مەنمۇ تىل تەربىيلەش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا دوسلىرىمىز ئانچى-مۇنچە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىتى. لىكىن بىر قېتىممۇ ئالدىنىپ باقمىدىم. قاتتىق سېپىگە قوشقۇسى بار ئىدى ئۇلارنىڭ. پەقەت شۇ دوسلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بارىمىز دە. بۇ ساھەگە كۆزى جىق ئېچىلمىغان، جەمئىيەتنى كۆپ چۈشەنمەيدىغان، باشقىلارنى چۈشەنمەيدىغان، ساددىراق ياشلار ئاسانلا قايىل بوپ ئارلىشىپ كىتىدۇ. ھەي بىچارە بالىلار، لېكسىيەدىن تەسىرلىنىپ، مەن كىرىمەن بولدى دەپ سۆزلەپ كىتىدۇ، پۇلى بولمىسا دوسلىرىدىن، ئۆيلىرىدىن سوراپ مال سېتىۋالىدۇ. بۇ تاتلىق قويمىچلىق سودىسىدا يۇقىرىدىكى پىسەندە باشلىقلارلا پۇلنى تازا تاپىدۇ، قانچە كۆپ ئادەم ئالداپ ئەكىرەلىسە شۇنچە ياخشى دە، شۇڭا سۆزلەيدۇ، گېلى قۇرۇپ، ئۈنى پۈتۈپ كەتكۈچە....
.gif)