ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: كەچۈر
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يـۈگـەنسىـز سـۆيگـۈ (كەچـۈر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-8 23:52:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇپ بولغان قىسىملىرىغا تەكلىپ - پىكىر بەرگەچ ساقلاڭلار دەيمەن

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

12#
ۋاقتى: 2013-8-9 00:11:00 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-8 23:52
ئوقۇپ بولغان قىسىملىرىغا تەكلىپ - پىكىر بەرگەچ ساقلاڭل ...


تۈگىگەندە بىراقلا يەكۈن چىقراي دەپچۇ،خاتا پەرەز قىلۋېلىپ يازغان ئىنكاسىم ئاخىرغا ماس كەلمەي قالسا   ئىنكاسلىرىم  تىمىڭىزغا گۇناھكار بۇلۇپ قالمىسۇن

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

13#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-9 00:17:59 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلكە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 00:11
تۈگىگەندە بىراقلا يەكۈن چىقراي دەپچۇ،خاتا پەرەز قىلۋ ...

ھا...ھا...
مەيلى ئەمەسمۇ، ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ خىيال دېگەن
سىزمۇ ئىنكاس يېزىۋېرىسىز، مېنىڭمۇ يېشىمىم كاللامدىكى ئوي بويىچە مېڭىۋېرىدۇ...

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

14#
ۋاقتى: 2013-8-9 00:30:59 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 00:17
ھا...ھا...
مەيلى ئەمەسمۇ، ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ خىيال دې ...

ماقۇل ئەمسە داۋامدىن باشلاپ شۇنداق قىلاي ھە  مىنىڭ خىياللىرىم بەك ئوڭ تەتۈر ماڭدۇ جۇمۇ

باھا سۆز

كۈتىمەن شۇ خىياللىرىڭىزنى  ۋاقتى: 2013-8-9 00:45

6

تېما

149

يازما

1380

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
149
تىللا:
1092
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-29

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

15#
ۋاقتى: 2013-8-11 11:06:04 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامى قاچان چىقار
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ......

6

تېما

149

يازما

1380

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
149
تىللا:
1092
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-29

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

16#
ۋاقتى: 2013-8-11 11:11:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكايە مېنڭ بېشىمغا كەلگەن ئېشقا ئۇغشايدىكەن
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ......

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

17#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 12:15:26 | ئايرىم كۆرۈش
مۇخلىسە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 11:11
بۇ ھېكايە مېنڭ بېشىمغا كەلگەن ئېشقا ئۇغشايدىكەن

مۇھەببەت يولىدا تېڭىرقىغان قىزلارغا بېغىشلايمەن ۋە بارلىق قىز - يىگىتنىڭ قەلبىگە ئىنساپ تىلەيمەن.

دېدىم ئەمەسمۇ...

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

18#
ۋاقتى: 2013-8-11 13:30:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 13:45  
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 00:17
ھا...ھا...
مەيلى ئەمەسمۇ، ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ خىيال دې ...


داۋامىنى ساقلاپ ئىككى كۆزۈم تۆت ، تۆت كۆزۈم سەككىز ، سەككىز كۆزۈم.........  بۇلۇپ كەتتى .
مىنى قۇتقۇزامسىز يوق؟

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

19#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 19:50:05 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 19:51  




5


«مەن چەت يېزىدا ئىشلەۋاتسام، دوستلىرىمنىڭ كۆڭلى سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشقا قانداق چىدىدىكىنە»
ئۇخلاش ئالدىدا توردىكىلەرنى بىر يوقلىۋېتەي، دەپ تۇرسام ماھىرە ئاچامنىڭ ئىمزاسى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنى بىر تېرىكتۈرۈش مەقسىتىدە: «شۇنى دېگىنە، قانداق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇپ قالغانسەن – ھە، مەن دېگەن سېنى ئويلاپ، كۆڭلۈم تارتماي، ئازابلىنىپ... ئاخىر بولماي قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ياخشى ئويناپ كەلدىم» دەپ باھا سۆزى يېزىپ قويۇپ بۇخاراغا ساياھەتكە ماڭدىم.
نېرۋىلىرىم سەل ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبلىكمىكىن بىرەر ئىش بەكرەك تەسىر قىلىپ قالسا كېچىسىلا چۈشۈمگە كىرمەي قالمايدۇ. شۇ كۈنىمۇ دېگەندەك بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە مەن يادىكار بىلەن بىللە بازار ئايلانغۇدەكمەن، ئاندىن شۇنداق چىرايلىق، سۈرەتتەك بىر قىز كېلىپ مېنى تىللاپ كەتكۈدەك، بۇ ئىشلار ھار كېلىپ ھۆركىرەپ يىغلاۋاتسام فىدات قولۇمدىن تارتىپ مېنى ئېلىپ كەتكۈدەك، لەيلى يۈگرۈپ كېلىپ مېنى ماشىنىغا ئىتتىرىۋەتكۈدەك... پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ ئويغىنىپ كەتتىم، توۋا، چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ – ھە. ياستۇقۇم يېنىدىكى تېلفوننى ئېلىپ سائەتكە قارىسام ئوندىن ئېشىپتۇ. ئون ئۈچ يىللىق ھاردۇقۇمنى بىراقلا چىقىرىۋاتقاچقىمىكىن، ئىمتىھاندىن كېيىن ئاجايىپ ئۇخلايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدىم، ئورنۇمدىنمۇ تۇرماي يەنە توردىكىلەرنى يوقلىدىم. ماھىرە ئاچام تۈنۈگۈنكى سۆزۈمگە باھا قايتۇرغان ئىدى: «ھاي، ھاي، ھاي... بۇ قىلغىنىڭ قاملاشماپتۇ جۇمۇ بەرنا، سىلەرمۇ بىزنىڭ ساۋاقداشلار بىلەن بىر رېستۇراندا ئوينىدىڭلارما؟»
ئۇنىڭ «سۆزلىرىم»ىنىڭ يىپ بازىرىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزىگە ئايرىم خەت يېزىپ پاراڭلاشتىم، ناشتا قىلىپ بولۇپ ھەممە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ مۇنبەر كۆرىۋاتقان ئىدىم، (ئىمتىھاندىن كېيىن زېرىكىشىمنى بېسىش ئۈچۈن مۇنبەرلەردىكى ماقالىلەرنى ئوقۇيدىغان ئادەت چىقىرىۋالغانتىم) بوشلۇقۇمنىڭ ھالەت يېڭىلىنىش ئۇقتۇرۇش كۆزنىكى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. QQرىمدا يوق بىرى بوشلۇقۇمغا خەت قالدۇرغان ئىدى، «ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، QQرىڭىزنى قوشقىلى بولمايدىكەنغۇ. بۇ قايتا رەت ئۇچرىشىشقا ھېسابمىدۇ؟»
كېيىنكى سۆزلىرى بۇ «ناتونۇش»نىڭ يادىكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى، ئۇ ياقتىن سۆز قالدۇرسا بۇ ياقتىن قوشۇپ كەتمەي يەنە، دەپ ئويلاپ داۋامىنى تولۇقلاپ يوللاۋاتقان بىر ھېكايىنىڭ بۈگۈن يېڭىلانغان قىسمىنى ئوقۇشقا كىرىشتىم. يادىكار ئۈچۈن QQرىمغا «يۇرتدېشىم» دەپ ئايرىم گۇرۇپپا قۇرغىنىمدا ئاندىن ئالاقە دائىرەمنىڭ نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئون سەككىزگە كىرىپتىمەن، تۇغقان، ساۋاقداش، خوشنىلىرىم بىلەنلا ئىزدىشىپ يۈرۈپتىمەن، ئاچامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، ئاكامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دېگەندەكلەر بىلەنمۇ «كۈلۈمسىرىشىش» باسقۇچىدا تونۇشكەنمەن.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يادىكار تۇنجى توردېشىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر كۈندە يىگىرمە تۆت سائەت بولمىسىمۇ ئون ئىككى سائەت پاراڭلىشىدىغان ھەمراھىمغا ئايلاندى. ئۇ بىر دەم خەت قايتۇرماي قالسىلا جىلە بولۇپ قالاتتىم، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتتىن باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا ماڭغان - تۇرغىنىنى دوكىلات قىلىشى مەسلىكىمنى كەلتۈرەتتى. ئۇنى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم.
ئىككىمىز ئۆتمۈش توغرىلىق پاراڭلاشمايتتۇق، ئائىلە ئەھۋالىمىز توغرىلىق پاراڭلاشمايتتۇق، مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭلاشمايتتۇق. بىر - بىرىمىزنى كۈلدۈرۈش، خۇشال قىلىش مەقسىتىدىلا چاقچاقلىشاتتۇق، شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىمىزنى دېيىشەتتۇق، تەسەللىي بېرەتتۇق، مەدەت بېرەتتۇق. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ مېنىڭ روھى ئوزۇقۇم ئىدى.
كۈنلىرىم ئاجايىپ مەنىلەرگە تولۇپ، ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇپ، بەختلىك ساناپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ماھىرە ئاچام بىلەن غەيۋەت قىلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئىككىمىز شەھىرىمىزدە بولۇۋاتقان يېڭى - يېڭى ئىشلارنى ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر خۇلاسىلەپ تۇراتتۇق. ئۇ ئىشلار كىچىكى كىم بىلەن كىمنىڭ يۈرىۋالغىنى، ئايرىلىپ كەتكىنى توغرىلىق بولسا، چوڭى قايسى يولنى قاچان ياسايدىغانلىقى، قايسى يەرگە قانداق باشلىق كېلىپ قانداق تۈزۈلمىلەرنى يولغا قويغانلىقىغا چېتىلاتتى.
- ھەي، لۇتپۇللا ئاكام زۇبەيدەدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، - دەپ گەپ باشلىدى ماھىرە ئاچام.
- ئىككىسى بەك ياخشى ئۆتۈۋاتقان ئىدىغۇ، ئەمدى نېمە دەپ ئايرىلىپ كېتىپتۇ، - دېدىم ھەيران قېلىپ، گەرچە ئىككىسى بىر يەردە بولمىسىمۇ بىر - بىرىگە شۇنداق ئامراق ئىدى، بىر - بىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ تونۇشۇپ، توي ئىشلىرى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدىغان چاغلىرىمۇ كېلىپ قالغان.
- نېمىشقا بولاتتى، نەزىرەنى دەپ بولمامدۇ؟
- نەزىرە؟... كىم ئۇ؟ لۇتپۇللا ئاكام نەزىرەنى ياخشى كۆرەمدىكەنتۇق؟ - گەرچە زۇبەيدە ھەدەم بىلەن ياخشى ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا باشقا قىزلار بىلەن ئىزدىشىپ، كۈلكە - چاقچاق قىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
- ياقەي، ئاكام زۇبەيدەنىلا ياخشى كۆرىدۇ. نەزىرە زۇبەيدەنى ئىزدەپ «لۇتپۇللا مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ بىر نەچچە قېتىم دېسىمۇ زۇبەيدە ئېرەن قىلماپتىكەن، كېيىن لۇتپۇللا ئاكام بىلەن نەزىرە ئىككىسىنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى زۇبەيدە كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئايرىلىپ كېتىپتۇ شۇ.
ئاپلا، دەپلا قالدىم، ئىككىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆپنىڭ نەزىرىدىكى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ئىدى، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىرەر قېتىم سەن - پەن دېيىشمەي يېقىن ئۆتۈۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ بىردەمدىلا ئايرىلىپ كەتكىنى مېنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىۋاتاتتى، ئۆز ئىززىتىنى ساقلىيالماس نەزىرە ئاتلىق ئالۋاستىغا لەنەتلەر ئوقۇپ كەتتىم:
- كىمۇ ئۇ نەزىرە دېگەن بىر نېمە؟
- كىم بولاتتى، بىزنىڭ يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بولمامدۇ.
بۇ گەپنى قۇلىقىمدا ئاڭلىدىممۇ ياكى يۈرىكىم مەندىن بۇرۇنراق قۇلىقىدا ئاڭلاپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇدۇل بېرىپ يۈرىكىمگە تەگدى. بېشىم ئۈستىدىلا چاقماق چاققاندەك ئەندىكىپ كەتتىم، يادىكارنىڭ مۇھەببىتى؟!.... شۇنداقتىمۇ، ئاچامنىڭ سېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن:
- يادىكار ئاكاشنىڭ كارى يوقمىكىنا مۇھەببىتى ئۇنداق يۈرسە، - دەپ سورىدىم، زورىدىن - زورىغا.
- تاڭەي، مۇھەببەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقىلى بولسۇنمۇ، ئىككىسى يۈرىۋاتقىلىمۇ بەك ئۇزاق بولدى، گېپىنى ئۆتكۈزۈپ بولالمىدىمۇ يا يادىكار ئۇ ئىشلارنى بىلمەمدۇ.... ئۇف... بىر ياخشى بالا ئىدى ئۇ، بەك ئۇۋال بولۇپ كەتتى جۇمۇ، - سۆزىمىز مانا مۇشۇنداق بىردەمدىلا ئاكاملاردىن يادىكارلارغا يۆتكىلىپ كەتتى. ھەر تەرەپكە چېتىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ بىزنىڭ ئېغىزىمىزغا چىقىپ قېلىشىمۇ بىكار ئەمەسكەن.
گادىرماچ خىياللار كاللامنى بىر ئالدى، يادىكارنىڭ مۇھەببىتى... يادىكارنىڭ مۇھەببىتى باركەن، گۆدەكچە خىياللىرىم بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېگەللىشىم مۇمكىن ئەمەسكەن. لېكىن، ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسا ئۇ ماڭا گەپ قىلغانغا قانداقلارچە يېتىشىپ بولدىكىنە؟ خىياللىرىمنى ئاستا يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەمنى ئاستا - ئاستا ئۈزۈشنىمۇ ئويلاشتىم، لېكىن نېمە باھانە، نېمە سەۋەب كۆرسىتىمەن، يادىكارغا نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن، ئۇ سېزىپ قالسىچۇ بۇ ئىشلارنى؟!
زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلىرىمدىن بىرى يادىكار مېنى كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى، بۇندىن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ ئۇ - بۇ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان ئىدىم، بۈگۈن تەلەتىنى بۇزۇپلا سۆزلىگەن ئىدى، ئامال يوق كۆرۈشۈشكە قوشۇلدۇم. مانا، ھازىرلا يادىكار بىلەن كۆرىشمەن، كۆزلىرىم ئاللانېمىلەرنى ئاشكارە ئېتىپ قويارمۇ، قانداق مۇئامىلە قىلسام بولار ئۇنىڭغا. يولدا كېتىۋاتىمەن، دېيىشكەن جايغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن كاللام ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ يېنىغا كېتىپ بولغان.
- بەرنا! - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ يىراقتىن مېنى كۆرۈپ.
ئۇ تۇرغان يەرگە باردىم، مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ «ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم»ىغا جاۋاب قايتۇرۇشمۇ مۈشكۈل كېلىۋاتقان ئىدى، يۈرىكىمدىكى ئېيتقۇسىز ھېسلارنى قەيەرلەرگە يىغىشتۇراي ئەمدى؟ ئاددىيغىنە سالام - سەھەتتىن كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېمەكچى بولدۇق، ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندەك ئەتراپقا چۆچۈپ - چۆچۈپ قارايتتىم، ھەممىلا كىشى ماڭا قاراۋاتقاندەك، ئۆتكۈر نىگاھلىرى بىلەن مېنى بوغۇزلاۋاتقاندەك، «ئۈچىنچى شەخىس، يادىكارنىڭ ئويۇنچىقى» دەپ مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. يادىكارنىڭ باشلىشى ئاستىدا بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم، بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدىلا ئولتۇرغان، قونچاقتەك ياسىنىۋالغان ئىككى قىز (بىلىمەن، ئۇلار نەزىرەنىڭ يېقىن دوستلىرى) بىزگە ھېلىدىن - ھېلىغا قاراپ ئولتۇراتتى. گېلىمدىن تاماق ئۆتىدىغان چىرايى يوق، ئاخىر «ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتىدۇ» دېگەن چىرايلىق باھانە بىلەن چاي ئىچىپلا ئولتۇردۇم. تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چوكا بىلەن تاماق ئىلغاپ ئولتۇرسام، تۇيۇقسىز:
- بەرنا، ئاۋۇ ئىككىسىنى تونۇمسەن، - دېدى ئۇ نەزىرەنىڭ ساۋاقداشلىرىنى كۆرسىتىپ.
- ياق، نېمە بولدى؟
- بايىدىن بېرى ساڭا بەك قاراپ كەتتى، تونۇمدىكىن دەپتىمەن تېخى.
- ياق،تونۇمايمەن. مەنمۇ نېمانچە قارايدىكىن دەپ ھەيران، سىز تونۇمامسىز؟
- سىرتتىن تونۇشىمەن، لېكىن سالام قىلىشقۇدەك دەرىجىدە ئەمەس.
- ھە... - داۋاملىق تامىقىمنى يەۋەردىم، بۇ يەردە نەزىرەنىڭ گېپىنى چىقىرىپ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزنى ۋەيران قىلىپ، ئاشقازىنىمىزنى ئاغرىتىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق (نېرۋا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللىغۇم بولغاچقا تاماق ۋاقتىدا كەيپىياتىم ياخشى بولمىسىلا ئاغرىپ قالاتتىم) بىر ۋاق تاماقتا كۆڭۈللۈك ھالدا بىللە بولغاندىن كېيىن باشقا يەرگە بېرىش تەلەپلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ ماشىنا بىلەنلا ئۆيگە قايتتۇق، ئۇنىڭ بىلەن پىيادە ئۆيگە قايتىشمۇ ئېغىر كېلەتتى. ھەممىدىن مۇھىمى، ئاپام كۆرۈپ قالسا چۈشەندۈرۈپ بولالمايتتىم. ئاپام ماڭا ھەددىدىن زىيادە ئىشەنگەنلىكتىن قەتئىي يالغان گەپ قىلمايتتىم، لېكىن بۈگۈن ئامالسىز «لەيلى بىلەن كۆرىشىمەن» دەپ ئۆيدىن چىققانتىم.
شۇلارنى ئويلاۋېتىپ لەيلى، فىداتلار بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى بولغانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. نېمە بولۇپ كەتكەندۇ ئۇلارغا، مېنىمۇ ئىزدەپ قوياي دېمىدى. فىدات لەيلىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالدىمىكىنە - يا. بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بولسۇنمۇ، شۇنداق بولسا ئەلۋەتتە مېنى ئۇنتۇپ لەيلى بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ - دە. بەز يېمەيدىغان مۈشۈك، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك! راست - ھە، نېمىشقا بۇلارنى بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن... مەن يادىكار ئۈچۈن بىر بەزكەنمەنغۇ ھازىر، توۋا، توۋا... نېمىلەرنى قىلىپ كەتتىم زادى؟!
ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولاتتىم، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمگە كىچىككىنە داغ چۈشىشىگىمۇ چىدىيالمايتتىم. لېكىن، ئەھۋال شۇ، ئەتراپىمدا يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بارلىقى ھەققىدە تۈمەن مىڭ پاكىتلار تۇراتتى،  پەقەت ئۆز ئېغىزىدىنلا ئاڭلاپ باقمىدىم. بەرداشلق بېرەلمىدىم، ئاخىر ئوچۇق بولمىسىمۇ شۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم.
- ئاكا، غەيۋەت قىلىشامدۇق، - دېدىم تۈن كېچىدە.
- كىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىسەن، ئىچىڭ بوشاپ قالىدىغان ئىش بولسا قىلىۋال بوپتۇ.
- ۋايجان، ئىچ بوشايدىغان - بوشىمايدىغاننىڭ گېپى يوق. ئىلىيار ئاكاشنى مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ، دەيدىغۇ، ئاڭلىدىڭىزما؟
- نېمە؟ ئىلىيارنى ياخشى كۆرەمتىڭ؟ ھەئە، مەنمۇ ئايرىلىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. ساڭا پۇرسەت كەپتۇدە - ھە، - دېدى ئۇ پەرۋاسىزلارچە، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ماڭا زەررىچە سۆيگۈسى يوق ئىكەنلىكىنى تامامەن ھېس قىلالايتتىم.
- نەدىكى گەپنى قىلماڭە، دېمەكچىمەنكى، ئۇ ئىككىسى ئارىلاشقىلى بەك ئۇزۇن بولغانغۇ، نېمىشقا ئايرىلىپ كەتتىكىنە.
- ۋاي خان، ئائىلە ئىشىغا ئارىلاشمىغۇلۇق، - بىردەم توختىۋالغاندىن كېيىن ئاۋازىنى پەسلىتىپ يەنە ئېغىز ئاچتى، - ئىلىيارنى كىچىك قىزلارغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپتۇ، دەپ ئاڭلىغانتىم بىر چاغلاردا، شۇڭا ئايرىلىپ كەتتىمىكىن...
- ھە...، - ھەممە ئىش پىلانىمدىكىدەك بولىۋاتقان ئىدى،- ئايرىلىپ كەتكىنىمۇ ياخشى بوپتۇ ئەمسە، بىر چىرايلىق مۇھەببىتى تۇرسا نېمە قىلىدۇ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، توغرىمۇ؟
نەزىرىمدە، ئەگەر ئۇنىڭ راستىنلا مۇھەببىتى بولسا چوقۇم بۇ گېپىمگە رەدىيە بېرەتتى، لېكىن ئۇ سۆزۈمنى يۈزدە يۈز تەستىقلاپ:
- بەرھەق، مۇھەببىتى بار ئادەم سۆيگۈنىگە ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك، مۇھەببىتىدىن باشقا ئادەم بىلەن پاراڭلاشماسلىقى كېرەك، خۇددى مەندەك ، - دېدى.
- ۋاييەي، ئېتىڭە پونى، سىز شۇنداقما؟
- ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما؟ - مەن ئېرىشمەكچى بولغان جاۋابقا بارغانسېرى يېقىنلاۋاتاتتىم.
- ئەجەب كېچە - كۈندۈز مەن بىلەن پاراڭلىشسىزغۇ.
- كىم يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بار دەيدۇ، مۇھەببىتى يوق ئادەم ھېلىغۇ بىر سەن بىلەنكەن، نەچچىسى بىلەن پاراڭلاشسىمۇ يارىشار؟
ئۇنىڭ گېپىگە رەدىيە بەرگۈدەك ئاساسى بار گەپتىن بىرەرنى تاپالماي پاراڭنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇم، خۇش بولغىنىم، ئۇنىڭ مۇھەببىتى يوقلىقىنى بىلىۋالدىم، ئۇنىڭغا يۈزدە يۈز ئىشىنەتتىم...
داۋامى بار

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

20#
ۋاقتى: 2013-8-11 20:15:12 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 20:23  

[size=4]ھېكايىڭىز يېزىلغاندىن بىرى  قىزقىپ ئوقۇپ كىلۋاتمەن. گەرچە پىروزا ئەسەرلىرى توقۇلما ئارقىلىق روياپقا چىقسىمۇ ئەمما بۇ ئەسىرڭىز ئادەمگە چىنلىق تۇيغۇسى بېردىكەن.چۈنكى تۇرمۇشقا شۇنچىلىك يېقىن.
باش پىرسۇناژ بەرنا نىڭ  خاركتىرنى بەك ياخشى يۇرتۇپسىز . ھېكايدىكى  يادىكارنى پەقەت ياقتۇرمۇدۇم،نىمىشلىقنى دېمەيمەن
دوستلۇق ،مۇھاببەت ئۆز-ئارا زىدديەتلىك ئورۇنغا چۈشۈدىغان بۇ ھېكايىڭىزدىكى بەرنانىڭ كىيىنكى تەقدىرگە قىزقۋاتمەن.
داۋامىنى ساقلاپ سەككىز كۆزۈمنىڭ ئون ئىككى بۇلۇپ كىتغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن
قەلمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن  ئۇماق قىز...

باھا سۆز

ھەجەپ تىز كۆپىيدىكىنا سىزنىڭ كۆزىڭىز ....ھى...ھى...ھى....  ۋاقتى: 2013-8-15 14:45
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:46 , Processed in 0.147463 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش