رۇفىنەدۇر دېگەن ئۈمىدتە تېلېفۇنىنى ئالدىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. –قارشى تەرەپتىن ئاۋازى ئىنچىكە،زىل بىر قىزنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى، رۇفىنە ئەمەسلىكى ئىنىق ئىدى.
-ئۆزىڭىز؟
-مەن گۈلنۇر،ئۆزىڭىز يالقۇنغۇ دەيمەن؟-بۇ قىزنىڭ تەلەپپۇزىدىن، مەن كۆرۈشمەكچى بولغان قىز دەل «گۈلنۇر»ئىسىملىك مۇنۇ قىز شۇدىكىدەك ھېس قىلدىم.
-ھەئە،مەن شۇ. سىز قەيەردە ھازىر؟-شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ قىزدىن شۇنداق سورىدىم.
-مەن شۇ چوڭلار دېيىشكەن جايدا، خەلق مەيدانىدىكى كىشىلەر جىقراق توپلىشىدىغان يەردە.-بۇ گەپ بىلەن بېشىم خۇددى بىرسى توقماق بىلەن ئۇرغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى،بىرسى پىرقىرىتىپ قويۇپ بەرگەندەك پۇتلىرىم كالۋالىشىپ،ئۆزۈمنىڭ قەيەرگە دەسسەپ تۇرغىنىنىمۇ سەزمەي قالدىم.-ۋەي،ۋەي.-بۇ قىزنىڭ تېلېفۇندا يەنە بىر قىتىم توۋلىشى بىلەن سەل ئەسلىمگە كىلىپ ناھايتى تەسلىكتە جاۋاب بەردىم:
-مەنمۇ شۇ جايدا.-شۇنداق دەپ بولۇپ ئۆزۈمنى ئوڭشاپ، پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىم،كۆزۈم بىرنەچچە كىشىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تېلېفۇن تۇتۇپ تۇرغان بىر قىزغا چۈشتى.دەل شۇ چاغدا ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرىمۇ ماڭا تىكىلدى. ئىككىمىز ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، ئاستا قەدەملەر بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

92#
ۋاقتى: 2014-11-20 11:19:08 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ.....مانا ! يالقۇنقارى،ۋاقتىدا گەپنى ئېنىق دىمىگەنگە تۇيۇڭ،گۈلمىرەگە بىلدۈرمەي قىزلار بىلەن كۆرۈشكەننىڭ جازاسىنى تۈزۈك تارتمىسىلا بولاتتىغۇ بۇ يىگىت
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

93#
ۋاقتى: 2014-11-20 11:35:40 | ئايرىم كۆرۈش
باشنى بىردەمدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن  داۋامى يولىنىپ بولغاندا ئوقۇپ ئىنكاس  يازاي مەن .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

94#
ۋاقتى: 2014-11-20 17:03:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئوھ ،،، كۆرەڭە مانا تاماشانى ، گۈلمىرەمۇ ئەمەس رۇفىنەمۇ ئەمەس  ئۇمۇ يوق  يوق بۇمۇ يوق ئوتتۇردىن چىقىرىپ ماۋۇ ئاي خىنىم سۈزۈك چىراي بىلەن توي قىلىپ قالامدۇ نىمە !!؟ ئىش چاتاق  
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
95#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-20 18:18:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 17:28  

ئازراقمۇ ھارارىتى يوق قۇياش نۇرى ئاستىدا «گۈلنۇر»ئىسىملىك بۇ قىز بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ پاراڭلاشماقتىمەن.ئاقپىشماق،يۈزى يۇمىلاق،سېمىز دېگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ئورۇق ھېساپلانمايدىغان، بويى 1.60مىتىردىن ئازراقلا ئاشىدىغان،بۈدرە چېچى بىريەرگە موللەك قىلىنىپ بوغۇلغان ،ئۇچىسىىدىكى ئۇزۇنراق قىزىل چاپىنى پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەن كاسىسىنى سەل يىپىپ تۇرغان ھالىتى ۋە رەڭ تاللىشى بىلەن مىجەزىدىكى پىشقان بىر تەرەپنى نامايەن قىلماقتا ئىدى.ئۇنىڭ گەپ قىلغاندا پەس ھەم قىسقا قىسقا قىلىشى بولسا، بىر قىزنىڭ ناتونۇش كىشى ئالدىدىكى قورۇنۇش ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلەپ تۇراتتى.
-ھەر ئىككىلىمىز چوڭلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ يەردە كۆرۈشۈپ تۇرۇپتىمىز، ئەگەر خالىسىڭىز چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يىگەچ پاراڭلاشساق.-ئادەتتىكى سالام-سائەتتىن كىيىن بۇ سوغۇقتا بۇنداق تۇرىۋىرىشنى خالىمىغاچ ئاشخانىغا كىرىپ بۇ ئۇقۇشماسلىقنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. «گۈلنۇر» ئىسىملىك بۇ قىزمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماستىن مېنىڭ رايىمغا باقتى.مەن بۇ ناتونۇش قىز بىلەن ئىلگىرىكىدەك كۆرۈنۈشنى قايتا تەكرارلاپ، بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرىتىۋىتىپ ئۇ قىزنى قاچان ئېغىز ئاچاركىن دەپ قاراپ ئولتۇردۇم، لىكىن ئۇ قىزدىن ھېچ شەپە يوق، شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم.
-ئەمدى، ئىككىمىزنىڭ بۇ يەرگە نىمىشقا كەلگىنى ئۆزىمىزگە ئايان. مەن شاڭخەيگە مېڭىشتىن بۇرۇنلا دادامنىڭ ماڭا بىر باشلىقنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغانىدىم.لىكىن مەن تاكى سىز ماڭا تېلېفۇن قىلغۇچە مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنى رۇفىنە ئىسىملىك بىر قىز دەپ ئويلاپ كەلگەنىدىم.مەن ئۇ قىز بىلەن شاڭخەيدە بىللە تەربىيلىنىشتە بولغان،ھەم ئۆز ئېغىزى بىلەن ئىككى ئۆيدىكىلەرنىڭ توي ئىشىمىزنى دېيىشكەنلىكىنى، چىقىشىپ قالساق يۇرتقا قايتقاندىن كىيىنلا تويىمىزنى قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.لىكىن بۈگۈن سىزنى كۆرۈپ راستىنلا گاڭگىراپ قالدىم.
-رۇفىنە؟ئىلھام زەنجاڭنىڭ قىزى رۇفىنەنى دەۋاتامسىز قانداق؟ ئۇ قىزمۇ شاڭخەيگە تەربىيلىنىشكە بىرىپ يېقىندا قايتىپ كەلگەنكەن تېخى.ھەي توۋا...
-دەل شۇ، دەل شۇ رۇفىنە.سىلەر تونىشامسىلە؟-بۇ قىزنىڭ گەپلىرىدىن ھەيران قىلىۋاتاتتىم.
-ئەلۋەتتە، ئىلھام زەنجاڭ بىلەن مېنىڭ دادام يىقىن ئۆتىدىكەن، شۇڭا دائىم بىرىش-كىلىش قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا رۇفىنە بىلەن ئىككىمىزمۇ ئۈچ-تۆت يىل بۇرۇنلا تونۇشقان، ھازىرمۇ خېلى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز.
-ئۇنداقتا سىزنىڭ دادىڭىز؟
-مېنىڭ دادام سادىق جۈجاڭ دېگەن كىشى شۇ، بەلكىم تونىمايسىز.-ئەينى ۋاقىتتىكى بىزنىڭ ئۆيدە تۆردە ئولتۇرغان ھېلىقى باشلىق ئېسىمگە كەلدى،ھەم شۇ كىشىنىڭ دەل سادىق جۈجاڭ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.
-مەن كۆگەن دادىڭىزنى، بىزنىڭ ئۆيگە بىر قىتىم بىرىپتىكەن، بىزنىڭ ئۆيگە بارغان شۇ كۈنى دەل ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىنى دىيىشىپتىكەنمىش.
-ئەمسە رۇفىنە نىمىشقا ئۆزىنى سىز بىلەن توي قىلىدىغان قىز شۇ دەيدۇ؟-تىگىگە يىتەلمىگەن بۇ قىز مەندىن سورىدى.
-سىز ئىككى ئۆيدىكىلەرنىڭ توي ئىشىمىزنى دېيىشكىنىنى ئۇقامتىڭىز ئىلگىرى؟ ئۇقسىڭىز رۇفىنەگە ئېيتقانمۇ؟-گېپىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە بۇ قىز مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندى-دە دەررۇ جاۋاب بەردى:
-ئاپام ماڭا«داداڭ مامۇت شاڭجاڭ دېگەن بىر كىشىنىڭ ئوغلىنى ساڭا لايىق كۆرۈپتۇ، ئۆزى بولىدىغان يىگىتكەن، ئۇ يىگىت تەربىيلىنىشكە بارغۇدەك، قايتىپ كەلسىلا تويىنى قىلىپ قويىمىز دەيدۇ»دېگەنتى،بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىرەر كۈن ئۆتتىمىكىن ،رۇفىنەنى ئۇچرىتىپ قالدىم، شۇ ۋاقىتتا رۇفىنە مەندىن «ئاداش توي ئىشىڭنى ئويلاشتىڭمۇ؟»دەپ سورىغان، مەن ئىزچىل ئاتا-ئانام تېپىپ بەرگەن يىگىت بىلەن توي قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەچ، رۇفىنەگە ئاپام ئېيتقان گەپنى ئۆز ئەينى ئېيتىپ بەرگەنىدىم.ھەم ئاتا-ئانامغا يارىغان بولسا چوڭ چاتاقمۇ چىقماس ،شۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئېھتىماللىقىم يۇقىرى دېگەنتىم. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇچراتمىغانتىم ئۇ قىزنى، كونا يىلنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە ئاندىن ئۇچرىتىپتىمەن، شۇۋاقىتتا شاڭخەيگە بىرىپ كەلگىنىنى ئېيتقانتى.-بۇ قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەممە ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم.
-مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىزگە لايىق كۆرگەن يىگىت مەن، ماڭا لايىق كۆرگەن قىز سىز ئىكەنسز. ھازىر مېنىڭ سىزگە دەيدىغان تېخىمۇ مۇھىم گېپىم بار، ئاڭلاپ رەنجىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
-ھە بولىدۇ، ئاۋۋال سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاي.-بۇ قىزنىڭ رايىشلىقى ماڭا يىقىپ قالدى.
-مېنىڭ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغىنىم بار، مەن شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى خالايمەن ئاللاھ خالىسا. ئىككىمىز تېخى بۈگۈن كۆرۈشتۇق، ئارىمىزدا ھېسسىيات دەيدىغان نەرسە يوق، شۇڭا بۇ گەپنى تۈزلا دېسەم سىزگە ئېغىر كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەگەر مېنىڭ مۇرادىمغا يىتىشىمگە ياردەم قىلىشنى خالىسىڭىز، چوڭلارغا دەپ بۇ توي ئىشىنى بىكار قىلغان بولساق.
-بۇ گەپلىرىڭىزدىن مەن ئۆزۈمنى سىزگە چاپلىشىۋالغاندەكلا ھېس قىلىپ قالدىم. مەن پەقەت ئۆيدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، ئەگەر سىز بىلەن رىزقىم قېتىلمىغان بولسا مەن جاھىللىق قىلساممۇ بىكار، شۇڭا مەن تامامەن شۇنداق قىلسام بولىدۇ. لىكىن مەن شۇنداق قىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا تېخىمۇ تەپسىلىراق سۆزلەپ بىرەلەرسىزمۇ؟ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا سەۋەپ كۆرسەتمىگىممۇ ئاسانغا توختىغان بولاتتى.
-ھە بولىدۇ، تاماق يەپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ، قىشنىڭ ئاپتىپىغا قاقلانغاچ سۆزلەپ بىرەي.-شۇنداق دېگەندىن كىيىن ئۇ قىزمۇ قوشۇلدى، ئالاھەزەل يىرىم سائەتتىن كىيىن بىكار بولۇپ يىنىپ چىقىپ، يەنە خەلق مەيدانى تەرەپكە ئۆتتۇق-دە، ئاپتاپ ئوبدانراق چۈشىدىغان ئورۇندۇقتىن بىرنى تىپىپ ئولتۇردۇق.مەنمۇ ھېكايەمنى ئاددىي ئەمما چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردىم.ھېكايەم تۈگەپ ئۇ قىزغا قارىدىم، كۆزلىرىدە ياش لېغىلداپ قاپتۇ،مېنىڭ ھېكايەمنىڭ قايسى قىسمى بۇ قىزنى شۇنچىلىك تەسىرلەندۈرگەندۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام ئۇ قىز ماڭا «سىز بولسىڭىزمۇ مۇرادىڭىزغا يىتىڭ، ئۆيدىكىلەرنى مەن توغىرلايمەن»دەپ قويۇپ ئىتتىك قەدەملىرى بىلەن بېكەت تەرەپكە كىتىپ قالدى.بۇ قىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاسان ماقۇل بولغىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.


17


-بۇ ئۆمرۈمدە مېنى بىرەر قىتىم رازى قىپ باققىنىڭ بامۇ سېنىڭ؟ نەگىلا بارساڭ ماڭا تەتۈر مۇقام توۋلاپ يۈرىيسەن، ۋۇ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتەپ قالغان ھاماقەت.-سادىق جۈجاڭنىڭ بۇ توي ئىشىنى بىكار قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان دادام يىرىم سائەتتىن بىرى ماڭا سۆزلەۋاتاتتى،سۆزلىگەنسىرى قىززىپ، مېنى تىللاۋاتقاندىكى سۆزلىرى بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۇلىشىپ چىقماقتا ئىدى.-خىزمەتنىمۇ ياخشى قىلما بوپتۇ، بىر قىز بالىغىمۇ يارىغىدەك ئادەم بولالماي. سادىق جۈجاڭ نېمە دەيدۇ بىلەمسەن؟«قىزىمىز ئوغلىڭىزنى تازا ياقتۇرماپتۇ،كىلىشەلمىگىدەكمىز دەيدۇ،شۇڭا ئۇلارنى زورلىماي بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋىتەيلى» دەيدۇ.نىمانداق يارىماس ئادەم بولغانسە سەن يالقۇن، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە قالىمەن دېسەڭ خۇش بولۇپ ئولتاسام بوپتىكەنتۇق ئەسلى...
-شۇ، ئوغلۇڭ يارىماس. مەن ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ سېنىڭ نەىرىڭدىكى ياراملىق بولۇش بىلەن مېنىڭ نەزىرىمدىكى ياراملىق بولۇش ئوخشىمايدۇ.لىكىن مەن ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن دادا، ماڭا ئۇ جۈجاڭنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىشنى مەقسەت قىلغىنىڭ مېنىڭ بەختىمدىن كۆرە ئۆزۈڭگە مەنپەئەت،پايدا بولامدىكىن، كىيىنكى يولۇم تېخىمۇ ئوچۇق بولامدىكىن دەپ قېلىۋاتىدۇ دېسە ئەقىلگە تېخىمۇ مۇۋاپىق. بۇ ئۆمرۈڭدە ھوقوقمۇ تۇتتۇڭ، پۇلمۇ تاپتىڭ،ئەل-جامائەت ئالدىدا ئازدۇر-كۆپتۇر يۈزۈڭ با. بۇ دۇنيانىڭ مېلىنى توپلىساڭمۇ، ئەمىلىنى مەڭگۈ تۇتساڭمۇ، لىكىن كەتكەن كۈنۈڭ بۇ نەرسىلەر ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ. يېشىڭمۇ ئەللىككە يەتتى،شۇڭا ئۆزۈڭنى تۇيىۋالساڭ ياخشى بولاتتى. ئانامنىڭ سەن ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىمۇ ئاز ئەمەس.كۆپۈكتەك يۈز-ئابروي ئۈچۈن ئۇ دۇنيالىقىڭنى چۆرىۋەتمىسەڭ بولاتتى.-سۆزلەۋىرىپ ئەرۋايى ئۇچقان دادامنى قېلىۋاتقان بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلىماستىن ئوتتۇرىدىن بۆلىۋىتەمىكىن دېسەم تولۇق ئاڭلاپ چىقتى، ھەم ئاڭلاپ بولۇپ جىمىپ قالدى،بۇ جىمىغىنىدىن گېپىم تەسىر قىپتۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام،تۇيۇقسىز قىلغان سۆزى  بۇ ئويۇمنىڭ بىلىگە تەپتى.
-ئۇ كىتابتا ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭنى ماڭا يادلاپ بەمەي، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىر ئادەمنىڭ ئىچى كۆيگىدەك قىلىغىنە باشتا. نېمىنى قىلىش نېمىنى قىلماسلىقنى داداڭ ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ.
-ماقۇل دادا، ماقۇل، مەن شۇنداق قىلاي.مەن كۆڭلۈمگە پۈككەن بىرسى بار، شۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دېگەن، مېنى تىللىساڭمۇ، ھاقارەتلىسەڭمۇ بۇ قىز بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان دادا.-باشتا تېخى بىرنەچچە كۈن ئۆتكۈزۈپ ئېيتاي دېگەنتىم، لىكىن دادامنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇيۇم سەل تۇتۇپ قالدى-دە، ئاچچىقى كىلىپ تۇرسىمۇ دەلىۋەردىم.
-قانات-قۇيرىغىىڭ يېتىلىپ چوڭ بولغاندا ، ماڭا بالا بولماي«بالا» بولاي دەمسەن سەن؟ سەن نان يىمەس بىلەن بۇنداق قۇرۇق گەپ سېتىشقا تاقىتىم قالمىدى، توي قىلساڭ قىل،ھازىرقى ئەلپازىڭدا مەندەك داداڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنمىگىدەك.
-ئۇ قىز قۇمۇللۇق.
-نېمە؟ۋاي ئانام، مەنغۇ رەھمەتلىك دادامنى بۇنداق قاقشاتمىغان، قايسى قىلغان ئىشىمغا بۇنداق كۈننى كۆرىدىغاندىمەن مەن. شۇنچە چوڭ قەشقەردىن ساڭا قىز بالا چىقمىغاندەك، ئىككى مىڭ كىلومېتىر نېرىدىن تاپتىم دېگىن،مېنى كېسىلدۈرۈپ ئۆلتۈرمىگىچە بولدى قىلمايدىغان ئوخشايسەن سەن.
-ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ مامۇتاخۇن،بىز سەۋەپ قىلغۇچى، بەرگۈچى خۇدايىم.رىزقى كىمدە بولسا شۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىدىغان گەپ، شۇڭا بۇنداق تەتۈرلۈك قىلمايلى. يالقۇنمۇ ئۇنداق تەتۈر بالا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتىمۇ شۇ دادام-ئانام يالغۇز قالمىسۇن دەپ يۇرتقا يىنىپ كەلگەن، ئۆز ئوغلىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرىۋەرمەي، ئارتۇقچىلىقىنى بايقاڭ بولسا، بۇنداق دۈشمەنلەگە مۇئامىلە قىلىشقاندەك يۈرمەي. ئوغلىمىزنىڭ قۇمۇللۇق قىز بىلەن ئۆيلەنگىسى بولسا ماقۇل دەيلى، بىز يا ئىقتىسادتىن قېينىلىپ قالمايمىز، ھەر تەرەپتىن ياخشى، بەك ئارىغا كىرىۋىلىپ ئۆز پەرزەنتىمىزنىڭ بەختسىز بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالساق بولمايدۇ.-ئانام دەل ۋاقتىدا مەيدانغا چىقىپ مېنى قوغداپ قالدى،مۇشۇ دەملەردە ئانامدەك ئېسىل، ئۇقۇمۇشلۇق ئايالنىڭ ئوغلى بولغىنىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.
-ئانا-بالا ئىككىڭنىڭ تىلى بىر . بوپتۇ قۇمۇللۇق بىلەن قىلساڭمۇ قىل،بەرىبىر سەندىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈمغۇ مەن.-دادام شۇنداق دېگەنچە ئىشىكنى زەردە بىلەن ئىچىپ يەنە قاتتىق يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتى. ئۆيدە ئانام بىلەن مەن يالغۇز قالدۇق. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئانامغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردىم.
-سېنىڭ تاللىشىڭغا ھۆرمەت قىلىمەن بالام، ھەم سېنىڭ كۆزۈڭنىڭ ئادەمنى خاتا تونىمايدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ھازىر داداڭنىڭ ئاچچىقى بار، ئەمەلىيەتتە سەن توي قىلىدىغان قىز قەيەرلىك بولسا داداڭ ئۈچۈن بەرىبىر،لىكىن داداڭ ماقۇل دېسە ئۆزىنى ساڭا يېڭىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ خالاس، شۇڭا سەنمۇ كۆڭلۈڭگە ئالما. سەن ئېيتقاندەك، ئۇ قۇمۇللۇق قىز ئاۋۋال بۇ تەرەپكە كىلىدىغان بولسا، تېلېفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنى دەپ تېزراق كىلىشنى تاپىلاپ قوي، ئۇزىراپ كەتكەن ئىش ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ، شۇڭا ئىسسىغىدا بىر تەرەپ قىلغان تۈزۈك.
   ئانامنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا خېلى تەسەللىي بولدى،دادام تەرىپىدىن مۇزلىتىۋىتىلگەن يۈرۈگۈممۇ قايتىدىن ئىللىپ قالدى.شۇ كۈنى كەچتە گۈلمىرەگە تېلېفۇن قىلدىم.
-كەچۈرۈڭ گۈلمىرە، بۇ تەرەپتىكى ئىشلارنىڭ تولىلىقىدىن توغۇلغان كۈنىڭىزدىمۇ ھېچنىمە قىپ بىرەلمىدىم.-ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تېلېفۇن قىلىشتىن باشقا بىرەر ئىش قىلمىغاچقا،چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى توغرا تاپقانىدىم.
-ھېچقىسى يوق يالقۇن، سىز ئۇ تەرەپتىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلسىڭىزلا شۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا.
-ئۇغۇ شۇ،ماڭا تەگسىڭىز شۇنىڭ ئۆزى سىز ئۈچۈن كاتتا سوۋغا ھە؟
-ھازىرچە شۇنداق، كىيىن توي قىلساق بىلىمەنغۇ زادى قانداقلىقىنى؟ ئىشلىرىڭىز قانداق بوپ كەتتى راس؟
-مېنىڭ بۇ تەرەپتىكى ئىشلىرىم پۈتتى، سىزنىلا ساقلاپ قالدىم، بۇ سوغۇقتا كىلىپمۇ يۈرمەڭ بولمىسا،مەن ئەلچى باشلاپ بىرىۋىرەي.
-بولمايدۇ، مەن چوقۇم بارىمەن.مېنىڭ ئىشلىرىممۇ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بىر تەرەپ بولىدۇ، ئاللا خالىسا 20-چىسلاغا ئۈلگۈرۈپ بىرىشىم مۇمكىن، مېنى كۈتۈڭ!
-سىزنى كۈتىمەن.-قىسقىلا پاراڭلىشىپ تېلېفۇننى قويدۇم. ئاندىن مەن يەنە ھېلىقى كۈندىكى گۈلنۇر دېگەن قىزنىڭ تېلېفۇنىغا تېلفۇن قىلدىم، قارشى تەرەپ تېلېفۇننى ناھايتى تەستە ئالدى.
-ۋەي، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ياخشى، سالامەتچىلىك. ھەجەپ تېلېفۇن قىپ قاپسىزغۇ بۇ كەچتە؟
- شۇ سىزگە رەھمىتىمنى ئېيتىپ قوياي دەپ، سىزگە راستىنلا رەھمەت، ماڭا چوڭ ياردەمدىن بىرنى قىلدىڭىز.
-تۈزۈت قىلماڭ، سىزنىڭ بەختلىك بولىشىڭىزنى تىلەيمەن.
-رەھمەت، رەھمەت. لىكىنزە، سىز نېمىشقا دادىڭىزغا «ئۇ يىگىتنى ياقتۇرمىدىم» دېگەنسىز دەيمە، دادامدىن بولۇشىغا دەشنام ئاڭلىدىم«بىرەر قىزغىمۇ يارىمىغان لەقۋا» دەپ.
-ھاھاھا، ۋاي كەچۈرۈڭ، بۇ تەرىپىنى پەقەت ئويلىماپتىمەن. سەت بوپتۇ.
-ھېچقىسى يوق ئەمدى، مەنمۇ مۇنداقلا دەپ قويدۇم. سىزدىن يەنە بىر ياردەم سوراي دېگەن، مەن رۇفىنەنىڭ بۇرۇنقى نۇمۇرىغا تېلېفۇن قىلسام ئىتىكلا دەيدۇ، شۇڭا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان نۇمۇرىنى تېپىپ بىرەلەرسىزمۇ؟-كۆڭلۈمدە رۇفىنەنى ئىزدەپ بەزىبىر مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋىتىشنى توغرا تاپتىم
-مەندە نۇمۇرى بار. ئالدىنقى قىتىم كۆرۈشتۈم دېدىمغۇ، شۇ ۋاقىتتا كىرگۈزىۋالغانتىم، مەن تېلېفۇننى قويغاندا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بىرەي، بولامدۇ؟
-ۋاي بولىدۇ، بولىدۇ، بولمامدىغان. ئىشقىلىپ سىزگە كۆپ رەھمەت، سىزنىڭمۇ ھەم بەختلىك بولىشىڭىزنى تىلەيمەن.
يەنە بىردەم بىر-بىرىمىزگە تىلەك تىلەشكەندىن كىيىن تېلېفۇننى قويدۇق، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا رۇفىنەنىڭ نۇمۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۈچىنچى تېلېفۇننى ئۇردۇم،تېلېفۇن ئۇلاندى، رۇفىنەمۇ ئاسانلا تېلېفۇننى ئالدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يالقۇن، ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، خۇداغا شۈكرى، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟-شۇ تاپتا مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر كەيپىياتتا رۇفىنەگە گەپ قىلماقتا ئىدىم.
-مەن بار. سىز مەندىن نېمىشقا دەپ سوراشتىن بۇرۇن ئۆزۈم جاۋاب بىرىۋىتەي يالقۇن.مېنىڭ سىزنى ئالدىغىنىم راس، ئىلگىرى مەن گۈلنۇر بىلەن يىقىن ئۆتەتتىم،مەن ئۇنىڭدىن چىرايلىق بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭ كۈنى مېنىڭكىدىن ياخشى ئۆتەتتى، ھەممە يەردە باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشەتتى،شۇڭا مەن چىدىمىدىم، نېمىشقا مەندىن ئۇ ياخشى بولغىدەك دەپ ئويلايتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلنۇر سىزنى تىلغا ئالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن دادام ئارقىلىق شاڭخەيگە كەلدىم، ئۇ چاغلاردا مېنىڭ ئويۇم پەقەت سىزنى ئۆزۈمگە مايىل قىلىپ مەن بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، بۇنداق قىلسام مەن ئۆزۈمنى گۈلنۇردىن ئۈستۈندەك چاغلايتتىم،لىكىن شاڭخەيگە بارغاندىن كىيىن ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماي قويدى،سىزنى بۇ قاينامغا سۆرەپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈم قاينامغا غەرىق بولدۇم، شۇنداق يالقۇن، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. كىيىن گۈلمىرە بىلەن بولغان ھېكايىڭىزنى ئاڭلىدىم،ھەم ئازاپلاندىم ھەم سۆيۈندۈم،سىزنىڭمۇ مېنى ئاشۇنداق ياخشى كۆرەلىشىڭىزنى ئەخمىقانىلەرچە خىيال قىلىپ يۈردۈم. لىكىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ سىز مېنى يۇرتقا يولغا سېلىۋىتپ ،گۈلمىرەنى ئىزدەش ئۈچۈن قالغىنىڭىزدا بارلىق ئۈمىدىم يوق بولغاندەك ھېس قىلدىم.ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئۆزۈمنىڭ قارا يۈزلىكىگە ئىچىم سىيرىلدى، مەن گۈلنۇرنى ھەم سىزنى ئالدىدىم،شۇڭا بۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ئامالسىز قالدىم.ئەگەر سىز بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرىكى «مەن »بولغان بولسا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمىغان بولاتتى، لىكىن ھازىرقى «مەن »ئۇنداق قىلالمايدۇ،شۇڭا سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن يالقۇن،مەندىكى نۇمۇس تۇيغۇسى سىزنى تونىغاندىن كىيىن يېتىلگەندەك ھېسسياتتىمەن، شۇڭا سىز ھەم گۈلنۇرنىڭ مېنى كەچۈرۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن بەلكىم قوشنا ناھىيىدە توي قىلىشىم مۇمكىن، بۇنداق بولسا مەن ئۈچۈن ياخشى بولغىدەك. ھەراست، مېنىڭ ئانامنىڭ قازا قىلغىنى راس ئىش، لىكىن دادام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئىزچىل ياخشى، بۇ ئالدامچىلىقىمنىمۇ كەچۈرۋەتكەيسىز.-رۇفىنە بۇ گەپنى تولۇقلاپ قويغاندىن كىيىن سۆزلەشتىن توختىدى.
-مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، سىزگە قىلچىلىك ئاچچىقىم كەلمىدى، بەلكى سىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ھالەتكە كەلگىنىڭىزدىن خۇش بولىۋاتىمەن. مەن گۈلمىرە بىلەن توي قىلىدىغان بولدۇم، ئەگەر خالىسىڭىز ۋاقتى كەلگەندە خەۋەر قىلاي، تويۇمغا قاتنىشىپ كىتەرسىز.ئىشقىلىپ، ئىلگىرى قىلغانلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە بسىم قىلىۋالماڭ.
-ئاللا نىسىپ قىلسا ھەقىقىي بىر جۈپلەرنىڭ تويىغا قاتنىشىمەن. رەھمەت سىزگە.
-ماڭا رەھمەت دېمەڭ. ھەممە ئىشنىڭ يۈز بىرىشىدە بىر ھېكمەت بار. بۇندىن كىيىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. خەير!
-خەير!
     تېلېفۇننى قويدۇم.كاللام لىققىدە خىيال بىلەن تولدى، ھەرخىل توقۇنۇش، ھەرخىل چۈشەنمەسلىك. شۇ خىياللارنى بىللە ئىلىپ يوتقىنىمغا كىرىۋالدىم.خىيال ئاسمىنىمنىڭ بىر بۇرجەكلىرىدە «رۇفىنە گۈلنۇرنى ئالدىغان تۇرسا، نېمىشقا يەنە بىر كۆرۈشۈپلا تېلېفۇن نۇمۇرىنى بۇنچە ئاسان دەپ بىرىدىغاندۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن.
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

96#
ۋاقتى: 2014-11-20 21:05:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئاھ خۇدا.....
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
97#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-20 21:11:38 | ئايرىم كۆرۈش

قانداق ھېسسىياتلاردا، نەچچە تېنىقىڭىزدا دەپ تۈگەتكەنسىز بۇ «ئاھ خۇدا...»دېگەن ئىككى سۆزنى...
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

98#
ۋاقتى: 2014-11-20 21:20:22 | ئايرىم كۆرۈش

ا

ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 21:11
قانداق ھېسسىياتلاردا، نەچچە تېنىقىڭىزدا دەپ تۈگەتكە ...


بۇرۇندىن قولۇمغا كىتاپ ئالسام تۇلۇق ئوقۇپ تۈگەتمىسەم تاماقمۇ يىگۈم كەلمەيتتى.مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەزالار مىنى ئاشقازان كېسلى قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدۇڭلار.بۈگۈن تۇلۇق كۆرەرەن دىسەم،يەنە ئاخىرى يوق.نەچچە كۈن ساقلاتقانغا يارىشا جىق جىق يازمامدۇ دەيمەن...
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

9

تېما

180

يازما

1728

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 501
يازما سانى:
180
تىللا:
1444
تۆھپە:
25
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-10
99#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-20 21:22:02 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 21:20
بۇرۇندىن قولۇمغا كىتاپ ئالسام تۇلۇق ئوقۇپ تۈگەتمىسەم ...

خېلى جىق يازدىمغۇ، ئازلا قىپ قالدى، ئەفۇ قىلغايسىز
بەزىلەر بۇ دۇنياغا ئىبرەت بولۇشقا كەلسە، يەنە بەزىلەر ئىبرەت ئىلىشقا كىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن توشقان.

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

100#
ۋاقتى: 2014-11-20 23:47:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسارى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 23:55
داۋامى:
16
    29 -چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغان ۋاقى ...

-بۇ ۋاقىتتا رۇقىيە ئىسىمگە كەلدى
  ئىسىم خاتا بوپ قاپتۇ جۇمۇ!!!! لىكىن بەك ياخشى ، غەيرەت قىلىڭ!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:38 , Processed in 0.141413 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش