|
7
كۈنلىرىم بىر خىل رېتىمدا. فىدات يوق، يادىكار يوق، سۆيگۈ يوق دۇنيادا ئۆز ئەركىمچە ياشاۋاتىمەن. تۇيۇقسىز «يەر چاشقىنى ئۇرۇش»تىكى چاشقانلاردەك پەيدا بولۇپ قالىدىغان يېڭى – يېڭى كۆڭۈل ئىزھارلىغۇچىلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرىۋېتىپ سۆيگۈدىن يىراق تۇرىۋاتىمەن. گەرچە يادىكار بىلەن ھېلىھەم ئاكا – سىڭىللاردەك ئۆتۈۋاتقان بولساممۇ قەلبىمدە سۆيگۈم يەنىلا ئۇنىڭغا تالىق، يۈرىكىمنى ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە بېرەلمەيدىغان ئوخشايمەن.
سۆيگۈ – مۇھەببەت تولىمۇ سىرلىق نەرسىكەن دەيمەن، ئۇ مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكىنىدە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلمايدىكەنسەن. مەشۇقىڭ يېنىڭدا بولسا، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ مۈۋجۈتلىقىنى بىلسەڭلا چەكسىز قانائەت تۇيغۇسىغا چۆمىدىكەنسەن. مەنمۇ ساخاۋەتچى جىگۇڭدەك فىداتنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى بىرمۇ بىر يادىكارغا ياندۇرۇپ بېرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلايمەن، خۇشاللىقىغا جۆر بولىمەن، يالاڭ ئاياغ دوختۇرىدەك ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىمەن، لېكىن بۇرۇنقىدەك كۈندىلا ئىزدەپ تۇرىۋالمايمەن. بەلكىم، چوڭ بولغاندىمەن ياكى مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بارا – بارا بىلپ قېلىۋاتقاندىمەن، ئىشقىلىپ باشقا قىزلارنىڭ مەن سەۋەبلىك ئازار يەپ قېلىشىنى خالىمىغاچ يادىكار مېنى ئىزدىمىسە زىنھار ئىزدىمەيمەن. ئۇنىڭ ئېسىگە، ئاغرىپ قالغىنىدا «پالانى ئەسكى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بىر رەمچى موماي بار ئىدىغۇ» دەپ ئامالسىز چاغلىرىدا ئەسلەپ قالىدىغان بىچارە مومايدەك ناگان – ناگاندا كىرىپ قالىمەن.
ھەر كۈنى كەچتە ياتاقتىكى قىزلار مۇھەببەتلىرى بىلەن شېرىن – شېكەر پاراڭلارنى قىلىشىپ پەس ئاۋازدا تېلفۇن پاراڭلىشاتتى، ياتاقتا مۆلدۈر بولغان بولسا ئۇنى بىردەم گەپكە سېلىپ ئولتۇراتتىم. مۇھەببىتى بولمىغىنى بىلەن دوستى ئاجايىپ جىق قىزمىكىن، يېقىندىن بۇيان كېچىلىرى ياتاققا كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى. مەن كىتاب ئوقۇشنى ئۆزۈمگە ئەرمەك قىلدىم، ياستۇقۇمنىڭ يېنىغا ئۆزۈمنىڭ، ياتاقداشلىرىمنىڭ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ، كۈتۈپخانىنىڭ بولۇپ ئوندىن ئارتۇق كىتاب تىزىلىپ كېتەتتى، بۇرۇندىن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولغاچقا ياستۇق بېشىدىكى كىتابلىرىم ئايدا بىر دېگۈدەك ئالمىشىپ تۇراتتى.
بالكونىمىزنى قېلىن قار بېسىۋېلىپ ئىشىكنىمۇ ئاچالمايدىغان بولغاچقا بۇرۇنقىدەك ئاي تاماشاسى قىلىش كەلمەسكە كەتتى. پۈتكۈل ئەتراپ سۈكۈناتقا چۆمىدۇ، بىزنىڭ ياتاق – كىچىك دۇنيايىمىز قاينايدۇ. مەن كىتابلىرىمغا ئەسىر بولۇپ دۇنيانى ئۇنتۇيمەن. ئاپئاق مامۇقتەك قارلار پەيدەك لەيلەپ چۈشۈپ ئەتراپنى تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغان كۈنى ئاياللارغا خاس رومانتكلىقىم بەكرەك قوزغاپ كەتتىمۇ ياستۇقۇم يېنىدىكى «يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار»نى قولۇمغا ئالدىم. «سۆيۈملۈكۈم، بىز ھەممىمىز ئالدامچى»نى قايناپ تۇرۇپ، كۆپۈپ تۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ئىدىم «دىت، دىت – دىت» قىلغان يېقىمسىز ئاۋاز ئارامىمنى بۇزدى.
- سېنىڭ تېلفونۇڭ كېچىدە سايرىمىغىلى خېلى بولغانتى – ھە، بىرەر تاياق ئوشتىۋېتەمدۇق قانداق؟ - چىمەننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا ھەممەيلەن دىققىتىنى ماڭا بۇراپ بىر – ئىككى ئېغىزدىن چاقچاقلىرىنى تۆكىۋالدى.
ھەقىقەتەن، ئۈندىدارىم 24 سائەتلەپ ئوچۇق تۇرسىمۇ، تېلفونۇم ئەزەلدىن ئېتىلمىسىمۇ كۈندۈزى ئاپام تېلفون قىلىپ قالمىسا باشقا كىشىلەر مېنى ئاۋارە قىلمايتتى. ئاندا – ساندا تېلفونۇم سايراپ قالغان كۈنلىرىمۇ دەرس سېتكىسى، يىغىن ئورۇنلاشتۇرىشى دېگەندەكلەرنى سوراپ تېلفون قىلغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرەر مىنۇتلا پاراڭلىشىپ قويىۋېتەتتىم. ھالبۇكى، بۇنداق ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئاۋازىنى يادىكارنىڭ رەمچى موماينى ئەسلەپ قالغان كۈنلىرىدىن باشقا چاغدا پەقەت ئاڭلىمايتتىم، لېكىن ئۇ پەقەت ئۈندىدارىمغىلا گەپ قىلاتتى.
خىيال دېگەن – ھە، توكقا قاچىلىنىۋاتقان تېلفونىمنى ئېلىپ كىمنىڭ QQرىمغا خەت يازغانلىقىنى كۆرۈپ بولغۇچە ئاشۇلارنى ئويلاپ بوپتىمەن، كۆز ئالدىمدا جىلمىيىپ ياتقان «دوستلۇق ئۇچۇرى» مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. يۇرتدېشىم، قىز بالا، يەنە كېلىپ مېنى قوشۇش ئۈچۈن ئەڭ يېقىنلىرىملا بىلىدىغان سۇئالغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. قايسى دوستۇم نومۇرىنى ئالماشتۇرۇپ قايتا قوشقاندۇ دېگەن ئوي تەقەززاسىدا ماتېرىيالىغا كۆز يۈگۈرۈتتۈم، تور ئىسمىدا سۇنايلىنىپ ياتقان ئېنگىلىزچە يېزىقتىكى «بوم!» مېنى مۇشۇ تاپتىلا پارتىلىتىپ كۇكۇم – تالقان قىلىۋېتىدىغاندەك ئىدى.
- بەرنا؟ - ئارىمىزدىكى گەپ مانا مۇشۇنداق سالام – سەھەتسىزلا باشلىنىپ كەتتى.
- ھەئە، مەن. سىز؟- بۇ ئەدەپسىزگە تەكەللۇپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدىم.
- كىم بولىشىم بىلەن بىزنىڭ پارىڭىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. سەن ماھىرەنىڭ سىڭلىسىغۇ – ھە؟
- ھىم، نوپۇس تەكشۈرەمتىڭ؟ قايسى كىشى ساڭا مېنى سەنلەشتەك ئالىي ھوقۇقنى بېرىۋەتتى، - دېدىم ئۇنىڭغا قوپاللا تېگىپ. ئادەتتە باشقىلار بىلەن سەنلىشىشنى ياخشى كۆرگىنىم بىلەن رۇخسەتسىزلا سەنلىگەنلەرنى چايناپ پۈركىۋەتكۈم كېلەتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھاكاۋۇرلىقى ئوغامنى قاينىتىپ قۇيقا چاچلىرىمنى تىك تۇرغۇزدى.
- ۋۇي، ئۆي مۈشۈكى تالا مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ، دېگەن راست گەپكەن – ھە. خەقنىڭ ئاشنىسىغا كىم قويۇپتۇ بۇنچە پوپاڭلىقنى! – ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تېمىۋاتقان ھەر بىر بىئەدەپلىكنىڭ زەھىرى ئۇدۇل بېرىپ يۈرىكىمگە، ئەڭ ئاجىز يېرىمگە تېگىۋاتاتتى، شۇنداق، ئۇ ئازار يېدى.
- ئېغىزىڭنى تارتىپراق گەپ قىلساڭ بولارمىكىن، نەزىرە! – گەپلەر بۇنچە ئوچۇق بولۇپ كەتكەن يەردە ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىشىم ئەلۋەتتە تەس ئەمەس.
- ياخشى، مېنىڭ كىملىكىمنىمۇ بىلىدىكەنسەندە. ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى، ئارتۇق گەپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى، يادىكاردىن ئۈمىدىڭنى ئۈز، ئۇ مېنىڭ.
- يادىكاردىن؟ مەن يادىكارنى سەندىن تارتىۋالىمەن دەپتىمەنمۇ؟ ئوغۇل بالا كەم ئەمەس ماڭا، - بۇ تاپتا ئۇنىڭ ئالدىدا ئازىراقمۇ ئاجىزلىق قىلسام بولمايتتى، - ئۆزۈڭ ئاۋال باشقا يىگىتلەرنى ئازدۇرىشىڭنى توختاتقىنا، 3 – شەخس، - ئاخىرقى گەپلىرىمنى شۇنچىلىك زەردە بىلەن دېدىمكى ئۇنىڭ «ئاشنىسى» دېگەن خەتلىرىنى ئوقۇۋاتقىنىمدىكى ئاچچىقىمنى بىراقلا چىقىرىۋالدىم.
- نېمە، ماڭا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتامسەن تېخى. بۈگۈنكى جاۋابكار سەن، ئۇنتۇپ قالما.
- جاۋابكار؟ ئۆزۈڭنى سوتچى كۆرۈپ قالدىڭمۇ، ۋاي قوۋۇرغامەي. باشقىلارنىڭ ئايالى بار ئەرلەرنى ئازدۇرغىنىنى كۆرۈپتىكەنمەن، سەن قانداق 3 – شەخس ئەمدى مۇھەببەتلىشىۋاتقان يىگىتلەرنىلا ئازدۇرىدىغان. باشقا ئىشلىرىڭنىغۇ مېنى بىلمەيدۇ دېسەڭ، ماھىرەنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ئادەم مۇتەللىپ بىلەنمۇ تۇغقانچىلىقىم بارلىقىنى بىلەر – ھە. يادىكار مېنىڭ دېيىشتىن بۇرۇن ئۇنى قەدىرلەشنى ئۆگىنە، ھېلىغۇ ئۇنى ئاكامنىڭ ئورنىدا كۆرىدىكەنمەن بولمىغان بولسا سەندەكلەرنىڭ ئۇنى ئازابلىشىغا قاراپ تۇرمايتتىم. مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنىڭ بولمىسىمۇ خەقنىڭ بولۇپ كېتىدۇ، - ئىچىمدىكىنىڭ ھەممىنى دەۋېلىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماسلىق ئۈچۈن نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتتىم.
باشقىلارنىڭ گەپلىرىگە ئۇنچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان قىزنىڭ كاللىسى ئۇنىڭ «بوم»ى بىلەنلا پارتلاپ تېرە – پېرەن بولۇپ كەتتى. قايناق سۇنى تېزلا ئىچىۋالغاندەك ئىچ – باغرىم ئۆرتىنىپ خېلىغىچە يۈردۈم. نېمە قىلغىنىمغا بۇنچە دىل ئازارلىقى تارتىمەن! كۈننىڭ تەپتى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ قارلارنى ئېرىتەلمىگەندەك يادىكار ماڭا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ نەزىرەنىڭ زەھەردەك سۆزلىرىنى يۇيۇپ بولالمىغان ئىدى. ھاياتىمدا تۇنجى رەت ئۆزۈم سۆيگەن كىشىگە قاتتىق تەگدىم، ئۇنىڭ تېلفونلىرىنى ئالمىدىم، قىلغان گەپلىرىگىمۇ ئازدىن – ئاز جاۋاب قايتۇردۇم، ئۇنى سېغىنسام يوتقانغا پۈركىنىۋېلىپ يىغلايتتىم، ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىگە قاراپ ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ كېتەتتىم، بۇرۇن قىلىشقان پاراڭلىرىمىزنى قايتا – قايتا ئوقۇپ بىردە كۈلۈپ بىردە يىغلاپ ساراڭدەك ئولتۇراتتىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتىم، يېنىدا تۇرساملا كۇپايىلىنەتتىم، لېكىن تەقدىر مۇشۇ كىچىككىنە تەلىپىمنىمۇ رەھىمسىزلەرچە بوغۇپ تاشلىماقچى ئىدى...
- بۇ شەھەرنىڭ يىگىتلىرىگە نېمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ، كېيىن ئۆيدىكىلەر پالانىغا تەگ، دېسە «خوپ» دەپ قول قوشتۇرساق بولىدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ، - دېدى راھىلە مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ھال ئېيتىپ.
- قانداق دەيسەن؟ ئەكبەرنىڭ ئۇنداق قىلغىنىغا پۈتۈن ئوغۇللارنى يوققا چىقاردىڭغۇ، ئاداش.
- ئۇنى دەيسەن، بۇنى دەيسەن، بىزنىڭ شەھەرنىڭ يىگىتلىرىغۇ ھەقىقەتەن ئېسىل. ئەكبەرنىڭ قىلغىنىنى دېمىسەممۇ بىلىسەن. ئىلىيارنىڭمۇ مۇھەببىتىنى تاشلاپ بىر كىچىك قىزنى تېپىۋالغىنىنى بىلىسەن. نەزىرە ئاچاشلارمۇ ئالدىنقى مەزگىل ئايرىلىپ كەتمىگەنمىدى، باشقىلارنىڭ دېيىشىچە يادىكار ئاكاشمۇ بىر كىچىك قىزغا بۇزۇلۇپتۇ، ھەر نېمە بولسا ئۇغۇ بالدۇر ئەقلىنى تېپىپ نەزىرە بىلەن يېنىشىۋاپتۇ. لېكىن، ئەكبەردە نېمە قىلسۇن دەيسەن ئۇ ئاكىسىىدىكى كاللا، - شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ۋارقىراپ تۇرۇپ «يادىكار بۇزۇلمىدى! ئۇ كىچىك قىز ئۇنى ئازدۇرماقچى بولغانتى!» دەپ توۋلىغۇم بار ئىدى.
ئۇ كۈنى پاراڭنى قانداق ئاخىرلاشتۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، لېكىن شۇندىن ئېتىبارەن پۈتۈن – سۈرۈك بىر ساراڭغا ئايلاندىم. گادىرماچ خىياللار كاللامنى چىرماپ كېچىلىرى تۈزۈك ئۇخلىيالمايتتىم، كىتابمۇ چارىلىرىمنى ھەل قىلالمايتتى. مۆلدۈر، چىمەنلەرنىڭ تەسەللىيلىرى چاڭقىغان دىلىمغا ئازىراقمۇ تەشنالىق ئاتا قىلالمايتتى، ئەقلىمدىن ئاداشقىنىمنى بىلەتتىم – يۇ، بۇ يولدىن قانداق قايتىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. ئۆزۈم چىگىش قىلغان بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈم ئاستا ئاياغلاشتۇرش ئۈچۈن يادىكارغا بارماقلىرىم كۆيۈپ تۇرۇپ خەت يازدىم:
- ئاكام بارمىدۇ؟
- بار، قوزام. ئاكىڭىز بار، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭا قىيداپ مۆكىۋالدىڭىزما؟ - ئۇ مېنى ئەركىلەتكەن چاغلىرىدا سىزلەپ قالاتتى.
- نېمىگە قىيدايتتىم، ئالدىراش بولۇپ قالدىم شۇ.
- ھە... مەن تېخى مۇھەببىتىم بىلەن يارىشىۋالسام قىيداپ قالدىمىكىن، دەپتىمەن.
- ئۇنچىلىك ئىشقا قىيداپمۇ ئىشمۇ! – قانداق قىلىپ ئاساسىي گەپكە كېلىشنى پەقەتلا بىلمىدىم.
- مۇنداق دە، قىيدىمىدىڭ؟ پەقەت قىيدىمىدىڭ؟
- ياق، قىيدىمىدىم، خاپا بولدۇم، كۈنلىدىم.... ھى...ھى... – ئىچىمدىن ئۆرتەپ چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى چاقچاقنىڭ ئورنىدا ئۆتكۈزىۋېتىش ياكى راسلىقىنى ئىقرار قىلىش ھەققىدە قىينالدىم.
- ھە، بۈگۈن ئۆزلىكىڭدىن گەپ قىلىپ قاپسەنغۇ، مېنى سېغىنىپسەندە، – دېدى ئۇ شوخلۇق بىلەن.
- شۇ خوشلىشىش نۇتىقى سۆزلىۋېتەي دەپ گەپ قىلىپ سالدىم، بولماپتۇما؟
- خوشلىشىش نۇتىقى؟ چەتئەلگە چىكىتەمدىكەنسەن، – ئۇ ماڭا قىلغان ھەر بىر گېپىگە ھەييارلىق قىلاتتى.
- ۋايجان، چاقچاق قىلماڭچۇ، ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن.
- ۋۇتان – ۋۇتان، ئوماقلىقىنى. قوزام ماڭا ئەستايىدىل گەپ قىلىۋېتىپتۇ، ھە، دە قېنى، قۇلىقىم سەندە.
- قوزام دېمەڭ، – بۇ ئۇنىڭ تاتلىق پاراڭلىرىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشىم ئىدى.
- نېمە بولدۇڭ؟ مۇھەببەتلىشىۋالمىغانسەن؟
- ياق، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىلاشمىساق بولغۇدەك. بىر قىزنىڭ مەن سەۋەبىمدىن يىغلاپ قېلىشىنى خالىمايمەن، – پاراڭنى ئاخىرى نەق گەپكە سۆرەپ ئەكەلدىم.
- ھەي، ھەي، ھەي... توختا، سەن بەرناغۇ – ھە؟ بۈگۈن پەقەت ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قېلىۋاتىسەن. كىم سېنىڭ سەۋەبىڭدىن نېمىشقا يىغلىغۇدەك؟
- مۇھەببىتىڭىزچۇ، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن كۈنلىشى تەبىئىي ئەھۋالدە.
- ئۇ يا سېنى بىلمىسە، نېمىشقا يىغلىغۇدەك؟
- ئۇ بىلمىسە تېخىمۇ ئالاقىلاشماسلىقىمىز كېرەك. 21 – ئەسىردە يەر ئاستى مۇناسىۋىتى ئورنىتىپمۇ ئىشمۇ، – ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلىۋېرىپ چىدىماي ئۆزۈم باشتا چاقچاق قىلىۋەتتىم.
- ماقۇل، ئەمسە ئۇ بىلسۇن. ئىككىڭلار تەتىل بولۇپ قايتقاندا، ئۈچىمىز بىللە تاماق يەپ ئىككىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. «بۇ مېنىڭ قوزامتى، ئۇ مېنىڭ مۇھەببىتىمتى. بۇنىڭدىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ ئىناق ئۆتۈپ پارلاق كېلەچەك يارىتىڭلار» دەي. ماقۇلمۇ؟
- چاقچاق قىلماڭ دېدىم. ئىشقىلىپ ئەمدى ئالاقىلاشمايلى. خوش، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، – دەپلا ئۇنىمۇ قارا تىزىملىككە يۆتكىۋەتتىم. بۇ چارىنى نەزىرەگە ئىشلەتكەندىن بېرى خېلى ئاقىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم، لېكىن كۆپ ئۆتمەي تېلفونۇم سايرىدى.
«زادى سېنىڭ بىر خۈدۈكۈڭ بار، نېمىشقا قارا تىزىملىككە يۆتكىۋەتتىڭ!» كۆزۈمگە نەشتەردەك سانجىلغان ئۇ ئۈندەش يۈرىكىمنى قوچۇپ، قوچۇپ تىلغايتتى، ھەق سۆزلۈك بولىشىم كېرەكمۇ ياكى ھېسسىياتىمنى يوشۇرىشىم كېرەكمۇ؟
«ھەئە، خۈدىكىم بار. خۈدىكىم − سىزنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئالەقە قىلىشمايلى. يەنە ئۇچۇر قايتۇرسىڭىز تېلفون نومۇرىڭىزنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋېتىمەن» دەپ قاراڭغۇلۇق قوينىغا سىڭىپ كەتتىم. ئاپىسى تاشلىۋەتكەن يېتىم بالىدەك ئىچ – ئىچىمدىن ھۆركىرەپ يىغلايتتىم.
«ئاق كەتپەرمۇ ئۈنلەيدۇ،
كۆك كەپتەرمۇ ئۈنلەيدۇ.
ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە،
كۆيۈك ئوتىغا ئۆلمەيدۇ.» دېگەن مىسرالارنى قايسى دانالىرىمىز كۈيلەرگە قوشۇپ قويغاندۇ – ھە. ئاشۇ كۈنى مەن گەپنى ئۈزىۋەتكەندىن بېرى ئۇ مېنى ئىزدەپ باقمىدى، ھاياتىمدا پەيدا بولۇپ باقمىدى. ھە، راست. تەتىلدە، تەتىلدە بىر قېتىم ئۇچرىتىپ قاپتىمەن. ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغاندا سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق. ئۇنى سۆيىدىغانلىقىمنى كۆزلىرىممۇ بايان قىلمىدى، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىمۇ خائىن كۆزلىرى ساتمىدى. ھەر ئىككىمىز ئاقلىۋېتىلگەن تامدەك چوڭقۇر قاتلامدىكى سىرلارنى يوشۇرۇپ قالدۇق.
ھېسسىياتقا يۈگەن سالغىلى بولمىغاندىن كېيىن ئۆز ئەركى بويىچە بىردە ئۇ شاخقا بىردە بۇ شاخقا قونۇپ يۈرەمدىكىن، دەيمەن. نەزىرە، لەيلى، فىداتلاردەك. تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى مېنى تۇرمۇش، ھېسسىيات ئىشلىرىدا خېلىلا پىشۇردى. ئۆزۈم بۇ كوچىغا كىرىپ باقمىغىنىم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ مېنى كۆرسۇن دەپلا قويۇپ بەرگەن ئويۇنىدەك تۇرمۇش كارتىنىلىرى ھېلىدىن - ھېلى ھايات ئۆتكىلىمگە ئۈندەش ۋە سۇئال بەلگىلىرىنى قوياتتى.
زېرىكچىلىكتە دوستلىرىمنىڭ بوشلۇقىنى كۆرىۋېتىپ فىداتنىڭ «لەيلەم – سۆيگىنىم» دېگەن ئىمزاسىنى كۆرۈپ قالدىم. لەيلى بىلەن ئاشۇ قېتىملىق خاتا چۈشىنىشتىن كېيىن «كۆرمىسەك كارىمىز يوق، كۆرسەك ھالىمىز يوق» ئادەتتىكى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق، فىداتقىمۇ يادىكارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى دېگەندىن كېىن ئىزدىشىپ باقمىدۇق. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم. فىداتنىڭ ئىمزاسىنى كۆرۈپ دوستۇم ئۈچۈن خۇش بولدۇم، لېكىن قەلبىمنىڭ يەنە ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلىرى فىداتنىڭ سۆيگۈسى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيتتى. لەيلىنى چۈشىنەتتىم، بىرەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئالدىراپلا مۇھەببەت دەپ كېسىپ ئېيتىۋېتىدىغان، يېرىم يىلمۇ يۈرمەيلا «زېرىكتىم» دەپ ئايرىلىدىغان خۇي – پەيلى ماڭا ئايان ئىدى. دېگەندەك، دوستلار ھالىتىنى پەسكە سېرىۋىتىپ لەيلى بىلەن بىر يىگىتنىڭ سۈرىتىگە كۆزۈم چۈشتى. رەسىم ئىسمىدىكى «جانانىم، چوقۇم بەختلىك بولىمىز!» دېگەن نەچچە ھەرپ ھاكاۋۇرلارچە ماڭا «قانداق، مۇھەببىتىم كېلىشكەنمىكەن» دەۋاتقاندەك قىلاتتى. مۇتەللىپ ئاكامنىڭ بوشلۇقىنىڭ دائىملىق مېھمىنى نەزىرە ھېلىھەم ئىچىمنى شۇنداق ئاينىتاتتى، ئاكامنىڭ ھالەتلىرىگە يازغان باھا، قالدۇرغان سۆزلىرى يادىكارغا بولغان ھېسداشلىقىمنى قوزغايتتى.
مەن سۆيگۈنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ تەخىرسىز ھېسلاردا ئۆتىۋاتقىنىمغا توپتوغرا تۆت يىل بولدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا دوستلىرىمىزنىڭ ئالدى نىكاھ تۇرمىشىغا قەدەم قويدى، ھالبۇكى، ئۇ يىلى يادىكار «قېرى يىگىت» دېگەن نامغا ئېرىشىۋالغان ئىدى... |
|
|
|
|
|
|