«ئانىلارنى ئاپا دېمەڭلار» دېگەن شائىرغا
(ساتىرا)
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
قورقسىڭىز قىز «ئاپەي!...»دېمەڭ،
توغرا قورقۇڭ، «ئانەي...»سى توغرا.
تۈپ قالدۇرۇش كېرەك تىلدىمۇ.
بىرى قالسۇن چولپان يا زوھرا.
لەۋجىم تۇرسۇن،دىماغ ئاۋۋىلەن،
بوۋاقلارمۇ چېنىقسۇن-كۆنسۇن.
«قۇربان» بولسا تىل جېدىلىدە،
«ئاپا»قالسۇن،«ئانا»نى كۆمسۇن.
*** *** ***
سەكرەپ كەلگەن ئۇسۇللار ھەرخىل،
بولغىنىدەك مۇقامنىڭ يۇرتى.
كۆيدۈرىدۇ ئېھتىمال ئۆزنى،
بېسىلمىسا شائىرنىڭ ئوتى.
شۇڭا،بۇنى تالىشىپ نېمە؟
بىرى ئوڭشا-ياما دېمىسە.
كېرەك شۇنداق تىلغا رەڭدارلىق،
دېسە دېسۇن،"ماما"دېمىسە.
( ئابدۇقەييۇم تۇرادىن مەجنۇن) ئەپەندىنىڭ
"ئانىلارنى ‹ئاپا› دېمەڭلار"سەرلەۋھىلىك تەۋسىيە شېئىرى تەسىراتى ئاساسىدا يېزىلدى.
مەزكۇرشېئىرنىڭ ئادرېسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-87839-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 03:47 PM