مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jahankuz

25 يېشىمدا 300 مىليۇن دوللار تاپتىم ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5773
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3729 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ چىقىتىم . ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلنىپتۇ . بۇلارنىڭ خىزمىتىگە مۇۋەپپىقىيەت  تىلەش بىلەن ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى  تىزراق يوللاشنى ئۇمۇت قىلمەن

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23036
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3065
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1432 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 01:29:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندىن بىرى مۇشۇ چاققىچە مەندە كۈرۈلۈپ باقمىغان بىرخىل زىيادە روھى چۈشكۈنلۈك مىنى چىرمىۋالغان ئىدى.بۇ ئەسەر ماڭا كۆپ ئلھام بەردى.مۇشۇ ئەسەر ئۈچۈن ئەجىر قىلغان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23490
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4721
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1215 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 02:16:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(jahankuz) نىڭ تېمىسىغا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

      ئالدى بىلەن قۇتلۇق باشلىنىشنى مۇبارەكلەيمەن، سىلەردىن شۇنداق سۆيۈندۈم!
     كىملەر قىلغان ئېسىل ئىشتۇ، دەپ كىرسەم ھەممىڭلار تونۇش. ئىسمىڭلارنى كۆرۈپلا گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز ئېسىمدىن كەچتى...ئاللاھ خالىسا مەنمۇ سەپكە قوشۇلىمەن، ۋاقتى كەلگەندە تېلفۇن قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21936
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 03:02:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى كىتاپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 11:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ۋاقىتتا بىز گەرچە يېڭى تېخنىكىمىزنى ئاشكارىلىمىغان بولساقمۇ،لېكىن كىرىمىمىز ئاللىقاچان بىزنىڭ ئەڭ يوقىرى پىلانىمىزدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنىدى. مەن يەنە بىر قېتىم مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەپ باقساق بولارمۇ-بولماسمۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم. لېكىن مەن مەبلەغ سالغۇچىغا ئۇنچىۋالامۇ  ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىدىم. بېراق مەن Blue LithiumنىڭClick Agentsتىنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوڭ كۆلەملىك قارار چىقىرىش ۋاقتىدا قولۇمدا يېتەرلىك مەبلەغنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
مەن بىرقانچە يەرگە تېلىفۇن قىلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم.ناھايىتى تىزلا مەن Venture Wire نىڭ بىر مۇخبىرىدىن كەلگەن تېلىفۇننى قوبۇل قىلدىم . Venture Wire بولسا داۋجىنس مالىيە ئۇچۇر گوروھىنىڭ بىر تارمىقى، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى كىشىلەر چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بىر ژورنال. Venture Wire دائىم ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيتىنى تاپالايتتى،لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ سىرتىدا.
:ـ « ئاڭلىشىمچە سىز ئاللىقاچان ئون مىليون دوللارلىق بىر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشىنى ھەل قىلىپ بولۇپسىز،شۇنداقمۇ؟» دېدى ئۇ.
:ـ«ئۇنداق ئەمەس، مەن ھازىر ئون مىليون دوللارلىق بىر مەبلەغ سالغۇچى ئىزلەۋاتىمەن، ھەممە ئىشلار ياخشى كېتىپ بېرىۋاتىدۇ، لېكىن تېخى ھەل قىلىنىپ بولغىنى يوق.»
بۇ «كونا خەۋەر» توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مېنىڭ تېلىفونۇم توختىماي سايراشقا باشلىدى. ھەممە مەبلەغ سالغۇچى مەندىن ئوخشاشلا «بىز ھەمكارلاشساق بولامدۇ؟»دېگەن سوئالنى سورايتتى. ئۇلارنىڭ گەپ ئورامىدىن قارىغاندا ئۇلار بۇ ئىشقا ناھايىتى ئالدىراۋاتقاندەك، ھەممىسىنىڭBlue Lithium نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولغۇسى باردەك بىلىنىۋاتاتتى. چۇنكى ئۇلار رىقابەتچىلىرىنىڭ ئۇلاردىن بورۇن مەن بىلەن ھەمكارلىشىۋېلىشىدىن  قورقاتتى.
نەتىجىدە مەن بىر قاتار ئەمەلي كۈچى زور شىركەتلەر ئىچىدىن كۆڭۈلدىكىدەك مەبلەغ سالغۇچىنى تاللايدىغان ئۈستۈنلىككە ئېرىشتىم. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا نىشانىمنى Walden WC ۋە    3i  (ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى،60يىللىق مەبلەغ سېلىش تارىخىغا ئىگە)  گە تىكتىم.
مەن ئېرىشكەن يەنە بىر ساۋاق بولسا: ئادەملەرنىڭ قانچە ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىگە شۇنچە ئېرىشكۈسى كېلىدىكەن .
سودا ساھەسىدە سىز ئادەتتە بىر ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى ۋە بىر ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغۇچى تاپىسىز،چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار يالغۇز مەبلەغ سېلىشتىن قورقىدۇ،بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ بولسا خەۋپ-خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇش. ئىنچىكە ئويلۇنۇش ئارقىلىق مەن Walden WC نى ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى قىلىشنى قارار قىلدىم ۋە ئۇلاردىن3i نى ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغۇچى قىلىپ تاللاشقا قوشۇلىدىغان قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدىم.
:ـ«مېنىڭ سىلەرنى تاللىشىمدىكى سەۋەپ بولسا سىلەرنىڭ ياۋروپادا تەجرىبەڭلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ تىجارىتىمىزنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنى ئويلايمىز. ئەگەر سېلەرنىڭ  3i شىركىتىگە قارىتا باشقا پىكرىڭلار بولمىسا، ماڭا خەۋەر بېرىۋەتسەڭلار ؟
ئەمەلىيەت 3i شىركىتىنى تاللىغانلىقىمىزنىڭ ناھايىتى توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 2005-يىلى2-ئايدا بىز 11مىليون 500مىڭ يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش توختىمى تۈزدۇق. كېيىنكى قەدەم بولسا مۇدىرىيەتنى بېكىتىش باسقۇچى. باشقا مەبلەغ سالغۇچى بىلەن ھەمكارلاشقان ۋاقتىڭىزدا سىز چوقۇم ئۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بىر مۇدىرىيەت قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك . مەن بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى كۆزلەپ ،مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ ئىككى نەپەر مۇدىر تاللىشىغا قوشۇلدۇم. ئۈچىنچىسىنى بولسا ئىچكى قىسىمدىن ئىككى تەرەپ كېلىشىپ تاللايمىز،تۆتىنچىسى بولسا تاشقى مۇدىر بولۇپ ,ئۇنى مەن ئۆزۈم تاللايمەن، مەن بولسام  بەشىنچىسى يەنى ئەڭ ئاخىرقى مۇدىر. مەن يەنە باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيتتىم.
مەن مۇدىرىيەتتىكى بىرسىدىن باشقا ھەممەيلەننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئۇ ئەسلىدىمۇ سېپى ئۆزىدىن بىر كۈرەلمەس بىر نېمە ئىكەن. باشتىن تارتىپلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى،مەن بۇنى ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا دەۋاتمايمەن . ئۇ بىرىنچى كۈنىلا نىيىتىنى قىلچە يۇشۇرماستىن مېنى》يېشى بەك كىچىك ئىكەن، بۇنداق چوڭ شىركەتنى باشقۇرۇشقا سالاھىتى توشمايدۇ 《دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىپ مېنى بۇ ئورنۇمدىن چۈشۈرىۋەتمەكچىمۇ بولدى   . ئۇ ئەزەلدىن بۇ مېنىڭ تۇنجى شىركىتىم ئەمەسلىكىنى،مەن بولمىسام بۇ شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
ئىككىنچى يىلى ئۇ تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ مېنى ئورنۇمنى بوشاتقۇزۇشنىڭ كويىدىلا بولۇپ يۈردى،بېراق  مىنىڭ توغرا  يېتەكچىلىكىم ۋە باشقۇرۇشۇم ئاستىدا شىركەت ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلدى. بىر كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن ئىش زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ: ئەينى ۋاقىتتا مۇدىرىيەت مېنىڭ سانتانالو دىكى ئۆيۈمدە يىغىن ئاچماقچى ۋە يىغىندىن كېيىن بىرلىكتە تاماق يېمەكچى بولۇپ مەسلەھەتلەشكەن ئىدۇق. كۆپچىلىك يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن مەن PPTئارقىلىق بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى سۆزلەشكە باشلىدىم.مەن PPTنى ياسىغان ۋاختىمدا بىرىنچى بېتىگە«باش سۆزلىگۈچى:  CEO، باش مۇدىر گورباكىش چاخال» دەپ يازغان ئىدىم. ئۇ تۇيۇقسىز  توختىشىمنى تەلەپ قىلدى ھەمدە مەندىن قاچاندىن بېرى باش رەئىس بولىۋالغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم.  ئۇ باشتىن تارتىپلا مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇپ، شىركەت قورۇلغان ۋاقىتتىن تارتىپلا ھەر قېتىم تارقىتىلغان ماتېرىيالنىڭ ئۈستىگە ئىنىق قىلىپ مېنى « CEO،باش مۇدىر»دەپ ئەسكەرتىلەتتى.   مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنىڭ قەستەن مەن بىلەن روھى كۈرەش قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.
مەن ئۇنىڭ مېنى مۇدىرىيەت ئالدىدا ئوساللاشتۇرۇپ، باشقا بىرىنى مېنىڭ ئورنۇمغا دەسسەتمەكچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. مەن چوڭ بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا« مەن ئالدى بىلەن  بۇنى سۆزلىۋالاي !؟ قورسىغىم بەكلا ئېچىپ كەتتى» دېدىم.
يىغىن جەريانىدا ئۇ باشتىن ئاياغ ئۆز جايىدا ئولتۇرۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. تاماق يېگەن ۋاقىتتىمۇ ھېچ نەرسە دېمىدى.لېكىن بىز تاماقتىن يانغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى چىدىماي ماڭا:« ئۆزەڭمۇ  بىلىسەن، جى، شىركەت سەندىن  تىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.سەن ياردەمگە مۇھتاج، مېنىڭچە سەن خىزمەت ستاژى سەندىنمۇ  ئۇزۇن بولغان بىر ئادەمنى ياللىشىڭ  كېرەك ئىدى» دېدى. مەن ئۇنىڭ پىكرىگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدىم. مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىمەن ، ئۇ ماڭا مېنىڭ ئورنۇمنى ئالالايدىغان بىر ئادەمنى ياللىشىمنى دەۋاتاتتى.
مېنىڭ ئورنۇمنى بۇشاتقۇزۇش ئىشىدا باشقا مۇدىرىيەت ئەزالىرىدا ھېچقانداق شەپە يوق ئىدى، شۇنداقلا ئۇلار  بۇنداق ئىشقا قىزىقمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتىمۇ مەن ئۇلارغا ئامراق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق ھەم كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر، ئىشتا قارار چىقىرىشىنىڭ ئاستىلىقىنى ۋە كونىلىقنى ياقىلايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مېنىڭمۇ ئۇلارغا قارىتا ھېچقانداق پىكىرىم يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئېيتقاندا مەندىمۇ چوڭ مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. نېمىشقا ئۇنداق دەيسە دەمسىز؟ چۈنكى مېنىڭ سەۋىر-تاقىتىم يوق، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئۇسۇلدا ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بېرەر ئىشتا خاپا بولۇپ قالسام ناھايىتى تىزلا بىلىندۈرۈپ قويىمەن . مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى نىمە دېسەم شۇ بولىدىغان، مۇستەقىل قارار چىقىرىدىغان ۋاقىتلارنى سېغىنىشقا باشلىدىم .
لېكىن مەن يەنىلا باشقىلارنىڭ ماڭا پايدىلىق ئەيىپلەشلىرىنى قوبۇل قىلالايتتىم. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن باشقىلارنىڭ ماڭا ھەرخىل مەسلىھەتلەرنى بېرىشىگە ئامراق، تەنقىد بولسا ئۆزىنى تولۇقلاشىنىڭ  ياخشى ئامالى، چۈنكى ئۇ سېنى قايتا-قايتا ئويلاندۇرىدۇ. گەپنىڭ مېغىزىنى قىلغاندا، سېنىڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىڭ ، سېنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىڭنى، ئەقىل-پاراسىتىڭنى ۋە توغرا قارار چىقىرىش سەۋىيەڭنى سىنايدۇ. بىراق بۇ كۈرەلمەسنىڭ گېپىنى ماڭا پايدىلىق تەنقىد دېگەندىن كۆرە باشقىلارغا ئورۇنسىز ھۇجۇم قىلىش دېسەك بولىدۇ. ئۇ مېنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەمدىن گۇمانلانمايدۇ، ھەم ماڭا ياردەم قىلغۇسىمۇ يوق. ئۇ پەقەت ماڭا ھەسەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ چاغدا2005-يىلى ئاللىقاچان يېرىملاشقان، شىركىتىمىزمۇ ئىككى قېتىم كۆچكەن ئىدى، شۇنداقلا ھەر قېتىم كۆچكەندە بىزنىڭ خىزمەت دائىرىمىز بىر قېتىم چوڭىياتتى . بىراق بىز ياسالمىلىق ، ئىسراپخورلۇق   قىلماسلىقنى ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمىمىز قىلغان ئىدۇق. بىزنىڭ توختىماي خىزمەت دائىرىمىزنى چوڭايتىشىمىز ئاللىقانداق باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش بولماستىن بەلكى بىز توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتاتتۇق.
بىز يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر-قايسى جايلاردا تارماق ئىشخانا تەسىس قىلدۇق. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئاللىقاچان سان-فىرانسىسكو، لوس ئانگېلېس ،چىكاگو، ئاتلانتا، نيويورك، بوستون قاتارلىق جايلاردا تارماق ئورنىمىز بولۇپ بولغان ئىدى. مېنىڭ لوندوندىمۇ بىر تارماق ئورۇن تەسىس قىلغۇم بار ئىدى،شۇڭا مەن شۇ ئىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدىم ۋە ئۈچ نەپەر نامزاتنى شۇ ئورۇنغا مەسئۇل بولۇشقا تاللىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىساد ساھەسىدىكى يوقىرى باھالىق «چولپانلار» ئىدى. بىراق بۇنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ.چۈنكى مەن بۇرۇندىنلا ئەرزان ئۆي سېتىۋېلىشقا بولىدۇكى ھەرگىزمۇ قول ئاستىدىكى خىزمەتچى-خادىملارغا بېخىللىق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
11- ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، مەن شىركەتكە تەكلىپ قىلماقچى بولغان ئىقتىساد ساھەسىدىكى «چولپانلار»نامزاتىنىڭ دائىرىسىنى قىسقارتىۋاتقان مەزگىلدە ،  يەنە  Value Clickكە مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇلار نيو-يورك شىتاتىدا مېنى ئۇلارنىڭ بىر نەپەر  خىزمەتچىسىنى تارتىۋېلىپ ئۆز شىركىتى ئۈچۈن ئاخبارات توپلاشقا ئورۇندى ،دەپ ئەرز قىلىپتۇ. بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا قىلچە ئاساسى يوق بىمەنە سەپسەتە ئىدى.  لېكىن مەن تەجرىبەمگە ئاساسەن دەۋا ئىشىدا ئەمەلىي ئىسپاتىڭنىڭ بار-يوقلۇقىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بېلەتتىم.
ئىككى كۈن ئۆتۈپ كۆڭلۈم ئازراق تىنجىغاندىن كېيىن، مەن كومپيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بارلىق مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا بىر پارچە ئېلكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاپ بۇ قېتىملىق دەۋانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئاخىرى كېلىپ چىقىشى بولغان نەتىجىسىنى چۈشەندۈردۈم. ئادەتتە بىز بىريىل ئىچىدە قەرەلسىز ھالدا يىغىن ئېچىپ تۇراتتۇق ،بۇرۇن سىزگە قارىشى چىققان، سىزنى قوللىمايدىغان كىشىلەر ، شىركەت باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىغاندا ۋاقىتتا ئەلۋەتتە شىركەت تەرەپتە تۇرۇپ، باش رەئىسنى قوللىشى كېرەك . باشقىلار تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنىش ياخشى ئىش ئەمەس، لېكىن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مەن بىر خۇش-خەۋەر تاپشۇرۇۋالدىم ۋە كۆپچىلىكنىڭ دەۋا ئىشىنى تىزراق قوبۇل قىلالىشى ئۈچۈن پوچتا يوللانمىنىڭ ئاخىرىغا:«بىزنىڭ ئايلىق سودا كېرىمىمىزيەنە يېڭى رىكورت ياراتتى، قىسقىغىنە 30كۈن ئىچىدە شىركىتىمىزنىڭ كېرىمى ئۈچ ھەسسە ئاشتى» دەپ قىستۇرۇپ قويدۇم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئىش. ئەگەر سىز شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنداق زور نەتىجە ياراتقان شىركەتنىڭ بىر ئەزاسى بولسىڭىز ، ئەلۋەتتە ناھايىتى خۇشال بولىسىز. لېكىن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى،مەن بىرەر مۇدىرىيەت ئەزاسىدىنمۇ دەۋا ئىشىغا ياكى كىرىم ئېشىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك جاۋاپ خەت تاپشۇرۇۋالمىدىم. ئەجەبا ئۇلار سۈكۈتتە تۇرۇپ مېنى جازالاۋاتامدىغاندۇ؟!
ئاخىرى يېڭى يىل ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەي،مەن بىر مۇدىرىيەت ئەزاسىنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىلدىم. مەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ناھايىتى ئاچچىقلانغان ھالدا :«سىلەر زادى قانداق ئادەملەر؟مەن سىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەجەپ بىرسىڭلارمۇ كارغا كەلمىدىڭلارغۇ؟!»دېدىم.
:-«جى-------»
:ـ«دەۋا ئىشىنى دېمەي تۇرايلى، ھېچ بولمىغاندا سىز مېنىڭ بۇ شىركەت ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمغا مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ!سىلەرنىڭ شىركەتتە پېيىڭلار بار،مەن تاپقان ھەر-بىر دوللار بىزنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىمىز ۋە پايلىرىمىزنىڭ يانچۇقىغا كېرىدىغۇ .»
:ـ«جى----گېپىمنى ئاڭلاڭ،ماڭا بىر مىنۇت ۋاقىت بېرىڭ!»
:ـ«مەن ئاڭلاۋاتىمەن!»
:ـ «بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇدىرىيەت ئازراق ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى كېرەك. ئادۋوكاتتىن سىزنىڭ ھېچ ئىشنى خاتا قىلمىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەممىمىز خاتىرجەم بولدۇق.»
:ـ «شۇڭا سىلەرنىڭ ھەتتا مەندىن بۇ توغرۇلۇق سورىغىڭلارمۇ كەلمەپتۇ،دە؟»
:ـ«بۇ ئۇنداق ئىش ئەمەس.»
«دەل شۇنداق ئىش. مانا كۆردىڭىزمۇ، مەندە ھېچقانداق گۇناھ يوق! ئەجەبا بۇ دۆلىتىمىز يولغا قويغان قائىدە ئەمەسمۇ ؟!»
كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ، ئادۋوكاتلار مېنىڭ كومپيوتىرىمدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلدى ۋە ئالاقىدار ھەر-بىر ئادەم بىلەن سۆھبەتلەشتى،بىراق بۇنداق ئىچكى تەكشۈرۈشنىڭ ماڭا ھېچقانداق تەسىرى يوق ئىدى،چۈنكى مېنىڭ يوشۇرغۇدەك ھېچقانداق ئىشىم يوق. ئۇلارمۇ ماڭا پايدىسىز ھېچقاندەك نەرسە تاپالمىدى. لېكىن مەن ھازىرغىچە مۇدىرىيەتنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە رازى ئەمەس، شۇنداق قىلىپ ئىچكى قىسمىمىزدا ئاستا-ئاستا بۈلۈنۈش شەكىللىنىپ قالدى.
بىراق، ئۇلارنىڭ باش ئاغرىقىنىمۇ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ، ئۇلار مېنىڭ خاتا قىلغان-قىلمىغانلىقىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار راستىنلا شۇ مەقسەتتە شۇنداق قىلغان بولسا،مەنمۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قۇبۇل قىلىمەن، بۇ بىر چوقۇم مېڭىشقا تېگىشلىك جەريان،بۇنىڭغا ھېچقانداق گەپ كەتمەيدۇ.تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇلار مېنى قوللىماي خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىش ئۆز ئەسلىگە قايتقاندا بىز تېخىمۇ ياخشى ئوبراز بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايەن بولىمىز.
بۇ يەردىكى ساۋاق بولسا: ئەگەر سېنىڭ يوشۇرغۇدەك بىرەر ئىشىڭ بولمىسا، سەن باشقىلاردىن ھېچنىمىنى يوشۇرماسلىقىڭ كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا سەن باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا تىلىڭنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن قورقمايسەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ، مەن بۇ مەسىلە بىلەنلا بولۇپ كەتمىدىم،بەلكى ئاساسلىق دىققەت نەزىرىمنى كەسىپكە قاراتتىم. شۇ ئاينىڭ ئاخىرى مەن ئەنگىلىيە تور ئېلان ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق كىشىنى ياللىدىم ۋە لوندوندا بىر تارماق ئىشخانا تەسىس قىلدىم. بۇ كىشىنىڭ مائاشى تۆۋەن ئەمەس ئىدى. شۇڭا مۇدىرىيەت ئەزالىرى يەنە مېنى ئەيىپلەشكە باشلىدى . مەن تىرىشىپ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىممەت«چولپان»نى ئىشلەتكەنلىكىمنى چۈشەندۈردۈم، لېكىن ئۇلار مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى زادى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدى،مەنمۇ  يول بەرمىدىم . لېكىن نەتىجىدە بىر يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە بىز ئەنگلىيە ئېلانچىلىق ساھەسىدىكى ئىككىنچى چوڭ شىركەت بولۇپ قالدۇق.ھېلىقى كۈرەلمەستىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتىن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇلار ھەتتا مەخسۇس ماڭا ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.مەن شۇ چاغدىلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ ئاستا- ئاستا يوقۇلۇۋاتقانلىقىنى، بىزنىڭ يەنە بىرلىككە كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.
مەن تېخى ياش، ئىش قىلىشتا سەۋر-تاقىتىم يوق،شۇنداقلا مەنمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باققان،لېكىن مەن قىلغان ھەر-بىر ئىشنىڭ ھەممىسى شىركەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنىڭ بۇنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم.
Value Clickبىلەن دەۋا قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن يەنە بېلنى شىركەتنىڭ باش مالىيە مەسئۇلى بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئىككىمىز ناھايىتى تىزلا چىقىشىپ قالدۇق،بىز ئۆز-ئارا ئىشىنىشەتتۇق ۋە ھۆرمەتلىشەتتۇق.گەرچە ئۇ مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسىمۇ ، مەن ئۇنى  ئۆزۈم بىلەن تەڭ  كۆرەتتىم. بۇ دۇنيا بەزىدە راستىنلا بەك تار ئىكەن. نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسە دەمسىز؟ چۈنكى، بېلمۇ Value Clickتىكى سام پەسلىنى تونۇيدىكەن. مەن بېلنىڭ قابىلىيىتى ۋە كۆزۈتۈش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئۇ قالايمىقانچىلىقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالدىم.
؛-«جى،ئۇ ئادەملەرنىڭ ساڭا ئۆچمەنلىك ساقلىشىدىكى سەۋەپ بولسا سېنىڭ ئۇلارنى پاي-چېكى ئالدامچىلىقى قىلدى دەپ سوتقا ئەرز قىلغانلىقىڭدا.
؛-«بۇ ئاللىقىچان كونا .ئىش بولۇپ قالدى،مەن بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى دەپ ئويلاپتىمەن»
؛-«ياق!ئۇلار سېنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى . ئۇلار سېنىڭ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ مۇشۇنداق مەنىسىز دەۋا ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرۈشىڭنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.ھازىرقى مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا،يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن سوتقا كىرەلەيمىز.»
؛-«بىز چوقۇم يېڭىمىز!»
؛-«ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەدىلىچۇ؟»
مەن كۆڭلۈمدە ھېسابلاپ باقسام، ئۇنىڭ ھازىرقى گېپى بويىچە ئېيتقاندا،مەن نۇرغۇن پۇل ۋە قىممەتلىك ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئاندىن سوت ئاچقۇزالايدىكەنمەن.
؛-«سېنىڭ قانداق تەكلىپىڭ بار؟» مەن ئۇنىڭغا ئىشەنچ بىلەن قاراپ سورۇدۇم ..
؛-«مەن ئۇلارنىڭ شىركىتىگە بېرىپ يارىشىپ قېلىش توغرىسىداسۆزلىشىپ باقاي، ئۇلار بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىشىدۇ،ھەم ئۇلارمۇ بۇ دەۋانىڭ ھېچقانداق مەنىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىشىدۇ.مەنمۇ بۇ خىزمەتنى قۇبۇل قىلىش ئالدىدا مۇشۇ ئىش ئۇستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.»
مەن مۇدىرىيەت يىغىنىدا بېلنىڭ مەسلىھەتىنى ئوتتۇرغا قويدۇم ۋە ناھايىتى تىزلا ئورتاقلىققا كەلدۇق.بىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇلار بىلەن يارىشىپ قالدۇق(پۇلنىڭ ئېنىق سوممىسىنى ئاشكارىلاشقا مېنىڭ ھوقۇقۇم يوق). لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بۇ بىر توغرا قارار ئىدى.مەن ئوقۇغان «سۈنزى تەدبىرلىرى»دېگەن كىتاپتىمۇ«ئۇرۇش قىلىشنى بىلگەن شۇنداقلا ئۇرۇشتىن قانداق ساقلىنىشنى بىلگەنلەر ھەقىقى يەڭگۈچىلەردۇر» دېيىلگەن
ئاشۇ يىلى 7-ئايدا، مەن   بۇ بىر قاتار    ئاۋارىچىلىقلارنى ۋە باش ئاغرىقلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن،  ئۆيدىكىلەر بىلەن قىسقا ۋاقىتلىق ساياھەتكە بېرىشنى قارار قىلدىم. بىز مىكسىكىنىڭ ۋاياتا پورتىغا باردۇق.
ئۇيەردە دېڭىز بويىنى ساياھەت قىلغاچ مەززىلىك تائاملارنى يىدۇق ۋە ماگېرىت لوڭلەن ھارىقىنى قانغۇچە ئىچىشتۇق .لېكىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەن ئاخىرى ۋاقىت چىقىرىپ جىيەن ئىنىم ۋە جىيەن سىڭلىم بىلەن بىرگە بولۇپ ئۇلارنى ئوينىتالىدىم .مەن ئۇلارنىڭ مېنى داڭلىق بىر سودىگەر ئەمەس بەلكى بىر تاغىسى دەپ قارىشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلاتتىم.مەن ھەر ئاماللارنى ئىشلىتىپ مېنىڭ ئاشۇ توختىماي سايرايدىغان «قارا بۆلجۈرگەن» ماركىلىق تېلىفونۇمنى قولۇمغا ئالمىدىم ---ھەتتا بەزى چاغلاردا راستلا شۇنداق قىلدىم.
ئىككى ئايدىن كېيىن بىز  سان خوسېدا بىزنىڭ يېڭى ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىمىزنى ئېلان قىلدۇق. ئۇ بىز ئىجاد قىلغان تېخنىكا ئەمەس ،ھەم بىردىن-بىر ئىشلەتكۈچىسىمۇ ئەمەس.لېكىن مەن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. ناۋادا بىز بۇ يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىشنى باشلىساق ،چوقۇمكى ئۇزاققا قالماي  بۇ ساھەدە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقرى ئورۇندا تورىدىغان شىركەتكە ئايلىناتتۇق .
شۇنىڭدىن تارتىپ Blue Lithiumشىركىتىمىز ئەسلىدىكى ئېلان شەكلىدىن (ئىستىمالچىلار ئېلاننى كۆرسە ئېلان بەرگۈچى پۇل تۆلەيدىغان)بىراقلا كىشىلەرنىڭ تورغا چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلارغا لازىملىق ئېلاننى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىغان شىركەتكە ئايلەندۇق.شۇنىڭدىن تارتىپ بىز شوئارىمىزنى«سانلىق مەلۇمات ھەممىنى بەلگىلەيدۇ!» گە ئۆزگەرتتۇق.
يەنە بىر قېتىم دەپ ئۆتەي: بۇ ھەرگىزمۇ  خاككېرلارنىڭ قولى ئاستىدىكى «زېمىن» ئەمەس. بىز پەقەتلا Cookieغا تايىنىپ كىشىلەرنىڭ تورغا چىققانلىقىغا ئالاقىدار سانلىق-مەلۇماتلارنى توپلايمىز. مەسىلەن: ئەگەر سىز پورسېچ (Ferdinand•Porsche ،ئاۋىستىرىيەدە بارلىققا كەلگەن ماشىنا شىركىتى،شىركەتنى قۇرۇپ چىققۇچىنىڭ ئىسمى بويىچە ئاتالغان، بۇ ماركىنىڭ ئىزلىرىنى 1900-يىللاردىن ئىزدەشكە بولىدۇ،1900-يىلى بىرىنچى قېتىم پارىژ ماشىنا كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان.)   ماشىنىسىنىڭ تور بېكىتىنى چەكسىڭىز ،مەيلى سىز نەدە بولۇڭ بىز سىزگە دەرھال پورسېچقا ئالاقىدار ئېلانلارنى كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا قىلالايمىز.ئېلان سىزگە ئەگىشىپ تورنىڭ ھەرقانداق جايىدا دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدۇ! بەلكىم بەزى ئادەملەر بۇنداق قىلسا توغرا ئەمەس دەپ قارىشى مۇمكىن ،لېكىن مەندە بۇنىڭغا قارىتا قەتئىي ئوخشىمايدىغان سېزىم بار. مەن بۇرۇندىن تارتىپلا پەن- تېخنىكىنىڭ تور دۇنياسىنى تېخىمۇ  مۇكەممەل ۋە ئۆزگىچە قىلىۋېتىدىغان يوشۇرۇن كۈچى بار دەپ ئويلايتتىم، شۇنداقلا ھازىرمۇ مۇشۇنداق دەپ قارايمەن.بىز پەقەتلا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سىزنىڭ ئىكرانىڭىزدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ سىزنى قايمۇقتۇرىدىغان چېكىشلەرنىڭ ئورنىغا سىز قىزىقىدىغان ئېلانلارنى كۆز ئالدىڭىزدا چىقىرىشنى ئويلايمىز.
ئۇنى مۇنداق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ:ئەگەر سىز تۈۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە ئىھتىياجلىق بولمىسىڭىز، قەرزنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسىڭىز ، ئىكرانىڭىزدا توختىماي پەيدا بولۇپ سىزگە ئەڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىدىغان ئاشۇ ئادەملەرگە قانداقمۇ چىداپ تۇرالايسىز!؟
كەسپىي ئاتالغۇ بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا،Blue Lithiumبولسا « ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدىغان ئورۇن بەلگىلەش ئېلانى»نىڭ ئالدى ئىدى. زاغرا تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا ، بىزنىڭ مەخسىتىمىز بولسا قانۇنغا خىلاپ بولمىغان ھەر-خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ بىز سىزگە ئىھتىياجلىق دەپ قارىغان نەرسىلەرنى سىزگە سېتىپ بېرىش. ياكى بولمىسا، سىز سېتىۋالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ سىز قىزىقىدىغان نەرسە بولىشى مۇمكىن.
ئىشنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ يەردە، شۇنداقلا بىزنىڭ دەل  باشقا تور-ئېلان شىركەتلىرى بىلەن بولغان پەرقىمىز. Click Agents بولسا ئاساسى جەھەتتىن بىر خاتىرلەش سىستىمىسى،ئۇنىڭ ئىز قوغلايدىغىنى بولسا چىكىش قېتىم سانى ئىدى. بىراق بىز ئاللىقاچان خېرىدارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش دەۋرىگە، كىشىلەرنىڭ توردىكى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھېچقانداق يامان نىيەت بولمىغان ئاخبارات سىستىمىسى قۇرالايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدۇق. بۇ تېخنىكا ھەر تەرەپتىن  ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ مۇرەككەپ، ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ۋە توغرا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ،كىشىلەر بۇنداق مەخسۇس ئېلانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىنكاسلارنى قايتۇراتتى. ئەلۋەتتە، ئېلان شىركەتلىرىمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال ئىدى. گەپنىڭ مېغىزىنى قىلغاندا، بۇخىل ئېلاننىڭ مەقسىتى بولسا مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ ھەر-بىر ئادەمگە ماس كىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۇش بولۇپ ، بۇ دەل شىركىتىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئىدى.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ،بىز«مەڭگۈ ئوچۇق » دېگەن بىر پەن-تېخنىكا ژورنىلى تەرىپىدىن «يىللىق ئەڭ ئىلغار يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى» غا ئېرىشتۇق. شۇ يىلى يەنە بىر داڭلىق سودا ژورنىلى بىزنى «ئامېرىكىدىكى 100كۈچلۈك شىركەت» قاتارىغا كىرگۈزدى.
2007-يىلى2-ئاينىڭ ئاخىرى، بازاردا چوڭ كۆلەملىك قوشۇۋېلش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.Googleشىركىتى3مىليارد100مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەنDouble Clickنى،Microsoftشىركىتى6مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەنaQuantive (دەسلەپكى Avenue A  شىركىتىدىن ئۆزگەرتىلگەن ،1997-يىلى قۇرۇلغان ، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شتاتىدا)شىركىتىنى،    WPP  (Wire & Plastic Products Group ، دۇنياغا داڭلىق ئالاقە شىركىتى ،باش شىتاتى ئەنگىلىيەدە)شىركىتى650مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن Real Media شىركىتىنى سېتىۋالدى.
بۇ بىر مەيدان مۇزىكا ئاڭلاپ ئورۇندۇق تالىشىش ئويۇنىدىن ياخشىراق: ھەر قېتىم مۇزىكا توختىغاندا ، بىر ئادەم چوقۇم ئورۇندۇقنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن ئولتۇرالماي قالىدۇ، شۇنداقلا مۇزىكىنىڭ رېتىمى بارغانسىرى تىزلىشىدۇ. مەن مۇدىرىيەت بىلەن مەسلەھەتلەشتىم ۋە ئۇلارغا بىر نەپەر بانكېر تەكلىپ قىلىپ بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەسلەھەت بەردىم. بۇ « مەن Blue Lithium شىركىتىنى سېتىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىنىۋاتىمەن» دېگەننىڭ ۋاستىلىك ئېيتىلىشى ئىدى. ئۇلار مېنىڭ مەسلەھەتىمگە قوشۇلمىدى.ئۇلار پۈتۈن زېھنىمىزنى شىركەتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك تەرەققىيات پىلانىغا قويۇشىمىز كېرەك ،دەپ ئويلايتتى.
«بۇرادەرلەر، ئەتراپىڭلاردا نىمە بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ھېچ بولمىغاندا سۇنىڭ تېيىز ياكى چوڭقۇرلۇقىنى سىناپ بېقىشىمىز كېرەكقۇ؟!» دېدىم مەن ئۇلارغا ئىنتايىن ئەستائىدىللىق بىلەن .
راست گەپنى قىلغاندا شىركەتنى ساتقۇم بار-يوقلۇقىنى ئۆزۈممۇ جەزىملەشتۈرەلمەيتتىم. بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەققىيات سۈرئىتىمىز ھەر- قانداق چاغدىكىدىنمۇ تىز بولۇپ، ساپ پايدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. لېكىن رىقابەتچىلىرىمىز ئارقا- ئارقىدىن قوشۇلىۋاتقان بولغاچقا،بازارنى سىناپ بېقىش بىر ئاقىلانىلىك ئىدى .  ناۋادا تويۇقسىز مۇزىكا تۈگىسە ،مەن چوقۇم Blue Lithiumنىڭ بىر دانە ئورۇندۇق تاپالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك ئىدى.
2007 -يىلى 4-ئاي، بىز ئەنگليەدىكى ئىككىنچى چوڭ تور ئېلان شىركىتى بولۇپ بىر ئايدىن كېيىن ، پارىژدا يەنە بىر ئىشخانا تەسىس قىلدۇق.بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى خىزمەتچى-خادىمىمىز 150كە يېقىنلاشتى ۋە بىزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمىز كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقاندەك سېزىلىشكە باشلىدى. مۇدىرىيەتمۇ مېنىڭ دېگىنىمنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىشتى، يەنى ھېچ بولمىغاندا شىركەتنى سېتىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىنىپ بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندى. بىز ئالدى بىلەن« SOX (Sarbanes-Oxley Act ،بىر خىل شىركەت تۈزۈمى)شىركىتى قانۇن لاھىيەسى يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىغا قايتا نەزەر»پروگراممىسىنى يۈرگۈزىشىمىز كېرەك ئىدى.
بۇ قانۇن لاھىيەسى سودا دۇنياسىدىكى ئەڭ ئېغىر بوغالتىرلىق ئالدامچىلىق سەتچىلىكى«ئەنرەن شىركىتى،تەيكې خەلقئارا چەكلىك شىركىتى،ئاقار لاچىن سىستىما شىركىتى،ئەيدىرفىن شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ سەتلىشىش ئەنزىسى»دىن كېيىن 2002-يىلى يولغا قويۇلغان قانۇن ئەندىزىسى بولۇپ، بىزنىڭ بۇنىڭدىكى مەخسىتىمىز بولسا بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ بوغالتىرلىق، تەپتىش تۈزۈمى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى نازارەت قىلىشتا ئاساس بولاتتى . بۇنداق بولغاندا ،ئەگەر بىز شىركەتنى بازارغا سالماقچى بولساق ،بارلىق ئىچكى كونترول قىلىش ۋاستىلىرى بەلگىلىمىلىرى ئۇيغۇن كەلگەن ۋاقىتتا، بىز بىرىنچى قېتىم بازارغا سېلىنغاندا پاي تارقىتىش ئىشىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولاتتى. ئەلۋەتتە،مەن ناۋادا شىركەتنى سېتىۋەتمەكچى  بولساق دېمەكچى.
بۇ ۋاقىتتا ۋەزىيەتنىڭ تىز ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ، مۇدىرىيەت بىلەن بىر نەپەر شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل مەخسۇس  مۇئاۋىن باش دېرىكتور ياللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قارار قىلىشتۇق. چوڭ شىركەتلەردە بۇنداق ئادەمنىڭ خىزمىتى بولسا باشقا شىركەتلەرنى باھالاش ۋە ئۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان- ئەرزىمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولسا ، بىزگە ئوخشاش كىچىك شىركەتلەردە ھەمكارلىشىپ بارارغا سېلىنىش ستراتىگىيە لىنيەسىنى تۈزۈپ چىقىش بولۇپ  ، شىركەتنىڭ ھازىرقى كۆلىمىگە ئاساسەن بۇ ئەمەلنىڭ خىزمىتىمۇ ئازراق ئوخشىمايتتى،بىراق ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۇنۋانى ئوخشاش ئىدى.
مەن مەخسۇس مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كىشىنى    مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نامزاتنى تېپىپ بېرىشكە ياللىدىم. ئۇ بىز تەكلىپ قىلالايدىغان نامزاتلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى تور ساھەسىدىكى چوڭ شىركەتلەردە ئىشلىگەن ئادەملەرمۇ بار ئىدى. مەن بۇ تىزىملىكنى بىرئاز كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ  بىلەن نامزاتلارنى 10كىشىگە قىسقارتتۇق، ئاندىن كېيىنكى ئۇنىڭ  بىر تەرەپ قىلىشقا بەردىم. ناھايىتى تىزلا ئۇ بىزگە بىرخۇشخەۋىرىنى  يەتكۈزدى: بىر نامەلۇم نامزاتنىڭ دېيىشىچە ،ئۇ  Blue Lithiumگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە Blue Lithiumنىڭ باش مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باشقا ئىشلارنى مەسلەھەتلىشىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇئانلا بۇ ئادەمنىڭ بىزنىڭ شىركەتنى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. راستنلا مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك ، بىر كۆرۈشۈپلا ئۇ مەندىن سېتىۋېتىش نىشانىمنىڭ بار-يوقلۇقۇمنى سورىدى.مەن ئۇنىڭغا:«مېنىڭ  ساتقۇم يوق،لېكىن ئەگەر سىز راستىنلا سېتىۋېلىشقا قىزىقسىڭىز ماڭا مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق بىر پارچە ئېلكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاڭ،مەن ئۇنى مۇدىرىيەتكە ئېلىپ بېرىپ شۇ يەردە مەسلەھەتلىشەي» دەپ ئەمىلي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم.
ئىككىنچى كۈنى، ئۇ ئېلكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى مېنىڭ پوچتا ساندۇقۇمغا يوللاپ بەردى.مەن دەرھال ئۇنى مۇدىرىيەت يىغىنىغا ئېلىپ باردىم.«قاراڭلار! بىزنىڭ شىركەتكە قىزىقىدىغان ئادەم چىقتى.مەن بۇنى سېتىش-سېتىۋېلىش پروگراممىسىنى قوزغىتىدىغان بىر ياخشى پۇرسەت دەپ قارايمەن.»
بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ، بىز بىر مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى بىزگە ياردەملىشىپ بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ بانكا باشقا سېتىۋېلىش مۇمكىنچنلىكىنى بار بولغان شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ  نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن سېتىۋېلىش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى  ئىنىقلاپ چىقتى .ئەڭ ئاخىرىدا،2007-يىلى9-ئاينىڭ4-كۈنى ،بارلىق سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان شىركەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا مەيلى مالىيە نوقتىسىدىن ياكى شىركەتتىكى 200گە يېقىن خىزمەتچىنىڭ مەنپەئەتى نوقتىسىدىن بولسۇن ياخو Yahooشىركىتىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۇق.ياخو Yahoo شىركىتى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن شىركەتنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى.
بۇ خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەن دەرھال بارلىق خىزمەتچىلەرگە مۇنۇ بىر پارچە خەتنى يازدىم:
يوللىغۇچى: گۇرباكىش چاخال
يوللانغان ۋ اختى:2007-يىلى9-ئاينىڭ4-كۈنى. سەيشەنبە 4:02
قوبۇل قىلغۇچى: بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر
تېمىسى: Blue Lithiumتارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن .......

قەدىرلىك دوستلار، خىزمەتداشلار:
بىرنەچچە مىنۇت ئالدىدىلا، شىركەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قارارنى ئېلان قىلدۇق. Blue Lithiumشىركىتى ياخو  Yahooنىڭ قوشۇۋېلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.
بۇ قوشۇۋېلىش ياخو Yahooنىڭ تور ئېلان ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇش قەتئي ئىرادىسىنى نامايەندە قىلدى.بىز ياخو Yahooنىڭ بىر قىسمى بولۇش ۋە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا ناھايىتى خۇشال ۋە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.مەن شىركەتنىڭ خىزمىتىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا نورمال ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا كاپالاتلىك قىلىمەن .
بىز ياخو Yahooشىركىتى باشقۇرۇش قاتلىمى بىلەن بىرلىكتە Blue Lithiumۋە Yahooنىڭ باشقا مۈلۈك شەكىللىرىنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئۈنۈمى ئۈچۈن تىرىشىمىز. Yahoo نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ  بىز بۇ ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ بارلىق ئىقتىساد ئېگىلىرىنى، تېخنىكىسىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ خېرىدارلارنىڭ ۋە بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك مال- مۈلۈكلىرىنى تولۇقلاپ بېرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.
مەن كۆپچىلىككە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا ئاندىن شىركەتنىڭ بۈگۈنى بار بولدى. ئەمەلىيەتتە ياخو  Yahoo شىركىتى بىز بىلەن بىر ساھەدىكى باشقا شىركەتلەرنى سېتىۋالسىمۇ بولاتتى، ئۇلار بىزنىڭ رىقابەتچىلىرىمىزنى ئوبدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ، يەنىلا بىزنىڭ شىركىتىمىزنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. بۇ بىز قۇرۇپ چىققان كوللىكتىپنىڭ ناھايىتى ئىلغار ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى تۆت يىلدا بىزنىڭ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇيىمىزنىڭ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بەردى.
مېنىڭچە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تور شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشBlue Lithiumنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى.
بۇ قوشۇلۇشنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ خېرىدارلىرىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تۈۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە بىۋاستە پايدىسى بار:
Blue Lithium نىڭ ئېلان ئىگىسى ۋە ئېلان چىقارغۇچىسى بىلەن ياخو  Yahooنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئۇنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلاشقۇچىسىنى بىرلەشتۈرگەندە، بىز بازاردىكى ئەڭ چوڭ ئېلان تورىنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.
بىز ياخو  Yahoo نىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان مۈلكى ۋە ئېتىبار مۇقىم باھاسىغا ئېرىشەلەيمىز، بۇ بىزنىڭ يۆنىلىشلىك ئېلان تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشىمىزغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىزنى تېخىمۇ كۆپ بولغان «فۇبۇس 500 كۈچلۈك ئېلان خېرىدارى» غا ئېرىشتۈرەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق بىز ئېلان چىقارغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ داڭلىق ئېلانلارنى تەمىنلەپ بېرەلەيمىز.
Yahoo شىركىتى خىزمەتچىلەرگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان چوڭ شىركەت. سىلەر Yahooنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تەمىنلەپ بەرگەن پۇرسەت ۋە پاراۋانلىقىغا ئېرىشكىنىڭلاردا بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتىسىلەر.
ئاخىرىدا،مۇشۇ يىل ئىچىدە تاماملاش پىلان قىلىنغان بۇ قوشۇۋېلىش ئىشى بىزنىڭ بازار قېلىپىمىزنى قايتىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. Google بىلەنDoubl Click،Microsoftشىركىتى بىلەنaQuantive ،  ئامېرىكىلىق توردا (American Online ، ئىنتىرنىت مۇلازىمەت تەمىنلەش شىركىتى) بىلەن Takoda يەنى Ad.com  لارنىڭ قوشۇلۇشى بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئوخشاش كۆلەم ۋە سەۋىيە شەكىللەندۈرۈشىمىزنىڭ لازىملىقىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز Yahoo غا ئوخشاش كۆلەمدىكى ھەمكارلاشقۇچى شىركەتنىڭ  بىزنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ يىتىلىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرىشىگە، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشچى- خىزمەتچى، خېرىدار ۋە پاي سالغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ قىممەت يارىتىشىغا ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج.
قۇشۇمچە ھۆججەت ئىچىدە ھازىر ئېلان قېلىنغان خەۋەرنىڭ لاھىيەسى بار. ئەتە ئەتىگەن 8:30 دا پۈتۈن ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ئالاھىدە يىغىن بار. يېقىندا تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلىدۇ شۇنداقلا سىلەرنىڭ سوئالىڭلارغا جاۋاپ بېرىلىدۇ.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، بىزنىڭ قولتۇق رايونىدىكى خىزمەتچىلەر Yahoo شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.قارشى ئېلىش مۇراسىمى پۈتۈن يەر شارىدىكى  Blue Lithium ۋە Yahoo شىركىتى خىزمەتچىلىرىگە نەخ مەيداندىن ئۇلاپ كۆرسىتىلىدۇ. نيويورك، لوندون ۋە پارىژدىكى Blue Lithiumخىزمەتچىلىرىنى Yahooنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى شىركەت خادىملىرى  يوقلاپ بارىدۇ. ياكى بولمىسا شۇ يەردىكى Yahoo تارماق شىركەتلىرىگە بېرىپ نەخ مەيداندىن كۆرسىمۇ بولىدۇ. چىكاگو ۋە بوستوندىكى خادىملار ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرسە بولىدۇ.
Yahoo نى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى مەسئۇل خادىم خىزمەتچىلەرنى گورۇپپىلارغا بۆلۈپ قوشۇۋېلىش ئىشى توغرۇلۇق مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
مەن كۆپچىلىكنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن . بىز ئۇزاقتىن بېرى كۈتۈۋاتقان كۈن مانا يېتىپ كەلدى.
مەن كۆپچىلىككە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .25يېشىمدىلا ئىككى قېتىملىق بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىمدىن مەن ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم دەپ ئويلايمەن.

.                                          ئىجرائىيە رەئىسىڭلار  گورباكىش چاخالدىن .                 


بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم يېشىمنى ئاشكارىلىشىم ئىدى، بۇ مېنى تەسۋىرلىگۈسىز خۇشال قىلىۋەتتى. ئۇزۇندىن بېرى مەن باشقىلار مېنىڭ يېشىمنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن مېنىڭ سەۋىيەمدىن گۇمانلىنىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىپلا يۈرەتتىم.
ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرەتتى( سەنمۇ بىلىسەن، جى---، شىركەت سەندىنمۇ تىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ) بىراق ھازىر مېنىڭ بۇنى يوشۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق-----مانا بۇ مەن ئۆزۈم!!!!
Yahoo مېنىڭ يېشىمغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئۇلار بۇ سودىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مېنىڭ شىركەتتە يەنە ئۈچ يىل ئىشلىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن دەسلەپتە بۇ شەرتكە قوشۇلدۇم ، چۇنكى مېنىڭچە ھەقىقىي توختام تۈزگەن ۋاقىتتا بۇ بىر ماددىنى تەڭشەشكە بولاتتى . بۇ ۋاقىتتا شۇ ئىنىقكى، شىركەتنىڭ مۇھىتى مېنىڭ قابىلىيىتىمنى جارى قىلدۇرۇشۇمغا ماس كەلمەيتتى،مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم بولسا يېڭىلىق يارىتىش. شۇڭا ناۋادا  بۇ سېتىۋېلىش ئىشى ئەمەلگە ئاشسا ، مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىمنى جارى قىلدۇرالايدىغان خىزمەتنى قىلىشنى قارار قىلدىم.
Yahoo   ئەۋەتكەن مەقسەتنامىنى تەپسىلى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ بىر ماددىسىمۇ ئۆزگەرتىلمىگەنىدى: بىزنىڭ مەسلەھەتلىشىپ بېكىتكەن باھا، شىركەتتە داۋاملىق ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانى ۋە باشقا شەرتلەر. ئەلۋەتتە ئۇ مېنىڭ ئۈچ يىل ئىشلىشىم توغرىسىدىكى شەرتنىمۇ ئۆز- ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇ جەرياندا مەن يەنىلا داۋاملىق باش شىركەت باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىشىم كېرەك ئىدى.
مەن Yahoo نىڭ مېنى بۇ شىركەتنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىدا مۇھىم دەپ قارىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، بىراق مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ بىر شەرتنى قوبۇل قىلىشىمنى مەجبۇرلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. كېينكى توققۇز ھەپتىلىك سۆھبەت داۋامىدا مەن توختىماي ،  مەن بولمىساممۇ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭمۇ شىركەتنىڭ تىجارىتىنى نورمال ئېلىپ بارالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارنى قايىل قىلدىم . لېكىن مەن شىركەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن يەنە تۆت ئاي ئىشلەپ بېرىشكە قوشۇلدۇم ۋە بىر پارچە مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان رىقابەتلەشمەسلىك كېلىشىمى تۈزدۈم.



سىز چوقۇم نېمىدە ئارتۇقچىلىقىڭىز بارلىقىنى بىلىشىڭىز  ۋە شۇ ئىشنى تىرىشىپ قىلىشىڭىز  ، غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن   ئۆز خىزمىتىڭنى قىزغىن سۆيىشىڭىز كېرەك   . يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇكى ،  ئىشنىڭ بېشى ئەتىگەن ، چوقۇم سەھەر قوپۇڭ  ھەم كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ ، بۇ سىزنىڭ شۇ بىر كۈنلىك  خىزمەت نەتىجىڭىزنى بەلگىلەيدۇ .


2007-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، سېتىۋېلىش ئىشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، بۇنىڭدىن ھەممە ئادەم ناھايىتى خۇشال. بۇ سودا پەقەت ماڭىلا ئەمەس بەلكى Blue Lithium نىڭ مۇدىرىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خادىملارغا نىسبەتەنمۇ بىر ياخشى سودا ئىدى.
مېنى ئەڭ خاتىرجەم قىلغىنى شۇكى، دوستۇم كېرىشىنانىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ سۆزى بولدى .دەسلەپتە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئوغلىنىڭ دوختۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ Blue Lithium شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن شىركەتكە كېلىپ ماڭا تاپا- تەنە قىلغانىدى. لېكىن بۇ سېتىۋېلىش ئىشى ئاخىرلاشقاندىن كۈنى مەن ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ تېلىفۇنىنى قوبۇل قىلدىم ؛
:- «ئوغلۇم دوختۇرلۇقتىن ۋاز كەچكەن ۋاقىتتا، بىزنىڭ يۈرەك باغرىمىز پارە-پارە بولۇپ كەتكەنىدى.لېكىن ھازىرغا كەلگەندە ، ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەنلىكى ئۇنىڭ ھاياتىدا چىقارغان ئەڭ ئاقىلانە قارارى دەپ قارايمەن ، رەھمەي سىزگە  »
ئېلان ئالماشتۇرغۇچ شىركىتىنىڭ ئېرىشكەن ھوسۇلىمۇ ناھايىتى زور. سىزنىڭ ئىسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن،دەسلەپكى بىر ۋاقىتلاردا ئۇلار ھەتتا 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ رازى بولغان ئىدى.لېكىن ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇلار بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ پۇلغا ئېرىشىپ  بىز بىلەن بولغان ھەمارلىقنى ئاياغلاشتۇردى . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلى ئۇلارنىڭ ھازىرلا پېنسىيەگە چىقىپ بىر ئۆمۈر ياشىشىغا يېتەتتى.بىز ئۇلاردىن شۇنداق بىر تەجرىبىنى يەكۈنلەيمىزكى: پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ئادەملەر مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
بۇ سودىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىش ئادەمنى بەك خۇشال قىلاتتى.  Blue Lithiumنى سېتىۋاتقان كۈنى سان خوسېدىكى بارلىق خادىملار شەھەردىكى بىر رېستۇرانغا بېرىپ تەبرىكلەش ئېلىپ باردۇق.داداممۇ بىز بىلەن بىرگە باردى. ئۇ مېنى چاقىرىپ ئۇنىڭ مەندىن  نەقەدەر پەخىرلىنىدىغانلىقىنى  ۋە ئۆزىنىڭمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئازراق خىجىل بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى:«سەن ئاللىقاچان بىزنىڭ ئۆينىڭ ھەقىقىي  تۆرۈكىگە ئايلاندىڭ» دېدى ئۇ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشكەن ھالدا «سەن مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدىڭ ئوغلۇم».
:-«ياق دادا، مەن 16ياش ۋاقتىمدا مەن سىزدىن ئوقۇشۇمنى تاشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئارزۇيۇم بويىچە ئىش قىلغۇم بارلىقىمنى ئېيتقىنىمدا سىز ماڭا ئىشەندىڭىز. دەل سىزنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىڭىز ماڭا مۇشۇنداق ئىش قىلىشقا غايەت زور ئىلھام ۋە جاسارەتلەرنى ئاتا قىلدى» دېدىم ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋېلىپ .  .
مەنمۇ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىم  .دادام ئۇنداق ئاسان تەسىرلىنىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى،ئەزەلدىن باشقىلارنى ماختايدىغان گەپلەرنى دېگىلى ئۇنىمايتتى ،شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپنى ئاڭلىيالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ دەقىقىدە مەن ئۆزۈمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىپ كەتتىم. مەن دادامغا يەنە :
«بۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز، دادا؟  چۈنكى سىزنىڭ بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن. سىز ماڭا بىر ئادەمنىڭ قەتئىي لەۋزىدىن يانماسلىقىنى ،ئەڭ جاپالىق چاغلاردىمۇ چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن ئەمەسمۇ !  مەن سىز دىگەندەكلا قىلدىم خالاس  ، مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ مېنى ياخشى تەربىيەلىگىنىڭىزدىن كەلگەن دادا  !  مەن سىزدەك دادام بولغىنىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن  .»
شۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى بىرنەچچە كۈنىدە مەن ئاكامنى ۋە بىرنەچچە دوستۇمنى ئېلىپ لاسۋېگاسقا بالىلىقىمىزغا يەنە بىر قېتىم قايتىش ئۈچۈن ئوينىغىلى باردۇق. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى مەزگىلىدە مەن يەنە بىر قېتىم باردىم .لېكىن بۇ قېتىمدا پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ باردىم . بىز ۋىن مېھمانخانىسىدىكى(,Wynnدۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك قىمارخانا شەكىلدىكى مېھمانخانا،لاسۋېگاسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان) ھەشەمەتلىك بىر يۈرۈش ئۆيىدە تۇردۇق.
بىر كۈنى كەچتە مەن دادامنى كەچلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا ئېلىپ چىقتىم . بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان لاسۋېگاسنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەزىز مېھمانلىق مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولاتتىم .مەن باشقىلارنىڭ بىزگە ئۇزاقتىن تىكىلىپ قاراشلىرىنىڭ دادامنىڭ پەنجەپ سەللىسى كىيىپ چوڭ ساقال قويغانلىق سەۋەبىدىن بولغانلىقىدىن ياكى بىزنىڭ شۇ رېستۇراندىكى ئەڭ ئالي ئۈستەلدە ئولتۇرغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بىلمىدىم، بەلكىم ھەر ئىككى سەۋەپ بولىشى مۇمكىن .







ئالتىنجى-باپ  بايلارنىڭ مەخپىيىتى







كۆك لىتىينى (BlueLithium)سېتىۋەتكەندىن كېيىن مەن ئاۋالقىدەكلا بىر نەچچە ئاي خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇردۇم،قوشۇۋېتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ،مەن خىزمەت ئورنۇمدا بىر مەزگىل تۇرۇپ شىركەتنىڭ  ياخو (Yahoo)   بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا قوشۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك ئىدى.
شۇ سەۋەپلىك،ھەپتىدە 5 كۈن ئىشخانىدا بولدۇم . ئەمما خىزمەتتىن ئاشقان ۋاقىتلارنى باشقا مەنىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزدىم . ھايات كىتابىمنىڭ يەنە بىر بېتى تاماملىنىش ئالدىدا تۇراتتى، مەن يەنە يېڭى دۇنيا ئۈچۈن يول ئىزدەيتتىم . ئەمەلىيەتتە ،ئۆزۈمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەجىربىلىرىمنى تېلۋىزىيە پروگراممىسى قىلىپ  ئىشلەش خىيالىممۇ  بار ئىدى .
ئەينى ۋاقىتتا ،مەن ياخونىڭ كۆك لىتىينى سېتىۋېلىش توختام باسقۇچلىرىدىكى بىر تەشۋىقات پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدىم ـــ بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تېلۋىزىيە نەق مەيدان زىيارىتىگە قاتنىشىشىم ئىدى. زىيارەت ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ،  ‹‹شاگىرتلار›› پروگراممىسىنىڭ  سۈرەتكە ئېلىنىشىنى ،  كامېرانىڭ ماڭا توغرىلىنىشىنى ئويلىغانسىرى  ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ كېتەتتىم    . ئەمما مەن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرسەم بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەچكە  ھەمدە  لەۋزىمدە تۇرۇش مەن ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇھىم بولغاچقا  زىيارەتنى قوبۇل قىلغىنىمدىن  ئىككىلىنىپمۇ  ، پۇشايمان قىلىپمۇ يۈرمىدىم  .
زىيارەت قىلىنىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ، جىددىيلەشكىنىمدىن ئۇخلىيالمىدىم.تىنىچلاندۇرۇش(ئۇيقۇ )دورىسى مۇ رول ئوينىمىدى.شۇنداق قىلىپ كېچىچە ئۇخلىيالماي  ئەتتىگەن سائەت  4لەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .ئارلىقتا پەقەتلا 2 سائەتلەرچە كۆزۈمنى يۇمۇپتىمەن.6:30لەردە تەنھەركەت(چېنىقىش)زالىغا بېرىپ چېنىقىپ ئۆزۈمنى سەگەكلەشتۈردۈم ،ئەمەلىيەتتە بۇ چېنىقىشنىڭ كەيپىياتىمغا ياخشى تەسىرى بار دەپ قارايتتىم .
سۈرەتكە ئېلىش زالىغا كەلگەن ۋاقتىمدا ، مېنى زىيارەت قىلىدىغان رىياسەتچىنىڭ داۋىد(David Asman) ۋە لىزلار (Liz Claman)ئىكەنلىكىنى بىلدىم .بۇ ئىككى رىياسەتچى بولسا،مەن سودا دۇنياسىغا قىزىقىپ كىرگەندىن باشلاپ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان پروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلىرى  بولۇپ مەن  ئۇلارنىڭ قىزغىن  كۆرۈرمىنى ئىدىم . مەن ئۇيەردە سىن ئېلىشنى ساقلاپ تۇرۇپ سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كەتتىم ،بىر تەرەپتىن زىيارەتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتسەم يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيدىكىلەرگە ياكى دوستلۇرۇمغا تېلفۇن قىلىپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم ، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبىم يەنىلا ئۆزۈمنى تىنىچلاندۇرۇش ئىدى.ئەمما بۇلارمۇ كار قىلمىدى .
مەن كامالغا تېلىفۇن قىلىپ :
- ۋاي خۇدا،مەن راستىنلا گاڭگىراپ قالدىم ،ئۆزۈمنى پەقەتلا سەتلەشتۈرۈپ قويغۇم يوق،
ئۆزۈڭنى سەتلەشتۈرۋېلىش!؟ بولدى ئەنسىرمە،بۇ زىيارەتنىڭ ساڭا نىسبەتەن ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ.
-ھەي،نىمە دەيدىغانسەن ،  ئۇ مېنىڭ كېيىنكى ئۆمرۈمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سىن ئېلىش ياردەمچىسى يېنىمغا كېلىپ ماڭا كىچىك تىپلىق مىكروفۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈرەتكە ئېلىش ئورنىغا ئەكىلىپ قويدى.ئارىدا رىياسەتچى بىلەن ئاددىيلا سالاملاشتۇق ۋە ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمنى تۈزۈپ بولغىچىلا سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىپ كەتتى. تۇنجى سوئال ھېلىقى 3يۈز مىليون دوللىرى توغرىسىدا سورالدى.ئەمەلىيەتتە بۇ سۇئال مېنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قويدى. ‹‹سىزنىڭ  ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان  مەبلىغىڭىز قانچىلىك ؟ ئۇچۇقراق ئېيتسام قانچە پۇلىڭىز بار ؟ ›› ، بۇ سۇئال  مېنى  ئۇلار تەرىپىدىن كولدۇرلىتىلىۋاتقاندەك ھىس تۇيغىغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى  .ئەگەر مەن جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلسام ،  مەن ئۇلاردىن  بىر نەرسىلەرنى يوشۇرۋاتقاندەك  تەسىر بېرىپ قوياتتىم ،ئەمما مەن ئادەتتە باشقىلارغا  كۆپ نەرسىلەرنى  ئاشكارلاشنى خالىمايتتىم،نەتىجىدە مەن يەنىلا ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىپ  جاۋاپ بەردىم .
يۈز مىليوندىن ئازراق ئاشىدۇـ دېدىم مەن.
زىيارەتنىڭ كيىنكى ۋاقىتلىرى تولىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى،مەن ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپ ،ئۇلارغا ئېنىق ھەم چۈشۈنىشلىك جاۋاب بەردىم،مەن ناھايىتى تېزلا كامىرانى ئۇنتۇپ كەتتىم ،شۇ چاغدا شۇنداق يەكۈنلىدىمكى،سىز تېلىۋىزىيە  زىيارىتىنى  قوبۇل قىلغىنىڭىزدا، چوقۇم كامىرانىڭ مەۋجۈتلىقىنى كاللىڭىزدىن چىقىرۋېتىپ،پۈتۈن دىققەت -نەزىرىڭىزنى رىياسەتچىگە ھەم ئۇ سورىغان ھەر بىر سوئالغا  مەركەزلەشتۈرەلىسىڭىزلا ، سىزنىڭ ئەركىن ھالدا زىيارەت قىلىنىشىڭىز خېلىلا ئاسانغا توختايتتى .
پروگرامما ئاخىرلىشىپ ئۆيگە قايتىش يولۇمدا،تېلفۇنۇم ئۈزۈلمەي سايراپ تۇردى،ئۇرۇق ـ تۇققان  دوست ـ بورادەرىم تېلفۇن قىلىپ ئىپادەمنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى دېيىشتى.ئۇلار كۆپتۈرۈپ سۆزلەۋاتاتتى،ئەمما كېيىنكى قېتىم بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى قىلالايدىغىنىمغا ئىشىنەتتىم .
بىراق مېنىڭ ئىپادەم ئۆزۈم تەسەۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىلىك ناچارمۇ بولماپتۇ ،چۈنكى،مەن ناھايىتى تېزلا باشقا تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالدىم،كېيىن يەنە فوكىس(Fox) تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نېيل كاۋتو (Neil Cavuto) بىللە زىيارەتتە بولدۇم،(NBC)تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ ‹ئەڭ يېڭى تېخنىكا›پروگراممىسىغا چىقتىم ،(CNBC)نىڭ ‹خەزىنىلەر ئالىمى›پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مېھمىنى بولدۇم.زىيارەت قىلىدىغان پروگراممىنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ مەن تېلۋوزۇردا قانداق سۆزلەشنى يەنى تېلۋىزىيە سۆزلەش سەنئىتىنى ئۆگىنىۋالدىم،مەسىلەن:``ئوقۇشتىن چېكىنىمەن دېگەن ۋاقتىمدا مېنى قوللاپ بەرگەن ئاتا-ئانامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن`` ، ``تۇنجى شىركىتىم مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ مەن ئۇنى غەلبە يولۇمغا تاپشۇرغان ھەق دەپ چۈشىنەتتىم . دېگەنگە ئوخشاش .
`` مەغلۇبىيەت ھەرگىزمۇ تاللايدىغان مەسىلە ئەمەس،سىز چوقۇم نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ قايتىدىن ئالغا ئىلگىرلىشىڭىز لازىم``.``ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ قارارىڭىزنى توغرا دەپ قارىسىڭىز ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلىسە ،ئۇنداقتا خەتەرگە تەۋككۈل قىلىڭ!``  مەنمۇ شۇنداق قىلغان ئىدىم .
يۇقارقى تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى  مەن يەنە ‹قىزىل سېلد بېلىق› (Red Herring)ژورنىلى ،چاس مىللىي بانكىسى ، ئېلان تېخنىكىسى(Ad Tech)قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىدىم  . مەن بۇنداق شىركەتلەردە سۆزلەشتىن تېلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىغا قاتنىشىپ ئۆزۈمنىڭ  كېيىنكى تەرەققىياتىغا يول ئېچىشنى توغرا تاپقان ئىدىم ،  مەن غەيرى مەۋھۈم پروگراممىلارغا ، ئىقتىساد توغرىسىدىكى نومۇرلارغا قىزىققاچقا، لوس ئانگېلېستىكى ئۈچ ۋاستىچى شىركەت بىلەن كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇم.ئەمما مەن بۇ ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن يۈزتۇرانە كۆرۈشىشلەردىن ئىشلارنىڭ مەن ئۈمۈد قىلغاندىكىدەك  ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .بىرىنچى شىركەت  ماڭا تېلېۋىزىيە تىيارتىرى ئىشلەپ بېقىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، بۇ خىل پروگرامما ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۇلاردىن ئۇتۇقلۇق چىققىنىدىن بىرەرسىمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە بۇنداق پروگراممىلارغا قىلچىمۇ  قىزىقىش يوق ئىدى.ئىككىنچى شىركەت مېنى سوپۇن ئوپېرا(Soap Opera) چولپانى قىلىپ قويماقچى بولۇشتى،  بۇمۇ مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئاقىل پىكىر  ئەمەس ئىدى  . ئۈچىنچى شىركەت ــ زىليام مورنسي ۋاكالەتچى شىركىتى بولۇپ ، ئۇلار  بىلەن بولغان  سۆھبىتىم  ناھايىتى ياخشى بولدى.مەن ئۇلارغا ئۆز تۇرمۇش  سەرگۈزەشتەمنى سۆزلەپ بەردىم  ، ئۇلار ماڭا ئىنتايىن قىزىقىپ قالغان ئىدى ،بىز يەنە مىنىڭ ھاياتىم توغرىسىدا  بىر فىلىمنى ئىشلەشنى قارار قىلدۇق .مەن فىلىم ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەرسىز بولساممۇ  ، بىراق  ھەر قانداق ئىشقا تۇتۇش قىلسام  غەلبە  قازىنالايدىغانلىقىمغا ئىنتايىن  ئىشىنەتتىم
سۆھبىتىمىز ئاخىرلىشىش ئالدىدا،شىركەت ۋاكالەتچىسى ماڭا ``بايلارنىڭ سىرى`` دىگەن پروگراممىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ ، بۇ پروگراممىنىڭ  فوكس شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيە تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلەپ كېلىۋاتقان‹‹مۇنەۋەر كىشىلەر››پروگراممىسىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى ، پروگراممىدا تونۇشتۇرۇلىدىغان بايلارنىڭ يەنە بىر يىڭى مۇھىت ئىچىدە ئۆز سالاھىتىنى يوشۇرۇپ ، شۇ يەردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان نامرات كىشىلەرگە ياردەمدە بولىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ھالدا تولۇق سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقىنى   سۆزلەپ  بەردى .
مەن بۇ سەھىپىگە قىزىقىپ قېلىپ ، ۋاكالەتچىگە ماڭا تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈشىنى ئېيتتىم ، ۋاكالەتچى سەل خىجىل بولغان قىياپەتتە :
بولىدۇ،بىراق ،بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئابونىتقا ياردەملىشىپ پۇل تېپىش ئەمما سىز بۇ سەھىپىگە قاتناشسىڭىز بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتىمىزدىن سىرت يەنە خېلى زور چىقىم تارتىشىڭىزغا    توغرا كىلىدۇ
`` سىز پۇل توغرىلىق ئەنسىرەۋاتقان ئوخشىمامسىز ، ئارتۇقچە غەم يىمەڭ ، ياخشى ئىش ئۈچۈن پۇل خەجلىسە ئەرزىيدۇ  ، كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش،ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مېنىڭ ئويلىغان ئىشىم.``
بىر ھەپتىدىن كېيىن،مەن يەنە بىر قېتىم لوس ئانگېلېسقا بېرىپ  `` سىرلىق  بايلار`` سۈرەتكە ئېلىش ئەترىتىدىكى فىلىم ئىشلىگۈچى بىلەن كۆرۈشتىم .ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە سۈرەتچى ۋە ئوپېراتورلارنىمۇ ئېلىپ كەپتۇ،ئۇلار مەندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا بولغان سۆھبەتنى خاتىرلەپ قويۇشقا پىكرىم بار يوقلىقىنى سورىدى،مەن قارشىلىق بىلدۈرمىدىم ،ئەمما بۇ قېتىمقى پاراڭلار مېنىڭ مەخپىي تېمىلىرىم ئۈستىدە بولدى.
-      ھاياتىڭىزدىكى   ئەڭ رومانتىك ئىش قايسى  ؟
-    ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بىر قىز بىلەن  لاسۋىگاستىكى پارىژ كوچىسىغا بارغان،چۈنكى مەن خىزمەتنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنى ئېلىپ پارىژغا ئاپىرىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايتتىم ، لېكىن ......
-    سىزنىڭ  يېقىندا  كۆڭلىڭىز    يېرىم بولۇپ يىغلىۋەتكەن ۋاقتىڭىز بارمۇ  ؟
-    ئاچامنىڭ توي مەرىكىسىدە راستىنلا كۆڭلىم بەك يېرىم بولغان
-    چوڭ باي بولغاننىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى ۋە ئارتۇقچىلىقى نىمە ئىكەن؟
-    ئەركىنلىك.
بىر سائەتلەردىن كېيىن،سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلىشىپ ،ئۇلار مەندىن سىناق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئالماسلىق توغرىسىدا سورىدى.
-    مەن تېخى سىناق فىلىمنى ئىشلەپ بولدۇق دەپ ئويلاپتىمەنغۇ!
-    شۇنداق ،تۇنجى سىناق فىلىم ياخشى چىقتى. ئەمما بىز يەنە كېيىنكى سىناق فىلىمنى سۈرەتكە ئىشلىشىمىز  كېرەك.
سان خوسېغا قايتىش يولۇمدا ،ئۇدۇللا ئانام-دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم .`` قارىغاندا مەن تېلېۋىزۇرغا چىققۇدەكمەن `` دېدىم، ئۇلارغا.`` بۇ تېخى ئېنىق بېكىتىلمىدى،لېكىن  كېيىنكى قېتىملىق سىناق سۈرەتكە ئېلىش ئوڭۇشلۇق چىقسا ئاندىن ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىدۇ`
دادام «كىم سېنى زىيارەت قىلىدۇ؟» دەپ سورىدى.
-ھە !  بۇ دېگەن مەخسۇس زىيارەت ئەمەس بەلكى ھەقىقىي فىلىم .مەن نامرات ئادەم سىياقىدا ياسىنىپ ، ئۆزۈم تونۇمايدىغان،بىلمەيدىغان كىشىلەر بار جايغا بېرىپ ، بىر قىسمى ئادەملەر  بىلەن تونۇشىمەن ھەم ئۇلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ  قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىمەن.
-سەن ئۆزۈڭ تونۇمايدىغان كىشىلەرگە ياردەم بەرمەكچىمۇ؟
-ئەلۋەتتە.
-سەن ، ئۇلارغا پۇل بېرىمەن دېمەكچىمۇ؟
-شۇنداق ، پەرقى يوق !  
-سەن كىمگە قانداق قىلىپ ياردەم بىرىسەن ؟
-مانا بۇ مۇشۇ پروگراممىنىڭ  ئەڭ قىيىن يېرى ، بۇنى ئەمەلىيەت بەلگىلەيدۇ  .
-ئەمما مەن  ئەجەپ بىلەلمىدىم . ئۇلار زادى قانداق ئادەملەر؟ ساڭا بىرەر خەۋپ يىتىپ قالماس ؟
-ئەنسىرىمەڭلار  ، بۇ   سېلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق مۇرەككەپ ئىش ئەمەس ،
-بۇ پىروگىرامما قايسى قانالدا قويلىدىكەن؟
.......
.......
.......
2008-يىلى 30-يانۋار،مىكروسوفت 44 مىليارد دوللار چىقىرىپ ياخونى سېتىۋالماقچى بولدى  . بۇ ئەمەلىيەت تەرەققىيات جەريانىدا  بازاردىكى قوشۇۋېلىش دولقۇنىنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . كېيىن مىكروسوفت ئۆزىنىڭ رىقابەت باھا تەكلىپىنى ياندۇرۋالدى.
بىراق ، بۇ سودا ئەمەلگە ئېشىپ قالغان بولسا ،ياخو بازاردىن يوقايتتى ،ھەمدە ماڭا نىسپەتەن بىر سېتىۋالغۇچى ئازايغان بولاتتى
2-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مېنىڭ ئۆتكۈنچى ۋەزىپەم ئاياغلاشتى ،مەن رەسمىي ھالدا كۆك لىتىيدىن ئايرىلدىم،مەن خىزمەتچىلىرىمگە بىر ئېلخەت  يېزىپ،ئۇلارغا مېنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ، چۈنكى مەن ئەسلىدىنلا  ئۆزۈمنى ئىگىلىك تىكلىگۈچى دەپ قاراپ كەلگەن  ــ مەن  ياخونى ھۆرمەتلەيمەن  ھەم ئۇنى قەدىرلەيمەن  ، لېكىن  14مىڭ خىزمەتچىسى بار بولغان  شىركەتنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە تارمىقىغا باشقۇرغىچى  بولۇش بىلەن  ئۆزۈمگە شەخسى تەئەللۇق بولغان  شىركەتكە باشقۇرغۇچى بولۇش  ئاسمان- زېمىن پەرق قىلىدۇ ، ئۇچۇقراق قىلىپ  دىسەم  مېنىڭ خارەكتىرىم بۇنداق خىزمەت قىلىشقا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ ، مەن  ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى  بىلىمەن  ، شۇڭا مەن ئۈزلۈكسىز ئۆز كەلگۈسىمنى يىڭىلاپ تۇرمىسام بولمايدۇ .
يازغۇچى :گورباكىش چاخال
يوللانغان ۋاقىت:2008-يىلى 25-فېۋرال،دۈشەنبە 12:57(PM)
every@bluelithium.com غا
تىما: كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سەپەر
ياخشىمۇسىلەر،
ھەممىڭلارغا ئايان تۆت يىل بۇرۇن مەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ـــ ئېلانچىلىق ساھەسىگە  قايتىپ كېلىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ئىدىم .ئەنە شۇ تۆت يىلىمغا نەزەر سالىدىغان بولسام كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان شۇ سەپەردە بىز بىر ئۇلۇغ خىزمەت گۇرپىسى قۇرۇپ چىقتۇق،سادىقلىق بىلەن قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ شىركەتنىڭ بۈگۈنىنى ياراتتۇق.ۋاھ! نىمىدىگەن ھەيران قالارلىق تۆت يىل ھە! مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى ،تور ئېلانچىلىق ساھەسىگە قايتىپ كەلگەنلىك مېنىڭ ئەڭ توغرا بولغان قارارىمنىڭ بىرى ئىدى.  
تۆت يىل ئاۋۋال بىزنىڭ ‹ئۈمۈد ئەترىتى› ئۆزىنىڭ قىبلەنامىسى بولغان ‹ئاجايىپ زور تور ئېلانچىلىقى  قۇرۇپ چىقىش ›تەك ئاددىي تەسەۋۇرىمىز  بىلەن سەپىرىمىزنى باشلىغان ئىدۇق.ھەقىقەتەن  تۆت يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى  ئەڭ ياخشى ، ئەڭ چوڭ  تور ئېلانچىلىقى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقالىدۇق .  .شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلىرىمىزدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز، ئۇ بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى.لېكىن بۇ  غەلبىگە ئېرىشىش ئۇنداق ئاسانغا چۈشمىدى،ھەر بىر غەلبىمىز ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدۇق.بىز سەپىرىمىزدە  باشتىن-ئاخىر نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىدۇق ھەمدە ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن يەڭدۇق،بۇ قىيىنچىلىقلاردا بىزنىڭ كۆك لىتىي باشقۇرۇش ھەيئەتلەر ئەترىتى ماڭا كۆپ ياردەملەردە بولدى،بۇ مېنىڭ بەختىم.
بۇ يەردە،مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر بىر باشقۇرغۇچىغا ئۆزۈمنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن،رەھمەت سىلەرگە.
. تىم بروۋن(Tim Brown).  ئەينى ۋاقىتتا پەقەت 23 ياشلىق ئادەتتىكى يىگىتنىڭ ئارزۇسى ۋە مەقسىتىگە ئىشەنچ بىلەن قاراپ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.24/7شىركىتىدىكى خىزمىتىڭىزدىن ۋاز كېچىپ ،قاتمۇ –قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، كۈتكەن نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى كۆرسەتتىڭىز.
. بىل لونېرگەن(Bill Lonergan).سىزنىڭ مەن بىلەن جاپا مۇشاقەتتە ،كۈرەشلەردە بىللە تۇرۇپ ماڭا زۆرۈر پىلانلارنى كۆرسىتىپ ھەر جەھەتتىن ئەسكەرتىپ  تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.سىزنىڭ مول بىلىمىڭىز ۋە تۇمۇش تەجىربىلىرىڭىز ماڭا نىسپەتەن غايەت زور ئىستراتىگىيلىك بايلىق بولدى.
سىكوت كافمان(Scott Kauffman).مېنى ھەر جەھەتتىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ـــــ بولۇپمۇ ھەيئەتلەر يىغىنىدا مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .سىز مېنىڭ ئۇلۇغ ئىتتىپاقدېشىم .

مەن يەنە ‹ئۈمۈد ئەترىتى›گە رەخمەت ئېيتىمەن.ـــــ سىلەر مېنىڭ ئىسپاتچىم ،سىلەر مېنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىمنىڭ گۇۋاھچىسى،بىز ‹ئۈمۈد ئەترىتى› نىڭ پۈتۈن تەرەققىيات باسقۇچىدىكى تىرىك شاھىتلار.
مەن يەنە بىر قېتىم شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پۈتۈن نىيەت –مەقسىتى بىلەن  كۆك لىتىينىڭ غەلبىسى ئۈچۈن  جاپاغا چىداپ تىرىشىپ   كۈرەش قىلغانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى داڭلىق شىركەتتنىڭ بىر قىسمى بولۇش بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز ۋە پەخرىمىز،شان –شۆھرىتىمىز.
ھەممىڭلارغا ئايانكى،مەن خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇرۇن ئۆزۈم قىلىشنى خالىغان ھەم تاھازىرغىچە قىلالماي قالغان ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن .بىراق،مېنى چۈشىنىدىغانلار بېلىدۇ  ،مەن نۇرغۇن  ئىشلارغا   سەۋىر-تاقەت قىلالمايمەن ، مەن تېزدىن ئىلگىرلىمىسەم بولمايدۇ .
كەلگۈسىدە بىز يەنە بىر قېتىم  ھەمكارلىشىدىغان پۇرسەتنى كۈتىمەن! كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
ھۆرمەت بىلەن: گورباكىش چاخال
كۆك لىتىينىڭ قۇرغۇچىسى
ئۇزاق ئۆتمەي‹بايلارنىڭ مەخپىيتى› سۈرەتكە ئېلىشقا باشلاندى.بۇ ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولدى.تا ھازىرغىچە كۈچىمنىڭ بارىچە كىشىلەرگە بولۇپمۇ ئائىلەمگە سېخىي ،ئوچۇق قول بولدۇم .بىراق شۇنداق بىر نۇقتىنى چۈشىىنىپ يەتتىمكى: پەقەتلا سىز باشقىلارنىڭ  قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ   چىقىشىغا  ياردەمدە بولسىڭىزــــ  ئۇ گەرچە سىز كۆرۈپ باقمىغان ناتونۇش ئادەم بولسىمۇ سىز ئۆزىڭىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىسىز .بەلكىم بۇنداق ھىسسىياتنى سىزمۇ بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپ باققانسىز. مەن خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى كەلگۈسى تۇرمۇشىمنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى قىلىش ئىرادىسىگە كەلدىم.
   






  .............................................................................................
   






  





7.مېنىڭ مەخپىيەتلىكىم:
غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان  ياشلارغا 27نەسىھەت
    فىلىم ئىشلىگۈچى باشقا يەرلەردە بىر نەچچە مىليونېرغا ئائت پروگرامما ئىشلەۋاتقان بولغاچقا «سىرلىق مىليونېر»پروگراممىسى 2008-يىلى 12-ئايدىن كېيىن قۇيۇلىدىغان بولدى.
   مەن«ۋېليام مورس»ۋاستىچىلىك شىركىتى بىلەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىم.ئەلۋەتتە،سۆھبەت مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىمغا ئائىت مۇلاھىزىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالاتتى.بۇ مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇچرىشىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى: لوس ئانگېلېسقا بېرىپ ھەرخىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم.نۇرغۇنلىرى مېنىڭ ئويلىغانلىرىمغا قىزىققانىدى.بىراق مەندىكى ئالدىراڭغۇلۇق مېنى بۇنداق ساقلاپ ئولتۇرۇۋېرىشكە يول قويمىدى. شۇڭا مەن كېيىنكى يېڭى شىركىتىمنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلدىم.
  بۇ چاغدا مېنىڭ ياخو شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان رىقابەتلەشمەسلىك كېلىشىمنامەم يەنىلا كۈچكە ئىگە بولغاچقا، ئۆزۈمنى ئېلانچىلىق ساھەسىدىن تارتىشقا توغرا كەلدى، بۇ مېنىڭ ئىشلىرىمغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىدى. ئېلانچىلىق ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. 2008-يىلنىڭ بېشىدا،ئاخبارات ۋاستىلىرى گوگۇل شىركىتى ئېلانىنىڭ چىكىلىش قېتىم سانىنىڭ ئۆسۈشتىن توختاپ ،پايچېكى باھاسىنىڭ 3/1ى چۈشۈپ 750دوللاردىن 460 دوللارغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ئانالىزچىلار بۇنى ئېلانچىلىق كەسپىنىڭ سۇسلاپ كېتىشى ھەمدە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىدى.
  3-ئايغا كەلگەندە،گوگۇل شىركىتى1مىليارد300مىليونغا DoubleClickشىركىتىنى سېتىۋالدى.بۇ سودىدىن كېيىن شىركەتنىڭ پاي باھاسى %6ئۆرلىدى.لېكىن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتمىگەن بولسىمۇ، گۇگۇل شىركىتى يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن 40 مىليارد قىممىتىدىكى مۇقىم تېكىست شەكلىدىكى ئېلان بازىرىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى .شۇ سەۋەپلىك ئاخبارات ساھەسىدە، ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ شەخسكە ئائىت زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى يىغىشىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئارقا –ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. مېنىڭچە بۇ بىرتەرەپلىمە كۆزقاراش ئىدى.چۈنكى  ئېلان شىركىتىنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ شەخس توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاش ئەمەس، بەلكى-پۇل تېپىشتۇر.مانا بۇ كاپىتالىزىم،تىپىك كاپىتالىزىم ئىدىيىسى.
  بۇ گۇگۇل ئۈچۈن جاپالىق بىر مەزگىل بولدى.
  2008-يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ۋول كوچىسىWallStreet) )دا ئارانلا 5شىركەت بازارغا چىقتى.ھالبۇكى ،2007-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا بازارغا چىققان شىركەت31غا يەتتى.ئەھۋال بارغانسېرى يامانلىشىپ،  ئاخىرى ئىقتىسادىي كىرزىس كەڭ كۆلەملىك پارتلىدى.تۇرالغۇ مۈلۈككە ئىگە ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە%18ى پاسسىپ مۈلۈك ھېساپلىناتتى. ئۇندىن باشقا نېفىت باھاسى ئۆرلەپ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى.ئەكسچە پايچېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ كەتتى. مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ ،دوللارنىڭ پېرىۋوت قىممىتى ئۈزلۈكسىز چۈشتى.بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن كىشىلەر ھەرخىل كۆزقاراشتا بولدى.بەزىلەر«بىز بىر قېتىملىق ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىمىز»دېسە،يەنە بەزىلەر«بۇ بىر قېتىملىق چوڭ ئىقتىسادىي چىكىنىشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ»دەپ قاراشتى.ئەپسۇسكى ،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرزىسقا قوللانغان تەدبىرى ھېچبىر ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى.
مەن ھازىرقى شارائىتتىكى ئاددىي بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ئەرزان باھالىق مالغا ئەڭ مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم-دە، مەخسۇس مال ساتىدىغان تور پونكىتى قۇرۇپ ،خېرىدارلارنى يېڭىچە توردا كۆچمە مال سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدۇم. مېنىڭ بۇ ئويۇم ئۇلارنىڭ پۇل تېجەش ئارزۇسىنى تامامەن قاندۇرالايتتى.
  ھېچبىر ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەستىنلا مېنىڭ كاللامدا Gwallet دېگەن نام ئەكس ئەتتى.
  2008-يىلى 3-ئايدا مەن تۇنۇيدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاپ ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر شىركەت قۇرماقچى بولغانلىقىمنى ،شۇسەۋەپلىك مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەش ئېھتىماللىقىمنى ئېيتتىم. مەن  ‹‹بىز كۆرۈشۈپ پاراڭلاشساق قانداق ؟قاچان ۋاقتىڭىز بار؟››دىگەنلا جاۋابقا ئېرىشتىم.
  ئىككى ھەپتە ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن جەمئىي 20قېتىم سۆھبەتلەشتىم. ھازىر مەن  ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينالمىغاچقا يالغۇز قىلىشنى قارار قىلدىم. بولمىسا مەبلەغ سالغۇچى تاپسام شىركىتىمنىڭ كۆپ قىسىم پاي ھوقوقىنى خەققە قوش قوللاپ سۇنۇپ بەرگەن بولىدىكەنمەن.( كۆك لىتىي شىركىتىگە سېلىنغان 1مىليون500مىڭ دوللار مەبلەغ ئېسىڭىزدىمىكىن،بىز ئۇ پۇلنى ئەسلا ئىشلەتمىگەن ئىدۇق،لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار قىسقىغىنە 3يىل ئىچىدە 100مىليون پايدا ئالدى.بۇ نېمىدىگەن سېخىيلىق ھە!). مەن شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە، ئەڭ ياخشىسى Gwallet قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن ئاندىن مەبلەغ سالغۇچى قۇبۇل قىلىشنى قارار قىلدىم.بۇنداق بولغاندا مەن قىسمەن پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەبلەغقە ئىگە بولالايدىكەنمەن.بۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر ئاقىلانە تاللاش بولغانىدى.
  5-ئاينىڭ 2-كۈنى خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش لېنىيىسىدە شىركىتىمگە ئائىت بىر خەۋەر ئېلان قىلدى،خەۋەردە مېنىڭ سۆزۈمنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، Gwallet شىركىتى قۇلايلىق بولغان بىر تور ماگىزىنى قۇرۇش ئارقىلىق سىزنىڭ چىقىمىڭىزنى يەڭگىللەتمەكچى، دېيىلگەنىدى. مەن ئۇلارغا شىركەتنىڭ يېقىندا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ،ھەمدە مېنىڭ بۇ شىركەتنىڭ ئىستىقبالىغا تۇلۇق ئىشەنچەمنىڭ بارلىقىنى ،ئەگەردە يېڭى شىركىتىمنىڭ ئۇتۇقىنىڭ كۆك لىتىي شىركىتى ئۇتۇقلىرىدىن ئېشىپ  چۈشىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمىگەن بولسا بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ تۇتۇش قىلمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
  5-ئاينىڭ 13-كۈنى ،يەنى مەن Gwallet شىركىتىنى قۇرۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە «ھوللىۋود دوكلاتى»دا فوكس تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا تارقىتىلىدىغان بىر يۈرۈش پروگراممىلىرى ئېلان قىلىندى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «سىرلىق بايۋەتچە»پروگراممىسىمۇ بار ئىدى.  
«بىز كوچىدا ئاشۇنداق بېشىنى تىققۇدەك ئۆيىمۇ يوق كىشىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا،ئارىمىزدىكى قانچىلىك كىىشىلەر بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ تەمىنى ھېس قىلالايدۇ؟»فوكس شىركىتىنىڭ بىر كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى مەك.دارنىل مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل تۇرمۇشنى پۇلدارلار ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ،شۇڭا بۇ بىر ناھايىتى ئاقىلانە ۋە ئۆزگىچە پىلان بوپتۇ.».
  «سىرلىق مىليونېر» پروگراممىسى 2008-يىلى 12-ئايدا قويۇلىدىغان بولدى.دەل شۇ مەزگىللەردە ،مېنىڭ تۇيۇقسىزلا بازىرىم چىقىپ كەتتى.ھوللىۋود فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. « سىزبويتاق تۈرىدىكى پروگراممىغا قاتنىشىشنى خالامسىز؟»،« سىزنىڭ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسىچىلىك ئەقلىڭىز بارمۇ؟»،«پروگراممىسىنىڭ چولپانلار سەھىپىسىگە قاتناشقۇڭىز بارمۇ؟»،«سىز چولپانلار بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا  قىزىقامسىز؟».
  مەن ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپنى كۆرىۋېتىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم،شۇ زامانلا ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا مېنى زىيارەت قىلغان بىلنىڭ بىر جۈملە گېپى ئېسىمگە كەلدى:
- ماڭا بىر ئىشتا ماقۇل بۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،دېدى ئۇ ،-چولپانلار بىلەن ئۇسسۇل ئويناش  پروگراممىسىغا قاتناشماڭ.
-بولىدۇ،مەن ماقۇل بۇلاي.
-چۈنكى سىزنىڭ ئۇ پروگراممىغا قاتنىشىشىڭىزنى ،سىزنىڭ كەسپى ھاياتىڭىزدىكى چوڭ بىر خاتالىقىڭىز بۇلۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن،-دېدى تولۇقلاپ.
  كەسىپ ؟ مېنىڭچە مەن ئاللىقاچان ئۆز كەسپىمگە ئېرىشتىم .مەن ئالدى بىلەن بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى.بىراق،مەن ئۆزۈمگە ھەرقانداق شەكىلدىكى جەڭ ئېلان قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار.مەن ئويلايمەن ھاياتلىق پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلىشى كېرەك،مېنىڭ تۇرمۇشۇممۇ ھەم شۇنداق.
  2008-يىلى يازدا مەن بىر تەرەپتىن ھوللىۋودتا پۇرسەت ئىزدىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى شىركىتىم Gwallet نىڭ سودا شەكلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم .ھەرقېتىم مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغىنىمدا ئىختىيارسىز كۆك لىتىينى قۇرغاندىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ قالىمەن ، بۇ جەرياندا توپلىغان تەجرىبە-ساۋاقلىرىم يادىمغا يىتىدۇ.مەن شۇ ساۋاقلارنىڭ بىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. مەن ئېرىشكەن يەكۈنلىرىمنى  كېيىنكى كەسپى ھاياتىمغا تەدبىقلاشنى لايىق تاپتىم.
تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى:
1.قەلب سادايىڭىزغا قۇلاق سېلىڭ .ئېنىقكى ،ھەممىمىز مەلۇم بىر كەسىپ ياكى خىزمەتنى قىلىشنى ياقتۇرىمىز ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ قەلبىمىز تەبىئىي ھالدا شۇ خىزمەتكە مايىل بولىدۇ.شۇڭلاشقا ،سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلارنى بايقاشنى ياكى ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياقتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.
2.ئالىيجانابلىقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ.مۇۋەپپەقىيەت غەلبىگە بولغان ئىنتىلىشتىن بارلىققا كېلىدۇ.شۇڭا سىزدە باشتىن-ئاخىرى غەلبىگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش( ئېچىرقاش) ھېسسىياتى بولسۇن،ھەر ۋاقىت يېڭىشنىلا ئويلاڭ.مانا بۇ كەم بولسا بولمايدىغان بۈيۈك روھ.راستىنى ئېيتقاندا،كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا نەتىجىدۇر، ئامېرىكىلىق قورغان توپ تېرنېرى ۋىس لومباد ئېيتقادەك «غەلبە ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ بىراق ئۇسىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايدۇ»(«غەلبىنىڭ ئۆزى ھەممە ئەمەس، بىراق غەلبە سىز مۇھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى  بېرەلەيدۇ.»)
  3.پوزىتسىيىڭىزنى توغرىلاڭ . توغرا پوزىتسىيە بولمىسا غەلبىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىڭىزگە قەتئي ئىشىنىڭ ۋە تەلۋىلەرچە قىزغىنلىقنى ساقلاڭ.ئەگەر غەلبىڭىزسىزمۇ سىزگە ئىشىنىدىغان ئادەم بار دېيىلسە ئۇلار پەقەتلا ئاتا-ئانىڭىزدۇر،چۈنكى سىزنىڭ تەلىيىڭىز داۋاملىق ئوڭدىن كېلىۋەرمەيدۇ .ئەگەر ئۆزىڭىزگە ھەقىقى ئىشىنەلمىسىڭىز مېنىڭ نەسىھىتىمنى ئاڭلىشىڭىزنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق.
  4.ئۆز ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بايقاڭ. ئارىمىزدىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا تالانت ئىگىلىرىدۇر. شۇڭا بىز چۇقۇم ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىزنى توغرا بايقىشىمىز ۋە جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن: سىز ۋاسكېتبولغا ئالاھىدە قىزىقسىڭىز، لېكىن بوي ئېگىزلىكىڭىز cm160غا يەتمىسە سىزگە بېرىدىغان مەسلىھەتىم:سىزنىڭ بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىش ئېھتىماللىقىڭىز ناھايىتى تۆۋەن.
  5.بىۋاستە سەزگۈڭىزگە ئىشىنىڭ. ئادەم دېگەن ئاجايىپ مۇرەككەپ جانلىق (مەخلۇق). بەزى ۋاقىتلاردا كىشىدە بىر خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئالاھىدە تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بۇ خىل تۇيغۇ توغرا بولۇپ چىقىدۇ.شۇڭا بىۋاستە سەزگۈڭىزگە بولغان ئارتۇقچە گۇماننى توختىتىڭ. قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى سىز («مەن») سىزگە يول باشلىماقتا.
  6.ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىڭ. ھەرقانداق بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىشتىن ئاۋۋال،نېمە قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇڭ. قارىغۇلارچە ئىش قىلىش ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، سىز گە غايەت زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
  7.ئىقتىسادچىل بۇلۇڭ. سىز پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ئۆز قىممىتىڭىزنى ئسپاتلىسىڭىز بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ھەشەمەتلىك كېرىسلو قويۇلغان زامانىۋىي ئىشخانا بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز مۇۋەپپىقىييىتىڭىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.ھەرقانداق ئىشتا ئېھتىياجىڭىزنى چىقىش قىلىڭ.ئىسراپچىلىققا قەتئى يول قويماڭ.
  8. تەكلىپ قىلغان خىزمەتچىلىرىڭىزگە كۆزى كىچىكلىك قىلماڭ. چۇقۇم مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا ئەڭ مۇۋاپىق كىشىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ، ئاندىن ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاساس قىلىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدىنمۇ كۆپرەك ئىش ھەققى بېرىشكە تىرىشىڭ. ئەلۋەتتە،ھەممەيلەن تالانت ئېگىلىرىگە قىزىقىدۇ،سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز دەل مۇشۇ تالانت ئېگىلىرىنى بايقاپ چىقىش ھەمدە ئۇلارنى شىركەتتە ئېلىپ قېلىپ خىزمەت قىلدۇرۇش.
  9.ئۆزىڭىز تاپالىغان ئەڭ ئەقىللىق ئادەملەرنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.ئەقىللىق ئادەملەر بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇمكىن. چۈنكى،ئەڭ ياخشى مۇزىكانتلار بولغان ئوركىستىرلا ئەڭ بۈيۈك سىمفونىيەلەرنى ئورۇنلاپ چىقالايدۇ .
10.ئۆزىڭىز ياكى باشقىلاردىن قەتئي نۇقسانسىز بولۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالماڭ.بىراق مۇكەممەللىكنى مەڭگۈ ئۆزىڭىزنىڭ نىشانى  قىلىڭ ھەمدە باشقىلارنىمۇ شۇ نىشانغا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ.
  11.باشقىلارنىڭ پىكىرىگىمۇ  قۇلاق سېلىپ قويۇڭ.ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز كۆزقارشى ھەمدە ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ھوقۇقى بولىدۇ.بەزى خاتا بولغان قاراشلار سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشىڭىزگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن،سىز دىققەت قىلمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى سەمىڭىزگە سالىدۇ.  بىراۋنىڭ پىكىرى گەرچە سىز بىلەن بىردەك بولمىسىمۇ باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ قويۇڭ،ھەمدە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.بىراق ئاخىرقى قارارنى يەنىلا ئۆزىڭىز چىقىرىڭ.
  12.خاتالىقىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىڭ.سىز چىقارغان ھەرقانداق قارار ،مەيلى ئۇ باشقىلارنىڭ خاتا كۆرسەتمىسىدىن كېلىپ چىققان بولسۇن ياكى بولمىسۇن،ئۇ يەنىلا سىزنىڭ قارارىڭىز.ياخشى نىيەتلەر ئۈچۈن سەۋەنلىكلەرنىڭ ئۆتۈپ تۇرىشى نورمال ئىش.بىراق سىز باشقىلارنى ئۆز خاتالىقىڭىزنىڭ قۇربانى قىلماقچى بولسىڭىز ،ئۇھالدا سىز ھەقىقي خاتالاشقان بولىسىز.
  13.ئەخلاقنى مەڭگۈ ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭ.ئىش بىجىرگەندە ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىڭ .ئەخلاقنى پايدا-مەنپەئەتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەڭ.
  14.ھەردائىم ھۇشيار بولۇڭ. بەلكىم سىز كۆڭۈل ئېچىۋاتقان پەيتتە ، رەقىبىڭىز سىزدىن ئېشىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقان بۇلىشى ھەتتا سىزدىن ئېشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن .شۇڭا بىر ئىش سەمىڭىزدە بولسۇنكى:سىز مەڭگۈ غالىب ئەمەس.
  15. ئارقىڭىزدىن پەخەس بولۇڭ. ھەردائىم قۇلاق تۈۋىڭىزدە "كەينىڭدە خەتەر بار"دېگەن  سۆز جاراڭلاپ تۇرسۇن.
  16.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.سۆرەلمىلىك مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىشىدۇر.ئەگەر سىز ۋاقىتلىق غەلبىگە قانائەتلىنىپ ،ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىمىسىڭىز ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسىز.
  17.ئۆزىڭىزگە ئەڭ يۇقىرى تەلەپنى قويۇڭ.شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى«ئادەتتىكىچە»ياكى «نورمال»دېگەنلەر مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئۆلچىمىدۇر.
  18.ئاتاقلىق كومىدىيە يازغۇچىسى جىم.دۇرانتنىڭ بىر جۈملە سۆزىنى سىزگە ھەدىيە قىلاي«ھەرقاچان ياخشى مۇئامىلىدە بول،چۈنكى سەن كىشىلەر بىلەن ئۇتۇق قازانغاندىلا ئەمەس  مەغلۇب بولغاندىمۇ بىرگىدۇرسەن.»
  19.سۆھبەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ .كىشىلەر دائىم ئۆزىدە يوق نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.شۇڭلاشقا ،ئەگەر سىز باشقىلاردىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلغۇچى سالاھىيتىدە تۇرۇپ سۆھبەتلەشسىڭىز ،قارشى تەرەپكە بويسۇنماقتىن ئۆزگە چارە يوق. سىز باشقىلارغا ئەمەس باشقىلار سىزگە موھتاج بولسۇن.
  20.ھەرقانداق ئېھتىماللىققا قارشى تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ.بەلكىم سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز ناھايىتى ئەتراپلىق بولغاندۇر،بىراق جاھاننىڭ ئىشلىرى سىز ۋە بىزنىڭ ئەقلىمىزگە كىرىپ چىقمىغان تاسادىپىيلىقلار بىلەن تولغان .سىز ھېچ بولمىغاندا تۇيۇقسىز كەلگەن بىر مۇشتنىڭ زەربىسىدىن يىقىلىپ چۈشمەسلىكىڭىز لازىم.
  21. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى:ئۇقۇمنىڭ ئۆزى ئەمىلىيەت. كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى ھەقىقي  ئەھۋالغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا سىز كىشىلەر كۆرمەكچى بولغاندىنمۇ ياخشىراقىنى كۆز ئالدىغا زاھىر قىلىشىڭىز، شۇنداقلا  ئاڭلىماقچى بولغاندىنمۇ ياخشىراقىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشىڭىز كېرەك.
22.ھېسياتقا بېرىلمەڭ.ئىش قىلغاندا ھېسياتىڭىزنى ئەقلىڭىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ تۇرىۋالماڭ.  23.قەيسەربولۇڭ.غەلبە قاتمۇ-قات مەغلۇبىيەت بىلەن قورشالغان؛غەلبە قازىناي دېسىڭىز مەغلۇپ بولۇشتىن قورقماڭ.
  24. جەڭ مەيدانىڭىزنى ياخشى تاللاڭ.جەڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ.غەلىبە نىشانىڭىز بىلەن  مۇناسىۋىتى بولمىغان كىچىك توپىلاڭلار ئۈچۈن زېھنىڭىزنى خوراتماڭ.چۈنكى سىزنىڭ مەقسىتىڭىز كىچىك توپىلاڭلارنىڭ غەلىبىسى بولماستىن، بەلكى جىمىكى ئۇرۇشلارنىڭ نۇسرىتىدۇر.
  25. يۈزىڭىز مۇۋاپىق دەرىجىدە قېلىن بولسۇن،كىشىلەر ھەردائىم ئىقتىدارىڭىزدىن گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار ھەتتا ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانمىغىچە بولدى قىلمايدۇ.شۇڭلاشقا ئۆسەك گەپلەرگە قۇلاق سالماي تىرىشىۋىرىڭ،شۇندىلا  ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.( شۇندىلا غەلبە مېۋىسىنى بىمالال تىتىيالايسىز).
  26.يۈرەكلىك بولۇڭ.خەتەرسىز غەلبە مەۋجۇت ئەمەس.بىراق خەتەرگە ھېسسي تەۋەككۈل قىلماستىن ئەقلى تەۋەككۇل قىلىشىڭىز كىرەك.پەقەت ئەخمەقلەرلا «يولۋاس» ۋۇدسنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويىشىغا دو تىكىدۇ.ھالبۇكى ئۇلار بۇ دونى تىككەندە ئاللىقاچان ئۇتتۇرۇپ بولغان بولىدۇ.
  27. ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىڭ.  ئۆزىڭىزنى غالىپلارغا ئايلاندۇرۇڭ؛ ئىشەنچىڭىزنى مەڭگۈ يوقاتماڭ، چۈنكى رىم شەھىرى بىر كۈندىلا پۈتكەن ئەمەس.
  غەلبىنىڭ جېنى يەنىلا نەتىجىدە.مۇۋەپپىقىيەت غايە ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.
سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقىڭىز سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشنى تېپىپ، شۇ ئىشنى باشقىلاردىن ئاشۇرۇپ قىلىش قىلالماسلىقىڭىزغا باغلىق.يادىڭىزدىمىكىن ،مەن قانداقتۇر بىرەر يېڭىلىرق كەشىپ قىلمىدىم.بەلكى ئۆز تەسەۋۇرۇم ۋە ئىقتىدارىمنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ئىشنى بايقاپ چىقتىم -دە شۇنى باشقىلاردىنمۇ ياخشى قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپتىم.مېنىڭ قىلغىنىم پەقەتلا مۇشۇ.ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ باقمىدىم.
  مەن كەسپىمنى سۆيىمەن ھەمدە ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.مەن يېڭىلىققا ئىنتىلىمەن .ئۇتۇش -بايلىق دىمەكتۇر.بىراق ئۇ بىر پۈتۈن غەلبىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،غەلبە مىنىڭ ھاياتىمنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىناتتى.
  سىز كەلگۈسىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىسىز .ھەتتا نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولىسىز .بۇنداق ۋاقىتتا سىز چۇقۇم قەددىڭىزنى رۇسلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىڭىز لازىم.مانا بۇ ھاياتلىقتىكى غەلبە  قازىنىشنىڭ
  يىقىلسىڭىز ،يەنە ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ!
   مەن بۇ مەخپىيەتلىككە ئىشىنىمەن.چۈنكى مەندەك بىر ئاددى ئىنساننىڭ ئەمىلىيىتى بۇنى ئىسپاتلىدى.
  بۇ دەل مېنىڭ  كىتابىم ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزمەكچى بولغان ھەقىقەت.ئەمىلىيەتتە، ئەخلاقنى قۇربان قىلماي تۇرۇپلا ئۇتۇق قازىنىش تامامەن مۇمكىن.پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىڭ،ھۇشيار ،جاسارەتلىك بۇلۇڭ،يېقىلغان يەردىن تۇرۇشنى بىلىڭ. شۇندىلا سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ھەرگىز بىكار كەتمەيدۇ.




تامام  !



--------------------------------------------------

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 12:01:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[i]كىتاپ پات ئارىدا نەشىر قىلىنىدۇ   . شۇنداقلا كېيىنكى  ھەر بىر تەرجىمە ئەسىرىمىز ئالدى بىلەن توردا  تورداشلارنىڭ باھاسىغا قويۇلۇپ  ئاندىن نەشىرياتقا بىرىلىدۇ   !  تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى  چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز  !  

ھۆرمەت بىلەن   : ئۈمۈد  تەرجىمە گۇرپىسىدىكى بارلىق ئەزالاردىن .

مەردان يىگىت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 1826
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16808
تۆھپە نۇمۇرى: 1244
توردا: 6577 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 02:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغۇچىلار بەرىكەت تاپىدۇ.سىلەر تولىىمۇ ياخشى ئىش قىپسىلەر.ئىرادىسىز،غايىسىز، ئىجابى تەپەككۇرسىز،ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلمىگەن،ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمىگەن،كۈنلىرىنى ئويۇن تاماششا بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلارغا سىلەرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.باشلىغان ئىشىڭلارنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ توختاڭلار.

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6617
تۆھپە نۇمۇرى: 844
توردا: 3683 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 05:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرت ئۆزى يۇمشاق بولغىنى بىلەن ئۆزىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قاتتىق بولغان دەرەخ ياغىچىنى تېشىۋېتەلەيدۇ.....

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5773
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3729 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 06:57:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«غەلبە ھەممىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ بىراق ئۇسىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايدۇ»(«غەلبىنىڭ ئۆزى ھەممە ئەمەس، بىراق غەلبە سىز مۇھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى  بېرەلەيدۇ.»)

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

مېنى يىغلىغىلى ق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64949
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 673
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 717 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 07:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!

ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلنىپ بولغان، ئىجرا قىلنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش