agah يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 01:29 AM 
قېرىنداشلار قىززىق بىلەن ئەمدى تالاشماڭلار .ئامۋايچىل ...
ئاساسسىز گەپ قىلماڭ، ئەمۋايچىلار كەچتە شەيتاندىن تەلىم ئالغۇدەك بىرنى ئىسلامدىن ياندۇرۇپ باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى، كۇپپارلىقنى، دىنسىزلىقنى، سىلەردەك پىتنە پاسات تارقىتىشنى تەشۋىق قىلامدىكەن؟ ئەگەر سىز ھەقىقي مۇسۇلمان بولسىڭىز ئىسپات بىلەن سۆزلەڭ، بولمىسا بۇ يالغان گۇۋالىقىڭىز نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايسىز. ئۇ يەردە پەقەت سودىنى ئاساس قىلىپ مال تۇنۇشتۇرۇش، قانداق قىلغاندا مالنى تېز سېتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇ. ھەم توختىماي بىلىم ئېلىش ، كۆپ كىتاپ كۆرۈش توغرىلىق مۇنازىرە بولىدۇ. ئەجەبا تىجارەت قىلىپ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلغانلىق، تېرىشقانلىق، بىلىم ئۆگىنىش ئىسلامدا چەكلەنگەنمۇ؟ بۇنى دەپ نامازنى تاشلىغان، ۋە ياكى دىندىن چىقىپ كەتلەنلەرگە ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئەيىبلىك ئەمەس بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك. ئەمۋانى قىلمايمۇ دىندىن چقىىپ كېتىدىغان، دىنسىز يۈرۈيدىغانلارمۇ بار، بۇنىڭغا نېمە دەيسىزكىن؟ قىلغىلى گەپ تاپالماي بۇنداق رەزىل ۋاستىنى قوللىنىشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kizzik99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-1 02:17 PM