مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8866|ئىنكاس: 133

تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ( چاتما ھېكايىلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2532
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 01:00:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ...
                                                         ( چاتما ھېكايىلەر)

    ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى < تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن...> ماۋزۇسىدىكى چاتما ھېكايىلەرنىڭ 13 بۆلىكىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىلان قىلىپ، كەڭ دوستلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدىم. بىراق بۇ ھېكايىلەر بىر بۆلەك-بىر بۆلەكتىن تارقاق يوللانغاچقا دوستلارنىڭ باش ئايىغىنى تېپىپ ماسلاشتۇرۇپ كۆرۈشىگە قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈردى، شۇ سەۋەپ بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ھېكايىنىڭ يوللىنىپ بولغان 13بۆلىكىنى رەتلەپ قايتا يوللاپ قويدۇم، ھېكايىنىڭ قالغان 17 بۆلىكى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ، مۇنبەرداشلارنىڭ سەممىي تەكلىپ-پىكىر ۋە تەنقىدلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، بۇ چاتما ھېكايىلەرنى باشقا تور بىكەت، مۇنبەر ۋە بىلوگلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
                                                         تۇرغۇن كۆكەمە

    جاھاندىكى ئىشلارنى بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن، بىزنىڭ مەھەلىدە تۇرغۇن ئىسىملىك بىر ئاغىنىمىز بار، شۇنداق قىزىق قان. بىز ئۇنى <كۆكەمە>دەپ زاڭلىق قىلىپ ياراتماي يۈرۈيمىز. بىز قانداق سۆزلىسەك قۇسۇر تاپماي قويمايدۇ، بىر كۈنى ئارىمىزدا بىن لادىن ئۆلۈپتۇ، دېگەن گەپ بولدى، ئۇ ، مەن ئىشەنمەيمەن، تىلۋۇزۇردىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوندىن بىرى راسىت چىقمايدۇ، دەپ ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچۇردى. شۇ كۈنى يەنە باشقا مىللەتلەر ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئۆزىنىڭ شائىرى دەپ ئاتىۋاپتۇ، شۇنداق قىلىپ بىز بىر روھى تۈۋرۈكىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتۇق دېسەك، ئۇ يەنە گېپىنى يورغىلىتىپ، خەخلەر ئەلشىر نەۋائى نامىدا شەھەر ئەمەس دۆلەت قۇرۇپ، كۆز-كۆز قىلسىمۇ پاكىت ھامان ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ،ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلاتتى. بۇغۇ چوڭ گەپلەر، ئاددىسى پالانى مەھەللىدە ماشىنا جىق، پالانى مەھەللىدە ئىشەك ئاز دەپ سېلىشتۇرساقمۇ ئۇ يەنە قىزىرىپ چىقىپ، سەن نىمىلەرنىڭ ۋىجدانىنى زادى قۇرت يەپ كەتكەن، نېمىگە يۇرتۋازلىق قىلىشىپ، ئۇ مەھەللە، بۇ مەھەللە ئوتتۇرىغا تەپرىقچىلىق  سالىسىلەر،ھەممىمىز بىر يۇرتلۇق، بىر ئۇيغۇر تۇرۇپ بىر-بىرىمىزنىڭ كۆتىنى قاچانغىچەكولاپ ئۆتىمىز، نوچى بولساڭ  چەت ئەللەر بىلەن سېلىشتۇر، دەپ تىترەپ قوپاتتى. بەزى ئاچچىقى يامانراق ئاغىنىلىرىمىز، تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ماۋۇ، دەپ ئۇنى خەپلەپ قۇياتتى.
    بىر كۈنى قوشنا مەھەللىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ،بىر  كىچىك بالا ئۆلگىلى تاس قالدى. قورقۇپ كەتكەن شوپۇر ماشىنىدىن دەرھال چۈشۈپ ئۇ بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى، بىراق ئۇ مەھەللىلىك بالىلار شوپۇرنى ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا بىز بىر قانچە ئاغىنە بۇ يەردىن ئۆتۈپ قاپتۇق، ئارىمىزدا تۇرغۇنمۇ بار ئىدى. تۇرغۇن دەرھال شوپۇرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ  باشقىلارنىڭ ئۇنى ئۇرۇشىدىن قوغداپ قالدى ۋە:
- سىلەرنىڭ كاللاڭلار ئىشلەمدۇ،ياق! ئاۋۇ يەردە بىر كىچىك بالا خەتەرلىك ئەھۋالدا ياتسا، دوختۇرغا ئېلىپ بارماقتا يوق، بۇ يەردە بۇ بىچارە شوپۇرنى ئۇرامسىلەر، يا بۇ شوپۇرنىڭ بۇ بالىنى قەستەن بېسىۋەتكۈسى بولمىسا؟-دېدى.    بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەرلىك بالىلار تۇرغۇنغا ھۆرپىىيىپ، تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ماۋۇ ، ماڭە يولۇڭغا قاراپ، بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئىشلىرى بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ، دەپ بىزنى قوغلاپ، سۈرۈپ كەتتى. بىزمۇ تۇرغۇننى تازا تىللىدۇق. ئۇ يەنىلا  قايىل بولماي، بىچارە بالا قانداق بولغاندۇ، دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.
   يەنە بىر كۈنى سايغا بېرىپ سۇغا چۈمۈلدۇق، بۇ ساي بىزنىڭ مەھەللىگە تەۋە بولغاچقا، سۇنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە بىز چۈمۈلەتتۇق، باشقا مەھەللىدىن كەلگەن بالىلارمۇ بىزنى كۆرۈپ  ئورۇن بېرەتتى. بۇ ئىشقىمۇ يەنىلا ئاشۇ تۇرغۇن باشقىلارنى بۇزەك قىلىپ مەھەللىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈشتۈڭ،دەپ ئۆكتە قوپتى. شۇ كۇنى سۇغا چۈمۈلۈۋاتساق، قوشنا مەھەللىلىك ئىككى قىز ئۆستەڭگە يېقىن جايدىكى يولدىن ئۆتۈپ قالدى، بىز دەرھال ئۇ قىزلارنى توسۇپ، ئەخمەق قىلماقچى بولدۇق، بىز  كۇسارچان بولغاچقا قىزلار يولدىن ئۆتەلمەي بىزدىن ئەللىك مىتىرچە يەردە تۇرۇپ قالدى، يەنە شۇ تۇرغۇن ئىشنى بۇزدى.
-ئاغىنىلەر ماۋۇ قىلغان ئىشىمىز توغرا بولمىدى. بىز يا كىچىك بالىلار ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بۇ ئەدەپسىزلىكىمىزنى ئۇقۇپ قالسا ئىككى مەھەللىدە ئۇرۇش-جىدەل چىقىدۇ. ئاستا ئۆستەڭگە كېتەيلى
-بىز قىلغان ئىشلارنىڭ ساڭا يارايدىغىنى زادى يوقمۇ، باشقا ئىشقۇ مەيلى، سەنمۇ ئەر كىشى بولغاندىكىن ئازراق ئىش-پۇشۇقىڭنى چىقارساڭ نېمە بولىدۇ، چەتنىڭ رادىيۇسىدەك ھەممە ئىشىمىزغا ئارلىشىدىكەنسەن.
-ئوغۇل بالا دېگەنمۇ بىزدەك بولامدۇ؟، ئۇچرىغان قىزلارنى بوزەك قىلىش ئەر كىشىنىڭ ئىشىمۇ؟ سىلەرنىڭمۇ ئاچا- سىڭللىرىڭلار بارغۇ.باشقىلار ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ پوخۇرلۇق قىلسا قانداق قىلىسىلەر. تۇرغۇننىڭ ئورۇنسىز گەپلىرى ھەممىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى.
- ياقا يۇرتلۇق قىزلارغا چاقچاق قىلساق، ساڭا نېمە تو كەتتى، يا ئۇلار سېنىڭ ئاچاڭ بولمىسا، تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن بۇ.
   شۇنداق تالىشىپ يۈرۈپ قىزلارنى قاچۇرۇپ قويدۇق، ئۇلار ئاللا بۇرۇن كەينىگە يېنىپ كېتىپ قالغان ئىدى.
   ئىشنىڭ قىزىقى تېخى بۇ يەردە. بىر كۈنى تۇرغۇن ئىككىمىز شەھەرگە كىردۇق. كوچا ئاپتۇبۇسىدا كېتىپ بارساق ئىككى بالا سۆز تالىشىپ قالدى.
-بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئىتلىرى شۇنداق جىق.ئىتنىڭ تولالىقىدىن كېچىلەردە كوچىلاردا ماڭغىلى بولمايدۇ؟
- سىلەرنىڭ مەھەللىدە كېچىدە ماڭغىلى بولمىسا، بىزنىڭ مەھەللىدە ئىتىنىڭ جىقلىقىدىن كۈندۈزدىمۇ ماڭغىلى بولمايدۇ.
- ياق دەيمەن، بىزنىڭ مەھەللىدە ئىتىنىڭ جىقلىقىدىن ئادەم بېشىغا بىردىن كېلىدۇ.
- بىزنىڭ مەھەللىدە ئادەم بېشىغا ئىككىدىن كېلىدۇ.
-يالغان ئېيتىۋاتىسەن.
-ئوغۇل بالا بولساڭ باغلىشامسەن.
-سەندەك گېپىدە تۇرمايدىغان ئاۋاتلىق بىلەن باغلىشىپ ئاخىرىغا چىققىلى بولامتى؟
-ئاۋاتلىق سېنى نېمە قىپتىكەنۋا سولامچى.
  دەل مۇشۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يەنە تۇرغۇن پەيدا بولدى.
- يوق ئىشنى تالىشىپ ئۇرۇشماڭلار، بوپتۇ، سىلەرنىڭ مەھەللىدە ئىت جىقمۇ دەيلى، ئۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار، تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ كەتكىدەك ئىش ئەمەسقۇ ئۇ؟
تۇرغۇننىڭ سۆزى ئۇلارغا تەسىر قىلمىدى، تۇرغۇن يەنە سۆزلىدى:
- ئۇ يەرلىك بۇ يەرلىك دەپ يۇرت ئايرىغاننىڭ نېمە پايدىسى، ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر، بىر يۇرتلىق تۇرساق. بىز ئۈچۈن ھەممە مەھەللە ئوخشاش ئەمەسمۇ...
  تۇرغۇن سۆزىنى دەپ بولمايلا ئاۋاتلىق بالا تۇرغۇننىڭ سۆزىنى بۆلۈپ سورىدى.
-سەنمۇ ئاۋاتلىقمۇ؟
-مەن بوستاندىن.
- سەن ئۆزەڭچە ھەممە يۇرت، ھەممە مەھەللە ئوخشاش دەپ مەدىكار چىقىدىغان مەھەللەڭنى بىزنىڭ ئاۋات بىلەن ئوخشاش چاغلاۋاتامسەن، بېرىپ پىتىڭنى چاق، ئوتتۇرىدا دەللالىق قىلىپ ئادەمنى ئېلەشتۈرگىچە، تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن دېسە بۇ...(1)

                                                               مەسىلىھەت چېيى              
                                                         
     ئارىمىزدا مۇشۇ ئاغىنىمىز تۇرغۇن بولمىسىمۇ بولمايدىكەن، قانداق دېسەڭلار، بىز ئاغىنىلەر بىلەن بىر مەسىلە ئۈستىدە تالىشىپ قالساق، بىزنىڭ پىكىرلىرىمىزگە ئۆكتە تۇرىدىغان ئادەم يوق، ئۇڭايلا گەپ تۈگەپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر جىدەل-ماجرامۇ چىقمىغاچقا، تازا كۆڭلىمىز ئېچىلمايدىكەن. تۇرغۇن بەك قىزىق قان بولغاچقىمۇ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن قانداق ئىشلا بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى دەۋالمىسا ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، ئاجايىپ غەلىتە مىجەزى بار-دە،ئۇنىڭ.   
      يېقىندا ئاغىنىمىزنىڭ بىرى توي قىلماقچى بولۇپ،قانداق قىز ئالسام بۇلار دەپ، بىزدىن مەسىلىھەت سورىدى. ئۆزى ئايدا ئۈچ-تۆت مىڭ يۈەن كىرىمى بار بىر موتوسىكىلىت رېمۇنتخانىسىنىڭ خوجايىنى ئىدى.
-  بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان، ئۆزى چىرايلىق. ئاتا-ئانىسى باي بىر قىزنى تېپىش كېرەك-،دېدى، بىرەيلەن.
-ئۇنداق قىزلار كەم تېپىلىدۇ، ئاتا-ئانىسى باي بولمىسا تاپقىلى بولارمىكىن.
-ئاتا-ئانىسى باي بولمىسىمۇ چىرايلىق بولمىسا بولمايدۇ.
- ياقەي ئاغىنىلەر، ناماز ئوقۇمىسىمۇ ئۆزى چىرايلىق، ئاتا-ئانىسى باي بولمىسا بولمايدۇ.
   ئاغىنىلەر بەس-بەستە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرلا تۇرغۇن جىم. بىز تۇرغۇننىڭ قارىشىنى ئاڭلىماقچى بولدۇق. تۇرغۇن بۇ قېتىم ئالدىرىماي، سالماق ئاۋازدا سۆزلىدى.
- قىز ئالماق، شەھەر ئالماقتىن تەس. شۇڭا بۇ ئىشتا سەل ئالدىرىماسلىق كېرەك. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا قاراش كېرەك. پۇل-بايلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇ ئائىلىنىڭ ئىمان-ئىتقادى بىلەن ئەخلاق-پەزىلىتى، قىز چىرايلىق بولسا ياخشى، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇ قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى مۇھىمراق، يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىنىمۇ ...
  تۇرغۇننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نۇتۇقى بالىلارغا ياقمىدى بولغاي، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا قايناپ كەتتى:
- توي دېگەننى ئۇياندىن باشلاپ بۇياندىن قىلىمىز، ھېلىمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئاز سەۋر قىلدۇقمۇ.
- باي بولسىلا بولمىدىمۇ، ئەخلاق- پەزىلەت دېگەننى خوتۇنغا تويدىن كېيىن ئۈگەتمەي نېمە ئىش قىلىدۇ، گەپ ئاڭلىمىغان خوتۇننىڭ تانىۋى غىر.
-ئىچكى دۇنياسى گۈزەل دەپ پاقا چىراي بىرەر قىز بىلەن ئۆزەڭ توي توي قىلىۋال، تازا مەتۇ گەپ قىلىدىغان نېمە ئىكەن بۇ، تازا ئۇرىدىغان گۇي-دە، بۇ
  بالىلار تالىشىپ يۈرۈپ ئەمدى شەرتنى سەل تۆۋەنلەتتى.
- قاراڭلار بالىلار، باينىڭ قىزىنىڭ دەردى جىق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئايلىقى بار خوتۇندىن بىرنى ئالسىلا بولمىدىمۇ، قانداق دېسەڭلار ئايلىقى بار خوتۇن دېگەن، تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغان قىزلار كۆڭۈل ئېلىشنى بىلىدۇ.
- بۇ ئاغىنىمىزمۇ ئايلىقچىدىن كەم ئەمەسقۇ؟
- ئايلىقچىنى ئالسا بولمايدۇ، خوتۇن كىشى پۇل تاپسا، ئۆي دېگەندە ئەرلەر نېمىگە ھېساپ.
-ئايلىقچى خوتۇن ئالغان ئادەم خوتۇن ئالمايدۇ، خوتۇنغا تېگىدۇ.
  ئاغىنىلەرنىڭ سۆزلىرى تۇرغۇنغا ياقمىدى بولغاي، قىزىرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
- سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر، ھەممە قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ، كۆڭۈل بېرىپ ئايلىقچى خوتۇن ئالالىسا،بۇنىڭ نېمە يامىنى بار. ھازىر مائارىپ تەرەققى قىلىپ، ئوقۇپ خىزمەت قىلىدىغان قىزلار كۆپۈيۈپ قالدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا ئۈگەنگەنلىرىنى ئائىلە ۋە جەمىيەتتەئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ، مەن ئوقۇغان كىتابلاردا دېيىشىچە جەمىيەتتە بىر قىسىم ئەرلەر پەقەت پۇل-مالنى كۆزلەپلا ئايلىقچى ئاياللارنى ئېلىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ غورۇرىنى سېتىپ، ئاشۇ ئايالغا تايىنىپ ياشايدىكەن. ئۇ ئايالىغا تايىنىۋالغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۆيدە ئەرنىڭ ئابرۇيى بولمايدۇ-دە، بۇنىڭغا يەنە ئاشۇ ئاياللار گۇناھكارمۇ؟
- بولدى، بولدى، تازا مەدداھ نېمە ئىكەنسەن، قاچان ئەر بىلەن ئايالنىڭ تەڭ بولغىنى بار، مىڭ پۇل تاپسىمۇ ئەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان خوتۇننى تازا دۇمبالاش كېرەك.
- ئۇنداق ئەمەس، ئۆزىنىڭ تاپقان پۇللىرىنى بۇزۇپ خەجلەپ، ئوينىۋىتىپ، ئاخىرىدائايالىنىڭ قولىغا قاراپ ياشاپمۇ يەنە ئۇنى بۇزەك قىلىش ياخشى ئىش ئەمەستە.
-سەن ئەزەلدىن قاتمال نەرسە ئىدىڭ.ئەمدى رەسمى كاج جاھىلغا ئايلىنىپسەن، راھىتىنى كۆرىمەن دېمىسە ئايلىقچى خوتۇننى ئېلىپ نېمە قىلىدۇ؟
- ئۇ بىچارىنى جاپا چىكىپ 10نەچچە يىل ئوقۇتقان، مىڭ ئارزۇلار بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانا قانداق قىلىدۇ، ئۆزىچۇ؟ ئۇلار راھەت كۆرسە يامان بولامدۇ؟
- سەن بىلەن گەپ تالاشقۇچە تازا ئۇرسىلا بولىدۇ، ھەي،لەقۋا! ئاتا-ئانا دېگەنمۇ قىز بالنىڭ پۇلىنى خەجلەمدۇ؟
- ئەمسە خوتۇننى بېقىش، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار ئەرلەر خوتۇنىنىڭ پۇلىنى خەجلىسە بولىدىكەندە.
-ھەي، كۆكەمە، قانجۇق، سەن ئايلىقچى خوتۇن ئالساڭ، ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىمەي تاختا بېشىغا ئېلىپ قۇيارسەنمۇ. خوتۇننىڭ پۇلىغا ئىگە بولمىساڭ، ئۇنى قانداق باشقۇرىسەن، شىللەڭگە مىنىدۇ، شۇ!
-مەن ئىشەنمەيمەن. ئەقلى جايىدا خوتۇن ئالساڭلا ،ئائىلىدە مېھىر- مۇھەببەت بولسا، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا پۇل-مال دېگەن مۇھىم نەرسە بولماي قالىدۇ.
- سەن دېگەن مۇھەببەتنى خەجلىگىلى بولامتى، بازار دېگەن مۇھەببەتنى ئەمەس پۇلنى تونۇيدۇ، شۇنى بىلەمسەن!
ئاغىنىلەرنىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ دىگۈدەك تۇرغۇننى تالاپلا كېتىشتى. تۇرغۇنمۇ ئۇلارغا بوش كېلىدىغان بالا ئەمەستە.
- ھەممىمىز چوڭ بولۇۋاتىمىز، ئەتە-ئۆگۈن ئۆي-ئۇچاقلىق بولىمىز،  تۇرمۇشتا مۇھەببەت مۇھىممۇ ياكى پۇلمۇ؟ مەن تاياققا لايىقمۇ ئەمەس، شۇ ۋاقىتتا بىلىپ قالىسىلەر. ئاغىنەمكەن دەپ كۆيۈنگەننىمۇ بىلمەيدۇ، دېسە!
تۇرغۇننى قايىل قىلالمىغان بالىلار يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىشتى.
- بىزگە كۆيۈنگەنلىرىكەن-دە،بۇ. مۇشۇنداق كاج، تەرسا ئادەم بىلەن گەپ تالىشىپ بىزمۇ ساراڭ. تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىدى بۇ، تايىقىنى يېگەندىن كېيىن بىز بىلەن گەپ تالاشمايدىغان بولاتتى.
تۇرغۇننىڭ كاجلىقى يەنە تۇتتى:
- ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭمۇ ئۆزەم توغرا دېگەن يولدىن قايتمايمەن. خۇدايىم سەن نېمىلەرنىڭ كاللىسىنى ھەقنى ئاڭلىماس قىلىۋەتكەن بولغىيمىتى،تۆۋە!
  تۇرغۇننىڭ بۇ سۆزى ئاغىنىلەرنىڭ كەيپىنى تېخىمۇ ئۇچۇردى، ئارىمىزدىكى ئاچچىقى يامانراق، بايامدىن بېرى تۇرغۇن بىلەن ئەڭ كۆپ گەپ تالاشقان ئەسقەر ئۇرماقچى بولۇپ تۇرغۇنغا ئېتىلدى... (2)

                                                ئەخمەق تۇرغۇن

مۇشۇ تۇرغۇننىڭ ئىشلىرىنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ. ئادەم دېگەن لەقۋا بولار، تۇرغۇنچىلىك بولماس.  ئۇ يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارلىشىپ قويۇپ ئاخىرى بۇرنىغا يېدى.
    بىر كۈنى يەنە شۇ ئاغىنىلەر بىلەن تاماشا ئىزدەپ شەھەرگە مېڭىپ قالدۇق. مەھەللىمىز بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقى خېلى ئۇزۇن ئىدى.شەھەرگە ماڭغان بىر ئۈچ چاقىلىق موتوسىكىلىتكە چىقىۋالدۇق. شوپۇر 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئادەم بولۇپ،  مۈكچەيگەن بەللىرى، قورۇق چۈشكەن يۈزلىرى، قاداق باسقان قوللىرىدىن ئۇنىڭ يەتكۈچە جاپا تارتقان ئادەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى. شەھەرگە كەلدۇق. قانچە پۇل بېرىدىغانلىقىمىزنى سورىساق ئۇ ئادەم ساپسېرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مەن دوختۇرخانىغا كىسەل يوقلاپ ماڭغان، كىراكەش ئەمەس، بەك كۆڭلۈڭلار ئۇنىمىسا بەش كوي بېرىڭلار-،دېدى.  بۇ تولىمۇ ئەرزان باھا ئىدى. ھېلىقى ئاچچىقى يامان ئاغىنىمىز ئەسقەر  يانچۇقىدىن تاراقلاپ تۇرغان 20 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ ، كۆز-كۆز قىلغاندەك ھەممىمىزگە كۆرسىتىپ چىقتى ۋە كىراكەشكە تەڭلىدى. كىراكەش پارچە پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىپ كېتىپ قالدى. بىزمۇ ئۆز يولىمىزغا راۋان بولدۇق.كىراكەش كەتكەن ھامان ئەسقەر ھاياجانلىنىپ، ئاغىنىلەر،  سىلەرنى مىھمان قىلىدىغان پۇل چىقتى، ئاۋۇ ئەخمەق قېرى ماڭا 15 كوي قايتۇرىمەن دەپ 55 كوي قايتۇرۇپتۇ. ئەتىگەندە ئىشىمىز ئوڭ تارتتى،بۈگۈن تازا ياشايدىغان بولدۇق، دىدى. ھەممىمىز شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتۇق. يەنە شۇ تۇرغۇن...
- ئاغىنىلەر بۇ پۇلنى خەجلەشكە بولمايدۇ، بىز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرەيلى.
   بىكارلىق ئويۇن يوققا چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەسقەر دەرھال ئاچچىقلانغان ھالدا تۇرغۇنغا رەددىيە بەردى
-يەنە سەنمۇ تۇرغۇن، نەدە بولساڭ سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب بولامدۇ؟  پۇل مەندە، بۈگۈن قانغۇچە ئوينايمىز،  بىزنى ئاغىنەم دەپ قارىساڭ بىز بىلەن قال، سەنمۇ قانغۇچە ئوينا. بولمىسا، يول ئەنە، ئىشىڭنى قىل.
- ياق، بۇ پۇلنى ئاشۇ بىچارىگە ئاپىرىپ بەرگىنىم بەرگەن.
- قايسى پۇلنى؟
-كىراكەشنىڭ پۇلىنى.
- قەسەم قىلىمەنكى مەندىن بىر پۇڭمۇ ئالالمايسەن.
-مەنمۇ قەسەم قىلىمەن. بۇ پۇل ئىگىسىگە قايتىدۇ.
- تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن، ماۋۇ جاھىل ئىشەك!
    ئەسقەر بۇ قېتىم راستىنلا قول سالدى. تۇرغۇن  تەييارلىقسىز تۇرغاچقا قۇلاق تۈۋىگە تەگكەن بىر مۇشتىن قاتتىق يىقىلدى. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەسقەر:
-سەن خۇمسىدىن كونا-يېڭى ھېسابنىڭ ھەممىسىنى بىر ئالمىسام دادامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي،دەپ تۇرغۇننى يەنە بىرنى تەپتى. تۇرغۇن ئەسقەرگە قارىغاندا بەستلىك ھەم كۈچى بار  يىگىت بولغاچقا ئۆزىنى دەرھال ئوڭشىۋالدى. ئەمدى ئەسقەر تۇرغۇننىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. دەل شۇ چاغدا كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلار كېلىپ قالدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇرغۇن ئاۋۋال قول ياندۇرغان دەپ تۇرۇۋالدى.تۇرغۇننىڭ دوستلىرىدىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يېدى بولغاي ئارتۇقچە گەپ قىلماي ھەممە گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. باشقىلار ئۆز يولىغا راۋان بولۇشتى.
   ساقچىلار تۇرغۇننىڭ ئىقرارى بويىچە ھېلىقى كىراكەشنى تېپىپ ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردى.باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى  ۋە كوچىدا ئولجا تالىشىپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، جىدەل تېرىغانلىقى ئۈچۈن،  تۇرغۇنغا 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، قۇشۇمچە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.(3)

                                                            ئەمەلدار تۇرغۇن

     ئويلىمىغان يەردىن تۇرغۇن مەھەللىمىزدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، كەنتتە سۇ كادىرى بولۇپ سايلىنىپ قالدى. بۇ خۇددى تۆگىنىڭ قويرۇقى يەرگە تەگكەندەكلا ئىش بولدى. بىز ئاغىنىلەر،ئەمدى تۇرغۇن  بىزدىن ئۆچ ئالىدىغان بولدى، دەپ قورقۇپ قالدۇق. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلەتتى.
- جاھان تەتۇر چۆگلەپ. تۇرغۇندەك  گەپ يېمەيدىغان قايتىما، جاھىللار بىزگە باشلىق بولسا، بىزنىڭ ئىشىمىز تۈگەپتۇ.
-  تۇرغۇندەك ئادەمدىن  بىزگە سۇ ئاشمايدۇ،  ئاستا ئېتىزلارنى تاشلاپ، شەھەرگە كىرىپ مەدىكارچىلىق قىلساق بولغۇدەك ئەمدى.
-ياق بالىلار ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ دېگەن گەپ بار. بىز ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىشىمىز كېرەك.
  شۇنداق قىلىپ ئاغىنىلەر بىر-بىرىگە بىلىندۈرمەي تۇرغۇننى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلىپ،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇندى. ئويلىمىغان يەردىن تۇرغۇن دېگەن ياخشىلىق ياراشمايدىغان بۇنداق مېھماندارچىلىقنى رەت قىلدى، ئاغىنىلەرنىڭ ئەنسىرەشلىرىنىڭ ئەكسىچە، سۇنىمۇ باشقىلارنىڭ قاتارىدا نورمال بېرىۋەردى.
  چاتاق باشقا يەردىن چىقتى. تۇرغۇن تەتۇرلۈك قىلىپ كەنىت باشلىقى بىلەن ئېيتىشىپ قالدى. كەنىت باشلىقىنىڭ مەھەللىمىزنىڭ ئايىغىدىكى بىنەملىكتە  ئۆزى ئېچىۋالغان 10نەچچە مو يېرى بار ئىدى. كەنىت باشلىقى ئىلگىرى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۈچرەتنى بۇزۇپ، ئەڭ ئاۋۋال ئۆز يېرىگە سۇ باشلايتى. تۇرغۇن سۇغا مەسئۇل  بولغاندىن كېيىن   قارشىلىققا ئۇچرىدى.
- كەنت باشلىقى،ئىشقىلىپ مەن سىزگە ئاۋۋال سۇ بەرمەيمەن.
- سېنى ياشكەن، تەربىيلىۋالىمىز دەپ كەنتكە ئەكىلىۋالغان گۇناھ ئۆزەمدىغۇ، سېنىڭ بۇنداق ئىش ئۇقمايدىغان تەلۋىلىكىڭنى بىلگەن بولسام كەنت كومتىتىنىڭ بوسۇغىسىغىمۇ دەسسەتمەيدىكەنمەن.
-مەن خاتا ئىش قىلمىدىمغۇ، كەنت باشلىقى.
- تۇرغۇن، سەن ئەمدىلا  يۇرت سوراش ئىشلىرىغا قەدەم قويدۇڭ، سەن بىلمەيدىغان ئىشلار جىق. ئەتە- ئۆگۈن ئىش- پىشلىرىڭ بولسا، ھايت دەۋەتسەڭ مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن ئەمەسمۇ. شۇڭا  مەن بىلەن تولا ئېيتىشما، بولمىسا ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقىۋىتىپ قالماي يەنە.
-كەنت باشلىقى سۇ سىزنىڭ، ياكى مېنىڭ خۇسۇسىي مۈلىكىمىز ئەمەس. ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى. سىز رەھبەر تۇرۇپ، قائىدىنى بۇزسىڭىز خەلقنىڭ ھالىغا كىم يېتىدۇ.
  تۇرغۇننىڭ مەنمەنلىكىدىن بىزار بولغان كەنت باشلىقى ئاخىرى چىدىيالمىدى.
- سەن   سويما  نېمىنى بىلەتتىڭ، تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەنسەن، مۇشۇ قىلغىنىڭغا تويغۇزمايدىغان بولسام، كەنت باشلىقى بولماي كېتەي،قاراپ تۇر!
- كونىلار يولدىن چىقما، خاندىن قورقما دەپتىكەن.
-يەنە شۇ كونىلار <ئېيتىشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباپ سالار ھەر باپ بىلەن> مۇ دەپتىكەن. سەن مەن بىلەن ئېيتىشىپ قالدىڭ، تېخى كۆرىدىغان كۈنلىرىڭ ئالدىڭدا...
  ئۇلارنىڭ جىدىلى شۇ كۈنىلا پۈتۈن مەھەللىگە پۇر كەتتى. بىز ئاغىنىلەر تۇرغۇننىڭ سۇ كادىرلىقىنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغاچقا، بۇ ئىشقا ھەيران قالمىدۇق. تۇرغۇننىڭ ئەقلى بولسا، تېخى تۈنۈگۈنلا  كىچىككىنە ئەمەل تۇتۇپ، بۈگۈنلا چوڭ رەھبەرلەرگە پۇت ئاتاتتىمۇ.
      قىزىق يېرى، تۇرغۇن دېگەن يالاڭتۆشنى كەنت باشلىقى ئۇزۇنغىچە يانپاشقا ئالالمىدى، سۇ سېلىش تۈزىمى چىڭىپ، ھېچچىكىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۈچرەتنى بۇزۇپ سۇ باشلىيالماس بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىمىزدىكى بايلار، ئابرۇيلۇق زاتلار تۇرغۇننى كەينىدىن تىللايدىغان بولۇۋالدى.
  ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي، دېگەندەك كەنت باشلىقى ئاخىرى تۇرغۇننى باشقىلاردىن پار ئېلىۋاتقان نەخ مەيداندا تۇتۇۋاپتۇ . بىز بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتۇق.بىز  ئۇنىڭ قايتىپ كېلىپ دېھقانچىلىقىنى قىلغىنى تۈزۈك.بولمىسا تۇرغۇندەك ئادەملەر بىزنى باشقۇرۇپ يۈرسە يۈزىمىزگە سەت ئەمەسمۇ، دەپ ئويىلىدۇق. ئۇ يا بىز بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرمىسا،  يا نەچچە يىللىق ئاغىنە تۇرۇپ ئون مىنۇتقا بولسىمۇ نورمىدىن ئارتۇق سۇ ئېچىپ بەرمىسە، يا كەنت رەھبەرلىرى بىلەن ئىناق ئۆتمىسە، ئۇنداق ئادەمنىڭ باشلىق بولغىنىدىن تاغقا چىقىپ پاداباققىنى مىڭ ياخشى-دە.
  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تۇرغۇننىڭ ئىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېزىدىن ئادەم كەپتۇ، تۇرغۇن سۇ كادىرى بولغاندىن بىرى كەنت باشلىقدىن تارتىپ بۇغالتىر، ھەتتا ئىشىك باقارغىچە ئۇرۇشۇپ، كەنت كومتىتىنىڭ ئىناقلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنمىش، سۇ  باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ دېھقانلاردىن پارا ئالغانمىش، كەنت باشلىقى يېزىغا قاتراپ يۈرۈپ ئاخىرى  تۇرغۇننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەخسىتىگە يەتكەنمىش.
     ئەتىسى ئويلىمىغان يەردىن يېزىدىن كەلگەن ئادەم تۇرغۇننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماي كېتىپ قاپتىمىش، دېگەن خەۋەر تارقالدى.قۇلىقى ئۇزۇنلارنىڭ دېيىشىچە تۇرغۇننىڭ دېھقانلاردىن ئالغانلىرى بىرەر پارچە نان، بىرەر كورا قېتىق، كەتمەن-گۈرجەك دېگەندەك نەرسىلەر ئىكەن.
   بىز ئاغىنىلەر بىر يەرگە كەلسەكلا تۇرغۇننىڭ بۇ يارىماس قىلىقلىرى ئۈستىدە سۆزلىشەتتۇق.
   - تۇرغۇن تازا ئۇرىدىغان گۇي بولمىسا پەسلىك قىلىپ ئاشۇنداق بىر پۇڭغا يارىمايدىغان نەرسىلەرنىمۇ پارا دەپ ئېلىپ يۈرەمدۇ، كاللىسى بولسا ئەڭ بولمىغاندا بىرەر قوي چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئالمايتىمۇ، تۇرغۇننىڭ ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالمىغان بولسا كەنت باشلىقىدەك كاتتا ئادەملەرگە بەرمىگەن سۇنى نۆۋەتنى بۇزۇپ سەي-كۆكتات تېرىغان، قوغۇن باققان چاپىنى تىزىدىن ئاشمىغان يالاڭتۆش دېھقانلارغا   بېرىپ يۈرەمدۇ.
   قەيسەر يېزىدىن كەلگەن كادىرنى تازا تىللىدى.
- ئۇ لەقۋامۇ تۇرغۇنغا ئوخشاش تازا ئۇرىدىغان گۇي ئوخشايدۇ، بولمىسا شۇنچە كۆپ كەنت كادىرلىرىنى رەنجىتىپ، تۇرغۇندەك ئاۋارىنى قوللاپ يۈرمەس بولغىيتى...(4)

                                                        تۇرغۇننىڭ تويى

   تۇرغۇن توي قىلماقچى بولۇپتۇ ئاڭلاپ، ئاغىنىلەر ئەمدى ئويۇننىڭ قىزىقىنى كۆرىدىغان بولدۇق، دەپ تازا كۈلۈشتۇق. ئۇنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىز تۇرغۇنغا ئوخشاشلا گەپ يىمەس ئالىمكامنىڭ گۈلسۈم ئىدى. ئېسىمىزدە قېلىشىچە، تۇرغۇن ئۇ قىز بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ئىدى. شۇ چاغلاردا ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي، قايسىبىر كىتابتىن يەنە باشقا كىتابنىڭ ياخشى يېزىلغانلىقى، ئالمىنىڭ تارتىش كۈچى، نۇزۇگۇمنىڭ مىللى قەھرىمان ياكى ئەمەسلىكى، دۇنيادا ئۇيغۇرلاردىن بۆلەك پاكىز مىللەتنىڭ يوقلىقى ...دېگەندەك تايىنى يوق گەپلەرنى تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ كېتىدىغانلاردىن ئىدى.
-تۇرغۇن بەك چوڭ سۆزلەيتى، تاپقان قىزى ئۆزىگە ئوخشاش پايتىمىسىنى تەتۇر ئورايدىغان بىكارچى ئىكەنغۇ
-ئەمدى ئۇ ئىككىسى توي كىچىسىدىلا گەپ تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ كېتىپ باشقا ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بولدى،دە.
- ئالىمكاممۇ بوش جاھىللاردىن ئەمەس، قاراپ تۇر، بۇ تويدا جىدەل چىقماي قالمايدۇ.
  توي باشلىنىشقا ئىككى كۈن قالدى، دەپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، تۇرغۇندىن ھېچبىر شەپە يوق ئىدى. ئادەتتە باشقا تويلارداياش بالىلار ھەپتە بۇرۇن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، سورۇن تۈزۈپ ھاراق-شاراپ ئىچكەچ، بىر قىسىملىرىمىز قىمار ئوينىساق، بىر قىسىملىرىمىز قاپاقنى تىكلەپ قويۇپ، نېشە چېكىپ پەيزى قىلاتتۇق. ساھىبخان مەرد كىشى بولسا، كۈندە بىرەر قوينىڭ بېشى كېسىلەتتى. چۈپەي بولغاندىمۇ بىرەر يىشىك پىۋا، بىر قانچە بوتولكا ھارىقى كەم بولمايتى. كېيىنكى كۈنلەردە بەزىلەر ھاراق قۇيمايدىغان پەتىۋانى چىقىرىۋالغان بولسىمۇ، داستىخىنى قورۇق ئەمەس ئىدى.
   بىزمۇ ساراڭ، بولمىسا تۇرغۇندەك تېگى پەس، كىشىگە مەنپەئەتى تەگمەيدىغان پىخسىقتىن داستىخان تەمە قىلامدۇق. بۇ ئىش ئاغىنىلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى.
-ئالىمكاممۇ چاغلىقكەن، قىز مېلى ئۈچۈن باشقىلار ئالغان پۇلنىڭ يېرىمىنى ھەشقاللا دەپ ئاپتۇمىش.
-ئەسلى ئۇلارنىڭ تىلى تۇتۇق. قىزىدا ئىشەنچ يوق.
- ئۇنىڭ تۇرغۇن بىلەن يېرىم كىچىلەردە سۆرىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلەر باركەن.
-ئاڭلىساق تۇرغۇن ئىككى ماشىنا بىلەنلا قىز يۆتكەيمىشقۇ.
-شۇنداق قىلماي، قانداق قىلاتتى، ئۇنىڭ ماشىنا ئېلىپ بارغۇدەك ئاغىنىلىرى بولمىسا.
-ھەي، بالىلار مەن بەك قىززىق گەپنى ئاڭلىدىم. تۇرغۇن توي چېيىنى بەرگەن كۈنى ئاران بىر قازان پولۇ ئېتىپ بولدى قىلارمىش، باشقا ئارتۇق-يېرىم توي تەرتىپلىرىنى قىلمايمىش. توي چىقىمىدىن تىجەپ قالغان 10مىڭ يۈەن پۇلنى ھېلىقى توي قىلالماي 30ياشتىن ئۆتۈپ كەتكەن، ئايسىخان مۇماينىڭ  توكور نەۋرىسى مامۇتقا بەرگۈدەكمىش.
-تۇرغۇننىڭ بۇ ئەخمىقانە ئىشىنى مەنمۇ ئاڭلىدىم. مامۇتمۇ شۇ كۈنى توي قىلىدىكەن.
-ھەي، ئاغىنىلەر تۇرغۇننى تازا ئۇرمايلىما، بىزنىڭ يەيدىغان گۆشىمىز، ئىچىدىغان ھارىقىمىز، چېكىدىغان تاماكىمىزنىڭ پۇلىنى باشقىلارغا ياخشىچاق بولىمەن، دەپ ئىسراپ قىلسا بولامدۇ.
- ئۆمىرىدە بىر كېلىدىغان توينىمۇ پىخسىقلىق قىلىپ، شۇنداق غورىگىل ئۆتكۈزگەن بارمۇ؟
- تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ئۇ، مامۇت دېگەن يېتىم ئوغلاق يا ئۇنىڭ تۇققىنى بولمىسا، يا  سىڭلىسىنىڭ بىر نېمىسى بولمىسا ،ئۆزىمۇ بىر يالاڭتۆش تۇرۇپ ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىش قىلامدۇ.
- ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى مەھەللىمىزنىڭ بەزى بايلىرىمۇ  بىز بار يەردە ئۇ قەلەندەر نېمە ئاتىكاچىلىق قىلىدۇ، دەپ خوپ كۆرمەپتۇ.
   تويغا بىر كۈن قالغاندا ئاغىنىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرغۇننىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرىۋالدۇق.ئاغىنىلەر بىر لىگەن پولۇ يىگىلى بارىدىغان ساراڭمۇ بىز، دەپ گەپنى بىر قىلىۋىلىپ ئۇنىڭ تويىغا بارمىدۇق. بىزدەك مەھەللىنىڭ ئاساسلىق باللىرى بارمىغاندىكىن ئۇنىڭ تويىنى يۆتكەيدىغانغا ئادەم چىقمايدۇ-دە.
  ئەھۋال بىز ئويلىغاندەك بولمىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مامۇت ئىككىسىنىڭ تويى بىرلا ئۆتكۈزۈلۈپ، يۈزلىگەن ئادەم توي يۆتكەشكە قاتنىشىپتۇمىش، ھەتتا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئادەم كېلىپ، ئۇلارنىڭ تويىغا سوۋغات بېرىپتۇمىش.قىز يۆتكىگەندە كوچىلاردا راۋاپ، تەمبۇرلار چېلىنىپ، كىشىلەر ئۇسۇل ئويناپ توي تازا قىزىپتۇمىش. ھەتتا بۇ توينىڭ داغدۇغىسىنى ئاڭلىغان ئاغىنىلەرنىڭ بىر قىسىمى چىدىيالماي تويغا قاتناشقان ئىشلارمۇ بوپتۇمىش. (5)

                                                          تورخانىدىكى جىدەل

       بىر كۈنى ئاغىنىلەر بىلەن كوچا دوقمۇشىدا  پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. بىر چاغدا تۇرغۇن ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى. سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ئارىمىزدىكى بىرەيلەن تۇرغۇندىن سورىدى:
- ئاداش قەيەرگە ماڭدىڭ؟
- تورخانىغا ماڭدىم.
    تۇرغۇن شۇنداق دەپلا ئالدىرىغىنىچە ئۆز يولىغا ماڭدى. ئۇنىڭ كېتىشى بىلەن پارىڭىمىزنىڭ تېمىسى تۇرغۇنغا يۆتكەلدى:
- ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۇرغۇن بىكار بولسىلا تورخانىدا يۈرىمىشقۇ؟
- ئەبەي بىلەن شىرىك ئىكەن، تورخانىدىن كىرگەن كىرىمنى تەڭ ئىككىگە بۆلىدىكەن.
- تۇرغۇننى كومپىيۇتېرغا بەك ئۇستا دەيدىغۇ، ئۇ كومپىيۇتېر تاختىسىغا قارىمايمۇ خەت باسالايدىكەن.
- مەنمۇ نەچچە قېتىم تۇرغۇننىڭ باشقىلارنىڭ خاتا يازغان خەتلىرىنى تۈزۈتۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
-ئۇ تېخى، توردا قالايمىقان نەرسىلەرنى كۆرمە، دەپ بالىلارنى باشقۇرۇپ يۈرگىدەك.
ئاغىنىمىز قەيسەر تۇرغۇنغا چۈشۈۋاتقان ماختاش سۆزلىرىگە زادى چىدىيالمىدى:
- تۇرغۇن ئوقۇغان مەكتەپتە مەنمۇ ئوقۇغان،مەنمۇ باسالايمەن ئۇ خەت دېگەننى،  تېخى چ چ دا پاراڭلىشالايمەن.چ چ سىمغا قاچىلىۋالغان قىزلارنىڭ سانىلا يۈزدىن ئاشىدۇ. تېخى مۇنبەرگە چىقىپ ماقالىلەرگە ئىنكاس يازالايمەن. تور ۋە كومپىيۇتېرغا ئائىت مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق جۇمۇ، بالىلار.
- تولا پوچىلىق قىلما، سەن كومپىيۇتېرنىڭ چاشقانغا ئوخشايدىغان تىزگىنىكىنى باشقۇرالىساڭ چوڭ گەپ.
- سەن نېمىنى بىلەتتىڭ، شەھەرگە كىرسەملا تورخانىدىن بىرنى تاپىمەن-دە، تاماشانى باشلايمەن. توردا تونۇشقان نەچچە مۇھەببىتىم بار ھازىر مېنىڭ! يۈرە، بولمىسا تورخانىغا، مېنىڭ بىڭسىمنى كۆرۈپ قوي، تۇرغۇن دېگەن كۆكەمە يامانمۇ، مەنمۇ ؟
   ئاغىنىلەر شۇنداق دىيىشكىنىچە قىيا-چىيا قىلىشىپ تورخانىغا قاراپ مېڭىشتى. مەھەللىمىزدە ئاران بىر تورخانا بولۇپ، تىجارەت باشلىغىلى ئاران يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ مەھەللىدىكى بىكارچى بالىلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
- ھەي قەيسەر، بۇ كۈنلەردە بەك زىرىكىپ قالدىم قۇچقاچلىرىڭدىن بىرەرنى ماڭا بەرمەمسەن
- چاتاق يوق، ئەمما سەن چ چ دا پاراڭلىشىشنى، قۇچقاچلارنى قانداق كەلتۈرۈرۈشنى ئۈگەن.
- ھەممىنى سەنلا بىلمەيسەن، بىز بىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ.
- ھەي ئاغىنىلەر، تور دېگەنمۇ بولىدىغان نېمە ئىكەن، قايسىبىر كۈنى سەھەردە تورخانىغا كىرسەم ئادەم بەك ئاز ئىكەن، مەن ئۆتكەندە بازارلىق ئاغىنىلىرىمدىن يېزىۋالغان بىر تور ئادرىسى بىلەن تورغا چىققان ئىكەن، كېيىمىنىڭ تايىنى يوق نۇرغۇن گۈزەللەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، گىپىنى قىلما، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىكەن ئەمەسمۇ.
- ھەي ئاداش، ھېلىقى كۆرۈنۈشلەرمۇ بارمىكەن، ھېلىقى، قۇچاقلىشىدىغان...
- ئاكاڭ قارىغاينىڭ كەينىدىن كىرسەڭ، خېلى نەرسىلەرنى كۆرۈۋالىسەن تېخى.
قەيسەرنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى، قەيسەر يەنە سۆز باشلىدى:
- بىر كۈنى بىر مۇنبەرنى ئاچسام مۇنبەردىكىلەر ئاشىق-مەشۇق بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىكنى  تالىشىپ ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇپ كېتىپتۇ، مەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ،ئۆتكۈزمەسلىككە مايىل تەرەپنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم-دە، شۇنىڭ بىلەن ئايەت-ھەدىسلەردىن شىپى كەلتۈرۈپ، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ ماڭقىسىنى چىقىرىۋەتتىم.
- ھەي ساراڭ، سەن قارى يا مۇللام بولمىساڭ، ئايەت- ھەدىسلەرنى نەدىن بىلىسەن، ئايەت-ھەدىسلەرنى يالغاندىن دېسە قاتتىق گۇناھ بولىدۇ، جۇمۇ.
- تورغا چىقساڭ دىنغا ئائىت مەزمۇنلار ساماندەك، شۇ يەردىن كۈچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم، شۇ.
- ھېلى سەن ئاشىق-مەشۇق بايرىمىنى ئۆتكۈزمەسلىك تەرەپدارى بولدۇم دېدىڭ، ئۇنداقتا، 2-ئاينىڭ14-كۈنى سەن مۇھەببىتىڭنى باشلاپ شەھەردە ئويناپ كەلدىڭغۇ؟
- ھەي، مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان دەلتۈش توردىكى ئۇ گەپلەرنى جىدەل-ماجرانى ئاۋۇتۇپ تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن قىلىدىغان گەپ. شۇنىمۇ بىلمەي، تورخانىدا پوق بارمۇ ساڭا...
بىز مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن تورخانا ئالدىغا كېلىپ قالدۇق. ئۇ يەردە بىر-مۇنچە 15-16 ياشلاردىكى بالىلار تۇرغۇننى تىللىشىپ تۇراتتى.
- تۇرغۇنكاممۇ ساراڭ ئىكەن، سائىتى ئىككى كويلۇق تورغا، ئۈچ يۈەندىن بەرسەكمۇ ئۇنىماي، 18ياشتىن ئاشقاندا كەل، دەپ چىقىرىۋەتتى.
- مەن تور ئوينىمايمەن، ئويۇنچۇق ئوينىغانلارنىڭ بېشىدا قاراپ تۇراي دېسەممۇ قوشۇلمىدى، دەيمەن، بەك ئاچچىقىم كەلدى، كۈچۈم يەتسە تازا ئۇراتتىم جۇمۇ ئۇنى.
- خەپ، مەنمۇ چوڭ بولارمەن، تورخانىدىن بىرنى ئېچىپ، قېرى بوۋايلارمۇ كىرسە ماقۇل دەپ تازا پۇل تاپمىسام.
تورخانىغا كىردۇق، تورخانىدا خېلى ئادەم كۆپ ئىدى، قەيسەر پۇل تۆلەپ، چەتتىرەك بىر كومپىيۇتېرنى ئاچقۇزدى. پۇلنى ئەبەي تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتاتتى. تۇرغۇن بولسا ئىشىك يېنىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كومپىيۇتېرغا قاراپ ئولتۇراتتى.
  بىز تورنى ئېچىپ، ھېلىقى مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپتۇق.
- مانا چىقتى، قارا ئاۋۇ قىزنىڭ فىگورسى چىرايلىقمىكەن.
- توختا، توختا، ئاۋۇ قىزنىڭ پاچىقى ئەجەپ ئۇزۇن ئىكەن.
- ھەي، ئاغىنىلەر، رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئاۋارە بولغاندىن كۆرە ،ھېلىقى كىنونىلا تاپمامدۇق.
بىز پەس ئاۋازدا سۆزلەشسەكمۇ ئەتراپتىكىلەر بىز بار تەرەپكە بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى، بىز ئۇلارغا پەرۋا قىلماي، ئىشىمىزنى قىلىۋەردۇق. بىر چاغدا تۇرغۇن يېنىمىزغا كەلدى.
- ئاغىنىلەر، بۇنداق رەسىملەرنى كۆرسەڭلار ھەم ئەخلاقىمىز ھەم دىنىمىزنىڭ قائىدە- يۇسۇنلىرىغا توغرا كەلمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى باشقا ئىش قىلىڭلار، تۈركىيىنىڭ، شىياڭگاڭنىڭ ياخشى كىنولىرى بار شۇنى تېپىپ بېرەي، بولمىسا، مۇنبەردە بىزدەك كۆپ ئوقۇيالمىغان بالىلارنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىغان ئىسىل ماقالىلەر ئاۋۇپ قالدى...
  تۇرغۇننىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى ئۇچۇپ كەتتى، تۇرغۇن بار يەردە بىزگە زادى ئاراملىق بولمامدىغاندۇ؟
- ھەي ئاداش، بىز تورخانىغا پۇل تۆلەپ كىردۇق، نېمە كۆرسەك سېنىڭ نېمە ئىشىڭ بار؟
-پۇل تۆلەپ كىرگىنىڭ راسىت، بىراق تورخانىنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق تۈزىمى بار، ئۇنداق شەھۋانى رەسملەرنى كۆرسەڭ بولمايدۇ.
-شەھەردىكى تورخانىلاردا كارى يوققۇ،  ئاغىنەم دەپ سىلىق گەپ قىلغاننى بىل، سەندىن باشقا ئادەم پېقىرنى توسقان بولسا، بۇ چاغقىچە قۇلىقىنى يەردىن ئىزدەپ يۈرگەن بولاتتى.
- ئاغىنىلەر، بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر تۇرۇپ، مۇسۇلمان تۇرۇپ، بۇنداق ئادەمنى چۈشكۈنلىككە باشلايدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەك بولمايدۇ، زېيىنى كۆپ ئىش بۇ...
-ھەي، ھازىر بۇنداق رەسىملەردىن قېلىشمايدىغان بىر نېمىلەر تىلۋۇزۇرلاردىكى كىنو، ئىلانلاردىمۇ چىقىدۇ، نوچى بولساڭ ،ئاۋۋال شۇنى يوقىتىپ ئاندىن ئالدىمغا كەل، بولمىسا كۆزۈمدىن يوقال، ماۋۇ يەردە بىر مىنۇت ۋاقىتمۇ پۇلغا ماڭىدۇ، نەدە بولسا ئادەمگە چىۋىندەك چاپلىشىۋالىدىكىنە بۇ،  زادى تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن بۇ.
  گۈزەل نازىنلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرەلمەي ئاران تۇرغاندا. تۇرغۇن ئۇنى دېسەك بۇنى دەپ، تىللاشلىرىمىزغا پەرۋا قىلماي ئاچچىقىمىزنى تازا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن قېنى قىزىپ ئاران تۇرغان ئاغىنىمىزنىڭ بىرى ، تۇرغۇننىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرۇپ جىدەل چىقاردى. تۇرغۇننىڭ دىۋىدەك كۈچى بولغىنى بىلەن قورقۇنچاق بولغاچقا بىزگە قول ياندۇرماي، ئۆزىنى قوغدىدى.
-  سەندەك ناچار خۇمسىنىڭ كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار تېخى.
- پۇل تېپىشنى بىلمەيدىغان دېۋەڭ ئىكەنسەن، نامەرد گۇي!
-مەھەللىمىزنىڭ چۈپرەندىسى ئىكەنسەن، بۈگۈن تازا ئۇرمىساق سەن گۇينى.
  تۇرغۇن بىزنىڭ تەھدىتلىرىمىزدىن قورقماي ئاچچىق كۈلۈپ قويدى.ئۇنىڭ پەرۋاسىز ھالىتى بىزنىڭ  تېخىمۇ  ئاچچىقىمىزنى كەلتۈردى.
  ئاغىنىلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا تورخانىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كېلىپ تۇرغۇنغا بولۇشتى. ئەمدى بىز ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدۇق.ئاخىرى ئامالسىز، خەپ تۇرغۇن، سېنى ئايرىم يەردە ئۇچرىتىپمۇ قالارمىز، دەپ تورخانىدىن ئايرىلدۇق.(6)

                                                         بىكەتتىكى ئۇقۇشماسلىق

    بىردەم ئۆيدىكى گاز تۈگەپ كەتكەن، بىردەم ئېتىزغا سۇ كېلىپ قالغان، يا بۇرۇنقىدەك ھەممە ئىشلارنى چوڭلارغا تاشلاپ بېرىپ قاچقىلى بولمىغان ، ئادەم چوڭ بولغانسىرى قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپۈيۈپ دوستلار ئارا ئىزدەشمەكمۇ تەسلىشىپ قالىدىكەن، بۈگۈن بىر قىسىم ئاغىنىلەر شەھەردە يىغىلىپ قاپتىكەنمىز، بىللە چۈشلۈك تاماق يېگەچ پاراڭلاشماقچى بولدۇق. ئاغىنىلەرنىڭ بىرى  بىكەت ئەتراپىدا يېڭى ئاشخانا ئېچىلغانلىقى، تامىقىنىڭ تەملىك ھەم ئەرزان ئىكەنلىكنى ئېيتىپ، بىزنى شۇ يەرگە باشلىدى.
  بىز يول بويى كوچىنى بىر ئېلىپ پاراڭلىشىپ ماڭدۇق.
- ئوباما شىنجاڭغا كىلىپ، نامراتلارغا ياردەم قىلىدىكەن دەيدۇ، راسمىدۇ؟
-ھەي، بالىلار كوچىدىكى مىش-مىش گەپنىڭ راسىتقا ئايلانغىنىنى جىق كۆردىققۇ بىز.
- ئوباما نامراتلارنى قانداق يۆلەيدىغاندۇ؟
- ھەر كىم مەن نامرات دەپ بارسا، ئىسمىنى تىزىملاپ قويۇپ، نېمىگە ئىھتىياجلىق بولسا بىرىۋىرىدىكەنمىش.
- مەن، ئۆيدىكىلىرىمنى باشلاپ بېرىپ ماشىنا، ئۆي تەلەپ قىلايمىكىن.
- سەن نامرات بولمىىساڭ يا؟
- مەن بارغانغا ئوبامانىڭ پۇلى كەملەپ قالامتى،  ئۆتكەندە مەھەللىمىزدىكى مەنسۇر ھاجىم كەمبىغەللەرگە بىر قانچە ماشىنا كۆمۈر چۈشۈرۈپ بەرسە، نۇرغۇنلىغان بايلار  كەمبىغەللەرگىمۇ  يول بەرمەي كۆمۈرنى ھارۋا-ھارۋىلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن.
-ئۇنداق بولسا، مەن بىر مىليۇن ئامرىكا دوللىرى تەلەپ قىلايمىكىن.
- مەن ئامىرىكىنىڭ پاسپورتىنى تەلەپ قىلىپ، خوتۇن-باللىرىمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەيمىكىن...
-مەن  كالا فىرمىسى قۇرۇپ بەر دېسەم بولاما...
بىز مۇشۇنداق ئاغزىمىزنى تاتلىق قىلىدىغان پاراڭلار بىلەن بىردەمدىلا بىكەت ئەتراپىغا يېتىپ كەلدۇق. ئاغىنىلەرنىڭ بىرى گىپىمىزنى بۆلۈپ:
- ھەي، ئاغىنىلەر ئاۋۇ يەردە تۇرغۇننى بىر قانچە ئادەم ئۇرۇۋاتىدۇ، يۇرۇڭلار قاراپ باقايلى-دىدى. راسىت دىگەندەك ئون مىتىر يىراقلىقتا بەستلىك كەلگەن ئىككى ئادەم تۇرغۇننى راسا دۇمبالاۋاتاتتى.
- تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىدى، ئۇ خۇمسى، تازا بەلەن بوپتۇ.
- كارىڭلار بولمىسۇن، بىزنى رەنجىتكىنىگە تويسۇن.
- ياقەي، بالىلار، مىڭ قىلمىسا تۇرغۇن بىزنىڭ ئاغىنىمىز، بىز بىلەن بىر مەھەللىلىك، باشقىلار ئۇنى بۇزەك قىلىۋاتسا قاراپ تۇرساق سەت ئەمەسمۇ.
- راسىت، جۇمۇ بالىلار  قاراپ تۇرۇپ بىر ئاغىنىمىزنى تاياققا تۇتۇپ بەرسەك، ۋىجدانسىزلىق بولۇپ قالغۇدەك.
بىز ئىككىلىنىپ جايىمىزدا تۇرۇپ قالدۇق، ھېلىقى ئەبلەخلەر تۇرغۇننى تېخىچە ئۇرۇۋاتاتتى. ئەزەلدىن ئاچچىقى يامان قەيسەر:
- يۇرۇڭلار ئاۋۇ ئىككى ئىت پۇقىنى تازا ئۇرايلى- دەپ، تۇرغۇن تەرەپكە يۇگۇردى. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق. بىردەمدە كوچا ئۆرە-تۆپە  بولۇپ كەتتى. بىكەتتىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر، بايامدىن بىرى ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتمەي قاراپ تۇرغانلار ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. ھېلىقى ئىككى ئەبلەخ بىزنىڭ جىقلىقىمىزنى كۆرۈپ سەل پەسكويغا چۈشۈپ ئۆزىنى قوغداشقا باشلىدى. قەيسەر قاتارلىق بىر قانچە ئاغىنىمىز بولدى قىلماي، ئۇ ئىككىسىنى ھەدەپ قوغلاپ يۇرمەكتە ئىدى. شۇ ئارىدا ساقچىلار پەيدا بولۇپ ئەتراپنى قورشىۋالدى. بىز قاچالماي ساقچىلارنىڭ قولىغا چۇشتۇق.
   ساقچىخانغا بارغاندىن كېيىن بىزنى سوراق قىلدى. ئەسىلىدە تۇرغۇن بىكەت يېنىدىكى بىر باققالغا ئۈزۈم ئۆتكۈزگىلى چىققان ئىكەن، ئۇ ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ قايتاي دەپ تۇرغاندا كوچىدىن بىر پورتىمال تېپىۋاپتۇ، قارىسا ئىچىدە نۇرغۇن پۇل بار ئىكەن، تۇرغۇن پورتىمالدا قانچە پۇل بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، پۇلنى ساناۋاتسا، پورتىمالنى يۈتتۈرۈپ قويغانلار كېلىپ قېلىپ، تۇرغۇنغا گەپ قىلىش پۇرسىتىمۇ بەرمەي ئۇرۇپ دۇمبالاشقا باشلاپتۇ، بىز نەخ شۇ ۋاقىتتا كېلىپ قاپتۇق. بىز تۇرغۇننىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بەردۇق. ساقچىلارمۇ كەنتكە تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋال ئۇقۇشتى.ساقچىلار خاتىرە يېزىپ، ھەممىمىزنى قول قويدۇرغاندىن كېيىن پورتىمالدىكى پۇلنىڭ سانىنى سوراپ، توغرىلىقىنى دەلللەپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى.ئارقىدىن  بىزگىمۇ ئارتۇق گۇناھ قويماستىن قويۇپ بەردى.
   بىز تۇرغۇننى ئېلىپ قايتتۇق.
- ئۇ پۇلنى نىمىشقا ساناپ يۈرگەن بولغىيتىڭ؟
- ئىگىسى ئىزدەپ كەلسە، نەچچە پۇل ئىكەنلىكىنى سوراپ ئاندىن بېرەي دەپتىكەنمەن.
- تۇرغۇن سەن راسىتنلا ئەخمەق جۇمۇ، شۇنچە پۇلنى ئېلىپ كۆزدىن يۇقالغان بولساڭ، تاياق يەپمۇ يۈرمەس بولغىيتىڭ.
- ماڭا ھارام پۇل ياراشمايدۇ، ئاغىنىلەر.
- ھارام پۇل ياراشمىسا، ھارام تاياق يارىشىدىكەن-دە
- ھا،ھا... يۇر، تۇرغۇن، ئەمدى سېنى ھارام تاماق بىلەن مېھمان قىلايلى.
- بىز كېلىپ قالمىغان بولساق، بۇ چاغقىچە بىر خالتا سۈزمىگە ئايلىنىپ قالاتتىڭ-ھە، تۇرغۇن.
- ئەتە بانداتتا، ياش خوتۇنى، ۋاي، ياش كەتكەن مۇرەببىم، دەپ ھازا ئاچقان بولاتتى،ۋەي...
- ھا،ھا... مۇشۇ باھانىدە بىزمۇ بىر قېتىم تويغۇدەك پولو يەيتۇق، ھە، ئاغىنىلەر.
-ئۇ پۇل ماڭا ئۇچراپ قالغان بولسا، پۇلنى ئالاتتىم-دە، قۇيرۇقىمنى خادا قىلاتتىم.
- ماڭا ئۇچرىغان بولسا، بۇ چاغقىچە ئاللاقاچان يۇقىرى مەھەللىدىكى قاسىم تاۋكانىڭ ئۆيىگە ئۈنۈپ بولاتتىم.
-... (7)

                                                       قويمىچى تۇرغۇن

   بۇ كۈنلەردە   قىشنىڭ ئارسالدى چاغلىرىنى ئۆتكۈزمەك بۇرۇنقىدەك كۆڭۈللۈك بولماي قالدى. ئىلگىرى ئاغىنىلەر بىر ئۆيگە يىغىلىپ پاراڭلاشقاچ بىردەم قىمار ئوينىساق، بىردەم ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاپ پەيزى قىلاتتۇق. ئوبدانراق مال ئۇچراپ قالغان كۈنلىرى بولسا، قاپاقلارنى تالىشىپ تۇرۇپ، بەڭ تارتىپ، بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە سەيلە قىلىپ ھوزۇرلىناتتۇق. مانا ئەمدى ھەممە ئاغىنىلەر پۇل تېپىشنىڭ كويىدا بېشىنى قاشلاشقىمۇ ۋاقتى يوق ئالدىراش يۈرۇيدىغان بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ  بىلىم- سەۋيىمىز چاغلىق بولغاچقا ئاساسەن يۈك چۈشۈرۈش، ئۆي چېقىشقا ئوخشاش كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى تاپالايتۇق. ھېلىمۇ ياخشى ئاغىنىلەر بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلغاچقا، تاپقان ئىشىنى تەڭ قىلىشىپ، ھەر ھالدا جان بېقىپ كېلىۋاتاتتۇق. ئارىمىزدا قەيسەر ئەڭ چاققان، مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭغا تايىناتتۇق.
  ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ئىشنى تۇرغۇن تېپىپتۇ،  مەھەللىمىزنىڭ بېشىدىكى چوڭ تاشيولنىڭ بويىدا بىر توڭلىتىش ئىسكىلاتى بار ئىدى، ئۇ ئىسكىلاتتا ئىككى مىڭ توننا ئۈزۈم بار ئىكەن. تۇرغۇن ئانچە-مۇنچەخەنزۇچە سۆزلەشنى  بىلگەچكە بىر خوجايىن بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، بىزگە بىز كۈندە ئىككى ماشىنىغا 50 توننىدىن ئۈزۈم بېسىپ بېرىشنى كۆتۈرىگە ئېلىپ بەردى ئۆزى ئالدىراش بولغاچقا  خوجايىن بىلەن  توننىسىنى 30 يۈەندىن بېسىشقا كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن قالغان ئىشلارنى قەيسەرگە تاپشۇرۇپ كېتىپ قالدى.
  بىز ئالدىن 10مىڭ يۈەن زاكالەت ئېلىپ ئىشنى باشلاپ كەتتۇق. ئەگەر ئىش تۈگگىچە بەرداشلىق بېرەلىسەك، 40 كۈندە 6000 يۈەن پۇلغا ئېرىشەتتۇق. بۇ بىزدەك دېھقانلار ئۈچۈن  كاتتا پۇل ئىدى. ئىشنى تۇرغۇن تاپقاچقا ھەممىمىز تۇرغۇندىن بەك مىننەتدار بولدۇق. پۇلنىڭ ھەۋىسى بىلەن ھەممە بالىلار ئىشقا تولۇق كېلىپ، ھورۇنلۇق قىلماي ئوبدان ئىشلىدى، ئاخىرى ئىشمۇ تۈگدى. بىراق بىزگە پۇل بېرىدىغان خوجايىن ئاللاقاچان ئىچكىرى ئۆلكىگە كەتكەچكە بىزنىڭ قالغان پۇلىمىزنى بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى، ئىسكىلاتنىڭ خوجايىنىنى ئىزدىسەك. ئىشنى كىمدىن ئالغان بولساڭلار شۇنى ئىزدەڭلار، سىلەرنى بىز تەكلىپ قىلمىغان دېدى. بىز يۈك باسقان ماشىنا شوپۇرىنى ئىزدىسەك، ئۇمۇ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يانغا چىقىۋالدى. بىز ئاخىرى تۇرغۇننى تۇتتۇق.
- تۇرغۇن، بۇ ئىشنى سەن تاپقان، بۇ يەرگە بىزنى سەن باشلاپ كەلگەن، سەن بىزگە مەسئۇل بولۇپ، پۇلىمىزنى تېپىپ بېرىشىڭ كىرەك.
- توغرا، 40 نەچچە كۈندىن بىرى بۇ يەردە ئىشەكتەك ئىشلىدۇق، تامىقىمىزنىمۇ ئۆز پۇلىمىزغا يېدۇق، پۇلنى سەندىن ئالىمىز.
- سەن بىزنىڭ پۇلىمىزنى بېرىۋىتىپ، خۇجايىن بىلەن ئۆزەڭ دېيىشىۋال.
- زادى بۇ ئىشتىن چاتاق چىقىشىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرغان.
- ئىسىت، مۇنداق قارا قىشتا ئىشلىگۈچە، خوتۇن ئىتىپ بەرگەن ئۇماچنى ئىچىپ، مەشنىڭ يېنىدا ياتسامچۇ.
بىز ئارقا-ئارقىدىن سۆزلەپ تۇرغۇننى قىستىدۇق. ئۇمۇ بەك خىجالەت بولغان ھالدا سۆزلىدى.
- مەن باشتا ئىشنى چولتا قىلىپتىمەن، خوجايىن بىلەن سۆزلەشكەن يەردە قەيسەرمۇ بار. بىز خوجايىن بىلەن توننىسىنى 30 يۈەندىن سۆزلەشكەن. ئاۋۋال 10مىڭ يۈەن بېرىپ، ئىش پۈتكەندە قالغان 50 مىڭ يۈەننى بېرىدىغان. ئىشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلىسەك يەنە 5000 يۈەن قوشۇپ بېرىدىغان بولغان، قەيسەر ئىككىمىز ساقچىخانىغا باردۇق.  بۇ گەپلەر ئېغىزدا دېيىلىپ، يازما توختام بولمىغاچقا،كېلىشتۇرمەك تەس بولىدىكەن. ساقچىلار خوجايىنغا تىلىفۇن قىلغان ئىكەن، ئۇ خۇجايىن مەن ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىپ بولغان، دەپ تۇرۇۋالدى. شۇ تاپتا قانداق قىلىشنى مەنمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن. تۇرغۇندىن كېيىن قەيسەر گەپ باشلىدى.
- قولىمىزدا توختام يوقلىقى راسىت، ئەمما بۇ ئىشتا تۇرغۇننىڭ مەسئۇلىيىتى كۆپ. تۇرغۇن ئۇ خۇجايىن بىلەن خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشتى. ئۇلارنىڭ گىپىنى مەنمۇ چۈشەنمىدىم. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇ خۇجايىن مەن ئۇلارغا پەقەت 5000 يۈەن قەرزدار، دەپتۇ.  قەيسەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئاغىنىلەر ئاچچىقىدىن بوغۇلۇپلا كەتتى.
-  10ئادەم 40 كۈندە 15مىڭ يۈەنگە ئىشلەيدىغان ئىش نەدە بار؟ كۈنلىكىمىز 40 كويمۇ ئايلانمايدىكەن، مەدىكار بازىرىغا بېرىپ، ئىش ئىزلىسەكمۇ كۈنىگە 100 يۈندىن ئارتۇق پۇلغا ئىشلەيمىز.تۇرغۇن ئەسلىدە خوجايىن بىلەن بىرلىشىپ بىزنى قويۇۋەتكەن گەپ.
- ئىككىسىنىڭ تىلى بىر. خوجايىن ھەممە پۇلنى بېرىپ بولدۇم دېگىنىگە قارىغاندا، قالغان پۇللىرىمىز تۇرغۇندا
- تۇرغۇننى تۈزۈك ئادەم دېسەك، سېپى ئۆزىدىن قويمىچى ئىكەندە.
-چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر دېگەن شۇ ئوخشايدۇ، ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ، بىزنى ئوڭدا قويدى.
- زادى تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىدى بۇ!
- ...
بىز تۇرغۇننى قانچە تىللىساقمۇ ئامال يوق ئىدى. قەيسەر تۇرغۇننى ئۇرماقچى بولغان ئاغىنىلەرنى توسۇۋالدى.
- ئاغىنىلەر تۇرغۇنمۇ خىجالەت بولۇۋاتىدۇ، بىز ئاچچىقىمىزنى بېسىۋىلىپ، ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈشىمىز كىرەك.
-بۇ ئىشتا قەيسەرمۇ ساق ئەمەس. تۇرغۇن ئىككىسى شىرىكمۇ تېخى، بولمىسا، قەيسەر تۇرغۇنغا بولۇشۇپ كېتىدىغان ئادەممۇ؟ بىز قەيسەرنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىزمۇ؟
-- سەن گۇيلارغا نېمە ئىش قىلىپ بەرسەم رازى بولۇشىسەن، نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئىشلارغا باش بولۇپ سەن نېمىلەرنىڭ بىر موچەن چاغلىق پۇلىغا خىيانەت قىلدىممۇ؟  ئوغرىلىق  قىلساممۇ، ئاشنا ئوينىساممۇ، قىمارۋاز بولساممۇ، ئۆزەمگە چۇشلۇق ئادەممەن.ئۆز ئاغىنىلىرىمنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلىدىغان خۇمسى ئەمەس جۇمۇ مەن، گەپنى چاغلاپ قىلىش، ھىلىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ ئاران تۇرىمەن.
   قەيسەرنىڭ  بۇ سۆزى بىلەن تەسلىكتە پەسكويغا چۈشتۇق. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئىشىمىزدا ئىلىگىرلەش بولمىدى.بىز پۇلنى خۇجايىندىن ئېلىشقا كۆزىمىز يەتمەي ، ئاخىرى پۇلنىڭ قالغان قىسىمىنى تۇرغۇن يەۋالدى،دېگەن خۇلاسىگە كەلدۇق.
- تۇرغۇن بىزنى ئىش ئۇقمايدۇ دەپ، نادان چاغلاپ ئوڭدا قويدى جۇمۇ ئاغىنىلەر.
- بۇ دۇنيادا ئىشەنچىلىك ئادەم قالمىدى، مەنپەئەت ئالدىدا ئادىل بولماق تەس.
- نۇرغۇن پۇلدىن قۇرۇق قېلىپ، بىر مۇنچە ئىچ ئاغرىقى تېپىۋالدۇق، ئاشۇ تۇرغۇننى كۆرسەملا جۇدۇنۇم تۇتىدىغان بولۇپ قالدى، ئىپىنى كەلتۈرۈپ تازا ئەدىبىنى بەرسەك بولاتتى.
- بار جاپانى بىز تارتساق، راھىتىنى شۇ توخۇ پوقى كۆرسە بولامدۇ، 50مىڭ يۈەن ئاز پۇل ئەمەستە.
-  ئۇ لاتا گۇينىڭ كېكىردىكىنى سىقىپ تۇرۇپ، پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ كەلسەك بولاتتى،
   نەچچە كۈندىن كېيىن ئاغىنىلەر بىرلىشىپ تۇرغۇننىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن قەيسەرنى ئىزدىدۇق.قەيسەر مەخسىتىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن كۈلۈپ كەتتى.
- قاراڭلار بۇ نېمە، 50 مىڭ يۈەننىڭ چېكى، بۈگۈن تۇرغۇن ئەكىلىپ بەردى. ئۇ ئەسلىدە خۇجايىن بىلەن سۆزلەشكەندە، ئوتتۇرىدا بولۇنغان سۆزلەرنى تىلىفۇنىدا ئاۋازغا ئېلىۋالغان ئىكەن، ئۇ بۇنى ئىسپات قىلىپ سوتقا ئەرز قىپتۇ، سوتتىكىلەر تەكشۈرۈپ، دەلىللەش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇ خۇجايىننىڭ  ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان 100 نەچچە مىڭ تال ئۈزۈم قاچىلايدىغان يىيشىكىنى پىچەتلەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتمەي، جىم تۇرۇۋالغان قۇۋ تۈلكە قالغان ھەممە پۇلىمىزنى بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.(8)

                                                               ئەسكى سايلىق

  ياش چوڭايغانسىرى جاھاندارچىلىق قىلشنىڭ كويىدائاغىنىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، توي قىلمىسا، تالادا ، توي قىلسا بالادا قالىدىغان ئىش ئىكەن، ئاددىسى ئۆينىڭ  مۇشۇ سەي-كۆكتات، سۇ، توك پۇللىرىمۇ بىزدەك دېھقانلارنى خېلىلا ھالسىرىتىپ قويالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردەم تۇققانلار توي قىلىۋاتقان، پالان پۇل كەتتى دېگەن گەپ. بىردەم خوتۇننىڭ كىيىم غەلۋىسى باشنى ئاغرىتىۋاتقان، ھىلىمۇ ئانچە-مۇنچە يۆلەپ تۇرىدىغان چوڭلار بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا، خۇرجۇننى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ كېتەرمىزمىكىن-تاڭ.
بىر كۈنى ئاغىنىلەر بىلەن يىغىلىپ بۇنىڭدىن كىيىن قانداق كۈن ئۆتكۈزۈش ھەققىدە كىڭەش ئېلىپ باردۇق. ئاغىنىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرغۇننىمۇ كىڭەشكە چاقىردۇق، بىر تۇرغۇندىن باشقا ھەممەيلەن كېلىپ بولدى.  مەھەللىمىزنىڭ سۇ ئىشلىرى، تورخانا تىجارىتى يەنە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كۇرىسى دەمدۇ، ئەيتاۋۇر  بۇ كۈنلەردە تۇرغۇن قىلىدىغان ئىشلار ئاۋۇپ كەتكەن ئىدى.
-ھەي، ئاغىنىلەر، مۇشۇ تۇرغۇنمۇ يامان نەرسە ئىكەن جۇمۇ، بولمىسا ھەممىمىز ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاران پۈتتۈرگەن بالىلار ئىدۇق. ئۇ ھازىر ھەممىمىزدىن باي ھەم ئەقىللىق، ئۇنىڭدا بىر خىسلەت بارمۇ نېمە؟
-سىلەر بىلمەيسىلەر ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ جىنلار بىلەن ئالاقىسى بار، ئۇ ئايالنى كىچىلىرى ئۇخلىماي، جىنلار بىلەن ھەپىلىشىدۇ، دەيدۇ، تۇرغۇنغا ئاشۇ جىنلار ياردەم قىلىۋاتقان گەپ.
- جىڭ گەپ، بىز ئوقۇيدىغان چاغلىرىمىزدا، كومزەككە سېلىنىپ، يەرنىڭ ئاسىتىغا كۆمۈپ، بەنت قىلىۋەتكەن دېۋىلەرنى قۇتقۇزۇپ قويسا، نېمە تىلىسە. شۇنى بېرىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايتۇق. تۇرغۇنغا ئاشۇ دېۋە ئۇچراپ قالغان ئوخشايدۇ، بولمىسا، بىز نېمە ئىش قىلساق، ئاقتۇرالمايمىز، تۇرغۇن بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتتىمۇ بولدى، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ماڭدۇرالايدۇ.
- سىلەر دېگەن جىن، دېۋە دېگەن گەپلەرنىڭ ئاساسىي يوق، مەن تۇرغۇننىڭ شەھەردە بىر باشلىق تۇققىنى بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم.
-قانداقلا بولمىسۇن، تۇرغۇن بىزنى تاشلىۋەتتى، ھازىر كاتتا ئادەمگە ئايلىنىپ، بىزنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالدى، بولمىسا، بىرەر ئىش قىلسا، ئاغىنىسى بولغاندىكىن بىزنىمۇ باشلىۋالسا بولىدۇغۇ،
- ئۇ كۆكەمەدىن ئۈمد كۈتۈپ يۈرگۈچە، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچكەن تۈزۈك جۇمۇ، بالىلار.
  پارىڭىمىز تازا قىزىغىلى تۇرغاندا تۇرغۇن يېتىپ كەلدى. ئۇ بىزگە قىلىدىغان ئىش تاپقان ئىكەن.
- ئاغىنىلەر، چوڭ تاشيولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى سايلىقنى كۆتۈرە ئالىدىغان بولدۇم، بىز سايلىقنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپالايمىز، قانداق دېسەڭلار، بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كۇرىسىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، يەنە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى، يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا نەچچە يۈز مىلىيۇن يۈەن دەسمى سېلىنىدىكەن. قۇرۇلۇش بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە شېغىلدىن ئايرىلالمايدۇ، دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت باشقا يەرلەردىن قۇم-شېغىل ئۇسۇشقا ئىجازەت بەرمەيدىكەن، خالايدىغانلار پۇل قوشۇپ شېرىك بولۇڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنىڭ كۈچىنى دەسمى قىلىپ، ماڭا ئايلىق ئىشلەڭلار. تۇرغۇننىڭ گەپلىرى بىزدە ھەرخىل ئىنكاس پەيدا قىلدى.
-سايلىقنى قانچە پۇلغا كۆتۈرە ئالدىڭ؟
- يىللىقىنى 100مىڭ يۈەنگە، بىزنىڭ بىر شېغىل زاۋۇتى، بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، يەنە بىر كىران، ئىككى تەرەكتۇرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمىز بار.
-ئەمدى قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك ئاپتاپتا كۆيۈپ، ئۇسسۇزلۇق دەردىدە دوۋزاقنىڭ ئازابىنى تارتىپ، ئىنسى-جىنمۇ يوق ئەسكى سايلىقتا ئىشلەمدۇق.
- ساراڭ بولدىڭمۇ، ئەسكى سايلىقنىڭ يىللىقىنى 100مىڭ يۈەنگە ئېلىپ، 20-30يۈەندىن شېغىل سېتىپ قاچان ئۇ پۇلنى تېپىپ بولىمىز، مەن قىلمايمەن.
- تۇرغۇن سېنى ئەقىللىق دەپ چاغلايتۇق، سەنمۇ چاغلىقكەنسەن، ساڭا ھەر قانچە جىن، دېۋىلەر ياردەم قىلسىمۇ، زىيان تارتقىنىڭ تارتقان. بىزمۇ ئۇنداق يەردە ئىشلەيدىغان ساراڭ ئەمەس.
- ئەي، ئاغىنىلەر، ئەسلىدە تۇرغۇن چوڭ سۆزلەپ ئىشنى ئېلىپ قويۇپ، ئەمدى قورقۇپ بىزنى زىيانغا شىرىك قىلىۋاتقان گەپ، بۇ كۆكەمەدىن بىزگە ياخشىلىق كېلەمتى.
- بىزگە ئىش تېپىپ بېرىمەن دېگۈچە، بېرىپ خوتۇنىڭىغا ئىش تېپىپ بەر،ئۇقتۇڭمۇ.
  بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى گەپ قىلماي دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرغان تۇرغۇن سۆز باشلىدى.
-ئاغىنىلەر، مەن بۇ ئىشقا سىلەرنى قورقۇپ كېتىپ، يادەمگە چاقىرىۋاتقىنىم يوق، ئۆزۈم يالغۇز قىلساممۇ، ئايىغىغا چىقىپ كېتەلەيمەن،سىلەرگە ياخشى بولسۇن دېگەن يېرىم بار شۇ. سىلەر ئىشلەشنى خالمىساڭلار مەيلى، باشقىلارنى تاپىمەن، پەقەت بولمىسا،ئىش ئىزدەپ يۈرگەن  خەنزۇ يولداشلار بار.
-كىمنى تاپساڭ، تاپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالساقمۇ، سايغا بارمايمىز.
- بۇ يەردە نېمە تولا، تاش بىلەن شېغىل،  ئەقىللىق ئادەم تاش،شېغىلغا دەسمى سالمايدۇ.
  تۇرغۇن بىزنى قايىل قىلالماي قايتىپ كەتتى. ئۆتكەن ئىشلارغۇ مەيلى، تۇرغۇننىڭ بۈگۈنكى مەسىلىھەتى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقلىنىشىمىزغا ئەرزىيتى.
- ۋاي  تۇرغۇن دەپ قويسا، ئۆزىنى بىلەلمەي قاپتۇ-دە، ئۇ سولتەك.
- ئادەم تېپىلمىغاندەك ئاشۇ ئىشەك تاقىلايدىغانلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ يۈرەمدۇق،بىز دېگەن كىمنىڭ ئەۋلادى.
- كۆرىمىزغۇ ئۇنىڭ ھالىنى، ئەتە- ئۆگۈن زىيان تارتىپ ماڭقىسىنى ئېقىتمىغىنىنى كۆرەي.
-تېخى خەنزۇ ئىشچىلارنى ئىشلىتىمەن دەيدۇ.
-زادى مىللەتكە كۆيۈمى يوق لاتا نېمە ئۇ
-مۇشۇنداق لاتا غىلاپ گۇيلارنى تازا ئۇرسا بولىدۇ.
   نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئۇ ئەخمەقنىڭ سايلىقتا ئىش باشلىغىنىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭغا ئىچىمىز ئاغرىپ قالدى،ئاغزىمىزدا  تىللىغان بىلەن بىلەن ئۇ يەنىلا  بىزنىڭ ئاغىنىمىز-دە.(9)

                                                      قاتىل  تۇرغۇن


  ئاغىنىلەر ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ ماشىنا ئالغان ئادەم تۇرغۇن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆز ھالىغا باقماي نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە ماشىنا ئېلىشى ئاغىنىلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

-ئەينى ۋاقىتتا تۇرغۇننىڭ كەينىگە كىرىپ، شېغىل زاۋۇتىغا پاي قوشقان بولساق بىزمۇ بىر ماشىنىلىق بولۇپ قالىدىكەنمىز،ھە، ئاغىنىلەر.

-سەن نېمنى بىلەتتىڭ، تۇرغۇن شېغىل زاۋۇتىدىن پۇل تاپمىدى، مەھەللىمىزنىڭ ئايىغىدىكى تۇراق بەڭگىنىڭ ‹مال›لىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن تاماكىچىلارغا ئۆتكۈزۈپ باي بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسى ھارام، ئەگەر ھارام ئارلاشمىسا،بىر نەچچە يىل شېغىل سېتىپ باي بولۇپ كېتەمتى؟

-سىلەر ئۇنداق دېگەن بىلەن پۈتۈن ناھىيىمىزدەسېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى تۇرغۇننىڭ شېغىلى بىلەن قۇمىنى ئىشلىتىدىكەن،دەيمەن.ئۆتكەندە تەرەكتۇر بىلەن قۇمغا بېرىپ قاپتىمەن، نەچچە سائەت ئۇچرەتتە تۇرساممۇ ماڭا نۆۋەت كەلمىدى، كېيىن تۇرغۇن كېلىپ قېلىپ، قۇم ئۇستۇرۇپ بەردى ھەم ئاغىنە تۇرۇپمۇ پۇل تەڭلەمسەن،دەپ مەندىن پۇل ئالمىدى.

-شۇڭا ئاشۇ كۆكەمىنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتىمەن دېگىنە.

-بولدى، تالاشماڭلار، قانداقلا بولمىسۇن ئارىمىزدىن ماشىنا ئالالايدىغان ئادەم چىقتى. بىزمۇ كۆڭۈل توختىتىپ بىر ئىش قىلساق پۇل تاپالايدىغان ئوخشايمىز جۇمۇ، بولمىسا، بەش يىل بورۇن تۇرغۇنمۇ بىزگە ئوخشاشلا يالاڭتۆش ئىدى. مانا بۈگۈن نەچچە يۈز  مىڭ يۈەنلىك HONDA ھەيدەپ يۈرۈيدۇ، تىرىشقان تاپار دېگەن شۇ ئوخشايدۇ.

    ئاغىنىلەر بىلەن بىر يەرگە كىلىپ قالساق، تۇرغۇن تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. مانا بۈگۈنمۇ يەنە شۇ تۇرغۇننىڭ گېپى، قەيسەرنىڭ كىلىشى بىلەن پارىڭىمىز تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.

-ئاغىنىلەر مەن ئەڭ يېڭى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، تۇرغۇن توغرۇلۇق.

-ئېيتە، قەيسەر، تۇرغۇنغا يەنە نېمە ئىش بوپتۇ، ساقچىلار تۇتۇپ كەتمىگەندۇ؟

-ئاق تاماكا چىكىپ، قېتىپ قاپتۇمۇ-يە؟

-ئاشنىسى بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان گەپ.

-قالايمىقان پەرەز قىلماڭلار، بالىلار، تۇرغۇن بىر ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.

-ماشىنىسىدا غادىيىپ ئولتۇرۇپ بەك كۆرەڭلەپ كېتىپتىكەن ئۇ يالاڭتۆش، زادى بىلەتتىم،مۇشۇنداق بولۇشىنى.

-ماشىنىنى ئوڭشاپ ھەيدەلمەيدىغان ھالىغا، غىت قىسىپ يۈرسە بولمامدۇ، مانا ئەمدى تۇرغۇن تۈگەشتى، تاپقان پۇللىرى...

-ھەي، بالىلار ياخشىراق گەپ قىلساڭلار نېمە بولىدۇ، باشقىلارغا يامانلىق تىلەش ياخشى ئىش ئەمەس، ھە، قەيسەر ئىشنىڭ باش-ئاخرىنى تولۇقراق دېمەمسەن؟

-ئۇ ئۈلۈشكۈن ئاخشام ئۇ ئۆيگە قايتىۋىتىپ، چوڭ تاشيولدا بىر ئەخلەت يىغىپ ساتىدىغان خەنزۇ بوۋاينىڭ قانغا مىلىنىپ ھوشىسىز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەپتۇ. دوختۇرلار،يەنە بىر قەدەم كىچىكسە،  ھاياتىغا كىپىللىك قىلغىلى بولمايدىكەن،دەپ بوۋاينى دەرھال ياتاققا ئاپتۇ. كېيىن ھېلىقى بوۋاينىڭ تۇققانلىرى دوختۇرخانىغا كېلىپ، تۇرغۇنغا، تۇققىنىمىزنى تۆلەپ بەر، دەپ ئېسىلىۋاپتۇ ۋە تۇرغۇن ئۆزىنى مىڭ ئاقلىسىمۇ ئۇنىماي ساقچى چاقىرىپتۇ، ساقچىلار تۇرغۇننى، ئادەم سوقۇۋىتىپ، نەخ مەيداننى ساقلىمىغان، دەپ تۇتۇپ كېتىپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىككى كۈندىن بىرى ھېلىقى بوۋاي ھوشىغىمۇ كەلمەپتۇ. بولغان ئىش مۇشۇ.

-بۇ كۈنلەردە ساقچىلارنى ئالدىغىلى بولامتى، ئەسلى تۇرغۇن ئۆزى سوقۇۋىتىپ، قۇتقۇزىۋالدىم دېگەن گەپ.

-ئۇ بوۋاينىڭ ساق قالغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى ئىدى، ئەمدى تۇرغۇننىڭ ئۆمۈرى ئۇ بوۋاينى بېقىش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى-دە

-ئەمدى ئۇ بوۋايمۇ ئەخلەت يىغىپ جان بېقىشتىن قۇتۇلۇپ قالدى.

-مۇشۇ تۇرغۇننىڭ پۇل تېپىپ باي بولغىنىغامەن بەك ھەيران جۇمۇ، ئۇ ئاشۇ دۆت كاللىسى بىلەن قانداق پۇل تاپىدىغاندۇ، چوڭ تاشيولدا بولغان ۋەقە بولغاندىكى، تاشلاپلا قاچمامدۇ،ئۆزىگە ئىش تاپقۇچە، تاڭ ئاتقاندا قاتىلنى كىم تاپالايتى.

-راسىت، جۇمۇ، ئەگەر مەن تۇرغۇننىڭ ئورنىدا بولسام، كەينىمگە يېنىپ، ئۇ بوۋاينى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن قاچاتتىم.

-تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ئۇ، بولمىسا ئۆلەرمەن قېرىنى تاشلاپلا ماڭماي، دوختۇرخانىلاردا كۆتۈرۈپ يۈرەمدۇ، ئۆزىگە ئىش تېپىپ.

- يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگگۈچە، بۇرنى قاناپتۇ.دېگەندەك، تۇرغۇنغايېڭى ماشىننىڭ ئايىغى ياراشمىغان گەپ.

      نەچچە كۈنلەرگىچە تۇرغۇننىڭ ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى مەھەللىلەردە قىزىق نوقتا بولۇپ قالدى. بىز ئەمدى تۇرغۇننى كۆرەلمەيدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇرغۇن پاقىراپ تۇرىدىغان،قاپقارا، سۆلەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە يەنە مەھەللىدە پەيدا بولدى، ئۇزۇن قۇلاق خەۋەرچىلەر ھەركەتكە كەلدى.

-تۇرغۇن راسىت گۇناھسىز ئىكەن،بىر ھەپتە ھوشىسىز ياتقان بوۋاي،ئاخىرى ھوشىغا كېلىپ،ئۆزىنى بېسىۋەتكەن ماشىنىنىڭ يوغان يۈك ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇمىش.(10)


                                                       قىتىغۇر قەيسەر


   بۈگۈن تۇرغۇننىڭ تەكلىپى بىلەن ئاغىنىلەر بىر يەرگە يىغىلماقچى بولدۇق. بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ھالىمىز خاراپ ئىدى. پۇل تاپقانلار تېپىپ، بىزدەك پۇل تاپالمىغانلار قىلىدىغان ئىش يوق، دېھقانچىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشقا چاغلاردا كوچىدا لالمىدەك بىكار يۈرەتتۇق. تۇرغۇننىڭ بىكارغا ئىزدىمەيدىغانلىقى بىزگە ئايان ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ تەكلىپى بىزگە ياغدەك يېقىپ، دېيىشكەن ۋاقىتتىن بۇرۇنلا  يىغىلىدىغان يەرگە قاراپ ئاتلاندۇق.
- ئەينى ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ  ياخشى ئوقۇ،دەپ مەكتەپكە قوغلاپ يۈرۈشلىرىنى ئويۇندەك ھېس قىلىپ، پۇتىمىز تايغان، بېشىمىز قايغان يەرلەردە يۈرۈپ، تۈزۈك ئوقۇيالمىغاننىڭ دەردىنى تازا تارتىۋاتىمىز جۇمۇ بالىلار.
-  دادام مېنى دېھقاننىڭ بالىسى، كادىر بولغان نەدە بار، دەپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەيلا چىقىرىۋالغان ئىكەن، مانا ھازىر يۇقىرىدىن قۇتقۇزۇشقا بەرگەن پۇلنىمۇ ئوڭشاپ بانكىدىن ئالالمايمەن، دېسە.
-يا تۈزۈكرەك ھۈنىرىمىزمۇ يوق ئىكەن بىزنىڭ.
- ئۆز ۋاقتىدا ئوبدانراق ئوقۇغان بولساق، مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرمەس بولغىيتۇق-ھە؟
- ياق، ھەممە گەپ ئوقۇشتا ئەمەس، غەيرەتتە، تىرىشچانلىقتا. تۇرغۇنغۇ ياخشى ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ پۇل تاپتى، دەيلى، ئەمما قەيسەرچۇ؟ ئۇ مەكتەپتە ھەممىمىزدىن ناچار ئوقۇغان، مانا ئەمدى، تۇرغۇندىن قالسىلا ئارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ باي بولۇپ قالدىغۇ؟
- قەيسەر كۇلىچىلىق قىلىپ بېيىپ كەتتى.
-سەنمۇ قەيسەردەك قارام، تەۋەككۇلچى بولساڭ پۇل تاپالىغان بولاتتىڭ.
-  قەيسەرمۇ تۇرغۇننىڭ سايىسىدا پۇل تاپتى، ئاغىنىلەر.
  ئاغىنىلەر دېگەندەك ،قەيسەر تۇرغۇننىڭ ياردىمى بىلەن نىمكەش ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر-ئىككى يىلدىن بىرى خېلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. قەيسەر ئىلگىرى خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچىلەر ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ تىجارەت قىلسا، ئەمدى بىۋاستە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن مال يۆتكەيدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى.      بىز دېيىشكەن يەرگە يېتىپ كەلدۇق، قەيسەربىلەن تۇرغۇن يولىمىزغا قاراپ تۇرغان ئىكەن، بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق.  
تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇرغۇن گەپ باشلىدى.
- ئاغىنىلەر، بىز ئاچماق ئىشتان كېيىپ يۈرگەندىن بىرى بىلىشىدىغان، تونۇشىدىغان،بىرىمىز ئۆلۈپ كەتسەك، قالغانلىرىمىز جىنازا ئالدىدا يىغلاپ ماڭىدىغان سىرداش ئاغىنىلەردىن. مەن ئاللانىڭ ھىممىتى بىلەن مۇشۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتىم، قەيسەرنىڭمۇ ھال- كۈنى ياخشىلىنىپ كەتتى، ئەمما باشقا ئاغىنىلىرىمىز مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي يۈرۈيدۇ. بۇ ئەھۋالدىن ھەممىمىزنىڭ  كۆڭلى  يېرىم. مەن قەيسەر بىلەن مەسىلىھەتلىشىپ، ئاغىنىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر ئىش قىلىشنى ئويلىشىپ بۈگۈنكى يىغىلىشنى قارار قىلغان. مۇنداق ئىش، ھازىر باشقا شەھەر-ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى تىجارىتى بەك گۈللىنىپ كەتتى. بىزنىڭ ناھىيىمىزدە بۇ ساھە بىر بوشلۇق.  بىز ئىككى ئىش قىلماقچى، يەنى لەيلىمە خىش زاۋۇتى بىلەن سۇلياۋ ئىشىك-دەرىزە زاۋۇتى قۇرۇش. بىز  بۇ بۇ ئىشنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاللاقاچان پۈتتۈرۈپ قويدۇق. بىز ئاقسۇدىكى بىر زاۋۇت بىلەن ئۇقۇشۇپ قويدۇق. سىلەر ئاۋۋال ئاقسۇدا ئۈچ ئاي تەربىيلىنىپ، ھۈنەر ئۈگىنىسىلەر، بارلىق چىقىم بىزدىن. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رەسمى ئىش باشلىنىدۇ. بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر.
- تۇرغۇن ئەھۋالنى ئوبدان چۈشەندۈردى. مەن بۇ ئىشنى بىۋاستە تۇتىمەن، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا تىجارىتىنىمۇ قىلىۋىرىمەن.
- تۇرغۇن ئاداش، ئىش ھەققىمىز قانداق بولىدۇ؟
- ئاساسى مائاش 500 يۈەن بولىدۇ، قالغان ئىش ھەققى ئىش ئۈنىمىگە قاراپ مۇكاپات تۈزۈمىدە بېرىلىدۇ.
-مۇكاپات تۈزۈمى دېگەن قانداق گەپ.
-مەسىلەن،ئەگەر سەن تەۋە گورۇپپىغا  كۈندە 20 ئىشىك-دېرىزە ياساش ۋەزىپىسى بېرىلىدۇ دەيلى، سىلەرنىڭ گورۇپپاڭلار ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ 25 ئىشىك-دەرىزە ياسىساڭلار، ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان ئىش ئۈچۈن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان ئىشىك-دېرىزىنىڭ پايدىسىنىڭ يېرىمى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ،دېگەن گەپ.
-قاچان ئىش باشلىنىدۇ؟
-ئاللا خالىسا تۆت ئايدىن كېيىن.
  شۇنداق قىلىپ، بىز توختاملارغا قول قويۇپ، تەربىيلىنىشكە تەييارلاندۇق.. مېڭىشقا ئىككى كۈن قالغاندا قەيسەر بىزنى  تۇيۇقسىز ئىزدەپ قالدى.
- ئاغىنىلەر تۇرغۇن بەك قارا نىيەت ئىكەن. بۇ ئىشتا يەتتە ئۆلۈش پايدا ئۆزىگە قالىدىكەن، ماڭا بولسا ئاران ئۈچ ئۈلۈش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، مەن باشقا جايلاردىكى زاۋۇتلار بىلەن ئۇقۇشۇپ باقتىم.سىلەرگە بېرىلىدىغان ئاساسى مائاشمۇ بەك تۆۋەن ئىكەن.
-سەن قانچە پۇل قاتقان ئىدىڭ؟
-مەنغۇ جىق پۇل قاتمىغان. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ھەممە جاپاسىنى مەن تارتىمەن. تۇرغۇن بىزنى باشقۇرۇپ  خوجايىن بولغاندىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
-باشقىلاردا ئاساسى مائاش نەچچە پۇل ئىكەن؟
-800يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ئىكەن.
-ئەمسە تۇرغۇن بىزنى قويۇۋىتىپتۇ-دە، بولدى مەن، ئىشلىمەيمەن، ئاقسۇغىمۇ بارمايمەن.
-مۇكاپات دېگىنىمۇ قۇرۇق ئىمىزگە، بىز ئالدىنىپ قاپتۇق. تۇرغۇن بەك قارا نىيەت بولۇپ كېتىپتۇ.
-قاسساپ ئۆز دوستىغا سۆڭەك ساتقاندەك ئىش قىپتۇ، ئۇ خۇمسى.
-يۇرۇڭلار، تۇرغۇننى تېپىپ ئەدىبىنى بېرەيلى.
ئاغىنىلەر قاتتىق ئاچىقلىنىپ كەتتى. قەيسەر يەنە ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى.
-ئاغىنىلەر، تۇرغۇندا ئىنساپ يوق ئىكەن، ئۇمۇ توختامدىن پايدىلىنىپ مېنىمۇ ئوڭدا قويدى، پۇلۇم جىق دەپ، بۇزەك قىلدى. ئاغىنە بولغاندىكىن، پۇلنى كۆپ قاتقان بولسىمۇ، پايدىنى تەڭ ئايرىسا نېمە بولىدۇ، مەن توختامدىن ۋاز كېچىپ، پۇلۇمنى قايتۇرىۋالدىم، يەنىلا ئاشۇ ماشىنا تىجارىتىم ياخشى ئوخشايدۇ. سىلەرنىمۇ تۇرغۇننىڭ قارا نىيىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم، ئەمدى نېمە ئىش قىلساڭلار، ئىختىيارىڭلار.
  بىز تۇرغۇننى ئىزدەپ تاپتۇق.
-ھەي، كۆكەمە سەن بىزنى نېمىشقا ئالدايسەن؟
-تۇرغۇن، سەنمۇ ئادەممۇ، نىمىشقابىراۋنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقمايسەن؟
- بولدى بىز ئىشلىمەيمىز، سەندەك قارا نىيەتكە ئىشلىگەندىن ئۆيدە قۇرۇق نان غاجاپ ئولتۇرغان ياخشى.
- ھېلىمۇ قەيسەر بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا،...
-تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەنسەن، ئاغىنەم دەپ قويۇپ، قەيسەرنىمۇ ئوڭدا قويۇشقا تاس قاپسەن.
تۇرغۇن بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى.
-ئاغىنىلەر مەن سىلەرنى ئوتقا ئىتتىرىدىغان ئىشنى قىلارمەنمۇ؟ راسىت باشقا زاۋۇتلاردا ئىش ھەققى يۇقىرى. بىراق ئۇلارنىڭ ئىشچىلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان. مەن سىلەرنى نەچچە تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇردۇم، كېيىن ئىشسىز قالساڭلار، ئىش ئۈستىدە يارلانساڭلار، پىنسىيىگە چىقساڭلار نۇرغۇن تۆلەمگە ئىرىشىسىلەر، بۇ كېيىنكى تۇرمۇشىڭلار كاپالەتگە ئىگە بولدى دېگەن گەپ. قولۇڭلاردىكى توختامنى ئوبدانراق ئوقۇپ باقساڭلار دېگەنلىرىمنى چۈشىنىسىلەر. قەيسەرنىڭ ئىشىغا كەلسەك، ئۇ قانچە پۇل قاتسا، شۇ پۇلغا لايىق پايدا-زىيانغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ئىشنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق تۈزۈم-قائىدىلىرى بار،قەيسەر مېنى خاتا چۈشىنىپ پۇلىنى قايتۇرىۋالدى.  مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم، قالغىنىنى ئۆزەڭلار ئويلىشىپ، بىر ئىش قىلارسىلەر.
ئىككى-ئۈچ ئادەمنى ھېساپقا ئالمىغاندا. ئاغىنىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا تۇرغۇنغا ئەگىشىش قارارىغا كەلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ، ئارىمىزدىن 3000 يۈەن مائاش ئالىدىغان ئىشچىلار چىقىشقا باشلىدى.(11)


                                                         كۈنلەمچى تۇرغۇن


   بۇ كۈنلەردە قىلىدىغان ئىشىمىز، ھەر ئايدا كىرىپ تۇرىدىغان پۇلىمىز بار، ھەممىمىزنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ. بىزنى بىرەر ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىنىڭمۇ لازىمى يوق  مۇكاپات تۈزۈمىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق. ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغان ئادەمگە زاۋۇتتا ئورۇن يوق، ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدىڭمۇ بولدى، يانچۇق پۇلغا توشتى دېگەن گەپ. ئاغرىپ قالساق كادىرلاردەك كارتا ئىشلىتىمىز،  ئىش ھەققىمىزنىمۇ بانكىدىن ئالىدىغان گەپ. ياغاچ، تۆمۈر ئىشىك-دەرىزىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، بىزنىڭ سۇلياۋ ئىشىك-دەرىزىلىرىمىز ناھىيە ئاتلاپ سېتىلىشقا باشلىدى.قۇم- شېغىل زاۋۇتى  بىلەن لەيلىمە خىش زاۋۇتىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار ئۆچرەتتە.
  تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ياخشى ئىش بار، چۈشلۈك تامىقىمىز زاۋۇت ئاشخانىسىدىن بېرىلىدۇ، ياش چوڭايغانسىرى خۇدانى كۆپرەك ئەسكە ئالىدىغان ئىش ئىكەن، ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇن تەييار.بۇرۇنقىدەك ئىزدەپ تۇرۇپ ئىچىۋالىدىغان ئىشلار ئازلاپ كەتتى، بىرلا شۇ  ھەر كۈنى چۈشلۈك  تاماقتىن كېيىن ئاغىنىلەر بىر يەرگە كىلىپ قالساق غەيۋەت قىلىشلىرىمىز ئۆزگەرمىدى، بۇمۇ بىر خۇمار ئىكەن دېسە.
- قەيسەرنىڭ ئىشلىرى بەك ياخشى دەيدىغۇ، ناھىيە بازىرىدا نىمكەش ماشىنا بازىرى ئاچىدىغاننىڭ گېپى بار.
-ئەمەلىيەتتىمۇ  قەيسەر يامان ئىكەن، ئۇ بىر ماشىنىنىڭ موتۇر ئاۋازىغا قاراپلا  چاتىقىنى بىلەلەيدىكەن، ماشىنىغا كۆزى چۈشتىمۇ بولدى، ئۇنىڭ زاۋۇتتىن چىققان يىلى، ئەسلى سىر ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارغا ھۆكۈم قىلالايدىكەن.
- قەيسەرنى كۆرسەڭ تونۇمايسەن ھازىر، كاتتا ماشىنا، ۋاي ئاكا،دەپ كەينىدە يۈرۈيدىغان قولچۇماقچىلار، ھەر كۈنى سورۇن،ئىشلار جىق...
- ھەي ئاغىنىلەر، مەن بىر ئىش ئاڭلىدىم، ئاغىنىمىز تۇرغۇننى خوتۇنى بىلەن ياخشى ئەمەس دەيدىغۇ؟
-راسىت، ئۇنىڭ خوتۇنى يامانلاپ قاپتۇ، بىلسەڭلار، تۇرغۇن بەك كۈنلەمچى ئىكەن، خوتۇنىنى ئەركەك چىۋىندىنمۇ كۈنلەپ خوتۇنىغا ئارام بەرمەيدىكەن.
- تۇرغۇندىمۇ گۇناھ يوق،بالىلار، بۇرۇن ئانچە ئەمەس ئىكەن، تۇرغۇن پۇل تاپقاندىن بىرى، ئۇنىڭ خوتۇنىغا ھال كىرىپ، تاماق تاللايدىغان، ھەپتىدە بىر كىيىم ئالماشتۇرىدىغان، باللىرىنى چوڭ ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ،چاي ئويناپ،ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇمىش.
- تۇرغۇنمۇ ساراڭ ئىكەن، پۇلى جىق بولغاندىكىن ئۇنىڭ راھىتىنى خوتۇنى كۆرسە نېمە بوپتۇ، چاي ئوينىغانغا، كىيىم كەيگەنگە تۇرغۇننىڭ پۇلى كەملەپ كېتەتتىمۇ؟
-بىر كۈنى كەچتە تۇرغۇننىڭ ئايالى قەيسەرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ چايدىن يانغان ئىكەن،  قەيسەر بىلەن ئۇرۇشۇپمۇ ئاچچىقى بېسىلمىغان تۇرغۇن خوتۇنىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
-  قەيسەرنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ؟ نىمىشىقا تۇرغۇننىڭ خوتۇنىنى سۆرەپ يۈرۈيدۇ؟
- قەيسەرنىڭ خوتۇنى بىلەن تۇرغۇننىڭ خوتۇنى بىر چايدا ئىكەن، قەيسەرنىڭمۇ يامان نىيىتى يوقتۇر بەلكىم.
  ئەمەلىيەتتە بۇ كۈنلەردە تۇرغۇننىڭ ئىچ-پۇشۇقى كۆپ ئىدى. نەچچە يىلدىن بۇيان، ئايالى بىلەن كىلىشەلمەيلا قالغان ئىدى، تۇرغۇن خىزمەت سەۋەبىدىن كەچ قالسا، ئايالى تۇرغۇنغا، كىملەر بىلەن ئويناپ، نەلەردە يۈردۈڭ، قايسى سەتەڭگە پۇل خەجلىدىڭ ،دەپ دوق قىلىدىغان، بالىلار تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بەرمەي، ئۆزىنى ياساشقا جىق كۈچ سەرپ قىلىدىغان، كۈندە دېگۈدەك چاي بالاسىدا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. تۇرغۇن نەسىھەت قىلاي دەپ گەپ باشلىسا، گەپنىڭ ئايغى جىدەل بىلەن ئاخىرلىشىپ بۇرۇنقىدەك سائەتلەپ مۇڭدىشىدىغان ئىشلار تۈگەپ  كەتكەن ئىدى. تۇرغۇن بۇ كۈنلەردە يېڭى توي قىلغان كۈنلىرىنى ئەسلەيدىغان، تاپقان پۇللىرىدىن، مەنىسىز ھاياتتىن بىزار بولۇپ، چۈشكۈن يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغاچقىمىكىن، زاۋۇتلارغىمۇ بۇرۇنقىدەك كۈندە  كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
  بىز ئاغىنىلەر بىلەن مەسىلىھەتلىشىپ، ئېغىر كۈنلەردە قالغان چاغدا بېشىمىزنى سىلاپ، بىزنى بۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتۇرغان ئاغىنىمىزغا يادەم قولىمىزنى سۇنماقچى بولدۇق ھەم ئاۋۋال قەيسەرنى ئىزدەپ بولغان ئىشلارنى سۈرۈشتۈردۇق.
- ئاغىنىلەر، ئانچە-مۇنچە كەيپى-ساپا يۈرۈۋاتقىنىم راسىت،  ھالال يول ئارقىلىق پۇل تاپماق ئاسان ئەمەس، مەندىمۇ ئامال يوق،تىجارەت دىگەندە، كىشىلىك مۇناسىۋەت پۇلدىن مۇھىم ئىكەن،  يۈزمىڭ يۈەن خەجلەپمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن سودىنى بىر سورۇندىلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن، مېنىڭ تىجارىتىم، سودام ئاساسەن خوجايىنلارنى، خېرىدارلارنى شەھەرمۇ شەھەر ئوينىتىپ يۈرۈپ، سورۇنلاردا پۈتۈپ قالىدۇ، ئەمما تۇرغۇننىڭ ئايالى بىلەن چاتىقىم يوق.  مەن ھەر قانچە تۇزكور بولساممۇ، مېنى مۇشۇ يولغا سالغان، مۇشۇ كۈنلەرگە ئىرىشىشىمگە سەۋەپ بولغان ئاغىنەمنىڭ كەينىدىن تىغ ئۇرمايمەن. ئۇنىڭسىزمۇ  ۋاي، قەيسەر، دەپ كەينىمدە يۈرگەن قىز-چوكانلار ساماندەك تۇرسا.
    ئۆتكەندە تۇرغۇن بىلەن مەھەللىدىلا  تۇتۇشۇپ كەتتۇق، ماشىنا بىلەن ئايالىنى ئاپىرىپ قويغان گۇناھ مەندە بولغاندىكىن، ھەق بولدى. تۇرغۇندىن ئاغرىنىشىم يوق، بەلكىم مېنىڭ ئايالىممۇ شۇنچە كەچتە ئۇنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشسە، قاراپ تۇرماس بولغىيتىم. ئەمدى سىلەر مېنى ئەيىپلەۋاتىسىلەر، مەن قانداق قىلاي، سىلەرمۇ ئويلىنىپ بېقىڭلار،  تۇرغۇن خوتۇنىنى باشقۇرالمىسا، گۇناھ مەندىمۇ؟
    قەيسەرنىڭ بۇ گەپلىرى بىزنىڭ ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ قويدى، نەتىجىسىز قايتتۇق. ئەتىسى ئارىمىزدا سەل گەپدانراق ھېسابلانغان رۇستەمنى تۇرغۇن بىلەن پاراڭلىشىشقا ئەۋەتتۇق. رۇستەم ئاچچىقلانغان پېتى قايتىپ كەلدى.
- تازا ئۇرىدىغان گۇي ئىكەن ئۇ، شۇنچە گەپ قىلسام ئىلىك ئالماقتا يوق،  سىلەر ئارلاشمىساڭلارمۇ ئائىلە ئىشىمنى ھەل قىلغۇچىلىقىم بار،   ئايالىم كەچلىرى باشقا ئەرلەرنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشسە سۈكۈت قىلىشىم، بالىلارنى تەربىيىسىز قالدۇرسا  خۇشال بولۇشۇم، چاي ئوينىسا  قوللىشىم، بازاردىن تاماق يەپ كېلىڭ، تاماق ئىتىشكە خوشياقمايۋاتىدۇ، دېسە، خوپ خېنىم دېيىشىم كىرەكمۇ، تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي، بېرىپ ئىشىڭنى قىل،دەپ چالۋاقاپ مىڭەمنى يەپ كەتتى. زادى كۆكەمە نېمە ئىدى ئۇ، پوق يىگەندەك بولۇپ قالدىم دېسە.
- تۆگە قانچە، يېغىرى شۇنچە، دېگەندەك. بىز خەخكە بايلىق ياراشمامدۇ، نېمە، تۇرغۇن ئەمدى بىر باش كۈتۈرۈۋىدى، ئائىلە مەسىلىسى كىلىپ چىقتى، بۇ دۇنيادا ئادەمگە  خاتىرجەملىك يوق زادى.
- ئۆزىمىزنى تۇرغۇننىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاپ باقايلى، خوتۇن باشقۇرماق، شەھەر باشقۇرماقتىن تەس جۇمۇ بالىلار، تۇرغۇن زاۋۇتتىكى نەچچە ئون ئادەمنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقۇرۇپ كېتەلىگەن بىلەن، بىر خوتۇننى گەپكە كىرگۈزەلمەي قاپتۇ، مانا.
- تۇرغۇننىڭ ئائىلىسىنىڭ كۆڭۈلسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن قىزلار تۇرغۇننى ئاۋارە قىلىشقا باشلاپتۇ.
- تۇرغۇننىڭ كەچلىك بازاردا يالغۇز ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئادەملەر بار ئىكەن.
- بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولار، تۇرغۇننىڭ ئىككى بالىسى يىتىم بولۇپ قالماس-ھە؟
-تۇرغۇننىڭ بۇ ئىشىنى قانداق ئوڭشىغىلى بولار ئەمدى؟!(12)


                                                              يۈز تۇرانە ئىمتىھان

  زاۋۇتىمىزدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزدەك تۈزۈكرەك ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەر بولغاچقا، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگەئىككى خىزمەتچى لازىم بولۇپ، رۇستەم تۇرغۇن بىلەن ئىختىساسلىقلار بازىرىغا ئادەم ئالغىلى بارغان ئىدى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا رۇستەم ئاچچىقلىغان پېتى قايتىپ كەلدى.
-رۇستەم نېمە بولدۇڭ، چىرايىڭ بۆلەكچىلا تۇرىدىغۇ؟
-گىپىنى قىلما، تۇرغۇن بەكلا تايىنى يوق بىر نېمە ئىكەن. نەچچە يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئىچى ئىلىم بىلەن توشۇپ كەتكەن يۇقىرى ساپالىق ئادەمنى ياراتماي، نەدىكى ئاتام زامانىسىدا كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن،خوجايىنىدىن تانغان بىر نېمىنى خىزمەتكە ئالدى، دەيمەن. تۇرغۇن قۇم-شېغىل ئارىسىدا يۈرۈپ گۆھەر بىلەن تاشنى پەرق قىلالماس بولۇپ قاپتۇ.
-ئۇنىڭمۇ ئويلىغان يەرلىرى باردۇر، سەۋرى قىل ئەمدى.
-  تازا ئۇرغىدەك گۇي ئىكەن ئۇ، ئاۋۋال ئۆزى مەندىن قايسى بولىدىكەن، دەپ مەسىلىھەت سورايدۇ، بىر چىرايلىق مەسىلىھەت بەرسەم، ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئاشۇ ئىككى-تۆت پۇلىنى دىمىسەم،ھەي...
-بولغان ئىشنى تەپسىلى دەپ باقمامسەن، گىپىڭنىڭ يا بېشى يا ئاخىرى يوق.
ئىختىساسلىقلار بازىرىدا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندىن ئىشلەيدىغان ئادەم جىق ئىدى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئالدىدا ئىش ئىزلىگۈچىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەمنىڭ نەپەس ئالمىقىمۇ تەسكە توختايتى. كارخانا ئورۇنلارنىڭ ئالدىدا ئادەملەر كۆپ بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا يوق ئەمەس ئىدى.
تۇرغۇنلارغا بىر كاتىپ، بىر مالىيە خادىمى كىرەك ئىدى. تۇرغۇن ئالدى بىلەن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن بىر كىلىشكەن يىگىتنى كۈتۈۋالدى.
- ئاكا، مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنگە ئىككى يىل بولدى، دىپلۇمنى كۆرسەتمىگەن يەر قالمىدى. ھازىر بىزدەك ئوقۇغانلارنىڭ بازىرى كاسات ئوخشايدۇ. خالىسىڭىز، سىزنىڭ زاۋۇتىڭىزدا ئىشلەپ باقسام.
-خەنزۇ تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەمسەن؟
-سۆزلىمەيچۇ، مېنىڭ كەسپىم خەنزۇ تىلى دەڭا.
-ئۇنداق بولسا، ماۋۇ بىر ئابزاس خەنزۇچە ماتىرىيالنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ باق.
- ئاكا، مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىز قانداق، بۇنى ھازىر باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن بالىلارمۇ تەرجىمە قىلالايدۇ.
- بىزنىڭ زاۋۇت ئاساسلىقى قورۇلۇش ماتىرىياللىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، خىزمەت ئورنىمىز سەل چەتتە، شارائىتى ناچار، خىزمەتچىلىرى ئاساسەن چالا ساۋات ئادەملەر، بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟
-ئاكا، بۇنى سوراپ قاپسىز، ئاتا-ئانامنىڭ بىكار يۈرۈپ كەتتىڭ، دەپ تاپا-تەنە قىلغانلىقىدىن ئامال يوق سىزنىڭ زاۋۇتىڭىزدا ئىشلەي دەۋاتىمەن، ئادەم دېگەن نېمىگە كۆنمەيدۇ، دەيسىز، ئەپلەپ ئىشلەپ كېتەرمەن.
- ئايدا قانچىلىك مائاش بەرسەم رازى بولارسەن؟
-ئەمدى ئاكا، زاۋۇتىڭىزدىكى بىردىنبىر ئالى مەلۇماتلىق ئادەم بولغاندىكىن يۇقىرى مائاش بېرەرسىز دەپ ئويلايمەن، سىز تاپشۇرغان ئىشلارنى ئويناپ تۇرۇپ بىجىرىۋىتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ.
-قىز دوستۇڭ بارمۇ؟
- قايسىسىنى دەيسىز، ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر نەچچىسى بار ئىدى، ئوقۇش پۈتتى، يوق بولدى، بۇ ئىككى يىلدىن بىرى بىرى بىلەن ئارلىشىۋاتىمەن، توي قىلىشقا تازا ئىشەنچىم يوق.
  رۇستەم بۇ بالنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇنچە ئالى ئوقۇغان تۇرۇپ، شارائىتى ناچار يەردە ئىشلەشنىڭ ئۆزىگىمۇ جاسارەت كېتەتتى. تۇرغۇن ئۇ بالىنى ئويلىشىپ كېيىن خەۋەر بېرىمز، دەپ يولغا سالدى. كىيىن، بىز 25 ياشلاردىكى بىر يىگىت كەلدى.
- مەن يەتتە يىل بۇرۇن كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، كېيىن شوپۇرلۇق پىراۋىمۇ  ئالدىم. ئىلگىرى تاللا بازىرىدا مال كىرگۈزگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدىم، خوجايىن بىلەن كىلىشەلمەي ئاخىرى خىزمەتتىن ئىستىپا بەردىم.
-نېمە سەۋەپتىن ئىستىپا بەردىڭىز؟
- پۇل تاپقانسىرى خوجايىننىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى يوق، ۋاقتى ئۆتۈشكە ئاز قالغان، سۈپەتسىز ماللارنى كىرگۈزۈشنى ئادەت قىلىۋالدى. بۇ ئىشقا مەن مەسئۇل بولغاچقا،نەچچە قېتىم رەت قىلدىم. كىيىن ئۇ سەن خوجايىنمۇ، مەنمۇ  دېگىنىمنى قىل، مېنى دەپ مەجبۇر قىلدى.
-قايسى تاللا بازىرىدا ئىشلىگەن؟
- بۇنى ئېيتالمايمەن.
- خەنزۇ تىلى بىلەمسىز؟
- تاللا بازىرىغا مال كىرگۈزۈشتە  كۆپرەك خەنزۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاچقا، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈگىنىپ كەتتىم. باشتا يېزىشتىن سەل قىيىنىلاتتىم. بىر يىلدىن بىرى ئۆزلىكىمدىن ئۈگىنىپ، خېلى يىتىشىپ قالدىم.
- توي قىلغانمۇ، تۇرمۇشىڭىزنى بەخىتلىك ھېس قىلامسىز
- بىر بالام بار، ئايالىم بەكمۇ تىرىشچان، خۇيى ياخشى ئايال، مەن ئۇنىڭدىن بەك رازى.
تۇرغۇننىڭ ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى رۇستەمنى تازا رازى قىلالمىدى، خىزمەتچىنىڭ توي-نىكاھ ئىشلىرىنىمۇ سوراپ يۈرەمدۇ ئەمدى؟ ئۇ يىگىتمۇ خەۋەر كۈتۈشكە بۇيرۇلدى.
- رۇستەم، ساڭا قايسىسى يارىدى.
- تۇرغۇن ئاداش، ئەلۋەتتە ئالى مەكتەپتە ئوقۇغىنى ياخشى بولىدۇ-دە، زاۋۇتىمىزدا ئۇنداق ئادەملەر كۆپەيسە، ياخشى ئەمەسمۇ، كىيىنكى ئاغىنىمىز ئۆزىنىڭ خوجايىنىغا خائىنلىق قىلىپ، قاچقان ئىكەن، كېيىن ساڭىمۇ خائىنلىق قىلماي قالامتى.
-رۇستەم مەن ئاشۇ خائىننى قۇبۇل قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئۇ ئەمەلىيەتتە پىشقان ھەم سەمىمىي يىگىت ئىكەن
     رۇستەم بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىزنىڭمۇ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈردى.
- بۇ تۇرغۇنمۇ قىززىق ئىكەنغۇ، ئالداشقا ئوڭاي بولسۇن دەپ، ساپلا بىزدەك قارا قورساق ئادەملەرنى زاۋۇتقا يىغىۋالىدىكەن-دە.
- بۇغۇ مەيلى ئىدى، تۇرغۇن مالىيە خادىمى ئالماقچى ئەمەسمىدى،تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن بىر قانچە بالىنى ياراتماي، سودا مەكتىپىدە ئوقۇغان بىر قىزنى تاللىدى.
-ئۇ قىز چىرايلىقمىكەن؟
-ئايالى يامانلىغان پېتى كەلمىگەچكە، مانا ئەمسە، دەپ،تۇرغۇننىڭ ئۇ قىزغا كۆزى چۈشۈپتۇ،-دە
-ئۇلاردىنمۇ ئىمتىھان ئالدىمۇ؟
-ئالماي قالامدۇ، ساپ تايىنى يوق بىر سۇئاللارنى سوراپ نېرۋامنى ئۆرلىتىۋەتتى.
     تۇرغۇن ئالدى بىلەن زاۋۇتىمىزغا ماليە خادىمى بولۇش ئۈچۈن تىزىملاتقان بىر يىگىتنى كۈتۈۋالدى.
-ئانىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى دادىڭىزنىمۇ؟
-ئانامنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى دادام ماڭا تەنبىھ بېرىشكە ئارانلا تۇرىدۇ، ئانام بولسا، مېنى قوغدايمەن دەپ دائىم دادامدىن تىل ئاڭلايدۇ.
- ئوقۇش جەريانىدا جاپا تارتقانمۇ، خىراجەتلىرىڭىزنى يېزىپ ماڭغانمۇ؟
-ياق، ئۇنىڭ نېمە ھاجىتى، دادم ئايدا ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلۇم يەتمەي قالسا، ئانام يەنە ماڭا دادامدىن مەخپى پۇل سېلىپ بېرەتتى. شۇڭا بەكمۇ جاپا تارتىپ كەتمىگەن.
-ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مائاشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلەشنىڭ زاۋۇتىمىزغا پايدىسى بارمۇ؟
- ئۇلار زاۋۇتقا ياخشى ئىشلەپلا بەرسە بولمىدىمۇ، ئۇلارمائاشىنى قانداق خەجلىسە، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مائاشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلەشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار.
بۇ يىگىت كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمدى نۆۋەت سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن بىر قىزغا كەلدى.تۇرغۇن ئۇ قىزدىنمۇ ئوخشاش سۇئاللارنى سورىدى.
- ئوقۇش جەريانىدا جاپا تارتقانمۇ، خىراجەتلىرىڭىزنى يېزىپ ماڭغانمۇ؟
-دادام بەك جاپاكەش، ھازىرغا كەلگۈچە ياغاچ بازىرىدا كىراكەشلىك قىلىدۇ، مەن جاپا تارتساممۇ باللىرىم جاپادا قالمىسۇن،دەپ ياخشى ئوقۇيالمىغان بولساممۇ مېنى يەنىلا تېخنىكۇم مەكتىپىدە ئوقۇتتى، ئۇكىللىرىممۇ ئوقۇۋاتىدۇ، ئاناممۇ يوقنى بىلىندۈرمەي، بارنى تىجەپ ئىشلىتىپ، بىزنى مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلدى. مەن ئاشۇنداق كۈيۈمچان ئاتا-ئانامنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.شۇڭا مەكتەپتە ئامال بار ياخشى ئوقۇدۇم، ئۆيدىن كېلىدىغان پۇل ئاز بولسىمۇ، تىجەپ، ئىنچىكە ھىساپلاپ، پۇللىرىمنى ئايمۇ-ئاي يەتكۈزۈشكە تىرىشتىم.
-بۇغالتىرلىق كىنىشكىڭىز بارمۇ؟
- مەن ئەسلى خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان ئىدىم. بىراق مەكتىپىمىزنىڭ سودا-بوغالتىرلىق كەسپى داڭلىق بولغاچقا، ئىككى يىل جەريانىدا ئۆزلىكىمدىن ئوقۇپ بۇغالتىرلىق كىنىشكىسى ئالدىم...
  -ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مائاشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلەشنىڭ زاۋۇتىمىزغا پايدىسى بارمۇ؟
-مېنىڭچە پايدىسى بار. ئۇلارنىڭ مائاشىنىڭ ئېشىنچە قىسىمىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلىپ قىلىپ، زاۋۇتنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كىڭەيتىسە، قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ،دەپ ئويلايمەن.(13)


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 10:38 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-10 01:37 PM):
‹قەيسەر› ھېكايە بېشىدا ‹ئەسقەر› دەپ ئېلىنىپ قاپتۇ . ( روزىمۇھەممەت ئىرپان)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 100 ئەسىرىڭىزنى توختاتما.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7367
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:12:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىسە ساقلىۋالاي....   

           تەكلىپ : بولسا ھەر بىر كىچىك ماۋزۇغا ئىنىق قىلىپ، 1-بۆلەك،..... دىگەندەك ئەسكەرتىلمە يىزىپ قويسىڭىز بوپتىكەن....  باشقا ئوقۇپ بولغان بۆلەكلىرىنى باللا بىلەلمەي قالمىسۇن.

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32432
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1143
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:22:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   راس ئىشلار خاتىرىسىمۇ ياكى ھېكايىمۇ؟! بەدىئىيلىكىدە ئازراق مەسىلە باردەك. ۋەقەلىكى ياخشى، ئىكەن. قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2532
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:24:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TaRKiN يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 11:12 AM
ئەمىسە ساقلىۋالاي....   

           تەكلىپ : بولسا ھەر بىر كىچ ...

ھەربىر بۆلەكنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا ئەرەپ رەقىمى بىلەن ئەسكەرتىپ قويدۇم. بۇمۇ قولايسىز بولسا، كىچىك ماۋزۇغا يەنە تەرتىپ نۇمۇرى قوشۇپ  قويسام بولىدۇ.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2532
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:26:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈتەك يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 11:22 AM
راس ئىشلار خاتىرىسىمۇ ياكى ھېكايىمۇ؟! بەدىئىيلىكىدە  ...

تەنقىدىڭىز ئورۇنلۇق، كىيىنكى قىسىملىرىدا بەدىئيلىكىگە سەل كۈچ چىقىراي، سىزگە كۆپ رەھمەت.

ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7367
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:30:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shoruq يوللىغان ۋاقتى  2012-4-9 11:24 AM
ھەربىر بۆلەكنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا ئەرەپ رەقىمى بىلەن ئەسك ...

مۇشۇمۇ  ياخشى بوپتۇ....جاپا چەكتىڭىز!

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73851
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى قۇلايلىق بۇلۇپتۇ. ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39897
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 845
تۆھپە نۇمۇرى: 2
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،،،،،،،،،،،،،،،

زۇلفى

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2532
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 01:45:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            قاۋاقخانىدىكى كۆڭۈلسىزلىك

    ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىلگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، تۇرغۇن قاتارلىق 10 نەپەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياشنى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە 10 كۈن ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلدى.قەيسەرمۇ ناھىيىمىزدە تۇنجى بولۇپ نىمكەش ماشىنا بازىرى قۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ قاتارىدا ساياھەتكە بارغان ئىدى. ئاغىنىلەرنىڭ ئىچىدىن بىراقلا ئىككى كاتتا شەخىسنىڭ چىقىشى بىزنى بەكلا ھاياجانلاندۇرغاچقا ئۇلار قايتىپ كېلىشى بىلەنلا ئاغىنىدارچىلىق يۈزىسىدىن سورۇن ھازىرلاپ، ئۇلارنى تەبىركلىمەكچى بولدۇق.
    سورۇنىمىز دەريا بويىدىكى سۆگەتزارلىقتا يېڭىدىن ئېچىلغان ئارامگاھقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قىسىقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، بۇ ئارامگاھ ئاۋاتلىشىپ بولغان ئىدى، دەريا قېنىغا ئىچكىرلەپ ياسالغان ئايرىمخانىلارنىڭ ئاستىدىن سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرسا، ئۈستىدىن نەچچە ئون يىللىق قېرى سۆگەتلەرنىڭ سايسى چۈشۈپ كىشىگە راھەت بېغىشلايتى، ياش قىز-يىگىتلەرنىڭ  مۇزىكىنى ئۇنتۇپ ئالا-تاغىل توۋلىغان ناخشىلىرى، پۈتۈن ئارامگاھنى بېشىغا كېيىپ قىيا-چىيا قىلىشلىرى ئادەمگە ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ئەسلىتەتتى. ئەڭ قاملاشمىغان يېرى يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراقلارنى ئىچىۋىلىپ مۇددەتتىن بورۇن مەس بولۇۋالغان ئاۋارىلەر ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قۇسۇپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. تۇرغۇن ئۆزىنىڭ سەل ۋاقچىراق كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىلىفۇن قىلغاچقا بىز سورۇننى باشلاۋەردۇق.
- ئاغىنىلەر، بۇ يەرگە ئارامگاھ قۇرۇۋالغىنى بولماپتۇ،  بىز بۇ دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان تۇرساق،ئاۋۇ مەسلەر سۇغا قۇسۇپ يۈرۈيدۇ.
- بايام كىرگۈچە بىر مەسنىڭ سۇغا سىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم. مۇلازىمەتچىلەرمۇ مىۋە شۈپۈكلىرىنى داستىخاندىكى ئەخلەتلەرنى ئۇدۇللا سۇغا تۈكىدىكەن، ئەمدى ئەركەك سۇ دەپ يېتىپ ئىچىدىغان ئەڭ ئاخىرقى سۈيىمىزمۇ تۈگەپتۇ-دە.
- رۇستەم،سورۇننى كىم ئورۇنلاشتۇردى بۇ يەرگە؟   سۆگەتزارلىق ساپلا ھاراقكەشلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ بوپتۇغۇ.
- مەن ئورۇنلاشتۇرغان ئاغىنىلەر، ئاراڭلاردا مەن قەيسەرنىڭ يۈزىمۇ يوق، سىلەرگە ئاشۇ تۇرغۇن بولسىلا بولىدىغۇ؟پۇلىمىز يوق چاغلاردا ئەسكى تامنىڭ كەينىدە، قۇرۇق ئۆستەڭلەردە، كەچلىرى خامانلاردا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ئىچەتتۇق. مانا ئەمدى پۇل تېپىپ نوچى ھاراقلارنى ئىچەلىگۈدەك ھالغا كەلدۇق. رۇستەم سەن خاپا بولما، بۈگۈن مانا مەن مىھمان قىلىمەن، ئاشۇ چاغلاردا ئىچەلمىگەن ھاراقلارنى بۈگۈن ئىچىمىز، ئوينالمىغان ئويۇنلارنى ئوينايمىز، بىرلا تىلىفۇن بىلەن سەتەڭلەرنى ياغدۇرىۋىتىمەن، قانداق پەيزىڭلار باردۇ؟
- قەيسەر نەچچە يىل بولدى ھاراق-شاراپقا يېقىن يولىمىدۇق، بۈگۈنمۇ چىرايلىق ئولتۇرۇپ، ساز-پاز ئاڭلىغاچ پەيزى قىلساق...
-ئاغىنەم بولساڭ، كەيپىمنى ئۇچۇرما، سەن نىمىلەر تۇرغۇن، تۇرغۇن دەپلا قېلىشىپسەن، ئاشۇ ئىككى- تۆت تال پۇلى سىلەرنى ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ، بولدى،مېنىڭ شىركىتىمگە كىلىش، تۇرغۇن دېگەن كۆكەمىدىن  بىر ھەسسە ئارتۇق مائاش  بىلەن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىمەن سىلەرنى.
- قەيسەر،نېمە بولدى، تۇرغۇننى بەكلا ھۆرمەتلەيتىڭ، بۈگۈن ئۇنى تىللاپ قاپسەنغۇ؟
- تۇرغۇن دېگەن خۇمسىنىڭ گىپىنى قىلما، ساياھەتتىن يېنىپ ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈن تۇرۇپ قالدۇق. بىز بىلەن ساياھەتكە بارغانلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە يېڭى ئاغىنىلەر بار ئىدى، ئەقىلسىزلىقىمدىن شۇلارنىڭ قاتارىدا تۇرغۇننىمۇ باشلاپ كەچلىك بەزمىخانىغا بېرىپ قالدۇق. بەزمىخانا ئالدىدا بەدىنى ئىپاردەك خۇشپۇراق، سۈرەتتەك سەتەڭلەر بىزنى قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى، خۇلق چىقىرىپ نازلاشلىرى، قوڭغىراق ئاۋازىدەك زىل كۈلكىلىرى جېنىمىزنى ئېلىپ يەرگە قويدى. بىر چاغدا ئۇ قۇچقاچلار بىزگە ھەمرا بولۇپ ئوينىشىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىماسمۇ، خۇشاللىقتىن يۈرىكىمىز يېرىلىپ كېتەيلا دەپ تۇرغاندا، تۇرغۇن دېگەن سەھرالىق رەزگى، لازىمىڭلار يوق، تىز كۆزۈمدىن يوقىلىش، دەپ ئۇلارنى قوغلاپ يۈرمەسمۇ، كەيپىم ئۆرلەپ، نېرۋام قىرىق گەز ئۆرلىدى.
- ھەي تۇرغۇن، ساراڭ بولدۇڭمۇ، بۇ گۈزەللەر ئۆز رازىلىقى بىلەن بىزنى خۇشال قىلاي دەۋاتسا، نېمە ئادەمنىڭ سەپرايىنى ئۆرلىتىپ، تايىنى يوق گەپلەرنى قىلىسەن، بىلسەڭ، بۈگۈن بۇ ئوماقلار بىزگە جەننەت ھوزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ.
- قەيسەر، ھالال ئەمگىكىمىز بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى مۇشۇنداق يەرلەردە بۇزۇپ چاچساق، ھېسابى يوق جاھانمۇ بۇ؟ بىز جەننەت ھوزۇرىنى سەتەڭلەرنىڭ قوينىدىن ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ھالال جۈپتىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. ئەڭ ياخشىسى قايتىپ كېتەيلى، بۇ دۇرۇس جاي ئەمەستەك قىلىدۇ.
- تۇرغۇن تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمە، مەن تېخى سېنى  نەچچە ئايدىن بىرى خوتۇنسىز يۈرۈپ، ئىچى پۇشۇپ قالدى،دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ. بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسەم...
- قەيسەر، بۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭ ئەمەس، ئورا كولىغانلىقىڭ، راسىت ئاغىنەم بولساڭ، بۇ يولدىن قايت!
- ئىچىمنى بەك سىقىۋەتتىڭ، تۇرغۇن، ماۋۇ يېڭىياچى ئاغىنىلەر ئالدىدا تولا يۈزۈمنى چۈشۈرمە، ئاناڭ سېنى ئوغول دەپ، تۇغقاندىكى، شۇنىڭغا لايىق ئىش قىل!
- بۇنداق ئوغولبالىچىلىقتىن تەمەيىم يوق، بولدى، ئىككىمىزنىڭ گىپى بىر يەردىن چىقمىغۇدەك، خالىغىنىڭنى قىل، مەن كەتتىم.
   قەيسەر ئۈرۈمچىدە بولغان ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتى. بىز تۇرغۇننىڭ جاھىلىقىنىڭ بۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ھەيران بولدۇق.
- قەيسەر كىيىن ئۇ يەرگە كىردىڭلارمۇ؟
- ئاۋۇ ئاغىنىلەر بولمىسا،جىلىچىلىكتە تۇرغۇننى راسا ئۇرغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم، تەلىيىگە ئۇ ئۆزىنى سوراپ كېتىپ قالدى، مەن قالغان بالىلار بىلەن ئىككى تىزىمىزغا بىردىن قۇچقاچنى قوندۇرۇۋىلىپ، بەزمىغانىدا يەتكۈچە ئوينىدۇق.
- تۇرغۇننىڭمۇ خاتا ئەمەس، قەيسەر، ئۇمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەپتۇ ئەمەسمۇ؟
-مېنىڭ ئالدىمدا بىلىگە سۈيۈقئاش بارمىغان ئۇ لاتىنىڭ ياخشى گىپىنى قىلما، بولمىسا، سەن بىلەنمۇ دىيىشىپ قالىمەن، دىدىمغۇ بۈگۈن سورۇن مېنىڭ بىر بوتۇلكىسى مىڭ يۈەنلىك ھاراق بولسىمۇ كۈتۈرگۈچىلىكم بار.
   شۇ ئارىدا تۇرغۇن يېتىپ كەلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ چىقتى. قاتاردا قەيسەر بىلەنمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈرۈشتى. داستىخانغا ناھىيە بازىرىدىكى رىستۇرانلاردىن قېلىشمىغۇدەك كاتتا قورۇمىلار، جاڭگال كاۋىپى، بىلىقلار، ھەرخىل سوغۇق ئىچىملىكەر، ئاخىرىدا ھاراق كەلتۈرۈلدى.
-ئاغىنىلەر، مۇشۇ ھاراقنى ئىچمىسەڭلار قانداق، بىر كۈن روزى تۇتۇپ، پوق بىلەن بىلەن ئېغىز ئاچقاندەك ئىش بولمىسۇن يەنە.
   تۇرغۇنىنىڭ تەكلىپى كۆپلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر ئىدى، شۇنداقتىمۇ بىز قەيسەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ جىم تۇرۇۋالدۇق. بىراق قەيسەر جىم تۇرمىدى.
- تۇرغۇن، كىچىكىمىزدىن باشلاپ گىپىمىز بىر يەردىن چىقمايتى بىزنىڭ، ھېلىمۇ ھەم شۇنداق،  ئىچىشنى خالىمىساڭ جىم ئولتۇر،  سەن ئاغىنىلەرگە خىزمەت بەرگەننى باھەنە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغما،بولمىسا ئىككىمىز دېيىشىپ قالىمىز.
-قەيسەر، مەن خاتا ئىش قىلدىم، دەپ ئويلىمايمەن، ئاغىنىلەرگە مېھنەت قىلغان يېرىممۇ يوق. ئۇلارنىڭ مۆرىسىدە تۇرغىنى قاپاق ئەمەس، كاللا، ئۇلارغا ئىش ئۈگەتمىسەممۇ، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگۈچىلىكى بار ئۇلارنىڭ.
- ئەمسە نېمىشىقا يىرتىق ئىشتاندىن بىر نېمە چىققاندەك، ئىشنىڭ بېشىدىلا سورۇننىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىسەن، ئۈرۈمچىدىكى ئاچچىقىم تېخى يانغىنى يوق جۇمۇ.
-ئاغزىڭىنى چايقىۋىتىپ گەپ قىل، ئاغىنىلەرنىڭ كۆڭلىنى دېمىسەم، بۇ يەرگە كېلىپمۇ يۈرمەيتىم، سەنمۇ ئۆز خاھىشىڭنى بالىلارغا زورلىما.
ئۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپ ئاخىرى بىر-بىرگە ئېتىلدى. بىز تولىمۇ تەستە ئۇلارنى ئاجرىتىۋالدۇق. داستىخاندىكى نىممەتلەر  ئاياغلارنىڭ ئارىسىدا چەيلىنىپ،كۆرگۈسىز بولۇپ كەتتى. ئاخىرى سورۇننى داۋاملاشتۇرالماي بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق.
باشقىلار قانداق ئويلىدى،بىلمىىدىم،شەخسەن مەن تۇنجى قېتىم تۇرغۇننىڭ ئىشلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلمىدىم.  (14)
داۋامى بار.
مەنبە: ئۆزەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-9 03:51 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5410
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4363 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 02:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە بۇمۇ  ياخشى  بولدى  ...مەن يەنە داۋاملىق ئوقۇۋىرەي ھە !

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش