نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئۇيغۇرشۇناسلىق
نىگاھىڭىزغا...

نىگاھىڭىزغا…

ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئىيۇن | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,226 قېتىم


سىز ئادەتتە ھېچنېمە ئەمەس، لېكىن كىملەرگىدۇ دۇنياسىز! ئۆز ئىشقىدا پادىشاھنى يىغلىتىپ كۆزلىرىنى كۆر قىلغان، شائىرنى ئاشقلىق دەشتىدە ئۆمۈربۇيى غەزەل پۇتكۈزگەن شور پىشانە دېھقان قىزى-گۈل، قانداق بەخىتلىك- ھە! ھەي، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ، «ئەلگە پادىشاھ،ئىشىققا قۇل» دېگەن ھېكمەت بىكارغا ئېيتىلمىغان! نەۋايىغا شائىرلىققا شاگىرت كىرمەكچى بولغان پادىچى يىگىتنى ئۇ قانداق يېتەكلىگەن؟ سىز سەلتەنەتلىك «خەمسە» توغرىسىدا ئاڭلىغان. لېكىن پادىشاھنىڭ شائىرنىڭ ئېتىنى يىتىلىشى ئالەم پەيدا بولغاندىن بېرى كۆرۈلمىگەن ئىشلار.

[ تەپسىلاتى ]

تاغ بار يەردە چوققا بار (5)

تاغ بار يەردە چوققا بار (5)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 6 پارچە | زىيارەت: 1,353 قېتىم


 دۇنيادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى، كېلىچىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنى چۈشۈنىشى بۇرۇنراق باشلانغان، ئۇلار تەجرىبە ۋە ئەقىلغە تايانغان. جۈملىدىن رۇسلارمۇ شۇىداق. رۇسلارنىڭ ناۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى باشقا ياۋرۇپا ئالىملىرىغا ئوخشاش19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قولغا ئېلىنغان.I.N.بېريازىننىڭ ‹‹تۈرك خرىستوماتىيىسى›› ناملىق نۇپۇزلۇق ئەمگىكى رۇسىيىدە تۇنجى قېتىم ناۋايى مىراسىدىن نەمۇنىلەر كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار ناۋايىنى ئىلمىي ساھىيىدە سىستېمىلىق تەتقىق [...]

[ تەپسىلاتى ]

تاغ بار يەردە چوققا بار (4)

تاغ بار يەردە چوققا بار (4)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 844 قېتىم


كېيىن ئەندىجان، پەرغانە، سەمەرقەند بۇخارا ۋە خارزمدىن كەلگەن ئالىملار ناۋايىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە پەزىلىتىگە دائىر مەنىلىك، كونكېرت تەرەپلەر ھەققىدە بىر شىڭگىلدىن ئاغىزاكى نۇتۇق بايان قىلىشتى. ئۇلار ئىلمىي مەجلىسلەردە ماقالە ئوقۇماي كۆپرەك شۇ ئنىساننىڭ پېئىل-پەزىلىتى ۋە ئۇمۇمىيەتچىللىكى ھەققىدە ئەركىن سۆزلىشىدىكەن. مەن ئەنجۈمەننىڭ تەنەپپۇز ۋاقتىدا باشقىلاردىن نەجمىدىن كامىلوۋ بىلەن پىرىمقۇل قادىروۋنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئول تۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي [...]

[ تەپسىلاتى ]

تاغ بار يەردە چوققا بار (3)

تاغ بار يەردە چوققا بار (3)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 947 قېتىم


مەنىلىك ناۋايىخانلىق سۆھبىتى مەندە نەچچە كۈنگىچە شېئىرى ھالەت ھاسىل قىلغاندى. قاراڭغۇلۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاي بەختلىك كۈلۈپ تۇرغان ئاخشاملارنىڭ بىرىدە، تۇنجۇققان ۋە ئۆمۈرلۈك ھۈنەرگە ئايلانمىغان ھەۋەسكارلىق تەبىئى جىلمىيىشقا باشلىدى-دە، قىزنىڭ كۆز ئالدىمدىكى غايىۋىي ئوبرازىغا قاراپ لەۋلىرىم پىچىرلاشقا باشلىدى: تاشكەنتتە يامغۇر باھار غۇنچىلىرى سويلايدۇ لېكىن، قىز تىترىمەكتە،يۈرىكى گۈلخان، تاشكەنتتە يامغۇر.  تاشكەنتتە يامغۇر.  يۇمران ياناقلاردىن ئاقماقتا پەۋەس، دالا گۈللىرىنىڭ [...]

[ تەپسىلاتى ]

تاغ بار يەردە چوققا بار(2)

تاغ بار يەردە چوققا بار(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 830 قېتىم


شۇنداق قىلىپ مەن ئەسلى پىلانىم بويىچە ناۋايى مۇزېيىنى ئالدىراش ئايلىنىشقا باشلىدىم. مۇزېىي ئەمەلىيەتتە ناۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇر مىرزىدىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالون ئىكەن. مەسىلەن، ئىككىنچى قەۋەتتىن باشلانغان ناۋايى قىسىمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى،ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن قىستۇرما رەسىملەر، سولتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، ناۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھەرىنىڭ رەسىم [...]

[ تەپسىلاتى ]

تاغ بار يەردە چوققا بار(1)

تاغ بار يەردە چوققا بار(1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,111 قېتىم


ـــــ ئۇزبېكىستاندىكى ناۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566 يىللىق تۇيى مىسالىدا ( ئەدەبىي خاتىرە، تولۇق نۇسخىسى ) دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەش تاشكەنتكە نىسبەتەن ئىككىنچى ئاي قۇياشى پارلاق، دېڭىز بىلەن ئاسمان ئالمىشىپ قالغاندەك كۆك يۈزى يارقىن، نىل بۇياقتەك جۇلالىق ياكى ئاخشاملىرى ئاي-يۇلتۇزغا باقساڭ كۆز نۇرۇڭ ئۈزۈلگەن، تەسەۋۋۇرۇڭ يەتمىگەندىن كېيىنكى پايانسىزلىق گويا قارا كۆركۈمزارلىقتەك دىلئارام كۆرۈنىدۇ. قارا بولكىدەك تۇپراقنىڭ ئېرىق-ئويمانلىرىدىن [...]

[ تەپسىلاتى ]

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(3)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(3)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 851 قېتىم


 سېلۇشتۇرما تەتقىقات ئوبېكتىنى تاللاش بۇ خىل تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. بىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن « ئوغۇزنامە » داستانى بىلەن سېلۇشتۇرىلىدىغان بۇ ئوبېكىتنى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىمىز. چۈنكى «تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك  تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيەدە ياشىغانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش  ۋە ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە [...]

[ تەپسىلاتى ]

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(2)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 822 قېتىم


موتىف سۆزى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھاسىدە ئىشلىتىلگەندىن بېرى، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ھەر بىر بايانى بۆلەكنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق ئەدەبىيات تارىخشۇناسى ۋېلھىلىم شېرېر  (WLHELEM SCHERER) موتىفنى تۈرلەرگە بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «موتىف بولسا ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەكلەردىن ئىبارەت، ھەر بىر موتىف بىر يەككە ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر موتىف ئۇنى [...]

[ تەپسىلاتى ]

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(1)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,151 قېتىم


« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ A نۇسخا دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرىلگەن نۇسخىسى ھازىر فرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. نومۇرى Sapul tus,1001. جەمىي 21بەت (42 ياپراق) ھەر بىر ياپراقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يازما شەكلىدە يېزىلغان 9 قۇردىن خەت بار. ئەسەرنىڭ 1- 3 – قۇرلار ئارىلىقىدا بۇقا رەسىمى، 6 – بېتىدە قىئاتنىڭ رەسىمى بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ بەزى بەتلىرى نەملىك تەسىرىدىن بۇزۇلغان، 17- ۋارىقى يىرتىلغان، 36- بەتتىكى بەزى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 40- بەتتىن بىر يېرىم قۇر، 42- بەتتىن ئاخىرقى ئىككى قۇر ئوقۇشقا بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. لېكىن بۇ داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

مەڭگۈ تاش

مەڭگۈ تاش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,186 قېتىم


ئەسلى ماكانىڭ زادى قەيەردە؟ قانداق بولغىيتتى بوي- تۇرقۇڭ؟ كىملەر سېنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن؟ كىملەر سېنى يۆتكەپ كېلىشكەن؟ قايسى تاشچى، سېنى يەتكۈزگەن يۈكسەكلىككە؟ چوقۇپ، يۇنۇپ، كېسىپ، رەندىلەپ. ئۆز ئۆتمۈشىڭمۇ گۈزەل بىر تارىخ، تارىخ ئۈستىگە يېزىلدى تارىخ، ئايلاندىڭ مەڭگۈ تاشقا پۈتۈلدى قىسمەت، پۈتۈلدى بارلىق. پۈتۈكچىدە ھىكمەت، سېنى يەتكۈزگەن مەڭگۈلۈككە. يېزىقى ئۇنىڭ ئەپسۇنى، ”كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن،“ تاشقا [...]

[ تەپسىلاتى ]

20 - ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (1)

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 813 قېتىم


پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يېڭىلىنىش بولغاندىلا ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىش مەيدانغا كېلىدۇ . بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يۈكسىلىش دەل پروزا ئېستېتىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ . 20-ئەسىر ئۇيغۇر پروزا تارىخىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پروزا ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن ئىبارەت . شۇڭا 20 –ئەسىر پروزا ئېڭى تەرەققىيات تارىخىنى تەكشۈرىشىمىزمۇ پروزا ئېستېتىكىسى مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ ، بىر تەرەپنى [...]

[ تەپسىلاتى ]