
مۇھەببەت يولىدا تېڭىرقىغان قىزلارغا بېغىشلايمەن ۋە بارلىق قىز - يىگىتنىڭ قەلبىگە ئىنساپ تىلەيمەن.
يۈگەنسىز سۆيگۈ
باھارنىڭ ئاپتىپىغا ئۆزۈمنى قاقلاپ، بارلىق دەرد – ئازابىمنى ئۆز – ئۆزۈمگە سازايى قىلىۋاتىمەن، لەختە – لەختە بولغان يۈرىكىمگە قايتىدىن كۈلۈپ شۇ باغچىدا خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولماقتىمەن. ئەنە ئاۋۇ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان سېرىق چاچلىق، كۈلكىسى شۇنچە جەزبىدار، چىرايلىق قىز تېخى تۈنۈگۈن مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتكەن قىزغا نېمانچە ئوخشايدۇ – ھە. راست، ئەتراپىمدا بۇنداق قىزلار كۆپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قورققانغا قوش كۆرۈنگەندەك ماڭا ھەممىلا قىز شۇنىڭدەكلا كۆرۈنىدۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ ئەمەس، ئۇنى چىرايلىق قىز دەيمەن تېخى. ئەمما ئۇ ماڭا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ، نۆۋىتى كەلسە بوغۇپلا ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى، ئۆز تۇرمۇشىدىن بىر تېپىك بىلەنلا ھەيدىۋەتكۈسى كېلىدۇ. ھەي... چىرايلىق قىز، ئازابلىق ئۆتمۈش، مەن يۇيۇپمۇ ئۆچۈرەلمەس ھېكايە.
1
ئەزەلدىن مەكتەپكە بېرىشقا ئالدىرىمايدىغان مەن مانا بۈگۈنمۇ كېچىككىلى ئازلا قالدىم... ۋاقىت ئادەتتىكىدىنمۇ بەكىرەك تېز ئۆتمەكتە. ئاھ... ئىككىگە ئون بەش مىنۇت قالدى، تېز بولاي... تېخى ئاياغلىرىمنى كىيمىدىم، چاچلىرىمنى تارىمىدىم، بول، تېز بول.... ئۆزۈمنى ئالدىرىتىۋاتىمەن... ئون ئۈچ، ئون ئىككى... ئىشلىرىمنى ئەڭ تېز سۈرەتتە تۈگەتكەن بولساممۇ يەنە ئىككىگە ئون مىنۇت قالغاندا پۇتۇمنى ئارانلا ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاتتىم. «تۈگەشتىم، تۈگەشتىم... بۇ سۆرۈن تەلەت فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز يەنە بىرەر سائەت ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلىتارمۇ ئەمدى...» ئەڭ تېز سۈرەت بىلەن، كۆزلىرىمنى بىرەر قۇرۇق ماشىنىغا تىككەنچە لىققىدە ئادەمگە تولغان يولدا كېتىۋاتىمەن. كەينىمدىن يېنىككىنە ماشىنا سىگنالى ئاڭلاندى... «ئىشتە... يوغان بىر نېمە ھەيدىۋالغاندەك، شۇنچە كەڭ يول تۇرمامدۇ مەن بىلەن يول تالاشمىسىمۇ» دەپ غۇدىرىغىنىمچە بېشىمنى سىگنال ئۇرغان ماشىنىغا بۇرىدىم. كېلىشكەن دېيىشكە بولمىسىمۇ مېھرى ئىسسىق، قارا قاشلىق، قاڭشارلىق يىگىت ماشىنا دېرىزىسىدىن ماڭا قاراپ تۇراتتى، بۇ شەھەرنىڭ كىچىكلىكىدە بۇ يىگىتنى بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن بولساممۇ، بۇنداق قارىشىشىمىز تۇنجى ئىدى.
- سىڭلىم، ماشىنا كېرەكمۇ؟ چىقىۋېلىڭ.
شۇنداق، مەن ئالدىراۋاتاتتىم. تاكسى تاپالمىغاندا قارا تاكسىغا چىقساممۇ نېمە بولماقچى، كېچىككەندىن ياخشىغۇ ئاخىر. ئارتۇق خىياللاردا بولۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئۆزىنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىتىۋەتكەن بىرىنىڭ ماشىنىسىغا ئاچچىقلاپ چىققاندەك قاپاقنى تۈرگىنىمچە شوپۇرنىڭ كەينىدىكى ئورۇنغا ئولتۇردۇم. پىيادە ماڭسام ئون نەچچە مىنۇتلۇق يول بولغىنى بىلەن ماشىنىدا بىردەملىك ئىشقۇ. سائەتكە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىز پاراڭسىز ھالدا مەكتەپكە كېلىشىمىزگە بايىدىن بېرى تەييارلاپ قويغان بەش كوينى ھېلىقى ئاكاشقا تەڭلىگەچ ماشىنا ئىشىكىنى ئاچتىم.
- نېمە پۇل بۇ، سىڭلىم؟
- ۋۇي، ماشىنىنىڭ پۇلى. نەچچە ئەمسە، تېز بولۇڭە ئاكا، دەرسكە كېچىكتىم.
- بىرى سىزگە بۇنى قارا ماشىنا دېدىمۇ. قارىسام بەك ئالدىراپ كېتىۋېتىپتىكەنسىز، شۇڭا ئەكىلىپ قويدۇم. ئىشلەيدىغان يېرىممۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئىدى.
- ھە.. رەھمەت ئەمسە. اللاھقا ئامانەت.
- خوش، ياخشى ئوقۇڭ.
توۋا، ئەجەب قىزىق ئاكاشكىنا... مېنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىمنى نەدىن بىلەر... مەنمۇ ساراڭ، قانچىلىك ئۇيغۇر بار ئىدى بۇ شەھەردە، بىر – بىرىنىڭ نېمىسىنى بىلمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئۆيىمىز بىر مەھەللىدە ئىكەن، ئۆزىمۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئىشلەيدىكەن، بىلىشى تەبىئىي ئەھۋالغۇ. بىراق، نېمانچە ياخشىلىق قىلىدۇ... سىرتىمدا ئارانلا «رەھمەت» دەپ قويغىنىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ قانداق ھېسلارغا چۆمۈۋاتقانلىقىمنى بىر مەن، بىر اللاھلا بىلەتتى. خىياللىرىمنى قوڭغۇراق ئاۋازى بۇزۇۋەتتى، ئاھ خۇدا.... يەنە كېچىكىپتىمەن.... پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىنىپقا قاراپ يۈگۈردۈم.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ئوقۇتقۇچىمىز مۇھىم مەزمۇنلارنى قايتا بىر قۇر سۆزلەپ بېرىپلا بولدى قىلاتتى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنتىزامغا تەشكىللەش، سۇئال سوراش، دوسكىغا چىقىرىش دېگەندەك ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، خىياللىرىمنى ھېچقانداق بىر كىشى بۇزالمايتتى. كۆز ئالدىمدا پۈتۈنلەي ھېلىقى مەن تالاي قېتىم كۆرگەن ئەمما تۇنجى رەت كۆرۈشكەن يىگىتنىڭ سىماسى، قۇلاق تۈۋۈمدە ئۇنىڭ كىشى يۈرىكىنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتكۈدەك ئاۋازى... تاتلىق خىياللار بىلەن قۇچاقلىشىپ قوڭغۇراق ئاۋازىغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن.
- ياخشى قىز،ئۆگىنىش قىلامسەن سىنىپتا؟
- توۋا دېگىنە... مەن دەرس قارايدىغان ئادەممۇ؟
- بىرەرسىنى ساقلامتىڭ؟
- ياق، - شۇندىلا قوڭغۇراق چالغىنىنى بىلىپ، كىتابلىرىمنى رەتلەشكە تۇتۇندۇم.
- ھە... يۈرە ئەمسە، بىللە ماڭايلى.
گەپ قىلۋاتقىنى بەش يىللىق دوستۇم، يول ھەمراھىم لەيلى ئىدى. بىر يىلدىن بېرى ئارىمىزدىكى ئۇنىڭغا ئېنىق، ماڭا يوشۇرۇن ئىشلاردىن ئانچە – مۇنچە خەۋەر تېپىپ قالغانلىقىم سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك قاپاق ئاچماس، سىرلىرىمنى تۆكمەس بولۇپ قالغان ئىدىم. لېكىن مۇشۇنداق مەكتەپتىن قايتقان ۋاقىتلاردا دائىم كۈلكە – چاقچاق بىلەن بىللە قايتىشىپ قالاتتۇق.
يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم، دۇنيا ماڭا ھال رەڭ كۆرۈنىۋاتاتتى، بوي – تۇرىقى بايىقى يىگىت بىلەن ئوخشاش كىشىنىڭ ھەممىسىلا شۇ ئاكاشتەك كۆرۈنۈپ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا سوقاتتى. بىكاردىن – بىكارلا ھىجاراپمۇ قوياتتىم تېخى، بۇ ھالىم لەيلىنى ئەنسىرىتىپ قويدىمىكىن:
- كېسىلىڭ يەنە قوزغاپ قالدىمۇ، نېمە بولدۇڭ؟ - دېدى.
- ھېچنىمە.
مەندىن گەپ ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدى بولغاي، ئۆزى بىلەن ئۆزى ناخشا ئېيتىپ جىم ماڭدى، مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا مۇھەببەتلىشىپ ئۆيۈمگىمۇ كېلىۋالدىم. لەيلى بىلەن خوشلاشقان – خوشلاشمىغىنىمنى بىلمەيمەن، لېكىن شۇ كۈندىكى بەش مىنۇتلۇق كۆرۈشۈش مېنى قويغان – تۇتقىنىنى بىلمەس بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۆزۈمدىكى بۇ خىل ھېسقا ئېنىقلىما بەرمەكچى بولاتتىم، بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىشقا ئەسلا ئىشەنمەيدىغان مەندەك قىز ئۈچۈن بۇنى مۇھەببەت دەپ ئېتىراپ قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمسە بۇ زادى قانداق ھېس؟ مىننەتدارلىقمۇ، ھەۋەس قىلىشمۇ؟ گادىرماچ خىياللار مېنى قىينايتتى، ئۇخلاش، تاماق يېيىش، يول مېڭىشنى بىلىدىغان ئۆلۈك بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغان ئىدىم.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، كۆزلىرىم ئۇ سىمانى قايتا رەت ئۇچراتمىدى، ئاتا – ئانام زورلىسا ئاران ئۆيدىن چىقىدىغان بېكىنمە قىزدىن، بىكار بولسىلا سىرتقا چىقىپ مەھەللە ئەتراپىنى ئايلىنىدىغان قىزغا ئايلاندىم. ئۆيدىكىلەرمۇ ئىمتىھانغا يېقىنلاپ قالغاندىن كېيىن كۆڭلىنى ئېچىۋالسۇن، دەپ كۆپ گەپ قىلمىدى. ئاخىر ئۆز – ئۆزۈمنى گەپكە كىرگۈزمەك بولدۇم، ئۇ كۈننى چۈشۈم دەپلا ئۆتكۈزىۋېتىشىم كېرەك، بۇنداق دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتكەندەك ئىش قىلىشىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى، كۈندىلا مەھەللە ئەتراپىدا يۈرسەممۇ، ئۇ مېنى كۆرسىمۇ ماشىنىسىنى قايتا توختىتىپ ماڭا سالام قىلامدۇ؟ ماڭا دەيدىغان نېمە گېپى بار ئىدى؟ مەن پەقەتلا ئۇنىڭ مەھەللىدېشى، ئۇ ياخشى نىيەتتە ماشىنىسىغا سېلىۋالغان مەكتىپىگە ئالدىراپ كېتىۋاتقان بىر قىز. بەلكىم، ئۇنداق ئالدىراۋاتقان قىزلاردىن تالىيى ئۇ ياخشى يىگىتنىڭ ماشىنىسىغا ھەقسىز ئولتۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەندۇ...
ئۇنى ئويلىماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىم بىلەن دەرس قارىدىم، ئۇنى ئويلىشىمنى پەقەتلا ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك رەھمەت ئېيتالمىغىنىمغا بولغان خىجىللىق، ئوچۇق چىراي ئاچمىغىنىمغا بولغان ئۆكۈنۈش دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم، بۇرۇنلاردا ئۆزۈم يالغۇز چىقىپ سەيلە قىلسام، ئەمدى كۈندە كەچتە ئاپام بىلەن مەھەللە ئەتراپىنى، باغچىلارنى ئايلىنىدىغان بولدۇم. ھەقىقەتەن، مەندە ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان سىماسى بارا – بارا سۇسلاۋاتاتتى، يېقىملىق ئاۋازىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىماس بولدى. مەن بۇ خىل ھېسسىياتىمنىڭ مۇھەببەت ئەمەسلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندىم.
تۇرمۇشۇم ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى، يەنە ئىلگىرىكىدەك ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا قاتراپ يۈرىدىغان كۈلگۈنچەك قىزغا ئايلاندىم. ئايسىز بىر ئاخشام ھۇجرامدىكى بارلىق چىراغلارنى يېقىپ قويۇپ قەھۋە ئىچكەچ خىيال سۈرىۋاتقان ئىدىم تۇيۇقسىز كەلگەن ئۇچۇر ئارامىمنى بۇزدى.
«ئەتە چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ سىنىپتا ئالگېبرا ئۆگىنەي دېگەن ئىدىم، ياردەم قىلامسەن؟»
فىدات...؟! ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ئۈچۈن يۆتكۈلۈپ كەلگەن يېڭى ساۋاقدېشىم. سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلار بىلەن ئوقۇغۇلى ئاساسەن ئون يىلدىن ئاشقاچقىمۇ، ئۇ دەسلەپ بىزنىڭ سىنىپقا كىرگەندە پەقەتلا ئۆزلىشەلمىگەن، گەرچە ئوغۇللار بىر – بىرى بىلەن ئاسانلا ئاغىينە بولۇپ كەتسىمۇ پەقەت بىر نەچچىسىگىلا كونا تونۇشلاردەك گەپ قىلىپ، باشقىلارغا يەنىلا تەكەللۇپىنى ساقلاپ قالغانتى. سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن پارتىداش بولۇپ قالغىلىمۇ ئۈچ ئايدىن ئېشىپتۇ، ھەر ئىككىمىزنىڭ مىجەزىدە ئازراق «ساراڭلىق» بولغاچقىمىكىن ئاسانلا چىقىشىپ كەتتۇق. فىدات فىزىكا، خېمىيە، تىل - ئەدەبىياتتا ئاجايىپ ياخشى بولغىنى بىلەن ماتېماتىكىغا كەلگەندە ھورۇنلۇق قىلامدۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ تاڭ كاللىسى سەل قاتماللىشىپ قالىدۇ.
«ئالدىن زاكاس قىلىشمۇ بۇ؟ ماقۇل» دەپ ئۇچۇر قايتۇرىۋېتىپلا ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولدۇم. ھېلىقى مەن ئىسمىنىمۇ بىلمەس يىگىتكە بولغان سېغىنىشىم خېلىلا بېسىقىپ قېلىۋاتقان ئىدى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن، ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈمنى قايتا ئىزدىشىم ئۇتۇقلۇق بولدى، بۇ خەتەرلىك يولدىن ئاخىر قايتىپ چىقتىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ فىدات بىلەن ئۆەىنىش قىلىش ئۈچۈن سىنىپتا قالدىم، سانلار ئارقىمۇ – ئارقىلىقى، كومپىلىكىس سان، بوشلۇقتىكى شەكىللەر، ئېللىپس، پارابولا... ھەممە – ھەممىسى بىزنىڭ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن كۈندە ھەپىلىشىدىغان دوستىمىزغا ئايلاندى، كۈندە كەچتە سىنىپتا قېلىپ ئۇنىڭغا دەرس چۈشەندۈرەتتىم، دوسكىدا مۇھىم مىساللارنى قايتا – قايتا ئىشلەپ بېرەتتىم.
- بەرنا، رەھمەت ، - دېدى ئۇ بىر كۈنى دوسكىدىكى مىسالغا تىكىلىپ قاراپ تەھلىل يۈرگۈزىۋاتسام.
- ھە... ئەرزىيدۇ ، - ماتېماتىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزىۋاتقىنىمدا ھېچقانداق بىر ئىش ئۈچۈن دىققىتىنىمنى چاچمايدىغان ئادىتىم بولغانلىقتىن، رەھمىتىگە سوغۇقلا جاۋاب قايتۇردۇم ، - ھە، راست. نېمىگە رەھمەت؟
- ئۇف... بولدى، بولدى. ئېغىزىمنى ئۇپراتمىدىم، دېمىگەن بولاي. ھە... دېگىنە، A نۇقتىنىڭ كوردېناتىنى قانداق تاپىمىز؟
پارىڭىمىز ئەنە شۇنداق يۆتكىلىپ كەتتى، بۇ مىسالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماپتۇق، دىققىتىنىمنى ئىشىكنى تۇيۇقسىز ئېچىپ كىرگەن لەيلى بۇزدى.
- پاھۇي، بىزنىڭ ئاشىق – مەشۇقلار ئۆگىنىش قىلىۋېتىپتۇ – دە. فىدات، كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن جۇمۇ، كېلىپلا مەكتىپىمىزدىكى ئەڭ ياخشى قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋاپسىز.
- ۋاي، ساراڭ لەيلەك، نەدىكى گەپلەرنى قىلما جۇمۇ ، - دېدىم ئۆڭۈپلا. بۇرۇنلاردا بۇنداق باشقىلارغا چاپلاپ چاقچاق قىلسا ئۇنچە رەنجىپ كەتمەيتتىم، قاچانلاردىن باشلاپكىن بۇنداق قالايمىقان چاقچاقلىرىنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالدىم.
- ھە... كۆڭلىنى ئۇتالىساققۇ ياخشى بولاتتى، ئەتراپىدا پەرۋانە بولساقمۇ ياخشى قىزىڭلارغا ياخشى كۆرۈنۈپ بولالمايدىكەنمىز ئەمەسمۇ ، - فىداتنىڭ بۇ گېپىدىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكە قۇلىقىمغا شۇنداق تېتىقسىز ئاڭلاندى.
- ھەي، ماڭامسەن؟ بىللە قايتايلى ، - دېدىم لەيلىگە قاراپ.
- قايتىمەن، قايتىمەن. لېكىن، بىرسى بىلەن تاماق يېيىشكە دېيىشىپ قويغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھامماملارنىڭكىگە بارىمەن. فىدات، ياخشى قىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ۋەزىپىسى سىزگە يۈكلەندى جۇمۇ.
- ياقەي... بولدى، ئۆزۈم قايتىمەن. ياتاقتا ياتىدىغان بىرى مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ، يەنە قايتىپ كېلەمتى؟
- ھە... قايتىپ كەلمىسۇن دېسەڭ ئۆيۈڭلاردا قونۇپ قالسۇن ، - دېدى لەيلى فىداتقا مەنىلىك قاراپ.
- بەك ئەركىلەيدىغان بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ، مەن كەتتىم، خوش ، - دېگىنىمچە سومكامنى ئېسىپ ئارقا – ئالدىمغا قارىماي پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتىم.
فىداتقۇ يامان ئەمەس بالا، لېكىن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ چاچرىشى سەل تەس ئىش، مەن ئۇنى ئاغىينەمدەكلا كۆرىمەن، سىنىپتىكى يېقىن ئۆتىدىغان باشقا ئوغۇللار بىلەنمۇ شۇ، ئىزچىل تۈردە يىمىرىلمەس ئىنقىلابىي دوستلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار «مەكتەپتىكى مۇھەببەت، خۇدايىمغا ئامانەت» دەيدۇ، كۆزلىرىمىز راستىنلا بىر نېمىلەرنى بايان ئەيلەپ قالغانمۇ بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بورىنى بىزنى نە – نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، بىر ئاللاھ بىلىدۇ.
- بەرنا.....!
«فىدات، فىدات، فىدات... كەينى ئىشىكتىن چىقىپلا ياتىقىغا كىرىپ كەتمەي، ئۇنىڭغا نېمە باردۇ بۇ تەرەپتە» دەپ ئويلىغان بولساممۇ قەدىمىمنى ئاستىلىپ كەينىمگە قارىدىم.
- توختا، قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئاپىرىپ قوياي.
- بولدى، رەھمەت. مېنى ھېچكىم بۇلاپ قاچمايدۇ.
- مەنمۇ بىرى سېنى بۇلاپ قاچىدۇ، دېمىدىم. سەن بىرەرسىنى بۇلاپ قاچما ئەمدى. شەھەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سەندەك خەتەرلىك جىنايەتچىنى ئۆزۈم نىشانغا يەتكۈزىشىم كېرەك.
- شۇ يەرگە بېرىپ، يەنە ياتاققا قايتىپ، نېمە جاپا ساڭا.... خاتىرجەم بولە، تۈپتۈز قايتىمەن، ئون مىنۇتلۇق يولغا ئەمدى....
- شۇ، ئون مىنۇتلۇق يول تۇرسا، نېمە بولماقچى... چېنىققان ھېسابىدا، ماقۇل، دېمىسەڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ ماڭىمەن.
- بىراق...
- بولدى، ئېغىزىڭنى يۇم، ماڭا دەرس ئۆگەتكىنىڭنىڭ ھەققى بولسۇن.
ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم، يالغۇز ماڭغاندىن بىرەر ھەمراھنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىشتە. لېكىن، ئەزەلدىن باشقىلارنى ئاۋارە قىلىشنى ياقتۇرماسلىقىم سەۋەبلىكمىكىن قەدەملىرىم شۇنچە ئېغىر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مېڭىشنى شۇنچە خالىمايتتىم.
2
- ھەي، ئىمتىھانغىمۇ ئاز قالدى، بۇنداق كۈندە مېنىڭ قوغدىغۇچىلىقىمنى قىلىپ يۈرمەي دەرىسىڭنى ياخشىراق قارىساڭچۇ، دەيمەن.
- ياخشى قىز، بايىلا تېخى سەن بىلەن ئۆگىنىش قىلىپ چىقتىمغۇ سىنىپتىن، بەك ياخشى ئۆگىنىۋېتىپ فۇدەن، چىڭخۇالارغا ئۆتۈپ كېتىپ قالسام سەن قانداق قىلىسەن؟
- مەن بىر مۇھەببىتىڭ بولغىيتتىم، سەن يېنىمدا بولمىساڭ يىغلاپ قالىدىغان، - تەنتەكلىك قىلىپ دەپ سالغان بۇ گېپىمنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى باشلاپ كېلىدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە بولسا ھەممىگە كېچىككەن ئىدىم.
- بەرنا، توغرا. سەن مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەمەس، لېكىن بولساڭ بولىدىغۇ. كۆزلىرىڭ نېمىشقا كۆرەلمەيدۇ مېنى. نېمە قىلىپ بەرسەم رازى بولىسەن؟! كۆڭلۈڭدە سۆيگۈنۈڭ بارمۇ - يا؟
- يا... ياق، - نېمىشقىكىن، سۆزلىرىم بوغۇزۇمدىن چىقمايۋاتاتتى.
- ئەمسە نېمىشقا سۆيگۈمنى قوبۇل قىلمايسەن، مەن سەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئەسكى بالا ئەمەس، بەرنا.
- فىدات، مەن سېنى ئەسكى دېمىدىم، ياخشىلىقىڭنى بىلىمەن. بىراق، بۇ ئىشتا ... ئۇف... كۆڭۈل ئىشىنى زورلىغىلى بولمايدۇ - دە فىدات.
- ماڭا ۋاقىت بەر، پۇرسەت بەر، بولامدۇ بەرنا؟ ماقۇل، دېگىن. ئۆزۈڭنى مەندىن ئېلىپ قاچما. ھامان بىر كۈنى ياخشىلىقىمنى ھېس قىلىسەن.
ئۇنىڭ ئۈن - تىنسىز ھالدا مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم، كۆزلىرىم نەملەندى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ مېھرىگە قەرىزداردەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭىمىكىن، بېشىمنى ئىختىيارسىزلا لىڭشىتتىم. ئەتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، دېگەن كۈنىمۇ فىداتنىڭ «قوغدىشى» ئاستىدا ئۆيۈمگە قايتتىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، يۈرىكىمنى تاشمىكىن دەپ، تەسىرلەنمەيدىغان، فىداتنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرمەيدىغان. بولمىسا ئۇ مەكتەپكە كەلگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نى - نى قىزلارنى ئۆزىگە كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكىلى قىللا قالدى. شۇنداق زاماندە بۇ، بىردىن زار، بىرگە ئىنتىزار.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن بەك كۆپ قېتىم مانېۋىر ئىمتىھانلارنى بېرىپ كەتكەچكىمۇ قەتئىي جىددىيلەشمىگەن ھالدا، ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىدارىمنى جارى قىلىپ خېلى قەدىر ئەھۋال بېرىۋالدىم. خۇشال ئىدىم، چۈنكى، بۇ ئەمدى فىدات بىلەن كۈندە كۆرۈشمىسەممۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. فىداتنى ئۇچرىتىپ قالماي دەپ ئۆيدىنمۇ چىقماي ئولتۇردۇم، يەنە ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىمگە قايتتىم. بېكىنمە، ئىچ مىجەز، كۈنىنى كومپيۇتېر ئالدىدىلا ئۆتكۈزىدىغان جىمغۇر قىز بولۇپ قالدىم. ئىمتىھاندىن كېيىنكى ئالدىن ئارزۇ تولدۇرۇش، نومۇر مۆلچەرلەش قاتارلىق ھېچقانداق ئىشتا مەكتەپكە بارمىدىم، كېرەكلىك نەرسىلەرنى لەيلى مەكتەپتىن - ماڭا، مەندىن - مەكتەپكە توشۇيتتى. ھەتتا مەكتەپ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىمىزنى ئېلىۋېلىشىمىزنى ئېيتقاندىمۇ يەنە لەيلىگە تاپشۇردۇم.
- قاچانغىچە ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ قېچىپ يۈرىسەن، بەرنا.
- كىمدىن؟ فىداتتىن، دېمەكچىمۇ؟ بىرەرسىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچقىنىم يوق لەيلى، شۇ...
- ئەمسە نېمىشقا؟
- شۇ بارغۇم يوق.
- ئۇف... مەيلىڭ ئەمسە.
تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزۈمنى ئامال بار فىداتتىن يىراق تۇتىۋاتاتتىم، بۇنداق قىلىشىم بەلكى ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈندۇر. كۈنلىرىم كۆل سۈيىدەك تىنچ ئۆتۈۋاتقان چاغلارنىڭ بىرىدە مەكتىپىمىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرى زاكا ئاغىينىسىگە تېلېفون قىلىپ مەكتەپكە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كەلمىگەن قىزىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشىنى چوقۇم مەكتەپتە قىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا جىكىلەپتۇ. ماڭىمۇ نېمە ئامال، دادامنىڭ سۆزىنى يارالمايمەندە. ساۋاقداشلىرىمغا تېلېفون قىلىپ سائەت قانچىدە، قەيەردە يىغىلىدىغىنىمىزنى دېيىشىۋېلىپ ئادەتتىكىدەكلا كىيىنىپ، ئەينەككىمۇ قارىماي ئۆيدىن بالدۇرلا چىقىپ كەتتىم. بۇ ھالىتىم ئۆيىدىن ئىككى مېتىر يىراقتىكى دۇكانغا سۈت ياكى نان ئالغىلى چىقىپ كېتىۋاتقان، ئۆزىنى ئاللىبۇرۇنلا تاشلىۋەتكەن قىزلارغا تولىمۇ ئوخشايتتى. كۆڭۈل ئاسمىنىمدا ئاللىقانداقتۇر تۇمان ئەگىپ يۈرەتتى، شۇڭىمىكىن، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنچە ئىللىق كۆرۈنمەيدىغان بۇ مەكتىپىم مېنى تېخىمۇ بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويدى. يۈرىكىمنى بىرى ئىككى قولىدا سىقىمداپ تۇتۇۋالغاندەك مۇجۇپ - مۇجۇپ ئاغىرىيتتى. ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرەر قۇر كۆرۈشىۋېتىپ قىز - ئوغۇللار ئايرىم ئىككى توپ بولۇشۇپ تۇرۇپ، غەيۋەت سورۇنى تۈزگەچ سىنىپ مەسئۇلىمىزنى ساقلىدۇق. يارىلانغان كېيىكتەك ئوغۇللار توپىغا چۆچۈپ - چۆچۈپ قارايتتىم، ئۇ تونۇش كۆلەڭگىنى كۆرۈپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايتتىم.
ئۆزۈمنى يالغان كۈلكىلەردە پەردەزلاپ ئارزۇ تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولۇمنى كۆتۈردۈم، ئوقۇتقۇچىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش تور بېتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ماڭىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ئىدى.
- ۋۇي، بەرنا. پۈتۈنلەي شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنى يېزىپسىز - دە؟ - دېدى ئوقۇتقۇچۇم، تاللىغان مەكتەپلىرىمنى كۆرگەچ.
- ھەئە، دادام بىزگە يېقىنراق يەردە ئوقۇ، دەپ ئىچكىرىدە ئوقۇشۇمغا قوشۇلمىغان.
- ھە... بۇمۇ بولغىنى، يالغۇز قىز بولغاندىن كېيىن ئۆيۈڭىزدىكىلەر قىيالماپتۇدە.
- ئىم... ماڭساق بولامدۇ مۇئەللىم؟ - بۇ يەردە بىر سىكۇنتمۇ ئارتۇق تۇرۇشنى خالىمايتتىم.
- ھە.... بولىدۇ، خوش ئەمسە.
ئۇف... ئېغىر بىر يۈكنى زىممەمدىن ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىل بولۇپ قالدىم، سىنىپتىن چىققۇچە قەدەملىرىم پەيدەك يەڭگىل ئىدى. «خۇداغا شۈكرى، كۆزلىرىم ئۇنىڭ خەنجەردەك قادىلىپ تۇرىدىغان نىگاھلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىدى ھېلىمۇ» دەپ ئويلىغاچ يۈگۈرگەن ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم. ساۋاقداشلىرىمدىن بىرەرىنى ساقلاش، ئۇلار بىلەن قايسى مەكتەپنى تاللىغانلىقى توغرۇلۇق پاراڭلىشىش، دېگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسى كاللامدا يوق ئىدى. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك، دېگەن راست ئوخشايدۇ. ئۆزى خالىمىسىمۇ قولىغا چۈشۈپ قالغان يۈرەكنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى بىلمەيۋاتقان مەندەك يۈرەك ئوغرىسى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. نېمىلەرنى ئويلاۋاتقان بولغىيتتىم، مۈرەمگە يېنىككىنە ئۇرغان بىرى مېنى خىياللار دېڭىزىدىن تارتىپ چىقاردى.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، جىندىن قاچقاندەك قاچىسەن - ھە مەندىن.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇنداق ئەمەس.
- ئەمسە قانداق؟ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن ئاقتىڭمۇ يوق، كۆكتىڭمۇ يوق. بىرەر ئېغىز «ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ» دەپ قويغان بولساڭ خۇشلۇقتا ئاسماندا ئۇچارمەنمۇ - ھە؟
بۇ سۇئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئاۋازىمنى چىقىرىپ يەڭگىل كۈلۈپ قويدۇم.
- مانا، ماڭا قىلىدىغان بىر ئېغىز گېپىڭمۇ يوق. بولدىلا.... ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ؟
كۆل يۈزىدەك كۆڭلۈمگە كىچىككىنە تاش پارچىسى ئېتىلىپ داۋالغۇپ كەتتى، ئىدراكىيلىق ۋە ھېسسىيلىقنىڭ دارى ئۈستىدىن تالاي رەت ئۆتتۈم، ئاخىر «ئىم» دەپ بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ بۇ ئاددىيغىنە تەلىپىگە قوشۇلغىنىمنى بىلدۈردۈم. ھەي... ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوقتە، بۇنچە قىيناپ نېمە قىلاي ئۇنى. مەن ئامراق شائىر مۇھەممەدجان راشىدىنمۇ «سۆيگەننى سۆيۈپ قوي، كۆڭلى قالمىسۇن. بىر سۆيۈشمۇ غەنىيمەت، مەيلى قانسۇن – قانمىسۇن» دېمىگەنمىدى؟ كۆڭلىگە قەرز بولۇپ نېمە قىلارمەن بۇ ئاشىقنىڭ، ئەتە قوپۇپ ئۆگۈنى مۇشۇ كۈنلەر ئۆزۈمگە يېنىپ قالسا ، نەلەردە سەرسانە - سەرگەردان بولۇپ، يۇم - يۇم يىغلاپ كېتەي؟؟
ئامال بار نازۇك مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن فىداتنىڭ ئىمتىھاننى قانداق بەرگەنلىكى، قايسى جايلارنى تاللىغانلىقى ھەققىدە ئىمتىھاندىن بىر ئېغىز نېرى - بېرى قىلماي سۇئال سوراپ ماڭدىم، فىدات مەقسىتىمنى سېزىپ قالدىمىكىن، كۈلكە ئۆچكەن چىرايىمغا قاراپ مېنى كۈلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ ھەر ئاماللارنى ئىشلىتىپ باقتى. تېتىتقۇلىرى تېتىمىغان تاماقتەك بىر خىل رەۋىشتە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق، تۇيۇقسىز كۆرۈش دائىرەمگە تونۇش ھەم ناتونۇش بىر سايە بۆسۈپ كىردى - دە، يۈرىكىمدىكى ئۈچەككە كىرىپ كەتكەن تۇيغۇلىرىمنى پەپىلەپ ئويغاتتى.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، - دەپ قول بېرىپلا ئۇ تونۇش سايىنىڭ قېشىغا ماڭدى فىدات مېنىڭ بىردەم ساقلىشىمنى كۆزى ئارقىلىق ئىشارە قىلىپ.
ئەدەب يۈزىسىدىن فىداتنى ئۇلاردىن سەل يىراقراق تۇرۇپ ساقلىدىم، ساقلاۋاتقىنىم فىدات بولغىنى بىلەن كۆزلىرىم ھېلىقى ناتونۇش سايىدە. تۇنجى قېتىم قان ئالغۇزغان ۋاقىتتىمۇ بۇنچە جىددىيلەشمىگەنغۇ مەن، ئەمدى نېمە بولدۇم؟ ئۇلارنىڭ پارىڭى نېمانچە تۈگىمەيدىغاندۇ، بىر مىنۇت بىر ئايدەك ھەتتا يىلدەكمۇ بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. تەخىرسىزلىنىپ نەچچىنى ئۇھسىنىۋەتتىم. كۆڭلۈمنى يەنە باشقىچە ھېسلارنىڭ قاماللىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ يانتۇ ئالدىمغا قاراپ تۇردۇم. قاچانلاردىكىن پارىڭىنى تۈگىتىپ كەلگەن فىدات قولىنى كۆزۈم ئالدىدا نەچچە پۇلاڭلىتىپ:
- بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالدىڭما يادىكارغا، - دېدى.
- يادىكار؟... يادىكار... ، - دەپ قايتا - قايتا پىچىرلايتتىم.
- ھۇي، نېمە بولدۇڭ؟ راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالمىغانسەن ئۇنى؟ ھەي... مەنچىلىكمۇ ياخشى ئەمەس جۇمۇ ئۇ بالا، ئازما بەرنا، ئازما...
- ئىشتە... ئۆتۈپ بارە ماڭ، ساراڭ. بىر كۆرۈپمۇ ياخشى كۆرۈپ قالامدۇ كىشى؟! ئۇ ئاكاش بەك تونۇشتەك شۇ...
- يائاللا... بەرنا! مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغانغۇ - ھە سەن؟ ئاچاڭنىڭ ساۋاقدېشى تۇرسا تونۇش بولمامتى ئەمدى، كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان قوشنا تۇرۇپ تونۇشتەك بىلىنىۋاتىدۇ، دەپ كەتكىنىنى بۇنىڭ.
- قايسى ئاچامنىڭ ساۋاقدېشى؟ خېلى چوڭكەنغۇ بۇ ئاكاش. زۇلقىيە ئاچامنىڭ ئەمەستۇ؟
- ئاپامنىڭ ساۋاقدېشى ئەمەستۇ، دېسەڭ بولمامدۇ ئۇنىڭدىن. زۇلقىيە ئاچاڭدەك چوڭ كۆرۈنىۋاتامدۇ. ھېلىقى ساڭا ئوخشايدىغان ئاچاڭچۇ.
- ھە...... بىلدىم.
توۋا. ئويۇننىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىۋاتامدۇ نېمە - ھە؟ نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى زادى. يادىكار ئەسلى ماھىرە ھەدەمنىڭ ساۋاقدېشىكەندە. ھىم... دېمەك ئالىي مەكتەپنى تېخى بۇ يىل پۈتتۈرۈپتۇ، ئەجەپ تېز خىزمەت تېپىۋاپتا بۇ، چىرايىدىن چىقمىغىنى بىلەن خېلى قابىلىيىتى بارمۇ نېمە؟ قېنى بايا تېخى كۆڭۈل ئاسمىنىمنى ئەگىپ كېتەلمىگەن تۇمان، قېنى كاللامدىكى گادىرماچ خىيال؟ سىكۇنت ئىچىدە ئىككى يۈزلۈك ئادەمدەك بايىقى سۇلغۇن نىقابىمنى يىرتىپ تاشلىۋەتتىم. يېنىمدا فىدات بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئۆز - ئۆزۈمدىن سۇئال سوراپ، ئۆزۈمنى قايىل قىلغۇدەك جاۋابلارنى بېرىپ ماڭدىم. ئۆيگە كەلگەندە كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ قاراپ كەتكەن فىداتقا «رەھمەت - ھە، ئاللاھقا ئامانەت» دەپ قويۇپلا ئارقىمغا ئۆرۈلدۈم. دېمىسىمۇ، فىداتقا باشقا ئىشقا رەھمەت ئېيتمىساممۇ يادىكارنىڭ ئىسمىنى بىلىشىمگە ياردەم قىلغانلىقىغا، ماڭا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلىۋاتقانلىرىغا ئوبدانلا رەھمەت ئېيتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى.
ئۆزۈمنى ئۆيگە بېكىۋېلىپ فىدات ۋە يادىكارلار ھەققىدىكى ئىشلاردا قايتا - قايتا ئويلاندىم. يادىكارنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىمنى تېخىچە ئاڭقىرىپ بولالمىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭغا مەيلىم بارلىقى راست، فىداتقىمۇ ئۇنچە ئۆچ ئەمەس. «تۇيغۇم باشلىغان يولدىن سېنى تاپتىم، ئەقلىم باشلىغان يولدىن ئۆزۈمنى» دېگەن سۆزنى كۈندە نەچچە يادلىغاچ ئاخىر يادىكارغا بولغان گۆدەكچە خىياللىرىمنى يىغىشۇردۇم. مەندە ھازىر نە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى جىددىيلىق، نە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىگە بولغان ئىنتىزارلىق يوق ئىدى، بەرىبىر ئۆز ئەھۋالىمنى ئۆزۈم بىلگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئۇ ئىشلارغا ئۇرۇپ كېتىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق، دەپ ئويلايتتىم. ئاخىر قوبۇل قىلىش نەتىجىسىمۇ چىقىپ ئۆزۈمنىڭ ئويىدىكى مەكتەپنىڭ ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. بۇ خۇشاللىقتا نەچچە ۋاقتىن بېرى قەلبىمدە ھۆكۈم سۈرۈپ مېنى دىلىغۇل قىلغان ئاللىقانداقتۇر ئويلار بارا - بارا سۇسلاپ ئۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنچە بەك ئويلانمايدىغانمۇ بولۇپ قالدىم. ھەتتا ھاياتىمدا يادىكار، فىدات دېگەندەك بالىلارنىڭ بولۇپ باققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىممىكىن...
بۇ ئەسەر ئوقۇغۇچى مۇنبىرىگە تەۋە ، باشقا بىكەتلەرنىڭ مۇنبىرىمىز ۋە ئاپتۇرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتكە يۆتكەپ پايدىلىنىشىغا ، ئىشلىتىشگە بولمايدۇ.
|