ئەبەيدۇللا ئىبراھىم

تىرىشچان شائىر ۋە يازغۇچى ، ئىقتىدارلىق ژۇرنالىست ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1951 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق چىرىيە ناھىيىسىنىڭ چىرىيە يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1957 – يىلىدىن 1966 – يىلىغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ، 1972 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە شىنجاڭ داشۆنىڭ تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر ئۈنۋانى بىلەن ئۇيغۇر ، خەنزۇ تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان مەزكۈر ژۇرنال رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ .

      ئەبەيدۇللا ئىبراھىم كۆپ مەھسۇلاتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ، ئۇنىڭ ئىلگىرى – ئاخىر ‹‹ كۆكلەم ›› (مىللەتلەر نەشىرىياتى ، 1981 – يىل ) ، ‹‹ يۇلغۇن چېچىكى ›› ( شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى ، 1982 – يىل ) ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى ، ‹‹ ھەسەن ۋە ھۈسەن ›› ( شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى ، 1983 – يىل ) ناملىق داستانلار توپلىمى ، ‹‹ ئۈچ بولكا ›› ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1985 – يىل ) ،‹‹ ئاجايىپ كۆزلەر ›› ( شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ، 1986 – يىل ) ‹‹ سېرىق سەبدە ›› (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1988 – يىل )قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى ، ‹‹ تۈندىكى چاقماق ›› (شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 1988 – يىل )ناملىق تارىخىي رومانى ، ‹‹ نازىگۈل ›› ، ‹‹ سىرلىق كارۋان ›› قاتارلىق دراما ۋە كىنو سىنارىيىلىرى نەشىر قىلىنغان . ئۇ يەنە خەنزۇچىدىن ‹‹ ماركوپولو ›› ، ‹‹ ئاجايىپ ۋەقەلەر ›› ، ‹‹ئەجدىھانىڭ ئۆچ ئېلىشى ›› قاتارلىق كىتابلارنى ، قىرىق پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە ئوبزورلارنى تەرجىمە قىلغان .