بۇددىزمنىڭ تارىم ۋادىسىدا تارقىلىشى توغرىسىدا تەتقىقات

 ئاپتور: نۇرمۇھەممەد توختى كۈنەستېكىن

سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ئۇدۇندا بۇددىزم يەنىلا گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇراتتى. شۇڭا، مىلادىيە 5- ئەسىرىدە فا شيەن ئۇدۇنغا كەلگەندە: «راھىبلىرى نەچچە تۈمەن بولۇپ، ئەلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇددىزم ئەقىدىلىرىگە ئېتىقاد قىلدىكەن. ئەلدە مەشھۇر ساڭراملاردىن 14 ى بولۇپ، كىچىكلىرى ھەددى-ھېسابسىز ئىكەن» دەپ يازغان بولسا؛ تاڭ سۇلالىسى راھىبى شۈەنزاڭ مىلادىيە 644- يىلى ئۇدۇنغا كەلگەندە: «ئۇدۇندا جەمئىي بەش مىڭدىن ئارتۇق راھىب، يۈزدىن ئارتۇق ساڭرام بولۇپ، ماخايانا مەزھىپىنى ئاساس قىلىدىكەن. لېكىن ھىنايانا مەزھىپىنىمۇ چەتكە قاقمايدىكەن» دەپ يازغان. بۇ مەزگىلدە يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە چوڭ بولغان كورىيەلىك راھىب خوي چاۋمۇ دېڭىز يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا بېرىپ، بەش ئەنەتكەكنى كېزىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق دۆلىتىگە قايتقان، ئۇ قايتىش سەپىرىدە غەربىي يۇرتتىكى ئەللەردىن ئۆتكەن. خۇي چاۋمۇ: ئۇدۇندا «ئىبادەتخانا ۋە راھىبلار كۆپ بولۇپ، ماخايانا تەلىماتىغا ئېتقاد قىلىدىكەن، گۆش يېمەيدىكەن» دەپ يازغان. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان تىبەتچە «ئۇدۇن بەگلىكىدىكى راھىبلارنىڭ نام-ئەمەل رىسالىسى» دىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا ئۇدۇندىكى ئىبادەتخانىلار 400 دىن ئاشقان. پىنھان جايلاردىكى كىچىك مۇنارلار 500 دىن ئاشقان.

    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈنسايىن قويۇقلىشىشى بىلەن، ئۇدۇن بۇددىزمىدا يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلگەن. يەنى ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بۇددىزم تەلىماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئۇدۇن بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە تارقىلىشىدىكى مۇھىم بېكەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، غەربكە نوم ئالغىلى ماڭغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك راھىبلىرى ئۇدۇنغا كېلىپ بۇددىزم ئىزلىرىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن بىللە، بۇددىزم تەلىماتلىرىنى ئۆگىنەتتى ۋە ئۇ يەردە قىممەتلىك بۇددا نوملىرىغا ئېرىشەتتى. شەرققە بارىدىغان ئۇدۇن راھىبلىرىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يوق نوم- سوترىلارنى ئېلىۋالاتتى ۋە بۇ نوملارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 8- ئەسرنىڭ بېشىدا، ئۇدۇن راھىبى سىكساناندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئىككى قېتىم تەكلىپ قىلىنىپ، لوياڭ، چاڭئەنلەردە نوم تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

    ئۇدۇن بىلەن كۈسەن يىپەك يولىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي لىنىيەسىدىكى ئىككى مەركەز ئىدى. بۇددىزمنىڭ بۇ جايلارغا تارقىلىشى، تارىم ئويمانلىقىدىكى باشقا ئەللەرنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. قەشقەر بەگلىكى جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن كۈسەننىڭ غەربىگە، ئۇدۇننىڭ شىمالىغا توغرا كېلەتتى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ غەربتە كۇشان سۇلالىسى، شەرقتە كۈسەن بەگلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ئىدى. بۇددىزم قەشقەرگە كۈنسەندىن بالدۇر تارقالغان ياكى بولمىسا ئوخشاش مەزگىلدە تارقالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما دەلىل-ئىسپات يېتەرسىز. خاتانى لياۋدىنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا، بۇددىزم كۈسەنگە قەشقەر ئارقىلىق تارقالغان. ئۇ يەنە: «قەشقەر بەگلىكىگە ئەڭ كېچىككەندىمۇ مىلادىيە 2- ئەسىردىن بۇرۇن بۇددىزم تارقالغان» دەپ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مىلادىيە 2- ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەر بەگلىكىنىڭ بېگى چىڭپەن (臣磐) بۇددا مۇرىتى بولۇپ، ئۇ ئۇلۇغ توخرىيلار خانى كانشىكانىڭ يېنىدا گۆرۈدە تۇرغان ئىدى. «كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «خەن ئەندىنىڭ يۈەنچۇ يىللىرى (مىلادىيە 114~ 120- يىللىرى) سۇلى بېگى ئەنگۇر تاغدىكى چېنپەننى جىنايىتى بار دەپ توخرى بەگلىكىگە سۈرگۈن قىلدى، توخرى بېگى بولسا ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلدى. كېيىن ئەنگور ئاغرىپ ئۆلدى، ئۇنىڭ ئوغلى يوق ئىدى، شۇڭا بەگلىك ئىشلىرىنى ئانىسى باشقۇرۇپ تۇردى. ئۇ ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە چېنپەننىڭ بىر تۇغقان ئىنىسىنىڭ ئوغلى ئىفۇنى سۇلى بېگى قىلىپ تىكلىدى. چېنپەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، توخرى خانىغا ئىلتىماس قىلىپ:‹ئەنگۇرنىڭ ئوغلى يوق، ئۇنىڭ جەمەتى ئىنتايىن ئاجىز. ئەگەر ئانا جەمەتىدىن بەگ تىكلەشكە توغرا كەلسە، مانا مەن ئىفۇنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى بولىمەن، مەن بەگ بولۇشم كېرەك›دېدى. توخرى خانى لەشكەر چىقىرىپ ئۇنى سۇلىغا يەتكۈزۈپ قويدى. ئادەتتە سۇلى خەلقى چېنپەننى ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توخرىلارنىڭ قۇدرىتىدىن قورقاتتى، شۇڭا دەرھال ئىفۇدىن بەگلىك تامغىسىنى تارتىۋېلىپ، چىڭپەننى خان قىلدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، 2- ئەسىردە ئۆتكەن سۇلى پادىشاھىنى بۇددا دىنىدا ئىدى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى چىڭپەننىڭ ئۇلۇغ توخرىلار سۇلالىسىدا تۇرغان مەزگىلدە بۇددىزمغا ئېتىقاد قىلغانىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ توخرىلار خانىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. خەن ئەيدىنىڭ يۈەن شۇ (元寿) يىلى (مىلادىيەدىن ئىككى يىل بۇرۇن)، كۇشان ئەلچىسى ئىزۇن (伊存) ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان بولۇپ، ئۇ بۇددا نوملىرىنى ئاغزاكى تونۇشتۇرغان. ئىزۇن شەرققە ماڭغاندا چوقۇم كۆكئارت ئارقىلىق قەشقەرگە كەلگەن. ئەگەر بۇ مەسىلىنى ئىزۇن كەلگەن مەزگىلگە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلساق، بۇددىزم قەشقەرگە مىلادىيەنىڭ ئالدى- كەينىدە تارقالغان بولىدۇ. لېكىن ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار بۇددىزمنىڭ قەشقەرگە مىلادىيە 2- ئەسردە تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. سۇلى بىلەن ئۇلۇغ توخرىلار دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ئىدى. شۇڭا، بۇددىزم ئۇلۇغ توخرىلار ئارىسىغىمۇ خېلى بالدۇر تارقالغان بولۇشى مۇمكىن. چىڭپەن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، بۇددا دەرمەسىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇلۇغ توخرىلار پادىشاھى چىڭپەنگە سۇلىدا بىر ساڭرام سالدۇرۇپ بەرگەن. تاڭ سۇلالىسى راھىپى شۈەنزاڭ غەربكە سەپەر قىلىپ قەشقەردىن ئۆتكەندە، مەزكۇر ساڭرامنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ياپونىيەلىك خاتانى لياۋدى: «چىڭپەن توخرىلار خانلىقىدا تۇرغان مەزگىلىدە، بۇددىزمنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان، شۇڭا ئۇ سۇلىغا قايتىپ كېلىپ ھىنايانا مەزھىپىنى يولغا قويغان» دەيدۇ. كومراجىۋا ئانىسى بىلەن كەشمىرگە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بېرىپ، ئۈچ يىل تۇرغاندىن كېيىن 356- يىلى قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇ يەردىكى بۇددا پېشۋاسى فوتوشىردىن تەلىم ئالغان. ئۇ «ئابىدراما» قاتارلىق نوملارنى پۇختا ئۆگىنىپ دەسلەپكى ماھايانا ئاساسىنى تىكلىگەن. كېيىن ئۇ يەكەنگە بېرىپ يەكەن پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرىدىن ئاكا-ئۇكا سۇرى باھادىر ۋە سۇرى سۇمالار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە يەكەندە بىر يىل تۇرغان. ئاكا-ئۇكا سۇرى باھادىر ۋە سۇرى سۇمالار ماھايانا مەزھىپىنىڭ مەشھۇر راھىبلىرىدىن ئىدى. پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «كومراجىۋا 356- يىلى قەشقەرگە كەلگەندە سۇرى سۇما ناملىق ماھايانا ئالىمى (شاھزادە)دىن سونياتا (空، قۇرۇق ئەدەم) تەلىمىنى ئېلىپ:‹ئالتۇننى تونىمىغاچقا، تاش كۆتۈرۈپ يۈرۈپتىمەن›دەپ، ھىنايانادىن ماھاياناغا ئۆتكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، قەشقەر پادىشاھى چىڭپەندىن شاھزادە سۇرى سۇماغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇددىزم بۇ جايلاردا خېلىلا كېڭەيگەن، ماھايانا ئېقىمى كۈچەيگەن» دەيدۇ. لېكىن، پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تەھلىلىدە، قەشقەر بىلەن يەكەننىڭ ئورنى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەندەك قىلىدۇ.

    مىلادىيە 581- يىلى ئەنەتكەك (ھىندىستان) لىك داڭلىق راھىب دەرمە گۇپتە (达摩圾多) قەشقەرگە كېلىپ، بۇددىزم ئەقىدىسى ھەققىدە ۋەز-تەبلىق سۆزلىگەن. ئۇ ئۆزى ماھايانا مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى ئىدى. خاتانى لياۋدىي: «دەرمەگۇپتە سۆزلىگەن ۋەزلەر ھىناياناغا مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئۇ سۆزلىگەن نوملار شۇنداق ئىدى. شۇڭا، ئەينى دەۋردە سۇلىدا ماھايانا مەزھىپى تېخى گۈللەنمىگەندەك قىلىدۇ» دەيدۇ. لېكىن ئارقىدىنلا ئۇ يەنە: «مەزكۇر دۆلەت (بەگلىك) كە ماھايانا مەزھىپىمۇ تارقىلىپ كىرگەنىدى. چۈنكى روسسىيەلىك پېتروۋېسكىي قەشقەردىن سانسكرىت يېزىقىدىكى‹ساددارما پۇندارىكا سۇترا›Saddharma pundarika sutra)، (法华经نىڭ فراگمېنتىنى تاپقان» دەيدۇ. ئېلىمىز ئالىمى جۇ ليەنكۇەن: «دەرمەگۇپتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغاندىن كېيىن تەرجىمە قىلغان نوملارنىڭ ھەممىسى ماھايانا نوملىرى ئىدى. قەشقەر بەگلىكىدە كومراجىۋادىن دەرمەگۇپتىگىچە ماھايانا مەزھىپىگە ئېتقاد قىلغان» دەيدۇ. بۇ مەلۇماتلاردىن، سۇلى (قەشقەر) غا ماھايانا بىلەن ھىنايانا مەزھەپلىرىنىڭ تەڭ تارقالغانلىقىنى، كېيىنكى مەزگىللەردە ھىنايانا مەزھىپىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. فا شيەن مىلادىيە 400- يىلى قەشقەرگە كەلگەندە بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە: «ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم شەھەر زىننەتلىنىپ، خەير-ساخاۋەت قىلىنىدۇ، 1- ۋە 7- كۈنى خان ئەمەلدارلىرى ساخاۋەت قىلىدۇ، ئاخىرى ۋەزىر – ئەمىر قاتارلىقلار ئاتلىق بولۇپ، راھىبلارغا توقۇلما بوزلارنى سەدىقە قىلىدۇ» دەپ خاتىرىلىگەن. شىمالىي ۋېي دەۋرىدە (465- يىلى) قەشقەر خانى شىمالىي ۋېي ئوردىسىغا چوڭ ساكيامونى كاساياسىنى (kasaya) سوۋغا قىلغان، شىمالىي ۋېي پادىشاھى بۇ كاسايانى سىناپ باقماقچى بولۇپ ئوتقا سالغاندا كۆيمىگەن. 644- يىلى بۇ يەرگە كەلگەن راھىب شۈەنزاڭ ئۆز خاتىرىسىدە قەشقەردە 100 ساڭرام ئون مىڭچە راھىبنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار «ھەممە مەۋجۇت» Sarvastivadas، (说一切有部 تەلىماتىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازغان. دېمەك، بۇ مەزگىلدە قەشقەردە ھىنايانا مەزھىپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قەشقەردىكى راھىبلارنىڭ سانى خوتەن، كۈسەنلەردىكى راھىبلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. 8- ئەسىردە ئۆتكەن خۇي چاۋ قەشقەرگە كەلگەندە يازغان خاتىرىسىدە، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئىبادەتخانا ۋە راھىبلار بولۇپ، ھىنايانا تەرەپدارلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، گۆش ۋە پىياز يەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان . قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بەشكېرەم دەرياسى بويىدىكى قىيالىقتا سەنسەندۇڭ (三仙洞) دەپ ئاتىلىدىغان تاشكېمىر ئىبادەتخانىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغانلىقى ئسىپاتلاندى. ئۇنىڭ شەرقىدىكى بىر غاردا 10 پارچە بۇددا سۈرىتى بولۇپ، رەڭلىك سۈرەتنىڭ كەينىدە پىپارا دەرىخى بار. بۇ غار (تاشكېمىر) چىڭپەن دەۋرىدە ياسالغان. چىڭپەندىن كېيىن بۇددىزم سۇلىدا تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۆتكەن سۇلى پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى بۇددىزم مۇرىتلىرىدۇر.

    كۈسەن ھازىرقى كۇچا، توقسۇ، شايار، باي قاتارلىق ناھىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غەربىي يۇرت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان قەدىمكى بەگلىك. كۈسەن بەگلىكى ھەققىدە «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە مۇنداق دېيىلگەن: «كۈسەن بەگلىكىنىڭ مەركىزى يان شەھىرى (延城)، ئاھالىسى 6 مىڭ 970 تۈتۈن، 18 مىڭ 317 كىشى. خىللانغان قوشۇنى 21 مىڭدىن ئاشىدۇ» . كۈسەن مۇزارت چوققىسىنىڭ ئېتىكىگە، تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ قەدىمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتىكى نامايەندىلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى. كۈسەننىڭ دەسلەپكى ئاھالىلىرى قاڭقىل (姑师) لار، ساكلار ۋە توخرىيلار ئىدى. سىما چيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» ناملىق ئەسىرى بىلەن بەن گۇنىڭ «خەننامە» ناملىق ئەسىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلۇغ توخرىيلار چىليەنشەن تېغىدىن غەربكە قاراپ كۆچكەندە، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاراشەھەر، كۈسەن رايونلىرىدا قېلىپ قالغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇلار «كىچىك توخرىيلار» (小月氏) دەپ ئاتالغان ۋە قارا شەھەر، كۈسەن بەگلىكلىرىنى شۇلار قۇرغان. ئالىملار بىردەك ھالدا ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن يېزىقىنىڭ براخمىي ھەرپىنىڭ قىيپاش شەكلى، سۈزلەشكەن تىلىنىڭ «توخرى تىلى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. گېڭ شىمىن ئەپەندى: «قەدىمكى كۈسەن ئاھالىلىرى ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى توخرىي تىلىنىڭ B Kentum)) دىيالېكتىدا سۆزلىشەتتى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

    قەدىمكى كۈسەنگە بۇددا دىنى، مانى دىنى، زورو ئاستېر دىنى، نېستورىيان دىنى قاتارلىق دىنلار تارقالغان. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تارقالغان بۇ دىنلار ئىچىدە، بۇددا دىنىنىڭ تارقالغان ۋاقتى ئۇزۇن، تەسىرى چوڭقۇر بولۇش بىلەن، كۈسەننىڭ مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇددىزم كۈسەنگە يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىنى بويلاپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق سوغدىلار ۋە توخرىيلار ئارقىلىق تارقالغان. گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ ماۋسەي (Liumautsai): «بۇددىزم قەدىمكى كۈسەن رايونىغا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 109- يىلى تارقىلىپ كىرگەن» دەيدۇ. «شىنجاڭدىكى دىنلار» ناملىق كىتابتا: «يۈەن فېڭنىڭ 2- يىلى خەن ۋۇدىنىڭ يىلنامىسى بولۇپ، مىلادىيە 109- يىلغا توغرا كېلىدۇ. خۇمرا (澡灌) بۇددا راھىبلىرى ئىشلىتىدىغان بۇيۇم بولۇپ، ئۇنىڭ كۈسەن بەگلىكى تەرىپىدىن خەن ۋۇدىغا سوۋغا قىلىنىشى، بىر خىل ھۆرمەتكە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. بۇددىزىم كۈسەنگە خەن ۋۇدىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 100- يىلى ئەتراپىدا تارقىلىپ كىرگەن. ۋاقتى خوتەندىن تېخىمۇ بالدۇر، لېكىن يانداش پاكىتلار يوق، بۇنى پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ» دېيىلگەن. ياپونىيەلىك خاتانى لياۋدي: «جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇددىزم كۈسەنگە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بۇرۇن تارقىلىپ كىرگەن» دەيدۇ. يۈي تبەنخېڭ: «3- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۈسەنلىك بەييەن (白延) ۋېي بەگلىكىگە كېلىپ بۇددا نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شىمالىي ۋېي بەگلىكىدىن جۇشى (朱士) خوتەنگە بېرىپ ماخايانا نوملىرىنى ئىزدىگەن ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەڭ قەدىمكى بۇددا نوملىرى كۈسەن تىلىدىن ئاھاڭى بويىچە ياكى مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان، سۆزلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن قارىغاندا، بۇددا نوملىرىنىڭ مۇشۇ خەنزۇچە نۇسخىلىرى پەيدا بولۇشتىن ئاۋۋال يەنى مىلادىيە 2- ئەسىردىن بۇرۇنلا، بۇ يەرلەرگە بۇددا دىنى تارقىلىپ بولغان» دەيدۇ. خاتانى لياۋدى يەنە: «ئۇلۇغ توخرىيلار، ئارساك (بوخارا)، كانكىيە (سوغدىيانا)، ھىندىستاندىكى بەگلىكلەر بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى باردى-كەلدى مۇناسىۋەتلەر شىمالىي يول ئارقىىلق بولاتتى، يەنە كېلىپ چوقۇم كۈسەندىن ئۆتەتتى … كۈسەن بىلەن قەشقەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ئىدى، شۇڭا بۇددا دىنى قەشقەر تەرەپتىن كىرگەن دېيىشكە بولىدۇ» دەيدۇ.

    خۇاڭ ۋېنبىي: «بۇددىزمنى ئەڭ دەسلەپ شىنجاڭ ھەم ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى جايلىرىغا تارتقانلار ئارساك (بۇخارا) لىقلاردۇر … بۇددىزم قەدىمكى شىنجاڭ ھەم ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىغا ئامۇ دەرياسى تەرەپتىكى چوڭ يول ئارقىلىق كەلگەن … كۆكئارتتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى يۆلۈنۈش بويىچە تارقالغان. بىر يۆنۈلۈش كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان، يەنە بىر يۆنۈلۈش خوتەن، چەرچەن پىشامشان» دەيدۇ. يۇقىرىقى ئىككى ئالىمنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇددىزم كۈسەنگە قەشقەردىن كۇچاغىچە بولغان لىنىيە بويىچە تارقىلىپ كىرگەن. بۇ جەرياندا توخرىيلار مۇھىم رول ئوينىغا، دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، بۇددىزم شىنجاڭغا ئەڭ دەسلەپ كەشمىر ئارقىلىق ئۇدۇنغا كىرگەن، كېيىن ئۇ يەردىن يىپەك يولىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي لىنىيەسىنى بويلاپ تارقالغان.

    قەدىمكى كۈسەندە ماھايانا، ھىنايانا مەزھەپلىرى بىلەن بىللە يەنە مەخپىيەت مەزھىپى (密宗) مۇ تارقالغان. ئۇنىڭ مۇھىم ۋەكىلىنى ئالىي راھىب بوسىرىمىترە (帛户梨密多罗) دېيىشكە بولىدۇ. خۇاڭ ۋېنبىي: «ئۇ ئەسلى كۈسەن خانىنىڭ شاھزادىسى ئىدى، ئۇ ۋەلىئەھدلىكىنى ئىنىسىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ زاھىدلىق يولىغا ماڭغان، غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ يۇڭجيا يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى (مىلادىيە 307~ 312- يىللىرى) دا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ جيەنكاڭ (健康، ھازىرقى نەنجىڭ) جيېچۇ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغان ۋە‹بۈيۈك باشقا سۇ قويۇش ئەپسۇنى›،‹بۈيۈك توز بەگلىكى ئەپسۇنى›،‹توز بەگلىكىگە كەلگەن ئەپسۇن دەستۇرى›قاتارلىق مەخپىيەت مەزھىپى نوم- سۇترىلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان» دەيدۇ.

    دېمەك، كومراجىۋادىن ئىلگىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ بۇددا نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان كۈسەن ئالىي راھىبلىرىنىڭ پائالىيىتى باييان (白延)، بۇ فالۇن، بۇفالى ۋە بوسىرىمىترەلەر بىلەن ئۆزىنىڭ بىرىنچى بارسقۇچىنى باشلىغان بولسا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بۇددىزمنى كېڭەيتىش ۋە بۇددا سۇترىلىرىنى تەرجىمە-تەفسىر قىلىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى كۈسەنلىك بۇددا مۇتەپپەككۇرى كومراجىۋانىڭ چاڭئەنگە كېلىشى بىلەن باشلانغان.

    كومراجىۋا 344- يىلى كۈسەندە تۇغۇلغان. 7 يېشىدىن باشلاپ كۈسەندىكى بۇددىھاسىما (Buddhasima، 佛图舌弥) دېگەن ئۆلىمادىن ھىنايانا ئەقىدىسى بويىچە تەلىم ئالغان. توققۇز يېشىدا ئانىسى، مەلىكە جىۋا بىلەن كەشمىرگە بېرىپ، ھىنايانا ئۇستازى ۋاندۇ داتا (vandhndata) دىن تەلىم ئالغان، كومراجىۋا ۋاندۇداتانى ئۇستاز تۇتۇپ «سامۇتكاپىتاكا»، «ئوتتۇرا ئاگاما» ۋە «ئۇزۇن ئاگاما» قاتارلىق ھىنايانا نوملىرىنى ئوقۇپ مۇتالىئە قىلغان. ئۇ تۆت مىليون سۆزلۈك مۇناجاتنى سۇدەك يادقا ئوقۇلش بىلەنلا قالماي، مەنىسىنى شەرھلەپ بېرەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. كومراجېۋا كەشمىردە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، تارىختىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەقىقى ۋەتەن سۆيەر روھىنى نامايان قىلىدۇ ھەم ۋەتىنىگە قاراپ يول ئالىدۇ. مىلادىيە 356- يىلى كومراجىۋا ئانىسى جىۋا بىلەن قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردە بۇددا پېشۋاسى فوتوشىردىن تەلىم ئالىدۇ.

    فوتوشىر ھىنايانا بۇددىزمنىڭ پېشۋاسى ئىدى. ئەمما ماھايانا نوم سوترىلىرىدىن نەچچە ئون مىڭنى سۇدەك بىلدىغان كامالەت ئىگىسى ئىدى. كومراجىۋا فوتوشىردىن «ئابىدارما» قاتارلىق نوملارنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپ، دەسلەپكى ماھايانا ئاساسىنى تىكىلگەن. كېيىن ئۇ يەكەنگە بېرىپ يەكەن پادىشاھىنىڭ شاھزادىلىرىدىن ئاكا-ئۇكا سورى باھادىر ۋە سورى سۇمالار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئانىسى جىۋا بىلەن يەكەندە بىر يىل تۇرغان. ئاكا-ئۇكا سورى باھادىر ۋە سۇرى سۇمالار ماھايانا مەزھىپىنىڭ مەشھۇر راھىپلىرىدىن ئىدى. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە قەشقەر، يەكەنلەردە ماھايانا مەزھىپى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. شۇنداق بولغاچقا، كومراجىۋانىڭ ھىنايانادىن ماخاياناغا ئۆتكەن ۋاقتى، ئورنى توغرىسىدا نوملاردا ھەرخىل خاتىرىلەنگەن. بەزىلەر: «كومرا جېۋا 12 ياش ۋاقتىدىلا يەنى سۇلى (قەشقەر) دىن ئۆتكەندە شاھزادە سورى سومادىن ماھايانانىڭ سونياتا ئېقىمىنى ئۆگەنگەن ۋە غەربىي يۇرتتىكى مەشھۇر ماھايانا راھىبى بولۇپ قالغان» دېسە؛ يەنە بەزىلەر: «كومراجىۋا 20 نەچچە ياش ۋاقتىدا يەنى مىلادىيە 364- يىللىرى سۇلىدىن ئەمەس، بەلكى يەكەن (莎车) دىن ئۆتكەن، ئۇ يەكەندە ماھايانا ئۇستازى سورى سۇمانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ دىنىي مەزھىپىنى ئۆزگەرتكەن» دەپ قارايدۇ.

    خۇي جياۋنىڭ «مۆتىۋەر راھىبلار تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشچە، ئۇلار كۈسەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ، ئوردا ئەمەلدارلىرى، راھىب-سىرامانلار ھەمدە ئاۋام قاتناشقان كاتتا مۇراسىم ئويۇشتۇرۇلۇپ، كومراجىۋا كۈتۈۋېلىنغان. كۈسەن پادىشاھى ئاقارى پاك مەخسۇس كومراجىۋا ئۈچۈن شىر شەكىللىك ئالتۇن پۇتلۇق تەخت (ئورۇندۇق) ياسىتىپ، ئۇنى رۇم كىمخاپى بىلەن بېزەپ، ئۆزى ئاشۇ ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ، كومراجىۋانى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ تەختىگە چىقىپ بۇددا نوم-سۇترىلىرىنى مۇتالىئە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، كومراجىۋانىڭ ماھايانا ئىلمى كۈسەندە ئەسلى تارقىلىپ كېلىۋاتقان ماھايانا بۇددىزمىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. كومراجىۋا كۈسەن بۇددىزمىنىڭ ھىنايانادىن كېيىنكى تۇرغۇن ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، ماھايانا بۇددىزمىنىڭ ئومۇملىشىشىدا دەۋر بۆلگۈچ رول ئويناپ، كۈسەن بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ قايتىدىن روناق تېپىشىنى چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. بۇ چاغدا، كۈسەندە بۇددىزمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بەرپا قىلىنغان تاشكېمىر سەنئىتى غايەت زور ئېستېتىك قىممەت ياراتقان.

    ئالدىنقى چىن سۇلالىسىنىڭ چەنيۈەن 21- يىلى (مىلادىيە 384- يىلى) كومراجىۋا ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلىنىپ، لياڭجۇ (凉州) شەھىرىگە كەلتۈرۈلدى. كومراجىۋا لياڭجۇدا تۇرغان مەزگىلدە، خەنزۇ مەندەنىيىتى خەزىنىسىگە يۈزلىنىپ، خەنزۇ تىلىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلەيدۇ. ئۇ خەنزۇچە شېئىر، نەزملەرنى يېزىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، خەنزۇ ئەدەبىياتى، پەلسەپىسى ۋە تارىخىنى ئۆگىنىدۇ. كومراجىۋا لياڭجۇدا توپتوغرا 16 يىل خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. ئۇ 401-يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى 57 يېشىدا چاڭئەنگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇ پادىشاھ تەرىپىدىن «دۆلەت ئۇستازى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

    كومراجىۋا چاڭئەنگە كېلىشتىن 16 يىل ئىلگىرى داۋئەن (شەرقىي جىن شاۋۇدى پادىشاھى، تەييۈەننىڭ 10- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى) ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا كومراجىۋانى كۆپ كۈتكەنلىكنى ھەسىرەت بىلەن تىلغا ئېلىپ: «كۈتۈپ ھاردىم، كېسەل بولماي ئۆلىدىغان بولدۇم» دېگەنىدى. كومراجىۋا چاڭئەنگە كېلىپ داۋئەن بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كومىراجىۋا كېيىنكى چىن سۇلالىسىنىڭ دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ باشقۇرۇش ۋە غايەت زور تەرجىمە ئاپپاراتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇددا نوم، سۇترىلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش، دەرس ئۆتۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

    كومراجىۋا لياڭجۇغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، كۈسەندە ماھايانا بۇددىزمى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ھىنايانا بۇددىزمى قايتىدىن گۈللىنشكە باشلىغان. بۇ مەزگىلدىكى ھىنايانا بۇددىزمنىڭ ۋەكىللىك راھىبى دەرمەمىترەدۇر، دەرمەمىترە كومراجىۋا كۈسەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەشمىردىن كۈسەنگە كەلگەنىدى، ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن كۈسەندە ھىنايانا دىنى قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ كۈسەن پادىشاھنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن كۈسەندە بىرقانچە يىل تۇرۇپ ھىنايانا دىنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە جەنۇبىي ھىندىستانلىق راھىب، ماھايانا ئۇستازى دەرمە گۇپتە (Dhamagupta) مىلادىيە 585- يىلى كۈسەنگە كېلىپ ئىككى يىل تۇرغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە كۈسەن خانى ئۇنىڭغا بەك ئىخلاس باغلىغان ۋە دەرمە گۇپتەنىڭ تەسىرى بىلەن «ھوشمىنى تاپتىم» دېگەن.

    كومراجىۋا كۈسەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ھىنايانا بۇددىزمى روشەن ھالدا يۇقىرى ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. شۈەنزاڭ كۈسەن بەگلىكىگە كەلگەندە يازغان خاتىرىسىدە: «屈支 (كۈسەن) دە بەش مىڭدىن ئارتۇق راھىب بولۇپ، ھەممىسى ھىنايانا دىنىنىڭ ھەممە مەۋجۇت مەزھىپىگە ئېتقاد قىلدىكەن» دېگەن. خۇي لىنىڭ «تەڭداشسىز مېھىر-شەپقەت ساڭرامدىكى ئۈچ تاغلىق نوم ئۇستازلىرىنىڭ تەرجىمھالى»دا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ مەزگىلدە كۈسەندە ھىنايانا دىنىغا ئىشىنىدىغان موغشار گۇپتە (Mokshagupta، 木叉鞠多) ناملىق بىر راھىبە بولۇپ، ھىنايانا دىنىغا بەك ئىخلاسىمەن ئىكەن. شۈەنزڭ كۈسەنگە يېتىپ كەلگەندە، كۈسەن خانى 1000 راھىب بىلەن ئۇنى شەھەرنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا كۈتۈۋالغاندا، مۇغشار گۇپتە ئىسىملىك مۇشۇ راھىپىنى بىللە ئېلىپ چىققان. بۇ راھىب ماھايانا بۇددىزمىغا قىزىقمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى «بىدئەت» دەپ قارايدىكەن. شۇەنزاڭ ئۇنىڭدىن: «كۈسەندە ماھايانا دىنىنىڭ‹يۇگاچارە شاستىرە›سى بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «نەدىمۇ ئۇنداق بىدئەت كىتاب بولسۇن، شاگىرتلىرى ئۇنى ئۆگەنمەپتىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەن . 8- ئەسىردە كۈسەنگە كەلگەن خۇي چاۋنىڭ خاتىرىسىدىمۇ: «كۈسە ئېلىدە ئىبادەتخانا ۋە راھىبلار ھەممە جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھىنايانا دىنىغا ئىشىنىدۇ، گۆش، پىياز دېگەنلەرنى يەيۋېرىدۇ» دېيىلگەن.

    يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، كۈسەندە دەسلەپ ھىنايانا (كىچىك كۆلۈڭگۈ) دىنى بىلەن ماھايانا (چوڭ كۆلۈڭگۈ) مەزھىپى تەڭ تارقالغان، كومراجىۋا دەۋرىدە بولسا ماھايانا مەزھىپى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، كومراجىۋا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن بولسا ھىنايانا مەزھىپى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن.

    ھەرقانداق بىر دىنىي ئېتقادنىڭ تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىنى ئەينى دەۋردىكى يەرلىك فېئودال ھاكىمىيەتلەرنىڭ شۇ خىل مەدەنىيەتكە قاراتقان سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇلار شۇ خىل مەنىۋى قورال ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. قەدىمكى ئۇدۇن (خوتەن) نىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىگە ئوخشاشلا كۈسەن بەگلىرىمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرى بۇددىزمغا ئېتىقاد قىلغان ۋە راھىبلار دىنىي گۇرۇھىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىگەن. قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىدە بىر پادىشاھنىڭ ئۆز خانىمى بىلەن بىللە راھىبلار بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى سىزىلغان. مىلادىيە 4- ئەسىردە تۈزۈلگەن «ئۈچ ئاغلىق نوم تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى» (11- جىلد) دە، كۈسەن پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىڭ نەقىش سەنئەتلىرىدە بۇددا ئوبرازلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بۇتلارنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ، كۈسەننىڭ ھاكىمىيەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن دىنىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت بولغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

    قىزىقارلىق يېرى شۇكى، يۇقىرى دەرىجىلىك راھىبلار بىلەن ئاقسۆڭەك ئاياللار ئوتتۇرىسىدا نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان. ئۇلۇغ تەرجىمان، كۈسەن بۇددا دىنىنىڭ «دۆلەت ئۇستازى» كومراجىۋا پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ بىر پەرزەنتلىك بولغان. كومراجىۋانىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى ئالىي راھىب، ئانىسى كوچا خانىنىڭ سىڭلىسى مەلىكە جىۋا ئىدى. دېمەك، بۇددىزم قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئۆز تامغىسىنى باسقان. بۇلارنى ھازىرقى كۇچا دىيارىدىكى كۆپلىگەن تاشكېمىر غارلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان گۈزەل-كۆركەم ھەيۋەتلىك بۇتلار بىلەن نەپىس سىزىلغان تام رەسىملىرى، شۇنداقلا يەنە بۇ بوستانلىقتىن ھازىرغىچە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە تېپىلغان سانسكرىت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر بىلەن توخار يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان. 

      ئاپتۇرنىڭ خىزمەت ئورنى: ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنستىتۇتى