• 2010-09-07

    مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى توختاپ قالمايدۇ - [خاتىرىلەر]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بلوگىمىزنىڭ دائىمىيلىق ئوقۇرمەنلىرى ،ئالدى بىلەن قۇتلۇق ئايەم كۈنلىرىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن . جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلىق سىپىدىكى بارلىق كەسىپداشلىرىمنىڭ 10-سىنتەبىردىكى بايرىمىنىمۇ  قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
    يىقىندىن بۇيان بلوگىمىز مەزمۇنلىرى يېڭىلانماي قالدى ، بۇ ھەرگىزمۇ بلوگنىڭ مۇشۇ پىتى تاشلىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىشى بىلەن تەڭ خىزمەتلەر جىددىي تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىندا مەكتەپنىڭ ئىلمىي بۆلۈمىگە مەسئۇل بولغانلىقىمدىن قىلدىغان ئىشلار يەنە نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ كەتتى . مانا شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى بلوگ قىسقا ۋاقت ئىچىدەيەنە  يېڭىلانماسلقى مۈمكىن . شۇڭا بۇيەردە بلوگقا سۆزقالدۇرغان ،ياردەم تەلەپ قىلغان دوستلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن .
    ‹‹مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى›› پات يىقىندا يېڭى -يېڭى سوۋغاتلىرى بىلەن كۆزئالدىڭلاردا نامايەن بولغۇسى !


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بۇ ئالدىراشچىلىقلارمۇ ئۇزۇنغا بارماي ئىزىغا چۈشىدۇ، بىز مۇئەللىملەرگە كېچىسى كۆپرەك ۋاقىت چىقىدۇ...
  • ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمىز...
  • بلوگ توختاپ قالىدىغان بولسا...بلوگچىلار قانۇنىنىڭ 17-ماددىسى بويىچە قاتتىق چارە كۆرۈلىدۇ!
  • ۋاقتىڭىز كەم بولسا مەكتەپتىكى قەلەم كۈچى كۈچۈك ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ماقالىللىرىنى چىقىرىپ تۇرغايسىز
  • ھەي مىراخۇر بولدۇم دەپ بىزنى تاشلىۋەتمەڭ ھە
  • ھې،ھې ئىلمى مۇدىر بولدۇم دەڭ، ئەمەل تۇتۇپسىز دەڭە،... چاق چاق ھە
    بلوگنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىغا ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز.