ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ-قارىمامسىلە دوسلار: ئامۋاي=ئامماۋاي=ھەرگىز ئالما
شۇنداقمۇ يا؟ پۈتۈنلەي ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان نەرسە. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ئالىي مەكتەپ ھاياتى مۇشۇ ئامماۋاي-قىلماۋاي دېگەنلەرنى قىلىپ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قىممەتلىك ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى بىكار ئۆتكۈزۋىتىدۇ. قايسى كۈنى مۇشۇ مۇنبەردە كۆرگەن بىر تېمىدا ھارام دەپ پەتىۋا چىقىرىلغان. مۇشۇ ھارام دېگەن پەتىۋا يوللۇق. چۈنكى ھەدىس-شەرفلەردىن تولۇق ئاساس ئېلىپ يېزىلغان ئىكەن. مۇنۇ ئامماۋاينى ئاقلاۋاتقان دوستۇم، سىزمۇ ھەدىسلەردىن نەقىل قىلىپ ھالاللىقىنى ئىسپاتلاپ باقمامسىز؟ قۇرۇق گەپ ئېشەككە يۈك.
.gif)
قانداق دېدىم كۆپچىلىك؟ ھەرقانداق تىجارەتچى ئۆزىنىڭ مېلىنى ماختايدۇ. بۇ يەردە ماختىشىڭىز بىھاجەت، پەقەت ھەدىسلەردىن بىزگە دەلىل كەلتۈرەلەسىڭىز ھېساب. ئامماۋايچىلارنىڭ قۇرۇق گەپكە ئۇستا ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. بىزگە كېرىكى دەلىل-ئىسپات!
.gif)