ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: كۆكتاش
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

شۈنچىنجى ھەسرەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

51#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-30 21:01:26 | ئايرىم كۆرۈش
ئۈرۈك چىچىكى پۇرايدۇ باھار

كۈن تۈندەك توختاپ تۇرۇپ
شېئىرغا يالىڭاچ كىردىم
يامغۇردەك ئۇسساپ چوڭقۇر
سىم_سىم مۇھەببەت ئىچتىم....

پىيادە بۇلۇتلار
يىتىپ كەلمەستىن كۆڭلۈم ئىشىكىگە
ئاسمان بىلەن زىمىن ئاراسىدا
كۆيۈكنىڭ ھىدى
سېغىنماقتىمەن
ئەڭ قىزغىن ئىنىتلىشلەر بىلەن
باھاردا تۇنجى ئېچىلىدىغان
ھىجرانكاركاككۇك گۈلىنىڭ رەڭگىگە كىرىپ
ئويلىماقتىمەن
«چۈشۈمدىن تاكى چىچەكلىك باغلارغا قەدەر
سېنى ئۇچراتمىسام بولاتتى
ئەگەر ئۇ ئۇچراپ قالسا نىم بوپ كېتەرمەن»
ئەسلىمەكتىمەن
يۈزۈڭنى مەندىن يۈشۈرۈپ قاچقان ئىسمىڭنى ۋە قايرىلغىنىڭنى...
شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىۋىتىپ
يەنە سېنى  ئۇچراتتىم
ئۆزۈمدىن چىقىپ كەتتىم...
شۇنداق بالالەر كەلدى
ئاستىن ئۇستىن ھاياجاندا
پۇتۇم باسمىدى
قولۇم مىدىرلىمىدى
سېنى چاقىرىشقا
تېلىم كۆيدى
ئوت ئىسسىق جاھان ...
سەن يەنە ئۆزۈڭنى ئالدىڭ دالدىغا
تىنىچسىز مەن كۆڭۈللەر ۋەيران
ئۇخلىسام چۈشۈمدە
ئويغانسام كۆزۈمدە
سۆزلىسەم سۆزۈمدە
ئۆلتۇرسام ئۆزۈمدە
چاي ئېچسەم پىيالەمدە
يول ماڭسام خىيالىمدە
ھەرنە قىلسام بىريىرىم كامدە
بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغانىم
ئىككى كۆرۈپ ساراڭ قىلدىڭەي
ۋادەرىخا
دەم  جىمىپ دەم كۈلۈپ  
ئىسمىڭنىلا زىكىر ئىيتىپ
ئىسمىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ
تالاغا چىقىپ باھاركېچىسىنىڭ
جىمجىتلىنىقىنى بۇزۇۋىتىپ
ئۆيگە كىرىپ ئۇخلىيالماي قىينىلىپ...
ئۆمىدنىڭ ئۇچىدا قىزارغان سېنى
كۆيگەن تاڭ قوياشىدىن  كۆرۈپ
چىچەكلىك باغلاردا مەستۇ مەستانە
ئىسمىڭ بىلەن سۆيگۈ چېچىپ
ئىشق شارابىدىن ئېچىپ
ۋىسال ئۈچۈن يول مىڭىپ ...
ھەممە رەسۋالىقلار قىلىپ ...
ئەل ئېغىزىدا ساراڭ ئاتىلىپ
كۈن تۈندىن ئىشىپ ياشىماقتىمەن...

سېنى تۇنجى ئۇچراتقان كوچىدا
ئۈرۈك چىچىكى پۇرايدۇ باھار
قانداق ئولتۇرالغانسەن ھوجراڭدا
مەندىن  قېچىپ كىرىپ كېتىپ يار؟

تەييارلىقىڭ يوقمۇ؟
قىزغىن مۇھەببەت ئۈچۈن
كەل يىشىنەيلى باھاردەك
ئۆمۈرلۈك ھەسرەت ئۈچۈن ...

مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

52#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-30 21:04:58 | ئايرىم كۆرۈش
بىرىنجى غەزەل

مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك

سەن ھەققىدىكى بارلىق خىياللىرىم
سېنى كۆرگەن ھامانلا بەربات بولىدۇ

ئاندىن ئشق پەسلىگە كىرىمەن
جېنىم چىچەكلەپ قېنىم قىززىيدۇ

مەلۇم غىدىقلىغۇچى ئىستەكنىڭ تۇرتكىسىدە
بارلىق ھەسرەتلەر يۇپۇرلۇپ كېلىدۇ

ئاينىڭ بۇلۇت ئۇستىدىن ياكى تۈننىڭ ئېچىدىن
سىرغىپ ئۆتۈپ كەتكىنىدەك  ئۆتۈشىمىز
ھايات يورۇيدۇ تۇرمۇش قاراڭغۇلىشىدۇ

مەن ھىچنىمىسىنى يوقىتىپ قويغان يولىچىدەك
سەن ھەققىدە بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى تۇغدۇرۇشقا تىرىشىمەن
ئالىمىمدە سەندىن باشقا بىركىم مەۋجۇت بولمايدۇ

18.ئاپرىل
گۇما سانجۇ
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

53#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-30 21:10:31 | ئايرىم كۆرۈش
سۆيگۈگە چوڭقۇرلاش

مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك

باشىمدىن تاپىنىمنىڭ ئۇچىغىچە
سول تېنىم ئاغرىپ
كېچىدىن بىر ئۇخلىيالمىدىم
توققۇز قېتىم ساراڭ دوغاپ ئېچىپ
بىر قېتىم سېنى ئىزدىمەسلىككە قەسەم ئچكىنىم
سول بەدىنىمنىڭ ئاغىرىشىدىكى بىردىن بىر سەۋەپ بولىشى مومكىن

ئەمدى بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمىزدا
بارلىق مومكىن مومكىنسىزلىكلەردىن باشقا
سارغىيىپ كەتكەن
ئۆڭۈپ كەتكەن
يۈتۈپ كەتكەن
ئۆچۈپ كەتكەن
ئۆتمۇشتىن باشقا ھىشنىمە بولمايدۇ

ھاياتنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتسەكمۇ
تۇرمۇشنى ئوتتۇردىن ئىككىگە بۆلىسەكمۇ
ئالەمنىڭ بىر بۇرجىكىدە بىللە ياشىساقمۇ
بىرخىل سوغۇق سېغىنساقمۇ
ئۇچرىشىشلار بولمايدۇ ئەسلىمىدىن باشقا...

بولدىلا دىىدىم ھاردۇق يەتكەندەك بىرخىل تەئەززۇدا
بولدىلا دىدىم قىيالمىغاندەك بىرخىل ئارزۇدا
بىز مۇشۇنداقلا ئۇچراشمايلى خەت يىزىشمايلى
بۇندىن كىيىنكى ھەسرەت ئۈچۈن
ھازىرقى قۇۋناق بەختتىن كېچىپ...

19.ئاپرىل گۇما سانجۇ
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

54#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-23 20:01:15 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-23 20:20  

بىر ئاز پەسلىدىم

بۈگۈن دۈشەنبە
بازارغا بىرىشقا كۆڭلۈم تاتمىدى
ئۇخلايچۇ دىدىم ئەمما
قىرىشقاندەك ئۇيقۇم كەلمىدى

مەنسىز تۇيغۇلارنىڭ مېنى يېيىشىدە
ئۆينىڭ سوغۇق بىر كەيپىياتتا
مېنى تالان تاراج قېلىشىدا
قاتتىق ئېچىم پۇشتى

ئالىيە سودا سۈيىنىڭ قۇرۇقدالغان
ئۇستەلدىكى بوتۇلكىسىنى  كۆرۈپ
سېنى كۆرۈش ئىستىكى چەكسىز
ئۆيدىن چىقتىم ئىغىر يۈرۈپ

قوياشنىڭ ئىللىق ھالىتىدەك
سۇنىڭ يۇمشاق ھالىتىدەك
قىزىلگۈلدەك ئېچىلىۋاتقان
جىگدە چىچىكى پۇراۋاتقان
ئاشۇگۈزەل  پەيتىڭدە
سەن تەرەپكە يىقىنلاشتىم
ساڭا بىر ئاز پەسلىدىم
بۇ پەسلەش
ھەسرەتلىرىمگە بىر ئاز ھەسرەت قوشتى

مەن ساڭا ئۇدۇل قارىغانلىقىم ئۈچۈن
سەن يانتۇ قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن
ئاشىق مەشۇق ئاتالدۇق
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

55#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-7-6 19:59:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-6 20:03  

جىنەستىنىڭ ئ‍ېچىلىش ۋاقتى

مۇتەللىپجان نۇرمۇھەممەت كۆك

قاراڭغۇ چىكەتكىنىڭ يالغۇز ئاۋازى
ساڭا يۇزلىنىشىمنى ئەينەن كۆرسىتىپ بىرەر

جىمجىت ئاينىڭ  نۇرغۇن بۇلۇتنىڭ ئۇستىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىدەك
تىۋىشسىز كوچاڭدىن ئۆتىمەن

بۇ ئاخشامنىڭ تەنھالىقى چوڭقۇر
سىم -سىم سۈكۈت غىرب يامغۇر
بىمەنە ئىشلارنىڭ جانلىق ھالىتى
مەندەك قاراڭغۇ ۋە مەغرۇر

يۈز ئادەمنىڭ ئارىسدا سېنى چۈشىگەنلىكىم
ئانچە بىر تىلغا ئالغۇدەك ئىش بولمىسىمۇ
ئەستىن كۆتۈرۈلمەيدىغان بىر ئىش

بىر ئىنتىزارلىقنىڭ ۋەھىمىسىدە
ۋەسۋەسە ۋە رەسۋالىق ئارلاشقان
شۇنداقلا گۈزەل بىر قۇتراتقۇلۇق
ھەمدە ھەسرەتنىڭ ئەڭ كەڭ ئاسمىنى
ساڭا ئۇدۇللاشقان دەقىقىدە
بىناۋا سۆيۈشلەر ئەڭ چەكسىز

مۇشۇ يىزىۋاتقان بىر نەسىلىرىم
سېنىڭ گۇگۈم پەيتىدە
مېنى خىيال قىلىۋاتقان ھالىتىڭنى
ئەڭ گۈزەل سۇرەتلىدى

قاراڭغۇلۇقتا بىربىرىمىزگە يۈزلىنەيلى
سىممىتىرىك ھالەتتە
بۇ ئاخشام
جىنەستىنىڭ ىئ‍چلىش  ۋاقتى بولسۇن …

4.ئىيۇن
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:47 , Processed in 0.114214 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش