ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: كەچۈر
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يـۈگـەنسىـز سـۆيگـۈ (كەچـۈر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

21#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 20:24:39 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلكە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 20:15
ھېكايىڭىز يېزىلغاندىن بىرى  قىزقىپ ئوقۇپ كىلۋاتم ...

ئىزچىل تۈردە سۆيۈملۈك ئوقۇرمىنىم بولۇپ كېلىۋاتىسىز كۈلكەم، سىزگە تەشەككۈر...
مەنمۇ بۇ ئەسەرنى يازغاندىن بېرى نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئەسەرنى ماڭا چېتىۋالدى، «ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ»، «بەرنا رىئاللىقتىكى پالانى، يادىكار پالانىمۇ» دەپ سورىغانلارمۇ ھەم بولدى. لېكىن، مەن بۇلاردىن قىلچە ئاغىرنمىدىم ئەكىسچە خۇش بولدۇم، چۈنكى بۇ ئەسىرىمنىڭ تەبىئىي چىققانلىقىنى، ئەتراپتا يۈز بەرگۈدەكلا ئىشلارنى بايان ئەتكىنىمنى چۈشەندۈرىدۇ.
بەرنانىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە مەنمۇ ھەم بەك قىزىقىۋاتىمەن... داۋاملىق تۈردە كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ يېڭى - يېڭى قىسىملىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن....

باھا سۆز

ئىلھاملارغا كۆز تەگمىسۇن جانىم...  ۋاقتى: 2013-8-11 20:34

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

22#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 20:27:43 | ئايرىم كۆرۈش
ھېكايىنىڭ ھېكايىسى: 3 - ئايلاردا دوستلىرىمنىڭ دەيدەيسى بىلەن مۇنبەردىكى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى باشلاشنى ئويلاپ قالدىم ھەم ياتاقتىكى تور ئۇلانمايدىغان لەپتوپتا يېزىقچىلىق تارىخىمدىكى تۇنجى تېززىسلىك، ھەجىمى چوڭ پىروزا ئەسىرىنى باشلىۋەتتىم. كېيىن، ئىلھامنىڭ كەمتۈكلىكى، ئىمتىھان تەييارلىقى ۋە باشقا ئىشلار بىلەن بۇ ئەسەرنى ئۇنتۇپلا قالدىم.
مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا بۇ ئەسەرنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆيدىكى تورسىز لەپتوپقا ھەقىقىي تۈردە كۆچۈپ كۈندۈزى داۋاملاشتۇرۇپ، كېچىسى تېلفونىمغا PDF شەكلىدە چۈشۈرىۋېلىپ تەھرىرلىك ئېلىپ باردىم.
بۇ ئەسەر مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمىۋېلىپ، قۇلىقىمغا نائۇشنىك تاقاپ مۇزىكىغا چۆكۈپ تۇرۇپ ھەممە ۋەقەلىكنى كۆز ئالدىمدا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتكۈزۈپ بارماقلىرىمدا بايان ئەيلىگىنىمدىن روياپقا چىققان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن پىروزا ئەسەرلىرى بىلەن ئۇنچە كۆپ ئۇچراشمايتتىم... شۇڭا مەيلى ئىملا، لوگىكا ۋە ياكى ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرىلىشى بولسۇن نۇرغۇن كەمتۈكلەر بار... شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

باھا سۆز

سىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىليىتىڭىزگە قول قويدۇم جۇمۇ مەن ....  ۋاقتى: 2013-8-15 14:51
قەلەم كۈچىڭىز ھەقىقەتەن مول سىزگە ئامەت تىلەيمەن...  ۋاقتى: 2013-8-11 20:33

0

تېما

1

يازما

12

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 55
يازما سانى:
1
تىللا:
711
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1 سائەت
ئاخىرقى:
2013-8-12

مۇنبەر قىزىقچىسىسادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزا

23#
ۋاقتى: 2013-8-12 11:58:58 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم  ،  راسلا  تالانتلىق باللا نى  يىغۋاپسىز   جۇمۇ  .  بۇ  بۇ ئەسەر نى ئۇقۇپ  بىر  يىر يەرىدىن  ئۈزەمنى تاپقاندەك بولدۇم  .ھى ھى  ھى  .  قۇلىڭىز غا  دەرت  كەممىسۇن  كەچۇر . ...  سىز گە  ئۇتۇق  تىلەيمەن!!!!

7

تېما

267

يازما

3336

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76
يازما سانى:
267
تىللا:
2769
تۆھپە:
100
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
119 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-4

مۇنبەر قىزىقچىسىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

24#
ۋاقتى: 2013-8-12 19:58:24 | ئايرىم كۆرۈش
تازا قىزىقپ ئوقۇۋاتسام  ئاخرى يوققۇ
http://www.wisalbbs.com/data/att ... pr9n6u9zn9na199.gif

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

25#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-13 22:04:16 | ئايرىم كۆرۈش







6


پۈتۈنلەي يات مۇھىت، ناتونۇش سىما. ئاتا - ئانامدىن تۇنجى رەت ئايرىلىپ، ياقا - يۇرتتا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغىلىمۇ بىر ئايچە بولدى. ئەزەلدىن پارنىكتا يېتىلىۋاتقان مەندەك قىز ئۈچۈن يېرىم ئايغا سوزۇلغان بۇ ھەربىي مەشىق بەكمۇ ئېغىر كەلدى. لېكىن، بىر قېتىممۇ يىغلاپ باقمىدىم، بۇ بەلكىم فىداتنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان غەمخورلىقىدىن بولسا كېرەك.
سىنىپىمدىكى بىرەرسى بىلەنمۇ چىقىشالايدىغاندەك قىلمايتتىم، ھەممە ياققا قورقۇنچ بىلەن قارايتتىم، ياتىقىمدىكى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر يۇرتلىقىم (يۇرتتىكى چاغدا مېنى بىر قانچە قېتىم ئۇچرىتىپتىكەن، ئۇ قازاق قىز ئىدى) مۆلدۈر؛ مىجەز، ئاۋاز، چىرايى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قەشقەرلىك قىز چىمەن ۋە مەندىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ باقمىغان فىدات مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بارلىقى ئىدى. مۆلدۈر بىلەن چىمەننىڭ مۇھەببىتىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە بولغانلىقتىن (ئۇلارنىڭ بۇرۇنلا مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئۇقمايمەن) ياتاقتىكى ۋاقىتلىرىمدىن باشقا چاغدا فىدات بىلەنلا يۈرەتتىم، سىنىپىمدىكىلەرمۇ فىداتنى مېنىڭ مۇھەببىتىم دەپ ئويلايتتى.
لەيلىنىڭ بىر ھەپتىدە ئاران بىر كېلىدىغان يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇم كەلمەي، ئازدىن - ئاز «كۆرىشەيلى» دېگەن گەپنى قىلاتتىم. بۇ ھەپتە ئاچام لەيلى بىلەن بىللە ئۆيگە بېرىپ ئۆي تامىقى يەپ كېتىشىمىزنى خېلى بۇرۇنلا دەپ قويغان ئىدى، لەيلىنى مەكتىپىمنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ھەقىقەتەن خېلى ۋاقىت بولغان ئىدى، مېنى كۆرۈپلا سېرىق قۇچقاچتەك بېسىقماي سۆزلەپ، فىداتنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ھارمىدى.ئەزەلدىن ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، لەيلىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزۈم ئۇنىڭ يېنىدىلا تۇردۇم. نەچچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىن سىنىپىمدا ئوقۇيدىغان نىگارەمۇ ئاپتوبۇستا جىندەكلا پەيدا بولدى:
- بەرنا، مۇھەببىتىڭىز بىلەن چىقماپسىزغۇ؟
- ھە، دوستۇم بىلەن ئاچامنىڭ ئۆيىگە بارماقچىتىم، - دەپ ئاددىيلا جاۋاب بەردىم گەپنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن.
- ھە، مەنمۇ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ماڭغان ئىدىم، - ئاپتۇبۇسقا يالغۇز چىققانلىقى ئۈچۈن زېرىكىپ قالدىمۇ، بىر دەمدىن كېيىن يەنە سۆزلىگىلى تۇردى، - فىدات ئىككىڭلار ھەقىقەتەنمۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر جۇمۇ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز سوققاندەكلا ماسلىشىسىلەر.
- ھى...ھى... ئىككىمىز مۇھەببەت ئەمەس، - دەپ ئالدىراپلا جاۋاب بەردىم لەيلىنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي.
- خىجىل بولماڭە بولدى، كۈندە بىللە تاماق يەپ، بىر - بىرىڭلارنى ساقلاپ، سىزنى ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئارام كۈنلىرىمۇ بىللە ئويناپ يۈرسەڭلار يەنە مۇھەببەت بولمامسىلەر؟
مەن ئەمدى چۈشەنچە بېرەي دېدىم - يۇ، ئۇنىڭ «مەن كەلدىم، كېيىنچە كۆرىشەيلى - ھە، خوش» دېگەن گېپى بىلەن بار قىسىنچىلىقنى ئۆزۈمگە يۈكلەپ تۇرۇپ قالدىم.
- ھىم، بەرنا؟ - دېدى لەيلى گۇمان ۋە سۇئال ئارىلاش نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ.
- خاتا چۈشىنپ قالدىڭ لەيلى، ئۇ ئىككىمىز...
- بولدى، چۈشەندۈرمە. ئەينى چاغدا سېنى شۇنچە قوغلىشىپ كەتكەندە قوشۇلماي، ئەمدى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ قويسام قىلىپ كەتكەن قىلىقلىرىڭمۇ بۇ؟
زەرەپشان دەرياسىغا سەكرىسەممۇ ئۈستۈمدىكى قارىلارنى يۇيۇپ بولالمايدىغاندەك قىلاتتىم، چۈشەندۈرگەنسېرى ئۇنىڭغا قارا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن:
- لەيلى، قانداق ئويلىساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى. لېكىن فىدات ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا راستىنلا ھېچقانداق ئىش يوق. بۇ يەردە باشقىلار بىلەن تونۇشمىغاندىن كېيىن دائىم بىللە بولۇپ قالىمىز شۇ، - دەپلا گەپنى ئۈزىۋەتتىم.
شۇ كۈنى ئاچاملارنىڭ ئۆيىدە تاماقنىمۇ ئاجايىپ بىر خىل كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە يەپ چىقىپ بىر بېكەتتىن ئىككى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆز مەكتەپلىرىمىزگە قايتىشتۇق. باشقا چاغلاردا بولسا ئاۋال بىللە مېنىڭ مەكتىپىمگە كېلىپ، ياتىقىمدا بىردەم - يېرىم دەم ئولتۇرۇپ، ئاندىن لەيلىنى مەكتىپىگە يولغا سېلىپ قوياتتىم. ئەلھەكمۇلىللا، ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، بۇنچىلىك ئىشقا مېنى خاتا چۈشەنگەنگە ئۆلۈپ بېرىمەنمۇ ئەمدى...
كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىغىنىم بىلەن يەنىلا يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى بىر قىسما، ئەمدى ھېلىقى مەن ئويلاشتىنمۇ قورقىدىغان «دوستىنىڭ لوقمىسىنى تارتىۋالغان قىز» دېگەن نامغا ئېرىشىۋالغاندەك قىلاتتىم. مەكتەپتە يالغۇز يۈرۈپ قالغانغا نېمە بولاتتى، بەرىبىر كۈندە دېگۈدەك تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان يادىكار بار ئەمەسمۇ ماڭا، فىداتتىن ئۆزۈمنى تارتىپ يۈرسەم بولغۇدەك، دېگەن ئوي بىلەن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈردۈم.
كۈندە بىللە تاماق يەپ، ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويۇپ، كۈتۈپخانىلاردا بىللە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئادەمگە تام تۈۋىدىن ھوشۇر ئاخۇن چىققاندەك تۇيۇقسىزلا «بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقە قىلمايلى» دېسەم ئەلۋەتتە قاملاشمايتتى. بارا - بارا سىنىپىمدىكى ماڭا ئوخشاش مۇھەببىتى يوق ياكى يېنىدا يوق قىزلار بىلەن يېقىن ئۆتۈشكە تىرىشتىم، فىداتنى «دوستلىرىم بىلەن تاماق يەيمەن»، «دوستۇم بىلەن بىللە قايتىدىغان بولدۇم» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن رەت قىلىدىغان بولدۇم.
بۇ شەھەرنىڭ تۇنجى قارىنى تەبرىكلەپ چىمەن، نىگارە، تۇمارىسلار بىلەن مەكتەپ يېنىدىكى ساماۋەر شورپىخانىسىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، تۇيۇقسىز كەلگەن تېلىفۇن ئارامىمنى بۇزدى، تېلىفۇن ئېكرانمدا پىلىلداپ تۇرغان «يادىكار» دېگەن خەت مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتاتتى، ئۇ ئادەتتە بۇنداق چاغلاردا بەك ئاز تېلىفۇن قىلاتتى.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، - دەپ ئالدىم تېلىفۇننى ئەتراپىمدىكىلەرنى جىم بولۇشقا ئىشارەتلەپ.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نېمە ئىش قىلىپ؟
- شۇ قىزلار بىلەن ساماۋەر شورپىسى يەپ ئولتۇرغان، ئۆزىڭىزچۇ؟
- ھە، مەن ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇردۇم. ھەي، سەن نەدە، مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىمۇ؟
- ھەئە، نېمە بولدى؟
- بىر دوستۇمدىن نەرسە ئەۋەتكەن ئىدىم، بېرىپ ئېلىۋالامسەن؟
- ئادەم چالماڭە، بىرەر بايرام بولمىسا، يا مەن بىر نەرسە تاپىلىمىسام...
- تېز بول، بەك توڭۇپ كېتىپتۇ ئۇ، ياتىقىڭ تەرەپكىرەك ماڭساڭ قوڭۇر چاپان كېيىۋالغان ئېگىز بوي بىرىنى كۆرىسەن، شۇ كىشى - ھە.
- راستما؟ ماقۇل، ماقۇل. ھازىرلا باراي، - ئىچىمدە تۈمەن مىڭنى تىللىۋېتىپ نېمە ئەۋەتكەندۇ، دېگەن ئوي بىلەن چاپىنىمنى كېيىپلا ئۇ يەرگە ماڭدىم.
ئەمدىلا سەككىز يېرىم بولغان بولسىمۇ قىشنىڭ مۇدھىش كېچىلىردە كوچا چىرىقىنىڭ ياردىمىسىز بىرەر نەرسىلەرنى ئىلغا قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئۆزۈمدىن ئون مېتىرچە يىراقتىن تارقىلىۋاتقان نۇر بىلەن ئەتراپنى ئارانلا ئىلغا قىلاتتىم، بۇ يەردە قوڭۇر چاپان كىيىۋالغان ئېگىز بوي بىرىنى ئەمەس، ئېگىز بوي بىرىنىمۇ ئۇچراتمىدىم، يادىكار مېنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم:
- ھەي، ئەتراپتا نەدىمۇ ئېگىز بوي بىرى بولىدۇ، مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامدۇ، - دەپ رەنجىپلا كەتتىم ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلىماي.
- نېمە، سەن بويۇمنى پاكار كۆرىۋاتامسەن، - ئۇ شۇنداق دېگەچ كەينىمدىن كېلىپلا كۆزۈمنى ئېتىۋالدى.
ئۇنى بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېگەن خىيال ئەسلا كاللامدا بولمىغانلىقتىن بايىقى گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتىم.
- يائاللا، نېمانچە قورقاق قىزدۇ بۇ، - دەپ قولىنى قويىۋېتىپ ئالدىمغا كەلدى ئۇ.
- تۈن كېچىدە ئادەمزاتسىز كوچىدا بىرى كۆزۈمنى ئېتىۋالسا قورقمايمەنمۇ ئەمدى، - دەپ چالۋاقاپ سۆزلەپلا كەتتىم، لېكىن بۇ تاپتا ئۇنى بۇ يەردە كۆرىشىم مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتقان ئىدى.
- شۇنچە يىراقتىن كەلسەم مۇشۇ سوغۇقتا سالام - سەھەت قىلىشىپلا قوغلامسەن.
- قانداق قىلىمەن ئەمسە، مېنى ئالدىغىنىڭىز، قورقۇتقىنىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىسىڭىز بولىدۇ تېخى، - دېدىم تۇمشىقىمنى ئۇچلاپ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بېلىكىمدىن تارتىپلا «نەگە» دەپ ۋارقىراشلىرىمنىمۇ ئاڭلىماي ئېلىپ ماڭدى.
- دوستلىرىم مېنى ساقلاپ قالدى تېخى، - دېگەن گەپنىمۇ ئارانلا قىلالىدىم.
- سېنى يېمەيمەن، نېمانچە قورقىسەن. مۇشۇ ئەتراپتا بىر  قەھۋەخانا بار ئەمەسمىدى، ئورنى ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەندۇ؟
- ھە... بار، بار. مەن باشلاپ ئاپىراي دېسەم...
- ھەئە، سەن بەك باشلاپ ئاپىرىسەن، مۇشۇ يەردە تۇرغىنىمىزغىمۇ ئون مىنۇتچە بولدى، ئۇ - بۇ يەرگە بارايلىمۇ دەپ قويمىدىڭ، خىجىل بولماي باشلاپ ئاپىرىمەن، دەپ كەتكىنىنى... - ئۇ دائىم گېپىمنى تارتىۋالاتتى، مېنىڭ ئوي - خىيالىمدىمۇ كارى يوق.
قەھۋەخانىدا ئۇزاق ئولتۇرمايلا دوستلىرىم تولا تېلفۇن قىلىپ پەقەت ئارامىمىزنى قويمىدى، بىزمۇ خوشلىشىقا مەجبۇر بولدۇق.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇ مۇشۇ شەھەردە بولغان تۆت كۈندە بىز ئىزچىل بىللە يۈردۇق، يىغىن بىلەن ھايال بولۇپ قالغان بىر كۈنىدىن باشقا چاغدا ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىلا يۈردى، دەرسىم بولۇپ قالسا دەرستىن چۈشكىچە ساقلايتتى، ئاندىن بىللە تاماق يەپ، كوچا ئارىلاپ مەكتەپ ياتىقىنى تاقىغۇچە مەن بىلەنلا يۈرەتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ مۇھەببىتى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمنى پاكپاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىدى.
- بەرنا، - دەرستىن چۈشۈپ دوستلىرىم بىلەن تاماققا چىقىپ كېتىۋاتقان ئىدىم، بىر تونۇش ئاۋاز كەينىمدىن ۋارقىرىدى، - سېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەندىن قېچىشىڭ يادىكار ئۈچۈنمىدى؟ - دېدى ئۇ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ.
- ياق.
- بولدى، ئىنكار قىلما، مەن ئىككىڭلارنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ھېسسىيات ئىشىڭغا ئارىلاشقۇم يوق، يادىكارمۇ نەزىرە ھەدەمدىن ئايرىلىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ سەندىن ئەنسىرەيدىكەنمەن، بەرنا.
- سەن ئەنسىرگۈدەك ئىش يوق، باشقا ئىش بولمىسا مەن ماڭاي، - دەپلا يىراقتا مېنى ساقلاپ تۇرغان دوستلىرىمنىڭ قېشىغا ماڭدىم.
شۇ كۈنى نەزىرەنىڭ فىداتنىڭ نەۋرە ئاچسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مانا دۇنيا دېگەن، مۇشۇنچىلىك تارلا نەرسە، ماڭىسەن، شۇنچە ماڭىسەن - يۇ، بىر ئىزدىن چىقىپ كېتەلمەيسەن، بىر چەمبىرەكتىن ھالقىپ كېتەلمەيسەن.
ھازىر يادىكارنىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرغۇدەك ماغدۇر مەندە قالمىدى، پۈتۈن ئەس - يادىم فىدات بىلەن لەيلىدە. لەيلىنى ئۆزۈمگە قانداق ئىشەندۈرۈش، فىداتتىن قانداق قىلىپ يىراقلىشىش. فىداتنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلىرى مېنى ھالسىراتتى، بەزىدە «ھەي ئەخمەق، لەيلى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن!» دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، لېكىن بۇ يولدا مەن شۇنچىلىك ئاجىز ئىدىم، ئۆز ھېس - تۇيغۇلىرىمنى بايان ئەيلىيەلمىگۈدەك... خېلى ۋاقىتقىچە فىداتنىڭ سۆيگۈ ھەققىدىكى پاراڭلىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ يۈردۈم، لېكىن ئوتنى پاختا ئىچىدە ساقلىغىلى بولسۇنمۇ، بەرداشلىق بېرەلمىدىم.
- فىدات، مەن سەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس، - دەپ ئۇچۇر يازدىم ئۇنىڭغا.
- رەت قىلىشنىڭ باھانىسى نېمە دېگەن چىرايلىق - ھە، بەرنا. قايسى ئادەم مۇھەببەت يولىدا ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدىكەن. بىلىمەن، سەن مۇكەممەل ئەمەس، مەنمۇ ھەم ئۇنچە ياخشى ئەمەس. لېكىن، سەن ماڭا ماس كېلىسەن، مەن ساڭا بەخت بېرەلەيمەن.
- مەن ئۈچۈن ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىللە ئۆتۈش بەخت، ئەمەلىيەتتە مەن يادىكارنى ياخشى كۆرىمەن، - ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمدىن سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئاماللىرىم ئىچىدە بۇ ئەڭ ئەخمىقانىسى ئىدى.
لېكىن، بۇ سۆزۈم ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، شۇندىن بۇيان فىداتنى كۆرۈش دائىرەم ئىچىدە ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئاندا - ساندا مەكتەپ ئاشخانىسىدا يىراقتىن كۆرۈپ قالمىسام «كۆرمەيمەن»نىڭلا ئورنىدا ئىدى، فىداتنىڭ كۆڭلىنى مەندىن سوۋۇپ كېتىپتۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمىساممۇ ماڭا بولغان سۆيگۈ تىنىقلىرى پەسىيىپ قېلىۋاتاتتى. لەيلىنى نەچچە قېتىم ئىزدەي دەپ يەنە يالتىيىپ قالدىم، خاتا چۈشەنگەن ئۇ تۇرسا، مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي دېسەممۇ ئۇنىمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا قىلغان ئىشلىرىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئۇنىڭ يېڭى سۆيگۈسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كېتىۋاتساممۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتسا ئۇنى يەنە ئىزدەپ ھال ئېيتىپ يۈرىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى. يامىنى كەلسە دوستلۇقنى قەدىرلىيەلمەس دوستۇمدىن بىرىدىن ئايرىلىمەن شۇ. شۇ ئوي - خىياللار بىلەن رىئال دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ يادىكارغىلا ئەسرا بولۇپ قالدىم. مەن ئۇنىڭ پارازىتىدەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغاندەك.
تولۇن ئاي ئاسمىنىمدا ئېسىلىپ تۇراتتى، بۇ ئۇيقۇسىز كېچە يەنە يادىكار بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىم. مەنلا ئەمەس بۇ ياتاقتىكى مەندىن باشقا بەش قىزمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالماي قىينىلاتتى. ئۇيقۇسىزلىق ئاتلىق بۇ ۋىرۇس قاچانلاردا بىزنىڭ ياتاققا تارقىلىپ ھەممىمىزنى يۇقۇملاندۇردىكىن، ئىشقىلىپ ھەممىمىزلا شەپەرەڭ پالۋاندەك تۈن پائالىيىتىنى كۆپرەك قىلاتتۇق. ھالبۇكى، مېنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشۇم يادىكار، يادىكاردىن قالسا يەنە يادىكار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاكى بىرەرىمىز ئۇخلاپ قالغۇچە پاراڭلىشاتتۇق. ئۇيقۇغا ئىلىنىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىم ئاخىرقى تىنىقىدا ئۇ يازغان خەتلەرنى كۆرىۋاتاتتى:
- قوزام، سەندىن بىر سۇئال سورايمۇ، - ئۇنىڭ مېنى قاچانلاردىن بۇيان بۇنداق تاتلىق سۆزلەر بىلەن چاقىرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
- سوراڭ، قېنى سوراڭ، - شۇ تاپتا ئۇخلاپ قېلىشتىن شۇنچە قورقاتتىم.
- مۇھەببەتلەر بىر قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئارىدىكى ھېس - تۇيغۇ سۇسلامدۇ؟
- بۇنى مەن قانداق بىلەي، مەن يا بىرەر قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باقمىسام.
- ھىم... ئۆز قارىشىڭنى سۆزلەپ باقساڭچۇ، - بۇ ھەققىدىكى پاراڭلاردا ئۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
- مېنىڭچە بولغاندا، مۇھەببەت دېگەن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق بەدەل تۆلەيدىغان شېرىن مېۋە، نۆرىتى كەلسە يەنە زەھەرلىك تاماق. دۇنيادە نەدىمۇ سوقۇشمايدىغان ئاشىق - مەشۇقلار بار، ھەھممە ئادەم سوقىشىدۇ، ئايرىلىدۇ، يەنە قايتا يارىشىدۇ. بەزىلەر دەيدىكەن، يوقاتقان نەرسىسىنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسمۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ. لېكىن، مەن ئويلايمەن، يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىكنىمۇ يوق دېگۈلى بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ قەدرىگە يەتسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتۈپ كېتەر - ھە...
- ئاجايىپ پەيلاسوپلاردەك سۆزلەيسەن - ھە، - ئاۋازىدىن ئۇنىڭ خۇرسىنىشلىرىنى، ئازابىنى، ئېيتىپ بولماس ئىككىلىنىشىنى تامامەن ھېس قىلغىلى بولاتتى، - ساڭا دېسەم مەن مۇھەببىتىم بىلەن ئارىلاشقىلى بەش يىلچە بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپتۇ. دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن يېنىشىۋالغىن، دەپ نەسىھەت قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇ تاپتا كاللام ئۇماچ بولۇپ كەتتى، بەرنا.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشىمغا ئۇرۇلغان توقماقتەك مېنى بىراقلا سەگىتتى.
- ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ - مەن گەپ قىلىشتىن خەت يېزىشقا كۆچتۈم، سۆزلىسەم يىغلاپ تاشلىشىمدىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇشىمدىن قورقاتتىم.
- بۇنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكەنتۇق، ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭغا بولغىنى پەقەتلا بىر خىل ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە كۆنۈشتەكلا بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك...
- قانداق؟
- ئۇ مېنى ياخشى كۆرسە باشقا يىگىتلەرگە ئەركىلەپ يۈرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ شۇنداق قىلامتىڭ، - ئۇنىڭ بۇ سۇئالى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەگەر مەن يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بولسام... ئاھ، لېكىن بۇ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى بەخت تۇيغۇسى ماڭا مەڭگۈ نېسىپ بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
- مەن.... بىلمىدىم جۇمۇ. لېكن، مېنىڭچە بىر ئادەمنى سۆيسەم ئۇنىڭغا ئاداققىچە ساداقەتمەن بولارمەن، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە. مۇھەببەت دېگەن كاللا قىزىقچىلىقىدا چىقارغان ئاددىيلا قارار ئەمەس ۋە ياكى ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇنىڭغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ ئاساس بولۇشى كېرەكتە، توغرا دېدىممۇ؟ - دېدىم ئۇنىڭغا تۇنجى رەت ئۆز قاراشلىرىمنى بايان ئەيلەپ.
- بەرھەق، بەرھەق. سەندەك قىز بالا بىلەن مۇھەببەتلەشكەن كىشى نېمە دېگەن بەختلىكتۇ - ھە، - بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا يۈرىكىم لەرزىگە كېلىپ كۆۋەجەپ كەتتى، بۈگۈن يەنە كېچىنى تاڭغا ئۇلايدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنمۇ بالكونغا چىقىۋېلىپ ئاي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئولتۇردۇم.
كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۇ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنىڭ باھانىسىدە بىراقلا يوقاپ كەتتى، ئىچىمدە تۈمەن مىڭ قۇرت ئۆمىلەپ مېنىمۇ بىئارام قىلىپ كېتىۋاتاتتى. كىشىلەرنىڭ خۇمار بولۇپ قالغان نەرسىسىنى تاشلىيالماسلىقىدىكى سەۋەب مۇشۇمىكىن - ھە. مەنمۇ يادىكارغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. 4 – كۈنى بىز پەۋقۇلادە قىزغىن، بۇرۇنقىدىنمۇ قىزغن ھالەتتە پاراڭلاشتۇق، ئۇزۇندىن - ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ئۇ كېچە چىرايمدا كۈلكىمۇ جىلۋە قىلدى، كۆزلىرىمدىن ئۈنچىلەرمۇ ئاقتى.
بەشىنچى كۈنى، ئاشۇ قارا يەكشەنبە مەن پۈتكۈل دۇنيانى يالغۇز قۇچاقلاپ قالدىم. يادىكار ماڭا نەزىرە بىلەن يېنىشىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مېنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ نەزىرە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مەڭگۈ بىلەلمەيتتى....

ئەمدىلا سەككىز يېرىم بولغان بولسىمۇ قىشنىڭ مۇدھىش كېچىلىردە كوچا چىرىقىنىڭ ياردىمىسىز بىرەر نەرسىلەرنى ئىلغا قىلىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئۆزۈمدىن ئون مېتىرچە يىراقتىن تارقىلىۋاتقان نۇر بىلەن ئەتراپنى ئارانلا ئىلغا قىلاتتىم، بۇ يەردە قوڭۇر چاپان كىيىۋالغان ئېگىز بوي بىرىنى ئەمەس، ئېگىز بوي بىرىنىمۇ ئۇچراتمىدىم، يادىكار مېنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم:
- ھەي، ئەتراپتا نەدىمۇ ئېگىز بوي بىرى بولىدۇ، مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق قىلامدۇ، - دەپ رەنجىپلا كەتتىم ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلىماي.
- نېمە، سەن بويۇمنى پاكار كۆرىۋاتامسەن، - ئۇ شۇنداق دېگەچ كەينىمدىن كېلىپلا كۆزۈمنى ئېتىۋالدى.
ئۇنى بۇ يەرگە كېلىدۇ، دېگەن خىيال ئەسلا كاللامدا بولمىغانلىقتىن بايىقى گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ قورقۇپ ۋارقىراپ كەتتىم.
- يائاللا، نېمانچە قورقاق قىزدۇ بۇ، - دەپ قولىنى قويىۋېتىپ ئالدىمغا كەلدى ئۇ.
- تۈن كېچىدە ئادەمزاتسىز كوچىدا بىرى كۆزۈمنى ئېتىۋالسا قورقمايمەنمۇ ئەمدى، - دەپ چالۋاقاپ سۆزلەپلا كەتتىم، لېكىن بۇ تاپتا ئۇنى بۇ يەردە كۆرىشىم مېنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىۋاتقان ئىدى.
- شۇنچە يىراقتىن كەلسەم مۇشۇ سوغۇقتا سالام – سەھەت قىلىشىپلا قوغلامسەن.
- قانداق قىلىمەن ئەمسە، مېنى ئالدىغىنىڭىز، قورقۇتقىنىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىسىڭىز بولىدۇ تېخى، - دېدىم تۇمشىقىمنى ئۇچلاپ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بېلىكىمدىن تارتىپلا «نەگە» دەپ ۋارقىراشلىرىمنىمۇ ئاڭلىماي ئېلىپ ماڭدى.
- دوستلىرىم مېنى ساقلاپ قالدى تېخى، - دېگەن گەپنىمۇ ئارانلا قىلالىدىم.
- سېنى يېمەيمەن، نېمانچە قورقىسەن. مۇشۇ ئەتراپتا بىر  قەھۋەخانا بار ئەمەسمىدى، ئورنى ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەندۇ؟
- ھە... بار، بار. مەن باشلاپ ئاپىراي دېسەم...
- ھەئە، سەن بەك باشلاپ ئاپىرىسەن، مۇشۇ يەردە تۇرغىنىمىزغىمۇ ئون مىنۇتچە بولدى، ئۇ – بۇ يەرگە بارايلىمۇ دەپ قويمىدىڭ، خىجىل بولماي باشلاپ ئاپىرىمەن، دەپ كەتكىنىنى...- ئۇ دائىم گېپىمنى تارتىۋالاتتى، مېنىڭ ئوي – خىيالىمدىمۇ كارى يوق.
قەھۋەخانىدا ئۇزاق ئولتۇرمايلا دوستلىرىم تولا تېلفۇن قىلىپ پەقەت ئارامىمىزنى قويمىدى، بىزمۇ خوشلىشىقا مەجبۇر بولدۇق.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇ مۇشۇ شەھەردە بولغان تۆت كۈندە بىز ئىزچىل بىللە يۈردۇق، يىغىن بىلەن ھايال بولۇپ قالغان بىر كۈنىدىن باشقا چاغدا ئۇ بىزنىڭ مەكتەپتىلا يۈرەتتى، دەرسىم بولۇپ قالسا دەرستىن چۈشكىچە ساقلايتتى، ئاندىن بىللە تاماق يەپ، كوچا ئارىلاپ مەكتەپ ياتىقىنى تاقىغۇچە مەن بىلەنلا يۈرەتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ مۇھەببىتى بارلىقى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمنى پاكپاكىزە سۈپۈرۈپ تاشلىدى.
- بەرنا، - دەرستىن چۈشۈپ دوستلىرىم بىلەن تاماققا چىقىپ كېتىۋاتقان ئىدىم، بىر تونۇش ئاۋاز كەينىمدىن ۋارقىرىدى، - سېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەندىن قېچىشىڭ يادىكار ئۈچۈنمىدى؟ - دېدى ئۇ يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ.
- ياق.
- بولدى، ئىنكار قىلما، مەن ئىككىڭلارنىڭ بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ھېسسىيات ئىشىڭغا ئارىلاشقۇم يوق، يادىكارمۇ نەزىرە ھەدەمدىن ئايرىلىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ سەندىن ئەنسىرەيدىكەنمەن، بەرنا.
- سەن ئەنسىرگۈدەك ئىش يوق، باشقا ئىش بولمىسا مەن ماڭاي، - دەپلا يىراقتا مېنى ساقلاپ تۇرغان دوستلىرىمنىڭ قېشىغا ماڭدىم.
شۇ كۈنى نەزىرەنىڭ فىداتنىڭ نەۋرە ئاچسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مانا دۇنيا دېگەن، مۇشۇنچىلىك تارلا نەرسە، ماڭىسەن، شۇنچە ماڭىسەن – يۇ، بىر ئىزدىن چىقىپ كېتەلمەيسەن، بىر چەمبىرەكتىن ھالقىپ كېتەلمەيسەن.
ھازىر يادىكارنىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرغۇدەك ماغدۇر مەندە قالمىدى، پۈتۈن ئەس – يادىم فىدات بىلەن لەيلىدە. لەيلىنى ئۆزۈمگە قانداق ئىشەندۈرۈش، فىداتتىن قانداق قىلىپ يىراقلىشىش. فىداتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلىرى مېنى ھالسىراتتى، بەزىدە «ھەي ئەخمەق، لەيلى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن!» دەپ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى، لېكىن بۇ يولدا مەن شۇنچىلىك ئاجىز ئىدىم، ئۆز ھېس – تۇيغۇلىرىمنى بايان ئەيلىيەلمىگۈدەك... خېلى ۋاقىتقىچە فىداتنىڭ سۆيگۈ ھەققىدىكى پاراڭلىرىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ يۈردۈم، لېكىن ئوتنى پاختا ئىچىدە ساقلىغىلى بولسۇنمۇ، بەرداشلىق بېرەلمىدىم.
- فىدات، مەن سەن ئويلىغاندەك ياخشى قىز ئەمەس، - دەپ ئۇچۇر يازدىم ئۇنىڭغا.
- رەت قىلىشنىڭ باھانىسى نېمە دېگەن چىرايلىق – ھە، بەرنا. قايسى ئادەم مۇھەببەت يولىدا ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدىكەن. بىلىمەن، سەن مۇكەممەل ئەمەس، مەنمۇ ھەم ئۇنچە ياخشى ئەمەس. لېكىن، سەن ماڭا ماس كېلىسەن، مەن ساڭا بەخت بېرەلەيمەن.
- مەن ئۈچۈن ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن بىللە ئۆتۈش بەخت، ئەمەلىيەتتە مەن يادىكارنى ياخشى كۆرىمەن، - ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمدىن سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئاماللىرىم ئىچىدە بۇ ئەڭ ئەخمىقانىسى ئىدى.
لېكىن، بۇ سۆزۈم ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، شۇندىن بۇيان فىداتنى كۆرۈش دائىرەم ئىچىدە ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئاندا – ساندا مەكتەپ ئاشخانىسىدا يىراقتىن كۆرۈپ قالمىسام «كۆرمەيمەن»نىڭلا ئورنىدا ئىدى، فىداتنىڭ كۆڭلىنى مەندىن سوۋۇپ كېتىپتۇ، دەپ كېسىپ ئېيتالمىساممۇ ماڭا بولغان سۆيگۈ تىنىقلىرى پەسىيىپ قېلىۋاتاتتى. لەيلىنى نەچچە قېتىم ئىزدەي دەپ يەنە يالتىيىپ قالدىم، خاتا چۈشەنگەن ئۇ تۇرسا، مەن ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي دېسەممۇ ئۇنىمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا قىلغان ئىشلىرىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئۇنىڭ يېڭى سۆيگۈسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ كېتىۋاتساممۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتسا ئۇنى يەنە ئىزدەپ ھال ئېيتىپ يۈرىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى. يامىنى كەلسە دوستلۇقنى قەدىرلىيەلمەس دوستۇمدىن بىرىدىن ئايرىلىمەن شۇ. شۇ ئوي – خىياللار بىلەن رىئال دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ يادىكارغىلا ئەسرا بولۇپ قالدىم.  مەن ئۇنىڭ پارازىتىدەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىدىغاندەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغاندەك.
تولۇن ئاي ئاسمىنىمدا ئېسىلىپ تۇراتتى، بۇ ئۇيقۇسىز كېچە يەنە يادىكار بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشتىم. مەنلا ئەمەس بۇ ياتاقتىكى مەندىن باشقا بەش قىزمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالماي قىينىلاتتى. ئۇيقۇسىزلىق ئاتلىق بۇ ۋىرۇس قاچانلاردا بىزنىڭ ياتاققا تارقىلىپ ھەممىمىزنى يۇقۇملاندۇردىكىن، ئىشقىلىپ ھەممىمىزلا شەپەرەڭ پالۋاندەك تۈن پائالىيىتىنى كۆپرەك قىلاتتۇق. ھالبۇكى، مېنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشۇم يادىكار، يادىكاردىن قالسا يەنە يادىكار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تاكى بىرەرىمىز ئۇخلاپ قالغۇچە پاراڭلىشاتتۇق. ئۇيقۇغا ئىلىنىپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىم ئاخىرقى تىنىقىدا ئۇ يازغان خەتلەرنى كۆرىۋاتاتتى:
- قوزام، سەندىن بىر سۇئال سورايمۇ، - ئۇنىڭ مېنى قاچانلاردىن بۇيان بۇنداق تاتلىق سۆزلەر بىلەن چاقىرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم.
- سوراڭ، قېنى سوراڭ، - شۇ تاپتا ئۇخلاپ قېلىشتىن شۇنچە قورقاتتىم.
- مۇھەببەتلەر بىر قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئارىدىكى ھېس – تۇيغۇ سۇسلامدۇ؟
- بۇنى مەن قانداق بىلەي، مەن يا بىرەر قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باقمىسام.
- ھىم... ئۆز قارىشىڭنى سۆزلەپ باقساڭچۇ، - بۇ ھەققىدىكى پاراڭلاردا ئۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
- مېنىڭچە بولغاندا، مۇھەببەت دېگەن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق بەدەل تۆلەيدىغان شېرىن مېۋە، نۆرىتى كەلسە يەنە زەھەرلىك تاماق. دۇنيادە نەدىمۇ سوقۇشمايدىغان ئاشىق – مەشۇقلار بار، ھەھممە ئادەم سوقىشىدۇ، ئايرىلىدۇ، يەنە قايتا يارىشىدۇ. بەزىلەر دەيدىكەن، يوقاتقان نەرسىسىنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھېسمۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ. لېكىن، مەن ئويلايمەن، يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىكنىمۇ يوق دېگۈلى بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ قەدرىگە يەتسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتۈپ كېتەر – ھە...
- ئاجايىپ پەيلاسوپلاردەك سۆزلەيسەن – ھە، - ئاۋازىدىن ئۇنىڭ خۇرسىنىشلىرىنى، ئازابىنى، ئېيتىپ بولماس ئىككىلىنىشىنى تامامەن ھېس قىلغىلى بولاتتى، - ساڭا دېسەم مەن مۇھەببىتىم بىلەن ئارىلاشقىلى بەش يىلچە بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپتۇ. دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن يېنىشىۋالغىن، دەپ نەسىھەت قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇ تاپتا كاللام ئۇماچ بولۇپ كەتتى، بەرنا.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بېشىمغا ئۇرۇلغان توقماقتەك مېنى بىراقلا سەگىتتى.
- ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ - مەن گەپ قىلىشتىن خەت يېزىشقا كۆچتۈم، سۆزلىسەم يىغلاپ تاشلىشىمدىن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئوسال بولۇشىمدىن قورقاتتىم.
- بۇنى مەنمۇ بىلىپ بولالمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۆتكەنتۇق، ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭغا بولغىنى پەقەتلا بىر خىل ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە كۆنۈشتەكلا بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك...
- قانداق؟
- ئۇ مېنى ياخشى كۆرسە باشقا يىگىتلەرگە ئەركىلەپ يۈرەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ شۇنداق قىلامتىڭ، - ئۇنىڭ بۇ سۇئالى مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەگەر مەن يادىكارنىڭ مۇھەببىتى بولسام... ئاھ، لېكىن بۇ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى بەخت تۇيغۇسى ماڭا مەڭگۈ نېسىپ بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
- مەن.... بىلمىدىم جۇمۇ. لېكن، مېنىڭچە بىر ئادەمنى سۆيسەم ئۇنىڭغا ئاداققىچە ساداقەتمەن بولارمەن، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە. مۇھەببەت دېگەن كاللا قىزىقچىلىقىدا چىقارغان ئاددىيلا قارار ئەمەس ۋە ياكى ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇنىڭغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ ئاساس بولۇشى كېرەكتە، توغرا دېدىممۇ؟ - دېدىم ئۇنىڭغا تۇنجى رەت ئۆز قاراشلىرىمنى بايان ئەيلەپ.
- بەرھەق، بەرھەق. سەندەك قىز بالا بىلەن مۇھەببەتلەشكەن كىشى نېمە دېگەن بەختلىكتۇ – ھە، - بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا يۈرىكىم لەرزىگە كېلىپ كۆۋەجەپ كەتتى، بۈگۈن يەنە كېچىنى تاڭغا ئۇلايدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىنمۇ بالكونغا چىقىۋېلىپ ئاي مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ ئولتۇردۇم.
كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۇ زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنىڭ باھانىسىدە بىراقلا يوقاپ كەتتى، ئىچىمدە تۈمەن مىڭ قۇرت ئۆمىلەپ مېنىمۇ بىئارام قىلىپ كېتىۋاتاتتى. كىشىلەرنىڭ خۇمار بولۇپ قالغان نەرسىسىنى تاشلىيالماسلىقىدىكى سەۋەب مۇشۇمىكىن – ھە. مەنمۇ يادىكارغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك قىلاتتىم. 4 – كۈنى بىز پەۋقۇلادە قىزغىن، بۇرۇنقىدىنمۇ قىزغن ھالەتتە پاراڭلاشتۇق، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ئۇ كېچە چىرايمدا كۈلكىمۇ جىلۋە قىلدى، كۆزلىرىمدىن ئۈنچىلەرمۇ ئاقتى.
بەشىنچى كۈنى، ئاشۇ قارا يەكشەنبە مەن پۈتكۈل دۇنيانى يالغۇز قۇچاقلاپ قالدىم. يادىكار ماڭا نەزىرە بىلەن يېنىشىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مېنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ نەزىرە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، مەڭگۈ بىلەلمەيتتى....

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

26#
ۋاقتى: 2013-8-14 11:05:53 | ئايرىم كۆرۈش
خەپ يادىكار، مەن بولسام ئۇنىڭغا ۋەھشى ئۆچ بولۇپ كىتەتتىم....

6

تېما

149

يازما

1380

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
149
تىللا:
1092
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-29

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

27#
ۋاقتى: 2013-8-14 11:53:49 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 12:15
مۇھەببەت يولىدا تېڭىرقىغان قىزلارغا بېغىشلايمەن ۋە ب ...

رەخمەت
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ......

6

تېما

149

يازما

1380

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 68
يازما سانى:
149
تىللا:
1092
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-29

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

28#
ۋاقتى: 2013-8-14 12:03:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرنى تېزىراق يازاسىز كەچۇر   سزگە ئۇتۇق تېلەيمەن
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ......

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

29#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-14 15:23:45 | ئايرىم كۆرۈش
گۈلۈم يوللىغان ۋاقتى  2013-8-14 11:05
خەپ يادىكار، مەن بولسام ئۇنىڭغا ۋەھشى ئۆچ بولۇپ كىتەتت ...

لېكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن...
ئاڭلىغانمىدىڭ بىر ناخشىنى «نە سەۋەب كەلمىدىڭ بىباشلىقىمدا...»
بەرنانىڭ ئورنىدا بولغان بولساڭ سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالاتتىڭ... ئاشىقنىڭ كۆزى كور، قۇلىقى گاس. يۈرىكىنىڭ تىتما - تىتما بولۇشىغا چىدايدۇ - يۇ، ئاشىقىدىن ۋاز كېچىشكە چىدىمايدۇ

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

30#
ۋاقتى: 2013-8-14 16:11:14 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-14 15:23
لېكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن...
ئاڭلىغانمىدىڭ بىر ناخش ...

راسىت دەيسەن، مەنمۇ ئۆچ بولالمىغان تۇرسام....

باھا سۆز

شۇ ئەمەسمۇ مانا  ۋاقتى: 2013-8-14 16:25
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:46 , Processed in 0.156208 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش