مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jahankuz

25 يېشىمدا 300 مىليۇن دوللار تاپتىم ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئويلانماقتىمەن..

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 24065
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5966 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 05:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2- بابقا كەلدىم. داۋامىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك.
1- بابنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بىر جۈملىدە ئاۋۋال «ئاللا» دېيىلىپ  كەينىدىلا «پەرۋەردىگار»  دېيىلىپتۇ.  ئىككىلىسى ئوخشاش ئاتالسا مۇۋاپىقمۇ يا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69164
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتابنى سېتۋېلپلا ئوقاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈچىنچى باپ

  

ئون سەككىز ياشتا 40 مىليۇن ئامرىكا دوللىرى تاپتىم

  



1999-يىلى يېتىپ كەلدى. كرىمىنى جىلغىسى يەنىلا  com دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن قىزغىنلىققاچۆمگەنىدى. ۋال سترېت كوچىسى ئىلگىركىدەكلا ئاۋات بولۇپ، NASDAQ پايچېكى كۆرسەتكۈچىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. تەۋەككۈلچى كاپىتالىستلار بۇرۇندىن تارتىپلا نۇرغۇنلىغان مەبلىغىنى ئەمدىلا بازارغا كىرگەن بارلىق قىممىتى ھەر تەرەپتىن ئالاقە تورىغا مەھكەم باغلىنىپ تۇرغان كىچىك كارخانىلارغا سېلىۋاتاتتى.شۇڭلاشقا ھېلىلا مەكتەپتىن ئايرىلغان بالىدا ئازراقلا تەسەۋۋۇر بولسىلا ناھايىتى تىز مىليونېرغا ئايلىنالايتتى. سودا شەكلى تەستىقتىن ئۆتمىگەن شىركەتلەر يەنىلا ipo (يىڭى پايچېكى تارقىتىش )ئۇيۇنى ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاي باھاسىنى تەلۋىلەرچە ئۆستۈرۈشىنىڭ يېڭىچە com ئۇقۇمىدىن پايدىلانغانلىقتىن ئۆزگە ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىدى. بىراق ھەرقانداق ئادەمنىڭ ناھايىتى تىز چوڭ ئىش قىلىشىنى تامامەن تەسەۋۋۇر قىلىشقا بۇلاتتى،چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن سوممىدىكى قول ئۇزارتىشقا بولىدىغان ،تەۋەككۇلچىلارنىڭ خەتەرلىك مەبلىغى بار ئىدى.بىراق بۇ يېڭى شىركەتلەر ئىچىدىكى بەزى بىر قىسمى باي بولالىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى ۋەيران بولغان ئىدى.ھەتتاكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنى سىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇپ ،پەقەت ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى سىزدە ئازراق  تەسىرلەرنى قالدۇرالىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەسلەن: com.pets ، com.flooz، com.kozmo، com.etoys، com.webvan، com.boo.....دىگەندەك ۋەيران بولغان com شىركەتلىرى ھەققەقەتەنمۇ ساناقسىز ئىدى.
لېكىن بىر نوقتا Click Agents بىلەن بۇ مەغلۇبىيەتچىلەرنى ئايرىپ تۇراتتى. ئۇ بولسىمۇ: بىز ھەقىقەتەن پۇل تاپالىدۇق، بىزنىڭ مۇلازىمىتمىز كەم-كۈتىسز بولۇپ، ھېچقانداق ئىسلاھ قىلىشقا موھتاج ئەمەسمىز،دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
2000-يىلى 1-ئاي مەن شىركىتىمنى قۇرىغىلى تېخى بىر يىل بولمىغان چاغ.
بىر كۈنى مەن نيويورۇكتىكى بىر تەۋەككۈلچى بانكىردىن كەلگەن تېلفۇننى قۇبۇل قىلدىم ، ئۇ تىلفۇندا:« مەن ClickAgents نىڭ سودىسنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكنى ئاڭلىدىم ، سىز شىركەتنى سېتىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟»دەپ سورىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كىشى مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن نيويوركتىن ئايرۇپلانلىق  يېتىپ كەلدى.مەن ھەقىقەتەن ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتىم.چۈنكى مەن شۇ چاغدا ئاران 17 ياشتا بولۇپ،  بۇرۇت-ساقاللىرىم مېنى يېشىمدىن خېلىلا چوڭ قىلىپ كۆرسىتەتتى ،شۇنداقلا مەن يەنىلا سېك سەللىسى كىيىۋالغان بولۇپ ئۇنىڭغا غەيرى تەسىر بېرىپ قۇيۇشتىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتىم . لېكىن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدىن بۇنداق ئالامەتلەرنى بايقىمىدىم.ئەگەر بار دىيىلگەندىمۇ ئۇ تامامەن يوشۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يەنە ماڭا:«مەن ClickAgents نى  ئېلىش ئېھتىمالى بولغان  كارخانىلارنىڭ تىزىملىكنى تۈزۈپ چىقاي. ئاندىن بىز بىرلىكتە مۇۋاپىق خېرىداردىن بىرنى تاللاپ 100مىليۇن دوللار ئەتراپىدا سېتىۋىتەيلى. »دېدى.
مەنمەنچىلىك قىلغىنىم ئەمەسكى ، بۇ ھەقىقەتەن ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا ئىدى. دەرۋەقە باشقا كۆپلىگەن ھېچقانداق پۇل تېپىش ئىقتىدارى بولمىغان، com تارىخىدىكى ئەبجەق شىركەتلەرنىڭ باھاسىمۇ بۇنىڭدىن يۇقىرى ئىدى. شۇڭا بۇ باھانىڭ ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق ئىدى. مېنىڭ شىركىتىمگە بېرىلگەن باھا ئۇنىڭ مۇلازىمىتى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ۋە ياراتقان پايدىسىغا ئاساسەن بېرىلگەن ئىدى.شىركىتىمدە باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاش پايدا ئېھتىماللىقى دىگەندەك تەلەي مەسىلىلىرى ئاللىبۇرۇنلا ھەل قىلىنىپ بولغان بۇلۇپ مېنىڭ ئاساسىم خېلىلا مۇستەھكەم، قىلىۋاتقىنىم بولسا ھەقىقەتەن پايدىسى كۆپ بولغان مۇلازىمەت شەكلى ئىدى.
بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ، ھېلىقى مەبلەغ سالغۇچى بانكىر مېنى نيويورۇكقا بېرىپ Double Click  يەنى مېنى مۇشۇ ساھەگە باشلاپ كىرگەن شىركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇرۇنلاشتۇردى. كۆرۈشۈشنى ئويلىساملا، ئازراق جىددىيلىشەتتىم. شۇڭا مەن بۇ يىغىنغا مېڭىش جەريانىدا ئۆزۈمنى ھېچنىمىدىن قورقمادەپ ئەسكەرتىپ تۇرماقتا ئىدىم، بۇ بىر نوقتا تىجارەت سورۇنىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،ئەگەر سىز ئازراقلا ئاجىزلىقىڭىزنى چاندۇرۇپ قويسىڭىز ، قارشى تەرەپ بۇنى بايقىۋالىدۇ-دە، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە سىزنى تامامەن ھالاكەتكە ئېلىپ بارالايدۇ. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۈستۈن ئورنىنى ساقلىغان ھالەتتە سۆھبەتلىشىشىڭىز كېرەك ،شۇڭلاشقا مەن« ئۇلار سىزنى ئىزدىگەنىكەن چوقۇم سىزگە ئېھتىياجلىق» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە مەدەت بىرەتتىم.
يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئۇلارنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالىي ئىشخانا بويۇملىرى بار بولۇپ، ئىشخانىسىدىن خودسون  دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرسنى كۆرگىلى بولاتتى. بىنانىڭ ئۆگزىسىدە يەنە بىر ۋاسكىتبول مەيدانىمۇ بارئىدى. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ھەشەمەتلىك بولۇپ بىزنىڭ سان-خوسېدىكى ئىشخانا بىلەن ناھايىتى روشەن سېلشتۇرما ئىدى. بۇ ھال مېنى يەنىمۇ جىددىلەشتۈرىۋەتتى. ئەمما يىغىن ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلدى .يىغىندىكى بىرمۇ ئادەم مېنىڭ سىرتقى قىياپىتىمدىن خاتىرجەمسىزلەنگەندەك قىلمايتتى. سۆز قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە ئۇلار ئىنتايىن دىققەت بىلەن ئاڭلىدى. مەن ئۈنۈمنى ئاساس قىلىدىغان سودا شەكلىدىن تارتىپ شىركىمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان كىرىم ئىقتىدارىغىچە دوكلات بەردىم .
مەن ئۇلارنىڭ  ھەشەمەتلىك ئىشخانىسدىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىمدا، چۇقۇم ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىمغا ئىشەندىم.
لېكىن مەن سان خوسېغا بارماي تۇرۇپلا ئەھۋال ئايدىڭلاشتى.  DoubleClick ،ClickAgents نى ئالمايدىغان بولغانىدى. لېكىن ئۇلار بىز بىلەن يەنە بىر توربەت شىركىتىدىكىلەرنى كۆرۈشۈشكە ئۇرۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، مەن لوس-ئانگېلېسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن تاكسى توسۇپ، valueclick شىركىتىنىڭ غەربىي كۆل كەنتىگە جايلاشقان ئىشخانىسىغا قاراپ يول ئالدىم . چۈنكى مېنىڭ يېشىم كىچىك بولغاچقا ماشىنا ئىجارىگە ئالالمايتتىم.مەن ئۇلارنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جېم زاري ۋە ئىككى-ئۈچ ئالىي درىكتورلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم.ئۇلارنىڭ ئىچىدە سام پەسلىيمۇ بارئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە بىرئاز ئوڭايسىزلاندىم، چۈنكى  مەن  چوقۇم شىركىتىمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشىم كېرەك بولغاچقا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشىمغا ھەمدە كۈچىمنىڭ بارىچە شىركەتنىڭ سودا شەكلىگە ئائىت سۆزلەرنى كۆپ قىلماسلىقىمغا توغرا  كەلگەن ئىدى.ئەمما مەن ئۇلارنىڭ نېمىنى ئاڭلىماقچى بولغىنىنى بىلەتتىم.مەن ئۆزۈمنىڭ مەيدانىدا تورۇپ ئويلاپ ئازراقمۇ خىجىللىق ھېس قىلمىدىم. clickagents بولسا يەنىلا پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولغان شىركەت بولۇپ، پۇختا ۋە ئىشەنچىلىك قەدەم بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ باشقا نەرسىلەرنى سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، ئۆز-ئارا ئېھتىيات قىلغان ئاساستىكى بۇ سۆھبەتتىن ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى ئۇلار بۇرۇنلا كېڭشىپ بولغان، بازارغا مۇناسىپ ھالدا تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇلار بىزگە ئېرىشمەكچى بولغان ،ئەلۋەتتە.ئۇلار ئاخىرى بىزنى سېتىۋالىدۇ،بۇ سودا بۈگۈن ياكى ئەتە بولماسلقى مۇمكىن،  ھەتتا كىينكى بىر-ئىككى ئاي ئىچىدىمۇ يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە ئۇلار چۇقۇم بىزنى سېتىۋالىدۇ.   
بۇ جەرياندىن مەن شۇنداق ساۋاق ئالدىمكى: باشقىلارغا ئۇلارنىڭ سورىغان سۆزىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇلار ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارنى قىزىقتۇرالايدىغان سۆزلەرنى قىلىش كىرەك ئىكەن. مەن ئىشخانىدىن چىقىۋاتقاندا، سېك سەللىسگە ئائىت بىر قىسىم پىچىرلاشلارنى ئاڭلاپ بىئاراملىق ھىس قىلدىم. بۇ كىشىلەر مەنمەنچى بولمىغان بىلەن خېلىلا ئەخمەقتەك بىلىندى. سېك سەللىسى پەقەتلا بىر دىننىي بەلگە ئىدى ، خالاس. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاق دوپپىسى ۋە خرىستىئانلارنىڭ كىرستىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. مېنىڭچە بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ خىل گۆدەكلەرچە قىلمىشى باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
ئۆيگە قايتىدىغان ئايرۇپلاندا مەن توختىماي مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ئويلاندىم. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىش خېلى  ئۇزۇن مەزگىلگىچە كاللامدىن چىقىپ كەتمىدى.
شۇ ئىشتىن كىيىن خېلى ۋاقىتلارغىچە مەن ئىشخانامغا بىكىنىۋېلىپ تېلفۇن ۋە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىقلا سودا شىرىكلىرىم بىلەن ئالاقىلاشتىم،بىراق ياخشى يېرى شىركىتىم قۇدرەت تېپىۋاتتى.ھازىر دەل مېنىڭ مۇشۇ دۇنياغا يۈزلىنىدىغان ۋاقتىم بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ سىرتقى قىياپىتىمدىن ئازادىلىك ھىس قىلىشقا تولىمۇ مۇھتاج ئىدىم.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن doubleclickنىڭ بىزگە ئەمەس بەلكى valueclick قا مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۋالدىم. بۇنىڭ ھېچقانداق ئەجەبلەنگۈدەك يېرى يوق بولۇپ،ئۈچىنجى ئاي يېتىپ كېلىشى بىلەنلاnasdaqپايچېك كۆرسەتكۈچىسى ئاللىبۇرۇن 5000 نوقتىدىن ئېشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللە يارىتىۋاتاتتى.valueclickيېڭى پاي تارقىتىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پېيى 18 دوللاردىن سېتىلغان بولۇپ، com كۆپۈكلىرى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنقى يىڭى پاي بازارغا سالغان بىر قانچە كارخانىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇلارنىڭ پايلىرنىڭ باھاسى تېزلا ئۆرلەپ 24 دوللارغا چىقتى ۋە يەنە ناھايىتى تىز تۆۋەنلەپ يەتتە دوللارغا چۈشۈپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا مەن valueclick شىركىتىدىكىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى پەملىدىم. valueclick بىر تۈرلۈك مەبلەغ تېپىپ پايلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە موھتاج بولۇپ، بىز دەل ئۇلار ئىزدەۋاتقان كوزىر ئىدۇق. clickagents يەنىلا كۈچىيىۋاتىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن پۇل تېپىۋاتىدۇ. مەن ئىزچىل كۈتكەن ئىش يۈز بېرىش جەريانىدا valueclick بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەن مەنزىرنى ئەسلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاچام كامالنى چاقىردىم. ئۇ ئىشخانىسىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.
−مەن سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج .  
−قانداق ياردەم؟  
−مەن بىلەن چېچىمنى ياساتقىلى بىرگە بارساڭ.
−نېمە؟ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ دادام بىلسە سېنى ئۆلتۈرۋېتىشتىن يانمايدۇ.
−ئامالسىزمەن.
مەن ماشىنامنى ئۇدۇل «دەرىجدىن تاشقىرى ياساش سەنىئىتى» ساتراچخانىسىغا ھەيدىدىم. بىز كىرگەندە ھەممە ئادەم ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراشتى،چۈنكى ، سېك سەللىسى كىيىۋالغان بىرسى چاچ ياسىتاتتى. تۇيۇقسىز قورقۇنچۇم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئېھتىمال دادام مېنى مەڭگۈ كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.ئويلىغانسىرى يۈرىكىم  ئەنسىز  سۇقۇپ كېتىۋاتاتتى.
− ياخشىمۇ -يە؟  -دېدى ئاچام.
−ياخشى ئەمەس لېكىن مەن قارارىمدىن يانمايمەن.
چاچ ياسىتىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى .مەن ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بېشىمدىن سېك سەللىسىنى ئالدىم. 17 يىللىق چاچلار مېنىڭ يەلكەمدىن ئاشقانىدى.
−كېسىۋېتىڭ.
−ھەممسىنىمۇ ؟−دەپ سورىدى ساتىراچ  ئۇستام.
−ياق، مەن چېچىمنى ئۆلچەملىك ياسىتىش ئۈچۈن كەلدىم،باشقا ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش ياساپ قۇيۇڭ.
بىر سائەتكە قالمايلا ،چېچىمنى ياساپ بولدى،مەن  ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمنى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدىم،ئەمما مەن بۇ يېڭى ھالىتىمنى تۇلىمۇ  ياقتۇرۇپ قالغانىدىم.ئاچام بىلەن ئىككىمىز ئىشخانىغا قاراپ يول ئالدۇق.
−باشقىچىلا بىر ئادەم بۇپ قالدىڭغۇ؟!                              
مەن يولدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇمۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
− بۇ ئۆزگىرىش ياخشىمۇ ياكى يامانمۇ؟
−مېنىڭچە ھېچقايسى ئەمەس، بۇ پەقەت بىر تەۋەككۇلچىلىق خالاس،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ماسلشىپ قالارمەن.
−بىراق مەن ياقتۇردۇم،بۇنىڭدىن كىيىن مەن بىرەر يەرگەبارسام كىشىلەر ماڭا بۇرۇنقىدەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ .
−بەلكىم ، لېكىن سەن ياخشىسى دادام-ئاناملارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئوبدانراق ئويلىشىپ قويغىن.
ــ ئۇلارنىڭ زادى نېمىگە ئاچچىقلىنىدىغىنىنى بىلمىدىم.مەن يەنىلا مەنغۇ. ئائىلەمنى ياخشى كۆرىمەن ، مەدىنىيتىمنى ياخشى كۆرىمەن، دىنىي ئېتقادىمنى ياخشى كۆرىمەن.ئۆزگەرگىنى پەقەتلا سىرتقى قىياپىتىم.مەن ئۆزۈمنىڭ سىرتقى قىياپىتىم ئارقىلىق كىملىكىمنى ئىسپاتلاشقا موھتاج ئەمەس.
−ئۇغۇ  شۇ ! لېكىن مەن سېنىڭ ئورۇنىڭدا بولغان بولسام ئاۋۋال دادام،ئانامنىڭ سوراقلىرىغا تەييارلىق قىلىپ قويغان  بولاتتىم.
ئىشخانىغا كىرگەن ۋاقتىمدا خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق ئىچىدە ماڭا قاراشتى. لېكىن ئۇلار ھېچنىمە دېمىدى. شۇنداقلا ناھايتى تېز بۇ ئۆزگىرشكە  ماسلىشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ يەنە باشقا تاللىشىمۇ يوق ئىدى، چۈنكى كىممۇ مېنى ئۇلارنىڭ خۇجايىنى بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن؟!
كوچىلاردا ماڭغان ۋاقتىمدا ناھايتى چوڭ ئۆزگىرىش ھىس قىلدىم.چۈنكى سېك سەللىسى بولمىغاچقا كىشىلەر ماڭا بۇرۇنقىدەك دىققەت قىلمايتتى. مەن بۇخىل سىزىمنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالدىم.مەن  ئەمدى باشقىلارغا ئوخشاش ئەركىن ھالدا ستار باك(Starbucks دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق زەنجىرسىمان قەھۋەخانا بۇلۇپ مەركىزى ئامېرىكىدا)قا كىرسەم، كوچىلاردا توختاپ گېزىت سېتىۋالسام، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ماي قاچىلسام بۇلىۋىرىدۇ.
لېكىن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەن يەنىلا ھېلىقى بالا،پۈتكۈل ئۆمرۈمدە مەن يەنىلا بىر غۇرۇرلۇق سېك پەرزەنتى، سېك سەللىسىنى ئېلۋەتسەممۇ مەن يۈزدە-يۈز سېك. مەن ئۆزۈمنىڭ دىنىي-ئېتقادىدىن ۋاز كەچمەكچى ئەمەس، چېچىمنى كېسىۋېتىشىم بىلەن  تەڭرىنىڭ ماڭا ئاچچىقلىنىپ كېتىشىگىمۇ ئىشەنمەيمەن. سېك سەللىسى بۇلۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر مەن يەنىلا ئۆز ئىتقادىغا سادىق ئادەم. مەن شۇنى ئىنىق بىلىمەنكى: ئېتقاد بولمىسا ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ئېتقاد بولسىلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ھەم بولمايدۇ.      
مۇھىم مەسىلە شۇكى: مەن يەنىلا ئېتىقاد مەسىلىسنى قويۇپ تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئاتا-ئانامغا چۈشەندۈرەلىشىم كېرەك. ئۆيگە كىرە -كىرمەيلا يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئانام مېنى كۆرۈپلا داڭ قېتىپ  تۇرۇپ قالدى. توغرىسى ئۇ چۆچۈگىنىدىن تىللىرى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ بۇرۇلغانتى،ئاڭسىز ھالدا تامغا يۆلىنىپ قالدى.
−داداڭ كەلگەندە ئاندىن سۆزلىشەيلى.−دېدى ئانام  زەئىپ ئاۋازدا.
مەن كۈتكەنسېرى  جىددىيلىشىپ كېتىپ باراتتىم. نەچچە ئاي بۇرۇن ، سېك سەللىسىنى ئېلىۋىتىش ھەققىدىكى خىيال مەندە پەيدا بولغاندا دادامنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇنىڭ  مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم. ئەگەر ئاشۇ ۋاقىتتا مەن دادامنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماي، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئوچۇق–ئاشكارە خىلاپلىق قىلسام،ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بۇلاتتى.
بىراق ئەھۋال ھازىرمۇ يىتەرلىك چاتاق بولۇپ،شۇڭلاشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن غەيرەتكە كېلىپ دادام كەلسە يۈز بېرىدىغان دەھشەتلەرگە تەييارلىق قىلماقتا ئىدىم.
دادام ئۆيگە كېلىپلا ئويلىغىنىمدەك ئاچچىقلانغان ھالدا   −،سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭغا زادى ئىشەنگۈم  كەلمەيدۇ. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەجداتلىرىغا ھاقارەت قىلدىڭ، ئەڭ يامان بولغىنى سەن ئۆز دىني-ئېتقادىڭنى ھاقارەتلىدىڭ،− دېدى ماڭا يېقىن كېلىپ ۋارقىراپ.                                                         
−بۇنىڭ كىمنى ھۆرمەتلەش ياكى دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق تۇرسا دادا!
−مەن بۇ دۆلەتكە كېلىپ يېڭىچە تۇرمۇشقا ئىنتىلدىم، لېكىن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ ئېتقادىدىن ۋاز  كەچكىنىم يوق، سەن تۇلىمۇ يارىماس چوڭ بۇپسەن، مېنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ ، مەن بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن ،چۈنكى بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن بىر كۈنۈم.-دېدى دادام ۋارقىراپ-جارقىراپ.
مېنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەتلا ئىچىمگە يۇتۇش ۋە ياش تۆكمەسلىك،چۈنكى چاخال ئائىلسىدىكى كىشلەر ئۇنداق تاۋى نازۇكلاردىن ئەمەس! بىراق دادامنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۈمىدسىزلىنىشى كۆڭلۈمنى ھەقىقەتەن يېرىم قىلدى. بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىشىنى تولىمۇ  ئازاپلىق ئىش دەپ بىلىدۇ. گەرچە مېنى ئازاپ-ئوقۇبەت قاتمۇ-قات ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان بولسىمۇ ،بىراق يەنىلا ئۆز قارارىمنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنەتتىم.                                                            
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر تاللاش، سىزنىڭ ھەممىلا ئادەمنى خۇشال قىلالىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا بەزىدە ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ ياشاشنى ئۆگىنىپ قۇيىشىڭىز كېرەك. بۇ نوقتا سودا ساھەسىگمۇ ماس كېلىدۇ. ھەرقانداق قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ياخشى ئىش، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى قارارنى يەنىلا ئۆزىڭىز چىقىرىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز قارار چىقىرالمىسىڭىز ، مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز خاتا قارار چىقىرىپ قويسىڭىز ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىقنى قايتا  سادىر قىلمايسىز  !
كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ، ھەتتا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-ئانامغا قارىساملا ئۇلارنىڭ ماڭا ناتونۇشلاردەك تىكىلىپ  تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. بەزىدە قىسمەن تەرەپلەردە ئۇلارغا ناتونۇش بولسام كىرەك ،دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم،چۈنكى دادام ئامېرىكىغا كېلىپ ئۆز ئارزۇسنى ئىزدىدى ، لېكىن ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئارزۇسى بارلىقىنى بايقىمىغاندەك قىلاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆزۈمنى ئاتا-ئانامدىن قاچۇرۇپ يۈردۈم. ئۇلارمۇ مەندىن ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى. مەن كۆپ ۋاقتىمنى سالامەتلىك ئەھۋالى كۈنسىرى ناچارلىشىۋاتقان مومامغا ھەمرا بولۇش بىلەن ئۆتكۈزمەكتە ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭدا ئاللىبۇرۇن ياشانغانلار دىۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. ئۇ خېلىدىن بىرى 4-5 ياشلىق كىچىك بالىلارمۇ ئىشلىيەلەيدىغان مەسىلىلەرنى ئىشلىيەلمەس بولۇپ قالغانىدى. بەزى چاغلاردا ئۇ ھەتتا مېنىمۇ تونۇيالمايتتى. مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ھالدا يېنىدا ئولتۇرۇپ سەۋىرچانىلىق  بىلەن ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەتتىم.

سەن نىمە خىزمەت قىلىسەن؟− ئۇ يەنە مۇشۇ سۇئالنى تەكرارلىدى.
−ناھايتى نۇرغۇن پۇل تاپىدىغان بىر شىركىتىم بار موما ،  پات ئارىدا ئۇنى نەچچە مىليۇنغا سېتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن ،بىز ناھايىتى تىزلا بېيىپ كېتىمىز ، ئائىلىمىزنىڭ ياخشى كۈنلىرى تېخى ئالدىمىزدا چۈنكى سېنىڭ نەۋرەڭ غەلبە قىلدى .
−غەلبە ؟ ئالدى بىلەن  توي قىلىپ  ئۈچتىن  ئارتۇق بالاڭ بولسا ئاندىن غەلبە قىلغان بولىسەن
مومامنىڭ بۇ سۆزلىرى چۈشىنىشلىك ئىدى  ،بىراق ئەگەر ئۇنىڭ كاللىسى ئۇچۇق بولغان بولسا، چوقۇم مەن ئۈچۈن خۇشال بولغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئاشۇنداق خوشال بولۇشىنى ئارزۇ قىلساممۇ بىراق.....كۆپ ۋاقىتلاردا،ئۇ مېنى ئاكام دەپ تونۇپ قالاتتى. گەرچە ئاكاممۇ توي قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق مومام ھەمىشە توي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ھەر ھەپتىدە مەندىن ئىككى-ئۈچ قېتىم نىمىشقا توي قىلمايدىغانلىقىمنى سوراپ تۇراتتى ھەمدە مېنىڭ زادى نېمىنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلەلمەي ئىچى پۇشاتتى .
−چوڭ بۇلۇپ قالدىڭ.− دەيتتى ئۇ يەنە.
−مەن ئارانلا 17 ياش، مۇما.− دەيتتىم رەددىيە بېرىپ.
−    17 ياش!؟ ۋاھ توي قىلساڭ بولىدىكەنغۇ!؟
يازنىڭ ئاخىرلىرى، مەن دەل 18 ياشقا توشقان كۈن، ValueClick پاينى بازارغا سېلىپ يەتتە ئايدىن كېيىن ، مەن ئىزچىل كۈتىۋاتقان تېلفۇننى قوبۇل قىلدىم .
−بىز سىلەر بىلەن چوڭقۇرراق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.−دېدى جىم زاري.
مەن بۇ مەسىلىنى يىغىن ئېچىپ شىركەتتىكى مۇھىم كىشىلەر بىلەن مۇھاكىمە قىلدىم. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شىركەتتە ناھايىتى نۇرغۇن مەبلىغى باربولۇپ، مەن ئۇلارغا ھېلىلا  بىرلىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمنى ئېيتتىم.  مەن ھەممە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك ئىدى. ئەگەر بىز ئوڭۇشلۇق بىرلىشىشنى ئويلايدىكەنمىز، چوقۇم قولىمىزدىكى خىزمىتىمىزنى تەرتىپلىك داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك بۇلاتتى. بىز پۇل پېرۋوتىنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلەمدۇق؟ پىلانلانغان ۋاقىت ئىچىدە سېتىىشنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىيالايمىزمۇ-يوق؟ بىز يەنە تور بەت ئىگىلىرىدىن  ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى پايدا تاناسىپىغا ئېرىشەلەيمىزمۇ-يوق؟
− مەن سىلەردىن ھەممە ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە، زېھنىمنى بۇ سودىغا مەركەزلەشتۈرىمەن . شۇ سەۋەبتىن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى نازارەت قىلالمايمەن . ئىسىڭلاردا بولسۇن، ھىچقانداق چاتاقنىڭ چىقىشىغا بولمايدۇ. مەن سىلەردىن خىزمىتىڭلارنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەشنى، بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشىراق قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.
2000-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى Value Click شىركىتى بىزنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى. سېتىۋېلىش باھاسى 40 مىليۇن دوللار بولۇپ، ھەممىسى پاي چېكى شەكلىدە تۆلىنەتتى. مەن 7ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن 5 مىليۇن 300 مىڭ پارچە ValueClick نىڭ پاي چېكىگە ئېرىشتىم. توختام شەرتىنىڭ يەنە بىرسى شۇ بولۇپ بىزنىڭ پۈتكۈل خادىملىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن Value Click ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. مەن بىر پارچە مۆھلىتى ئۈچ يىل بولغان رىقابەتلەشمەسلىك توختامنامىسىغا ئىمزا قويدۇم. بۇ توختامدا كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە (يەنى مەن 21 ياشقا توشقىچە) تور ئىلانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدىغانلىقىم  ، ھەتتا ئالاقە تورىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىم بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەمما بۇ مېنى بىئارام قىلالمايتتى،چۈنكى مەن 18 يېشىمدىلا مىليونىرغا ئايلانغان ئىدىم.
بىپەرۋا كىشىلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىم بەكلا ئاسان، بەكلا تىز قولغا كەلگەندەك بىلىنىدۇ، ئەمما مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس ھەمدە ClickAgents نى سېتىشىمنىڭ نادانلارچە ئېلىپ بېرىلغان تور تەلۋىلىكى بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ ، بۇ قېتىمقى سېتىشنىڭ ئىنتايىن پۇختا بولغان سودا ئاساسى بار ئىدى. مەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمەن. شۇڭا مېنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىمنى ئامەت ۋەياكى پۇرسەت ياراتقپالايدىغىنىڭىزنى ئەمەس بەلكى نەچچان ئەمەس. چۈنكى مېنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى مۈلكىم بار. بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى تاسادىبىيلىق بولماستىن ئەمىلىيەتتە مەن ئۆزۈم ھېس قىلغان مۇۋەپىقىيەت قازىنىش شەرتلىرىنى ئۇرۇنداپ بولدۇم ،  شۇنداقلا يەنە كەلگۈسىدىكى چوڭ شىركىتىمنى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشتىم ، ھەمدە شىركەت تەرققىياتىنىڭ پۇختا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. ئەگەر سىزنىڭ بىر ياخشى شىركەت قۇرۇش خىيالىڭىز بولسىلا مانا بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ، خالاس. سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بۇلۇشىڭىزنى بەلگىلەيدىغىنى بولسا جەرياندىكى ئىش بىجىرىش ئىختىدارىڭىز. سىز ئاۋۋال ئۆزۈڭىزنىڭ نەچچە مىليۇن تاە مىليۇنغا يارايدىغان شىركەتنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈڭ. بۇ ئاڭلىماققا تۇلىمۇ غەلىتە بىلىنىدۇ ،لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مۇۋاپىقىيەت كۆپىنچە ئەمەلىي ئىقتىدارغا تايىنىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى شىركىتىڭىز بولۇپ ، ئەمىلي مال-مۈلكىنى ھېسابلاشقا بولسا ھەمدە سىز نەزىرىڭىزنى پەقەت تېز پۇل تېپىشقىلا قارىتىۋالمىسىڭىز، چوقۇم خېلى ياخشى بولغان جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. مال-دۇنيا قوغلاشماي بەلكى ئەمەلىي ئىقتىدارنى قوغلىشىڭ، چۈنكى سىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىز بولسىلا مال-دۇنيا ئۆزلىكىدىن سىزنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. سودا پۈتكەن ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن ئائىلىدىكلەر بىرلىكتە تەبرىكلىدۇق.بىز مۇشۇ يەردىكى بىر سېك ئىبادەتخانىسى بېرىپ، تەڭرىنىڭ ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتىگە رەھمەت ئېيتىشتۇق. بىر سېك ئاقساقىلى بىزنىڭ تىلاۋىتىمىزگە يىتەكچىلىك قىلدى. ئۇ دادامنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
− ئېھتىمال سىزنىڭ ئويلىغان ئۇسۇلىڭىز بۇ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشتى.−دېدى ئۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن بىز قايتقۇچە بىرلىكتە تاماق يېيىشىپ ، بۇ غەلبىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولۇشتۇق. ئەمما مەن ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئويغانغىنىمدىن كېيىن ئاندىن  مىليونېرغا ئايلانغانلىقىمنى ئازراق ھېس قىلغان ئىدىم  .
دەرۋەقە مەن يەنىلا قەغەز ئۈستىدىكى مىليونېر بولۇپ،بۇ ھەرگىزمۇ بىر تۈركۈم پۇلنى بانكىدا ساقلاپ قويغانغا  ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ بۇ بايلىقىمنى قوغدىشىم كېرەك. ئاشۇ كۈنى ئەتتىگەندىن تارتىپ مەن بىرلا مەقسەت ئۈچۈن شىركەتكە  بېرىپ خىزمەت قىلدىم. ئۇ بولسىمۇ پاي-چەكلىرىمنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش بولۇپ، بۇ پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا بولماستىن بەلكى شىركەتنىڭ بارلىق پاي چەك ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىدى.
11-ئاي يېتىپ كەلدى. مەن شىركەتنى سېتىپ بىر ئايدىن كېيىن بىز فىرمونتقا جايلاشقان يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈپ كىردۇق. ئىككى ئاي بۇرۇن بىر يىللىق ئىجارىگە توختام تۈزمەكچى بولۇپ  ئىجارە ئۆينىڭ  خۇجايىنىغا ئېغىز ئاچقاندا، ئۇ بىزگە «بىر قانچە ئونلىغان تور بەت شىركەتلىرى ئۆي ئىزدەپ كەپتۇ، ئەگەر يەنە داۋاملىق ئىجارە ئالماقچى بولساڭلار ئىجارە ھەققىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىڭلار »دېدى . بۇ بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتەك بىلىندى. يەنە كېلىپ مەن« بىز چوقۇم سان-خوسې شەھىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرىشىمىز كېرەك» دەپ ئويلىمايمەن. شۇڭا ئاكام بىلەن باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشنى قارار قىلدۇق ھەمدە   فىرمونتتىن يېڭى جاي تاپتۇق.ئۇ يەرنىڭ ئىجارىسى تۇلىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بۇ شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھىندىستانلىق ،  ئۇ يەرگە كۆچۈپ بارساق نۇرغۇنلىغان ياخشى تائاملاردىن يېيەلەيتتۇق.                                             
شۇنداق بولسىمۇ، مەن ھەر 8-9 كۈندە بىر قېتىم   ئايرۇپىلان بىلەن لوس-ئانگېلېستىكى valueclick  شىركىتىگە بېرىپ ھەر تۈرلۈك يىغىنغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى. ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن، مەن بىرىنچى قېتىم لوس-ئانگېلېسقا بارغاندا يېشىمنىڭ كىچىكلىكى تۈپەيلى ماشىنا ئىجارىگە ئالالماي تاكسى توسىغانىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا شۇ سەۋەبتىن ھەمدە ئاتا-ئانامنى ياش مەسىلەم تۈپەيلى غەم يىگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئەسلىدە قىلماسلىققا تىگىشلىك بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم،يەنى Craigslist تورىغا كىرىپ بىر پارچە ساختا كىملىك ياساتقۇزدۇم. بۇنداق قىلىش ماڭا نىسبەتەن ئاددى ھەم تىجەشلىك ئۇسۇل بولۇپ ، ماشىنا ئىجارىگە بېرىش شىركىتى ياكى لوس-ئانگېلېستىكى شوپۇر بولسۇن ۋە ياكى مەن بولاي ھېچكىمگە زىيانلىق ئەمەس ئىدى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ھېچقىسى يوقتەك بىلىندى  ،توغرىسى مەن بۇنداق ئىش قىلغانلىقىمدىن پەخىرلەنمەيمەن. لېكىن مېنىڭچە بۇنداق ئىشنى چەكلەيدىغان قانۇننىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەندەك ئىدى.

valueclick بىلەن بولغان ھەمكارلىق  ئويلىغىنىمدەك ئۇنداق ئوڭۇشلىق بولمىدى. مەن ناھايىتى تېز ئۆزۈمنى شىركەتنىڭ كەيپىياتىدىن تۇنجۇقۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىز تۈگىمەس يىغىنلارنى ئاچاتتۇق ، لېكىن بىرەر ئىشنى ھەل قىلالمايتتۇق. بىر ۋاقىتىلارغا كەلگەندە ، مەن ھەتتا بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغىن ئاچىدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدىم. شىركەتنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىمۇ نىمىش قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەيۋاتقاندەك بىلىنەتتى. شىركەتنىڭ كۇرسى كۈندىن-كۈنگە چۈشىۋاتاتتى. سېتىش سودىسى تاماملانغاندا valueclick پايلىرىنىڭ باھاسى 4 دوللارغا چۈشۈپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن قولۇمدىكى پايلارنىڭ باھاسىمۇ بىردىنلا 20 مىليۇن دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولدى ،بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. توختامغا ئاساسەن، مەن 7 دوللارلىق   باھا  بىلەن   valueclickنىڭ 5 مىليۇن 300 مىڭ دانە پاي چېكىگە ئېرشكەنىدىم. پاي چەك باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسا مەنمۇ تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشەتتىم. ھەمدە بۇ مېنىڭ شىركەتتە خۇشاللىق بىلەن ئىشلىشىمگە تۈرتكە بولغان بىردىنبىر سەۋەب بولۇپ قالاتتى، لېكىن ھېس قىلىشمچە شىركەتتە ھېچكىم مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئوچۇقلا قىلىپ ئېيتسام : بۇ شىركەتتە ئىشلەشكە بىرەر باھانىمۇ تاپالمىغان ئىدىم .  
بۇ شىركەتنىڭ باشقۇرۇلىشى ئىنتايىن  قالايمىقان ئىدى . مىسالەن ،   شىركەتنىڭ بانكىدا 200مىليۇن دوللار پۇلى بار بولسا ، بۇ بايلىق ئارقىلىق ئەسلىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە يېڭى تېخنىكا ئېچىشقا مەبلەغ سېلىنسا توغرا بۇلاتتى . لېكىن ھېچقانداق ئادەمنىڭ بۇنداق چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى سەۋەبلىك بۇ پۇل بانكىدا بىخەتەر ، ئەمما ئۈنۈمسىز ساقلىنىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.
ئەگەر سىزنىڭ  قولىڭىزدا ئىككى مىليۇن دوللار نەق پۇل بولسا بىرەر ئىش قىلىش ياكى بانكىغا قويۇپ ئۆسىمىنى خەجلەش ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. دەرۋەقە بۇنداق كۆپ پۇلنىڭ ئۆسۈمى شىركەت خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشكە يەتسىمۇ،لېكىن بۇ شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ئەمەس ، ئەكسىچە شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىپ قۇيۇشى تامامەن مۇمكىن . پۇلنى ئىشلەتمەي كارۋات تىگىگە باستۇرۇپ قۇيۇش ياخشى ئىستىراتىگىيە بولماستىن بەلكى قاششاقلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
ئەلۋەتتە ، پاي باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك زىيان تارتىدىغان ئادەم  يالغۇز مەنلا بولماستىن شىركەتنىڭ بارلىق پاي چېكلىرى ئىدى. ئەمما مېنى   Clickagents  تىكى مەن بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان پايچىكلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بەكلا بىئارام قىلىۋاتاتتى . مەن ئالغان 5مىليۇن 300مىڭ پاي چەكنىڭ ئىچىدىكى 2مىليۇن500مىڭ پاي چەك بولسا مەن بىلەن بىللە Clickagents  تا جاپالىق خىزمەت قىلغان ئاكام بىلەن ئاچاممنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىدى . Clickagents بولسا بىلىملىكلەر خۇجايىن بۇلۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن قۇرۇپ چىقىلغانىدى، شىركەتنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق خىزمەتچىلەر قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن شىركەتنىڭ پاي چېكىگە ئېرىشەتتى. ئەمما ھەر قانچە ئويلىساممۇ شىركەتنى سېتىش قارارىنى مەن چىقارغاچقا، بۇ زىياندا مېنىڭ چوڭ مەسئۇليىتىم باردەك ھىس قىلاتتىم . شۇڭلاشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ  Value click  نىڭ پاي باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلاي دىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا زادىلا پۇرسەت بەرمەيۋاتقاننىڭ ئۈستىگە مېنىڭ پىكرىمنى ئاڭلايدىغاندەك قىلمايتتى . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار مېنىڭ پىكرىمنى ئاڭلاشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايتتى. مەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئوڭۇشسىزلىق پاتقىقىغا چۆكۈپ كېتىپ باراتتىم. چۈنكى بىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمىز تۈپتىن پەرقلىنەتتى. ئۇلارنىڭ پىرنسىپى بولسا  كەلكۈن كەلگەندە توغان سېلىشنى باشلاش بولۇپ، مېنىڭ پىرىنسىپىم بولسا كەلكۈن كەلگۈچە توغاننى پۈتكۈزۈپ بولۇش ئىدى. يىراق كەلگۈسىنى كۆزلىگەندە ، مېنىڭ تەدبىرىم ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.                                                   
راستىنى ئېيتقاندا valueclick تىكى كۆپىنچە كىشىلەر ئاساسلىق  زېھنىنى شىركەتنىڭ ئىككى خۇجايىنى جىم ۋە سامغا  خۇشامەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، باشقا مۇھىم ئىشلارغا باش قاتۇرىدىغان ئادەم يوقتەك قىلاتتى. مانا بۇ مېنى ئەڭ قىينايدىغان مەسىلە ئىدى. شىركەتنى باشقۇرۇشتىكى مەقسەت كىشىلەرگە ياخشىچاق بولۇش ئەمەس بەلكى شىركەتنى تەرەققي قىلدۇرۇش بۇلىشى كىرەك ئىدى. خىزمەت جەريانىدا خۇشامەتچىلىكتەك بۇنداق قىلمىشقا قەتئىي چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى. خۇجايىن بولۇپ باشقىلارنىڭ خۇشامەتچىلكىدىن بەھرىمان بولۇش مېنىڭ ئېھتىياج تېزىملىكىمدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان تۈر ئىدى. مېنىڭ بارلىق خىزمەتچىلەرگە قويىدىغان تەلىپىم ئۆز خىزمىتىنى ئۆزى قىلالايدىغان  ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىشلەش بولۇپ ،  مېنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم نەتىجە ،نەتىجە يەنە نەتىجە ئىدى. لېكىن valueclick تىكىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خۇجايىنىغا بەرگەن تەسىرى ئىدى.
مېنىڭ شىركەتتىكى پېيىم سام ۋە جىملارنىڭ پېيىنى قوشقاندىكىدىنمۇ كۆپ  بولغاچقا ، پاي چەك باھاسى ھەربىر نوقتا تۆۋەنلىگەندە ماڭا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئۇ ئىككىىسىنىڭ زىيىنىدىن   كۆپ ئىدى. ناھايتى تېزلا مەن سام بىلەن جىمنىڭ شىركەتتىكى پېيىم تۈپەيلى ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى زادىلا بىلمەيتتىم. مېنىڭ بۇ پاي چەكلەرگە ئېرىشىشىم  شىركىتىمنىڭ شۇنچىلىك پۇلغا يارىغانلىقىنىڭ  سەۋەبىدىن ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇنداق قارىمايدىغاندەك قىلاتتى.  يېشىم ئۇلارنىڭ يېشىنىڭ يېرىمىغا توشماي تۇرۇپلا مېنىڭ پۇلۇم ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ  ،مانا بۇ  ئۇلار قۇبۇل قىلالمايۋاتقان نوقتىدەك قىلاتتى. ئۇلار ناھايىتى ئېنىق ھالدا ماڭا ھەسەت قىلىۋاتاتتى. ھېس قىلالايسىزكى ، مەن بۇ يەردىن يەنە بىر ئىبرەتكە ئېرىشتىم. (مەن بۇرۇندىنلا باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن  ئىبرەتكە ئېرشكىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغان ئادەم) يەنى سىز باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشىغا ماسلىشىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇشۇڭىز  كېرەك.سىز مۇۋاپىقيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانسىرى كىشىلەر ئۆزىگە سوئال قۇيۇشقا باشلايدۇ:«مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى مەن بولماي نېمىشقا  ئۇ بولۇپ قالىدۇ؟» لېكىن بۇنىڭغا جىدديلىشىش ياكى بىئارام بۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق،چۈنكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىىمەن دەيدىكەنسڭز باشقىلارنىڭ سىزگە ھەسەت قىلىشدىن  ئىبارەت  بۇ تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز. باشقىچە ئېيتقاندا سىز باشقىلارغا قەتئىي ئىچى تارلىق قىلماڭ ، چۈنكى ئىچى تارلىق بۇ پىلانتتىكى ئەڭ پايدىسىز بولغان ئېچىنىشلىق خارەكتىردۇر. مېنىڭ ئىش ھەققىم ئىلگىرىكى 6000 دوللاردىن 15000 دوللارغا ئۆستى. لېكىن بۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى. ئومۇمەن سىزدە شىركەتنىڭ بىر مۇنچە پېيى بار ۋاقىتتا ئىش ھەققى كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتمەيتتى ،بەلكى سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز پەقەت شىركەتنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ قالاتتى . مېنىڭچە ئەگەر مەن  كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە تولغان كوللىكتىپ بىلەن گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلسام ئىش ھەققىم تۆۋەنلىسىمۇ خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلغان بۇلاتتىم. valueclick دەسلەپكى ئايدا بىر قانچە قېتىملىق قوشۇۋېلىش ئېلىپ بارغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە zmedia دىن ئىبارەت ئېلكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ساھەسىدىكى باشلامچى شىركەتمۇ بارئىدى. zmedia نىڭ ئىشخانىسى سان-خوسې رايۇنىدا بولۇپ ، ئۇلار بىزنىڭ سان خوسېدىكى ئىشخانىمىزغا كۆچۈپ كەلدى. بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىچىدە تىروي . بالوكا ئىسىملىك تۇلىمۇ جانلىق، ئوچۇق-يورۇق،ئەقىللىق سودىگەرمۇ بار  ئىدى. شۇڭىمۇ بىز ئىككىمىز ناھايىتى ئاسانلا چىقىشىپ كەتتۇق ، دائىم سىرتلاردا بىرلىكتە ئايلىناتتۇق ،بىرەر رومكىدىن ئىچىشىپ شىركەتنىڭ باش شىتابىدىكى ھېلىقى كىشلەردىن ئاغرىنىشاتتۇق. (بىز پەقەت شىركەت سىرتىدىلا مۇشۇنداق قىلاتتۇق،بىز بۇرۇندىن تارتىپلا شىركەتتە قەتئىي  كەسكىن ئىدۇق.)                           
مېنىڭچە ،باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر «بىز» ۋە «ئۇلار» ئارىسىدىكى ئەھمىيەتسىز قارىمۇ-قارشى پىكىرلەر ئىچىدە تىڭىرقاپ يۈرۈشمەكتە ئىدى .چۈنكى ئۇلار بولسا valueclick , بىز بولساق clickagents ئىدۇق . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز مېھىرسىز ئۆگەي ئانىنىڭ  ئالدىدىكى كىچىك بالىچىلىكمۇ ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس ئىدۇق . بىز ئۇلارنىڭ كۈزىگە قادالغان  مىخ بولۇپ ، ئۇلار بىلەن بىر ئائىلە بولالىشىمىز مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋېرەتتىم،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇلىقىنى يۇپۇرۋالاتتى. بىر نەچچە قېتىم مەن بىزنىڭ ئوخشاش بىر خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلۋاتقانلىقىمىزنى بايقىدىم. مەن ھېلىلا بىر خېرىدار بىلەن پۈتۈشكەن بولسام، ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن باش شىركەتتىكى بىرسى قول سېلىپ خېرىدارنى تارتىپ كېتەتتى.
−     ئەمەلىيەتتە مەن كۆپچىلىكنى جاپا –مۇشاققەتتە بىرگە بولىمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن،- دېدىم تىرويغا.                                       
ئۇ مېنىڭ پىكرىمگە قۇشۇلدى. ئۇ دائىم پۈتۈن كۈچى بىلەن مېنىڭ شەخسى تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلۈپ دىققىتىمنى كۆڭۈلسىز ئىشلاردىن باشقا ئىشلارغا قارىتىشقا تىرىشاتتى. بىز دائىم سىرتقا چىقىپ بىرلىكتە تاماق يەيتۇق، بىر قىسىم كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا باراتتۇق.شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئاخىرى قىزلارغا قىزىقىشقا باشلىدىم،لېكىن يەنىلا ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم .
-سەن زادى نىمىدىن قورقىسەن؟-دەپ سۇرايتتى تىروي ماڭا نەسىھەت قىلىپ-، مەن ئاللىبۇرۇن ياخشى بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ  بەختنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ھازىردىن باشلاپ مەن ھەر كۈنى سەندىن مۇشۇ سوئالنىلا سورايمەن . چۈنكى بۇ ئۇنداق تەس ئىش ئەمەس ،ئەمىلىيەتتە تولىمۇ ئاددى ۋە قىزىقارلىق ئىش.

گەرچە تىروي مەندىن ئون ياش چوڭ بولسىمۇ مەن ئۇنىڭدەك دوستۇمنىڭ بار بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىدىم. شۇنداقلا مەن ئۇنىڭغا تامامەن يىتىشىپ كېتەلەيتتىم . غەلىتە يېرى شۇكى ، بىزنىڭ دوستلىقىمىز شۇنچە چوڭقۇر بولسىمۇ ، مەن ئۇنىڭغا 18 ياشقا  كىرگەنلىكمنى ئەزەلدىن ئېيتمىغانىدىم. مەن يەنىلا بۇنى ئارىمىزدىكى ئىشەنچكە تەسىر كۆرسىتىدۇ  ، دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن قانداق قىلىپ قىزلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ھەققىدە  ئېزدىنۋاتاتتىم. مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنى كۆرسەملا ھەركەتلىنىمەن دەيتىميۇ ، ئەمەليەتتە بۇ ئېغىزىمدىكى گەپلا بولۇپ قالغان ئىدى  .
لېكىن تىروي ماڭا ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى نامايەن قىلىپ بىرىۋاتاتتى. مەن ئىلگىرى ئەزەلدىن تېتىپ باقمىغان نۇرغۇن تاماقلاردىن  ھوزۇرلاندىم ،  ھەتتا دائىم ئازراق ئىچىۋالىدىغان بولۇپ قالدىم . بىر قانچە  قېتىم «كۈلرەڭ غاز» ۋوتكىسى تەركىبىدىكى ئىسپرىتنىڭ تەسىرىدە، ھەتتا ئۇسۇل سەھنىسىگىمۇ چىقىپ باقتىم. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ كىيىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدىم.چۈنكى مەن يەنىلا ئەرزان ماللار دۇكىنىنىڭ  باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللىرىنى سېتىۋېلىشقا ئامراق ئىدىم.
مۇھىمى مەن ھەپتىنىڭ بىرىدىن تارتىپ بەشىگىچە ھەر كۈنى ئىشخانامغا بېرىپ ئۆز خىزمىتىمنى تىرىشىپ ئىشلەيتتىم. ھازىر مەن nasdaq ئارقىلىق پاي   بازىرىغا كىرگەن نەچچە ئون مىلياردلىق شىركەت ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە باشقۇرۇش ۋەزىپىسىمۇ ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن بولۇپ، ئېھتىمال بۇنداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلار ئىچىدە مەن ئەڭ ياش بىرسى بولسام كېرەك. گەرچە مەن خۇشال  بۇلۇش ھەم پەخىرلىنىشكە شۇنچە ھەقلىق بولساممۇ، ئەمىلىيەتتە ناھايىتى غەشلىك ئىچىدە يۈرەتتىم.
ئەڭ يامان بولغىنى مېنىڭ بۇرۇنقى پروگرامما تۈزگۈچۈم يەنى ھېلىقى لوندوندىن كەلگەن،خىزمىتىمنى بىر ھەپتە توختىتىپ قويغان ئەبلەخ ئۈستۈمدىن ئەرز قىلماقچى بولغانىدى. ئۇ گېزىتتىن مەن بىلەن valueclickنىڭ سودىسىغا ئائىت خەۋەرنى كۆرگەن بولۇپ ، ئارقامدىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان ئىكەن.مەن پۈتمەس-تۈگىمەس گۇۋاچىلىق تەرتىپلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىر دانە ئاۋاز ئالغۇچ دائىم مېنىڭ  ئىسپات سۆزلىرىمنى ئاۋازغا ئالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتمەس-تۈگىمەس تايىنى يوق سوئاللارغا جاۋاب بېرشكە  مەجبۇر بولاتتىم. سىز «شۇنداق» دېسىڭىزمۇ خاتا، «ئۇنداق ئەمەس» دېسىڭىزمۇ خاتا بولىدىغان بۇ خىل سۇئال - جاۋاپ شەكلى گوياكى ئۆلچەملىك سوت ئېچىش تەرتىپى ئىدى.
سوئال سوراق جەريانىدا كۆپ ئۇچرايدىغان نەيرەڭ بولسا «ئىسپاتلاش شەكلى» بويىچە سوئال سوراش شەكلى ئىدى ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى  سوراش ئۇسۇلى ئىككى ئاسان جاۋاب بەرگىلى بولىدىغان سوئالنى تەكىتلەپ (مەسلەن: سېنىڭ ئىسمىڭ گورباكىش چاخالمۇ؟ سەن سان-خوسېدا تۇرامسەن؟) بولغاندىن كېيىن سىزدىن : «سەن ھازىرمۇ ئايالىڭنى ئۇرامسەن؟» دەپ سورايدۇ. بۇنداق سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ھامان يېڭىلەتتىڭىز. قانداق جاۋاب بېرىشىڭىزدىن  قەتئىنەزەر يەنىلا گۇناھكار ھىساپلىناتتىڭىز. يەنە كېلىپ سىزنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەر قانداق سوئاللار ئۇلارنىڭ يېڭىپ چىقىشىغا ياردەم  قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش سۆز مۇتەخەسىسلىرى ياندا تۇرۇپ سىنئالغۇ لىنىتىسىنى كۆرىشەتتى ،ئەگەردە مېنىڭ كەيپىياتىمدا ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە ، ئۇلار دوكلات قىلىشىپ«ئۇ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ» دەيتتى.
مېنىڭ قىلىۋاتقىنىمنىڭ ھەممسى ھالاكەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا مەن ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم رۇخسەت سوراپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزلىرىمىنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ ، «سەن سوغوققان بول، ئاچچىقلانما، سەن ئۇتتۇرمايسەن، سەن سەمىمىي ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرسەڭلا، بۇ ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيسەن» دەيتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
بۇ بىر مەيدان پىسخىكا كۆرىشى بۇلۇپ مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىمىز كىرەك ئىدى. چۈنكى مەن ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزگىنىم يوق. بىز توختامغا ئىمزا قويغان. مەن ئېتىراپ قىلىمەن ، بۇ بىر 18ياشلىق ئۆسمۈر تەييارلىغان توختام، لېكىن ئۇ يەنىلا توختام. بىز ئىككىمىز بۇ توختامغا كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ ئىمزا قويغان. بىراق ئاخىردا ئادۇۋكاتىم ماڭا نەسھەت قىلىپ بولدى قىلىشنى ئېيتتى. «قانۇنى دەۋادا خاتالىققا ئاساسەن ناھايىتى ئاز قارار چىقىرىلىدۇ.» بۇنىڭ ھەممىسى شۇ  ئاچكۆزلۈكنىڭ سەۋەبى. ئۇ 40 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرنىڭ ئۇ يەردە تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر بۆلەككە ئېرىشىشنى ئويلىغان گەپ.
مەن بېرىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىسنى ئۇنىڭغا بەرگەن ، ھەتتا ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىندىنمۇ كۆپ بەرگەن ئىدىم. «يەنە كېلىپ بۇ پۇل ھازىر ئۇنداق كۆپ پۇل ھېسابلانمايدۇ،»دېدىم مەن.
-گۇرباكىش، سىز مېنىڭ ھەققىقى مەقسىتىمنى چۈشەنمەپسىز. مېنىڭ مەقسىتىم شۇكى ئەگەر سىز دەۋادا ئۇنى ئۇتۇپ چىققان تەقدىردىمۇ ناھايتى كۆپ پۇلنى سەرپ قىلىسىز ،شۇڭا مېنىڭ نەسھىتىم يەنىلا سۈلھى قىلىش.

       ئاخىردا مەن ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ ئەبلەخنى كۆزۈمدىن  يوقىتىش ئۈچۈن  ئۇنىڭغا بىر پارچە چوڭ سوممىلىق چەك يېزىپ بەردىم.
بۇ جەرياندىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئۆزۈڭنىڭ جەڭ مەيدانىڭنى ياخشى تاللىشىڭ كېرەك.                                 
مەن ئېرىشكەن يەنە بىر ساۋاق شۇ بولدىكى : بىز بۇ پىلانىتتىكى ئەرز- شىكايەت ئەڭ كۆپ بولغان جەمئىيەتتە ياشايمىز  . شۇڭلاشقا مەن سىزگە تۆۋەندىكى سۆزنى ئالاھىدە نەسىھەت سۈپىتىدە قالدۇراي «ئارقاڭىزدىن پەخەس بولۇڭ.»
بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، مۇشۇنچە كۆپ ئازاپلىق قىيلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىم سەۋەبىدىنمىكىن،مەن خۇددى ئۆزۈمنى ئاللىقاچان ياشلىق مەزگىلىمگە بالدۇرلا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم . شۇڭا مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل ياشايدىغان مەزگىلىمنىڭ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم. مەن بۇ ئارقىلىق دادام-ئانامغا مېنىڭ ئاللىقاچان مۇستەققىل ياشىيالايدىغانلىقىمنى بۈلدۈرۈپ قويۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. مەن بۇ ئۆيدە تۇرسام، دادامنىڭ دېگىنى قانۇن ئىدى. لېكىن مەن بۇنداق بۇلۇشىنى خالىمايتتىم. شۇڭا مەن ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولغان تۇرمۇشىمنى ۋە كەلگۈسىمنى ئۆزۈم كونترول قىلىشنى قارار قىلدىم.
مەن بۇ قارارىمنى دادام –ئانامغا دېگەن ئاشۇ ئاخشىمى  ھېلىمۇ ئىنىق ئېسىمدە : مەن ئىشتىن چۈشۈپلا ، بۇ ئىشنى تېزرەك بېجىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرگەن ۋاقتىمدا ، دادام بىلەن ئانامنىڭ جېدەللشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاڭلىماققا ئۇلار ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جېدەللىشۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇڭا مەن ئىشىمنى تېزرەك بېجىرىۋېتىش مەقسىتىدە، كىرىپلا ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۈلىۋەتتىم.
− دادا ،ئانا مەن كۆچۈپ چىقىپ كېتىشنى قارار قىلدىم ..            
لېكىن ئۇلار ماڭا قىلچە پەرۋا قىلماستىن توختىماي جېدەللىشىۋەردى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى خۇددى ئادەمنىڭ قۇلاق پەردىسىنى يىرتىۋېتىدىغاندەك بارغانسىرى يۇقىرىلاپ كېتىۋاتاتتى. شۇڭا مەن يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدىم:
−مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتامسىلەر ؟ مەن كۆچۈپ كېتىمەن ......   !
ئۇلار ئىككىسى تەڭلا بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. ئۇلارنىڭ چىرايى غەزەپكە تولغان بولۇپ،تەڭلا:
- بولىدۇ!  دېدى
قارىماققا ناھايىتى قىزىقارلىق كۆرۈنەتتى.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تالاش- تارتىشى ھەل بولۇپ چوڭ ئادەملەرگە ئوخشاش مېنىڭ كۆچۈپ چىقىپ كېتىش ئىشىمنى مۇزاكىرىلەشكەن ۋاقتىمىزدا، ئۇلار بىر ھازا بىئارام بولغاندىن كېيىن بۇ قارارنى مەجبۇرىي قۇبۇل قىلدى.
−سەن نېمە ئۈچۈن بۇ ئائىلىدىن ئايرىلماقچى بولىۋاتىسەن؟ ،بىز بۇ يەردە ھەممىنى تەل قىلىپ بەردۇققۇ؟-دېدى دادام.                                         
−سېنىڭ قانداقمۇ مۇستەققىل ياشاشقا قۇربىتىڭ يەتسۇن ، سەن تېخى بىر بالا تۇرساڭ ، سەن ھەتتا قايناق سۇ قاينىتىشنىمۇ بىلمىسەڭ. − دېدى ئانام دادامغا ئەگىشىپ.  
مەن ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشىنەتتىم ، چۈنكى مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ئۇلارنىڭ قانىتى ئاستىدا چوڭ بولغان ئىدىم، شۇڭا ئائىلىدىن ئايرىلىش چوقۇم ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، لېكىن مەن ئائىلىدىن ئايرىلىپ ياشاپ بېقىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. ھالبۇكى مەن ئەزەلدىن نىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلسام، تىرىشىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇراتتىم. ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرىمۇ مېنىڭ بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل ياشاش يولۇمنى توسۇپ قالالمايتتى .
بۇ ئىش ناھايىتى روشەن ھالدا مېنىڭ ئۆز پىكرىمدىن يانمايدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ ، دادام-ئانام  ھەيرانلىق ۋە گاڭگىراش ئىلكىدە مېنى نىيىتىمدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:
−سەن نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭدىن ئايرىلماقچى بولىسەن، ھېچقانداق ھىندىستانلىقنىڭ ئائىلسىدە بۇنداق قىلمايدۇ، كۆپچىلىك بىرگە ياشاش بىزنىڭ ئەنئەنىمىز.
ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا ئىدى. بىر تىپىك ھىندىستانلىقنىڭ ئائىلىسىدە ئوغۇل مەڭگۈ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلمايدۇ. ھەتتا تويدىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. لېكىن مەن  ئەمدى تېخى 18ياش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بويتاق ۋاقتىمدىلا ئائىلىدىن ئايرىلماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ بولسا ئۇلارنىڭ بۇنى قۇبۇل قىلالماسلىقىدىكى ئاساسلىق  سەۋەب ئىدى.
−بىزنىڭ سېنى رازى قىلالمىغان يېرىمىز بارمۇ؟ سەن بۇ يەرنى ياقتۇرمامسەن؟
−ئۇنداق ئەمەس. مەن بۇ ئائىلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.مېنىڭ پەقەت يېڭىچە بىر تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باققۇم بار.                        
بىر ئامېرىكا ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ھېچقانچىلىك چوڭ ئىش ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ ئائىلە ئامېرىكىغا كەلگەندە بىر ئالاھىدە ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئۇ بولسىمۇ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام بىرگە ياشىشى ئىدى.
−مۇشۇ بىزنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلغىنىمىزنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ ئۆز ئوغلىمىزنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىش،ئەڭ كىچىك ئوغلىمىز بىزدىن ۋاز كەچتۈرۈشمۇ؟− دېدى دادام.
−سەن قاراپ باق ، بىز ھازىر قانچىگە كىردۇق،كىم بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ؟−دېدى ئانام.                                       
گۇناھكارلىق ھېسسىياتى يۈرىكىمنى مۇجىۋاتاتتى، لېكىن مەن قەتئي كۆچۈپ چىقىپ كېتىشنى قارار قىلدىم ھەمدە ئەتراپتىن مۇۋاپىق ئۆي ئىزدەشكە باشلىدىم. بەزىدە ئاكام بىلەن، بەزىدە دوستۇم تىروي بىلەن بىرگە ئۆي ئىزدەيتتىم
ئاخىرى فىرمونت شەھىرىدىن ھىندىستانلىقلار مەھەللىسىگە نەچچە كوچا يىراقلىقتا ئىنتايىن ياخشى بىر جاينى تاپتىم. ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ ئىشخانىمىز بىلەن بولغان ئارلىقىمۇ ئون مىنۇتلۇقلا يول ئىدى. ئۇ بىر يېڭى بىنا بۇلۇپ، ئىجارىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىماققا ناھايىتى پاكىزە ۋە رەتلىك كۆرىنەتتى. مەن يېڭى نەرسىنى،شۇنداقلا پاكىزلىقنى ياقتۇراتتىم. شۇڭا مەن ئۇ بىناغا كىرىپ دىرېكتورى بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇ دىرېكتورنىڭ ئازراقمۇ دوستانىلىقى يوق بۇلۇپ ، باشقىلارنى قەتئىي ھۆرمەت قىلمايتتى. ئۇ زادى خالىمىغان رەۋىشتە ماڭا بىر ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرغۇزدى. مەن جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەردىم ھەمدە ئۇ مەن بىلەن چوقۇم ئالاقىلىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. «بىز يەنە سىزنىڭ ئىشەنچ دەرىجىڭىز قاتارلىقلارنى ئويلىشىشىمىز كېرەك.» دەپ قوشۇپ چۈشەندۈردى.
گەرچە ئۇنىڭ ئازراقمۇ دوستانىلىقى بولمىسىمۇ، ئۆيگە قايتقىچە كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىمنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى بىلەتتىم. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈردۈمكى: ئۇ يېڭى بىنا دەل مەن ئىزدىگەن جاي!
ئىككىنچى كۈنى مەن ھېلىقى دىرېكتورغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئېلگىرلەشنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدىم، ئۇ ئالدىنقى كۈنىدىكىدىنمۇ سوغوق مۇئامىلىدە، − كەچۈرۈڭ،سىزنىڭ ئىشەنچ دوكلاتىڭىز ئانچە لاياقەتلىك ئەمەس ئىكەن، ئىلتىماسىڭىز رەت قىلىندى.−دېدى.
−بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مىنىڭ ئىشەنچ دەرىجەم ئىنتايىن ياخشى تۇرسا!
−كونكىرت ئەھۋالنى مەنمۇ بىلمىدىم،−دېدى ئۇ.−مەن پەقەت ئۇلارنىڭ ماڭا شۇنداق دېگىنىنى بىلىمەن.
−ئۇنداقتا ياخشى، مىنىڭ ئىشەنچ دەرىجەمنى كىم تەكشۈرۈپتۇ؟ سىلەر چوقۇم بىر يەرنى خاتا قىلىپ قويۇپسىلەر.−مېنىڭ ئۇلارغا: سىلەر مىنىڭ كىملىكىمنى بىلەمسىلەر؟ شېركىتىمنى 40 مىليۇن دوللارغا ساتقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى، خالىسام پۈتۈن بىنانى سېتىۋالالايمەن! دېگۈم كەلدىيۇ ئەمما ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.
ئۇ تاقەت قىلالمىغان ئاھاڭدا :−كىمنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ،باش شىتاب بۇ ئىشنى سىرتتىكىلەرگە قىلغۇزۇپتۇ.−ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا تىلفۇننى قويىۋەتتى.
مەن قايتا تىلفۇن ئۇرسام ئۇ ئالمىدى، نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى يوللىسام قايتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىنانىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ باردىم ۋە بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا دېدىم
−مەن ناھايتى ئەدەپ-قائىدىلىك ئادەم،−دېدىم ئۇنىڭغا. –مېنىڭ ئاۋارىچىلىق تاپقۇم يوق.ئەمما مەن بىلىمەن، مەن ئىقتىسادىي سەۋەپ تۈپەيلىدىم رەت قىلىنغان ئەمەس. ئەگەر سىلەر مېنى باشقا سەۋەبتىن، مەسىلەن مېنىڭ تەققى-تۇرقۇم دىگەندەك سەۋەبتىن رەت قىلغان بولساڭلار، سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، كالفورنىيە شىتاتىدا ئاللىقاچان ماڭا ئوخشاشلارنى كەمسىتىلىشتىن قوغداشقا دائىر قانۇن-بەلگىلىمىلەر بار.  
مېنىڭچە ئىشنى بىۋاستە ئۇچۇق دېيىشىۋىتىش كېرەك ئىدى. فىرمونت شەھىرىدە ھىندىستانلىقلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇ بىنا بۇ شەھەردىكى ئاق تەنلىكلەر ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدە ئىدى. « ھېلىقى دىرېكتورنىڭ ئاق تەنلىك ئەمەسلەرنى تۇرغۇزغىسى يوق ئىكەن.» دەپ ئويلىدىم مەن ئىچىمدە.
ئۇ بىنانىڭ ئىگىسى تېلېفۇننى قويىۋەتمەي بىردەم ساقلىشىمنى ئېيتتى. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ،−ھەممە ئىش جايىغا چۈشتى، بېرىپ دىرېكتورغا بىر ئېغىز دەپلا قويسىڭىز بولىدۇ، سىز ھېلىقى بىر يۈرۈش ئۆينى ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇ ئۆي سىزنىڭ بولسۇن.» دېدى.
ئەتىسى مەن ئۇ بىناغا يەنە باردىم. ھېلىقى دىرېكتور مېنى ساقلاۋاتقانىكەن، ئۇ ماڭا زورىغا كۈلۈمسىرەشكە تىرىشتىيۇ ، لېكىن قاملدشتۇرالمىدى
−بىز خاتالاشقان ئوخشايمىز ، كېيىنكى ئاينىڭ بېشىدا كۆچۈپ كىرسىڭىز بولىدۇ .
−رەھمەت! − دېدىم مەن.
شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ دادام -ئانامغا يېڭى ئۆي تېپىپ بولغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئانام ئاڭلاپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى. دادام ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
−گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسىلەر؟−دېدىم مەن.−مەن ئۆزۈم ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئۆيدىن بىرنى تاپتىم، شۇ يەرگە بېرىپ تۇرىمەن.
−بىز سېنى راستىنلا مۇشۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمىز.−دېدى ئانام.
−شۇنداق، مەن كۆچۈپ كەتمەكچى.−دېدىم مەن.−مەن تېخىمۇ مۇستەققىل ياشاپ  باقماقچى.
−ئاكاڭ سەندىن ئۈچ ياش چوڭ، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلىمەن دەپ باقمىغان.−دېدى دادام.
−مەن يا ئاكام بولمىسام.
كەچلىك تاماقنى يەپ بولغىچە ئۇلار ئۆزلىرىنى مېنىڭ قارارىمغا بويسۇندۇرۇشقا تىرىشتى، كەيپىياتىدىن  خۇددى چوڭ بىر پاجىئە يۈز بەرگەندەك ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى .
ئۇلار بۇ مۈشكۈل ئىشتىن ئامال قىلىپ ئۆتىۋالغاندىن كېيىن:
−ئېسىڭدە چىڭ تۇت، بىز مەڭگۈ سېنىڭ يۆلەنچىگىڭ .−دېدى دادام . ئۇنىڭ ئاۋازى چوڭقۇر ھېسىياتقا تولغان ئىدى. لېكىن ئەڭ ئازاپلانغىنى يەنىلا ئانام ئىدى .لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يىغىسىنى زورىغا بېسىۋېلىپ تۇراتتى:                        
−ئەگەر سىرتتىكى تۇرمۇشقا كۆنەلمىسەڭ قايتىپ كەلگىن، بۇ مەڭگۈ سېنىڭ ئۆيۈڭ.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن فىرمونت شەھىرىدىكى ھېلىقى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم. مەن ئۆيدىن پەقەت ئىككى چامادان كېيىم ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ماشىنام بىلەن قولايلىق ئائىلە بۇيۇملىرى بازىرغا بېرىپ مەن ئېھتىياجلىق نەرسىلەر يەنى : بىر كىيىم ئىشكابى، بىر كارۋات ، بىر قانچە چىراغ ۋە بىر كىرىسلو سېتىۋالدىم. ئۇدا ئۈچ كۈن ئائىلە بۇيۇملىرى بازىرنى ئايلاندىم، ئاندىن كېيىن تالون كەستۈردۈم. مەن بۇنىڭدىن ھەقىقىي ھۇزۇر ھېس قىلاتتىم.ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن شۇ چاغدا مانا بۇ ھەقىقىي تۇرمۇش، ھەققەتەن مەنىلىك تۇرمۇش دەپ ئويلىغانىدىم.
ھەممە نەرسىنى ئۆيگە ئەكىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇ نەرسىلەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ئولتۇرۋىلىپ سېتىۋالغان ئۆي جاھازىلىرىنى قوراشتۇرۇشقا باشلىدىم. ئاۋۋال كارۋات بېشى ئىشكابىنى قوراشتۇرغانىدىم،ناھايتى ئەپسۇس مەغلۇپ بولدۇم. ھەتتا چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپمۇ ھېچنىمنى بىلەلمىدىم ھەتتا ئەترىتكىگىمۇ قولۇم كەلمىدى. شۇڭا ئۇدۇللا قولايلىق ئۆي سايمانلىرى بازىرىدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ ، ئادەم ئەۋەتىپ قوراشتۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتىم. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئىككى ئىشچى كېلىپ ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەممىنى پۈتتۈرۈپ بولدى. نەتىجىدە  مەن ئۇلارغا خېلى كۆپ پۇل بەردىم. پۇل تىجەشكە شۇنچە تىرىشساممۇ ئاخىرىدا ھېچقانچە نەتىجە چىقىرالمىدىم .
قازان-قۇمۇچ، يوتقان-كۆرپە سېتىۋېلىشىم ، كىر-قاتلارنى قانداق يۇيۇشنى ئويلىشىشىم لازىم بۇلاتتى. مەن يەنە بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ سەي قورۇشنى ئۆگىنىشىم كېرەك. بۇ مەندەك مومىسى ،ئانسى ۋە ئاچسىنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن ھەممە نەرسىسى تولۇق ياشاپ ئۈگەنگەنلەرگە نىسبەتەن بىر مۈشكۈل ئۆتكەل بۇلاتتى.
كەچلىك تاماق ئېتىشىم بەئەينى پەن-تېخنىكا تەجىربىلىرىگە ئوخشاپ قالغانىدى. تاماق رىسالىلىرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزۈمچە ئوتنى ئىككى ھەسسە ئۇلغايتسام ، كىتابتا دىيىلىگەننىڭ يېرىمىچىلىك ۋاقتتا پىشىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ،لېكىن ئەمەليەتتە ئۇنداق بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن تاماق رىسالىلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم. كېيىن بىر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق سېتىۋالدىم.شۇنىڭدىن باشلاپ تۇرمۇشۇم ئۆزگەردى. ئويلىمىغان يەردىن مەن تاماق ئېتەلىدىم، ياخشى بىر ئاشپەزگىمۇ ئايلىنىپ قالدىم. مەن يەنە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا پىسا پۇشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم، ھەمدە بۇنداق پىسا مېنىڭ يېڭى ئۆيۈمدىكى دائىملىق تامىقىمغا ئايلاندى.
ئەمەلىيەتتە راست گەپنى قىلسام بەزى چاغلاردا تولىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتىم. لېكىن بۇ مېنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىم ئۈچۈن تۆلىگەن كىچىككىنە بەدىلىم ئىدى،خالاس. مەن مۇستەققىل ياشاشنى ئويلىغان،ئۆز ھاياتىمغا مەسئۇل بۇلۇشنى ئويلىغان، مېنىڭچە مانا بۇ  مۇشۇنداق قىلىشنىڭ يولى ئىدى. ئەمما ، ھەر قېتىم ئاتا-ئانام ۋە مومامنى يوقلاپ بارغىنىمدا ئۇلار  مەندىن ئوخشاشلا بىر سوئالنى سورىماي قالمايتتى. ئۇبولسىمۇ «سەن قاچان قايتىپ كېلىسەن؟» دىن ئىبارەت ئىدى.
− ئىشقىلىپ بۈگۈن ئەمەس ، كۆچۈپ كېلىدىغان نىيىتىم  بولسىلا سىلەرگە ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويىمەن.−دەيتىم مەن.
گەرچە مەن كۆچۈپ كەتكىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا بۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتى.
گەرچە مەن تىرىشىپ جەمىئەتتە بىر مۇستەققىل ئادەم بولالىغان بولساممۇ، لېكىن خىزمەتتە بەئەينى بىر تۇتقۇنغا ئوخشايتتىم. شىركەتتىكى تۇرمۇشقا پەقەت كۆنەلمەيۋاتاتتىم. بىيۇكراتچىلىق، ئىشخانا سىياسىتى، ئىچكى توقۇنۇش... ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى ئادەمنى تۇلىمۇ بىزار قىلىدىغان شاۋقۇن-سۈرەنگە  ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئىدى. لېكىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ھەرقانداق بىر ئىگىلىك تىكلۈگىچىگە نىسبەتەن  ئۆزى تىجارەت قىلىشتىن، ئۆزىنىڭ كونتىروللىقىدا بولمىغان باشقا بىر شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۆتۈش جەريانى تۇلىمۇ مۈشكۈل ئىكەن. مەن خۇجايىن ۋاقتىمدا نېمە قىلىشنى  خالىسام شۇنى قىلالايتتىم ،  ياكى بولمىسا  قول ئاستىمدىكىلەر مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش بىجىرەتتى. ئەمما بۇ يېڭى مۇھىتتا تەستىقسىز ھېچنىمە قىلغىلى بولمايدىكەن. مەن پىكرىمنى باشقىلارغا ئېيتىسام بىر ئادەمنى قايىل قىلغانغا بولمايدىكەن ، ئىككى ، ئۈچ ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەمنى قايىل قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. ھەم بۇ كىشىلەر  ھېچنىمىگە ئىگە بولالايدىغاندەك قىلمايتتى. مانا بۇ كىشىلەر دېيىشىۋاتقان بيۇكراتچىلىق دەيتتىم ئىچىمدە. بۇنداق يەردە ھېچقانداق ئىشنى پۈتتۈرگىلى بولمايتتى.ھەتتا شىركەت  قانچە چوڭايغانسىرى سىز قىلايدىغان ئىشلار تېخىمۇ ئازلاپ كېتەتتى (ھېچ بولمىغاندا مېنىڭچە شۇنداق). بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بۇنداق كۆپ شىركەتلەرنىڭ ئىشلارنى قانداق پۈتتۈرىدىغانلىقنى پەقەت بىلەلمىدىم. بيۇكراتچىلىق تەبىئيلا سىزنى سانسىز توساقلارغا يۇلۇقتۇراتتى.
لېكىن مەن بۇنداق ئاسان ۋاز كېچىدىغان ئادەم ئەمەس . قەتئى ۋاز كەچمەسلىكتەك خارەكتېر ماڭا دادامدىن مىراس قالغان بۇلۇپ، مېنى زېھىن ۋە كۈچ-قۇۋىتىمنى يىغىشقا ئۈندەپ تۇراتتى. مەن دائىم ئۆزۈمگە « ئىشلار چوقۇم ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، valueclick تىكى ئادەملەر ئاخىرىدا چوقۇم گېپىمگە قۇلاق سالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ پاراخۇت يۈرۈش يۆلېنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ.» دەپ ئويلايتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى چىقماس كۈتۈش ۋە مۇنازىرە قىلىشنى باشلىدىم.
قارار قىلىش ھوقوقىنى قايتا يۈرگۈزەلمىگەن كۈنلەر ناھايتى مۈشكۈل بۇلۇپ، مىنىڭچە بۇ شىركەتتە يىتەكچىلىك قىلىدىغانلار دىرېكتور ئەمەس بەلكى بوغالتىرلار بولسا كېرەك، ئۇلار ھەرقانداق ئىجاتچانلىقنىڭ بولۇشىغا يول قويمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كۆز ئالدىدىكى  پايدا، سان-سىفىر بولۇپ كەلگۈسى بىلەن كارى يوق، ئۇ نىمىلەر ھەقىقەتەنمۇ پايدىدىن باشقىنى ئويلىمايتتى. مەن پايدىنى ئويلىماسلىق كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما پەقەت پايدىنىلا ئويلىسا قەتئىي بولمايدۇ. مېنىڭچە بولسا، دائىم پايدا-زىيان ھىساباتىغا قاراش ئاقىلانە ئۇسۇل، ئەمما بۇ ئىگىلىكنىڭ ۋەيران بۇلۇشىغا تۆلىگەن بەدەل بۇلۇپ قالسا بولمايدۇ.مەنAgents kClic نى باشقۇرىۋاتقان چېغىمدا دائىم ئالدىن ئويلايتتىم، دائىم شىركەتنى بىر يىلدىن كېيىن، ئۈچ يىلدىن كېيىن، ھەتتا بەش يىلدىن كېيىن قانداق ھالەتكە ئېلىپ كېلىشىم كېرەك ، دىگەننى ئويلايتتىم. ئاندىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشاتتىم.
ناھايتى تېزلا ئوڭۇشسىزلىق ھېسلىرىم ماڭا ئارام بەرمەسلىككە باشلىدى، ھەر قېتىم ئۆيدىكلەرنى سېغىنغاندا، ياخشى بىر ۋاق تاماق يىگۈم كەلگەندە ئۆيگە قايتاتتىم، ئەمما خىزمەت ئۈستىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىماي سۆزلەپ بىچارە ئۆيدىكلەرنىڭ ئىچىنى بۇلۇشىغا پۇشۇرىۋىتەتتىم. «بۇ بولسا بىر ئالاقە تورى شىركىتى . رىقابەت شۇنداق رەھىمسز،ئەگەر بىز تېز سۈرئەتتە پىشىپ يېتىلمىسەك ،رىقابەتتە باشقىلارغا ھەرگىزمۇ تەڭ كىلەلمەيمىز.» دادام-ئانام خۇددى مەن  يات بىر تىلدا سۆزلەۋاتقاندەك تۇرۇپ-تۇرۇپ ماڭا قاراپ قوياتتى، لېكىن ئۇلار ئەدەپ بىلەن ئاڭلايتتى. مەن ئۆزۈم رازى بولمىغان ئىشلارنى داۋاملىق سۆزلىمەكتە ئىدىم. مەن valueclick تىكى خىزمىتىمنى تېزرەك تۈگىتىشىم كېرەك.ئۆزۈم بىر قوللۇق قۇرغان شىركەتتىن ئايرىلىش مېنى قانچە بىئارام قىلمىسۇن ، لېكىن چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشىم لازىم،بولمىسا ساراڭ بۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن.                                                                             
ئاشۇ يىلى 9 -ئايدا ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى،11-چىسلا دادام ئەتتىگەندىلا تېلېفۇن قىلىپ ، تېلېۋىزورنى ئېچىپ خەۋەرلەر پروگراممىسىنى كۆرۈشۈمنى ئېيتتى. دۇنيا سودا مەركىزى جۈپ بىناسىنىڭ بىرسگە ئوت كەتكەنىدى. مەن قورقۇش ئىلكىدە بىر ئايرۇپلاننىڭ يەنە بىر بىناغا سوقۇلغىنىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئېغىزىم يوغان ئېچىلغان ھالدا جايىمدا ئولتۇرۇپ، بۇ ئىككى بىنانىڭ غۇلاپ چۈشكىنىنى كۆرمەكتە ئىدىم. بۇ ئىشتىن ناھايىتى ھەيرانلىق ئىلكىدە قالغان بولساممۇ، تىزلىكتە ماشىنامنى ھەيدەپ چوڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. بىز بىرلىكتە تېلۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، زادى نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكنى ئېنىق بىلمەكچى بولدۇق. مومام نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكنى چۈشەنمەيتتى.چۈنكى ياشانغانلار دىۋەڭلىك كىسلى ئۇنى ئاللىبۇرۇن مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. لېكىن ئانام ناھايىتى قورقۇپ كەتكەنىدى. ئانام  :- «سىرتقا چىققاندا ئېھتىيات قىلىڭلار ، كىشىلەر بىزنىڭ سېكلار ئىكەنلكىمىزنى پەرق ئېتەلمەسلىكى ،ھەتتا بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن.» دەيتتى .  تاج بىلەن مەن ئاللىبۇرۇن چېچىمىزنى ياسىتىپ ،  سېك سەللىسىنىمۇ ئېلىۋەتكەن ئىدۇق. شۇڭا ئانامنىڭ بۇ سۆزى ئاساسلىقى دادامغا قارىتىپ  ئېيتىلغانىدى.
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئسلام ترورچى ئۇنسۇرلىرىنى تەشۋىق قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى. باشقىلار دېيىشىۋاتقان بۇددا مۇخلىسلىرى، سېك مۇرتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسدىكى پەرىققە ئۇنچە ئۈمىد باغلاپ كەتكىلى بولمايتتى، چۈنكى بىزنىڭ تەق-تۇرقىمىز ئانچە پەرقلەنمەيتتى، مانا بۇلار بىزگە پايدىسىز ئىدى. توساتتىنلا بىز ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدۇق.
بىر كۈنى كەچتە ،گۇناھسىز خەلق ئاممىسىغا قارىتىلغان،يەنى بىر گاز قاچىلاش پونكىتى خۇجايىنى ۋە توققۇزدەك  خىزمەتچىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەردى . پۈتۇن ئائىلىدىكلەر بىرلىكتە تېلۋېزىيە ئىستانىسىسى ئىشلىگەن بىر ئالاھىدە پروگراممىنى كۆردۇق. پروگراممىدا بىر قانچە مۇخبىر ئەرەبلەر، ھىندىلار، سېكلار ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پەرىقنى ناھايىتى ئەستايىدىللق بىلەن چۈشەندۈرىۋاتاتتى. كىشىلەردىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇلار بۇ ئېتقاد كۈرىشى ئەمەس، ئىسلام بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس دەپ تەكىتلەيتتى.
لېكىن ئۇلارنىڭ دېگىنىنى ئاڭلايدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى.ھېلىمۇ ئېسىمدە : دادام بىلەن بىرگە كەچلىك تاماققا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىققاندا ، كىشىلەر دادامنىڭ سىرتقى ھالىتىگە قاراپ ئۇنى ئورىۋېلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ كۆزىدىن بىرخىل يۇشۇرۇپ بولمايدىغان ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى،بىز ھېسابات قىلىدىغان پوكەيگە كەلگەندە ، ئاچچىقىمدىن قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى. داداممۇ مېنىڭ بۇ ھالتىمدىن پارتلاشقا  ئازلا قالغىنىمنى پەملىگەنىدى.شۇڭا ئۇ پەنجاپ تىلدا
−بولدى قىل، سەن ئىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋېتىسەن،- دېدى
ماشىنا بىلەن ئۆيگە قايتقۇچە، مېنىڭ يەنىلا ئىچىم قايناۋاتاتتى.
−مەن سېنىڭ قانداق چىداپ تۇرغىنىڭنى پەقەت بىلمىدىم، دادا .                                                            
−چۈنكى پەقەت ئاشۇ نادانلارلا ماڭا كۆز ئالايتىدۇ ۋە  تىللايدۇ .  لېكىن مەن ۋاقىتىمنى ئىسراپ قىلىپ ئۇلارغا  تەربىيە قىلىپ يۈرمەيمەن . مەن ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن. لېكىن  مەن بۇنىڭدىن قورقىپمۇ يۈرمەيمەن . .
دادامنىڭ سۆزلىرى ماڭا تەسىر قىلدى بولغاي،ئاچچىقىم ئازراق بېسىلدى . ئۇنىڭ  ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن توغرا ئىدى . مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن، لېكىن مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ  بۇ ئالاھىدىلىكىمنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك. مانا بۇ ئوخشىماسلىقلار يەنى مىنىڭ تاشقى قىياپىتىم ، مەدەنىيىتىم، دىني ئېتقادىم  ھازىرقى مېنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن، ھەمدە ناسداق كۆرسەتكۈچىسىدىكى ھازىرقى نەتىجەمنى ياراتقانىدى. باشقىلار بەلكىم مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن مەن بىلىمەن---ماڭا نىسبەتەن بۇلار يېتەرلىك.  

      




تۆتىنجى باپ




يىگىرمە بىر ياش:بوللىيۋود يۇلتۇزى ۋە كۆك لېتىي شىركىتىنى قۇرۇش





       2001- يىلنىڭ ئاخىرىدىكى بىر كۈنى مەن دوستۇم تىروي بىلەن خېلى داڭقى بار‹دەيف باست›ئاشخانىسىدا بىللە تاماق يېدۇق.شۇ چاغدا سېرىق چاچلىق بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.نېمىشقىكىن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم،تىروي مېنى ئۇ قىزغا سالام قىلىپ قۇيۇشقا زورلايتتى.ئۇ بىر دوستى بىلەن بىللە بۇلۇپ، دوستى بىر ئەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى،شۇڭا ئۇ قىز قارىماققا بىرئاز يالغۇز قالغاندەك كۆرۈنەتتى.لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.
—    ئەڭ چاتاق بولغاندا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن؟—دەپ سورىدى تىروي مەندىن.
—    ئۇ مېنى ‹كۆزۈمدىن يوقال!›دەرمۇ؟
—    ئۇنداق بولسانېمە بوپتۇ؟بۇدۇنيادا كىم باشقىلارنىڭ ‹يوقال!› دېيىشىگە ئۇچرىمىغان ؟
—    مەن قىلالمىغۇدەكمەن.
  —جى،ئىلگىرى سەن ماڭا‹مەغلۇبىيەت مۇۋاپىقىيەتنى يارىتىدۇ›دېمىگەنمىدىڭ؟سەن بېرىپ سىناپ باقمىساڭ ھېچ ئىشنى قىلالمايسەن.
ئۇنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق ئىدى.مەن بىر رومكا ۋوتكىنى گۈپپىدە كۆتۈرىۋېتىپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن ئۇ قىزنىڭ يېنىغا باردىم.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم.
:ـ ياخشىمۇ سىز؟ئىسمىڭىز نېمە؟سىز يالغۇزمۇ؟ دائىم مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يەمسىز؟

ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن ئۇ بىزارلىق ھېس قىلمىغاچقا،بىز توپتوغرا 3مىنۇتتەك پاراڭلاشتۇق.خوشلىشىدىغان چاغدا ئۇ ھەتتا ماڭا تېلېفون نۇمۇرىنى بەردى.مەن ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا تاماق ئۈستىلىمگە قايتىپ كەلدىم.ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك قىلالىغىنىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.
—    ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئوينىغىلى ئېلىپ چىققىن.—دېدى تىروي مەسلىھەت بېرىپ.
  ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى ئاشخانىدا بىللە تاماق يېيىشكە دېيىشتىم. ئۇنى ئېلىپ كېلىش يولىدا  ئۆزۈمچە قاتتىق جىددىيلىشىشكە باشلىدىم،ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ..شۇنىڭ بىلەن  تىرويغا تېلفون قىلىدىم.
  —ئوغۇللار قىزلار بىلەن پاراڭلاشقاندا دائىم سورايدىغان 10سوئال قايسى؟
  —چاقچاق قىلمايۋاتقانسەن؟!
  —ياق بۇرادەر،مېنىڭ راستىنلا بىلگۈم بار.ماڭا ياردىمىڭ كېرەك!
  —سەن ئۇنىڭدىن نېمە خىزمەت قىلدىغانلىقىنى،ئىشتىن سىرت نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى،ساياھەت قىلىشقا ئامراق ياكى ئەمەسلىكىنى ،قانداق قىزىقىشى بارلىقىنى، يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنى سورا.
  —سەن بەك تېز سۆزلەپ كەتتىڭ.—دېدىم مەن.
  —ئۇنداق ئەمەسقۇ،ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ گەپلەرنى دەپتەرگە خاتىرلەۋاتمايدىغانسەن؟
  —مەن ھازىر خاتىرلەۋاتىمەن.
  —ۋاي خۇدايىمەي!نىمە قىلاي دەيسەن؟سەن مېنىڭ دېگەنلىرىمنى خاتىرلىۋېلىپ
ئاندىن ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەرمەيدىغانسەن؟
  ئۇنىڭ دېگىنىنىڭ ئاساسى بار ئىدى.‹ماقۇل،مەقسىتىڭنى چۈشەندىم.مەن ئامال بار كاللامغا خاتىرلىۋالىمەن.يەنە باشقا ئەسكەرتىشلىرىڭ بارمۇ؟›
  —سەن پەقەت ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغانلىقىڭنى ئىپادىلىسەڭلا بولدى.ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىزىقىدىغان قىزىقمايدىغانلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
  ئۇ كۈنكى ئىشلار تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى.مەن ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە قىزغىن بولۇپ كېتىپ قالدىم.ئۇ دېڭىز ساھىلىدا ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا مەن‹بەك ياخشىكەن!مەنمۇ دېڭىز ساھىلىنى ياخشى كۆرىمەن›دېدىم.ئۇ‹يوگانى ياخشى كۆرىمەن› دېۋىدى مەن‹يوگا مېنىڭ ھاياتىم› دېدىم.ئەمەلىيەتتىمۇ يوگا ھەر بىر ھېندىستانلىقنىڭ قان-قېنىغا سېڭىپ كەتكەن نەرسە ئىدى.
  مېنىڭ سورىغان سوئاللىرىمغا ئۇ تولىمۇ ئەدەپ بىلەن بىرمۇ-بىر جاۋاپ بېرەتتى،ئەمما مېنىڭ ئەس خىيالىم كېيىنكى سوئالنى قانداق سوراشتا بولغاچقا ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلىمىدىم،ھەتتا ئوخشاش بىر سوئالنى قايتىلاپ سوراپمۇ قالدىم.مەن ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئال تاپالمىغاندا ئارىمىزدىكى كەيپىيات سۇسلاپ قالاتتى.
  —بۇ ھامبورگ بولكىسىنىڭ تەمى قانداقراق ئىكەن؟—دەپ سورىدى ئۇ.
  ئەھۋال بارغانسىرى يامانلاپ كەتتى.مەن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم،ھەتتا ئىستاكان تۇتقان قولۇممۇ روشەن تىتىرەپ كەتتى،ئەمما ئۇ بۇنى كۆرمەسكە سالدى.
  كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇنى ماشىنىسىنىڭ قېشىغىچە ئۇزىتىپ باردىم ۋە شۇ يەردىلا خوشلاشتۇق.‹ماڭا تېلىفون قىلىڭ›دېدى ئۇ..ئېنىقكى بۇ مۇنداقلا دەپ قويغان تەكەللۇپ سۆزى ئىدى.
  مەن ئۆيگە قايتىۋېتىپ تىرويغا تېلفون قىلىپ بولغان ئەھۋاللارنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردىم.
  —مەن قاتتىق مەغلۇپ بولدۇم.—دېدىم مەن.
  —ماڭا ئىشەن!ئەھۋال ئۇنچىۋالا چاتاق ئەمەس.—دېدى ئۇ.
  —ئەھۋال ھەقىقەتەن چاتاق!—دېدىم مەن.
  —سېنىڭ ئويلىغىنىڭ بەلكىم خاتادۇر دوستۇم.ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭغا يەنە بىر تېلفون قىلىپ باققىن،ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقمامسەن.
  ئىككى كۈندىن كېيىن چۈش ۋاقتى بىلەن ئۇنىڭغا تېلفون قىلدىم.بىلدىمكى ئۇ خىزمەت ئۈستىدە ئىكەن.ئەمەلىيەتتە مەن يۈرەكلىك ھالدا ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز سۆز قالدۇرۇپ ‹ھەي!مەن گورباكىش،خالىسىڭىز ماڭا تېلفون قايتۇرۇڭ ›دىيەلمىدىم.
     ئۇ ماڭا تېلفون قايتۇرمىدى.مەن شۇ چاغدا ئىچىمدە‹ھەي!قىزلار بىلەن ئۇچرىشىش باشقا ئىشلاردىن تەس ئىكەن. بۇ جەھەتتە مەن تېخى يېڭى ئۆگەنچى،مەن ئەزەلدىن قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان،مەن ھەتتا مۇھەببەتلىشىشنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان.چۈنكى مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشتىن 2يىل بۇرۇنلا مەكتەپتىن چېكىنگەن.گەرچە مەكتەپتە بولغان بولساممۇ مەن بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىدىغان بىرەر قىزنى تاپالىشىم تەس ئىدى.
  بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.مەن تېخىغىچە ئاۋالقى قېتىملىق زەربىدىن ئەسلىمگە كېلەلمىدىم.بىر كۈنى ئاكام ئىككىمىز فېرمونتو شەھرىدىكى ھېندىستانلىقلار ئاچقان بىر ئاشخانىغا تاماق يېگىلى باردۇق.يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئىككى ھېندىستانلىق قىز تاماق يەۋاتاتتى.بىرچاغدا بىر قىزنىڭ تېلفونى جىرىڭلىۋىدى ئۇ قىز تېلفوننى ئېلىپلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.يەنە بىر قىز يالغۇز قالدى.‹مەن ئاۋۇ قىزبىلەن پاراڭلىشىپ كېلەي›دېدىم ئاكامغا.ئاكام ئۇ قىزغا قاراپ قويۇپ ئارتۇقچە بىر نېمە دېمىدى. ئۇنىڭ قىزلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى ماھارىتى ماڭا يەتمەيتتى ،مەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇردۇم.
  ئۈچ كۈندىن كېيىن مەن ئۇ قىز بىلەن بىر ئىتالىيچە تاماقخانىنىڭ  بۇلۇڭىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يېدىم.بۇ بىر ۋاخ تاماق ناھايتى كۆڭۈللۈك بولدى.شۇنىڭدىن كېيىن بىز دائىم ئالاقىلىشىپ تۇردىغان بولدۇق.ئۇزۇن ئۆتمەي مەن رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ئاخىرى ھېس قىلدىم.قىزلار بەك قالتىس بولىدىكەن!رىۋايەتلەردە ئاڭلىغان،ئاڭلىمىغاننىڭ ھەممىسىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.بوللىيۋود رىژىسورلىرىنىڭ كىنولاردىكى سۆيۈشۈشكە ئاز قالغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى شوخ ئۇسۇللۇق كۆرۈنۈشلەرگە ئالماشتۇرىۋېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە شۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاخىرىدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىپ قالغانىدىم.
  تەلىيىم تولىمۇ كاج كەلدى،ئىككىمىزنىڭ ئارلىشىشى ئۇزۇنغا بارمىدى.ئاساسلىق مەسئۇلىيەت مەندە ئىدى.دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە خىزمەتتىن باش كۆتۈرەلمەيتتىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم سان خوسې بىلەن لوس-ئانگېلېس ئارلىقىدا قاتىراپ تۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى.گەرچەValueClickتىكى خوجايىنلار بىلەن كېلىشەلمىسەممۇ،لېكىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا نىيەت قىلغانىدىم. بۇ توغرىسىدا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولساممۇ لېكىن ئۇ يەنىلا توغرا چۈشەنمىدى.شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتتۇق.
  مېنىڭ كەسپى ھاياتىمدىمۇ ئاۋارىچىلىقلار ئاز بولمىدى.
  2002- يىلى 2-ئايدا مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ValueClickتىن ئايرىلدىم.مەن سامغا ئېيتتىم:‹
شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىشقا ئىزچىل مۇراجىئەت قىلىپ ھېچقانداق ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن بۇنداق خىزمەتتىن جاق تويدۇم.ئىككى يىل يەتكۈچە قىينىلىپ بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم.مېنىڭ بۇ شىركەتكە سىڭدۇرگەن ئەجرىم،سالغان مەبلىغىم بەك كۆپ،مەن ئىزچىل بۇ شىركەت ئۈچۈن جان كۆيدۈردۈم،لېكىن شىركەتتە ھېچكىم مېنى كۆزگە ئىلىپ قويمىدى.بۇ شىركەتتە شىركەت ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەيدىغانلار پەقەتلا يوق ئوخشايدۇ.›
  سام ئىككىمىز خېلىلا مۇنازىرلىشىپ قالدۇق.‹سەندە قىلچىلىكمۇ سەۋرىچانلىق يوق،ئىشلار ھەمىشە بىر شەخسنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولىۋەرمەيدۇ.›دېدى ئۇ.ئاخىرىدا يەنە 6 ئاي ئىشلەپ قاراپ بېقىپ ئاندىن بىرنەرسە دېيىشىمنى ئېيتتى.
  ‹ئۇنىڭ پايدىسى بارمۇ ؟›دېدىم مەن،‹سىلەر بەرىبىر مېنى ئىشلەتمەيسىلەر.مېنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق كېرىكىم قالمىدى.ھەر كۈنى سەھەردە ئىشخانىغا بارغاندىن كېيىن ئۇيەرگە نېمىشقا بارىدىغىنىمنى ئويلاپ قالىمەن.›
  ‹بىز ساڭا موھتاج،جى›دېدى ئۇ‹سەن شىركىىمىزدە كەم بولساڭ بولمايدۇ.›
  ‹شۇنداقمۇ؟بۇ ھەقىقەتەن يېڭىلىق ئىكەن.شىركەت مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.›دېدىم مەن ‹لېكىن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم.›
  ‹ماڭا ئىككى ئاي ۋاقىت بەر›دېدى ئۇ‹ئىشلاردا چوقۇم چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ.‹
  ئىككى ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى،ئىشلاردىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.شۇڭلاشقا مەن شىركەتتىن ئايرىلدىم.كېينكى بىر ھەپتە جەريانىدا قولۇمدىكى بىر بۆلۈك پاينى سېتىپ پۇل قىلغاندىن كېيىن لېكسۇس پىكاپ سېتىش ئورنىغا بېرىپ RX400 SUV ۋەGS400تىپلىق ئىككى پىكاپ سېتىۋالدىم.  ‹پىكاپنى بۈگۈن كەچتىلا ئېلىپ كېتەي دەيمەن،شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ؟›
  _بولىدۇ، چاتاق يوق! ئەپەندىم_ دېدى پىكاپ ساتقۇچى.
  شۇكۈنى ئاخشىمى يېڭى ئالغان ئىككى پىكاپنى دادام،ئاناملارنىڭ ئۆيى ئالدىغا ھەيدەپ باردىم.پىكاپنىڭ ئۈستىگە شايى باغلانغان بولۇپ تېلۋىزورلاردىكى ئېلاندىكىدەكلا ئىدى.ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستىم.دادام ئانام چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى.
  ‹بۇ ئىككى پىكاپنى سىلەرگە ئالدىم.›دېدىم مەن تېلۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدەك قىياپەتتە تۇرۇپ.ئۇلار بىردەم ماشىنىغا قارىسا بىردەم ماڭا قارايتتى.
_‹بىزگە ئالدىڭ؟›دەپ سورىدى دادام.
_‹ھەئە،سىلەرگە ئالدىم.سىلەرگە رەھمەت،سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئاتا-ئانا!›
ئانام كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك بېشىنى چايقايتتى،ئېنىقكى ئۇ ئىنتايىن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتاتتى.
_‹لېكىن گورباكىش،بىز بۇنداق قىممەت سوۋغاتنى قۇبۇل قىلالمايمىز،سەن يەنىلا ئۇنى ئىقتىساد قىلىپ كەلگۈسىدىكى جاپالىق كۈنلىرىڭدە ئىشلەتكىن.›
_‹مېنىڭ ھەر قانداق جاپالىق كۈنلەرگە تاقابىل تۇرغىدەك پۇلۇم بار.›دېدىم مەن.
_‹ئەمما سېنىڭ بىرەر مۇقىم خىزمىتىڭمۇ بولمىسا؟›دېدى دادام قارشى تۇرۇپ.
_‹بولدى دادا،پىكاپنى ھەيدەپ سىناپ باققىن.›
ئۇلار خالىمايراق ئۆزلىرىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ،كوچىنىڭ ئۇ بېشىغىچە ھەيدەپ بېرىپ قايتىپ كېلىشتى.ئۇلار ماشىنىدىن چۈشكەندە خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەنىدى.‹بۇ مەن ھەيدەپ باققان ئەڭ ئېسىل ماشىنا بولدى.›دېدى دادام.بۇ ھەقىقەتەنمۇ دادامنىڭ چىن يۇرەك سۆزى ئىدى.بىز ھەر قېتىم لېكسۇس پىكاپ كۆرسەك ھاياجاندىن ۋارقىرىشىپ كېتەتتۇق.بىزنىڭ نەزىرىمىزدە لېكسۇس پىكاپنى ‹مۇكەممەل›دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن تەرىپلەشكە بولاتتى.
_‹بۇ ئىككى پىكاپ ئۈچۈن ئايدا قانچىلىك قەرز تۆلەيسەن؟›دەپ سورىدى ئانام.
_‹ئانا،مەن بۇنى نەق پۇلغا ئالدىم.›
_‹گورباكىش،› ‹بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟› دېدى ئانام.
  بىرنەچچە ئايدىن كېيىن مەن دادام ئاناملار ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالغان شىركەت بىلەن ئالاقىلاشتىم.دادام-ئاناملار 30يىللىق قەرز بىجىرگەن بولۇپ،يەنە 28 يىللىقى قايتۇرۇلمىغانىدى .ئۇلارنىڭ توي خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىپ قالغاچقا،ئۇلارنى تۇيۇقسىز خۇش قىلۋەتمەكچى بولدۇم.  48 سائەت ئىچىدە ئۆينىڭ بارلىق قەرزلىرىنى تۆلىۋەتتىم.بىر كېچىدىلا دادام-ئاناملار ئۆينىڭ ھەقىقىي ئېگىسى بولۇپ قالدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             بىرنەچچە ئايدىن كېيىن مەن دادام ئاناملار ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالغان شىركەت بىلەن ئالاقىلاشتىم.دادام-ئاناملار 30يىللىق قەرز بىجىرگەن بولۇپ،يەنە 28 يىللىقى قايتۇرۇلمىغانىدى .ئۇلارنىڭ توي خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىپ قالغاچقا،ئۇلارنى تۇيۇقسىز خۇش قىلۋەتمەكچى بولدۇم.  48 سائەت ئىچىدە ئۆينىڭ بارلىق قەرزلىرىنى تۆلىۋەتتىم.بىر كېچىدىلا دادام-ئاناملار ئۆينىڭ ھەقىقىي ئېگىسى بولۇپ قالدى.
  _‹بۇ سوۋغاڭنى قەتئىي قۇبۇل قىلالمايمىز.›دېدى دادام.
  _‹ئەمدى بەرىبىر كېچىكتۇق.›دېدىم مەن.
_  ‹لېكىن سەن پۇللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى بىزگىلا خەجلىسەڭ بولمايدۇ،-دە!›دېدى ئانام نارازىلىق بىلدۈرۈپ‹ئۇنچىۋالا سېخىي بولۇپ كەتمە.بىزمۇ ئىنتايىن ياخشى ئۆتىۋاتىمىز.›
  ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالى ياخشى ئىدى.دادام پوچتا ئىدارىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىنتايىن رازى،ئاناممۇ ئۆزىنىڭ سېستىرالىق خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرسىكەن دەيمەن.ئەلۋەتتە،مېنىڭ ئۇلارغا ئۈزلۇكسىز بىرىپ تۇرىدىغان سوۋغاتلىرىم ئۇلارنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن.ئەمما مەنمۇ شۇنداق قىلىشتىن خۇشاللىق تاپىمەن،تېخىمۇ پەخىرلىك ھېس قىلىمەن.
  بۇ جەرياندا مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى :سەمىمىيتىنى كۆرسىتىش،كۆرسەتكەندىمۇ يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى چىن سەمىمىيتىنى كۆرسىتىش ئاندىن ھەقىقىي قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.
  دادام-ئاناملارنىڭ كۆزلىرىدىن مەندىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ.مېنىڭ ئاددىي سوۋغاتلىرىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار تاج ۋە كامالدىن داۋاملىق ئەنسىرەپ يۈرمەيدىغان بولدى،چۈنكى Click Agentsبىرلەشتۈرۋىتىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭمۇ پۇلى بار بولدى.نىمالغا كەلسەك،ئۇ ئېرى بىلەن يۇتا شىتاتىغا كەتتى،ئۇلارنىڭ ئىككىنچى بالىسىمۇ تۇغۇلاي دەپ قاپتۇ.قارىغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئىزىغا چۈشۈپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
  نېمىلا دېمەيلى،پۇل نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،مېنىڭ ئائىلەم دەل بۇنىڭ مىسالى.مېنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىمنىڭ ئائىلەمگە كۆرسەتكەن ياخشى تەسىرى ناھايتى زور بولدى.مەن ئامېرىكىدا بېيىدىم،دادامنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇردۇم،مەلۇم دەرىجىدە چاخال ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكلىك رولىنى ئوينىدىم.گەرچە مەن ئائىلىدە ئەڭ كىچىكى بولساممۇ،ھېچكىم مېنىڭ پىكرىمگە قارشى چىقمايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى ئۆيدىكىلەر مېنى پىكىر قىلىشتىن چەكلەيتتى.ئەمما ھازىر قانداقلا ئىش بولسا ھەممىسى مېنىڭ پىكرىمگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.مومامنى ئوپىراتسىيە قىلىش -قىلماسلىق،ياتاق ئۆيگە قانداق گىلەم ئىشلىتىش،بۇ يىل يازدا ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش- ئۆتكۈزمەسلىك،....ئىشقىلىپ چوڭ ئىش ياكى كىچىك ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى مېنىڭ پىكرىمنى ئاڭلايدىغان بولدى.شۇڭلاشقا مەنمۇ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى بايان قىلىدىغان بولدۇم. مەن خىزمەتتىن چېكىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەچكە يەنە بىر يىل ۋاقىتنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزىشىمگە توغرا كىلىپ،بىكارچىلىقتىن بەكلا ئىچىم سىقىلىپ كەتتى.
  ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر ئەتتىگەنلىكى ئورنۇمدىن تۇرۇپ  ئۆزۈمنىڭ ئاللىقىچان كاتتا بايغا ئايلىنىپ بولغانلىقىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇڭلاشقا تاپقان پۇللىرىمغا ئۆزۈمنى نوچى كۆرسىتىدىغان بىرەر نەرسە ئېلىشنى ئويلاپ قالدىم ۋە (Lamborghini) لەنبورجىنى ماركىلىق مۇسابىقە پىكاپىدىن بىرنى ئېلىشنى قارار قىلدىم.
  گۆدەك چاغلىرىمدا،مەن ئاشۇنداق مۇسابىقە پىكاپلىرىغا ئالاھىدە قىزىقاتتىم.دادام دائىم ماڭا ئۇيۇنچۇق دۇكانلىرىدىن ئاشۇنداق مۇسابىقە پىكاپلىرىنىڭ مودىللىرىنى ئېلىپ بېرەتتى.مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغىنىممۇ ئىشىكى ئۈستىگە ئېچىلدىغان قارلىغاچ قۇيرۇقى شەكىلدىكى لەنبورجىنى ماركىلىق مۇسابىقە پىكاپى  ئىدى.ھازىر پۇلۇم بار بولدى،ئەگەر راستىنلا شۇ ماشىنىدىن  بىرنى ھەيدىسەم ئۇ چاغدا قالتىس بولۇپ كېتىدىغاندەك ھىس قىلاتتىم.
  سان-خوسې شەھرىدە لەنبورجىنى پىكاپىنى سېتىش نۇقتىسى يوق،شۇنداقلا مەن ماشىنا ھەيدەپ پالىئاۋتو شەھرىگە بېرىپ سېتىۋىلىشنى خالىمايمەن شۇڭلاشقا ئېباي (eBay)ماشىنا سېتىش تورىغا چىقىپ كۈمۈش رەڭلىك،Diablo GTتىپلىق،ئىككى كىشلىك مۇسابىقە پىكاپىدىن بىرنى تاللىدىم.بۇ پىكاپتىن پۈتۈن دۇنيادا پەقەت 10نىلا بار ئىكەن.پىكاپ ئۈچۈن 240مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىدىم،يۈك ماشىنىسىدا فېرمونت شەھرىگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئايرىم ھەق تۆلىدىم.پىكاپنى تاپشۇرۋىلىشقا بىر كۈن قالغان ئاخشىمى پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم،توختىماي يېڭى پىكاپىمنى ئويلايتتىم،پات ئارىدا ئۆزۇمگىلا تەۋە بولغان لەنبورجىنى مۇسابىقە پىكاپىم بولىدۇ،راست پىكاپ،مودىل ئەمەس! ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇخلىغان ئىككى ئۈچ سائەت جەريانىدىمۇ يېڭى پىكاپىمنى چۈشەپ چىقتىم.
  ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەنلىكى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا يۈك ماشىنا شىركىتىگە تېلفون قىلدىم ‹ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلەمسىلەر؟› سورىدىم مەن.
_ ‹شۇنداق، ئالاھىزەل ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۆيىڭىزگە يىتىپ بارىمەن ›دېدى ئۇ.
  بىر سائەتتىن كېيىن يەنە تېلفۇن قىلدىم.‹ھايال قالمىغانسىز؟›سورىدىم مەن.
_ ‹ياق.›
_ ‹ناچار ھاۋارايىغا ئۇچراپ قالمىغانسىز؟›
_ ‹ھازىرغىچە ئۇنداق ئەھۋالغا يولۇقمىدىم.›
_ ‹ئۇنداقتا،ئىككى سائەتكىچە يېتىپ كېلەلەمسىز؟›
_  ‹بىر سائەت ئىلگىرى سىزگە دېگەنتىمغۇ،جاتىرجەم بولۇڭ،ھەممە ئىشلار جايىدا.›
  دەرۋەقە ئۇ دەل ئىككى سائەتتە يېتىپ كەلدى.مەن يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىم، خۇددى 10 ياشلىق بالىدەكلا خۇشال بولۇپ كەتكەنىدىم.يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى مېنىڭ بەكلا ياش ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ ئازراق ھەيران قالدى،ئەمما ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.ئاخىرى يېڭى پىكاپ ياتىقىمنىڭ ئالدىدىكى يولغا مەزمۇت توختىتىلدى.يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرمۇ ئىزىدا بىردەم توختاپ پىكاپقا قاراپ قوياتتى.بۇمەنزىرىنى كۆرۈپ ئىچىمنى بىرخىل ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى قاپلىدى.لەنبورجىنى مۇسابىقە پىكاپى دېگەن كۈندە كۆرگىلى بولدىغان نەرسە ئەمەس،بۇ كوچا رايونىدىكىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.مېنىڭ بۇ پىكاپىم كىشىلەرنى راستىنلا ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى.
  ‹ۋاھ!›دەۋەتتىم مەن.ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى.مەن ئاستاغىنە پىكاپقا يېقىنلاشتىم،ئىشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە تەپسىلىي بىر قاراپ چىقتىم،چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ يېڭى ماشىنىنىڭ ھىدىنى پۇرىدۇم.ماشىنىنىڭ پۇرىقىدىن ئېسىلزادىلىك ۋە نوچىلىقى چىقىپ تۇراتتى. دەل شۇچاغدا تورمۇزنىڭ يېنىدا بىر پدالنىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم.‹بۇ نېمە؟›دەپ سورىدىم يۈك ماشىنا شوپۇرىدىن.
  _‹قايسى؟›
_ ‹تورمۇزنىڭ يېنىدىكى ئاۋۇ پىدالچۇ؟›
_ ‹ئۇ دېگەن مۇفتا ( ھازىر مۇفتىنى كۆپىنچە كىشىلەر لىخاچى دەپ خەنزۇچە ئاھاڭدا ئاتايدۇ .›دېدى ئۇ.
  _‹مۇفتا؟ئۇنداق ئەمەستۇ؟مەن بۇنداق ماشىنىنى ھەيدەشنى بىلمەيمەن،مەن پەقەت ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنىلا ھەيدىيەلەيتتىم.›
_  ‹بەك ئەپسۇس،بۇرادەر.›
  بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان مال تاپشۇرىۋىلىش تالونىغا ئىمزا قويۇپ بولغانىدىم،ئۇمۇ ئۆز يولىغا مېڭىشقا ئالدىراۋاتاتتى.مەن ئۇنىڭغا 200 دوللارغا بىر سائەت ماشىنىنى قانداق ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندۈم.
_ ‹بىر سائەتتە ئۆگىنىپ بولالمايسەن.›دېدى ئۇ.
  _‹خاتىرجەم بولۇڭ، ناھايتى تېزلا ئۆگىنىۋالىمەن ›دېدىم مەن.
  ئۇ بەك خالىمىسىمۇ ئاخىرى ماقۇل بولدى.ئۇ رول تەرەپتە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىز ئەتراپتىكى بىرنەچچە كوچىنى ئايلىنىپ چىقتۇق.ئۇ ماڭا مۇفتىنى قانداق ئىشلىتىشنى:مۇفتىنى دەسسەپ،خوت ئالماشتۇرۇپ،مۇفتىنى قويۋىتىپ .ئاندىن ماي بېرىشنى ئۆگىتەتتى.ئۇنىڭ مەشغۇلاتىغا قاراپ 16 ياش ۋاقتىمدا شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرسىگە قاتناشقان ۋاقتىم ئېسىمگە كىلىپ قالدى.ئۇچاغدا ئاچام كامال نىڭ ئۆزى ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان،كونا بولسىمۇ كىچىك تىپتىكى بىر پىكاپى بار ئىدى.بىر كۈنى ئاچامغا يالۋۇرۇپ ماڭا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويىدىغانغا ماقۇل كەلتۈردۈم.ئۇ مېنى تىنچ بىر ئاھالىلەر رايونىغا ئېلىپ باردى ۋە مېنى رول تەرەپتە ئولتۇرغۇپ‹بۇ ماي تەپكىسى،ماۋۇتەرەپتىكى تۇرمۇز،ماۋۇ خوت›دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
مەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇشۇمغىلا ئۇ جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە ۋارقىراشقا باشلىدى‹دىققەت قىل!تورمۇزنى دەسسە!ماي بەر!سۈرئەتنى ئاستىلات!›
  مەن بىرەر مىنۇتتىن كېيىنلا بەرداشلىق بېرەلمەي،ماشىنىنى توختىتىپ،ئۇنى ھەيدەشكە بۇيرىدىم.‹سەن بۇنداق ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرسەڭ مەن ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟›دېدىم مەن.
  _‹خاپا بولما،›دېدى ئۇ بىر ئاز پەسكويغا چۈشۈپ‹مەن قىز بالا بولغاندىكىن مۇشۇنداق جىددىيلىشىپ كېتىدىكەنمەن،سەن ئىنىم بولغاندىكىن ساڭا زىيان-زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن دەيمەن.›
_ ‹بولدىلا.سەنمۇ ئۆگەتمەيلا قوي.›
شۇنداق قىلىپ ماشىنىنى قايدۇرۇپ ئۆيگە قايتتۇق،ئۆيگە بارغۇچە بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق.
  كېيىنكى ھەپتىسى مەن دادامغا يالۋۇردۇم.ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېنى بىللە ئېلىپ چىقتى.مەن رول تەرەپتە ئولتۇرغاندىن كېيىن تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەتراپتىكى بىرنەچچە كوچىنى ئايلىنىپ چىقتىم.بىردەمدىم كېيىن دادام مېنى تاشيولدا ھەيدەشكە بۇيرىدى.شۇچاغدا ماشىنىنى50~60 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماشىنىلار ۋىشىلداپ ئۆتۈپ تۇرغان تاشيولدا ھەيدىيەلىگىنىمگە ھازىرغىچە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.‹ئاھ،تەڭرىم!مەن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋالدىم.›دەۋەتتىم مەن.
_  ‹مەن جېنىمدا بۇنداق تېز ھەيدىيەلمەيمەن.›دېدى دادام قىززىقچىلىق قىلىپ.
_ ‹ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.›
  _‹ئەگەر بىرسىگە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتمەكچى بولساڭ،ئۇنى سۇغا تاشلىۋەت.›دېدى دادام.
  ئىككى ھەپتىگىچە دادام مېنى ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلغىلى ئېلىپ چىقتى،مېنىڭ تېخنىكاممۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ باردى،ئەمما پاراللىل ماشىنا توختىتىش تېخنىكىسىنى زادىلا ئېگىلىيەلمىدىم.ئەينى چاغدا سان-خوسې شەھىرىدە شوپۇرلۇقتىن ئىمتىھان بەرگەندە دەل مۇشۇ پاراللىل ماشىنا توختىتىش تۈرىدىن ئۆتەلمەي،كېيىن جىرلويدا ئاشۇ تۈردىن ئىمتىھان ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،شۇ يەرگە بېرىپ ئىمتىھان بىرىپ ئۆتكەنىدىم.شۇچاغدا خېلى بىر ۋاقىتقىچە پورتمالىمغا قىستۇرىۋالغان پىراۋامدىم پەخىرلىنىپ يۈرگەنىدىم.
  نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزۈمنىڭ لەنبورجىنى پىكاپىمنىڭ رولىنى تۇتۇپ،تولىمۇ چىقىشقاق،ناتونۇش ئادەمنىڭ ياردىمىدە مۇفتىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن.
  بىر سائەتتىن كېيىن مەن خوتنى قانداق ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم.ئۆزۈمنىڭ كەيپىياتىمۇ قالتىس كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.
  ئۇ شوپۇر كەتكەندىن كېيىن مەن پىكاپىمنىڭ ئىچىگە شۇڭغۇپلا كەتتىم.بېشىدا ئەتراپتىكى بىرقانچە كوچىنى ئايلىنىپ شامالدىدىم.ھەر قېتىم خوت ئالماشتۇرغاندا موتوردىن قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن چىقاتتى،يەنە تېخى بىر نەرسە كۆيگەندەك پۇراقمۇ چىقاتتى.لېكىن مېنىڭچە،ھەرقانداق مۇسابىقە پىكاپلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بۇلىدۇ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
  چاتاق يېرى شۇكى پىكاپنىڭ ئاستى بەك پەس بولغاچقا،بەزى جايلاردا ماشىنىنىڭ ئاستى يەرگە تىگىپ قېلىشتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ساقلىنالمىدىم.
  پىكاپنى نەگىلا ھەيدەپ بارسام كىشىلەر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىشىپ قاراپ قالاتتى.بۇنىڭغا نىسبەتەن بەك پىسەنت قىلىپ كەتمىدىم.يەنە تېخى نۇرغۇن چىرايلىق قىزلار يارقىن ۋە ئادەمنى مەس قىلغۇدەك كۈلكىلىرى بىلەن جىلۋە قىلاتتى.ئەمما راستىمنى ئېيتسام ئۇ قىزلار مەن ياقتۇرىدىغان خىلدىكى قىزلار ئەمەس ئىدى.
  بىر ھەپتىدىن كېيىن مەن پىكاپنى تاشيولغا ئېلىپ چىقىپ ھەيدىدىم.دەل خوت ئالماشتۇرغان چاغدا پىكاپنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالدى.مەن جىرلويدىن مەخسۇس يۇقۇرى تىپلىق مۇسابىقە پىكاپلىرىنى رېمونت قىلدىغان بىر رىمونچى چاقىردىم.يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ چىرايلىق بىر كوزۇپلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ يىتىپ كەلدى.‹پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،›دېدىم مەن نارازى بولۇپ‹بۇ پىكاپنى شۇنچە جىق پۇل خەجلەپ سېتىۋالسام،ئوتى ئۆچۈپ قالىدىغان بولۇپ قالدىغۇ بۇنىڭ!›
  _‹سىز بايام نىمە قىلغانتىڭىز؟›
_  ‹ھېچنىمە قىلمىغان،پەقەت پىكاپنى ھەيدەپ ئايلىنىپ كەلگەن.›
  بىز پىكاپنى ئۇنىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ ئۇنىڭ جىرلويدىكى رېموتچىلىق دۇكىنىغا باردۇق.ئۇ تەپسىلىي بىر قېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن ماڭا ماشىنىنىڭ مۇفتىسى ئۇپراپ كەتكەنلىكىنى دېدى ئ.شۇ چاغدىلا پىكاپنى ھەيدىگەندە نىمىشقا غايەت زور شاۋقۇن چىقىدىغىنىنى ۋە بىر نەرسە كۆيگەندەك پۇراق چىقىدىغىنىنى بىلدىم.‹راست گەپ قىلسام،›دېدىم مەن‹مەن بۇ پىكاپنى ھەيدەشنى بىلمەيمەن.›
  ئۇ رىمونتچى بەكمۇ ياخشى ئادەم ئىكەن.ئۇ دۇكىنىدىكى يەنە بىر لەنبورجىنى پىكاپنى ئېلىپ چىقتى.بىز پىكاپنى ھەيدەپ بىردەم ئايلىنىپ كەلدۇق.ئۇزۇن ئۆتمەي مەن خوت ئالماشتۇرغاندا پۇتنى ماي تەپكىسىدىن ئاجىرتىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.مېنىڭ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىشم 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا توختىدى،ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئازراق ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتىش ھەققىمۇ بار تېخى.
  مېنىڭ بۇ مۇسابىقە پىكاپىم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى.مەن دائىم ماشىنىنىڭ يامغۇر سۈرتكۈچىسىگە قىستۇرۇپ قويۇلغان نامەلۇم قىزلاردىن كەلگەن باغاقچىلارنى تاپشۇرۋالاتتىم،ئۇلار باغاقچىسىدا مېنىڭ ئۆزىگە تېلفون قىلىشىمنى ئېيتاتتى.خاتالاشمىسام ئۇلار مېنىڭ ھەيدىگەن پىكاپىمغا قاراپ مېنى بىرەر دىنىي جەمئىيەتنىڭ باشلىقىنىڭ ئارزۇلۇق بەگزادىسى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك.لېكىن مەن ئۇ باغاقچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاب قايتۇرمايتتىم.

ئېسىمدە ئەڭ قالغىنى بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەنىدى.ئەينى چاغدا مەن پىكاپنى ھەيدەپ بىر تەنتەربىيە ساريىنىڭ ئالدىغا توختاتتىم. تويوتا ماركىلىق بىر پىكاپ خېلى ئۇزۇندىن ئارقامدىن ئەگىشىپ كەلگەنىدى،ماشىنىنى توختىتىپ ماتورىنى ئۆچۈرىشىمگە بۇ تويوتا ماركىلىق پىكاپ پىكاپىمنىڭ قېشىدىلا توختاپ ئىچىدىن 16 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۆسمۈر چۈشتى.ئۇ ئىنتايىن ھۆرمەت نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى،ھاياجانلانغانلىقىدىن يىغلىۋېتىشكە ئاز قالغانىدى.›سىزگە دەخلى قىلغۇم يوق ئىدى،ئەمما سىزنىڭ نېمە ئىش قىلدىغىنىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈم بار،چۈنكى مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر مۇسابىقە پىكاپى سېتىۋالغۇم بار ئىدى.‹
_  ›مەن تور ئېلانى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن،‹دېدىم مەن›ئەمما ئۇ كەسىپنىڭ چوقۇم سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان شۇنداقلا باشقىلاردىن تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغان خىزمەتنى تېپىشىمىز كېرەك.‹
  لەنبورجىنى پىكاپىمدىن يەتكۈچە زىرىككەچكە بىرمۇنچە زىيانغا ئۇچرىساممۇ ئاخىرى ئىبايدا سېتىۋېتىپ بىنىز SL55تىپلىق پىكاپتىن بىرنى ئالدىم.بۇ پىكاپ ئاپتوماتىك خوتلۇق بولۇپ،سۈرئىتىمۇ خېلى تېز بولغاچقا ناھايتى تېزلا ياقتۇرۇپ قالدىم.لېكىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە لەنبورجىنى پىكاپنى سېغىنىپ قالدىم،شۇڭا يەنە بىرنى ئالدىم.بۇ قېتىمقىسى قىزىل رەڭلىك بولۇپ بۇنىمۇ ئىبايدىن سېتىۋالغانىدىم.ئىككىنچى يىلى ئۇ قىزىل لەنبورجىنىنىمۇ سېتىۋىتىپ لوس گاتوستىن ماشىنا سېتىش نوقتىسىدىن  فاراللىي ماركىلىق پىكاپ سېتىۋالدىم، چۈنكى مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ فاراللىي ماركىلىق پىكاپنى بەك قالتىس دەپ ئېيتقانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم. مەن ئەسلىدە ئۇ يەردىكى ماشىنا ساتقۇچىلار ماڭا كىچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلارمىكىن دەپ ئەنسىرگەنىدىم،ئەمما ئۇلار ماڭا ئىنتايىن ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتى.چۈنكى ئۇلار ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان ياش مىليونېر خېرىدارلارغا فاراللىي پىكاپ ساتىدىكەن.مەن Spider360تىپلىق فاراللىي پىكاپنى ھەيدەپ بۇ سېتىش نۇقتىسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئايرىلدىم.بۇ خىل پىكاپنى ھەيدەش لەنبورجىنى پىكاپنى ھەيدەشتىن كۆپ ئاسان ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايتىمۇ مەزمۇت ئىكەن.(لېكىن تا ھازىرغىچە لەنبورجىنى پىكاپنى تېخىمۇ نوچى دەپ قارايمەن) شۇنداق قىلىپ 6 ئايدىن كېيىن ئارانلا 425 ئېنگىلىزمېلى ھەيدىگەن فاراللىي پىكاپنىمۇ سېتىۋىتىپ،ئاق رەڭلىك،ئىككى ئىشىكلىك بىنلى ماركىلىق پىكاپتىن   بىرنى ئالدىم.بۇ پىكاپنى ھازىرغىچە ھەيدەپ كېلىۋاتىمەن.ئۇ ماڭا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ كۆرىنىشى  تولىمۇ نەپىس  ھەم مۇسابىقە پىكاپىنىڭ شەكلىدە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوماتىك خوتلۇق بولغاچقا ھەيدەشمۇ ناھايىتى قولايلىق.
  قىززىق يېرى شۇكى،مەن ئىزچىل كاللام قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم .ئۆزۈمنىڭ پۇل خەجلىشىمنى كونتىرول قىلالايدىغىنىمدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.ھەر قېتىم يېڭى پىكاپ سېتىۋالغاندا شۇنداق پۇشايمان قىلىپ كېتەتتىم.
بېشىدا ھەددىدىن زىيادە بەتخەجلىكىم تۇتۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمگە بىر خىل خۇشاللىق تاپقاندەك بولىمەن،كېيىن قىلغىنىمغا قاتتىق ئۆكۈنۈپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەيمەن.مەن ئۆزۈمنىڭ سودىگەرچىلىك قىلىشتىكى‹ زۆرۈرىيەت بىلەن ئېھتىياجنىڭ پەرقىنى ئايرىش› دېگەن مىزانىمغا خىلاپلىق قىلدىم .مەن راستىنلا مۇشۇنداق راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟ ياق!  قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۆزۈم تاپقان پۇل.مۇشۇنداق ئويلىسام كۆڭلۈممۇ سەل ئارام تاپىدۇ.لېكىن ھەر قېتىم ناھايتى كۆپ پۇل خەجلىۋەتكەندە يۈرىكىم بەكمۇ ئېچىشىپ كېتەتتى.ئاخىرى كاللامدىن ئۆتتى،پۇل خەجلىگەندە يۈرىكى ئېچىشىشمۇ بىر ياخشى ئىشكەن .مەسىلەن ھەر قېتىم ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا ئەرزان پۇللۇق بۈلىمىدە ئولتۇرىمەن.بىر قېتىم ئالاھىدە بۈلىمىدە ئولتۇرۇپ پەقەتلا خۇش بولالمىغانىدىم.چۈنكى ئالاھىدە بۆلمىنىڭ بېلىتى بەكمۇ قىممەت ئىدى.
  پىكاپ ئېلىپ سېتىش،قىزلار بىلەن ئۇچرىشىش،ئۆزۈمنىڭ ۋاسكىتىبول ئويناش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشتىن سىرت مەن يەنە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان يەنە بىر ئىشنى—پاي چېكى ئويناشنى تېپىۋالدىم.مېنىڭ ValueClickبىلەن ئىمزالىغان 3 يىللىق توختام مۇددىتى توشىدىغانغا يەنە بىر يىل بار ئىدى.شۇڭلاشقا 250 مىڭ دوللار مەبلىغىمنى پاي چەك بازىرىغا سېلىشنى قارار قىلدىم.باشلىنىش خېلى ياخشى بولدى،بىرىنچى سودىلىشىش كۈنى مەن 30 مىڭ دوللار پايدىغا ئىرىشتىم،ئىككىنچى سودىلىشىش كۈنى 10 مىڭ دوللار،ئۈچىنچى كۈنى 15 مىڭ دوللار پايدىغا ئىرىشتىم.3 كۈندىلا ئالغان پايدام سالغان مەبلىغىمنىڭ 20 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتتى.مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ نەتىجەمدىن قاتتىق سۆيۈندۈم.ئۆزۈمنىڭ پاي چەك ئويناش تالانتىم بارلىقىغا ئىشىنىپ قالدىم.
  تۆتىنچى كۈنى مەن زىيان تارتتىم.شۇنىڭدىن باشلاپ زىيان تارتىۋەردىم.ئۇزۇنغا بارمايلا مەبلەغ سالغان 250 مىڭ دوللاردىن 125 مىڭ دوللارلا قالدى.مەن بىرنەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ تارتقان زىينىمنى تولدۇرىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم.لېكىن ئاخىرىدا زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ كېتىپ قولۇمدا ھېچنىمە قالمىغىلى تاسلا قالدى.مەن دەرھال ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم.ئۆزۈمدە قىمار ئوينىيالايدىغان تالانت ۋە جۈرئەت يوقلۇقىنى ئاخىرى ھېس قىلدىم .ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمىغاچقا پاي چەك بازىرىدىن چىكىنىپ چىقتىم.بۇ جەرياندا شۇنداق بىر ساۋاققا ئىرىشتىم:پاي چەك بازىرىنى يەنىلا كەسىپ ئەھلىلىرىگە قالدۇرغان ياخشىكەن.
  مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ،مەن ئىلگىرى پاي چەك بازىرىنى ناھايتى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ باققان،بولۇپمۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا دائىم دادام بىلەن تېلۋىزورنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋېلىپ پاي چېكى توغرىسىدا خېلى كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.ئەمما بۇ مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئەمەسكەن.يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتسام،مەن بىر ئېگىلىك تىكلىگۈچى،پاي چېكى ئويناش ماڭا ماس كېلدىغان ئىش ئەمەس.
سىزگە دەپ قوياي:ئەگەر سىز مۇۋەپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ.چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بار تەرەپتىكى خىزمەتلەرنى قىلىڭ.ئۇنداق بولمايدىكەن شۈكرى قانائەتچان،ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ قالىسىز.بەك شۈكرى قانائاتچان بولۇپ كەتسىڭىز چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسىز.مەن ئىككىنچى،ئۈچىنچى دېگەنلەرگە قەتئىي قىزىقمايمەن،ئەگەر بىر ئىشنى قىلماقچى بولسام چوقۇم بىرىنچىسى بولىمەن،بىرىنچىسى بولالمىسام ئۇ ئىشنى قىلمايمەن.ئەگەر مۇشۇنداق ‹مەن مەڭگۈ بىرىنچىسى›دەيدىغان پوزىتسىيە بولمىسا سىز قەتئىي غەلبە قىلالمايسىز.دەل مۇشۇ كۆپ سانلىق كىشىلەر ئاران‹ياخشى›قىلالىشىنىڭ،ئاز سانلىق كىشىلەر‹ئىنتايىن نوچى›قىلالىشىنىڭ سەۋەبى.  
101-بەت
(رىقابەتلەشمەسلىك) كېلىشىمنىڭ ۋاقتى ئۆتكىچە  زېرىكىپ كەتكەنلىكىمدىن باشقا ئىشلارنى قىلىپ يۈردۈم .مەن ھىندىستانچە تائاملار ئاشخانىسى ئېچىشنى ئاقىلانە تاللاش دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن تاج بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىپ،بۇنى بىر خىل ھىندىستانلىق ئاھالىلەر رايونىدىكىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ  ياخشى ئامالى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق .بۇنىڭ ئۈچۈن تاماقخانىغا مۇھىتى ياخشى ،ئازادە ،ھەر جەھەتتىن قولاي بىر جاي بولىشى كېرەك ئىدى.مەن بۇ تاماقخانىنىڭ ئىسمىنى ‹بوللىۋود چولپىنى› دەپ قويۇش تەكلىپىنى بەردىم ، چۈنكى ھىندىستانلىقلارنىڭ  ھەممىسى بوللىۋودنىڭ كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتى.ئەمەلىيەتتە ،ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ دائىرسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بوللىۋود ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى چوڭ كىنو شىركىتىنىڭ بىرسى بولۇپ،بوللىۋود كىنولىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكىنى مۇزىكىلىق درامما ئىدى .
كىچىك ۋاقتىمدا،مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن بۇ كىنولارنى جېق كۆرگەن بولۇپ ،كۈپۈنچە كىنولارنىڭ ۋەقەلىكى ھېلىغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.مۇھاببەت ھېكايىسى ،قىزىقارلىق فىلىملەر ياكى قورقۇنۇچلۇق فىلىملەربولسۇن ،ھەممە فىلىمنىڭ ھەر بۆلىكىگە ئاشۇ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار قىستۇرۇلاتتى ـــ  ھەر بىر  مۇھىم ھالقىلاردا مۇشۇ كىشىلەر پەيدا بولاتتى.ھېلىمۇ ئېسىمدە ، دادام دائىم مۇشۇ فىلىملەر ئىچىدە رولنى ئەڭ ياخشى ئالىدىغان ‹Paisa vasool›‹پۇلنىڭ قىممىتى›نى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى.مەن ئاكامغا بىز قۇرماقچى بولغان  تاماقخانا دەل مۇشۇ‹Paisa vasool› نىڭ ھىندىستانلىقلارغا بەرگەن تەسىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمنى ئېيتتىم .ئەلۋەتتە،بىز كىنو ئىشلىمەيتتۇق ، ئەمما كىشىلەرنى مەزىلىك تائام .ئېسىل ھاراقلار بىلەن تەمىنلەپ  ئۇلارغا راھەت  ۋە ئارامبەخىش تۇيغۇ بەرسەك شۇنداقلا ئۇلارنى يىغىلىپ ئارام ئالىدىغان ياخشى مۇھىت(جاي) بىلەن تەمىن ئەتسەك بولاتتى.
شۇنداق قىلىپ بىز ياخشى جاي تاللاشقا كىرىشتۇق ھەمدە مىلپىتاس(Milpitas)  ئەتراپىدىن  مۇۋاپىق بىر جاينى تاپتۇق.ئۇ يەر ئەسلىدە فىرانسۇس ئاشپۇزۇلى ئورنى بولۇپ ،خوجايىن ئاللىبۇرۇن بۇ يەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىپ قويغانىكەن.بىز بۇ يەرنى سېتىۋالدۇق ھەمدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشكە كىرىشتۇق.مەن بۇ يەردە بىرلا ۋاقىتتا ھىندىستانچە ۋە فىرانسۇسچە تائام بىلەن تەمىنلىشىمىزگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم.
مەن ئاكامغا :-`` نۇرغۇن ھىندىلارنىڭ ئۆيىدە يەيدىغىنى پەقەتلا ھىندىستانچە تائاملار . `` بەزىدە ئۇلار ھىندىستانچە تائاملاردىن زېرىكىشى مۇمكىن`` دېدىم
``دېگىنىڭمۇ توغرىدەك  قىلىدۇ ...`` دېدى ئاكام جاۋابەن.
بىز قۇلۇرۇش ھۆددىگىرى ۋە لاھىيلىگۈچى تەكلىپ قىلدۇق ھەمدە ئىش باشلاشقا ئىلتىماس سۇندۇق،ئالتە ئايدىن كېيىن،بىز ئۆزىمىز تەكلىپ قىلغان ئىككى نەپەر ھۈنىرى ئۈستۈن ئۇستىلار بىلەن تىجارەت باشلىغانلىقىمىزنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق.مۇراسىم چوڭ مۇۋاپىقىيەتلىك  بولدى ،شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۆزۈمنى ھەقىقي بىر ئاشپۇزۇل خوجايىنى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزەمنى تېلۋىزىيە فىلىمى‹كاساپلانكا›(Casablanca)دىكى مەيخانا خوجايىنى رىك(Rick)غا ئالاھىدە ئوخشىتاتتىم .مەن ئاشخانىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ ،مېھمانلارنى كۈتۈش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئاشپۇزۇلۇمدا خۇشال-خۇرام تاماقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش  يۈرەتتىم  .ھەر بىر مېھمان مېنى تونۇۋالاتتى،شۇڭلاشقا مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال ئىدىم.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن دەل ئاشۇ     `` (Click Agent) ``نى قۇرغان ھېلىقى `` 40مىليون تاپقان شۇمتەك`` ئىدىم . ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا پايچېكلىرىمنىڭ باھاسى 20مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغىلى ئاز قالغان ئىدى.پۈتۈن بىر ئاخشام ،تاج بىلەن مەن تەبرىكلەشكە كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئۆتتۇق،بىز ئىنتايىن خۇشال ئىدۇق ، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى كۆپچىلىك ئۈچۈن چوڭ بىر ياخشى ئىش قىلىپ بەردۇق دەپ ھېساپلايتتۇق. بىر كۈنى ئاخشىمى،مەن ئاشخانىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر ھىندىستانلىق قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇردۇق . نۇرغۇن قىزلار مېنىڭ ماشىنامنىڭ شامال توسۇش ئەينىكىگە خەت قىستۇرۇپ قوياتتى.مەن يېشىل چىراغنى ساقلىۋاتقاندا ماڭا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن سالام قىلاتتى.يەنە بەزىلىرى مېنىڭ ئاشخانامغا كېلىپ مېنى ئىزدەيتتى.بىراق مەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى مېنىڭ پۇلۇمنى كۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم،شۇڭلاشقا مەن ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتىم،شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكىنىمدىن بەزىدە قالايمىقان خىياللاردىمۇ بولۇپ قالاتتىم،بىراق بۇ قىز ئۇلارغا ئوخشىمايدىغاندەكلا تۇراتتى.
ئاشخانىدا مەن يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم،ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەتراپتىن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېدىتسىنا ئۇنۋېرىستىتىغا ئىمتاھان بېرىۋاتقان كىرىشنا (Krishna subramanian)  ئىسىملىك بىرەيلەن بار بولۇپ ، مېدىتسىنا ئۇنۋېرىستىتىغا كىرىش ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ غايىسى ئەمەس ئىدى،ئۇ بىر تور بەت ياساش ماھىرى بولۇپ،كومپىيوتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى قىزغىن سۆيەتتى. بىراق ئاتا-ئانىسىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن مېدىتسىنا ئۇنۋېرىستىتىغا ئىمتاھان بېرىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى،ئۇ بالا ئالاقە قىلىشقا ھەقىقەتەن ئۇستا ئىدى. ئۇ  ئۈمۈد بىلەن :
-سەن كېيىنكى شىركەتنى ئاچقان چاغدا ،مېنى چاقىرۋېلىشنى ئۇنۇتما!
-ئاتا-ئاناڭ مېنى ئۆلتۈۋېتىشتىن يانمايدۇ،
-قانداق ئىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر مېنى چوقۇم چاقىرۋال!
رېستوران ساھەسىدە  بەزى ئىشلار ماڭا تازا خوش يېقىپ كەتمەيتتى ---مەن ئەزەلدىن تونىمايدىغان ئادەملەر مەندىن ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى سورايتتى، قەرز ئالغىلى  كېلىدىغانمۇ  ، ھەقسىز تاماق يېيىش كويىدا كېلىدىغانلارمۇ ئاز  ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بەزىلىرى تېخى ناھايىتى ئاشۇرىۋېتەتتى: ئۇلار مەندىن نەرسە سورىغاندىكى قىياپىتى ۋە گەپ ئۇرانىدىن قارىغاندا خۇددى مەن ئۇلارغا قەرز بولۇپ قالغاندەكلا. بىر شەنبە كۈنى ئاخشىمى بىر ئايرىمىخانىنىڭ ئىچىدە ، ئادەمنى ناھايىتى بىزار قىلىدىغان بىر كونا خېرىدار مېنى  ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ ھاقارەت قىلدى ۋە مېنىڭ ئۇنىڭغا ھەقسىز ھاراق بېرىشىمنى تەلەپ قلدى. ئۇ پۈتۈنلەي ئەس- ھوشىنى يوقاتقان بولۇپ، مەن ئۇنى رېستۇراندىن چىقىرىۋەتمىسەم بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى، ئىشىك باققۇچى ئۇنى تارتىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندا ئۇ مېنى ئۆلتىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. مەن ئازراق گۇمانلىنىپ قېلىشقا باشلىدىم ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا ماڭا ئوخشاش سالاھىيەتتىكى ئادەم دائىم ئوتتۇرىغا چىقىپ يۈرسە بولامدۇ؟ لېكىن مەن ئۇنىڭ تەھدىتىگە پىسەنتمۇ  قىلىپ قويمىدىم. ئۇ ئادەم ئەينى ۋاقىتتا مەس بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى مەستلىكتە دېگەن گەپلەر.(ئىشقىلىپ مەن ئۆزەمگە مۇشۇنداق تەسەللى بەرگەنتىم.)
لېكىن دادام بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇلار ماڭا ئوخشاش ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمىدى.ئۇلار مېنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمنى ئېيتىشتى،لېكىن مېنىڭچە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۇ پەقەت  بىر مەسنىڭ تېرە تاراقلىتىپ   ھەيۋە قىلىشىلا ئىدى  خالاس  .
"بوللىۋود يۇلتۇزى" باشتىن تارتىپلا پايدىغا مېڭىۋاتقان ئىدى .  لېكىن نېمە بولغىنىنى مەنمۇ بىلمىدىم ، بىر مەزگىلدىن كېيىن  سودا  كاساتلىشىشقا باشلىدى . نۇرغۇن خېرىدارلار خۇددى ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىدىكى مەقسىتى ئۆلگىدەك ھاراق ئىچىشتىكىدەك ،دائىم ھەپتە ئاخىرىدا ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىراتتى .ئۇزاق ئۆتمەي  بۇ ئادەملەر  "بوللىۋود يۇلتۇزى" نىڭ  خۇشاللىق كەيپىياتىنى بۇزىۋەتتى  ،  مەن تاج بىلەن نۇرغۇن گۈزەل ئىستەكلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ ھىندىستانلىقلار كۆپ جايلاشقان بۇ يەرگە   رېستورانىمىزنى  ئاچقان ئىدۇق، لېكىن ئاشۇ بىر ئوچۇم كېشىلەر خۇددى ھەممە نەرسىنى بۇزىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەندەك قىلىۋاتاتتى.
مەن دادام بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىپ باقتىم  ، ئۇ بۇرۇن دەيدىغان گەپلىرىنى يەنە تەكرارلاپ:"بۇ دۇنيادا بەزى ئادەملەر خۇددى قىسقۇچپاقىغىلا ئوخشاش. ئۇلار چېلەكتىن يامىشىپ چىقالمىسا باشقىلارنىمۇ چىققۇزمايدۇ، ھەتتا باشقىلارنى تارتىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ."
مەن بۇرۇنقى تېلىۋىزىيە فىلىمى"ئامېرىكا مەبۇدىسى"دىكى سىمىن كاۋىر ئىسىملىك بىر باھالىغۇچى دەپ ئۆتكەن گەپنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا زىيارەت قىلىنغاندا رىياسەتچىگە ئۆزىنىڭ  مەيلى  قايسى دوستى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشسۇن  ھەممىسىگە قايغۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ھېلىقى  رىياسەتچى بۇنى ئاڭلاپ  كۈلۈپ كېتىدۇ ، ۋە كۆڭلىدە چاخچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ  .لېكىن ئۇ ئازراقمۇ چاقچاق قىلمىغان ئىدى .ئۇ دەل شۇ قېرىنداشلىرىنىڭ چېلەكتىن يامىشىپ چىقىپ كېتىشىگە ئۆچ قىسقۇچپاقا ئۆزى ئىدى .
    يازغۇچى گىر ۋىدېرنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ :" ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قىلىشىلا يېتەرلىك ئەمەس، چوقۇم باشقىلارنى مەغلۇپ قىلىۋېتىش كېرەك.“بىراق مەن بۇخىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنى چۈشەنمەيتتىم  ھەم ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىم.ھەرقېتىم باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ،ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىلھاملىناتتىم  ، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم ، شۇنداقلا ، ئۇلار قىلالىغان نەرسىنى مەنمۇ چوقۇم قىلالايمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ ئېگىلىك تىكلەش يولىغا بىر نىشان بەلگىلەيتتىم . لېكىن بۇ دۇنيادا بەزى ئادەملەر باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرەلمەيدۇ، ئېنىقكى مەن بۇخىل ئادەملەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسلۇبىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيتتىم.
    "بوللىۋود يۇلتۇزى"نىڭ سودىسىنىڭ بارغانسىرى ناچارلاشقانلىقىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ كەيپىياتىم ناچارلىشىشقا باشلىدى، شۇڭا مەن باشقا بىرخىل ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ئايروپىلاندا كوستارىكانىڭ سان خوسېدىكى كورىيەلىك بىرقانچە پاي-چەكلىرى بېلەن كۆرۈشكىلى باردىم . ئۇلار مەن بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى، شۇڭا مەن كېيىنكى بىر قانچە ئايدا ئىككى سان خوسې شەھىرى ئوتتىرىسىدا بېرىپ- كېلىپ تۇردۇم، ۋە تىرىشىپ بۇ شىركەتنىڭ سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا  ياردەم بەردىم.
مەن ياردەم بېرىۋاتقان مەزگىلدە، سامنىڭ  Value Clickشىركىتىدىن قىلغان تېلىفونىنى قوبۇل قىلدىم، ئۇ مەن بىلەن ناھايىتى جىددى بىر سودا ئىشىدا مەسلىھەتلەشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى."سەن شىركەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ پاي- چېكى،پەقەت شىركەتنى قۇرغۇچىنىڭلا مەبلىغى سەندىن كۆپ. سېنىڭ پاي-چەك ئۆلۈشۈڭ مېنىڭكىدىنمۇ كۆپ. شۇڭا سېنىڭ پاي-چېكىڭنى بىزگە سېتىپ بەرگۈڭنىڭ بار-يوقلىقىنى ئۇققۇم بار" دېدى ئۇ.
بۇ مەسلەھەت ئاڭلاشقا ئادەمنى ئازراق گۇمانلاندۇرۇپ قوياتتى. شىركەتنىڭ پاي باھاسى 7 دوللار چاغدا مېنىڭ پاي قىممىتىم 40مىليون دوللار ئىدى. لېكىن ھازىر باھا 2.5دوللار، ئاللىقىچان ئۈچتىن ئىككى قىسمى يوق بولدى. سامنىڭ چىقارغان باھاسى3دوللار ئىدى، بۇ باھا يوقىرى ھېسابلانمىسىمۇ لېكىن مەن ئۇنى ئويلۇشۇپ باقىدىغانلىقىمنى بۈلدۈردۈم. قانداقلا بولمىسۇن، مەن قارار چىقىرىشنىڭ ئالدىدا ، شىركەتتە ھازىر نىمە ئىشلار بولۇپ كەتتى بۇنى بىلىشىم كېرەك. مەن تىجارەت ئىشىدىن چېكىنىپ چىققىلى ئاللىقىچان بىر يىلدىن ئاشتى، شۇڭا مەن ھازىرقى ئەھۋاالارغا ئالاقىدار ھېچنەرسە بىلمەيمەن. سام بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق پىكرىنىڭ يوقلىقىنى ، ۋە بىر پارچە ماتېرىيالنى مېنىڭ پوچتا يوللانمامغا يوللاپ قويىدىغانلىقنى ، مەن پەقەت ئىمزا قويساملا ئۇ ئالاقىدار ھەممە ئۇچۇرنى ماڭا دەپ بېرىدىغانلىقىنى بۈلدۈردى.بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، مەن بىر پارچە ماتېرىيال تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭدا Value Clickنىڭ 3دوللار باھا بىلەن مېنىڭ بارلىق پېيىمنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى  ، لېكىن مەن شىركەتنىڭ يېقىندىن بويانقى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋېلىشىمنىڭ ئالدىدا،ھېچقانداق سودا-سېتىقنقىڭ بولمايدىغانلىقنى ئېيتتى.بۇ بىر چەكلەش كۈچى يوق بولغان  توختام بولۇپ ،ماتېرىيالنىڭ ئىچىدە دېيىلگىنى پەقەت پەرەز ئىچىدىكى سودا، شۇڭا مەن ئازراقمۇ ئىككىلەنمەي ئۇ ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇم.
بىر يەكشەنبە كۈنى ئاخشىمى ، مەن كوستارىكادىكى كوماندىروپكا ئىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھېرىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆيگە بېرىپلا ئۇخلاپ قالدىم. ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگىنى تېخى سەككىزمۇ بولمىغان ۋاقىتتا تېلېفۇنۇم سايرىدى. بۇ ئاكام ئۇرغان تېلېفۇن بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ھودۇقۇپ كەتكەندەك بىلىنەتتى.
:-سەن دەرھال رېستۇرانغا كەلگىن !
:ـ مەن تېخى ئۇيقۇمغا قانمىدىم ، تۈنۈگۈن يېرىم كىچىدە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نەچچە ئونمىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى كوستارىكادىن يېنىپ كەلگۈچە ھېرىپ ئۆلەيلا دەپ قالدىم.
:ـ رېستۇرانغا ئوت كېتىپتۇ!
مەن بۇنى ئاڭلاپ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتتىم ۋە ھاپىلا- شاپىلا كىيىمىمنى كىيىپ ئۇ يەرگە باردىم. مەن ئۇ يەرگە بارغاندا رېستۇران ئاللىقىچان كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى.  گەرچە ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى توختىتىلغان بولسىمۇ ، لېكىن رېستۇراننى ساقلاپ قالالمىغان ۋە رېستۇران خۇددى بومبىدا پارتلىتىلغاندەك خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى  ،  ئېنىقكى، بۇ ئوتنى چوقۇم بىرەسى قەستەن قويغان .
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە بىز ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتى ۋە جامائەت- خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىگە باردۇق، بىزنىڭ ئۇ يەردە ئېرىشكەن ئاخباراتىمىزغا قارىغاندا بۇ ئېنىقلا قەستەن ئوت قويۇش ۋەقەسى ئىدى. لېكىن ئۇلار ھېچقانداق ئىسپات تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋەقەگە ھېچقانداق ئامال قىلالمايتتى. بۇ ۋاقىتتا سىرتتا يالغان سۆز- چۆچەكلەر تارقىلىشقا باشلىدى. ھېندىستانلىقلار رايونىدىكىلەر بىزنىڭ بۇ رېستۇراننى ئاچقانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا بىر خاتا مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىمىزنى،شۇڭا سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ قەستەن ئوت قويغانلىقىمىزنى ھەممە يەردە تارقىتىپ يۈرۈپتۇ. مانا بۇلار مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قېرىنداشلىرىم ! لېكىن ئۇلار مۇنداق ئىككى يەردە چوڭ  خاتالاشقان ئىدى . بىرىنجىسى، بۇ رېستۇراننى ئاچقانلىقىمىزنىڭ ئۆزى بىر ناھايىتى ياخشى مەبلەغ سېلىش،لېكىن ئۇ خاتا خېرىدارنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالدى ۋە تۆت ئايغا بارمايلا شۇلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇپ كەتتى. ئىككىنجىسى، بىزنىڭ سوغۇرتىدىن ئېرىشەلەيدىغان تۆلىمىمىز بىز سالغان مەبلەغنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمەيتتى.ئەمەلىيەتتە بىز شۇ قېتىملىق سودىدا نۇرغۇن زىيان تارتقان ئىدۇق. لېكىن سۆز- چۆچەكلەر توختىماي تارقىلىۋەردى،بىزمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئامال قىلالمىدۇق.
ئاكام بىلەن ئىككىمىز ھەر قېتىم ئۆز رايونىمىزدىكى ھىندىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزنى شۇنداق پەس كۆرىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا ناھايىتى ئازاپلىنىپ كېتەتتۇق. ئەجەبا بىزنىڭ ئەسلىدىكى مەخسىتىمىز ناھايىتى ئالىجاناپ ۋە توغرا ئەمەسمىدى؟!
ئاكام بىلەن ئىككىمىز يەنە بىر قېتىم ئوت ئاپىتى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكىلەرنى ئىزدەپ بېرىپ تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ  تەكشۈرىشىنى تەلەپ قىلدۇق . لېكىن ئۇلار ئامالىنىڭ يوقلىقىنى ، ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىغانلىقىنى دېيىشتى .
كېيىنكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە،بىز كوچىلاردىن، قەھۋەخانىدىن،ماگىزىنلاردىن ئۆتكىنىمىزدە باشقىلار دائىم بىزگە قاراپ مېيىقىدا كۈلۈشەتتى، خۇددى بىز راستىنلا ئۆز رېستۇرانىمىزغا ئوت قويۇۋاتقاندەك . مانا بۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم  ! ! ! ئۇلار نېمىشقا مېنى چۈشەنمەيدىغاندۇ ! ؟ بىز رېستۇراننى پۈتۈن سوغۇرتىغا قاتناشتۇرغان تەقدىردىمۇ(ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس)، سوغۇرتا پۇلى بىز ئۈچۈن ھېچقانچە نەرسە ئەمەسقۇ ، ئۇ مەڭگۈ بىزنىڭ پۇل تېپىش قۇرالىمىز بولالمايدۇ. مەن پەقەت بۇ رايۇن ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم، قارىغاندا مەن خاتا قىلغان ئىكەنمەن. بۇ ئىش ماڭا مۇنداق ساۋاق بەردى
: سەن ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەنسەن ،ئۇلۇغۋار غايىلىرىڭنى ئۇنۇت  ، ئالدى بىلەن پەقەت  ئۆزۈڭنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن، ئۆزۈڭنىڭ بەختلىك ئۆتۈشۈڭ ئۈچۈن  تىرىش  ، سەن مۇۋاپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئاندىن باشقىلارنى ئويلاشساڭمۇ كېچىكمەيسەن ، ئۇنداق قىلمىغىنىڭدا سەن ئۆزۈڭگىمۇ  ، ھەم باشقىلارغىمۇ ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كېلەلمەيسەن .
  ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يەنە بۇرۇن Click Agents نىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان نۇرغۇن ئادەمنى تېخىمۇ بەختىلىك قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچقانداق خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ مۇۋەپپپەقىيەتلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ،  مەن پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ غايەمنى قوغلاشتىم، باشقا ئادەملەر مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىمدىن بەھرىمان بولدى.
ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەن غەمكىنلا بولۇپ قالدىم. بىر ۋاقىتلارغىچە خۇددى ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغاندەكلا يۈردۈم. مەن بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى، مەن ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىمنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋاقتىمنى سېغىناتتىم.مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم ۋە كۆڭلۈم زادى جايىدا ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشقا  ناھايىتى غەزەپلەنگەن ئىدىم . بۇ ۋاقىتتا دادام مەندىن ناھايىتى ئەنسىرەپ:
:-سەن نىمىشقا مەكتەپكە قايتمايسەن؟ سەن مەكتەپتىن چىكىنگىلى ئاللىقاچان ئۈچ يىل بولدى، سېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلومىنى ئېلىشىڭغا ئاز قالغان ئىدى
:-لېكىن بۇنداق قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ بۇ ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمدىكى بىر چىكىنىش!
:-بۇ نىمە دېگىنىڭ؟ كەلگۈسىدە سېنىڭ بالاڭ بولغاندا دادام ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمەپتىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا قارا ! مەن يەنە نىمە ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇيمەن؟مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپتىن چېكىنىمەن! دەپ بېشىڭنى ئاغرىتىدۇ .
دادامنىڭ بۇ گېپى ماڭا تەسىر  قىلغان ئىدى ، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، مەن يەنىلا بۇرۇنقى سان خوسې شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر قانچە يېڭى دەرس تاللاپ قايتىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتتىم  .مەن ئامال قىلىپ ئۈمۈدۋارلىق بىلەن يۈردۈم.  بۇ جەريان ماڭا ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان يېڭى تۇيغىنى ئەكىلىدۇ دەپ ئۆز- ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇردۇم.
بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن  بىر ھىندىستانلىق قىز مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ:«سىز گۇرباكىش چاخال،  ھېلىقى رېستۇراننىڭ خۇجايىنى، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى.
:ـ شۇنداق
:-ئاڭلىسام سىز سوغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز رېستۇرانىڭىزنى كۆيدۈرىۋېتىپسىز.
تەڭرىم!، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بىردىن-بىر قىلالايدىغىنىم بولسا تىرىشىپ ئاچچىقلانماسلىق ئىدى.مەن ئىچىمدە ئوننى ساناش ئارقىلىق بۇ ئۆتكەندىن ئۆتىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق پەقەت بەشكىچىلا سانىيالىدىم.«ئاڭلاڭ!سىزگە بۇنى كىمنىڭ دەپ بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ پۈتۈنلەي بىر ئېغىزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك.ئەگەر سىزنىڭ ھەقىقي ئىشنى بىلگىڭىز بولسا ، ئۇنداقتا ياخشى، مانا مەن--- شۇ دۇنيادىكى ئەڭ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئادەم! مەن رېستۇراننى تولۇق سوغۇرتىغا قاتناشتۇرمىغان! مەن سۇغۇرتىدىن 100مىڭ دوللار تۆلەمگە ئېرىشتىم، بارلىق تۆلەم مانا مۇشۇنچىلىك. قەرىز تۆلەپ ۋە ئادۋوكاتنىڭ ھەققىنى بەرگەندىن كېيىن مەندە  ئۇ پۇلنىڭ بىر پۇڭىمۇ قالمىدى! مەن شۇ نەس باسقان رېستۇراننى ئېچىش ئۈچۈن بىر مىليون دوللار خەجلىگەن ئىدىم، ئاخىرىغا كەلگەندە بىر پۇڭنىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىدىم!»
مېنىڭ بۇنداق ئاچچىقلىنىشىم ئۇنى قورقىتىۋەتتى بولغاي ئۇ ئاران تەستە «كەچۈرۈڭ» دېيەلىدى.
«سىز ئەلۋەتتە كەچۈرۈم سورىشىڭىز كېرەك!» دېدىم ۋە چىقىپ كەتتىم.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن يەنە بىر قېتىم مەكتەپتىن چېكىندىم. مەكتەپتە ئوقۇش ئادەمنى بەك زېرىكتۈرىۋېتىدىغان بۇلۇپ، مېنى ئازراقمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىدى. سىزمۇ بىلىسىز، مەن بەلكىم بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىم مۇمكىن، لېكىن مەيلى بىرىنچى قېتىملىقى ياكى ئىككىنچى قېتىملىقى بولسۇن مەن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايمەن. مەن مەكتەپتە تۇرسام بەلكىم نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنەلىشىم، ھەمدە بۇ بىلىملەر ئارقىلىق تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىشىم ۋە  تېخىمۇ ئاقىلانە قارار چىقىرالايدىغان بولۇشۇم مۇمكىن. لېكىن مەن ئۇنداق كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالا ئەمەس ئىكەنمەن. راست، مەن چۈشەنمەيدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر بار، مەسىلەن: مەن ئەدەبىيات ۋە سەنئەتكە ئالاقىدار ھېچنەرسە بىلمەيمەن،لېكىن ئەگەر كەلگۈسىدە بۇ ماڭا زۆرۈر بولۇپ قالسا مەن ئۆزۈم ئۆگۈنۈش ئارقىلىق تەلىپىمنى قاندۇرالايمەن. شۇڭا مەن ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمايمەن. مەن ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەگەر مېنىڭ ئوقۇش تارىخىم بولغان بولسا باشقىلار بەلكىم مەندىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولغان بولاتتى---مانا بۇ ئادەملەرنىڭ تەپەككۇر فورمىلاسى، بۇ ئىسىڭىزدە باردۇ؟---لېكىن مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا نىسبەتەن ئوقۇش تارىخىمنىڭ بار-يوقلىقى ماڭا بەرىبىر.
مەن مېنىڭ فرېمونتدىكى ئۆيۈمگە قايتىپ كەتتىم، ھەمدە شۇ يەردە رىقابەتلەشمەسلىك كېلىشىمنامىسى ۋاقتىنىڭ توشىشىنى ساقلاپ تۇردۇم ھەم كېيىنكى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلاش پىلانىمنى تۈزۈشكە كىرىشتىم ، لېكىن شۇ جەرياندا تۇيۇقسىز قورقۇنۇشلۇق بىر ئىشنى بايقىدىم---Value Clickنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ئاللىقاچان مېنىڭ نامىمدىكى ھەربىر پاينى 3دوللارلىق باھا بىلەن سېتىۋېلىپ،  ھېساباتىمدىن يۆتكەپ كەتكەن بولۇپ  . ماڭا پەقەت سېتىۋالغان پۇلنىلا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى .بۇ قېتىم راستىنلا بەك پالاكەت باستى، لېكىن ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمىدى: بۇ قېتىملىق سودىدىن كېيىن ، شىركەتنىڭ پاي باھاسى يوقۇرى ئۆرلەشكە باشلىدى. مەن بۇنىڭدىن خۇددى قاقتى- سوقتى قىلىنغاندەكلا بولۇپ قالدىم.
مېنىڭ كېلىشىمنامە تۈزگەنلىكىم راست، لېكىن مەن پاينى ئۇلارغا سېتىپ بېرىشنى ئويلۇشۇپ بېقىشقىلا ۋەدە بەرگەن ئىدىم، لېكىن ئۇلار تاقەت قىلىپ بولالماي پاينى ئېلىپ قاچتى. ئېنىقلا، بۇ ئىشتا بىرسى خاتالىق سادىر قىلدى. ئەجەبا ئۇ ئادەم مەنمۇ؟!
مەن سامغا تېلىفۇن قىلىپ بۇنىڭ زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكنى سورىماقچى بولغان بولساممۇ لېكىن ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ تېلىفۇن قايتۇرمىدى. مەن توختىماي تېلىفۇن قىلدىم لېكىن نەتىجىسى ئوخشاشلا بولدى. ئۇ تېلىفۇننى ئالمىدى،  ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىمۇ  قايتۇرمىدى.
بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، Value Clickنىڭ پاي باھاسى سەككىز دوللارغا چىقتى، مەن بۇنىڭدىن ھاڭ-تاڭلا قالدىم، مەن سام ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەردىن ھېچقانداق جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن بىر نەپەر ئادۋوكات تەكلىپ قىلدىم ۋە ئۇلارنى پاي-چەك ئالدامچىلىقى قىلدى دەپ ئەرز قىلدىم. مەن شىركەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ پېيى، شىركەت بىلەن ئارىمىزدا ھاۋالە مەجبۇرىيىتى بار. مەن خاتالاشقان تەقدىردىمۇ ئىشلار بۇنداق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. سىز مېنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىچىمنىڭ قانچىلىك پۇشقانلىقىنى تامامەن ھىس قىلالايسىز. پاينىڭ باھاسى بىر قەدەم ئۈستىگە ئۆرلىسە مېنىڭ يۈرۈكۈم پەسكە بىر قەدەم پەسكە چۈشەتتى.
دادام ئىنجىلدىكى:« ئۆچمەنلىك يەرشارىدىن كېلىدۇ، ئەپۇچانلىق تەڭرى بىلەن بىرگە» دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى دەپ توختىماي ماڭا تەسەللىي بېرىپ تۇردى .
بىر ئايدىن كېيىن مېنىڭ ئادۋوكاتىم شۇ دەۋا ئىشلىرى بىلەن يۈرگەن ۋاقىتتا، مەن فرېمونتدىن ئايرىلدىم ۋە سان خوسې شەھەر ئەتراپىدىكى ئاقسۆڭەكلەر رايونى— ساندىلانو دىن بىر ئالىي دەرىجىلىك ياتاق ئۆيى ئىجارىگە ئالدىم. بۇ رايوندا نەچچە ئون رېستۇران، قاۋاقخانا ۋە زامانىۋى پاسوندىكى كىيىم-كېچەك ماگىزىنى بار بولۇپ، مەن يولدىن ئۆتكەچمۇ ئۇ يەرلەرگە بارالايتتىم. شۇڭا مەن بۇ تەرەپنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ قېتىملىق  روژدېستۋو بايرىمىنى ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزدۈم،   بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇسسۇلى بويىچە ئاددىلا قىلىپ ئۆتكۈزدۇق . كىچىك ۋاقتىمدا،بىز بۇ كۈن ئۈچۈن پۇل يىغاتتۇق، ئاندىن ئانام-دادام بىلەن بىرلىكتە McFrugal's نىڭ «نىمە ئالساڭ بىر دوللار» ياكى«نىمە ئالساڭ 0.99دوللار» زەنجىرسىمان ماگىزىنلىرىغا بېرىپ بىر-بىرىمىزگە سوۋغات ئالاتتۇق---شۇنداق سوۋغاتلار ئارقىلىقلا كۆڭۈلنى ھەقىقى ئىپادىلىگىلى بولاتتى. مەسىلەن: ئانامغا بىر چاي قۇتىسى ، دادامنىڭ ئۇزۇن ساقىلىغا يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان تارغاق دېگەندەك. ھازىر مەن چوڭ بولدۇم، ھەمدە تېخىمۇ قىممەت سوۋغاتلارنى ئالالايدىغان بولدۇم، لېكىن نىمە سوۋغات ئېلىش ئىشىدا بېشىم بەك قاتتى.ئاخىرىدا  دادامغا بىر ROLEX (شۋېتسارىيەنىڭ داڭلىق   سائەت ماركىسى )ماركىلىق بىر قول سائىتى، ئانامغا بىر Kashmirماركىلىق كۆينەك ئېلىپ بەردىم.چوڭ ئانام بولسا بىر چىرايلىق ھاسىغا ئېرىشتى،چۈنكى ئۇ يول مېڭىشتا ئازراق قىينىلاتتى ،  ئۇنىڭ باشقا تەرەپلەردىكى ساغلاملىق ئەھۋالىمۇ بارغانسىرى يامانشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ ،بەدىنى خېلىلا  ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. بىز ئۇنى تاماق يېيىشكە ئۈندىمىگىچە ئۇ تاماق ئۈستىلى ئالدىدا مىدىرلىماي ئولتۇراتتى.
بۇ ئەھۋال مېنى بەك ئازاپلايتتى. كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن مېھرىنى شۇنداق قايتۇرغۇم كېلەتتى . مومامنىڭ كېسىلىنىڭ بۇ دەرىجىگە بارغىنىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم پارە-پارە بولۇپ كېتەتتى . ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئالغان قەغىزىمنى ئانام-دادامدىن يوشۇرۇپ مېنى ئىزا- ئاھانەتلەردىن ساقلاپ قالغان ئەنە شۇ چوڭ ئانام؛مەن جىندىن قورقۇپ ئۇخلىيالمىغان ۋاقتىمدا مېنى ئۆز يېنىدا ياتقۇزغان ئەنە شۇ چوڭ ئانام؛   ئانام-دادامنىڭ كۆڭلۈمگە تەسەللىي بېرىشكە ۋاقتى يوق چاغلاردا  ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى ياسىغان ئەنە شۇ چوڭ ئانام.
ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلى ئاستا لېكىن ئارقىسىغا يانمايدىغان يوسۇندا ئۇنى بىر ناتونۇش ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى . ئۇ چاخال جەمەتىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولسىمۇ ,ئۇنىڭ كېسىلى ئەسلى ناھايىتى خۇشاللىققا چۈمۈشكە تىگىشلىك روژدېستۋو كېچىسىنى  بۇزۇۋاتقان تەڭكەشسىز ئاۋازغىلا ئوخشاش بولۇپ قالغان ئىدى.
2003-يىلى كېلەيلا دەپ قالغاندا تاج بىلەن ئىككىمىز ئۆي سېتىۋېلىشنى قارار قىلدۇق. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەنىلا چوڭ ئۆيدە ياتاتتى ، شۇڭا ئۇ كۆچۈپ چىقىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. لېكىن مەنچۇ، گەرچە مەن ساندىلانودىكى ياتاق ئۆيۈمنى ناھايىتى ياخشى كۆرسەممۇ لېكىن مېنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشقا ئۇنداق جىق پۇل خەجلىگۈم يوق ئىدى.
بىز بىرلىكتە سان خوسې شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ئاقسۆڭەكلەر كۇلۇبى رايونىغا باردۇق ۋە كۈمۈش دىۋار دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بىر ئۆي كۆردۇق، ئەڭ ئاخىرىدا شۇنىڭغا قوشنا بولغان جايدىن تېخى پۈتمىگەن بىر ئۆينى سېتىۋالدۇق.كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە مەن ئاز بولمىغان ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىپ ئۆينى زىننەتلىدىم. بۇ بىر 5000كۋادرات فۇت كېلىدىغان ئۆي بولۇپ،  ئۈستىگە ھەرخىل سىم يوللىرى، ئاستىغا نۇرغۇن مەر-مەر تاش ياتقۇزدۇق، ھەمدە سىترولۇق ئاۋاز ساندۇقى ئورناتتۇق. ھەر بىر ئېغىز ئۆيگە (مۇنچىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) تور سىمى ئۇلىدۇق. لېكىن مەن ھەر قېتىم ئىشچىلارنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلغىلى بارغان ۋاقتىمدا دائىم سىرتتىكى گولف توپ مەيدانىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە قاراپلا قالاتتىم ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورايتتىم. ئەمەلىيەتتە مەن گولف توپ ئوينىمايمەن ھەم ئۇنىڭغا قىزىقمايمەن. بۇ يەر---بۇ يەرنىڭ لاھىيەلىنىش ئىدىيىسى---خۇددى ديانا مەزھىپى (بۇددا دىنىنىڭ ياپونىيەدىكى بىر مەزھىپى) گە ئوخشاش ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى چۈشۈنۈكسىز.مەن جانلىق ۋە غىدىقلاش رولى بار بولغان ئىشلارغا قىزىقىمەن لېكىن گولف توپ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى.
بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە مەن خېلى ياخشى قىزلارغا يولۇقتۇم  ۋە  ئۇلار بىلەن ئالاقە قېلىشقا باشلىدىم ،لېكىن بىرسى بىلەنمۇ ھەقىقى ياخشى يۈرەلمىدىم.   .ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مېنىڭ كىملىكىمگە كۆڭۈل بۈلەتتى، شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ راستىنلا ئۆزۈمگە قىزىقىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيتتىم. مەن خۇددى ئۈزۈمنى بىھۇدە تەسەۋۋۇر قىلىش روھى  كىسەللىكى بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.
مېنىڭ دوستلىرىم ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى. مېنىڭ تروي ۋە كىرىشنا  بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم قويۇق بۇلۇپ، ئۇلار دوستلۇقتىن باشقا مەندىن ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلىمايتتى  . لېكىن  مەن بىلەن ئارلىشىۋاتقان كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس ئىدى ، ئۇلار دائىم مەندىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى ،  مەن بىلەن سودا قىلىپ پايدا ئېلىشنى ، بەزىلىرى خىزمەت تېپىشنى ياكى پۇل قەرز ئېلىشنى، ھەتتا بەزىلىرى بىر ۋاق ھەقسىز تاماق يېيىشنى ئويلايتتى.
دائىم تاماق يېگىنىمىزدە ، شۇ دوستۇققا يارىمايدىغان كىشىلەر دائىم ماڭا پۇل تۆلەتكۈزەتتى. كۈتكۈچى ھېسابات تالونىنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار خۇددى پۇت-قولى تۇيۇقسىز ھەركەتتىن توختىغاندەك جايىدا مىدىر-سدىرمۇ قىلماي جىم ئولتۇرىشاتتى، شۇنداق قىلىپ مەن ئامالسىز بانكا كارتام  ئارقىلىق ھېسابات قىلاتتىم. ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىمەن---ئۇلار مېنىڭ بانكىدىكى پۇلۇمنىڭ ئۆسۈمىمۇ ئۆزىنىڭ  بىر ئايلىق چىقىمىمدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇنداق قىلسا توغرا ئەمەستە! ئەگەر ئۇلار بىرەر قېتىم بولسىمۇ شۇنداق قىلغان بولسا(ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلمىدى)، مەنمۇ خۇش بولۇپ قالار ئىدىم ئەمەسمۇ . مەن دوستلۇقنى بەك چوڭ كۆرىمەن ۋە سەمىمىي كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇشنى خوشاللىق دەپ بىلىمەن   . لېكىن كۈلكىلىك بولغىنى، گەرچە مەن ئاللىقاچان ھەر قانداق  ئادەمنىڭ  ئۆزىنىڭ  مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىنى  ئۈمىد قىلىدىغان ئادەم بىلەن بېرىش- كىلىش قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولساممۇ ، لېكىن دائىم  بۇنىڭغا ئەمەل قىلالمىدىم ،  كۆڭلىمنىڭ يۇمشاقلىقىدىن ئاشۇ بولمىغۇر مىجەزلىك كىشىلەرنى ئاسانلا كەچۈرىۋەتتىم . بىراق بۇ  جەرياندا  ، مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئارقامدىن پۇتلىشىدىن ئۆزۈمنى مۇداپىيە قىلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتىم، چۈنكى مەن مۇۋەپپەقىيەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىنمۇ  تەسلىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. سەن مەڭگۈ «ھەقىقىي دوست» تىكى«ھەقىقىي»سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە كونكرېت ئىپادىلىنىشىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ كېرەك!
مۇشۇ يىلى، مەن لاسۋېگاسنى بايقىدىم. تروي توي قىلماقچى بولغان ئىدى،شۇڭا ئۇ قىمار شەھىرىدە بىر قېتىملىق بويتاقلىق بىلەن خوشلىشىش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى . مەن ئۇ تەكلىپ قىلغان بەش-ئالتە دوستىنىڭ بىرى ئىدىم. مەن بۇ يەرنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندىن تارتىپلا ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدىم. مەن  ھاياتى كۈچكە تولغان بۇشەھەرنى ، ئۇنىڭ رېستۇرانلىرىنى، كېچىلىك مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەڭ مۇھىم بولغىنى،مەن بۇيەردە ھېچكىم بىلەن تونۇشماي خالىغانچە يۈرىدىغان ھېسياتنى ياخشى كۆرىمەن. سان خوسېدا كومپيوتېرنى چەكسىلا كىشىلەر ماڭا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى بىلىپ بۇلاتتى،باشقىلارمۇ ماڭا مۇناسىۋەتلىك بەك كۆپ نەرسىنى بىلىشەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىرىشكەن ئۇچۇرنىڭ كۆپىنچىسى خاتا ئىدى. لېكىن لاسۋېگاستا مېنىڭ ئىسمىمنى ئېيتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، مەن ئۆزۈم بولغۇسى بار بولغان ھەرقانداق ئادەم  بولىۋىرەلەيتتىم
ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى، مەن لاسۋېگاستىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇددى كىچىك بالا كەمپۈت ماگىزىنى تېپىۋالغاندەك  ئۇ يەرگە  بارغۇملا كېلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. مەن ياشلىق دەۋرىمنىڭ ھېچقانچە لەززىتىنى سۈرمىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم،شۇنداقلا مەن ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم كۆڭۈل ئېچىش ئىزلەۋاتاتتىم. لېكىن مەن لاسۋېگاسنىڭ نىمە ئۈچۈن مېنى ئۆزىگە بۇنچىلىك جەلب قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن: چۈنكى ئۇنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىدە بىر ئادەمنىڭ سالاھىتىنىڭ ھېچقانداق رولى يوق ئىدى. سىز خالىغان ئادەم، ھەتتا ئاددى پۇخرا بولىۋالالايسىز---ئۇ بىر جىمجىت جاي. بەزى ۋاقىتتا ئاددى ئادەم بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەختلىك ئىش ئىدى.
10 -ئايدا تاج بىلەن مەن  ماۋىي ئارىلىدا تىروينىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشتۇق. ھەشەمەتلىك ۋېيلىياجۈنيۆ® مىھمانخانىسىدا تۇردۇق. مىھمانخانىدا شىرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن نۇرغۇنلىغان بىر جۈپلەر بولۇپ، قارىماققا بىرمۇ تەنھا قىز كۈرۈنمەيتتى. بىراق تاج بىلەن مەن بۇ قىتىمقى سەپەردىن بەكمۇ ھوزۇرلاندۇق، باشقا دوستلىرىمىز بىلەن يىغىلىپ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلارغا قاتناشتۇق. ئۇخلىغاندا دەرىزىلەرنى كەڭ ئېچىۋىتىپ، دېڭىز دولقۇنىنىڭ لەرزان ئاۋازلىرىنى ئاڭلايتتۇق. مەيىن دېڭىز شاماللىرىنىڭ سېيپاپ ئۆتۈشلىرىدىن ھوزۇرلىناتتۇق.
توي مۇراسىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى تىروي مېنى ئىزدەپ كېلىپ، _تەبرىك سۆزى سۆزلەيدىغاننى ئويلىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ،  تەبرىك سۆزىنى قانداقراق يازدىڭ؟_دەپ سۇرىدى.
_نېمە تەبرىك سۆزى؟ _دېدىم مەن،_سەن نېمە دەۋاتىسەن؟
_توۋ! بەگزادەم،سەن ئەڭ لاياقەتلىك نامزات تۇرساڭ، تەبىرىك سۆزىنى سەن سۆزلىمىسەڭ كىم سۆزلەيدۇ؟
_مەن تېخى ئۈزۈكنى ساڭا سۇنۇپ بەرسەملا ئىش پۈتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن تېخى، تەبرىك سۆزىنىڭ ئىشىنى ئەمدى دېگىنىڭ نىمىسى؟!.
_ تەبرىك سۆزىنى يىگىت قولدىشى سۆزلەيدۇ، بۇ دېگەن ئەنئەنە،بۇرادەر!
بىزنىڭ ھىندىستاندا بۇنداق ئەمەس تۇرسا..._دېدىم مەن.
بۇقېتىم ئۇنىڭ بېشى تېخىمۇ قاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەبرىك سۆزىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى. تەبرىك سۆزىنى مېنىڭ ئېيتماسلىقىمدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتى. مەن ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەسلىكنى ۋە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى تىزلا بىر نۇسخا تەبرىك سۆزىنى يېزىپ پۈتتىرىدىغانلىقىمنى  ئېيتتىم.
ئۇ ئايرىلغاندىن كىيىن، مەن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ پەزىلىتى شۇنداقلا بىزنىڭ دوستلىقىمىز ھەققىدە بىر قانچە مۇھىم نوقتىلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تىزىس تۈزۈپ چىقتىم. قالغان ۋاقىتتا مۇشۇ سەۋەپلىك بىر خىل ئەنسىز  يۈردۈم. توي مۇراسىمى سىرتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، باشنى كۆتۈرسىلا گۈزەل دېڭىز ساھىلىنى كۆرگىلى بولاتتى. مۇراسىمغا 50نەچچە ئادەم قاتناشقان بولسىمۇ، مەن تىرويغا قارىغاندا بەكرەك جىددىيلىشىۋاتاتتىم.
نۆۋەت ماڭا كەلگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەقەززالىق ئىچىدە تۇرغان مىھمانلارغا يۈزلەندىم. مىھمانلارنىڭ ھەممىسى يۇمۇرلۇق ۋە پاساھەتلىك شۇنداقلا قەلبلەرگە ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان تەبرىك سۆزىنىڭ ئۈمۈدىدە ئالقىش ياڭرىتىۋاتاتتى. مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تېز تەربىيىلەش ئېنىستىتۇتىدا ۋىياگرا توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقتىمنى ئەسلەپ تۇيۇقسىز شۇ ۋاقىتتىكى نۇتۇقۇمنى مۇشۇ يەردە ئىشلەتسەممۇ بولىدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.  چۈنكى بۇ تىروينىڭ توي كېچىسىدە!  مەن شۇنداق جەزىم قىلىمەنكى ئەشۇ نۇتۇقۇمنى يەنە بىر قىتىم سۆزلىسەممۇ كۆپچىلىكنى توختىماي كۈلدۈرۋەتكىلى بۇلاتتى. بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ ئىگىز-پەس خىياللىرىنى بېسىپ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىمدە تىروي ۋە كىلىنچەككە قاراپ نۇتۇقنى باشلىدىم. ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قىرىندىشىمغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى،چىنا بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغانلىقىمىزنى ئېيتتىم .
ئىككىڭلار ئىنتايىن يۇمۇرىستىك ،ھەرقىتىم ئىككىڭلارغا قارىغان ۋاقتىمدا باشقىلارنىڭ "بەزى ئەر-ئاياللار خۇدا قوشقان بىر جۈپلەردۇر"دېگەن سۆزىنى ئەسلەيمەن.
_سىلەرنىڭ دوستۇڭلار بولالىغانلىقىم مېنىڭ بەختىم. ھەرقانداق ۋاقىتتا ياردىمىم لازىم بولسا مەن ھامان تەييار بولىمەن.
ھېس قىلىشىمچە كۆپچىلىك تەبرىك سۆزۈمدىن تەسىرلەندى بولغاي ،ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاك چالاتتى،  ھەتتا بەزىلىرى كۆز يېشى قىلىشتى ، ماڭا نەرسە كىرەك ئاتىدىغان ئادەم بولمىدى. مەن رومكا كۆتۈرۈپ كۈيئوغۇل-كىلىنچەككە بەخت تىلىدىم. مىھمانلار مېنىڭ ھۆرمىتىمگە رومكا كۆتۈردى. مەن ئۆزۈمنىڭ قىچىلىكمۇ كەتكۈزۈپ قويمىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈمدە كۆپچىلىككە يۈزلىنىپ نۇتۇق سۆزلەش ئانچە قىيىن ئىش ئەمەسكەنغۇ دەپ ئويلىغىنىم ھازىرغىچە ئىسىمدە.
ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئىككى-ئۈچ سائەتچە باشقىلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىغىنىنى كۆردوق. توي زىياپىتىدىكى بىر نەچچە قىز ئىنتايىن جەلىپكار بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى توي قىلىپ بولغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز جۈپتىلىرى بىلەن   لەرزان ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خىيالغا چۆكۈپ كىتىپتىمەن:شۇنداق بىر كۈن بۇلۇپ،مەن ھامان مۇكەممەل بىر قىزغا يولۇقىمەن ئۇ مېنىڭ  پۇلدار ئىكەنلىكىمنى بىلىشتىن بۇرۇنلا مېنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
سان خوسې شەھىرىگە قايىتقاندىن كېيىن مەن يەنىلا  ئاشۇ گۈزەل چۈش قوينىدا ئىدىم . شۇ سەۋەپلىك مەيخانا ياكى رىستۇراندا قىزلارغا يىقىنلىشىشقا ، ئۇلار بىلەن ئالدىن دېيىشىپ چىقىپ ئويناشقا ، پاراڭلىشىشقا ئامراق بولساممۇ، بىراق يەنىلا ئۇلارنىڭ مۇددىئاسىدىن گۇمان قىلىپ تۇراتتىم. مەن ھەتتا  ئۆز ئىككىلىنىشلىرىم ئالدىدا ئامالسىز ئىدىم،ئۇلار مېنىڭ زادى نېمەمنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ-پۇلۇمنى ياكى ئۆزۈمنى؟
بۇ مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ساۋاق بولدى؛پۇل ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان  قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بىر قاتار مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ يىلى مېنىڭ رىقابەتلەشمەسلىك كىلىشىمىمنىڭ  ۋاقتى توشاي دەپ  قالغان ئىدى .مېنىڭ مۇھەببەت چۈشۈم يەنىلا  رىئاللىققا ئايلانمىغاچقا سودا ئىشىغا قايتىشنى ئويلاشتىم. لېكىن "شاگىرت " پروگراممىسى  (The Apprentice) سەۋەپلىك  كۆڭلۈم بۆلۈندى . بۇ قىتىملىق پروگراممىدا ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسى شىركىتى(NBC) كىيىنكى قىسمىنى ئاڭلىتاتتى . شۇڭا تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن ، ماس كېلىدىغان نامزات تاللىنىۋاتاتتى . مۇۋاپپىقىيەت قازانغان سودىگەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپپىتىم بىلەن بىر نەچچە دوستلىرىم مېنى ئەڭ لايىق نامزات دەپ قارىغاچقا ، ئۇلارنىڭ رىغبىتى بىلەن بۇ پروگراممىغا ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماستا ئۆزۈمنىڭ Click Agents تىكى مۇۋاپپىقىيەت كەچۈرمىشىمنى  ValueClick تىكى خىزمەت ئۆتەش ئەھۋالىمنى تىلغا ئالدىم. ھەتتا بىر كىچىك پارچە DVD ئىشلەپ بۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ خوللىۋودقا قىززىقىدىغانلىقىمنى ، خۇشاللىق بىلەن رىقابەتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى ، پىروگىراممىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنىڭ بولىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
بىر ئايدىن كېيىن بىر ئېلخەت  تاپشۇرۇۋالدىم، خەتتە "سىزنى تەبىرىكلەيمىز! سىز تاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدىڭىز."دېيىلگەن .ئىدى .ئۇزۇن ئۆتمەي سان-فىرانسىسكو شەھىرىگە بېرىپ كەيئىل فىروت  مىھمانخانىسىدا فىلىم ئىشلەش  گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرىلدىم. مەن ۋەباشقا ئاخىرقى تاللاشقا كىرگەنلەر مىھمانخانا زالىدا ساقلاپ ئولتۇراتتۇق ،ئاخىر بىر ياش قىز چىقىپ كەلدى ، ئۇ قولىدىكى ئۇزۇن تىزىملىككە قاراپ مېنىڭ ئسمىمنى چاقىردى ۋە ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن زالدىن ئايرىلدۇق. مەن ئۇنىڭ بىلەن لىفىتقا چىقىپ ئاندىن بىر كارىدوردىن ئۆتۈپ پروگرامما ئىشلەيدىغان بىر يۈرۈشلۈك مىھمان كۈتۈش ئۆيىگە كىردۇق . ئىككى كىشى مېنى قىزغىن قارشى ئالدى،ئاندىن مەن ئورۇن تېپىپ ئولتۇردۇم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئوپىراتورنى كۆردۈم. ئۇلار ئاللىبۇرۇن مېنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىمگە دىققەت قىلىپ ئۆلگۈردى دەپ ئويلايتتىم.
_ئاشكارلىماسلىققا تېگىشلىك گەپلىرىڭىز بارمۇ؟
_يوق-دېدىم مەن تەكرارلاپ–مېنىڭچە يوق .
شۇنداق قىلىپ كامېرا ئېچىلىپ سۇئال باشلاندى. بۇلارنىڭ كۈپۈنچىسى  شەخسىي تۇرمۇشۇمغا دائىر  سۇئاللار ئىدى. سۈرەتكە ئېلىشنى ئېيتمايلا قويايلى ،  ئىلگىرى ھېچقانداق ئادەم  مېنىڭ ئالدىن كېلىشىش ئادىتىمنى ، ئاتا-ئانا ۋە دوستلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ، شۇنداقلا  قانداق ئىشلارغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىمنى ئىنچىكىلىك بىلەن سوراپ باقمىغان بولغاچقا ، ،تۇلىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنىڭ ئاۋازى ئۆزۈمگىمۇ ئاڭلانمايتتى.
سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېنى باشلاپ چىققان قىز يەنە مېنى ئۇزىتىپ زالغا چۈشتى. ئۇ ماڭا نەچچە مىڭ ئادەم بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، لىكىن نەچچە يۈز ئادەملا بۇ سىناش باسقۇچىغا كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ _سىزنىڭ ئىپادىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى_دېدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىىگە قەتئىيلا ئىشەنمىدىم . ئۇزۇن ئۆتمەي  مەن ناھايىتى تەكەللۇپ يېزىلغان بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدىم. خەتتە مېنىڭ   داڭلىق پروگرامما رىياسەتچىسى كاڭناد ® بىلەن يۈزمۇ-يۈز ھەقىقىي سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقىم ئۇختۇرىلغانىدى
نەچچە ھەپتىدىن كىيىن مېنىڭ رىقابەتلەشمەسلىك كېلىشىمنامەمنىڭ ۋاقتى توشتى. مەن سەنئەت ساھەسىنى ئۇنتۇپ ئۆزۈمنىڭ كونا كەسپىنى قىلىش قارارىغا كەلدىم. پات ئارىدا ئىگىلىك بەرپا قىلىدىغانلىقىمغا نسبەتەن مەندە پەقەت ئازراقلا ئۇقۇم بار. ئىچىدىكى بىرىسى بولسا:مەن قۇرماقچى بولغان شىركەت  يەنىلا تور ئىلانچىلىق شىركىتى بولىدۇ. بىراق ، پەقەت مۇشۇ نوقتىنى مۇقۇملاشتۇرساملا يىتەرلىك. نۇرغۇن ئادەم ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. .ئۇلار خاتالاشقان بولۇپ، ئەگەر سىز مەلۇم بىر ساھەدە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن تۇلىمۇ ئېنىق بىر پىلان بولسا ، سىز بەلكىم پىلانىڭىزغا ھەددىدىن ئارتۇق ئاساسلىنىۋېلىپ ، تەرەققىيات جەريانىدا ئىشىك ئالدىڭىزغا كەلگەن زور پۇرسەتلەرگە ئىتىبار بېرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن . سىز چوقۇم نەزرىڭىزدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئەتراپتىكى يۈزلىنىشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ تاللىغان يېڭىچە يولدىن قورقماي مېڭىشىڭىز لازىم. چۈنكى بۇ سىز ئەڭ قىزىقىدىغان شۇنداقلا سىزنى مۇۋاپىقىيەت قازاندۇرىدىغان يول بولىشى مومكىن .
مەن قۇرماقچى بولغان شىركەتكە نىسبەتەن مەن ئىككىلا نوقتىنى بىلىمەن. بىرى،قۇرماقچى بولغان شىركىتىمنىڭ  ئاساسىي جەھەتتىن Click Agents بىلەن ئوخشاش، لېكىن تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ. ئىككىنجىسى مەن مۇھىم نوقتىنى يىڭىلىق يارىتىشقا، بولۇپمۇ "ئادەت يۆنىلىشى" ئۈستىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا قارىتىمەن.ئىككىنجى نوقتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مېنىڭ نىشانىم ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى تېپىپ چىقىش، ئاندىن ئۇلارنى قانداق قىلىپ  رازى قىلىش.  مېنىڭ بىر قاتار ئويلىغانلىرىم بار. لىكىن قول سېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلا يىرىم قالغان ئىدى .
2004-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، دەرۋەقە نۇرغۇنلىغان قېيىنچىلىقلارغا  دۇچ كەلگەن بولساممۇ ، مېنىڭ ئىككىنچى شىركىتىم ئېچىلدى.  مەن يەنە بىر قىتىم ئاكام ۋە ئاچامنى، يەنە ئىلگىركى بىر نەچچە چولپان خىزمەتچىمىزنى ئىشلەتتىم. بىز سان خوسې رايونىدىكى بىر يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈپ كىردۇق. بىزنىڭ ئىشخانىمىز ئىنتايىن ئەرزان. چۈنكى مەن ئىنتايىن ئىقتىسادچىل، پەقەت پۇل خەجلەشكە چېتىلسىلا مېنڭ بويسۇنىدىغان پىرىنسىپىم_".ئىھتىياجلىق ۋە چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىكنى ئايرىش". ئارام ئېلىش ئۆيىگە 5000 دوللارلىق يىڭى كىرىسلو قويۇش كېرەكمۇ ياكى كونا كىرىسلو بىرنى قويساق بولامدۇ؟بۇ سۇئالغا نىسبەتەن  سىز ئاللىقاچان مېنىڭ جاۋابىمنى بىلىپ بولدىڭىز.
بىراق ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەككى : ئىقتىسادچانلىق شىركەت ۋە پاي ئىگىلىرىگە پايدىلىق بولسىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك. مەسلەن: سىز خىزمەتچىلەرگە زىيادە پىخسىقلىق قىلسىڭىز بولمايدۇ. بىر خىزمەتچى ئەگەردە "يۇلتۇز دەرىجىلىك" ئالاھىدە خىزمەتچى بولسا سىزمۇ ئۇنى "يۇلتۇز دەرىجىلىك " ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمان قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ نوقتا ئىنتايىن مۇھىم . خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا ئەقىللىق ئادەملەرنى  تەكلىپ قىلىشىڭىز كېرەك. شىركەتتە مەن بەلكىم بىر ھۆكۈمران. لىكىن مەن بىر شەپقەتلىك ھۆكۈمران، شۇنداقلا مەن ئەزەلدىن ئۇنداق قول ئاستىمدىكى ئەقىللىق تالانىت  ئىگىلىرىدىن قورقۇپ كەتمەيمەن. ئەكسىچە ئەتراپىمدا يېتەرلىك ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بولىشىنى، ئۇسۇلۇمغا قارىتا تۈزىتىش تەكلىپ بىرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇخىل تۈزىتىش-تەكلىپنىڭ تولۇق ئاساسىي بولىشى كېرەك. مەن شىركەتتىكى ھەر قانداق ئورۇندا ئەڭ ياخشى نامزاتنى تېپىپ ئىشلىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىز مۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك: ئوركىستىر ھەمىشە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چالغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇ بىلىدۇ، پەقەت ئەڭ ياخشى چالغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئوركىستىرنى تەشكىللىگەن ۋاقىتتا،  ئۇلار ئەڭ ياخشى مۇزىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. توغرا، مېنىڭ شىركەتتىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈم-تور ئىلانچىلىق مۇلازىمىتىدە ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش.
بۇ ۋاقىتتا مەن تېلىفۇندا ئۆزۈممۇ خالىماستىن شىركەن قۇرىدىغان ئىشنى دوستۇم كىرشىناغا ئېيتماقچى بولدۇم . بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن، ئەگەر مەن يېڭى شىركەت قۇرۇپ قالسام ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىمەن، مەن ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كېرەك، ئەمما بۇ بىر قېيىن قارار. ئۇ ئەمدىلا تىببى ئىنىستىتۇتقا قوبۇل قىلىنغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ زېھنىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنى خالىمايتتىم.   ئۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ماڭا ئىيتقان سۆزىنى يەنە بىر قىتىم ئېيتتى،_مېنىڭ تىببى ئىنىستىتۇتقا كىرىشىمنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانام ئۈچۈن. بىراق مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم يەنىلا تور.
ئېيتمايلى قويايلى ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ سەۋەپلىك مەندىن رەنجىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بارچە ئەس-يادى ئۆز ئوغلىنىڭ تىببى ساھەگە كىرىشى ئىدى. مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ تۇرمۇشنى قالايمىقان قىلىپ قويۇشۇمدىن بەكمۇ نارازى بولاتتى. شۇ  تۈپەيلى  مېنىڭ كۆڭلۈم بىرخىل ئارامسىزلىنىۋاتاتتى،بىراق كىرشىنا نېمىلا دېگەن بىلەن ئاللىبۇرۇن  قۇرامىغا يەتكەن تۇرسا، مېنىڭچە ئۇنىڭ ئۆز ئامالى بارئىدى.
بىز يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈپ كىرگىلى ئىككى ھەپتە بولغان بولسىمۇ ،تېخىچىلا شىركەت نامى يوق بولۇپ، ئادەمگە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلاتتى. بىز نەچچە كۈن سەرىپ قىلىپ ، شىركىتىمىزگە لايىقىدا ئىسىم قويۇشنى ئويلاشتۇق. بىراق Click دېگەن  خەتنى ئۆزئىچىگە ئالغان ياخشى سۆزلەر ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ بولغانىدى.باشقا ياخشى ئىسىملار ئىشلىتىلىپ بولغان ياكى تېزىملىككە تېزىلىپ يۇقىرى باھادا سېتىلۋاتاتتى. ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ئويلىغان ئىسملار ئاللىبۇرۇن مەھسۇلات ناملىرىغا ئايلانغانىدى. نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر بىر تۇتام پۇل خەجلەپ ياخشى نام سېتىۋالاتتى. مەسلەن:كومپيۇتىر تورى(computer.com) . بۇ ئىسىم 8مىليون5يۈزمىڭ دوللارغا، ئالماس تورى (diamond.com)10مىليون دوللارغا،جىنىسىيەت تورەى(sex.com)20مىليون دوللارغا سېتىلغان ئىدى. مانابۇئىقتىساد جانلىقلىقىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى. كۆپچىلىك شۇنىڭ ئۈچۈن تۇتاملاپ پۇل خەجلەشكە رازىكى، ياخشى ئىسىمنىڭ ئۆزى داڭلىق ماركا بۇلۇپ ، دىققەتنى تارتاتتى، ياخشى  ئىسىملار ئاسانلىقچە ئۇنتۇلمايتتى،ئىستىمالچىنى جەلىپ قىلىپ تور بېتىڭىزگە ئەكىرەتتى.
بىر كۈنى كەچتە مەن تاج ۋە كىرىشىنا بىلەن بىرگە دەيىف باستىر رىستورانىغا بېرىپ تاماق يېدۇق. <ئىسىم> ئۈسىتدە پاراڭلىشىپ قېلىپ، ئىسىمنىڭ ئالاھىدىرەك بولۇشىنى، لىكىن بەك غەلىتە بولۇپ قالماسلىقىنى دېيىشتۇق . <ئىلمىنىتلار دەۋرى جەدۋىلى > دە كۆپلىگەن قالتىس ئىسىملار بولۇپ مەن بىر قانچىسىنى خاتىرىلىۋالغان ئىدىم. بۇ ئىسىملار<تىتان>(Titanium)، <پىلاتىنا>(Platinum)، <تاڭ>(Tungsten)، <خىروم>(Chromium) قاتارلىقلار بولۇپ بۇ ئىسىملار يىتەرلىك ئالاھىدە ئەمەس ئىدى. <گىلى>(Helium) ئاڭلىماققا كۈلكىلىك ئىدى،<بىرىللى>(Beryllium) قىز بالىنىڭ ئىسمىدەك ئاڭلىناتتى، يەنە كېلىپ بىر قىتىم ئۇچراشسىڭىز قايتا ئۇچراشقىڭىز كەلمەيدىغان بىر قىزنىڭ. <كرىمىنى>(Silicone) يامان ئەمەس ، لىكىن بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىپ بولغان ئىدى.<دابنى>(Dubnium) ئاڭلىماققا روسىيە قارا گورۇھلىرىنىڭ ئىسمىدەك ئىدى. <ئارگون>(Argon) ئاڭلاشقا <دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان> فىلىمىدىكى بىر زەھەرلىك ئوتنىڭ ئىسمى ئىدى.
بىز ئولتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغانسىرى ئۈمۈدسىزلەنگىلى تۇردۇق. بۇ ۋاقىتتا مەيپۇرۇش بىزگە ئۈچ ئىستاكان<ئۇخلاتقۇچى توخۇ قۇيرۇقى ھارىقى>(Hypnotic) كەلتۈردى،بۇ بىر كۆك رەڭلىك،ئالاھىدە ئۇسۇلدا تەڭشەلگەن ھاراق ئىدى. بۇ خىل ھاراق  سانخوسېدا بىر مەھەل قاتتىق بازار تاپقان ئىدى. دەل ھاراقنى سۇنۇپ كەلگەن ۋاقىتتا كۆزۈم <ئىلمىنىتلار دەۋرى جەدۋىلى>گە چۈشۈپ قالدى. <لىتى>(Lithium)دىگەن بۇ سۆز كۆزگە ئاسان چېلىقاتتى.     < كۆك لىتى>(BlueLithium) دىگەن سۆز ئېغىزىمنى يېرىپلا چىقتى. تاج بىلەن كىرىشىنانىڭ ئىپادىسىدىن بۇ ئىسىمنىڭ بىزگە لازىم ئىسىم ئىكەنلىكىمۇ بىلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئىسىمنىڭ ھىچقانداق مەنىسى يوق، بىراق بۇ ئىسىم ئىنتايىن قالتىس بىر شىركەتنىڭ ئىسمىدەك ئاڭلىناتتى_ھەقىقەت بۇنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ClickAgents  بىلەن ئوخشاش،كۆك لىتى شىركىتى تور ئېلانچىلىق ساھەسىگە كىرمەكچى بولۇپ تۇراتتى.بىراق ئاساسلىقى ئادەت يۆنىلىشى نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ ئىش باشلاش كىرەك ئىدى. چۈشەندۈرۈپ ئۆتسەم: ئەنئەنىۋى ئىلانچىلىقتا ، مۇۋەپپەقيەتنىڭ ھالقىسى تور ئىلانىنىڭ ئاساسلىقى ئەڭ كۆپ ساندىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىشى ئىدى. ئەگەر سىز بىر مەھسۇلات ساتماقچى بولسىڭىز، ئېلاننى مەھسۇلات سېتىۋىلىش مەقسىتى بار كىشىلەرنىڭ كۆزئالدىغا قويىشىڭىز كىرەك ئىدى. مەسىلەن،تېلېۋىزور بىر مەيدان كالتەك توپ مۇسابىقىسى قويىۋاتقان بولسا،سىز پىۋا، پىسا ۋە دالا ماشىنىسىنىڭ ئېلانىنى كۆرەلەيسىز، چۈنكى كالتەك توپ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى خالايدىغان ئادەم پىۋا، پىسا ۋە دالا ماشىنىسىنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق كالتەك مۇسابىقىسىنىڭ ئارلىقىدا قورۇق چۈشمەس چاماداننىڭ ئىلانىنى بەرسىڭىز ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئوخشاشلا ئەگەر سىز <سىرتتىكى تۇرمۇش> > ژۇرنىلىنى ئوقۇسىڭىز مىخانىك قوراللارنىڭ ئىلانىنى كۆپرەك ئۇچرىتىسىز، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ۋە سۇ تارتىپ تازىلىغۇچنىڭ ئىلانىنى ئىنتايىن ئاز ئۇچرىتىسىز.
شۇڭا ئېيتماي بولمايدۇكى، ئىلاننىڭ مەقسىدى ئىنتايىن ئاددى__مەن ئىلاننى قەيەرگە قويسام ئەڭ كۆپ جاۋاپ ۋە كىلىشىمنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن؟
مانا بۇ يىڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىش ئورنى، شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى تېخنىكىدا كۈندە دىگۈدەك يىڭىلىق مەۋجۇت،__بەزىدە ھەتتا غايەت زور يىڭىلق مەۋجۇت. ئېلانچىلىقتا، ئەڭ مۇھىمى ئېلاننى تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئىرىشتۈرۈش، يەنى؛ مۇۋاپىق ئېلاننى مۇۋاپىق ئادەم توپى ئالدىدا نامايەن قىلىش كىرەك. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلان شىركىتى تور ئارقىلىق ئىستىمالچىنىڭ ئادەت ۋە ئالاھدىلىكىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ بولىدۇ. چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن مەن يەنە بىر مىسال كەلتۈرىمەن؛ سىز ئامازون تورىدىن مال سىتىۋالغان ۋاقىتتا ، بەلكىم بىر ئىككى ھەپتىدىن كىيىن بىر ئىلخەت تاپشۇرۋالىسىز،يەنى سىز بايا سىتىۋالغان كىتاپنىڭ باشقا بىر ئوقۇرمىنىنىڭ قىززىقىشىغا ئاساسەن، سىزگە باشقا بىر كىتاپنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يەنە مەسىلەن، سىزدە بىر رەقەملىك سىنقويغۇ TiVoبار دەيلى، سىز بۇرۇن كۆرۈپ بولغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىقTiVoسىزگە سىزنىڭ قىززىقىش مۇمكىنچىلىكىڭىز بولغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى تەۋسسىيە قىلىدۇ. تور ئادەت يۆنىلىشى ئېلانچىلىقىنىڭ  پىرىنسىپىمۇ ئوخشاشلا ئاددى؛ كومپيۇتىر سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزنى ئىز قوغلاپ بىر ھۆججەت قۇرىدۇ، ئاندىن سىزنى قىززىقىشىڭىز بۇيىچە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە جەلىپ قىلىدۇ.
مۇبادا ئېلان سودىگىرى مەلۇم كىشىنىڭ قىززىقىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلسە، دەرھال بۇئادەمنىڭ دائىم بارىدىغان تور بىكەت تىپىنى ئىنىقلايدۇ__شۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ ئىنىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلان قويالايدۇ. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كىرەككى،بۇ يەردە ھىچقانداق<1984> دىكىدەك نازارەتچى<ئاتامان> يوق، ئۇلار باشقىلارنىڭ كىملىكى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت ئالاھىدە بېكىتىلگەن بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ مەلۇم تىپتىكى ئىلانغا قىزىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت، ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئىلاننى__پەقەت مۇشۇ مەلۇم تىپتىكى ئىلاننى ئاشۇ نامەلۇم ئادەمنىڭ كۆزئالدىدا نامايان قىلىدۇ. مېنىڭ شوپۇرغا زاكا ساتقۇم يوق ، بۇنداق قىلىش ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىدۇ،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىكرانىنى ئىگىلىۋالىدۇ. مەن پەقەت بۇ شوپۇر قىزىقىدىغان مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قويغۇم بار،خالاس.
دەرۋەقە، بۇ تەپەككۇرنى ئىزاھلاش؛كىشىلەرنىڭ تورغا چىقىش ئادىتىنى ئىز قوغلاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ، ئۇلارنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغان نېمىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىنىقلاش. بۇ نۇقتىنى قىلىش ئۈچۈن مەن ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ئىلان تارقىتىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تور شىركىتىگە ئىگە بولۇشۇم كىرەك،ئىدى.
دەسلەپتە ، مەن ھىندىستاندا بىر يۇمشاق دىتال پروگراممىسى لاھىيەلەش  ئەترتىنى ياللاپ كۈن تەرتىپ تۇرغۇزۇپ چىقماقچى بولدۇم، لىكىن بۇ بىريىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئالاتتى، مەن بۇنداق .ئۇزۇن ساقلىيالمايتتىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئۈمۈدسىزلىنىپ تۇرغاندا تەلىيىمگە<ئېلان ئۆزگەرتكۈچ>دەپ ئاتىلىدىغان بىر تور ئىلانچىلىقى يومشاق دىتال شىركىتىنى ئۇچراتتىم. بۇ شىركەت ھازىر بىر خىل دەسلەپكى قەدەمدىكى ئېلان مۇلازىمەت يۇمشاق دىتالى ئىشلەۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن بۇ شىركەتنىڭ قالدۇرۇپ قويغان لۇئىسئانا شىتاتىدىكى بىر تېلېفۇن نۇمۇرىغا تېلېفۇن قىلدىم. تورۇپكىدىن كىلىۋاتقان چاقىرىش ئاۋازىدىن جەزىم قىلىمەنكى،بۇ ئىنىقلا بىر سىرتقى رايوننىڭ نۇمۇرى ئىدى.
"ياخشىمۇ سىز،" بىر ئەركىشى ئىنتايىن ئىغىر تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى، ئاڭلىماققا روسىيەلىكنىڭ تەلەپپۇزىدەك قىلاتتى.
_ئىلان ئۆزگەرتكۈچى شىركىتىمۇ؟_
_ھەئە ، بېرەر ئىش بارمىدى ؟.
_مەن سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى چۈشۈنۈپ باقاي دىگەن.
_سىز كىم بولىسىز؟قانداق ئەھۋالنى بىلمەكچى ئىدىڭىز؟
_مېنىڭ ئىسم جى ، كالفورنىيەنىڭ  سان خوسې شەھرىدىن تېلېفۇن قىلىۋاتىمەن. مەن بىر تور شىركىتى قۇرغان ،بىز بەلكىم ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز.
ئىلان ئۆزگەرتكۈچى شىركىتى بىلوروسىيەگە جايلاشقان ،لىكىن لۇئىسئانادا تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئامېركىدا ئىگىلىك ئېچىش گۇۋاھنامىسىگە ئىگە ئىكەن. شۇڭا مەن تۇنجى تېلېفۇن ئالغان كىشى بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن بىلەن سۆزلەشتىم. بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇلار ماڭا يۇمشاق دىتالنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى يوللاپ بەردى. مېنىڭ بۇ يۇمشاق دىتالغا قارىتا چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشقاندىن كىيىن سېتىۋىلىش قارارىغا كەلدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي بىز لوندۇندا كۆرۈشۈشكە كىلىشتۇق.
مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلار ماڭا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ بىلمەيتتى، چۈنكى مەن كۆپ ئېيتمىغان ئىدىم. ئۇلار ھەتتا مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ بىلمەيتتى . ئەگەر مەن ئۇلارغا ئىسمىمنى ئېيتقان بولسام ،ئۇلار گوگىلدا بىر ئىزدىسىلا كېيىنكى سۆھبىتىمىزنى بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى، لىكىن بۇ پەقەت بىر پەرەزدە، خالاس.  ھازىر ئىشلار ئوڭۇشلۇق، مەن بىر تەۋەككۇل قىلىپ بىقىشنى قارار قىلدىم.
بىز لوندۇن پىكادىللى مەيدانىدىكى ئېيمى مەيخانىسىدا ئۇچرىشىشنى كىلىشتۇق. مەن ئۇلارغا كىملىگىمنى، ئىلگىرى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى، كۆك لىتى شىركىتى بىلەن نېمىلەرنى قىلىش ئۈمۈدۈم بارلىقى قاتارلىقلارنى ئۇلارغا ئېيتتىم. مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشقاندا، ئىلگىركىگە ئوخشاش ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىھتىماللىقىنى ئۆلچەپ تۇردۇم؛ بۇ ئاكا—ئۇكا ئىككىسىنىڭ خارەكتىر ۋە مەدەنىيەت گېنى، بىزنىڭ قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇپ بىر ئىشنى پۈتتۈرۈش ئىقتىدارى قاتارلىقلار...ھەرقانداق بىر كىشى دەرھال مۇكەممەل بىر ئادەم تېپىشنى ئويلايدۇ، لىكىن مەن  بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن.ھەرقانداق نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ.شۇڭلاشقا مەن پەقەت كەلگۈسى تەرەققىياتىم ۋە تاللىغان ئادەملەرنىڭ مەن بىلەن چىقىشىشچانلىقىغا قارايمەن. بۇ قىتىملىق تەكشۈرۈشنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇنىڭ جاۋابى مۇتلەق. ئۇلارنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى ھەرھالدا بولدۇ، ئەمما مۇكەممەل ئەمەس. مەسلەن: بۇ يۇمشاق دىتاللارنى ماشىنا دەپ پەرەز قلساق،ئۇلارنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى خۇددى ئۆلچەملىك قۇراشتۇرۇش سېخىدا قۇراشتۇرۇلغان بېنىس®ماشىنىغا ئوخشايدۇ.ئەمما ماڭا كېرەك بولغىنى ئوخشاش ماركىدىكى ئەمما تېخىمۇ مۇكەممەل، ماتورنىڭ سۆرەش ئىقتىدارى تىخىمۇ ئاشۇرۇلغان MAGتىپلىق  بىېنىس® ماشىنىسى. خۇشاللىنارلىقى شۇكى ئۇلار مېنىڭ تەلىپىمنى پۈتۈنلەي چۈشەنگەن ، بولۇپمۇ ھەركەت ماسلىشىچانلىقى جەھەتتىكى تەلىپىمنى تېخىىمۇ شۇنداق. مەن ناھايىتى تېزلا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ .ئىككىيلەن ئىش قىلىش جەھەتتە تۇغما تالانتلىقلاردىن ئىدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندا، مەن بېلروسىيەگە قاراپ ئۇچۇشنى،ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇلارنىڭ شىركىتىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشنى پىلانلىدىم،ئۇلار ئاللىبۇرۇن شۇ كۈنى كەچتىكى قايتىشنىڭ ئايرۇپىلان بېلىتىنى ئالدىن زاكاس قىلىپ قويۇپتىكەن. .ئەمما مەن ئۇلارغا ئەتىدىكى ئايرۇپىلان بىلەن قايتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
مەسلە شۇكى مەن تېخى ۋىزا ھەل قىلىپ بولالمىغانىدىم. بىر قانچە قىتىم تېلېفۇن قىلىش ئارقىلىق ۋىزا ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە كېتىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمما قارشى تەرەپ ماڭا ۋىزا بىجىرمەي تۇرۇپلا بېلروسىيەگە قاراپ ئۇچۇپ تەلىيىمنى سىناپ كۆرۈشۈمنى، ئەمما مېنىڭ بېلروسىيەگە كېرىش-كېرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ بىر تەۋەككۇل قىلاي دېدىمدە ، بېلروسىيەگە بارىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىنى زاكاس قىلدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئايرۇپىلانغا چىققاندا، بۇ ئايرۇپىلاندا ھەتتا بىخەتەرلىك تاسمىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇ خىل ئەھۋال ئادەمنى ناھايىتى خاتىرجەمسىزلەندۈرەتتى.
ئايرۇپىلان بىخەتەر يەرگە قوندى.ئەمما مەن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئورنىدا ئاۋارچىلىققا يولۇقتۇم .تولۇق قۇراللانغان بىر ئەسكەر ئالدىمغا كېلپ مېنى ئايرۇپىلان ئىستانسىسى بىناسىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئەكىردى. بۇ يەردە يەرلىك شېۋىسى ئىنتايىن قويۇق بولغان بىر ئادەمنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىدىم.
_ۋىزاڭ بارمۇ؟
_يوق
_نېمە ئۈچۈن ۋىزا بىجىرمىدىڭ؟
_ئۇلار ماڭا ۋىزا بىجىرىش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە كېتىدۇ دەيدۇ، ئەمما مەن ئالدىرايتتىم.
_نېمىگە بۇنچىلىك ئالدىرايتتىڭ؟
_مېنىسكىدىكى ئىككى ئاكا-ئۇكا بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايتتى،مەن ئۇلار بىلەن سودا قىلماقچىدىم    . _نېمە سودا؟
_تور ئېلانچىلىقى
ئۇ پاسپورتىمنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتى. چىرايىنى پۈرلەشتۈرۈپ، بېشىنى چايقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئۆلگۈدەك تىكىلىپ قاراپ:-مادوننانى ياقتۇرامسەن؟-دەپ سورىدى.
_ئۇ قالتىسقۇ! مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا جاۋاپ بەردىم.
_كېلەر قىتىم بېلروسىيەگە كەلگەندە ماڭا ئۇنىڭ CDپىلاستىنكىسىدىن بىرنى ئالغاچ كېلەمسەن؟
_چوقۇم-بىر ئەمەس ئىككىنى ئالغاچ كېلىمەن.
بىر ئازدىن كېيىن ئۇ قولىنى سوزۇپ تامغىنى ئېلىپ، پاسپورتىمغا باستى. مەن چىگرىدىن كىردىم.مانا ھازىر ۋىزام بار بولغانىدى.
ئېلان ئۆزگەرتكۈچ شىركىتىدىكى ئىككى ئاكا-ئۇكا ۋە ئۇلارنىڭ دادىسى ئايرۇپىلان ئىستانسىسى ئالدىدا ماڭا ساقلاپ تۇرغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ماشىنىسى بولمىغاچقا، دادىسىنىڭ ماشىنىسى بىلەن كەلگەن ئىكەن. دادىسى ئىنگىلىزتىلىنى ئانچە بىلمەيدىكەن. ئەمما شەھەرگە كىرىدىغان يول ئۈستىدە ئۇ بالىلىرىغا سىرتتىكى مەنزىرلەرنى كۆرسىتىپ، ماڭا تونۇشتۇرۇشنى ئېيتتى. ك گ ب نىڭ(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى) ئەسلىدىكى خىزمەت بىناسى، مېنىسكى  بالىت تىياتىرخانىسى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، غالىبىيەت مەيدانى، لېنىن مەيدانى قاتارلىقلار بار ئىدى. مېنىسكى شەھىرى ناھايىتى چىرايلىق ھەم پاكىز، كوچىلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان، ئەمما ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئادەملەر ئاز ئىدى. مېنىڭچە بۇ، شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. سىز مانخاتتونغا بارسىڭىز پۈتۈن شەھەرنىڭ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىنى ھېس قىلىسز، ئەمما مېنىسكىدا ئۆزىڭىزنى ئەركىن ھېس قىلالمايسىز.
مېھمانخانىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ماڭا مېھمانخانىدا تۇرۇش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ۋە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت بەردى. ئاندىن مېنى شۇ يەردىكى بىر بېلروسىيە تاماقخانىسىغا باشلاپ باردى. ئۇ ئاشخانا ھەرھالدا بولىدىكەن. بىز لوسىڭ® شورپىسى، بېلىق قىيامى،  موگۇ-پۇرچاق قاتلىمىسى يېدۇق ۋە بىر نەچچە رۇمكا ۋوتكا ئېچتۇق، مەن خالىغىنىمنى يىدىم. چۈنكى يېيىش جەھەتتىكى بىردىنبىر پىرىنسىپىم—تىرىك نەرسىنى يېمەسلىك ئىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەن ئۇلار مېنى ماشىنا بىلەن مېھمانخانىدىن ئىشخانىسىغا ئاپاردى. ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر قانچە ئىغىز ئۆي ئىدى. شىركەتتە بىر قانچەيلەن ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسىم تىجارەت تۈرى ئېلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق ئىكەن .ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى،ئۇلارنىڭ مائاشى تۆۋەن بولسىمۇ،خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى ، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئۇسلۇبىنى راستىنلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم  .
مەن ئۇلاردىن ئەگەر بۈگۈن شىركەتنى سېتىۋالسام، قانچە پۇلغا ساتىدىغانلىقىنى سورىدىم.
_500مىڭ دوللار دېدى ئۇلار جاۋابەن.
_كېلىشتۇق، ئەمما مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى لايىھەم  بار.
_قانداق لايىھە؟
_مەن يېڭى شىركەتنىڭ بىرقىسىم پاي ھوقۇقىنى سىلەرگە بېرىمەن. سېلەر مېنىڭ تېخنىك ۋە تەتقىقات ئورنۇمغا ئايلىنىسىلەر.
ئۇلار مېنىڭ لايىھەمگە قوشۇلدى. ئەمىلىيەت بۇنى ئىسپاتلىدىكى: بۇ بىر ئاقىلانە تاللاش بولدى.مەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا،پۈتۈن كۈچۈم بىلەن شىركەتنىڭ خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتىم.
مەن كۆك لىتىي (Blue lithium ) شىركىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئېنىق بىر نەسە دېيەلمەيمەن، ئەمما مەن شۇنىڭغا  ئىشىنىمەنكى ئۇ چوقۇم ئالەمشۇمۇل مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ.















بەشىنجى باب   يېگىرمە بەش يېشىمدا

        


              

     ------ئۇرۇش سەنئىتى(تاكتىكىنىڭ ئۆزگۈرىشى)




مەن مىنسكتىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. مەن يەنە مېنىڭ Click Agents نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىققانلىقىم كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردىغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق مەن خاتالىشىپتىمەن.گەرچە كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلار مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايقىدىمكى ئۇلار ماڭا قىزىقسىنىپلا كۆرۈشۈشكە قوشۇلغان ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرالمىدىم. بىر قانچىسى ماڭا ،مېنىڭ شىركىتىم تەرەققى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مېنىڭ ئۇلارنى ئىزدىشىمنى ئېيتتى. شىركەت تەرەققى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىلەرنى ئىزدەمدىم؟! بولدىلا ، ئۇ چاغقا بارغاندا يەنە سىلەرگە ئېھتىياجلىق بولارمەنمۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار بەكلا ئەخلاقسىز ئىدى. مەسىلەن: مەن بىر قېتىم بىر چوڭ شىركەتنىڭ ئادەتتىكى بىر ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كەسپى تەجرىبىسىنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن كۆك لىتىي   Blue Lithium شىركىتىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، تەرەققىيات نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلىشىدىن گۇمان قىلغانىدىم. ئۇ ئادەم داڭلىق Ivy League  ( Ivy League ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى سەككىز نوختىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى ، خەنزۇچە چاڭچىڭتېڭ ئۇنىۋېرسىتىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ) مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن MBA (سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئاسپىرانتى)ئىكەن، شۇڭا،مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىنلا ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىم ئۇنى ناھايىتى ئەجەپلەندۈردى.
مەن كۆرۈشىدىغان يەرگە بارغاندا خىزمەتچى خادىم مېنى بىر مەجلىسخانىغا باشلاپ ئەكىردى. ئۇ يەردە ئۇنى توپتوغرا ئون مىنۇت ساقلىدىم. مەن دائىم«ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق ئادەملەرلا باشقىلارنى ساقلىتىپ، ئۆزىنىڭ سەندىنمۇ مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ» دەپ ئويلايتتىم. ئۇ ئادەم ئاخىرى كەلدى. بىز ئۆز-ئارا قول ئېلىشىپ سالاملاشقاندىن كېيىن،  پروۋىكسىيەئاپراتىPower Point) PPT (ئارقىلىق سۆزلەشكە باشلىدىم. مەن سۆزلەپ ئۈچىنچى بېتىگە كەلگەندە تېخى ئەمدىلا تۆت مىنۇت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ قۇپاللىق بىلەن توختىشىمنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ ماڭا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن بىر خىل سەدىقە بەرگۈچىنىڭ كەمسىتىش ئاھاڭىدا:« سەن مېنى تەسىرلەندۈرەلمەيسەن!» دېدى.
:-« كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ،سىز نېمە دېمەكچى؟»
:-« سېنىڭ سۆزلىگىنىڭنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يوق ئىكەن »
مۇھىم نۇقتىسى؟ مەن ئەمدىلا تېخى سۆزلەشنى باشلىغان تۇرسام، ئۇ مېنىڭ مۇھىم نۇقتامنىڭ يوقلىقىنى نېمە بىلىدىكىنا؟ مەن چىشىمنى چىشلەپ ھېچ نەرسە دېمىدىم.بىراق بۇ ماڭا نىسبەتەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.
«گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، مېنىڭچە سەن تاللىغان ساھەنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىش يوشۇرۇن كۈچى يوق ئىكەن...»دېدى ئۇ يەنە.مەن يەنىلا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدىم.
« ساڭا دېسەم، مەن سېنى دەپلا بۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن . بۇ ساڭا ماس كېلىدىغان سودا ساھەسى ئەمەس، سېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكىڭ يوق دېيەرلىك.»
كېيىنكى ئون مىنۇتتا ئۇ ماڭا ساۋاق بېرىشكە باشلىدى، مەن خۇددى دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ A,B,C  دەرىسىنى ئاڭلىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. ئادەمنى ئەڭ ئاچچىقلاندۇرىدىغىنى شۇكى، «دەرس» سۆزلەۋاتقان بۇ «مۇئەللىم»نىڭ تور ئېلانچىلىقى ساھەسىدىكى تەجرىبىسى مەندىنمۇ خېلىلا ئاز ئىدى. مەن يەنىلا چىداپ ھېچ نەرسە دېمىدىم. ئۇ «دەرس»نى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ماڭا ۋاقىت چىقىرىپ دەرىس سۆزلەپ  بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن كەينىمگە قاراپمۇ قويماي ئۇيەردىن ئايرىلدىم. ھەي! دوستۇم، ئەگەر سىز مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولسىڭىز بۇنىڭغا يەنە نېمىمۇ دىيەلەيتتىڭىز؟!
باشقا كۆرۈشۈشلەر ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۇنداق ئادەمنى بىزار قىلمايتتى-يۇ، لېكىن ئوخشاشلا كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم ئالالمىدى. خەۋپ-خەتەر مەبلەغ سالغۇچىسىنى ئىزلىگەن ۋاقىتتىكى كېيىنكى باسقۇچ بولسا قوشۇلۇش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويۇش ئىدى.بۇ كېلىشىمنامىنىڭ  ھېچقانداق چەكلەش كۈچى بولمايتتى. ئۇ مەبلەغ سېلىش-سېلىنىشتىكى ھەر-خىل شەرت-شارائىتلار،تۈزۈملەر، ھەم ئىككى تەرەپ قوشۇلغان ئىقتىسادي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. قوشۇلۇش توختامنامىسىگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئادۋوكاتلىرى مۇزاكىرلىشىپ بىر رەسمي توختامنامىنى تۈزۈپ چىقاتتى. بۇ جەريانغا 4- 6 ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى. ھەي، ئۇ ۋاقىتتا مەن رەسمى توختام ئۇياقتا تۇرسۇن ، بىرەر مەبلەغ سالغۇچى بىلەن قوشۇلۇش توختامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىشقىمۇ كۆزۈم يەتمىدى. شۇڭا مەن داۋاملىق مەبلەغ سالغۇچىنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزۈم بىر قوللۇق ئىش باشلاش نىيىتىگە كەلدىم.
3- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە مەن تېخى ئېلان يۇمشاق دېتالىنى تاپالمىغان ئىدىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئادۋوكاتىم ماڭا تېلىفۇن قىلىپ   Value Click شىركىتىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.
«مېنى نېمىگە ئەرز قىلىدىكەن؟»
«ئالدىنقى قېتىم ئۇلارنىڭ پاي-چەك ئالدامچىلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن.» دېدى ئادۋوكاتىم.
«ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە بولغاندا، ئۇلار ئۆچ ئالماقچىكەندە؟»
«قارىغاندا شۇنداقتەك قىلىدۇ.»
ئۇلارنىڭ ئەرزىدە بىزنى سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىدى دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار شۇ ئاتالمىش سودا مەخپىيەتلىكىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرەلمىدى. ئۇلار مېنى يەنە سودا ماركىسى ھوقوقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ ئەرز قىپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مەن ئۆز تور بېتىمدە     Click Agentsنىڭ بەلگىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. ئۇ مېنىڭ ئۆزۈم قۇرۇپ چىققان شىركىتىم تۇرسا،ئەجەبا ئۇنىڭ بەلگىسىنى مېنىڭ قىسقىچە تارىخىمنىڭ ئىچىدە ئىشلەتسەممۇ بولمامدىغاندۇ؟ بېراق، ئۇلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن مەن دەرھال Click Agentsنىڭ بەلگىسىنى ئۆچۈرىۋەتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقانداق يەردىكى Click Agentsقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئادەتتىكى ھېچقانداق بېزەلمىگەن خەت شەكلىنى قوللاندىم.
بېراق مېنى ئەڭ ئاچچىقلاندۇرىدىغىنى«سودا مەخپىيەتلىكى»نى ئوغرىلاشمۇ ئەمەس، Click Agentsۋە Value Click كە مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس، ھەتتا تور بېلەنمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ،بەلكى «بوللىۋود يۇلتۇزى»دىكى ئوت كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەرزىدە مېنى ھەتتا شۇ ئوت كېتىش ۋەقەسى توغرۇلۇق ساقچى تەرەپ بېلەن ھەمكارلىشىشقىمۇ ئۇنىمىدى ،دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلارمۇ بار ئىدى-----بۇ پۈتۈنلەي بىر يالغانچىلىق،ئۇلار ئېنىقلا مېنىڭ ئوبرازىمغا نۇقسان يەتكۈزىۋاتاتتى. مەن بۇرۇندىنلا ئوبرازىمغا ناھايىتى دىققەت قىلاتتىم،شۇڭا بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ قىلغان بۇ ئىشى مېنى بەكلا غەزەپلەندۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەقىقى نىيىتى ئاشكارىلاندى:ئۇلار مېنى سېسىتماقچى ئىدى، شۇڭا ھەتتا سوتچىغا مېنى «سودا مەخپىيەتچىلىكى»نى ئوغرىلىغان ئادەم دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگۈزدى.
مەن كېيىن بايقىدىمكى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئەسلى بىزدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاچۇرۇش بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا ئازراق بولسىمۇ بىزنىڭ مەبلەغ توپلاش ئىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئويلايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى مېنىڭ بۇ دەۋادا چوقۇم يېڭىپ چىقىش ئىرادەمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋەتتى.
شۇ ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنىم دەل شۇ تۈگىمەس،كىشىنى بىزار قىلىدىغان قانۇنى دەۋاغا چېتىلىپ قېلىش بولۇپ قالدى ، شۇڭا ھازىرغا قەدەر ھەر قېتىم ئۇ توغۇرلۇق ئويلىغىنىمدا غەزىپىم ئۆرلەيدۇ. بىراق مەن بۇ دەۋادا چوقۇم يىڭىپ چىقىشىم كېرەك. شۇڭا ھەر قېتىم ئادۋوكات بىلەن تېلىفۇندا شۇ ئىش توغرۇلۇق سۆزلەشكەندە ئۇزاق سۆزلىشىپ كىتەتتۇق، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېلىفۇندا سۆزلىشىش ھەققىمۇ توختىماي ئېقىپ چىقىپ كېتەتتى. بۇ خۇددى ئالدىنقى قېتىم لوندوندىكى پروگرامما لاھىيلىگۈچى بىلەن قىلغان دەۋا ئىشى يەنە بىر قېتىم قايتا تەكرارلىنىۋاتقاندەك، گۇناھ يۈكلىرى ماڭا قاراپ كېلىۋاتقاندەك بىلىنپ، مېنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىۋېتەتتى.
تەجرىبەم شۇنى ئسپاتلىدىكى، ئەگەر بىر ئادەم تاش يۈرەكلىك بىلەن ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان ئىككىنچى بىر ئادەمنى سېسىتماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم بىر ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭدىن پۇتاق تاپىدىكەن.
بەزى ۋاقىتتا، سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا ئۆزىڭىزنى قوغدايدىغان بىر نەچچە خىل ئۇسۇل بولۇپ، سىزنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تاللاشقا قويسا، سىز چوقۇم يارىشىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم ئۆزى خالىسا-خالىمىسا قارشى تەرەپ بىلەن يارىشىپ قېلىشنىڭ سودا رىقابىتىدىكى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىشى كىرەك . لېكىن بۇنداق «ھەقىقەت» ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى. ئەنگىلىيەگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئىككىنچى بىر ئادەمنى سوتقا ئەرز قىلىپ دەۋادا يېڭىلىپ قالسا ،ئەرز قىلغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ چىقىمىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ تۈزۈم ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق،بىراق سىز بىرىنچى قېتىملىق دەۋادا يېڭىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئىككىنچى قېتىملىق دەۋادىمۇ يېڭىپ چىقىش كېرەك، ئاندىن سىز ئەسلى خەجلەشكە تېگىشلىك بولمىغان چىقىمنى تۆلىتىۋالالايسىز.
مەن بۇ دەۋانىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان رەزىل نىيەتنى ئاخىرى چۈشۈنۈپ يەتتىم : ئۇلار بىزنى يۇمران ۋاقتىمىزدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ بىزنىڭ كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ ئۇلارنىڭ سودا رىقابەتچىسى بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىكەن. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ بۇ قىلتىقىغا ھەرگىز چۈشمەيمەن.
مەن بۇ قورقۇنۇشلۇق سەرگۈزەشتىدىن بىر قانچە ساۋاقنى يەكۈنلەپ چىقتىم. ئالدىدا، مەغلۇبىيەت---ئۇ قوبۇل قىلسا بولمايدىغان تاللاش. ھەر قانداق ئادەم ئەگەر مەغلۇبىيەتكە تەن بەرسە، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. سىز بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىز، مەيلى ئۇ چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ، سىز چوقۇم سىزنىڭ غەلىبە قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز ھەمدە مۇشۇ نىشانغا قاراپ توختىماي كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك.
ئىككىنچى ساۋاقمۇ ناھايىتى قىممەتلىك:ھەرگىزمۇ ھىسسىياتقا بېرىلىپ  ئىش قىلماڭ. مېنىڭ ئاچچىقىم يامان ،بۇ يامان ئىش ئەمەس.مەن يەنە بىر قېتىم دەۋا قىلىشنىڭ گۇناھىغا پاتقۇم ،قېشىمدىكى ئاكام ، ئاچام ۋە شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرگە شۇ سەۋەبلىك  زىيان يەتكۈزگۈم يوق. ماڭا شۇ ناھايىتى ئايانكى---ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويسام بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن راستىنلا شۇنداق قىلالىدىم. مەن ئادۋوكاتقا بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنى بۇيرۇدۇم---چۇنكى مەن ئۇلارغا ھەق بېرىمەندە.
ئەڭ ئاخىرقى ساۋاق مېنىڭ ئىسىمدە چىڭ تۇتىشىمغا ئەرزىيدۇ: زۆرۈر بولغاندا ھېچنىمىگە قارىماي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىڭىز ۋە شۇ جەرياندىكى بېسىم ۋە ئېغىر يۈكلەرگە بەرداشلىق بېرەلىشىڭىز كىرەك.
دىققەت نەزىرىڭىزنى يېڭى باشلىنىشلارغا، يېڭى نىشانلارغا قويۇشىڭىز، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئاڭلاشقا ئاسان، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس،ئەمما سىز چوقۇم تىرىشىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىڭىز كېرەك----چۇنكى ئۇ سىزنىڭ ئۇنى ئۆز كۈرەش نىشانىڭىزقىلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى، بىز ئەرز قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چىكاگودىكى بىر شەخسى ھاۋالە فوندىسى سىرتقا بىلىندۈرمەي بىزنىڭ شىركەتنى تەكشۈرۈشكە كەلدى ۋە 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ شىركىتىمىزنىڭ تىزراق تەرەققى قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. بۇ كۈتۈلمىگەن ئامەت ئادەمنى بەكلا خۇش قىلاتتى. سودىمىزنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىزنىڭ ئايلىق كىرىمىمىز ئارانلا 200مىڭ دوللار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ بىزگە 20مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ بىزدىن نىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، بېراق ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان قىزىقىشى ماڭا زور كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.
بىز سۆھبەتلىشىشنى باشلىدۇق. بىراق سۆھبەتلىشىشنىڭ ئالدىدا مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن شىركىتىمىزنىڭValue Clickشىركىتى بىلەن قىلغان دەۋا ئىشىنى ئۇلارغا ئېيتىش توغرىسىدا مەسلەھەتلەشتىم. ئۇلار بۇ ئىشقا نىسبەتەن باشقا پىكىرىنىڭ يوقلۇقىنى، لېكىن سۆھبەتلىشىش ئىشىدا چوقۇم تۇلۇق سەۋر-تاقىتىمنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى سۆھبەت ئىشىغا بەك ئالدىراپ كەتسەم ئاخىرى توختام تۈزگەندە ماڭا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ئۇلار ماڭا ئەھۋالنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بېقىپ ئىش قىلىشىمنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.
لېكىن Value Clickبىلەن بولغان ئىش ئۇنداق ئاسان تۈگىمىدى،بىراق چىكاگودىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايىتى تىز ئىكەن ،ئەمەلىيەتتىمۇ مەن ئىشنى كەسكىن بىرتەرەپ قىلىدىغان ئادامگە ئامراق---قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى. Value Clickبىلەن بولغان ئىشنى ئۇلارغا ئېيتىش قارارىغا كەلدىم ۋە ئۇ ئىشنى باشتىن-ئاياغ ئۇلارغا سۆزلەپ بەردىم.ئۇلار مۇلايىملىق بىلەن ھەممىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى،لېكىن ناھايىتى ئىنىقكى ،بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئاخىرلاشقانىدى.«بىز بۇنداق ئويۇننى ئوينىيالمايمىز» دېدى،ۋە«بۇ ھازىر ھەممە ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى».
بۇ قىسقىغىنە جەريان مېنى چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىرادىسىگە كەلتۈردى.مەن بۇ جەرياندا ئالغان ساۋاق بولسا: ئەخلاق ئۆلچىمىڭنى يوقىتىپ قويما! يالغانچىلىق ۋە يوشۇرۇش بەلكىم ساڭا ۋاقىتلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن،بىراق ساڭا مەڭگۈلۈك مۇۋەپپەقىيەت ۋە دوستلۇق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ .
شۇ يىلى يازدا، مەن ئاخىرىValue Clickبىلەن بولغان دەۋانى ئاخىرلاشتۇردۇم ۋە پۈتۈن دىققەت نەزىرىمنى تىجارەت ئىشىغا قاراتتىم. مەن ئەسلىدە ئۇ دەۋانى داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيتتىم ،ئادۋوكاتمۇ مېنىڭ چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدى،بىراق ئۇلارمۇ بۇنداق قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ،شۇنداق قىلىپ بىز ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ئەرزىمىزنى قايتۇرىۋالدۇق، لېكىن ھېچقايسىمىز خاتالىقنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالغىلى ئۇنىمىدۇق.
بۇ جەرياندا ،بىلروسىيەدىكى ئىككى بۇرادەر بىزنىڭ يۇمشاق دېتالىمىزنى توختىماي ياخشىلاپ ئۆزگەرتىۋاتاتتى. يۇمشاق دېتال تېخى ئۆزگەرتىلىپ بولمىغان بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلايدىغانلىقىمىزدا ناھايىتى زور ئۈمىد بار ئىدى. Click Agentsيېڭى قۇرۇپ چىقىلغاندا مېنىڭ ئىشلەتكىنىم بولسا ئادەتتىكى ،چېكىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ھەق تۆلەيدىغان ئېلان مۇلازىمىتى ئىدى. لېكىن،مەن Blue Lithiumنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ ئىلان مۇلازىمىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردىم. مەن يەنىلا ئوخشاشلا ئۈچ تەرەپ مەنپەئەتى---ئېلان بەرگۈچى، تور بېكەت ئىگىسى ۋە ئىستىمالچى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلدىم ،لېكىن بۇ قېتىم مېنىڭ ئىستىمالچىلارغا بولغان چۈشۈنۈشۈم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بىز مۇنداق بىر پروگراممىنى ئويلاپ چىقتۇق : كىشىلەر توردا بىر بېكەتتىن يەنە بىر بېكەتكە ئۆتكەندە ، ئۇلارنىڭ ھەركەت ئەھۋالىغا ئاساسەن بىز ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى پەرەز قىلالايمىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىزدە ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلايدىغان يۇمشاق دېتالمۇ بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ كىملىكىنى، يېشىنى،ئۆي ئادرىسىنى بىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىزگە ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق. بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق ---ئەگەر بىر ئادەم تۆت پەسىل زەنجىرسىمان مېھمانخانىسىغا قىزىقسا، بىز دەرھال بىر Cookieھۆججىتى ئارقىلىق بۇ ئادەمگە «بەلگە» قويىمىز، ئاندىن بۇ ئارقىلىق توردا ئۇ ئادەمنىڭ ئىزىغا چۈشىمىز،ھەمدە شۇ جەرياندا تۆت پەسىل مېھمانخانىسىنىڭ ئېلانىنى ۋە باشقا شۇ ئادەم بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئىستىمالچىلار قىزىقىدىغان ئېلانلارنى ئۇنىڭ ئىكرانىدا كۆرسىتىمىز. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ نېشانىمىز بولسا تور ئېلان ساھەسىنىڭ كونا شەكلىنى ئۆزگەرتىش. مەيلى سىزMy Space   (ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاممىۋى ئالاقە تورى)،    CNN.COM (ئامېرىكا سىملىق خەۋەر تورى Cable News Network  نىڭ قىسقارتىلمىسى.1980-يىلى6-ئايدا قۇرۇلغان،سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق سىملىق تېلىۋىزىيە تورى ۋە سۈنئى ھەمراھ تېلىۋىزىيە ئابونتلىرىغا پۈتۈن كۈنلۈك خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ، ئورنى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتادا، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق خەۋەر تورىنىڭ بىرى ،تور ئادرىسى: http://www.cnn.com)  ياكى نيويورك ۋاقىت گېزىتى تورىدا بولۇڭ، بىز سىزنىڭ توردىكى ھەركىتىڭىزگە ئاساسەن  سىزنى ناھايىتى تىزلا تېپىۋالالايمىز، چۈنكى بىز ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلار بىزگە سىز ئاچقان تور بېكەتلەرنى، قايسى تور بېكەتكە بېرىش مۇمكىنچىلىكىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.ئەگەر بىز سىزنى تېپىۋالساق،بىز دەرھال سىزگە ماس كىلىدىغان ئېلان ئارقىلىق سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتىمىز.مانا بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نېشانىمىز.
شۇ ۋاقىتتا بىز گەرچە يېڭى تېخنىكىمىزنى ئاشكارىلىمىغان بولساقمۇ،لېكىن كىرىمىمىز ئاللىقاچان بىزنىڭ ئەڭ يوقىرى پىلانىمىزدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنىدى. مەن يەنە بىر قېتىم مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەپ باقساق بولارمۇ-بولماسمۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم. لېكىن مەن مەبلەغ سالغۇچىغا ئۇنچىۋالامۇ  ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىدىم. بېراق مەن Blue LithiumنىڭClick Agentsتىنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوڭ كۆلەملىك قارار چىقىرىش ۋاقتىدا قولۇمدا يېتەرلىك مەبلەغنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68147
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 406
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2011-12-2
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 07:15:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ! رەھمەت!

ئىنسان_ ھامان ئۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24665
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1734 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 07:42:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5803
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5620
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 3980 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 07:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،

بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس ،بىر يامانلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24146
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3115
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاب نەشرىيات تەرىپىدىن قاچان كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53284
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1673
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2011-8-26
ئاخىرقى: 2012-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس.....قالتىس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64083
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2011-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 04:02:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار !!  قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن ! تىنىڭلار سالامەت بولسۇن !  بولسا  بى  ئاخىرىنى تىزرەك يوللىساڭلار ~!

قاھىرە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش