ۋاقتى: 2012 - يىلى 12 - دېكابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: خەنزۇ ئەدەبىياتى, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 152 قېتىم
مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتى نۇتۇقى
خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن
( ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى)
خەلق تورى خەۋىرى،8-دىكابىر تىلىگىراممىسى،بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر دە،2012-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۇچى جۇڭەولۇق يازغۇچى مويەن شۋېتسىيە ئاكادىمىيېسىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
ھۆرمەتلىك شېۋىتسيە ئاكادىمىيسىدىكى بارلىق ئاكادىېمىكلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:
مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن تېلېۋىزۇر ياكى تور ئارقىلىق يىراق شەرقتىكى ئادەملەر كۆپ شەرقى شمال يېزىلىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.سلەر بەلكىم مىنىڭ 90ياشلىق ياشانغان دادامنى ،مىنىڭ ئاكام،ئاچام،ئايالىم،قېزىم ۋە بىر ياش تۆ...
[ تەپسىلاتى ]
خەتكۈچ: مويەن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى
ۋاقتى: 2012 - يىلى 21 - نويابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 191 قېتىم
(1)
پويىز ئاقماقتا،
شەرققە قاراپ،
مەنزىللەر، تارىخ، بۈگۈنمۇ ھەم،
قايتقان ئۆتمۈشكە،
قايتقان غەرپ تامان.
كېلەچەك ئېيتىلمىغان يېڭى رىۋايەت،
ئۇنتۇلغان قەدىمكى ئەپسانە بەلكىم.
قايتا تەكرالانغان مېنىڭ قەلبىمدە،
مەن داخان يا جەڭچى ئەسلىدە بەلكىم.
بۇنى بىر ئۆزۈم سېزىمەن پەقەت،
قايتا تۇغۇلدۇم ئۆزەمنى ئىزدەپ.
ئەسلىيەلمىسەممۇ تولۇق،
ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنچىلىك تونۇش.
مەن ماكان – زاماننىڭ بىرلىكىدە،
مەن قەھرىمانلىق، نۇر دەۋرىنىڭ كەسمىسىدە،
مەن پاكلىنىشنىڭ ئەۋجىدە،
كەل، روھىمنى چاقىرغىن پېرىخون!
ئوت ئەمەس، نۇر بىلەن پاكلىغىن مېنى!
پەلەكتە كۆك تەڭرى،
پەستە قوڭۇر يەر،
قايتا تۇغۇلاي ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا.
...
[ تەپسىلاتى ]
خەتكۈچ: پويىز، ھىجران. ئىشىق
ۋاقتى: 2012 - يىلى 26 - ماي |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: يېڭىلىق |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 569 قېتىم
« شىنجاڭ بۈگۈنكى زامان پروزا ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى خەلىقئارا مائارىپ سارىيى 3-قەۋەت ئىلمىي دوكلات يېغىن زالىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىىيىتى
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى
بىرىنچى باسقۇچ: ئېچىلىش مۇراسىمى
رىياسەتچى : جوشەن ( شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇدىرى )
1.تەبرىك سۆز: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى مۇدىرى نيۇ روجى
2. تەبرىك سۆز: شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ئازات سۇلتان
3. تەبرىك سۆز: شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ لىبو
4. يىغىن ...
[ تەپسىلاتى ]
خەتكۈچ: رومان، مۇھاكىمە،
ۋاقتى: 2011-يىلى 31-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 1,006 قېتىم
11- مارت ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن پۈتۈن يەر شارى لەرزىگە كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۈرىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياپون مىللىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن تراگېدىيەدىن مەڭدەپ قالدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يوكوھاما يادرو بۇلغىنىشى بۇ تراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تەبىئى ئاپەت بىلەن سۈنئى ئاپەت خۇددى ئىتتىپاق تۈزىۋالغاندەك ياپونلارغا مىسلىسىز قارا كۈنلەرنى ئېلىپ [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 31-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 985 قېتىم
داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئووتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان. ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇش باشقىلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە كۈچىيىدۇ. دىمەك، پاجىئە [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 31-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 853 قېتىم
抒情长诗《飞石》的文化解读 قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرىلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىموۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ. «سالغا تېشى »[1] شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرىيەت [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 31-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 836 قېتىم
ﺑﻮﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ 1 ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻛﯚﻧﯜﻙ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪﺱ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﺎﻱ، ﺳﺎھﯩﻠﺪﺍ ، ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ، ﻏﯧﺮﯨﭻ ﭼﻪﺗﻨﯩﻤﻪﺱ . ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ، ﭼﺎﯓ – ﺗﻮﺯﺍﻧﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ھەيھات، ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﭼﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 30-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 1,186 قېتىم
ئەسلى ماكانىڭ زادى قەيەردە؟ قانداق بولغىيتتى بوي- تۇرقۇڭ؟ كىملەر سېنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن؟ كىملەر سېنى يۆتكەپ كېلىشكەن؟ قايسى تاشچى، سېنى يەتكۈزگەن يۈكسەكلىككە؟ چوقۇپ، يۇنۇپ، كېسىپ، رەندىلەپ. ئۆز ئۆتمۈشىڭمۇ گۈزەل بىر تارىخ، تارىخ ئۈستىگە يېزىلدى تارىخ، ئايلاندىڭ مەڭگۈ تاشقا پۈتۈلدى قىسمەت، پۈتۈلدى بارلىق. پۈتۈكچىدە ھىكمەت، سېنى يەتكۈزگەن مەڭگۈلۈككە. يېزىقى ئۇنىڭ ئەپسۇنى، ”كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن،“ تاشقا [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 28-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 757 قېتىم
20 –ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پۈتكۈل 90 –يىللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەنئەنىۋىي دۇنياقاراشتا تەپەككۈرنى ،ئىجادىيەت ماھارەتلىرىدە يېڭىلاشنى ،پروزا ئېستېتىكىسىدا چوڭقۇرلاشنى مەركەز قىلغان كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى . بۇ ئالدى بىلەن پروزا تېمىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن باشلاندى . بىرىنچىدىن ،بۇ ۋاقىتتا يازغۇچىلار پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى جەمىيەتنىڭ تارىخى قاتلاملىرىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئىچكىرىلەش ئارقىلىق ئىپادىلەندى . مەسىلەن [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 28-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 772 قېتىم
بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ 3- دەۋرى يەنى يېڭى دەۋر باسقۇچى يازغۇچىلىرىمىز پروزا ئېڭىنىڭ پارتلاش يىللىرىدۇر . بۇ يىللار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى ، ئىزدىنىشى ئەڭ ئاكتىپ ، پروزىچىلىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان يىللار بولدى . يېڭى دەۋرنىڭ “ ئىدىيىنى ئازات قىلىش “ تىن ئىبارەت مەنئىۋىي چاقىرىقى يازغۇچىلارغا ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ داغدام يولىنى كۆرسىتىپ بەردى [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 28-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, ماقالىلىرىم |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 813 قېتىم
پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يېڭىلىنىش بولغاندىلا ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىش مەيدانغا كېلىدۇ . بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يۈكسىلىش دەل پروزا ئېستېتىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ . 20-ئەسىر ئۇيغۇر پروزا تارىخىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پروزا ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن ئىبارەت . شۇڭا 20 –ئەسىر پروزا ئېڭى تەرەققىيات تارىخىنى تەكشۈرىشىمىزمۇ پروزا ئېستېتىكىسى مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ ، بىر تەرەپنى [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 27-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 1,129 قېتىم
روھىڭنى يوقۇتۇپ قويدۇڭ. روھىڭنى ئىزدەش سېنى يىگانىلىققا ئېلىپ باردى. يىگانىلىق ئۆزىنى چۈشۈنۈش،ئۆزىنى بىلىشنىڭ تۈنجى قەدىمى. ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا سەن روبىنزون كروزو ئەمەسسەن. سەن ھەم مەلۇم غايىۋىلىكنىڭ نىشانى سۈپۈتىدە يارىتىلغان قەھرىمانمۇ ئەمەس ھەم تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن مەلۇم فىزىكىلىق ماكانغا قامىلىپ، يىگانىلىقنىڭ ئاجايىپ ئاچچىق ئازاپلىرى ۋە ئۆلۈمنىڭ قورقۇنۇچلىرىنى بارغانسېرى مۇزلاۋاتقان تېنىڭ ھەم شۇنداقلا تېخىچە ھاياتتىن ئاداققى ئۈمىدىنى [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011-يىلى 27-مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 25 پارچە |
زىيارەت: 1,763 قېتىم
بەزىدە بلوگ خاتىرىلىرى ئوقۇۋېتىپ يازارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ھەيران قالىمەن، ھەم بلوگ يېزىشنىڭ تەسەۋۋۇردىن باشقا رىئاللىققا تۇتاشقان تەرەپىنى كۆرىمەن. تەسەۋۋۇر بىلەن رىئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئارىلىق بار، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلەمچى ئامىل سىز. تەسەۋۋۇرنىڭ مەنبەسى رىئاللىق بولسىمۇ ئۇ مەۋجۇت رىئاللىقىڭىزدىن ھالقىغانلىقى بىلەن گۈزەل، ھەم مەنزىلىدە يەنە بىر مەۋجۇت رىئاللىقنى بەرپا قىلغانلىقى بىلەن قىممەتلىك. تەسەۋۋۇر سوبېكتىپ رىئاللىق، ئۇنىڭ مەنزىلى [...]
[ تەپسىلاتى ]
- سىز تۇرۇشلۇق بەت: 6 | جەمئىي بەت: 6
- <
- 1
- 2
- 3
- 4
- 5
- 6