ئايشەم ئەخمەت

 

ئايشەم ئەخمەت 1942-يىلى قۇمۇلدا تېجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1955-يىلىغىچە قۇمۇل دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1955-يىلىدىن 1958- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1971-يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2-دارىلمۇئەللىمىندە، قۇمۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرك ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن «قۇمۇل گېزىتى»دە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1979- يىلىدىن باشلاپ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى بولغان.

ئايشەم ئەخمەتنىڭ ھازىرغىچە «باغداش چېچىكى»، «مەلىكىنىڭ مەڭزىدىكى داغ» ناملىق ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى، «قارا چامادان»، «بۇلۇت يېرىپ چىققان ئاي» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلىرى، «قومۇل» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرى، «خانىم-قىزلار دەستۇرى»، «قىزلار دەستۇرى» قاتارلىق ئوقۇشلۇقلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ «جۇڭگو ھازىرقى زامان مەشھۇر مۇھەررىرلىرى»، «ئاز سانلىق مىللەت مەشھۇر كىشلىرى»، «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت پىروفېسسورلىرى»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدىبلىرى» قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. 2004-يىلى «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئايشەم ئەخمەت ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىياتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.