ۋاقتى: 2012 - يىلى 21 - نويابىر |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 191 قېتىم
يېشىل ئۆگۈزدىن ئۆتكەندە،
ئويلىدىم قەشقەردىكى قۇرغاقچىلىقنى.
قايتىپ كەلدىم قەلبىمگە.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2012 - يىلى 20 - مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 664 قېتىم
ـــــ ئەتە نەۋرۇز، بۇ يىل مېنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نورۇزلۇق تىلىكىمگە ئېرىشكەن ئادەم سىز بولدىڭىز، نەۋرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ـــ دەپ ئىمزا قويۇلغان كىتاۋىنى ماڭا ئۇزاتتى. ھاياجانلاندىم. مويسىپىتلار، ئۇستازلار، ئاتا – ئانىلار، قوۋمى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تىلەكلىرى كىمنىمۇ ھاياجانلاندۇرمىسۇن!
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئىيۇل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 2,105 قېتىم
كۆڭلىگە نى-نى ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ئەزىمەت ئارىمىزدىن بەك بالدۇر كېتىپ قالدى. ئۇ ئاخىرقى دەرسىنى تۈگىتەلمەيلا كەتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا خوش دىيەلمەيلا كەتتى، ئۇ پەرزەنىتلىرىنى ئاتا مېھرىگە، قېرىنداشلىرىنى ئاكا ۋە ئۇكا مېھرىگە قاندۇرالمايلا كەتتى. ئۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا ۋەسىيەت قالدۇرالمايلا كەتتى. ئۇ يالقۇنلۇق نەسىرلىرىنى تۈگىتەلمەيلا كەتتى. ئۇ ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان نەۋرىسىنى كۆرەلمەيلا كەتتى.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئىيۇن |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 834 قېتىم
شېئىر يېزىقىتىن پۈتۈلگەن قۇرۇلما، ئۇ مەنە ۋە تىلنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆز فۇنكىتسىيىسىنى ئادا قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئاھاڭدارلىق ۋە قاپىيەنىڭ يېزىق قۇرۇلمىسىنى ئىستېتىك قۇرۇلمىغا چىۋەرلىك بىلەن ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شېئىرنى يەنە ئىستېتىك ھەركەت دەپ چۈشىنىش مۈمكىن، شائىرنىڭ ھاياتىي تەجرىبىلىرى ( ھەرىكىتى ) بىلەن شېئىردىكى لىرىك مەننىڭ دىئالوگى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېستېتىك بوشلۇق شېئىرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 5 پارچە |
زىيارەت: 1,469 قېتىم
فراففېسور، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنڭ شېئىرىي تۇيغۇغا باي، تېتىملىق سۆھبىتىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقى شائىرنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ۋە تەپەككۈرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، شائىر بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر شەھەر ئەدەبىياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ھىس قىلدۇردى.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - ئاپرېل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 7 پارچە |
زىيارەت: 1,280 قېتىم
___ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن رەيھانگۈلگە ئوخشاش خۇشپۇراق گۈل – ئۆسۈملۈكلەرنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئۆي ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ. ئاش – پولولارغا باسىدۇ. ئۆلگەنلەر بىلەن قەۋرىگە قويىدۇ. چۈنكى رەيھان جەننەتتىن چىققان.
___ ئانام ئاغزىدىن
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 31 - مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 1,006 قېتىم
11- مارت ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن پۈتۈن يەر شارى لەرزىگە كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۈرىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياپون مىللىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن تراگېدىيەدىن مەڭدەپ قالدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يوكوھاما يادرو بۇلغىنىشى بۇ تراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تەبىئى ئاپەت بىلەن سۈنئى ئاپەت خۇددى ئىتتىپاق تۈزىۋالغاندەك ياپونلارغا مىسلىسىز قارا كۈنلەرنى ئېلىپ [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 1,186 قېتىم
ئەسلى ماكانىڭ زادى قەيەردە؟ قانداق بولغىيتتى بوي- تۇرقۇڭ؟ كىملەر سېنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن؟ كىملەر سېنى يۆتكەپ كېلىشكەن؟ قايسى تاشچى، سېنى يەتكۈزگەن يۈكسەكلىككە؟ چوقۇپ، يۇنۇپ، كېسىپ، رەندىلەپ. ئۆز ئۆتمۈشىڭمۇ گۈزەل بىر تارىخ، تارىخ ئۈستىگە يېزىلدى تارىخ، ئايلاندىڭ مەڭگۈ تاشقا پۈتۈلدى قىسمەت، پۈتۈلدى بارلىق. پۈتۈكچىدە ھىكمەت، سېنى يەتكۈزگەن مەڭگۈلۈككە. يېزىقى ئۇنىڭ ئەپسۇنى، ”كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن،“ تاشقا [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 1,129 قېتىم
روھىڭنى يوقۇتۇپ قويدۇڭ. روھىڭنى ئىزدەش سېنى يىگانىلىققا ئېلىپ باردى. يىگانىلىق ئۆزىنى چۈشۈنۈش،ئۆزىنى بىلىشنىڭ تۈنجى قەدىمى. ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا سەن روبىنزون كروزو ئەمەسسەن. سەن ھەم مەلۇم غايىۋىلىكنىڭ نىشانى سۈپۈتىدە يارىتىلغان قەھرىمانمۇ ئەمەس ھەم تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن مەلۇم فىزىكىلىق ماكانغا قامىلىپ، يىگانىلىقنىڭ ئاجايىپ ئاچچىق ئازاپلىرى ۋە ئۆلۈمنىڭ قورقۇنۇچلىرىنى بارغانسېرى مۇزلاۋاتقان تېنىڭ ھەم شۇنداقلا تېخىچە ھاياتتىن ئاداققى ئۈمىدىنى [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - مارت |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: 25 پارچە |
زىيارەت: 1,763 قېتىم
بەزىدە بلوگ خاتىرىلىرى ئوقۇۋېتىپ يازارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ھەيران قالىمەن، ھەم بلوگ يېزىشنىڭ تەسەۋۋۇردىن باشقا رىئاللىققا تۇتاشقان تەرەپىنى كۆرىمەن. تەسەۋۋۇر بىلەن رىئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئارىلىق بار، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلەمچى ئامىل سىز. تەسەۋۋۇرنىڭ مەنبەسى رىئاللىق بولسىمۇ ئۇ مەۋجۇت رىئاللىقىڭىزدىن ھالقىغانلىقى بىلەن گۈزەل، ھەم مەنزىلىدە يەنە بىر مەۋجۇت رىئاللىقنى بەرپا قىلغانلىقى بىلەن قىممەتلىك. تەسەۋۋۇر سوبېكتىپ رىئاللىق، ئۇنىڭ مەنزىلى [...]
[ تەپسىلاتى ]