شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان تۈرك -رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر

 

سىرگېىي گىرىگىرويىۋىچ كىلياشتورنىي(روسىيە)

تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن

    1896-يىلى روسىيە جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئاسىيا مۇزېيىغا روبروۋىسكىي ۋە كوزلوف ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى1893-1895 ـ يىللىرى تۇرپاندىن تاپقان بىر تاغار قەدىمكى يازما پارچىلىرىنى تاپشۇردى[1].بۇ ۋەسىقىلەرنى ئىۋانىۋوسكى بىلەن ئوردېنبورگلار تۇيۇق ئەتراپىدىكى بۇددا تاشكېمىر ئىزلىرى ۋە قارا غوجا قەدىمىي شەھىرى خارابىلىرىنى قازغاندا بايقىغان. 1897-يىلى 12-ئايدا، رادلوف بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ پارچىلىرىنى رەتلىدى ۋە تەتقىق قىلىپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۆت پارچە ۋەسىقە پارچىسىنى ئېلان قىلدى[2]،  بۇلار بەك كىچىكلىكىدىن ئوقۇپ يېشىش تەس بولغاچقا ، رادلوف بۇلارنى يازما شەكلى ۋە ئۆلچەملىك شەكلىدە يېزىلغان ۋەسىقىلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىدى.

بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ تېپىلىشى رادلوف، روزېن ۋە سالىمان قاتارلىق ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇرپاننىڭ ئەسھابۇلكەھف مازىرى ۋە قارا غوجا قەدىمىي شەھىرى خارابىلىرىگە شۇنداقلا ئىمكانىيەت يار بەرسە تۇرپاندىكى باشقا قەدىمىي خارابىلەرنى تەكشۈرۈشكە بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنى ئەۋەتتى[3]. رادلوف بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى قەدىمكى ئۇيغۇرلار بۇددا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى قارا غوجا قەدىمي شەھىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ يەردىن ئەڭ قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى تېپىش ئىدى دەپ قارىغان[4].

1898-يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا ،كېلىمىنتىز سانكېت پېتىربورگدىن ئايرىلىپ 9-ئاينىڭ بېشىدا تۇرپانغا كەلدى [5]. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە تاللىنىپ ئاسار-ئەتىقىلەر مول بولغان بۇنداق رايونغا ئەۋەتىلىشىدە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجىربىلىرىنىڭ موللىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مىنوسىنىكتا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كېلىمىنتىز يىغما بويۇملار ئىنتايىن كۆپ بولغان مىنوسىنىسىك مۇزېيىنى تەكشۈرگەن. 1891-يىلى رادلوف  باشچىلىقدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈرك-رونىك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلارنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 1894-1896-يىللىرى ئۇ ئى.خ. كېلىمىنتىز بىلەن ھەمكارلىشىپ موڭغۇلىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئارخېئولوگىيەلىك ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغان ھەمدە نۇرغۇن  ساسىلاتلارغا ئېرىشكەن[6].

كېلىمىنتىزنىڭ تۇرپاندىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى شىنجاڭدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ باشلانمىسى ئىدى[7]. ئەمما،2- قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش 10 يىلدىن كېيىن ئاران ئورۇنلاشتۇرۇلدى. روسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى كۆرگەن باشقا ئەل تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىمۇ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ يىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ گىرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ، روسىيە ئىكىسپېدىتسىيە ئەترىتى كېلىىمىنتىزنىڭ باشچىلىقىدا تۇرپانغا قايتا كەلدى[8].

كېلىمىنتىز ئىكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى مەڭگۈ تاش ۋە باشقا يازمىلارنى تاپقانلىقىدىن ئىبارەت. رادلوف يازمىلارنى تۆۋەندىكىدەك بەش خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.

1.بۇددا غارلىرىدىكى قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى بىغىشلىمىلار؛

2. ئوردا ياكى ئىبادەتخانىلاردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە بىغىشلىمىلار ؛

3.قەدىمكى ئۇيغۇرچە بۇددا دىنىغا دائىر ۋەسىقىلەر پارچىلىرى ؛

4.بۇددا دىنىغا دائىر باسما بويۇملىرى پارچىلىرى ؛

5.قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىلىم-سېتىم ھۆججەتلىرى؛

رادلوف ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ شىنجاڭدىن تېپىلغان تۈركچە ۋەسىقىلەرنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلدى ، ئۇلارنىڭ تۆتى تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى ئويما ، ئىككى پارچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قانۇن (ئىقتىساد) غا دائىر  ھۆججەت  ۋە يەنە ئىككىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى پارچىسىدىن ئىبارەت[9].

كوزلوف، روبروۋىسكىي  ۋە كېلىمىنتىز (Д. А. Клеменц) لارنىڭ بايقاشلىرى ئاسىيا مۇزېيىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئاساس سېلىپ بەردى. 1915-يىلىغا قەدەر، بۇ مۇزېيدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر بىرى،  ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يەنە بىرى شىنجاڭدىكى روسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىئانىسى ئارقىلىق كۆپەيدى. ھازىر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا 4228 پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقە بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى روسىيە كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى بۇ مۇزىيغا تەقدىم قىلغان. 1907-1909-يىللىرى ئاسىيا مۇزېيى كروتىكوف  يىغقان 4070 پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. 1912-يىلى دىياكوف كروتىكوفنىڭ كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن تۇرپان ئاستانىدىن تېپىلغان 28 پارچە ۋەسىقىنى بۇ مۇزىيغا ھەدىيە قىلدى. 1907-يىلى ئۈرۈمچىدىكى روسىيە تۇرپاندا كونسۇلخانىسىدىكى تېببىي خادىم كېكونوۋىسكى  11 پارچە ئۇيغۇرچە ۋەسىقىنى بۇ مۇزىيغا ھەدىيە قىلدى. 

ئىكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ يىغمىلىرى  ئاساسلىقى ئىككى تۈركۈم تەكشۈرۈشتىن كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بىرى، ئوردېنبورگ  يىغمىلىرى ، ئۇ 1909- 1910-ۋە 1914-1915-يىللىرى شىنجاڭدا ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغان، يەنە بىرى مالوف يىغمىلىرى، ئۇ شىنجاڭغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1909-1911 ۋە 1913-1914-يىللىرى ئىككى قېتىم كېلىپ تەكشۈرگەن. يەنە بىر پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىنى كوزلوف  قاراخوتۇ شەھىرىنى قازغاندا بايقىغان.

روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ئاساسلىقى بۇددا نومى ۋە نوم پارچىلىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن «ئالتۇن يارۇق» ، «كۇتۇسپارىسات نومى»  ۋە «كۇئان شىم پۇسار» لار مۇكەممەللىرىدۇر. مانى دىنىغا دائىر ۋەسىقىلەر نىسبەتەن ئاز، لېكىن سانكېت پېتىربورگدا «خۇئاستۇ ئانفىت» (Xwāstwānīft) ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان. باشقا مانى يېزىقىدا يېزىلغان ئىككى پارچە ۋەسىقىنىڭ بىرى لوندۇندا، يەنە بىرى بىرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ [10]. تۇرپاندىن تېپىلغان قانۇن ۋە ئىقتىسادقا دائىر 22 پارچە ۋەسىقىمۇ بۇ يىغما بويۇملار ئىچىدە قىممەتلىك بويۇم سۈپىتىدە سانىلىدۇ[11].

كېلىمىنتىزمۇ شىنجاڭدىكى بۇددا غارلىرىدا قەدىمكى تۈرك –رونىك يېزىقى بارلىقىنى بايقىغۇچىلارنىڭ بىرى. تۈرك –رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ كۆپىنچىسى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقي قىسىمىدىن تارتىپ تاكى دوناي دەرياسى بويلىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدىن بايقالغان. ئۇلارنىڭ دەۋرى مىلادى 5-6 ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنى باشقا مىللەتلەرمۇ ئىشلەتكەن. ياۋروپا رونىك يېزىقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رونىك يېزىقىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ. مەڭگۈ تاشلار موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىدىكى ئورقۇن ۋە يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدا باش كۆتۈرگەن تۈرك، ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە قىرغىزلارنى تەتقىق قىلىشتا  تارىخى ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى [12].

تۈرك ـ رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنى تۇنجى بولۇپ پولشالىق مىسسېر چىمىدىت بىلەن  شېۋىتسارىيەلىك سىترالېنبىرگلار يىتەكچىلىكىدىكى ئىكىسپېدىتسىيە ئەترىتى 1721-1722-يىللىرى سىبىرىيەدە بايقىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يادىرىنسىۋ مىلادىيە 1899-يىلى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدا مىلادى 8-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تىكلەنگەن «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» بىلەن «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» نى بايقاپ قەدىمكى تۈرك –رونىك يېزىقىنى يېشىپ ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئون يىلدا قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلار كۆپلەپ تېپىلىپ، قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى قەدىمكى تۈرك تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە مۇستەقىل بىر ئىلىم ساھەسىگە ئايلاندۇردى[13].

شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋەسىقىلەر ئىچىدە تارىخىي ئەسەر ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بۇلار قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتى بولۇپمۇ قەدىمكى تۈركلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېدىئولوگىيەسى تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

كېلىمىنتىز  دوكلاتىدا مۇنداق يازغان : «يارغول قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۆي ئورنىدا ياسىغان غارلار بىلەن تام رەسىملىرى بولمىغان غارلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان بىغىشلىمىلارنى بايقىدۇق، گەجگە يېزىلغانغا ئوخشىمايدىكەن. سۈرەتكە تارتىش ۋە ئىزلاش ئارقىلىق كۆچۈرىۋالدۇق. باشقا يەرلەردىن بۇ يېزىقتا يېزىلغان ئويما خەتلەرنى ئۇچراتمىدۇق. يارغول قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى غارلاردا مورتۇق مىڭئۆيىنىڭ 28-غارى[14]، سىڭگىم ئېغىزى ئەتراپىدىكى قىيالاردىن شۇنداقلا يەنە قاراغوجا دەرياسىنىڭ سول تەرەپ قىرغىقىدىكى جىلغىلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ[15]. باشقا بىر دوكلاتتا، كېلىمىنتىز يارغول قەدىمىي شەھىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى يازغان : توختىلىپ  3-نومۇرلۇق غارنىڭ تېمىلاي بىلەن سۇۋۇۋىتىلىپتۇ، ئارىسىدا جىجاپ يېزىلغان ھەر خىل خەتلەر بار ئىكەن. قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى بىغىشلىمىلارنى بايقاپ، بۇلارنى ئىزلاپ كۆچۈرىۋىلىش تەكلىپىنى بەردۇق. غارلاردا پۈتۈنلەي بۇزۇۋىتىلگەن تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى ئويما خەتلەرنىڭ قالدۇقلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنى كۆچۈرىۋالدۇق»[16]. كېلىمنتىز تارتقان سۈرەت ۋە ئىزلانما ئارقىلىق رادلوف بۇلاردىن تۆتىنى ئېلان قىلدى، ئەمما بۇ تۆت كۆچۈرۈلمىگە تايىنىپلا بۇلارنىڭ ئەسلى تېكستىنى پەرقلەندۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ[17].

كىزىلوف تۇرپاننىڭ شىمالىدىكى مەلۇم جايدىن تارتقان رونىك يېزىقىدىكى ئابىدە

پائول پېللىئوت دۇنخۇاڭ غارىدىن رونىك يېزىقىدا يېزىلغان نۇرغۇنلىغان چىچى-پىچاڭ خەتلەرنى بايقىغان، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇزۇۋىتىلگەن. تام رەسىملىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ، بۇ غارنىڭ  8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قېزىلغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز [19].

    1915-1914  يىللىرى ئوردېنبورگ تۇرپاندىن رونىك يېزىقى بار تاڭ دەۋرىگە تەئەللۇق بىر مىس ئەينەكنى بايقىدى.  ئۇنىڭدا خەتلەر ھەم قىسقا ھەم ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىمىدا «“……ač aqyqyùyz……oγyuš……”»(بۇنىڭ قەدىمكى تۈررك-رونىكچە ئوقۇلۇشى : …ئاچ ئاقىقىز…ئوغۇش بولۇپ،  (…پاراكەندىچىلىك چىقارغان …قەۋملەر) دېگەن مەنىدە. بۇنىڭدىكى ئاچ –چىقارماق، ئاچماق، بويسۇندۇرماق دېگەن مەنىنى، ئاقىقىز- ئاقىدىغان، قالايمىقان، ئېقىتىدىغان دېگەن مەنىنى، ئوغۇش- قەبىلە، قەۋم، مىللەت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. Aqyq (ئۆتۈش، كۆچۈش پاراكەندىچىلىك ۋە بىسەرەمجانلىق دېگەن مەنىدە) دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش يىل-دەۋرىگە قاراپ ئۇنى بۇددا دىنىغا دائىر خەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ[20].

شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، شىنجاڭدىن تېپىلغان رونىك يېزىقىدىكى شەكلى يېنسەي ۋادىسىدىن تېپىلغان مەڭگۈتاشلارنىڭكىگە ئوخشائەمما ئورقۇن مەڭگۈ تاشلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ [21]. قىسقا خەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇددا دىنىغا دائىر مەزمۇنلار بار. تۈرك بۇددا دىنى تارقىتىش ئۆمىكى موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭدا مىلادىيە 6-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن بۇرۇنلا  پائالىيەتلىرىنى باشلاپ بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 4-5 ئەسىرلەردە، غەربى يۇرتتىكى بەگلىكلەردە بۇددىزىم خېلىلا گۈللەنگەن[22]. تۈرك خانلىقىغا دائىر تۇنجى مەڭگۈ تاش مىلادى مىلادىيە 582-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھاكىمىيەت تۇتقان تاسپار قاغان (Tasper Qaghan,  581~752يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە تىكلەنگەن بۈگۈت مەڭگۈ تېشى بولۇپ، ئۇنىڭ سوغدىچە يېزىلغان بۆلۈكىدە بۇددا دىنى ئۆمىكى دېگەن مەنىدىكى «بىر توپ (Sangha) راھىب» دېگەن سۆزئۇچرايدۇ[23].

تۈركلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقان قىلغان 20 نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇلار قەبىلىلەر ئىتىپاقىدىن كۈچلۈك بىر خانلىققا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىمۇ مىلادى 6-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ناھاىيىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. ئۇلار دەسلەپ قۇياش، زېمىن، ئەجدادلىرى ۋە شامان دىنىغا ئېتىقان قىلدى. ئاسىيادا كۆپ خىل دىننىڭ بولۇپمۇ بۇددا دىنىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. 1- تۈرك خانلىقى (551 560-يىللار) دەۋرىدىلا، ھۆكۈمرانلار بۇنداق چوڭ ئېمپىرىيەنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەربى ۋاستىلەردىن باشقا، يەنە ئىدىيە ساھەسىدىكى  ئامىللارغا  مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ ۋە شەرقي ئاسىيادا كەڭ تارقىلىۋاتقان بۇددا دىنى تۈرك خانلىرىنىڭ نەزىرىدە بىر خىل ئومۇملاشقان دىن  شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئويۇشۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ھەمدە كۈچلۈك ئېمپىرىيەنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارالغان ئىدى. بۇ جەريان 581-يىلى خانلىقتا سىياسي كىرىزىس كۆرۈلۈش ۋە ھاكىمىيەتنىڭ غۇلاپ كېتىشى بىلەن ئاياقلاشتى.

مۇقان قاغان (572~553 ,Mukhan Qaghan يىللار ) دەۋرىدە، تۈركلەر بۇددا دىنى بىلەن ئانچا-مۇنچە ئۇچراشتى، ئەمما بۇددا دىنىنىڭ  تۈركلەرگە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتىشى تاسبار قاغان دەۋرىدىن باشلاندى. تاسبار قاغان بۇددا دىنىنىڭ تۈركلەرگە تارقىلىشىغا ئەڭ پايدىلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاقسۆڭەكلەر ۋە مەدەنىيەت  ئىگىلىرى ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان دەۋردە، بىر قىسىم بۇددا دىنى دەستۇرلىرى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. گابائىن خانىم ئەينى ۋاقىتتا بۇددا دىنى دەستۇرلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا سوغدىلار ياردەم بەرگەن دەپ قارايدۇ[24].

بۇددا دىنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ خېلى بۇرۇنلا تارقالغان. 628-629 يىللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسىدە«بۇتساتۋا» دېيىلىدىغان ئاتامان بارلىققا كەلگەن[25]. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلىپىدە بۇددا دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان ھەمدە ئەنئەنە بولۇپ كېلىۋاتقان شامان دىنى بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان. بۇ خىل ئەھۋال  بۆگۈ قاغان مىلادى762-763 -يىللىرى مانى دىنىنى ئۇيغۇرلارغا تارقاتقۇچە  داۋاملاشقان [26] .2- تۈرك خانلىقى مەزگىلىدە (مىلادى 687-يىلى)[27] بۇددا دىنى گۈللىنىش ھالىتىدە تۇرغان. ئەمما مىلادى 8-ئەسىرنىڭ بىرىنجى ئون يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە ئىككىنجى ئون يىلىنىڭ بېشىدا  ئاجىزلىشىپ كەتكەن [28] ئەمما بۇددا دىنى تارقىتىش ئۆمەكلىرىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغىنىغا گەپ كەتمەيدۇ.  شەرقى موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان بىر تەڭگىدىكى بۇددا دىنىغا ئائىت چۈشۈرۈلگەن رونىك يېزىقى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ [29]. بۇ يېزىق  7-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغاندەك قىلىدۇ. ھازىرغىچە تۈرك-رونىك يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىش دەۋرىنى 6-ئەسىرگە ياكى 7-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىغا سۈرۈشكە بولىدىغان ھېچقانداق بىر ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدۇق. 763-يىلىدىن كېيىن، بۇددا دىنى ئۇيغۇر خانلىقىدا شۇنداقلا موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئۆز كۈچىدىن قالغان[30].

 10 –ئەسىرگە كەلگەندە، بۇددا دىنى شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىكى ئۇيغۇرلارئارىسىدا يىتەكچى دىنغا ئايلاندى ھەمدە شىمالدىكى تۈركىي مىللەت تىللىق قەبىلىلەر ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر كۈچىگە ئىگە بولدى[31].دەلىل- ئىسپاتلار كۇماق (Kimaks) [32] ۋە قىرغىزلار [33] رايونىدا كۆپلىگەن بۇددا دىنى مۇرتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. 

يېنسەي قىرغىزلىرىنىڭ جۇڭغار ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەربي تەسىرى ئوخشىمىغان ماتېرىياللاردا خاتىرلەنگەن. ئەمما بۇنداق خاتىرىلەر بەك چۇۋالچاق بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشىنى پەيدا قىلالمىغان[34].مۇنداقچە ئېيتقاندا، موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىدىكى يېنسەي ۋادىسىدىن بايقالغان رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ ھەممىسىلا  ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئەمەس [35]. يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ يىل-دەۋرنىڭ كېيىنرەك ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ 11-9 ئەسىرلەر ئارىلىقىدا، تۇرپان بوستانلىقىدا شۇنداقلا دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرىدا تۈركىي تىللىق بۇددا دىنى گورۇھلىرى بارلىقىغا، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار بولماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالى ۋە شەرقى شىمالىدىكى ئولتۇراقلاشقان قوشنىلىرى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايمىز.

شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىن ئاز مىقداردا رونىك يېزىقىدىكى بىغىشلىمىلارمۇ تېپىلدى. مۇشۇ تۈردىكى ۋەسىقىلەرنى ئەڭ دەسلەپ گرۇنۋېدىل باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى 1902-يىلى قارا غوجا قەدىمىي شەھىرىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا بايقىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي لېكوك ئۇنى يىشىپ ئوقۇپ ئېلان قىلغان[36]. 1905- 1906-يىللىرى، لېكوك ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى يەنە رونىك يېزىقىدا يېزىلغان مانى دىنىغا ئائىت كىتابلارنىڭ پارچىلىرىنى تاپتى. ئەينى ۋاقىتتا، قارا غوجا قەدىمىي شەھىرىنىڭ 1.5 كىلومىتېر شەرقىدىكى يىراقلىقتىكى تۇيۇق دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى مىڭئۆينى قازغاندا رونىك يېزىقىدا يېزىلغان ئىككى پارچە كىتابنىڭ پارچىلىرىنى تاپقان[37].

1909-يىلى، ئوردىبورگ قاراغوجىدىكى دېھقانلاردىن رونىك يېزىقىدىكى كتابنىڭ كىچىك پارچىسىنى سېتىۋالغان (بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بەتتە ئانچە ياخشى ساقلانمىغان 6 قۇر خەت بار ئىكەن). بۇ كىتابنى كېيىن رادلوف نەشىر قىلدۇرغان. بۇنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن قىسىمىنىڭ مەزمۇنلىرى چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ئەمما ئۇنىڭدا تۈركلەرنىڭ ئون ئىككى مۈچىلى خاتىرلەنگەنلىكى ئېنىق بولۇپ،ئۇنىڭدا «يىلان يىلى» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ[38].

ئەڭ كېيىن بايقالغان رونىك يېزىقى بىلەن يېزىلغان يازمىنى سېتەيىن  3-قېتىملىق قېتىملىق يەنى (1916~1913يىللىرى بولغان) شىنجاڭدا بولغاندا بايقىغان[39]. مۇكەممەل بولمىغان ھەم يېرتىلىپ كەتكەن بۇ پارچىدا، رونىك يېزىقى قىزىل ۋە قارا رەڭدە ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ سول بۆلەكتە 15 قۇر ۋە ئوڭ بۆلەكتە باش قۇر ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدا ئالپ سىينقۇر تېكىننىڭ (Alp Synkur-Tegin) مانى دىنىغا بەيئەت قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئۇ بۇ ھىكايىدە niγošaq دېيىلگەن ، بۇ ‹ئاڭلىغۇچى› دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ مانى دىنىدا دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەنلەر ئىكەن.

تۇرپاندىن تېپىلغان سوغدىچە ۋە ئۇيغۇرچە بىر نەچچە پارچەيازمىلاردىكى خەت ۋە رونىك يېزىقىدىكى خەت قىستۇرۇلغان. لېكوكنىڭ قارىشىچە، بىر پارچە مانى دىنىغا دائىر كىتابتا «تۈرك -رونىك يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئاددى تۈرك تىلى خاتىرلەنگەن»دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان [40]. سوغدى يېزىقى بىلەن يېزىغان مانى دىنىدىكى بۇ كىتابنى لېكوك  ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچىدا “…er bitidim” دېگەن ئىككى سۆز ساقلىنىپ قېلىنغان. بۇنىڭ مەنىسى قەدىمكى تۈرك-رونىكچە ئوقۇلۇشى ئەر بىتىدىم بولۇپ،   (…دەپ يازدىم)  دېگەن مەنىدە ئىكەن [41].

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «سەككىز يۈكمەك» (sekiz yukmak) نومىنىڭ لوندۇندا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنىڭ ئارقا يۈزىدە رونىك يېزىقى بىلەن يېزىلغان بىغىشلىما بار. بۇ بىغىشلىما ئىككى سۆزدىن (12 ھەرپ بەلگىسى) تەركىپ تاپقان[42]. 2-سۆزنىڭ 1- ھەرپى ئوچۇق ئەمەس. ۋېلھىلىم باڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن 1- سۆزنى kürüg (تەكشۈرۈش ، چارلاش دېگەن مەنىدە) دەپ ئىزاھلىغان. لېكىن ئۇنى 2- سۆز بىلەن قوشۇپ تۇرۇپ يىشەلمىگەن. بىرنىشتىيام  بۇنى “kürüg bitidim” دەپ ئوقۇغان. [43]. بۇ ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئوقۇشتۇر. بۇ ۋەسىقىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ۋېلھىلىم باڭ  تاۋۇش نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ ئۇنى 11–12 ئەسىرلەرگە تەئەللۇق دەپ پەرەز قىلدى. ئەمما رونىك يېزىقىدىكى بىغىشلىمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ خىل قاراشقا نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىدۇ، لوندۇن نۇسخىسىنىڭ 10-ئەسىردىن كېيىنلىكىنى ھەققىدىكى ئىھتىماللىق ئىنتايىن تۆۋەن[44].

گىرمانىيە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى تۇرپاندىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر ھۆججەتنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئارقا يۈزى رونىك يېزىقىدىكى يەتتە قۇر مۇكەممەل بولمىغان خەت بار. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ ھۆججەتنى پېتېر زېمېي بىلەن سىرجىي تېزكان ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇلار قوپال ھەم رەتسىز يېزىلغان رونىك يېزىقىنى ئوقۇيالمىغان. بۇنى كىلاۋسۇن  ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «ئۆمۈچۈك پۇتىدەك يېزىلغان رونىك يېزىقىدىكى خەت» دەپ نام بەردى. بۇ رونىك يېزىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا چېكىنىش ھالىتىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

سېتەيېن شىنجاڭنى 2-قېتىم  قېتىم تەكشۈرۈشكە كەلگەندە (1906~1908 يىللىرى ) دۇنخۇاڭ ۋە مىرەندىن رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىنى تاپقان. ئۇ 12 پارچە پارچە-پۇرات يازما  بىلەن بىر پارچە مۇكەممەل ساقلانغان يازمىنى بايقىغان. سىتەيىننىڭ  تەكلىپى بىلەن ۋىليام تومسۇن بۇنى ناھايىتى ئىنچىكە تەتقىق قىلدى ۋە يەشتى[45]. پېللىئوتمۇ دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدىن رونىك يېزىقىدا يېزىلغان ۋەسىقىنىڭ پارچىسىنى تاپقان(ئۇنىڭ رەت نومۇرى  2132PT )[46].

قەغەزگە يېزىلغان بارلىق رونىك يېزىقىدىكىپۈتۈكلەر ئىچىدە، دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان كىتابچە كۆرۈنەرلىكرەك بولۇپ، ئۇ 29 ۋاراق قەغەزنى قاتلاش ۋە چاپلاش ئارقىلىق ياسالغان، ئۇنىڭ ھەجىمى 13. 2×8 سانتىمىتېر، 104 قۇر خەت بار بولۇپ، 65 خىل چۈشكە  تەبىر بېرىلگەن. كەينىدە خاتىمىسى بار، قىزىل موي قەلەم بىلەن يېزىلغان ، ئاخىرىغا يەنە قارا سىياھتا خەنزۇچە يېزىلغان بۇددا نوملىرى قوشۇمچە قىلىنغان[47]. بۇ ۋەسىقىگە تېما قويۇلمىغان. ئەمما خاتىمىسىگە بۇ كىتابنىڭ نامى ھەققىدە «“bu ïrk bitig”» ( بۇ ئىرق بىتىگ) دەپ توختالغان ، ئۇنىڭ مەنىسى «پالنامە» دىگەنلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن ۋەسىقىگە «ئىرق بىتىگ» (Ïrk bitig)دەپ نام بىرىلگەن[48].

«ئىرىق بىتىگ» قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى چۈشىنىش تەس بولغان پۈتۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تومسۇن رەتلەپ چىققان نۇسخىسى ھازىرغىچە كەڭ قوللىنىلغان نۇسخىسىدۇر. تومسۇن ئەسلى تېكىستنىڭ تىرانسىكىرپىسىيەسى، تەرجىمىسى، يەشمىلىرىنى ئىشلەپ چىقىش بىلەن بىرگە مۇئەييەن دەرىجىدە ئەسلى نۇسخىدىكى شەكىللەرنى ساقلاپ قالغان. كېيىن، بۇ پۈتۈكنىڭ  يېڭى تىرانسىكىرپىسىيەسى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تىرانسىكىرپىسىيەسى تومسۇن رەتلىگەن نۇسخا بىلەن بىردەكئە ئەمەس[49]. بەزى جايلىرىغا پۈتۈنلەي ئېتىبارسىز قارىغان [50]. كىشىلەر بۇ پۈتۈكنى رەتلەش جەريانىدا قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىغان بولسىمۇ،   ھازىرغىچە 65 خىل چۈش تەبىرىدەئېنىقلىيالمىغان يەرلىرى بار. بارلىق تەرجىمىلىرى ۋاقىتلىق تەرجىمە دەپ قارالماقتا.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ پۈتۈك ئورقۇن مەدەنىيى ئەنئەنىسىگە يېقىن، بۇلار شامان دىنىدىن ئىبارەت ئورتاق دىنىي ئېتىقاد بىرلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ( بۇ ھەقتە مالوفمۇ مۇشۇنداق قاراشنى ياقلىغان)، بەلكى يەنە تىل، ئۇسلۇپ ۋە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى (قەبىلىلەر قۇرۇلمىسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مومكىن) جەھەتلەردىمۇ بىردەكلىككە ئىگە دەپ قارايدۇ. گابائىن خانىم بۇپۈتۈكتە ئەكس ئەتكەن مەزمۇنلار مانى ۋە خىرىستىئان دىنلىرى ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن [51]، سىتەيبىلوۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭدا مانى دىنىدىكى ياخشى بىلەن رەزىللىك ھەققىدىكى ئىدىيەنىڭ تەسىرىمۇ بار دەپ كۆرسەتكەن[52]. جامىس خامىلتوننىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلارنىڭ ئەكسچە بولۇپ،«ئىرق بىتىگ» نىڭ پۈتۈلۈشى بىر مەھەل شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان تۈبۈت پالنامىچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، تۈبۈت پالنامىچىلىكى ئۆز نۆۋىتىدە  ھىندىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قارىغان[53]. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «ئىرق بىتىگ» تۈرك جەمئىيىتىدە كەڭ تارقالغان پالشۇناسلىققا دائىر قاراشلار شۇنداقلا يەنە شۇ چاغدا كىشىلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇجەسسەملەنگەن قىلغان بولۇپ، ئۇمۇئەييەن دەرىجىدە ئاددى خەلقنىڭ ئېتىقادىنىئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

«ئىرق بىتىگ» دىكى پاللارغا تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دىنن ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن. تۈرك-ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلار ئەسلىدە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. مانى دىنى سىرتتىن كىرگەن دىن ھېسابلىنىپ ،شامان دىنىنىڭ كۈشەندىسى ئىدى. مانى دىنىنىڭ تۈپكى ئەقىدىسى ۋە قارىشى ئىككى مەنبە ۋە ئۈچ زامان تەلىماتىدىن ئىبارەت. ئىككى مەنبە دۇنيانىڭ ئىككىلىكى ھەققىدىكى تەلىماتنى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك، ئۈچ زامان بولسا دۇنيا تەرەققىياتىدىكى ئۈچ باسقۇچنى يەنى ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى زاماننى كۆرسىتەتتى، بۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا شامان ئىلاھلىرى تۇراتتى. قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ۋەسىقىلەردە ئىككى مەنبە ۋە ئۈچزامان تەلىماتى ئىككى يىلتىز (iki jyltyz) ۋە ئۈچ ئۆد (üčöd) سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.

«ئىرق بىتىگ» دە  مانى دىنىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، شۇڭا بۇنى ئۆرپ-ئادەتكە دائىر ئەسەر تۈرىگە ئايرىشقا بولىدۇ. گەرچە بۇ ئەسەر مانى دىنى ئىبادەتخانىسىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ياكى مانى يېزىقلىرىدا خاتىرلەنمەستىن، بەلكى رونىك يېزىقىدا خاتىرلەنگەنلىكىگە قاراپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردا مانى دىنىنىڭ خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ يېزىلغان ۋاقتى 10-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمى، توغرىراق ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ يىل دەۋرىنى تەخمىنەن 930-يىلى ياكى  942-يىلى بولۇشى مومكىن. بازىنبۇ كۆز قاراشنى ياقىلايدۇ[54]

قوچۇ ئۇيغۇر بۇددىستلىرى تاكى يۈەن دەۋرىگىچە بولغان ئارلىقتا كۈچلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇرۇنقى ئەقىدە-ئېتىقاد ۋە كۆز-قاراشلارمۇ ئويغىنىش ھالىتىدە تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئوخشىمىغان مىللەت، مەدەنىيەتلەر شەھەر ۋە ئاھالىلەر ئارا يۇغۇرۇلۇشى مانا مۇشۇنداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان.

مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىش ۋە سىڭىشىشتەك بۇ خىل ھادىسە دۇنخۇاڭ موگاۋ غارلىرىدىكى تۈرك-رونىك يېزىقىدا يېزىلغان ۋەسىقىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋەسىقىلەرنى ستەيىن ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە كۈتۈپخانىسىدا Or. 8212(78) ۋە Or. 8212(79) نۇمۇر بىلەن ساقلانماقتا[55]. بۇ ئاساسلىقى 7 پارچە ۋەسىقىنىڭ كەمتۈك پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ،8- 10 ئەسىرلەردىكى جۇڭگوچە ھۆكۈمەت ۋەسىقىلەردىكى ھۆججەتلەرنىڭ 30~28 سانتىمىتېرلىق ئۆلچمىدە ساقلىنىپ قالغان[56]. بۇ ۋەسىقىنىڭ ئوڭ يۈزىگە خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان، بۇ خىل ھادىسىگە تۈرك -رونىڭ يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرى يېشىپ ئوقۇغان ئالىم تومسۇن  ئېتىبارسىز قارىغان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدا ھەر بىر ۋەسىقىنىڭ كەينى يۈزىنىڭ فوتۇ نۇسخىسىلا بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ساقلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان شۇنداقلا ئۇنىڭ مەزمۇنىنى دىنغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان[57].

خامىلتون ۋە بازىنلار بۇ ۋەسىقىنى قايتا تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، ئۇنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى خەتلەرنىڭ يىل-دەۋرىنى تۇڭ گۇاڭنىڭ 3-يىلى (925-يىلى) 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا گو زوڭتاۋ تاڭ جۇاڭزوڭ (926-923 يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان [58]) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئورۇندالغان مەلۇماتنامە دەپ قارىغان. كېيىنكى يىلى 1-ئايدا گو زوڭتاۋ ئۆلتۈرۈلگەن[59]. 926-يىلى [60] تاڭ جۇاڭزوڭ ئۆلگەن. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خانلىق ئارخىپلىرى مەھكىمىدىن شاجۇغا (دۇنخۇاڭ) بېرىپ قالغان بولۇشى كىرەكسىز نەرسە قاتارىدا قايتا پايدىلىنىلىشقا باشلىغان بولۇشى مومكىن. تۈرك رونىك يېزىقىدىكى بۇ ۋەسىقىنىڭ يىل-دەۋرى 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى [61]  ياكى كېيىنكى يىرىمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ[62].

ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەتقىقاتى رونىك يېزىقىدىكى بۇ ۋەسىقىلەرنى تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ھېكىمەتنامە توپلىمى ئىكەنلىكىنى بىردەك كۆرسىتىپ بەردى[63](بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېكىمەتلىك سۆزلەر مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 1070-يىلى يېزىپ قالدۇرغان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە كۆرۈلىدۇ) . بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ ساقلىنىشى تۈركلەر تارىخى ھەققىدە ئېنىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشقا تولۇق ئاساس بولالمىسىمۇ، بۇ ھېكىمەتلىك سۆزلەردىن تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ سايىسى كۆچمەن مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ قەغەز يۈزىگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك -رونىك يېزىقىدا يېزىلغان ئىككى پارچە ھۆججەت بولۇپ، بۇنىڭ بىرى دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرىدىن ، يەنە بىرى مىرەن قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغىنىدا ئۆتكەن-كەچكەن ئەسكەرلەرنى قوي ۋە ھاراق بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى ھېسابات خاتىرلەنگەن ئۇنىڭ يىل-دەۋرى[64] 9-ئەسىردىن 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىكەن.بۇ ۋەسىقىدىن ئەينى ۋاقىتتا 30 ئادەمنىڭ ھەر بىرىگە ھەر كۈنى بىر قوي ۋە بىر تۇڭ ھاراق بىرىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىغا باھاتۇر چىگشى (Baghatur chigshi) نىڭ ئىمزاسىمۇ بىرىلگەن[65]. بۇ ۋەسىقىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ كۆپرەك چۈشۈپ قېلىشىدەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قارىغاندا ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى پۈتۈكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

مىرەندىن تېپىلغىنى ئەسكەرلەرنىڭ ئىھتىياجىغا دائىر بولۇپ، ئۇ ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. مىرەن تارىم ئويمانلىقىدىن دۇنخۇاڭغا بارىدىغان ئۆتۈشمىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 9-ئەسىردە خاراپ بولغان. سىتەيىن بۇ ۋەسىقىدىن مىرەنگە بارىدىغان ئۆتۈشمە يولنى تۇيۇقسىز بايقىغاندىن كېيىن، دۇنخۇاڭ بىلەن كۈسەننى بىرلەشتۈرۈپ قارىغان[66].  ئۇنىڭ بۇ خىل پەرىزىنىڭ ئاساسى بار ئىدى. بۇ ۋەسىقىنىڭ يىل-دەۋرىنى شۈبھىسىزكى 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە توغرا كېلىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى ھۆكۈمرانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى. بۇ ۋەسىقىدە توققۇز ئوغۇزلار، بايىرقۇ  ۋە قۇرابىرلار تىلغا ئېلىنغان[67] ، شۇنداقلا يەنە ئاتلارنىڭ مال ئورنىدا ئالماشتۇرىلىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قوشۇنىنىڭ قورال-ياراقلىرىدىن ساۋۇت، دۇبۇلغا، قېلىچ شۇنداقلا ئاتلار تەقسىملىنىشى خاتىرلەنگەن.

شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان تۈرك-رونىك يېزىقىدىكىئەڭ ئاتاقلىقلىرى يۇقارقىلاردىن ئىبارەت. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇلار قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ۋەسىقىلەردە ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ۋەسىقە ۋە نەرسىلەرنىڭ ماددى بويۇملارنىڭ بايقىلىشى تۈرك -رونىك يېزىقىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ناھايىتى كەڭ ۋە كۆپ تەرەپلىمە قوللىنىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە دىن، جامائەت ئىشلىرى، لەشكىرىي ئىشلار ھەتتا ئۆزگىچە خەلق ئەپسانلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتلەرنى  خاتىرلەشكە ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يۇقارقىدەك ساھەلەردە ئىشلىتىلىشى تۈرك-رونىك يېزىقىدىنخېلىلا كېيىن بولۇپ، 11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن ئاشمايدۇ. شىنجاڭ ۋە دۇنخۇاڭدا تۈرك-رونىك يېزىقى يالغۇز مەڭگۈ تاشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە كىتاب شەكلىدىكى پۈتۈكلەردىمۇ كەڭ ئىشلىتىلگەن.  تۈرك -رونىك يېزىقىنىڭ ناھايىتى قائىدىلىك بولغانلىقى ، قەغەزگە يېزىشقىمۇ ماس كەلمەيدىغانلىقى ھەم دەۋرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئۇ يەنە كېلىپ تىز يازما شەكىل بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاخىرى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشتەك تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغان[68]. 10-11- ئەسىرلەردە قەشقەردە رونىك يېزىقى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە ئانچە ئىشلىتىلمىگەچكە قەشقەردە بارلىققا كەلگەن ئىككى بۈيۈك نامايەندە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ بۇ يېزىق تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت 13-ئەسىردە ياشىغان پارس تارىخشۇناسى ئەلالىدىن ئەتا مالىك جۇۋاينى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئورقۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاستانىسى ـــ  ئوردۇ بالىق (ھازىرقى قارابالغاسۇن قەدىمىي  خارابىسى) شەھىرى ھەققىدە توختالغاندا، كىشىلەر ئوقۇيالمىغان مەڭگۈ تاشلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ تۈرك رونىك، خەنزۇ ۋە سوغدى يېزىقلىرىدا يېزىلغان «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» ئىدى[69]. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەزى شامانلار (Kams) مەڭگۈ تاشلاردىكى خەتلەرنى تېكستلەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئوقۇپ چىققان. ئەمما جۇۋەينى خاتىرلىگەن بۇ ۋەقەلىك بىلەن ئادەتتىكى باشقا مەڭگۈ تاش تېكستلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ قىلچىلىك ئورتاقلىقى يوق.

تۈرك- رونىك يېزىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشلىتىلىش تارىخى ئۈچ يىرىم ئەسىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما، بۇ ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، تۈركلەر مەدەنىيەتنى خاتىرلەش تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان، شۇڭا، تۈرك –رونىك رونىك يېزىقىنىڭ رولىغا قانداق باھا بەرسەك ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. 

 [1] روبروۋىسكىي : «1893-1895-يىللىرى ئېلىپ بىرىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيەسىدىن دەسلەپكى دوكلات»، «روسىيە خانلىق جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى مەجمۇئەسى» ، 1989-يىللىق 34-سان، 12-بەت.

[2] [4] [9] رادلوف : «تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، «1898-يىلى سانكېت پېتىربورگ خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان تۇرپانغا دائىر ماتېرىياللار» ناملىق مەجمۇئەنىڭ 1-سانىغا بېسىلغان، سانكېت پېتىربورگ، 1899-يىلى، 55-،85،57،56-بەتلەر.

[3] [5] [8] ئوردېنبورگ : «1898-يىلى كېلىمىنتىز ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنىڭ تۇرپاندىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشى»، «روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى خانلىق جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى سىبىرىيە شۆبىسىنىڭ ئىلمىي مەجمۇئەسى» نىڭ 45-سانىغا بېسىلغان، ئىركوتسك،1917-يىلى، ،219،223، 231،220-بەتلەر.

[6] كېلىمىنتىز: ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى پوپوفنىڭ «كېلىمىنتىزنىڭ ھاياتى پائالىيىتى» ناملىق كىتاب ۋە «كېلىمىنتىزنىڭ ئەسلىمىسى» دىن كۆرۈڭ، لېنىنگراد، 1925-يىلى نەشرى،7، 63-بەتلەر.

[7] كېلىمىنتىز : «تۇرپان ۋە قەدىمكى ۋەسىقىلەر»،«1898-يىلى سانكېت پېتىربورگ خانلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان تۇرپانغا دائىر ماتېرىياللار»1-سان، سانكېت پېتىربورگ، 1899-يىلى نەشرى ،1 53-بەتلەر.  

[10] پېتىربورگدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ ساقلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن كۆرۈڭ؛ سامويلۇۋىچ : «روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا مۇزېيى» (1818–1918يىللار)، پېتىرگراد، 1920-يىلى، 34-37-بەتلەر،  سامويلۇۋىچ ۋە دىمتىرىي: «روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»،«شەرق دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى»، 1969-يىللىق 8-سان،222 -228-بەتلەر؛ كىلياشتورنىي : «سوۋېت ئىتىپاقىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار»، 1970-يىلى، ئالمۇتا، 54-56-بەتلەر؛ ناسلوف : «روسىيە شەرقشۇناسلىق ئىلىم ساھەسىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار»، «تۈرك تىلى ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى» 1970-يىللىق سانى ، 1970-يىلى، موسكۋا، 93-110-بەتلەر.

[11] رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ (R. Arat) مۆلچەرىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساقلىنۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قانۇن ۋە ئېلىم-بېرىمغا دائىر ۋەسىقە 400 پارچىغا يىتىدىكەن. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ (R. Arat) « تۈرك يېزىقىدىكى ھوقۇق- ۋەسىقىلىرى» (بۇ ماقالە «تۈرك مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 1-سانىغا بېسىلغان، 1964-يىلى ، ئەنقەرە، 38-بەت) ناملىق ماقالىسىگە مۇراجەت قىلىڭ. بۇ ۋەسىقىلەردىن بەزىلىرىنىڭ 11-10-ئەسىرلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتا، ئەمما كېلارك  بىلەن پېتېر زېمېي ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ 14-13-ئەسىرلەردىكى موڭغۇللار دەۋرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە  خۇلاسە چىقارغان.

[12] كىلياشتورنىي  : «قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارــــ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى توغرىسىدىكى ئەسلى ماتېرىياللار»، موسكۋا، 1964-يىلى نەشرى،44- 70- بەتلەر؛ كونونوف : «9-7 – ئەسىرلەردىكى تۈرك- رونىك يېزىقى گرامماتىكىسى»، موسكۋا، 1980-يىلى نەشرى، 14 -22-بەتلەر.

[13] كىلياشتورنى، لىفشىز  : «قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقى ۋە سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ بايقىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى»، «موڭغۇلىيە ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئىرىقشۇناسلىقى» ، 1978-يىلى نەشرى، سىبىرىيە، 60-37-بەتلەر؛ كىلياشتورنى : «قەدىمكى تۈرك -رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ـــ -1968 -1969-يىللىرى موڭغۇلىيەدىكى دالا تەكشۈرۈش تىمسالىدا»، «تۈرك تىلىدىكى ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى، 1972-يىللىق توپلام، موسكىۋا، 1973-يىلى، 254-264-بەتلەر؛ كونونۇفنىڭ كىتابىنىڭ 13-7- بەتلىرى؛ ۋاسلىيېف : «ئاسىيادىكى تۈرك –رونىك يېزىقىدىكى پۈتۈكلەر» ، «سوۋېت تۈركلوگيەسى» ژورنىلىنى، 1976-يىللىق 1-سان ، 71-81،92- 98-بەتلەر؛

[14] تەرجىماندىن قىستۇرما : مورتۇق مىڭئۆيىنىڭ 28-غارى بېزەكلىك مىڭئۆيىنىڭ 4-غارىنى كۆرسىتىدۇ.

[15] روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى شەرقشۇناسلار ئارخىپ  ئومۇمىي نومۇرى28 ، مۇندەرىجە نۇمۇرى 1،ۋە 126-ۋەسىقە ؛ كېلىمىنتىز : «شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ مەدەنىيەت ھالىتى ۋە سان-سېپىر قىسقىچە مەلۇماتى»، 52-بېتى، بۇ ھەقتە يەنە كېلىمىنتىزنىڭ كىتابىنىڭ 47-بېتىگە قاراڭ.

 [16] روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى شەرقشۇناسلار ئارخىپ   ئومۇمىي نومۇر28 ، مۇندەرىجە نۇمۇرى1، ۋە 137-ۋەسىقە ، كېلىمىنتىز : «1898-يىلىئىكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپان قەدىمىي شەھىرى ۋە مىڭئۆيلىرىدىن بايقىغان ۋەسىقىلەر»، 3-5 -بەتلەر.

[17] تەرجىماندىن قىستۇرما : يارغول قەدىمىي شەھىرى مىڭئۆيىنىڭ 3-غارىدا قەدىمكى تۈرك -رونىك يېزىقىدا يېزىلغان بىغىشلىما بار. فېڭ جىياشېڭمۇ بۇلارنىتەتقىق قىلغان. «1960-يىلى تۇرپاندا يېڭىدىن بايقالغان قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» ، «تارىخشۇناسلىق» ژورنىلى، 1963-يىللىق 3-سان ، -145 156-بەتلەر.

[18] تەرجىماندىن قىستۇرما : پائول پېللىئوت نۇمۇر سالغان 8- غار دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى نومۇر سالغان 146- غارنى كۆرسىتىدۇ.

[19] پائول پېللىئوت : «دۇنخۇاڭ غارلىرىنىڭ رەسىملىك توپلىمى»،1-توپلام، پارىژ، 1920-يىلى، 18-رەسىم.

[20] [21] كىلياشتورنى، لىسىنچىك: «شىنجاڭدىن تېپىلغان تۈرك- رونىك يېزىقى چۈشۈرۈلگەن مىس كۆرگۈ»، «سانكېت-پېتىربورگ مۇزىي دوكلاتى» ، 39-سان ، لېنىنگراد، 1974-يىلى نەشرى، -45 48-بەتلەر.

[22] كىلياشتورنىي: « تۈرك -رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارــــ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدىكى ئەسلى ماتېرىياللار»، موسكۋا، 1964-يىلى نەشرى، 106-114- بەتلەر.

[23] كىلياشتورنى ، لىفشىز  : «بۈگۈتتىن تېپىلغان سوغدى تىلىدىكى مەڭگۈ تاشلار»، «شەرق دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى» 10-سان، 140-بەت . 1971-يىلى، موسكىۋا؛ كىلياشتورنى ، لىفشىز : «بۈگۈتتىن تېپىلغان سوغدى تىلىدىكى مەڭگۈ تاشلارغا ئىزاھات»، «شەرقشۇناسلىق ئىلمىي ژورنىلى» 1972-يىللىق 1-سان ،86- 87-بەتلەر.

[24] گابائىن  : « بۇددا دىنىنىڭ تۈركلەردىكى رولى»، «ئاسىيا تەتقىقاتى» ، لېيىپزىگ، 1954-يىلى، 196-بەت.

[25] بىچۇرىن : «ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرگە دائىر تارىخى ماتېرىياللار توپلىمى»،1-توپلام، موسكۋا-لېنىنگراد، 1950-يىلى، 300-بەت. گابائىننىڭ كىتابىنىڭ 169-بېتىدىن كەلتۈرۈلگەن نەقىل.

[26] [28] [30] [31] گابائىن : «ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددىزىمى»، «شەرقشۇناسلار قوللانمىسى»،1-بۆلۈم 1-تومىنىڭ 2-قىسىمى، لېيدېن، 1961-يىلى،506 -507 ،169-،509-506-بەتلەر.

[27] تەرجىماندىن قىستۇرما: ماقالىنىڭ روسچە ۋە ئېنگىلىزچە نۇسخىلىرىدا2- تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى 687-يىلى دېيىلگەن، ئىلىم ساھەسىدە ھازىر 682-يىلى دەپ ئېتىراپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە شۆ زۇڭجېڭنىڭ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشىرىياتى 1992-يىلى نەشىر قىلغان «تۈرك تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ 450-بېتىگە گە قاراڭ.

[29] كىلياشتورنىي : «موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان تۈرك-رونىك يېزىقى ئويۇلغان بىر تەڭگە»، «تۈرك ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى» ژورنىلى، 1972-يىللىق 2-سان ، موسكىۋا، 334-338- بەتلەر.

[32] ئاسرانوۋا، كىلياشتورنى : «ئىرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن تېپىلغان تۈرك -رونىك يېزىقى ئويۇلغان  مىس ئابىدە»، «تۈرك ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى»، 1972-يىللىق سان، موسكۋا، 306- 316-بەتلەر.

[33] ف. توماس، گ.كلاۋسۇن: «تىبەت يېزىقىدا يېزىلغان خەنزۇچە بۇددا نوملىرى»، «خانلىق ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى»، 1927-يىلى، 282- 283-بەتلەر.

[34] كىزلاسوف  : «تۇۋالارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى»، موسكۋا، 1969-يىلى، 95-بەت.

[35] كىلياشتورنى : «موڭغۇلىيەدىكى رونىك-رونىك يېزىقى يېزىلغان قىيا تاشلار»، «تۈرك ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى»، 1975-يىللىق توپلام، موسكۋا،154-بەت.

[36] [37] ئالبېرت فون لېكوك  : «تۇرپاندىن تېپىلغان تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ـــــــ تۇرپاندىكى تۇيۇق ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىلىرىدىن تېپىلغان تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقە پارچىلىرى»، «پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژورنىلى»، 1909-يىلى، 1061-1057،1050- بەتلەر.

[38] رادلوف  : «قەدىمكى تۈرك تىلى تەتقىقاتى (3)ـــــ تۈرك- رونىك ۋەسىقە پارچىلىرى»، «ئېمپىرىيە ئىلمىي كېڭىشى خاتىرلىرى»، 1910-يىلى، 1025-1036- بەتلەر.

[39] تومسۇن  : «قارا غوجىدىن تېپىلغان Kao. 0107 نومۇرۇق تۈرك -رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقە پارچىلىرى»، بۇ ماقالە سىتەيىننىڭ «مەركىزىي ئاسىيا» ناملىق كىتابىنىڭ 2-تومىغا كىرگۈزۈلگەن، ئوكېسفورت ئۇنۋېرسىتېتى ، 1928-يىلى،1082- 1083 -بەتلەر، 124 – قىستۇرما رەسىم.

[40] لېكوك  : «قوچودىن تېپىلغان تۈركچە مانى دىنىغا دائىر ۋەسىقىلەر»(2)، «پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژورنىلى»،3-توپلام، 1919-يىللىق 3-سان، 4 -بەت.

[41] ف.ك. مۇللېر  : «سوغدى تىلىدىكى ۋەسىقىلەر»(2)، «پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژورنىلى»، (2-توم)، 1934-يىللىق 21-سان، 548 -بەتلەر.

[42] ۋىلھېلىم باڭ ، گابائىن، رەشىت رەھمىتى ئارات: « ‹تۈركچە تۇرپان تېكستلىرى› 6-تومىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا نومى ‹سەككىز يۈكمەك›( Säkiz Yükmäk Sutra ) ھەققىدە»،  «پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژورنىلى»،(10-توم)، 1934-يىل ، 97 -بەت.

[43] بىرنىشتىيام : «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يازمىلىرىدىكى رونىكچە خەتلەر»، «روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى ئىلمىي ژورنىلى»، 1939-يىللىق 7-سان، 303-305-بەتلەر؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە رابشانېنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بوددا نومى ‹Tangri burxan yrliqamis tngrili yerli sakiz yukmak yaruq bugulu arvis nom bitig ›) ‹سەككىز يۈكمەك ›)  دىكى تۈرك-رونىكچە خەتلەر» ناملىق ماقالىگە قاراڭ، «شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى»،6-توم، 1-سان،  1936-يىلى، 1-2- بەتلەر.

 [[44 كىلياشتورنى  : «قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر ــــ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىھەققىدىكى ئەسلى ماتېرىياللار»، موسكۋا، 1964-يىلى ، 50-بەت؛ بۇنىڭدىن باشقا  «قەدىمكى تۈرك تىلى لۇغىتى» گە قاراڭ، لېنىنگراد، 1969-يىلى، 36-بەت.

[45] تومسۇن  : «دوكتۇر سىتەيىن مىرەن ۋە دۇنخۇاڭدىن بايقىغان تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»،  «خانلىق ئاسىياشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى»، 1912-يىلى، 181-227 -بەتلەر.

[46] خامىلتون  : ««دۇنخۇاڭ غارلىرىدىن بايقالغان قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، «ئاسىيا ژورنىلى»،269-توم،1- 2- سانلىرى.

[47] خامىلتون  : «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ‹ئىرق بىتىگ›»، «تۈركلوگىيە»، 1975-يىللىق 7-سان، 11-10 بەتلەر.

[48] ۋېلھىلىم باڭ  ، گابائىن: « تۈركچە تۇرپان تېكستلىرى»، «پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژورنىلى»، 1929-يىلى، 243-242-بەتلەر.

[49] ھۈسەيىن نامۇق ئورقۇن : «ئەسكى تۈرك يازىتلارى»(2-توم)، ئىستامبول، 1939-يىلى، 73 -91-بەتلەر.

[50] مالوف : «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ۋەسىقىلەر»، موسكۋا-لېنىنگراد، 1951-يىلى، 80 -92-بەتلەر.

[51] گابائىن  : ««قەدىمكى تۈرك تىلى ئەدەبىياتى»، «تۈرك تىلىدىن  ئاساس» ،(2-توم)، 215- 216 -بەتلەر.

[52] سېترەيۋا : ««تۈرك دىنلىرى ۋە ئەپسانىلىرىنىڭ سىستېمىلىرىنىڭ قايتا قۇراشتۇرۇلۇشۇشى»، «تۈرك ۋەسقىلىرى تەتقىقاتى»، موسكۋا، 1972-يىلى، 222-223 -بەتلەر.

[53] خامىلتون  : «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى پالنامە ‹ئىرىق بىتىگ› »، 10-9 –بەتلەر؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارلوتتونىڭ  «جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى مەجمۇئەسى»  گە بېسىلغان «قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى پالنامە » ناملىق ماقالىنىڭ  1971-1970 يىللىق سانلىرىنىڭ 685-636 بەتلىرىگە قاراڭ.

[54] لوئى بازىن  : «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ كالىندارى ھەققىدە تەتقىقات»، رېئىل ئۇنۋېرسىتېتى، 1974-يىلى، 296-بەت.

[55] سىتەيىن  : «غەربى يۇرت : ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگونىڭ غەربىدە ئېلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتى»، 2-توم، 294-295- بەتلەر.

[56] ئوچىئائى مورىكازۇ  : «دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، 1-قىسىم، «كيوتۇ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»، 1966-يىللىق 1-سان، 28-بەت.

[57] [64] تومسۇن: «دوكتۇر سىتەيىن مىرەن ۋە دۇنخۇاڭدىن بايقىغان تۈرك -رونىك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»، 215 -217، 219-218-بەتلەر.

[58] [60] تەرجىماندىن قىستۇرما : بۇ ھەقتە روسچە ۋە ئېنگىلىزچە ئەسلى  نۇسخىلىرىدا 936-يىلى دېيىلگەن، بۇ ھەقتىكى خاتالىقنى تۈزۈتىش كېرەك.

[59] تەرجىماندىن ئىزاھات : گوچوڭتاۋنىڭ تەرجىمھالىنى «كونا بەش دەۋر تارىخى» دىن كۆرگەيسىز.

[61] تەرجىماندىن  قىستۇرما : بۇ ھەقتە روسچە ۋە ئېنگىلىزچە ئەسلى مەنبەدىكى ئەسەرلەردە 9369-ئەسىردە دېيىلگەن، بۇ ھەقتىكى خاتالىقنى تۈزۈتۈش كېرەك.

[62] :  خامىلتون ، لوئى بازان  : «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە  ۋە تۈرك-رونىكچە ۋەسىقىلەر»، «تۈركلوگىيە» ژورنىلى، 1972-يىللىق 4-سان،28-25-بەتلەر ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بازاننىڭ «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ كالىندارى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابنىڭ 292-بېتىگە قاراڭ.

[63] تەرجىماندىن: بۇ ۋەسىقىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىىسىنى ياڭ فۇشۆ ۋە نيۇ رۇجىيلار بىرلىكتە يازغان «شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىقىلىرى» ناملىق كىتابتىن كۆرۈڭ.

[65] تەرجىماندىن : بۇ ۋەسىقىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى نۇسخىسىنى ياڭ فۇشۆ ۋە نيۇرۇجىيلار بىرلىكتە يازغان «شاجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىقىلىرى» ناملىق كىتابتىن كۆرۈڭ.

[66] سىتەيىن : «غەربى يۇرت : ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە  جۇڭگونىڭ غەربىدە ئېلىپ بىرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتى»، 1-توم،471-476- بەتلەر؛ بۇ ۋەسىقە تومسۇننىڭ كىتابىنىڭ 192-182- بەتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن، 21- قىستۇرما رەسىملەر، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ۋەسىقىنى رەتلىگەندە تومسۇن مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلانمىغان، شۇڭا بۇ ۋەسىقىنىڭ كونكېرت مەزمۇنىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن.

[67] تەرجىماندىن : 屈罗勿 سۆزى خەنزۇ تىلىدىكى ۋەسىقىلەردە 咄罗勿 دەپ يېزىلغان، قەدىمكى تۈركچە ۋەسىقىلەردە بۇنىڭغا ماس ھالدا Kürabirs دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، “屈” خېتى咄 دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان. ۋ. خېننىڭ “屈” نى “咄” قىلىپ ئۆزگەرتىپ يازغان. شۇنىڭ بىلەن 屈罗勿 سۆزى قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ئەسلى نامى سۈپىتىدە Kürabirs قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ «شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئىلمىي خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ 1938-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاگنى ۋە توخرى تىلى» ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ.

[68] ۋ. رالفا ، م.ئا. ئېللىئوت  : «رونىك يېزىقى»، كامبىرىج ئۇنۋېرسىتېتى، 1959-يىلى نەشىرى، 62-بەت.

[69] ئەلالىدىن ئەتامالىك جۈۋەينى  : «تەۋارىخى جاھان كۇشاي» ، 1-توم، لوندون، 1958-يىلى، 53-61 -بەتلەر.

 

(كىلياشتورنىي ــ 1928-يىلى تۇغۇلغان، 1950-يىلى لېنىنگراد ئۇنۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. روسىيەلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك تارىخى تەتقىقاتى بويىچە مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق ۋەسىقىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن

(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنىستىتوتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستېر ئاسپىرانتى)

بۇ ماقالە «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 2-ساندىن تەرجىمە قىلىندى.

 مەنبە : ”شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى“ ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانى.