ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر ئەسىرلىك نوپۇس ئۆزگىرىشى

لى چى 李琪))

تەرجىمان : ئىمىن تاجى تۈرگۈن

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىختىكى نوپۇس ئۆزگىرىشى خاتىرىلىرىنىڭ بىر ئەسىر دائىرىسىدىلا چەكلىنىشى ئالاھىدە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. ئوخشىمىغان تارىخى باسقۇچلاردا نوپۇس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش ۋە كېمىيىش ھالىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ (ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ) تارىخى تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي شارائىتى، سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىقتىسادىي ئاساسىي ۋە ئەتراپتىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغان.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېمزالانغان «جوڭگۇ-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» غا ئاساسەن روسىيە تەۋەسىگە مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى قازاقىستانغا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر بۇ يەردىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتكە ئايلاندى① . 1989-يىلى پۈتۈن سوۋىت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق نوپۇس سىتاستېكىسىدا ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتكە تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 263 مىڭ(263000) ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ℅70 ى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋە تالدى قورغان ئوبلاستلىرىنىڭ ئىلى دەريا بويلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىر قىسىمى تالاس (ئىلگىرى جامبۇ شەھىرى) ۋە چىمكەنت شەھىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 185 مىڭ 300 بولۇپ( 1989-يىلىدىكى سىتاستېكا)، قازاقىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ℅1.1 نى تەشكىل قىلغان. قالغان بىر قېسىم ئۇيغۇرلار ئۆزبىكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرى، تاشكەنت ئوبلاستى، ئەنجان شەھىرى ۋە ئەنجان ئوبلاستلىرىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان(بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى سانى (140 مىڭ 9 ئادەم‹14009 ›) . نۆۋەتتە ئۆزبىكىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز مىللەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

1989-5919-يىللاردىكى ئۆزبىكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس سىتاستېكا جەدۋىلى② :

قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك، ئۇش، توقماق، پۇرۋارسكىي قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 368 مىڭ ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركمەنىستاننىڭ بايرام، ئالى قاتارلىق شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 1300، تاجىكىستاندا 600 دىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار بار③. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتىنى ياراتقان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۈز يىلدىن بۇيانقى پۈتۈن روسىيە ۋە سوۋىت ئىتىپاقى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان نوپۇس سىتاستېكا ماتېرىيالىنى ئاساس قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس سانى سىتاستېكىسى ؛

يۇقىرقى جەدۋەلدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ ۋاقىت ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا ئۆزگىرىش ۋە كۆچۈش دولقۇنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئىلىم ئەھلى شۇنداق قارايدۇكى، نوپۇس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى تارىخىيلىققا ئىگە بولۇپ، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا تايىنىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چارروسىيە، سوۋىت ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ سىتاستېكا قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىكى ئوبىكتىپ ئەھۋال بىلەن بۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىمىز؟، ئېنىقكى تارىخى تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ماقالىدە تارىخى دەۋرلەر ئاساسى لىنىيە قىلىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس تەرەققىيات جەريانى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

1. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسى ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى

ھازىرغا قەدەر ئۆزۈم كۆرگەن روس يېزىقىدىكى ئەسەرلەردە سوۋىت ھاكىمىيىتى دەسلەپ تىكلەنگەن ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى 600 مىڭ(600000) دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلانغان ماتېرىيال ئەينى ۋاقىتتا سوۋىت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتى تۈركىستان ئۆلكىلىك مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇللا روزى باقىيىف يەتتە سۇ سوۋىت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتىغا يوللىغان دوكلاتىدا يەتتە سۇ رايونىدا 265 مىڭ ، سىر دەريا ۋادىلىرىدىكى رايونلاردا 30 مىڭ ، فەرغانە رايونىدا 30 مىڭ ، تۈركمەنىستاندا 2500، سەمەرقەندتتە 2500 ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان④

كەمىنە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن يۇقىرقى دوكلاتتا ئېيتىلغانلارنىڭ 1897-يىلىدىكى نوپۇس سىتاستېكا سانى بىلەن بىردەك چىقمايلا قالماستىن بەلكى 1917-يىلىدىكى روسىيە يېزا-ئىگىلىك سىتاستېكا ماتېرىياللىرى بىلەن بولغان پەرقىمۇ چوڭ بولۇپ چىققان. 1897-يىلىدىكى نوپۇس سىتاستېكىسىدا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى تارانچىلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 71 مىڭ 91 (71091) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تارانچىلار 55 مىڭ 815⑤، بۇنىڭدىن باشقا 1905-يىلىدىكى نوپۇس سىتاستېكا ماتېرىيالىدا يەتتە سۇ رايونى مىسال ئېلىنىپ ئومۇمىي نوپۇس 1 مىلىيۇن 81 مىڭ 436 (1081436)، تارانچىلار 20 مىڭ 32 (20032)(بۇ رايون نوپۇسىنىڭ℅ 1.85 ىنى تەشكىل قىلغان⑥)، يۇقارقى سىتاستېكا سانى چارروسىيە مەمۇرىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بىلەن بىردەك چىققان. شۇڭا بۇنى ئىشەنچلىك دەپ تەستىقلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 1917-يىلىدىكى روسىيە يېزا-ئىگىلىك سىتاستېكا ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، روسىيە دائىرىسىدە 609 مىڭ 88(60988) تارانچىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاۋۋال قەشقەردىن ئىلىغا بوز يەر ئېچىشقا چىققانلىقىنى، كېيىن 1881-يىلىدىكى مەجبۇرىي ھالدا روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. بۇلاردىن باشقا 39 مىڭ 528 (30528) ى قەشقەرلىك بولۇپ، ئومۇمىي سانى 1 مىلىيۇن 516 (100516)⑦ ، بۇ سىتاستېكا ماتېرىيالى بىزنى ئەسەرنىڭ بېشىدا دېيىلگەن « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چارروسىيە ئىلىنى بىسىۋىلىپ بۇ يەردىن چارروسىيە زېمىنىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشنى ماتېرىيال مەنبەسى بىلەنلا تەمىنلەپ قالماستىن بەلكى يەنە نوپۇسنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنىمۇ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1897-يىلىدىن 1917-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى 714 مىڭ دىن سانى 1 مىلىيۇن 516 (100516) گە كۆتۈرۈلگەن. 20 يىل ئىچىدە ئوتتۇز مىڭ (30000) ئادەم كۆپەيگەن. بۇ نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ سانلىق قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش ئامىلىدىن باشقا يەنە مىخانىك ئېشىش ئامىلىمۇ زور رول ئوينىغان.

1904-1905 يىلىدىكى روسىيە-ياپۇنىيە ئۇرۇشى ۋە 1914-يىلىدىكى 1- دۇنيا ئۇرۇشى روسىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان بايلىقلىرىنى زور دەرىجىدە ئىسراپ قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي نەچچە مىلىيۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، دۆلەتتە ئەمگەك كۈچى يىتىشمەسلىكتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ زاۋۇتلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشتىن توختاپ ، تېرىقچىلىق كۆلىمى زور دەرىجىدە تارىيىپ كېتىشتەك ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان.

چارروسىيە مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ئىگىلىكنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۆۋەن باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ كاپىتال توپلاش ئۈچۈن مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ چىگرا رايونىدا تۆۋەن باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا بىرىپ ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزا-ئىگىلىك ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. ھەر يىلىنڭ تېرىم ۋە يىغىم مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاپىرىلغان. بۇ خىل پەسىللىك ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى يەرلىك ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىدىن تۆۋەن بولغاچقا يەرلىكلەر تەرىپىدىن ناھايىتى ئاسانلا ياللىنىپ ئىشلەشكە ئېلىپ قىلىنغان⑧. بىر قېسىم كىشىلەر ھاياتلىق ئۈچۈن چارروسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىپ پەسىللىك ئىشچىلار دولقۇنى بىلەن چىقىرىش ۋە قوبۇل قىلىشنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنى بار-بارا شەكىللەندۈرگەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، پەسىللىك ئىشچىلار دولقۇنى كۈنسىرى زورايغان. 1913- 1911 يىللىرى ھەر يىلدا 25000-20000 قەشقەرلىكلەر فەرغانىگە بىرىپ پەسىللىك ئىشچىلار ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان⑨. پەقەت 1914-يىلىلا بۇنداقلارنىڭ سانى 40 مىڭ (40000) غا يەتكەن⑩. بۇلار ئادەتتە 50-18 ياشلار ئىچىدىكى ئادەملەردۇر. 1917-يىلىدىكى روسىيە يېزا-ئىگىلىك سىستاستېكا ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۈنسىرى ئاشقان.

ياۋروپا ئۇرۇشىدىن كېيىن، چارروسىيە تەۋەلىكىدىكى جوڭگۇلۇق سودىگەرلەردىن نەچچە يۈز مىڭلىغان ئادەم روسلارنىڭ ئىزىشى ۋە ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان⑪. بۇ سودىگەرلەرنى قوغداش ئۈچۈن جوڭگۇلۇق ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايتتى. مىنگو ھۆكۈمىتى دۆلەت چىگرىسىنى تاقاپ شىنجاڭدىكى ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بىرىپ ياللىنىپ ئىشلىشىنى چەكلىشى بىلەن پەسىللىك ئىشچىلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن. 1926-يىلىدىكى نوپۇس سىتاستېكىسىدا پۈتۈن روسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىلىيۇن 880 مىڭ (108800)بولۇپ چىقىپ 1917-يىلىدىكى ئىشىش نىسبىتىدىن چوڭ بولمىغان.

بۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشى نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئىشىش ئامىلىنى ئاساس قىلىپلا قالماستىن بۇ رايونلارغا قوشنا بولغان موھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. پۈتۈن نوپۇسنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ئىجتىمائىي، سىياسى ئامىل بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بىرىلغان ئادەم ئالماشتۇرۇشنىڭ قېتىم سانى ۋە دەرىجىسى بىلەن ماس ھالدا ئۆزگىرىش ياسىغان.

2. سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش دەۋرى

1924-يىلى لېنىن ۋاپات بولدى. سىتالىن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە سوۋىت ئىتىپاقى دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا-ئىگىلىكنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەركىتىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت سوۋىت ئىتىپاقىنى يېزا-ئىگىلىك دۆلىتىدىن سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى. بۇ 1937-يىلىدىكى « 2-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئاندىن ئورۇندالدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئالاھىدە سىياسى ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سانى ئازلاپ كەتتى. 1939-يىلىدىكى پۈتۈن سوۋىت ئىتىپاقى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس سىتاستېكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1926-يىلىدىكى نىسبەتتىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى.

1939-1926- يىللىرى قازاقىستاندىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى كۆرسەتمىسى⑫

نۇرمال تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە، نوپۇس كۆرسەتكۈچى يىلسىرى ئىشىش كېرەك. ئۇنداقتا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا نوپۇستا نېمە ئۈچۈن كېمىيىش يۈز بىرىدۇ؟ سوۋىت ئىتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە بۇنداق نامۇۋاپىق ھادىسىلەر چۈشەندۈرۈلۈشتىن چەتتە قالدۇرۇلغان. ئەمما كەمىنە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇ مەسىلە ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىپ تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەرنى چىقاردىم.

1.خاتا مىللىي سىياسەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشتىكى بىۋاستە سەۋەب.

سىتالىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتتا، لېنىننىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭمۇ دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەن. ئەمما، 30-يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزەگىلىدىن كېيىن ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 1934-يىلىدىن 1938-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا بىر مەيدان سىياسىي قارا بوران پۈتۈن سوۋىت ئىتىپاقىنى قاپلىغان. كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ چىگرا ھالقىپ ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قارىلىنىپ، مىللىي سىياسەتتە ئېغىر خاتالىقلار ئۆتكۈزۈلدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قېسىم ئۇيغۇرلار ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن⑬. 1938-1937- يىللىرى سوۋىت ئىتىپادىن قارىلانغان ئۈچ تۈركۈم جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن⑭.

2. سىياسىي ئاتموسفىرانىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى نوپۇسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، سوۋىت ئىتىپاقىدا پۇقرالار كىملىك گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن. بۇ ئارقىدىنلا ئەينى ۋاقىتتىكى مىللەت تەركىبىنى سىتاستېكا قىلىش تۈزۈمىنىڭ بىر ۋاستىسىگە ئايلانغان. بۇ خىل تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا مىللەت تەركىبىنى تېزىملاش ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ ئۆلچىمى ۋە بەھىرلىنىدىغان ھوقۇقىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ئاتمۇسفىرانىڭ تەسىرىدە، پۇقرالار كىملىك گۇۋاھنامىسىدە مىللەت تەركىبىنى بېكىتىشتە ساختىلىق قىلىپ تولدۇرۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ئوخشاش بىر مىللىي تەركىبنىڭ كۆپ خىللىششتەك ئويلىمىغان ھادىسىلەر ۋە مىللەتلەر سانى ئازىيىشتەك ئەھۋاللار مەيدانغا چىققان⑮. بىر قېسىم كىچىك، ئاجىز مىللەتلەر مەجبۇرىي ھالدا چوڭ مىللەتلەر تەركىبىگە قوشۇۋىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردىكى مىللەت نامى بەلگىلەنگەن مىللەتلەر (مەسىلەن قازاقىستاندا قازاق، ئۆزبىكىستاندا ئۆزبىك دېگەندەك) تەركىبىگە ياكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان قوشنا مىللەتلەرنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈش بىر خىل يۈزلىنىشكە ئايلانغان. ئېنىقكى، بۇ مىللەتلەرنىڭ سانى ۋە نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ.بۇ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ تەتۈر نىسبەتتىكى ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

3. ئىقتىسادىي سىياسەتتىكى قارىغۇلۇق (بىر تەرەپلىمىلىك) نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب.

20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 30-يىللارنىڭ دەسلىپىگىچە سوۋىت ئىتىپاقىدا يەككە دېھقان ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىگىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ھەم نەزىرىيىۋى ئاساس ھەم ئىقتىسادىي ئاساس بولمىغان شارائىتتا قارىغۇلارچە ئېغىر سانائەتنى تەرەققى قىلدرۇرۇش ، كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈش، ئاھالىنى مۇقىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشتەك ھەركەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.شۇنىڭ بىلەن سىتالىن تۆھپە نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى⑯. دېھقانلاردىن باجغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل ئېشىنچا قىممەت بېجى ئېلىشقا باشلىدى. بۇ دېھقانلارنىڭ سانائەت، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى بىر خىل تەقسىملەش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىپ سانائەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن باج تاپشۇرۇش ئىدى. بۇ خىل نەزەرىيە دۆلەتنى تىز سۈرەتتە سانائەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي يول كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ سانائەت ۋەزىپىسى غەلبىلىك تاماملاندى. ئەمما، سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەللەرنى تۆلىدى. سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئاچارچىلىق يۈز بەردى،ئوتتۇرا ئاسىيامۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ھېسانلانغان قازاقىستاننى ئالساق، مەركەز ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە سىياسىي قارارلارنىڭ خاتالىقى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن شۇ يىلدىكى ئاچارچىلىقتا نۇرغۇنلىغان ئادەم ئۆلۈپ كەتتى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن سىرتقا چىقىپ كېتىش بىلەن نوپۇس سانى شىددەت بىلەن كېمەيدى. 1939-يىلىدىكى نوپۇس سىتاستېكىسىنى 1926-يىلىدىكى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاقلارنىڭ سانى 1 مىلىيۇن 314 مىڭ (13140000) ى ئازىيىپ كەتكەن. ئاساسلىقى يېزا-ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلاردىن 28 مىڭ (280000)ئادەم ئازىيىپ كەتكەن⑰. مۇشۇ مەزگىلدە سوۋىت ئىتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن چەتنىگەن قارىغۇلارچە ھەركىتى نوپۇس تەرەققىياتىدىكى پاجىئەلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىرغىچە كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئادەم ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەنىڭ يارىلىرىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.بۇ قازاقىستان نوپۇس تەرەققىياتىدىكى ئاسالىق ھەركەتلەندۈرگۈچ ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپلا قالماستىن، كېيىنكى مەزگىللەردە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى چارۋىچىلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتىگىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.

3. ئۇرۇشتىن كېيىنكى 50-يىللار

2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تىز سۈرەتتە ئەسلىگە كەلگەن. ئۇرۇش سەۋەبىدىن بىلەن كۆپ مىقداردىكى نوپۇسنىڭ زىيانغا ئۇچراش ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نوپۇسنىڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قىلىشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سوۋىت ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى تۇغۇتقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەردە نوپۇستا پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىش يۈز بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ تىز سۈرەتتە كۆپەيگەن بىر دەۋرى بولدى.

1959، 1970، 1979، 1989 – يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس سىتاستېكىسى ۋە ئېشىش نىسبىتى جەدىۋىلى ⑱

بۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر تۆۋەندىچە :

10نەچچە يىللىق ئېچىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئاساس سالدى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ ۋاقىتتا سوۋىت ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەتلەر باراۋەرلىك سىياسىتىدە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك رايون تەرەققىيات ئىستېراتىگىيىسى ئاساسىدا دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن سوۋىتتىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسىنى تەڭ نىسبەتلەشتۈرۈپ ، ئەسلىدىكى ئىقتىسادى تەرەققى قىلمىغان بىر قېسىم مىللىي چىگرا رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قېسىم تەرەققى قىلغان رايۇنلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن روسلار ئوتتۇرىسىدا ساقلانغان بىر قېسىم تەڭسىزلىكلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئاساسىي فاڭجىنى تۈزۈپ چىقىلدى⑳. شۇنىڭ بىلەن بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قېلىپ، جەمئىيەت ئالغا ئىلگىرلەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتىپاق-ئىناق ئۆتۈپ خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈردى. ئەنئەنىۋىي ئائىلىلەرنىڭ مۇقۇملىشىشغا ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئوتتۇرىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئۇزىراپ، ئۇيغۇرلانىڭ نوپۇسىمۇ ماس قەدەملىك ئۆرلەشكە باشلىغان.

2 . سوۋىت ئىتىپاقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 20 مېلىيۇن نوپۇسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى بىلەن نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ مۇتلەق سانى يىلسىرى تۆۋەنلىگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا، تەڭداشسىز قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋەتەننى قوغداپ، فاشسىتلارنى يوقىتىش يولىدا زور بەدەللەرنى تۆلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەل نوپۇسى ئەڭ تۆۋەن چەكگە چۈشۈپ قالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋىت ھۆكۈمىتى دۆلەتتە يەر كۆپ، ئادەم ئاز بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆپ مىقداردىكى ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مول بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىھتىياجلىق بولغان. شۇڭا نوپۇسنىڭ تىز سۈرەتتە ئېشىشى بىر خىل تەقەززالىققا ئايلانغان. ئەسلىدىنلا يۈرگۈزۈلىۋاتقان تۇغۇتقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ياخشىلىنىشقا باشلىدى. سوۋىت ھۆكۈمىتى «قەرىمان ئانا» مۇكاپاتى سىياسىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىنلا يۇقىرى تۇغۇش نىسبىتى بولۇشتەك ئەنئەنىسى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى تۇغۇلۇش نىسبىتى بىلەن ماددىي شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئارقىلىق بارلىققا تۆۋەن ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتتىن يۇقرى بولۇشى ئوتتۇا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىشىنى ئالاھىدە شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن.

3 . 1970-يىلىدىكى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش سىتاستېكا ماتېرىيالى 70-60-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى نوپۇسىنىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىشتەك ھالەتنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدا نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش ئامىلىدىن باشقا، نوپۇسنىڭ مىخانىك كۆپىيىش ئامىلىمۇ بار. 60-يىللارنىڭ بېشىدا، سوۋىت دائىرىلىرى يىقىن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ مەملىكېتىمىزنىڭ ئىلى رايونىدا ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، چىگرىدا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتتى ۋە چىگرا توقۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1962-يىلى 4-ئايدا، سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى تۇيدۇرماستىن ئېلىمىزنىڭ قورغاس، تارباغاتاي ۋە بۇرۇلتوقاي رايونلىرىدىكى 60 مىڭ (60000)ئاممىنى(21) سوۋىت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كۆچۈردى. بۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ئېدى.

يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، نوپۇسنىڭ تارىخى ھالىتى ۋە ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغىنى جەمئىيەتنىڭ ماددىي بايلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلىك تارىخى دەۋردىكى ئىشلەپچقىرىش كۈچى تەرەققىيات سەۋەيىسى ۋە سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلار يۈرگۈزىۋاتقان نوپۇس سىياسىتى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كۆچۈشى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپتۇر. نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش ھەركىتى – نوپۇسنىڭ مىخانىك ھەركىتى دېيىلىدۇ. نوپۇسنىڭ بوشلۇق ھالىتىدىكى كۆچۈشىنى بىر تارىخى ھادىسە دەپ قارىغاندا، بۇ تەبىئىي ۋە ئىقتىسادى شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رايون سىياسىيسى ۋە ئىقتىسادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇرۇشتىن كېيىن 50-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا نوپۇسىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى بۇ خىل ئاساسقا ئىگە بولغانلىقىدا ئىدى.

4. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن

نوپۇس مەسلىسى جەمئىيەت ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى موھىم بىر تەركىبى قېسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىدىيەت تەرەققىياتىنىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بىلەن مۇرەككەب ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە. 1991-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىشقا باشلىدى. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلرى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە تۈپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، كونا-يېڭى تارىخى دەۋرلەرنىڭ يەڭگۈشلىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. شۇڭلاشقا بۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى نوپۇسى مەسىلىسىنى پۈتكۈل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قېلىش كېرەك.

سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلرى گەرچە سىياسىي جەھەتتە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇندىن بىرى سوۋىت چوڭ ئائىلىسىنىڭ «ئىقتىسادىي ئىش تەقسىماتى» ۋەزىيىتى (تۈزۈلمىسى) بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش سەۋەبى بىلەن كېلىپ چىققان يەككە ئىقتىسادىي قۇرۇلما، ئاجىز بولغان ئاساسىي ئەسلىھەلەر، ناچار سودا شارائىتى، مەبلەغ يېتىشمەسلىكتەك بىر قاتار ئېغىر مەسىلىلەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىگىلىكى پۈتۈنلەي كېرىزىس ۋە چىكىنىش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، مالىيە مەنبەسى قۇرۇقدىلىپ، سانائەت، يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچقىرىشى پالاج ھالغا چۈشۈپ تاۋارلار كەمچىل بولۇش ، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەش ۋە دۆلەت كېرىمى مىسلىسىز ئازىيىشتەك پاجىئەلەر يۈز بېرىپ خەلق يېڭىپ بولغىلى بولمىغۇدەك پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى بىردەك بولمىغانلىقتىن، باي-نامراتلىق پەرقى چوڭ بولۇش، خىزمەت تېپىش، ئۆي ئېلىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، موھىت قوغداش، نوپۇسنىڭ سىرتقا ئېقىشىدەك ئەھۋاللار كۈنسىرى ئېغىرلاشقان. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت سىياسىيسى ئوتتۇرىسىدىكى يامان خارەكتېرلىك ئايلىنىش نوپۇس تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان.
قازاقىستان نوپۇسىنىڭ ھەر يىلنىڭ بېشدىكى سىتاستېكىسى(22)؛

يۇقىرقى جەدۋەلدە قازاقىستان نوپۇسىنىڭ يىلسىرى كېمىيىش ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە، كۆپلىگەن سىلاۋىيانلار سىرتقا ئېقىپ چېقىپ كېتىشتىن سېرت، يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەب بار.

(1) باي-نامراتلىق پەرقى چوڭ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ناھايىتى ئېغىر بولۇش.

1989-يىلى نامراتلىق سېزىقىنىڭ تۆۋىنىدە ياشاۋاتقان ئاھالىلەر﹪ 39 نى ئىگىلىگەن. 1992-يىلى﹪45 گە يەتكەن. 1998-يىلى بولسا ﹪65-60 لەرگە(23) يەتكەن. قازاقىستاندىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ كېرىم پەرقى 20 ھەسسە بولۇپ كەتكەن(24).

2. ئىشسىزلار نوپۇسى كۈنسىرى كۆپەيگەن.

قازاقىستان مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ياردىمىگە تايىناتتى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مالىيە كېرىمى پەقەتلا باجغا تايانغانلىقتىن، ئۇدا بىر قانچە يىل مالىيە قېزىل رەقېمى يۈز بەردى. كۆپ قېسىم كارخانىلار مەبلىغى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن خام ئەشيا سېتىۋىلىش ۋە ئۇنى يۇقىرى ئېنىرگىيە سۈپىتىدە ساتالماسلىقىدىن يىرىم توختاپ قېلىش ياكى پۈتۈنلەي توختاپ قېلىش گىردابىغا باردى. ھەتتا تاقىلىپ قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىرىم ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان كارىانىلار 800 گە يېتىپ قازاقىستان كارخانىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلدى. زىيان تارتقان كارخانىلار 1700 گە يەتكەن. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى زىيان تارتتى. مۇناسىۋەتلىك سىتستېكا ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، شۇ ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئىشسىزلارنىڭ نوپۇسى يۈز نەچچە مېلىيۇنغا يەتكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر مەسىلىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا يۈز بەرگەن.

قازاقىستاندىكى ئىشسىزلار سانى سىتاستىكىسى (25)

ئەمەلىيەتتىكى ئىشسىزلار سانى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپى ئاشكارىلانمىغان ئىشسىزلار ۋە ئۇزۇن مۇددەت سەرگەن-سەرگەردانلىقتا ياشىغۇچىلاردۇر.

2. ئىجتىمائىي ئىستىمال سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ، تۇرالغۇ جاي كېرزىسى كېلىپ چىققان.

قازاقىستان يېقىنقى يىللاردا مالىيە قىينچىلىقى سەۋەبىدىن ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى ئازلاپ كەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتتە تۇرالغۇ جاي مەسىلىسىنى ياخشىلاش لازىم بولغان ئاھالە 570 مىڭ (57000) ئائىلە بولۇپ، بۇ تەخمىنەن 160 مىڭ (16000) نوپۇس دېگەنلىكتۇر. پەقەت بۇنىڭ ئىچىدە ئالمۇتادىلا 55 مىڭ ئائىلە بار. بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئادەملەر ئۆي-ماكانسىز قالغان. سىتاستېكىغا قارىغاندا، ئىككى يۈز مىڭ يۈرۈش ئۆي كەمچىل بولغان. ئەگەر 1991-يىلىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان 845 مىڭ يۈرۈش ئۆينى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي نوپۇس كۆپەيمەيدۇ دەپ قارىغاندىمۇ بۇ مەسىلىنى 23 يىلدا ھەل قېلىپ بولغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ زىيان تارتىلىش نىسبىتى (دەرىجىسى) ﹪ 30 گە يەتكەن. ئولتۇراق ئۆي كەمچىل بولۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ھۆكۈمەت « يېڭى ئولتۇراق ئۆي سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى شەخسلەرگە سېتىپ بېرىشنى، شەخسلەر ئۆيلەرنىڭ ھەمدە بارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ رېمۇنت قىلىنىشىنى بىردەك ئۈستىگە ئېلىپ مەسئۇل بولۇش بەلگىلەندى. ئەمما شەھەردىكى تۆۋەن مائاشلىق ئاھالىلەر بۇنداق چېقىمنى كۆتۈرەلمەيتتى.

ھەممەيلەنگە ئايانكى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىش – ئازىيىشى ھەر خىل ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەسىر كۆرسەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. ئەمما، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى ئامىلنىڭ تەسىرى ئەڭ چوڭدۇر. چۈنكى ئۇ ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىي شارائىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسىنى تەتقىق قىلغاندا، ئىقتىسادى كاساتچىلىق، ئىجتىمائىي داۋالغۇش نوپۇس تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلماي بولمايدۇ. كۆپ قېسىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئىقتىسادى شارائىت ناچارلىشىشتىن كېلىپ چىققان داۋالىنىش مەسىلىسى ياخشى بولماسلىق، مۇھىت بۇلغۇنىشى ئېغىر بولۇش، ئاھالىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى كۈنسىرى ئېغىرلىشىشتەك (تۆۋەنلەشتەك) رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلۇش مومكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇرمۇش زورلىغان كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىدى . ئۇلار بۇ جەھەتتە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش « ئىنچىكە ھېسابات، چۇڭقۇر ئويلىنىش» لار ئارقىلىق تۇغۇتنى چەكلىمىسە بولمايتتى.

بىزگە مەلۇمكى، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى تۇغۇلۇش نىسبىتى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ سىلىشتۇرما قىممىتى بەلگىلەيدۇ. مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۇغۇلۇغ نىسبىتى تۆۋەن، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ئاستا بولۇشتەك ھادىسىلەر كېلىپ چىققان. مەسىلەن، مۇستەقىل بولۇپ سەككىز يىلدىن كېيىن قازاقىستاندا تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. 1994-يىلى پۈتۈن قازاقىستان بويىچە يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار 306 مىڭ 500 (306500)بولۇپ، 1992-يىلىدىكىدىن 98 مىڭ (98000) ى ئازلاپ كەتكەن. 1989-يىلىدىكىدىن 758 مىڭ (758000) ى ئازلاپ كەتكەن. ئۆلۈش نىسبىتى كۈنسىرى ئۆرلىگەن. 1994-يىلىنى مىسال قىلساق، پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 160 مىڭ (160000) بولۇپ، پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى 1989-يىلىدىكىدىن 34 مىڭ 200(34200) ئادەم، 1993-يىلىدىكى ساندىن 4300 ى ئېشىپ كەتكەن. يۇقىرى ئۆلۈش نىسبىتىدەك بۇ خىل ھادىسىدە ئەمگەك كۈچىگە يارايدىغان ئەرلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قېسىمى قان تومۇر يېرىلىش كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. قالغانلىرى ھەر خىل ھادىسە، زەھەرلىنىش ۋە ھاراق ئېچىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. تەربىيلىنىش يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئېشىپ كەتكەن. تۇغۇت ئۈستىدە ئلالۈپ كەتكەن بەش ئايالنىڭ بەشىنىڭ بىرى بالىنى ئالدۇرۋىتىش سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 1995-يىلىدىكى بالىنى بالدۇر ئالدۇرۋېتىشكە تېزىملاتقانلار 22 مىڭ 400 (22400)بولۇپ، ئاساسلىقى مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىقى، قان ئازلىق، بۆرەك كېسىلى، يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە ۋە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇغۇلۇش ، ئۆلۈش ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش جەدۋىكى(26)

1997-1994-يىللىرىدىكى قازاقىستان نوپۇسىنىڭ تەبىئىي ئۆزگىرىش جەدۋىلى(27)؛

روشەنكى، نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەمما، بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئېقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي سىياسى تۇرمۇشى ئوتتۇرسىدا بىۋاستە يىقىن مۇناسىۋەت بار. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، ئۇلار ئىزچىل ئىقتىسادى كېرىزىسنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى. يىقىنقى يىللاردا سەل-پەل ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوڭۇشلۇق بولماي يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدىن ھالقىپ چىقالمىدى. 1998-يىلىنى مىسال ئالساق، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ياشاۋاتقان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىگەن. شۇ يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە ئۆزبېكىستاننىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكى﹪5.2 دىن﹪4.4 گە تۆۋەنلىگەن. قازاقىستاننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى بىر يىلدىكى توغرا نىسبەتلىك ئۆسۈشتىن تەتۈر نىسبەتلىك چۈشۈشكە قاراپ﹪1.2 تۆۋەنلەپ كەتكەن. قىرغىزىستاننىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى بىر يىلدىكى ﹪10 دىن﹪ 1.4 گە چۈشۈپ قالغان(28). بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرقى دۆلەتلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسكە چۈشكەن. ئىقتىسادى ئايلىنشتا تۈپكى ياخشىلىنىش بولمىغان شارائىتتا، تۇغۇلۇغ نىسبىتى تۆۋەن ، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشدەك ئەھۋاللار ئىزچىل ساقلىنىۋەرگەن. قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىگىمۇ يەتمىگەن.

1999-يىلىدىكى قازاقىستان نوپۇس تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى 210 مىڭ 439 بولۇپ، 10 يىل ئاۋۋالقىدىكىدىن﹪ 13.57 كۆپەيگەن. ئەمما سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرىكى 70 يىلغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل ئېشىش نىسبىتى تۆۋەن ھالەتتە تۇرغان. قازاقىستان مۇستەقىل بولۇپ 10 يىلدىن كېيىن يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەر خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئون يىل ئاۋۋالقى (1999-1989)ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى بىر ئون يىلدىكىدىن (1989-1979) يىلىدىكىدىن ﹪50 گە يىقىن تۆۋەنلەپ كەتكەن .

1989-1989-يىللاردىكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس سېلىشتۇرمىسى

 بۇ مەزگىلدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىشىنى كۆزەتكەندە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ياكى سىلاۋىيانلارغا ئوخشاش كۆپ قېسىم نوپۇس سېرتقا ئېقىپ كوللېكىتىپ نوپۇسىنىڭ روشەن تۆۋەنلشىدەك ئەھۋالى كېلىپ چىقمىغان ياكى يەرلىك قازاقلارغا ئوخشاش « يۇرتىغا قايتىش» دېگەندەك كۆپ خىل ئامىللار ئاساسىي مىللەتلىك نوپۇس كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇۋىتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرمىگەن. سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىدا روشەن ئۆزگىرىش بولمىغان. شۇڭا قازاقىستان نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش چوڭ يۈزلىنىشى نوپۇسنىڭ تەبىئىي ۋە مىخانىك ئازىيىش ئاساسىي چەكلىمىسى نوپۇس كۆپىيىش جەريانىغا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. قازاقىستان نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەش ئىزچىللىقى قازاقىستاننىڭ بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈش مەزگىلىدە ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ قىيىن مەزگىلىدە تۇرۇشتەك بۇ خىل ئەھۋالىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، روسلار كۆچۈپ كېتىپ، قازاقلار كۆچۈپ كېرىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنداق ئامىللارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش- ئازىيىشىنى ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بەلگىلەيتتى. خۇددى ماركىس ئېيتقاندەك،« ئەمەلىيەتتە ھەر بىر خىل ئالاھىدە تارىخى ئىشلەپچىقىرىش شەكللىرىنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تارىخى رول ئوينايدىغان نوپۇس قانۇنىيىت بولىدۇ» دېگەندەك بىر جەريان ئىدى(29).

يۈز نەچچە يىلدىن بىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى مۇرەككەب، ئەگرى-توقايلىقنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىش ۋە ئازىيىشتەك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كۆچۈردى. ھەر خىل تارىخى ۋەقەلەر ۋە ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئامىللار بېۋاستە ۋە ۋاستېلىك ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە شۇ دۆلەتتە ئىگىلىگەن نوپۇس نىسبىتىگە روشەن ھالدا تەسىر كۆرسەتكەن. نوپۇس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى يۈز يىلدىن بىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى تۈزۈلمىسى ۋە رايون مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ماس قەدەملىك ئۆزگىرىشلەرگە جۆر بولۇپ كەلدى.

نوپۇسشۇناسلىق ئىلمىدا بىر رايون نوپۇسىنىڭ بىر قېتىملىق كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىشى بىر دولقۇن دەپ قارىلىدۇ. بىر مىللەت نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدىكى كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈش ياكى چۈشۈپ كۆتۈرۈلۈشتەك بىر خىل جەريانمۇ بىر خىل ئېچىنىشلىق رىئاللىقتىن دىرەك بېرىدۇ. ئەمما، ھەر بىر قېتىملىق كۆتۈرۈلۈشتىكى يۇقىرى پەللە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئېشىپ ، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ نىسبىي ھالدا تۆۋەنلىشىدەك بىر قاتار ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە نوپۇسنىڭ مىخانىك ھەركىتى بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرىن نوپۇس كۆچۈرۈلىشمۇ (نوپۇسنىڭ ئېقىپ كېرىشىمۇ) ناھايىتى ھالىقىلىق رول ئوينايدۇ.

ئومۇملاشتۇرغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇس ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدە، نوپۇسنىڭ كۆپىيىش-ئازىيىشى ئۇلار كۆچۈپ كەلگەن ياكى كۆچۈپ كەتكەن دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، تەبىئىي شارائىتى قاتارلىق ئامىللار ئۇنۋېرىسال ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار كۆچۈپ كىرگەن ياكى كەتكەن دۆلەت بولسۇن ھەر بىر دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى، ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە تاشقى سىياسىتى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇرغان. تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ماتېرىياللار بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرنىڭ بىر ئەسىرلىك نوپۇس ئۆزگىرىشىنى ئىلمىي ھالدا مۇھىم يېپ ئۇچى ۋە ئاساسلارنى تەمىن ئەتتى.

ئىزاھاتلار :

① تاجىربايىۋ : «مىللەتلەرنىڭ شەھەرلىشىشى مەسىلىسى»، «تەپەككۇر» ژورنىلى (روسچە)، 1996-يىللىق 5-سان، 22-بەت. قازاقىستاندا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئالدىنقى ئون مىللەت تەرتىپ بويىچە قازاق، روس،گىرمان، ئۆزبېك، تاتار، ئۇيغۇر، بىلروس، چاۋشىيەن ۋە ئەزەربەيىجانللاردىن ئىبارەت.

② 1989-1959يىللىرىدىكى پۈتۈن سوۋىت بويىچە ئېلىپ بىرىلغان نوپۇس سىتاستىكىسى ماتېرىيالى.

③ لوجىرسون : «ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى»، «دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت» ژورنىلى(روسچە)، 1994-يىللىق 8،9-قوشما سانى، 103-بەت.

④ م. روسباجىف، خ. روسباجىف : «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى»، قازاقىستان نەشرىياتى، 1987-يىلى نەشرى.

⑤ سوۋىت دۆلەتلىك مەركىزىي تارىخ ماتېرىياللىرى ئارخىپخانىسى ، 1284-چوڭ بۆلۈم، ئومۇمىي223- مۇندەرىجە، ، 165-جىلىد، 68-بەت. قازاقىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مەركىزىي ئارخىپخانا، 64-چوڭ بۆلۈم، ئومۇمىي1- مۇندەرىجە، 395-جىلىد، 17-بەت.

⑥ بىكماخونوف : «كاپىتالىزىم دەۋرىدىكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر»(روسچە)، موسكىۋا، 1986-يىلى نەشرى، 185-بەت.

⑦ رالوبىن : «تۈركىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەر سىتاستىكا ماتېرىيالى»، «روسىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋە مىللەتلەر تەتقىقات ھەيئىتى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن، 1925-يىلى روسچە نەشرى، 18-19-بەتلەر.

⑧ نىكىرىسكايا : «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا شىنجاڭدىن تۈركىستانغا كۆچۈپ بارغان كۆچمەنلەر»(روسچە)، تاشكەنت، 1962-يىلى نەشرى، 40-بەت.

⑨ «روسىيەنىڭ قارارى»(روسچە)،1912 -يىلى، بىلوف : «شىنخەي ئىنقىلابى دەۋرىدىكى شىنجاڭدا روسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋەت تارىخى»، «يىراق شەرق مەسىلىلىرى» (روسچە)، 1995-يىلىلىق 2-سان، 85-بەت.

⑩ كارپوف : «پەسىللىك ئۇيغۇر ئىشچىلار» (روسچە)، تاشكەنت، 1929-يىلى، 9،10-سان، 52-بەت.

⑪ ياڭ زېڭشىن : «ئىستىغپار ھۇجرىسىدىكى پاراڭلار»، 4-بۆلۈم، 10-بەت.

⑫ «قازاقىستان تارىخى»(روسچە)، ئالمۇتا، 1993-يىلى نەشرى.

⑬ «شەرق ھەقىقىتى گېزىتى»(روسچە)، 1898-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانى.

⑭ «نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان «جۇڭگو ئىككىنجى تارى ماتېرىياللار ئارخىپخانىسىدىكى شىنجاڭغا ئائىت ئىچكى ماتېرىياللار» ناملىق ماتېرىيال.

⑮ ئۇياجىچ، راسراۋوسكىي : «سوۋىت ئىتىپاقى ۋە يۇگۇسلاۋىيەلەرنىڭ پارچىلىنىش سەۋەبلىرى»، «مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتى خەۋەرلىرى» (روسچە)،موسكىۋا، 1993-يىللىق 4-سان، 24-بەت.

⑯ 1928-يىلى 7-ئايدا سىتالىن بولشىۋىكلار پارتىيەسى ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە.

⑰ «قازاقىستان تارىخى»(روسچە)، ئالمۇتا، 1993-يىلى نەشرى، 402-بەت.

⑱ 1979،1970،1959-يىللىرى ۋە 1989-يىلىدىكى سوۋىت ئىتىپاقى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سىتاستىكا ماتېرىيالى.

⑲«قازاقىستان تارىخى»(روسچە)، ئالمۇتا، 1993-يىلى نەشرى.

⑳ جاڭ باۋگو : «سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاننى ئىچىشى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989-يىلى نەشىرى، 75-بەت.

(21) «جۇڭگو-سوۋىت مۇناسىۋىتى قامۇسى»، دالىيەن خەلق نەشرىياتى، 1990-يىلى نەشرى، 102-بەت.

(22) «1997-يىللىق قازاقىستان سىتاسىتىكىسى»، قازاقىستان سىتاستىكا نەشرىياتى، ئالمۇتا، 1998-يىلى نەشرى.

(23) بورسكوف : «ئولتۇراقلىشىش بازار : قىيىنىچىلىقلارنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتى»، «تەپەككۇر» (روسچە)، 1996-يىلىلىق 2-سان، 55-51-بەتلەر.

(24) پوزكوف : «كېيىنكى سوۋىت جەمئىيىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئۇنىڭ چەكتىن ئاشقان ئىقتىدارى»،، «تەپەككۇر» (روسچە)، 1996-يىللىق 4-سان، 6-2-بەتلەر.

(25) «1997-يىللىق قازاقىستان سىتاسىتىكىسى»، قازاقىستان سىتاستىكا نەشرىياتى، ئالمۇتا، 1998-يىلى نەشرى.

(26) كىلىموف : «ئاھالىلەر نوپۇسى»، «تەپەككۇر» (روسچە)، 1997-يىللىق 2-سان.

(27) «1997-يىللىق قازاقىستان سىتاسىتىكىسى»، قازاقىستان سىتاستىكا نەشرىياتى، ئالمۇتا، 1998-يىلى نەشرى.

(28) چېن مىڭشەن : «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى»، «زامانىمىزدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت » ژورنىلىنىڭ 1999-يىللىق 1-2 قوشما سانلىرى، 55-بەت.

(29) ماركىس : «كاپىتال»، خەنزۇچە نەشرى، 692-بەت.

بۇ ماقالە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لىچىنىڭ 李琪)) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى 12-ئايدا نەشىر قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى» ناملىق كىتابىدىن(3-بابى) تەرجىمە قېلىندى.