بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 16:08
ئون يىل بۇرۇن غۇنچە تويىغا، بەش يىل بۇرۇن ئۇزىتىش چېيىغا شاھىد بولغان بۇ مەرىكە زالى ئەمدىلىكتە راھىلەنىڭ نىكاھ تويىغا شاھىد بولىۋاتاتتى. توي كۆڭلىكى كىيىپ ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن راھىلەنىڭ يېنىدا قىز قولداش بولۇپ تۇرغىنىمدا ئاندىن تالاي يىللاردىن بۇيان مۇھەببەتنىڭ مەن ئۈچۈن ناھايىتى سىرلىق بىر ئۇقۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمدىن ئىككى مېتىر يىراقتا كېتىۋاتقان قېرى يىگىت مەندىن ھېچ كۆزىنى ئۈزەي دېمەيتتى. دېمىسىمۇ، تويدا قىز – يىگىت قولداشنىڭ بىر – بىرىگە قارىشى نورمال ئىشتە، ھېچكىشى بۇنىڭدىن قۇسۇر تاپمايدۇ.
توي باشلىنىپ، ئارقا – ئارقىدىن ياڭراۋاتقان ئۇسسۇل، تاڭسىلارغا جۆر بولىۋاتقان گۈل چىرايلار ئىككى ياشقا ئىچ – ئىچىدىن بەخت تىلىمەكتە ئىدى. راھىلەنىڭ يۈزىنى تېخى ئاچمىغاچقا ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ بەرگەچ ئاستا پىچىرلىدىم:
- راھىلە، بايىدىن بېرى ئەكبەر بىلەن سەھنىگە چىقىشنى رەت قىلىۋاتىسەن. قىز – يىگىت مەيدانغا بىرەر قېتىم چىقمىسا قانداق بولىدۇ، بىرەر قول تاڭسا ئويناڭلار ئەمدى.
راھىلە يېڭى كېلىنچەكلەرگە خاس نازاكەت بىلەن بېشىنى ئاستا لىڭشىتتى.
«شېرىننى كۆرەر بولساڭ پەرھاتنىڭ كۆزى بولغىن،
رايلە (راھىلە)نى سۆيەر بولساڭ ئەكبەرنىڭ ئۆزى بولغىن.
كىم لەيلى پىراقىدا مەجنۇندەك كۆيەلەيدۇ،
كىمنىڭ قەلبى رايلەنى ئەكبەردەك سۆيەلەيدۇ» ناخشىچىنىڭ ھەزىل قىلىپ ئۆزگەرتكەن ناخشىسى توينى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى، كىشىلەر توۋلاشلار ئىچىدە ئاستا لىڭشىپ تاڭسا ئوينىماقتا.
- قىز – يىگىت قولداش بىرەر قولدىن ئوينىمامدۇ؟ - دېدى يىگىتنىڭ دوستلىرى.
- قانداق، بىرەر قول ئوينامسىز؟ - باشقىلارنى گۇمانغا سېلىپ قويماسلىق ئۈچۈنمىكىن ياكى مېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىمىكىن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى سىزلىدى، كۆز قارچۇقىمدا ياش پىلىلداپلا قالدى.
توي رەسمىيىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناشنى ماقۇل كۆردۈم، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغىنىمدىكىدەك جىددىيلىك قەلبىمدە ھۆكۈم سۈرمەكتە، بىقسىپ سېسىپ قالاي دېگەن سۆيگۈ بىخلىرى قايتىدىن ياشنىماقتا، ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارقاۋاتقان ھارارەتلىك سېزىم قەلبىمنى ئىللىتماقتا.
- نەچچە يىلدىن بېرى ياخشى تۇرىۋاتامسەن، - دېدى ئۇ ھەممە ئادەم تانسا مېھرىگە شۇڭغىغاندا قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلاپ.
- ھەئە، ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟
- مەن شۇ مۇشۇنداق يا ئۆلمەي يا كۈلمەي قېرى يىگىت بولۇپ ياشاپ كەپتىمەن.
- توي قىلسىڭىز بولمامتى؟ - بۇ سۇئالنى سورىشىم كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى شۇ تاپتا بىلمەيلا قالدىم.
- مېنىڭ قىلغۇم يوقمۇ، دوستلىرىمىزنىڭ ئالدى بالىسىنىڭ سۈنئەت تويىنى قىلغۇدەك بولۇپ قالدى، مەن تېخىچە بىرەر قىزغا ئەلچى كىرگۈزمەي يۈردۈم.
- نەزىرە ھەدەمچۇ؟ - ئۆزۈم يىرگىنىدىغان قىزنى تۇنجى رەت ئامالنىڭ يوقىدىن ھەدە دەۋاتقان ئىدىم.
- ئۇما؟ توينىڭ گېپى بولسىلا ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغۇ تاڭ. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا پەقەت مۇھەببەت قالماپتىكەن. لېكىن، بىز ئارىلاشقىلى شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ، ئېلىشىپ – تېگىشمىسەك ئەل – جامائەت ئالدىدا سەت. لېكىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قوشۇلمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۆزىمۇ مېنى بەك كۈنلەمچى دەيدۇ.
- ھە، - بۇ تاپتا بۇنىڭدىن باشقا تۈزۈكرەك گەپ كاللامغا كەلمەيتتى، نەزىرە ئۆزى سىرتتا قىلمىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ يۈرسە يادىكار ھېلىمۇ كۈنلىمەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
قىز قولداش بولغانلىقىم ئۈچۈن توينى تارقىتىپ، بارلىق رەسمىيەت، تەييارلىقنى تۈگىتىپ ئۆيگە يانماقچى بولغىنىمىزدا غىرىققىنە مەست ھالدا ئەلەڭلەپ كېلىۋاتقان يادىكارنى كۆردۈم.
- بەرنا! – دەل مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنى ساقلاپ تۇرمىسام ۋارقىراپ كانىيىنى يىرتىۋالىدىغاندەكلا توۋلىدى.
- نېمانچىۋالا مەست بولۇپ كەتتىڭىز؟ ئىچەلىگىنىڭىزگە چۇشلۇق ئىچسىڭىز بولماسمىدى؟! - ئۇنىڭ مەست ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقىمىكىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ سۆزلەپ كەتتىم.
- مانا، مانا، مانا. ئالسا سەندەك ئىچسە رەنجىيدىغان، چەكسە رەنجىيدىغان، ئۆزى گۈل، قولى گۈل، قەلبى گۈل خوتۇننى ئالسا بولىدۇ – دە، - ئۇ مەستلىكتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ سۆزلىسە تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپ كېتەتتى، قاچانلا قارىسام كۆزۈمگە شۇنچە ئىسسىق كۆرىنىدىغان قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، پىشانىسى چىبارقۇتتەكلا بولۇپ قالغان ئىدى.
- مەست بولۇپ قاپسىز، يۈرۈڭ تاكسىغا سېلىپ قوياي، - دېدىم ئۇنى ئارانلا يۆلەپ.
- تاكسىرىڭغا چىقمايمەن، ئۆزۈڭ چىق. مەن مۇشۇنداق ھاۋا يەپ چۆرگىلەپ، ئالدىرىماي قايتىمەن.
- بوپتۇ ئەمسە، ھاۋارىڭىزنى يەۋېرىڭ، مەن كەتتىم، - زەردە بىلەن بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئۇنىمۇ يۆلىمەي تېز – تېز مېڭىپ كەتتىم.
- بەرنا! – ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدىم، - بەرنا دەيمەن، توختا! مېنى يالغۇز تاشلاپ قويامسەن!!
توختىمىغان بولساممۇ قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم:
- مەن بىلەن ماڭسىڭىز تېز – تېز مېڭىڭ، بولمىسا تاكسى توسۇپ كېتىپ قالىمەن جۇمۇ، - دەپ ۋارقىرىدىم كەينىمگىمۇ قارىماي.
- سەن كەينىڭگە قارىماي سۆزلەشكە شۇنچە ئامراقما؟ بۈگۈنى تاكسى توسۇپ كېتىپ قالساڭ كېلەر قېتىم ئۇچرىشىپ قالساق ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويامسەن؟ - ئاجايىپ كۆڭلى يۇمشاق، ھېسسىياتچان قىز ئوخشايمەن، بۇ گەپلەر ئىككىمىزنىڭ دەسلەپ تونۇشقان چاغلىرىنى ئەسلىتىپ كۆزۈمدىن ياش سىرغىتتى.
- ۋۇتان، ۋۇتان، ۋۇتان، قوزام يىغلىدى مانا. يادىكار ئەسكى، يادىكار دېگەن بىر ئەبلەخ. ئۆزى سۆيگەن كىشىسىنىمۇ يىغلىتىدۇ، يىغلىمىغىنە بولدى، بىللە پىيادە قايتايلىچۇ ئۆيگە، ماقۇل دېگىنە. ئۈچ يىل كۆرمىسەم خېلى چىرايلىق بولۇپ قاپسەن – ھە.
- ئەلۋەتتىدە، ئەمدى تېخى گۈلدەك ئېچىلىپ ياشايدىغان مەزگىلىمگە قەدەم قويغان تۇرسام. سىز بەك قېرىپ كېتىپسىز، بوۋا، - دېدىم ئەركىلەپ.
- قېرىيمەندە، نېمىشقا قېرىماي؟ قەلبىدە ئازىراقمۇ مۇھەببەت يوق كىشى قېرىمىسىنمۇ؟ ئادەمنى ياشارتىدىغىنى مۇھەببەت تۇرسا.
- مۇھەببىتىڭىز بارغۇ ھېلىمۇ، يەنە نەچچىسى بولسا يېتەتتى؟
- قايسى مۇھەببىتىم؟ - مېنىڭ يەنە كوتۇلداپ كېتىشىمدىن قورققاندەك تىنىقمۇ ئالماي كېيىنكى جۈملىسىنى ئۇلىۋەتتى، - نەزىرەدىن ئايرىلىپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى.
- ھەي، ھەي... سىلەر يېنىشىۋالغىلىمۇ ئۈچ يىل بولمىغان تۇرسا، توقۇڭە يالغاننى، - ئەسلى ئۇنىڭ قولىنى مۈرەمگە ئىلىندۈرۈپ ئارانلا كېتىۋاتقان ئىدىم، توختىۋېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بىگىزدەك تىكىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم.
- ھەي بالام، مەن ئۇنىڭ بىلەن سىز ئالىي مەكتەپكە ئەمدى چىققان يىلى يېنىشىۋالغانمۇ، سىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ كېلىپ بولدىڭىز، قەيەردىكى ئۈچ يىل! ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغانما سىز؟
- ھا...ھا....ھا، - بۇنداق جاراڭلىق كۈلۈپ باقمىغىلى خېلى بولغان ئىدى. مەھەللىگە ئاز قالغاندا كېچىدە بىر يىگىت بىلەن بۇنداق يېتىلىشىپ يۈرسەم تەسىرى تازا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ مەردانغا تېلفون قىلدىم:
- ۋەي، مەردان. خاپا بولماي بىزنىڭ مەھەللە تەرەپكە كەلگىنە، يادىكار ئاكاش چىلىق مەستكەن، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار.
- ھە، ماقۇل، ماقۇل. نەۋرە ئىنىسىنىڭ تويى بولغاندىن كېيىن خۇشلۇقتا تازا ئىچىپتۇ - دە. شۇ يەردە جىم تۇرۇپ تۇرۇڭلار – ھە ئەمسە، - دەپلا تېلفوننى قويىۋەتتى.
مەردان بەش مىنۇت بولا – بولمايلا ماشىنىسى بىلەن كېلىپ ئاۋال مېنى، ئاندىن يادىكارنى ئۆيلىرىمىزگە ساق – سالامەت ئاپىرىپ قويدى.
يۈرىكىم توختاۋىسىز تېپىچەكلەيتتى، يادىكارنىڭ ھەر قارىشى، ھەر سۆزلىرى، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەر كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن سىرغىپ ئۆتەتتى. مەن ئۆزۈم يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەمنى تاپقاندەك بولدۇم. ئەتىسى يەنە بىر ناتونۇش نومۇر ئۈندىدارىمنى قوشتى، كۆڭلۈم تۇيغاندەكلا ئۇ ئىلتىماسقا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم.
- بىر نومۇرنى تۆت يىلمۇ قارا تىزىملىكتە تۇرغۇزامدۇ ھەي جىن، - دەپلا خېتىنى باشلىدى ئۇ.
- يادىكار؟ - ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ يەنە بىر مۇقۇملاشتۇرىۋېتىشنى خوپ كۆردۈم.
- ھەئە، مەن. ھەي راست، ئاخشام مەستچىلىكتە باشقىچە گەپلەرنى قىلىپ قويغان بولسام رەنجىمە – ھە.
- ياقەي، نېمىگە رەنجىيتتىم، - شۇ كۈندىن ئېتىبارەن يادىكار بىلەن بۇرۇنقىدەك − دەسلەپكىدەك كۈندىلا پاراڭلىشىپ، ئىزدىشىپ يۈردۈم. ئۇ مېنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرەتتى. بىكار چاغلىرىمىزدا بىللە كىتابخانىلارغا بېرىپ كىتاب ئوقۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەتتۇق. ئارىمىزدا مۇھەببەت ھەققىدە گەپ بولۇپ باقمايتتى. گەرچە ئۇنى سۆيسەممۇ ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە پاراڭ سېلىشتىن قورقاتتىم، ئەيمىنەتتىم. توي كۈنى دەپ قالغان ھېلىقى گېپىنى مەستلىكتىنلا دېدىغۇ، دەپ ئۇنچە نەزىرىمنىمۇ سېلىپ كەتمىگەچكە ئۇ ئۆزى سۆيگۈ – مۇھەببەت ھەققىدە گەپ ئېچىپ قالغىنىدا ھەييارلىق بىلەن پاراڭ تېمىسىنى يۆتكىۋېتەتتىم.
كۈنلەر يەنە بىر تىنىقتا ئۆتىۋەردى. ئەتراپىمدىكى ھەممە - ھەممىسى مۇھەببەت قوينىغا غەرق بولۇپ بەختلىك ئائىلىلىرىنى قۇرىۋالدى. مەن - قېرى قىزغا ئايلىنىپ كېتەيلا دېگەن مەن تېخىچە ھېلىقى قېرى يىگىت بىلەن كۈنۈمنى كەچ قىلاتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە كۆڭلۈمنى بېرىپ باقمىغاچقىمىكىن، ئۆيىمىزدە توي ھەققىدە ئەمەس مۇھەببەت ھەققىدىمۇ پاراڭ بولۇپ باقمىدى. ھېلىقى ئۆلگۈر قېرى يىگىتمۇ يا تويىنى قىلىپ ئۈمىدىمنى بىراقلا ئۈزگۈزمىدى، يا مۇھەببەت بېغىدىن دەستىلەپ گۈللەرنى ئۈزگۈزۈپ ۋىسالىمغا يەتكۈزمىدى... ۋاقىت ئۆتتى، ھەممە ئۆزگەردى.....
فىدات بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدېشىم نىگارەنىڭ تويىنى ئەمدىلا تۈگىتىشىمىزگە بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى كىردى. ئەلۋەتتە، ئۆيدىكىلەرنىڭ مەندىن باشقا قىزى يوق. ئۇ كۈز ئايلىرى ئىدى، بولغۇسى يولدىشىمنى ياخشى كۆرمىسەممۇ ئامراق ئىدىم. ئۇ ئاپامنىڭ يېقىنىنىڭ بىزدىن ئىككى قارار يۇقىرى ئوقۇغان ئوغىلى ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ رازىلىقى بويىچە بۇ تويغا ماقۇللۇق بىلدۈردۈم. ماقۇل دېمەيمۇ نېمە ئامالىم، يىگىرمە بەش يىللىق ھاياتىمدا بىرەر يىگىت بىلەن توي ھەققىدە گەپ قىلىشىپ باقمىغان تۇرسام، ئۆيدىكىلەرنىڭ تاپقىنىغا تەگمەي كىمنى كۈتىمەن؟
نىگارەنىڭ بۇ شەھەردە تونۇشى كۆپ بولمىغاندىن كېيىن مەن بىلەنلا يۈرەتتى. يەنە بىر ئىللىق، ئۆز سۆيگۈسى بىلەن قەلبىمدىكى تۇيغۇلارنى ئەللەيلەيدىغان يېڭىچە بىر كۈن. نىگارە بىلەن كۆرىشىپ بىللە بازار ئارلاش ئۈچۈن خەلق باغچىسىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق. ئەزەلدىن باشقىلارنى ساقلاتقۇم كەلمەيدىغان ئادىتىم تۈپەيلى دېيىشكەن جايغا يەنە بالدۇر كېلىۋاپتىمەن. باغچىنىڭ سايىدىرەك يېرىدىكى ئۇزۇن ئورۇندىقىغا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈتىۋاتاتتىم، ئالدىغا مېڭىپ بولۇپ يەنە كەينىگە يېنىپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان سېرىق چاچلىق، كۈلكىسى شۇنچە جەزبىدار، چىرايلىق قىز دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ كىملەرگىدۇر ئوخشايتتى – يۇ، يەنە ھېچكىمگە ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ كىملىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە يېنىمغا كېلىپ چالۋاقاپ كەتتى:
- ھەي رەسۋا، بۇ يەردە يەنە قايسى ئاشناڭنى كۈتىۋاتسەن، ھە! توي قىلىدىغان قىز بولغاندىن كېيىن سىرتتىن ئەر ئىزدەپ چىقماي ئۆيۈڭدە جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ؟!
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان كىشى مېنى ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇزدىمىكىن دەپ قالاتتى:
- كىم رەسۋاكەن؟ ئۆزۈڭنىڭ ئەپتىگە قاراپ ئاندىن باشقىلارنى بىر نەرسە دېگىنە. مېنىڭ كىمنى ساقلىشىم بىلەن نېمە ئىشىڭ، بەرىبىر يادىكار ھازىر سېنىڭ ئەمەسقۇ، - ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك بىچارە ئىدىم – يۇ، يەنە ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قېلىشنى شۇنچە خالىمايتتىم.
- ماۋۇ بۇزۇقنىڭ دەۋاتقان گېپىنى، يۈزۈڭ ئازىراقمۇ چىمىلداپ قويمىدىما؟ يادىكار سېنى ياخشى كۆرگەچكە مەندىن ئايرىلىپ كەتكەندۇ؟ يەنە مەندىن چوڭ سۆزلەيسىنا.
- ئۆزۈڭ يىگىتىڭنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالالماي يەنە مەندىن كۆرەمسەن؟ سەندەك مۇھەببىتىنىڭ ئالدىدا «ئاپپىقىم، تاتلىقىم» دەپ يۈرۈپ سىرتتا تالاي يىگىتلەر بىلەن ئاپئاق – چاپپاق بولۇپ يۈرىدىغان بىر نېمە بىلەن يۈرۈشكە ئوغۇللارنىڭ ۋىجدانى كۆتۈرسە بولار، - بۇ ئەپتىمدىن ھازازۇل خوتۇنلارغا تولىمۇ ئوخشاپ قالغان ئىدىم، تارىخمدا ئىشلەتمەيدىغان بارلىق بىزەپ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئىشلەتمەكچى بولاتتىم – يۇ، يەنە ئېغىزىمدىن چىقىرالمايتتىم. يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغىلى قىل قالدىم، شۇنداقتىمۇ يەنە بىر تەستەك ياندۇرۇپ ئۇرىۋالدىم:
- يادىكارنىڭ سەن تەرىپىڭدىن ئەخمەق بولغان سۆيگۈسى ئۈچۈن!
«چاڭ!» مەن ئۇنى كاچاتلاشقا خۇمار بولۇپ قالدىممۇ قانداق، كەينىدىنلا يەنە بىرنى ئۇرىۋەتتىم:
- سەن تەرىپىڭدىن ناھەق ئۇچرىغان دىل ئازارىلىقىم ئۈچۈن!
«چاڭ!»
- قىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان ناپاك تېنىڭ ئۈچۈن! مۇتەللىپ ئاكامدەك يىگىتلەرنىڭ زارى ئۈچۈن!!!، - مەن ئەمدى پۇخادىن چىققاندەك قىلاتتىم. شۇ گەپلەرنى دەۋېتىپلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭدىم – دە، خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىغىراق مېڭىپ نىگارەنى شۇ يەردە ساقلىماقچى بولدم. شۇ تاپتا كەينىمگە بۇرۇلۇپ نەزىرەنىڭ − ئۇ چىشى يولۋاسنىڭ ئەپتىنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، قىزىقىشىم يەنە ھەممىدىن ئۈستۈن كەلدى. كەينىمگە قارىدىم – يۇ، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. يادىكار نەزىرەنىڭ قولىنى سۆرىگىنىچە «ماڭ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورا» دەپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. قاققان قوزۇقتەك جايىمدا قېتىپلا قالدىم، بەلكىم نەزىرەنىڭ يېنىمغا كېلىشىنى، مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتكەندىمەن...
- سورىمايمەن دېدىممۇ، سورىمايمەن، مېنىڭ خاتا بولمىسا، - دېدى نەزىرە ۋارقىراپ يىغلاپ. ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن كىشى سەسكەنسە سەسكىنىدۇكى ھەرگىز ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئېغىزىنى چوڭ ئاچقاندا لېۋى ئارىسىغا ئۆمۈچۈك تورىدەك ئىلىنىپ قالىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئىچىمنى ئاينىتىۋەتتى.
- نېمىشقا سورىمىغۇدەكسەن، بىر قىزغا بىكاردىن بىكار تۆھمەت چاپلاۋاتساڭ!
- مەن ئۇنى ئاران بىر كاچات ئۇرسام، ئۇ مېنى ئۈچ كاچات ئۇرسا يەنە شۇ بىر نېمەڭ تەرەپتە تۇرامسەن، - ئۇ تېخىمۇ ۋارقىراپ، تېخىمۇ بوغۇلۇپ سۆزلەۋاتاتتى. مەن ھايۋاناتلارنىڭ ئېلىشىشىدىن ھوزۇر ئېلىپ تۇرغان فوتوگرافتەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم. يادىكارنى ھايۋانغا ئوخشاتقىنىم ئەمەس، ئۇنداق دېسەم تىلىممۇ كۆيىدۇ، لېكىن نەزىرەنىڭ بۇ ھالىتى بەئەينى يەرنى تاتىلاپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان خوراز، مۈشۈك ئىدى.
- بولدى يادىكار، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭە. مېنىڭ يەنە ئازىراق ئىشىم بار ئىدى، مەن ماڭاي، - دەپ كەينىمگە بۇرۇلماقچى ئىدىم يادىكار قولۇمنى تۇتىۋالدى:
- ياق، ھېچ يەرگە كەتمەيسەن. بۈگۈن نەزىرە سەندىن كەچۈرۈم سورىمىسا ھېچ يەرگە كەتمەيسەن. ئالتە يىل بۇرۇن مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە مەن بىلمەپتىكەنمەن، شۇڭا كۆكىرەك كېرىپ سېنى قوغدىيالماپتىمەن. بۈگۈن كۆز ئالدىمدىلا مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىۋاتسا، يەنە قاراپ تۇرىمەنمۇ. كەچۈرۈم سورىمىسا مەن بۇ قانجۇقنى بوش قويىۋەتمەيمەن، - يادىكارنىڭ بۇنداق قورقۇنچلۇق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى تېخى ئەمدى كۆرگەن ئىدىم.
تېلفونۇم لەرزان سايراپ نىگارەدىن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا «سەل ساقلا - ھە، مەن سەل تۇرۇپ شۇ تەرەپكە بارىمەن» دەپ ئۇچۇر قايتۇرىۋېتىپ ۋەقە مەيدانىدا داۋاملىق تۇرىۋەردىم. نەزىرەمۇ بۈگۈن ئاسانلا قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدى بولغاي:
- كەچۈر،- دېدى ماڭىمۇ قاراپ قويماي.
- تۈزۈك كەچۈرۈم سورا، سېنىڭ يولدىن چىققىنىڭنى بىلىپ قالغىنىمدا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغاندەك سورا! – يادىكارنىڭ بۇ ھالىدىن مەنمۇ قورقۇپ كېتىۋاتتىم.
- بولدى قىلىڭە يادىكار، مەن ئۇنى كەچۈردۈم، - دېدىم يادىكارنىڭ نەزىرەنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنى بوشىتىۋېتىپ.
- ئەمدى كۆزۈمدىن يوقال، ھېلىقى ئاقماس يىگىتلىرىڭنى تېپىۋال، كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنمە! – ئۇ نەزىرەگە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ، كۆپۈپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى.
- يادىكار، - دېدى نەزىرە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.
- ھە راست، باشقا قىزلارنىمۇ مەن سەۋەبلىك ئاۋارە قىلىپ يۈرمە، بولمىسا يەنە ئوبدان تويغۇزۇپ قويىمەن.
- ئەمسە مەنمۇ ماڭاي، دوستۇم ساقلاپ قالدى، - دېدىم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ. ئىككىمىز شۇنداق گەپ – سۆزسىزلا خوشلاشتۇق.
يادىكارنىڭ نىگارە مېنى ساقلاۋاتقان تەرەپكە ماڭغاچ كەينىمگىمۇ قارىماي «كېلەر ئاينىڭ 16 – كۈنى ئاق تىلەك رېستۇرانىدا تويۇم بولىدۇ، چوقۇم كېلىڭ جۇمۇ» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىغان – ئاڭلىمىغىنىنى بىلمەيمەن. لېكىن، تويۇم كۈنى ئۇنى سەھنىدە كۆردۈم، ئۇ ئۆزى تەلەپ قىلىپ «ئۆزۈم مېھمان سۆيگەن يايرىم تويىدا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى......
تـامـام
ساقسىزلىقىم تۈپەيلى قايتا ئىشلەپ يوللىماقچى بولغان ئاخىرقى بۆلەكنى ئىشلىمەيلا مۇنبەرگە يوللىۋەتتىم.. ئەزالارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىگە موھتاجمەن.... |