مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16557|ئىنكاس: 147

25 يېشىمدا 300 مىليۇن دوللار تاپتىم ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 03:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىگىرمە بەش يېشىمدا يېشىمدا 300 مىليۇن دوللار تاپتىم !



كىرىش سۆز ئورنىدا



قەدىرلىك كىتاپخان  :
ئالدى بىلەن ‹ئۈمۈد› تەرجىمە گۇرۇپىمىز تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ، دىققىتىڭىزغا  سۇنۇلغان ‹  25يېشىمدا 300مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاپتىم  › ناملىق كىتابىمىزنى تاللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېيتىمىز  . شۇنداقلا يۈرەكلىك ھالدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ، بۇ كىتابنى تولۇق بىر رەت ئوقۇپ چىققىنىڭىزدىن كېيىن ئۆزىڭىزدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلىسىز ھەمدە بۇ كىتاپنى تاللاشنىڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
بۇ كىتاب 80- يىللاردىن كېيىن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە جاپا مۇشەققەتكە تولغان كۆچمەن ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ؛ ئەقىل - پاراسىتى ، جاسارىتى ، تىرىشچانلىقى بىلەن 16 يېشىدىلا ئېگىلىك تىكلەپ ، 25 يېشىدا 300 مىليۇن دوللارنىڭ ئېگىسىگە ئايلانغان بىر مىليونىر ياشنىڭ ئۆز ھايات سەرگۈزەشتىسى ، ئېگىلىك تىكلەش مۇساپىسى ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش يولىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئىبارەت ...
يېڭى دەۋىردىكى خىرىسلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ،بۇ خىرىسلارنى چۈشەنمىگۈچىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ياخشى تەييارلىق قىلمىغۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تۇلىمۇ كۆپ يازمىلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، بىراق بۇ خىرىسلارنى قانداق يېڭىش ،قايسى خىلدىكى تەپەككۇر ۋە تۇرمۇش شەكىللىرى ئارقىلىق ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايمىز ؟ دېگەن بۇ نازۇك مەسىلىدىن ئاشۇ يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇددى  ئەگىپ ئۆتۈپ  كەتكەندەك  !
ئازراقلا باش قاتۇرساق شۇنى بايقايمىزكى:دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئالتۇن كۆمۈشلېرىنى مىسقاللاپ ئەمەس چارەكلەپ ئۆلچەيدىغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار كەبى داڭلىق بايلېرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆز دەۋرى ۋەكىللىك قىلغان تەپەككۇر شەكلىدىن ئازراقلا ئۆزگىچىلىككە تايىنىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن .
خۇشاللىنارلىق يېرى بىز سىزگە سوغا قىلماقچى بولغان بۇ كىتاپتىن 80-يىللاردىن كېيىن توغۇلغانلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرىنى بايقايسىز. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى كىتاپنىڭ ئىچىدىكى كەچۈرمىش ۋە مەسلىھەتلەر قانداقتۇر تۇقۇپ چىقىلغان ھىكايە ياكى رىۋايەت بولماستىن ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى  ئەمەلىي بولۇپ ئۆتكەن ،سىز ۋە بىزمۇ قىلالايدىغان ئەقىلگە مۇۋاپىق يېڭىچە تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسىدۇر .كىتاپنى ئۇقۇغان ۋە ئۆز-ئارا تەۋسىيە قىلىشقان،كىتاپنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان، كومپىيوتىردىكى مەشخۇلاتلارنى تاماملىغان ،ئىنگىلىسچىسىگە سېلىشتۇرۇپ چىققان دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ خىل تەپەككۇرنى ھېس قىلىشقان.
دېمەكچىمىزكى:يېڭى ئەسىردىن ئىلگىرى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ۋەكىللىك قىلغان تەپەككۇر شەكلى يېڭى ئەسىردىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن نۇرغۇن جايلاردا پەرق قىلىدۇ، دەپ ئويلايمىز .چۈنكى:پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادى ساھەدىكى بايلىقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 80-يىللاردىن بۇرۇن تۇغۇلغۇچىلارنىڭ قۇلىغا توپلانغان بولۇپ ، 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغۇچىلار شۇلارنىڭ قۇلىدىكى ياغاچ قونچاققا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ، كىشى . قىززىق يېرى ئاشۇ«ياغاچ قونچاقلار»ئىچىدىكى ئاز ساندىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغانغۇچىلار بولسا شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەيران قالارلىق سوممىدىكى ئىقتىسادى قىممەت ياراتقان بولۇپ،خۇددى كىتاپىمىزدا ئېيتىلغاندەك:ئەمدىلا مەكتەپتىن ئايرىلغان بالىدا ئازراق تەسەۋۋۇر بولسىلا غايەت زور نەتىجە يارىتالايدۇ.
بىز ئالدى بىلەن ھازىر رىئال تۇرمۇشىمىزدا بىز بىلەن بىرگە نەپەس ئېلىۋاتقان  ئىلىم _پەن ساھەسىدە كىشىنى داڭ قالدۇرغىدەك دۇنياۋى نەتىجىلەرنى  ياراتقان  ئىستىۋىن خاۋكىڭ ، شۆھرەت مۇتەللىفۇفقا ئوخشاش ئالىملارنى ، ئىقتىساد ساھەسىدە دۇنيانى زىل زىلىگە كەلتۈرگەن بىلگەيتىس ، ۋاررىن باففېلىت قا ئوخشاش كىشىلەرنى   دىمەيلا قويايلى ،بىزگە ئانچە تۇنۇشلۇق بولمىسىمۇ ، 80 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلۇپ  ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ دۇنيا ئىقتىساد ساھەسىدە كۆزگە كۈرۈنىۋاتقان ، بىزگە ئۆرنەك ، ئىلھام بولالايدىغان  ، بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك  ئاشۇ ياش چەۋەندازلارنى مىسال ئالماي تۇرالمايمىز  .
مەسىلەن:كۆيۈك سەۋەبىدىن قۇلى مېيىپ بولۇپ قالغان شاما كابانىShama kabani دېگەن بۇ قىز توردا نەرسە-كىرەك سېتىش شىركىتى (Click To Client  )گە تايىنىپ،  100مىليون دوللاردىن ئارتۇق مۇقۇم مەبلەغكە ئېرىشكەن ،ھازىر 23ياش . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى:بۇ قىز مېيىپ، سىز بولسىڭىز ساپساق.يەنە بىرى دۇنياغا داڭلىق ئىجدىمائىي ئالاقە تورى FaceBook نىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكېربىرگ ( Mark zukerberg ) بۇلۇپ 25 ياشتا 500مىليون ئامېرىكا دوللىرى بايلىق ياراتقان .  ئەمدى سىزگە تۇنۇشتۇرۇدىغىنىمىز ئۇيغۇر كومپىيوتىر ھەۋەسكارلېرىغا يېقىندىن تۇنۇشلۇق بولغان ،ئۇيغۇر ياشلېرىنىڭ ئىپتىخارى پەخىردىن قارلۇق.يەنى ،ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچىسى،شىنجاڭ ھەتتا جۇڭگۇدىكى بىردىنبىر مەك تەجىربەخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى،رەقەملىك سىن تېخنىكىسى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون لاھىيەسى بىلەن ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ بىرقەدەر ئۇتۇقلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈچى،قارلۇق شىركىتى-قارلۇق تەربىيلەش ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى.يەنى سىز بىزدەك 80-يىللاردىن كېيىن توغۇلغان «بىچارە»نىڭ بىرسى.ئەپۇ قىلىڭ:ماتىرىيال مەنبەيىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن پەخىردىن ئەپەندىنىڭ قانچىلىك مەبىلىغى بارلىقىنى بىلمەيمىز .بىراق ئاددى تەسەۋۋۇرغا تايانساق ،شىنجاڭ تېلېۋىزىيسىنىڭ ئۇيغۇچە قاناللېرىدىكى ئازراقلا ئۆزگىچە (يەنى كومپىيوتىر تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن)ئېلانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قارلۇق شىركىتى ئىشلىگەن،ۋە يەنە قارلۇق تەربىيەلەش مەركىزىدىكى جىمىكى لازىمەتلىكلەر دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ (ئەلۋەتتە تەربىيەلەش ھەققىمۇ خېلىلا يۇقىرى) ،ئارتۇقچە سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالغان تەخمىنلەرنى ئۆزىڭىزگە قالدۇردۇق.يەنە بىر رەت تەكىتلەيدىغىنىمىز پەخىردىن ئەپەندىمۇ سىز بىزگە ئوخشاش 80-يىللاردىن كېيىن توغۇلغان،شۇنداقلا كەلسە-كەلمەس تەلەيگە ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىختىدارىغا تايىنىپ ئەنە شۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.ئۇندىن باشقا مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان  خارۋات ئەركىسى دەپ نام ئالغان   قۇدرەت  ياقۇپ ،ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى   قاسىمجان ئابدۇرىھىم قاتارلىق يەنە  نۇرغۇنلىغان ياشلار بىزنىڭ قايتا قايتا تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ .
80-يىللاردىن كىيىن دۇنياغا كېلىپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بېسىۋاتقان، ئۆز كەلگۈسى ھەققىدە تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، يېتىلىۋاتقان ياشلاردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىرىس ۋە رىقابەتكە تولغان دۇنيادا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلىمەي بىكار ئىسراپ قىلىۋاتقان، ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي قايمۇقۇش ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن دوستلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام، مەنىۋى ياردەم بولار دېگەن ئۈمىدتە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق. بۇ كىتاب سىزگە ئازراق بولسىمۇ نەپ يەتكۈزەلىسە، كەلگۈسىڭىز ھەققىدىكى ئويلىرىڭىزغا ئازراق بولسىمۇ مەدەت بەخش ئىتەلىسە،مۇۋاپىقىيىتىڭىزگە تۇترۇق بۇلالىسا ئەمگىكىمىز ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ دەپ ئويلايمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا كىتاب نەشىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىپتىخارىمىز ، ھەممىگە تونۇشلۇق ھۆرمەتلىك ئابدۇرېھىم دۆلەت مۇئەللىمگە، كىتابنى بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ قىممەتلىك تەكلىپ –پىكىرلەرنى بەرگەن پايتەخىت مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى ئابدۇمىجىت جېلىل ئاكىغا ۋە تەرجىمە جەريانىدا بىزگە تولىمۇ ئەسقاتقان ‹ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئېنگىلىزچە ئوكيانۇس ئېنسىكلوپېدىيىسى › نى تۈزۈپ چىققان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپ مىننەتتارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز .
كىتاپنى ئۇقۇشتىن ئاۋال ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقىۋاتقان ئۇقۇغىچىلاردىن تەشكىللەنگەن «ئۈمىد»تەرجىمە گۇرپىسى بىلەن تونۇشۇپ قويۇڭ:
مۇختەرجان مەتسەيدى:تەرجىمىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى،تەشكىللىگۈچى،تەرجىمە قىلغۇچى، بېيجىڭ ئورمانچىلىق ئۇنۋېرستىتىدىن.
ئەخمەتجان  ئەكرەم  :دەسلەپكى تەھرىرلىككە ئالاھىدە كۈچ چىقارغۇچى،تەرجىمىگە قاتناشقۇچى شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرستىتىدىن.
مەتتۇرسۇن ئوسمان:دەسلەپكى قەدەمدە تەھرىرلەشكە مەسئۇل بولغۇچى،تەرجىمىگە قاتناشقۇچى،شەنشى پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىدىن.
ئابدۇۋارىس ئابدىلمىت:تەرجىمىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ،تەرجىمىگە قاتناشقۇچى،قىسمەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچى ،ۋۇخەن ئۇنۋېرستىتىدىن.

مەمەتجان ئابدۇۋەلى :تەھرىرلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغۇچى،قىسمەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇچى مەركىزى مالىيە -ئىقتىسادئۇنۋېرستىتىدىن.
ئەنۋەرجان :بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە مەسئۇل بولغۇچى،تەھرىرلەشكە مەسلىھەت بەرگۈچى، چېڭدۇ پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرستىتىدىن.
تۇرشاتجان ئوسمان :مۇھىم مەزمۇنلارنى ئىنگىلىسچىسىگە سېلىشتۇرۇپ چىققۇچى،تەرجىمىگە قاتناشقۇچى ,نەنجىڭ سانائەت ئۇنۋېرستىتىدىن.
ئابلەتجان تۇنىياز  :تەرجىمە قاتناشقۇچى ، شەرقى جەنۇب  ئۇنۋېرستىتىدىن .
كىتاپنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن  ئەسلىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 3-4ئادەم تاماملاشقا تېگىشلىك تەرجىمە ، تەھرىرلىك ۋە كومپىيوتېر مەشخۇلاتلېرىنى سەككىزىمىزنىڭ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سۇرايمىز،چۈنكى:ھەممەيلەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان بولغاچقا ئەسلىدىنلا مىسقاللاپمۇ يېتىشتۈرەلمەيدىغان ۋاقتىمىزدىن ۋاقىت چىقارغاندىلا ئاندىن بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايتتۇق .
كىتاب تەرجىمىسىدە قىسمەن سەھۋەنلىكلەرنىڭ ساقلىنىشى تەبئىي . كەڭ دوستلار ، ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە تەنقىد – تەكلىپلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز
قېنى ئەمىسە ،بىزنىڭ تۇنجى غەلبە مېۋىمىزگە ئىشتراك قېلىڭ !








: قائىدە قارىماققا ئىنتايىن ئاددى ، بىراق سىز رىئال تۇرمۇشتا ياشاۋاتقىنىڭىزدا ، زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر سىزنىڭ مەغلۇبىيتىڭىزنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ ،  شۇنى بىلىپ قويۇڭكى ، سىزنىڭ  بۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرىشىڭىز سىزنى نۇرغۇنلىغان غەلبە پۇرسەتلىرىگە ئىرىشتۈرىدۇ  .



1– نامرات كۆچمەن ئائىلىدە تۇغۇلۇش




1982- يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ، مەن پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ ئامرتسار شەھىرى تارن تارەن مەھەللىسىدىكى سېك مىللىتى ئائىلىسىدە بالىلارنىڭ كەنجىسى بولۇپ تۇغۇلدۇم. شۇ ۋاقىتلاردا   دادامنىڭ  ئىنژېنېر بولۇش ئارزۇسى بولغاچقا ، نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەر بەدىلىگە  ئالى مەكتەپكە  ئۆتكەن ئىكەن ، ئەمما ئۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆزى رازى بولغىدەك بىرەر خىزمەت تاپالماي ، ساقچى _ئوفىتسىرلا  مەكتىپىگە كىرگەن ئىكەنتۇق  . دادام بىلەن ئانام 1971-يىلى ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى  بۇيىچە  تۇنۇشقان بولۇپ ، شۇ يىلىلا توي قىلغان ئىكەن  . شۇ ۋاقىتلاردا ئانام سېستىرا بولۇپ ، ئەركىن مۇستەققىل ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق  ، بىراق ،  ئۇ ماھىيەتتە ئەنئەنىۋى ھىندىستان ئاياللىرىدىن بولۇپ ، كىچىكىدىن ئالغان تەربىيىسى  ئۇنىڭ قېنى قېنىغا 》ئائىلىدە ئەرلەر ھۈكۈمران《  دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرىۋەتكەن ئىدى. دادام ھەرقانداق ئىشتا قانداقلا قارار چىقارمىسۇن   ، ئانام قىلچە نارازىلىق بىلدۈرمەي ئىتائەت قىلاتتى ، مەن بىر مەزگىل ھەيرانلىق ھېس قىلغان ئىدىم  . ھىندىستاندا ، بىز تەۋە بولغان تەبىقىدە ، ئۇنىڭ ئىنژېنىر ياكى دۇختۇر بولۇشتىن  ئىبارەت ئىككى خىللا تاللاش يولى بار ئىدى . ئانام ئىنژېنېرلىققا قىزىقمايتى ، ئۆزىنى دوختۇر بۇلۇشقا يىتەرلىك سالاھىيىتىم توشمايدۇ دەپ قاراپ سېستىرا بولۇشنى  تاللىدى بولغاي ، توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ئۈزلىكسىز سىسترالىق قىلىۋەردى . بىراق  ، شۇنىڭدىن كىيىن  ئۇنىڭ ھاياتى ئۆزىگە تەۋە بولالمىدى  . ئۇ شۇ  كۈندىن باشلاپ دادامنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
ئانام دائىم : 》 مانا بۇ تەقدىر 《   دەيتتى .
1973-يىلى ، ئۇلار توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ، بىرىنجى پەرزەنتى–كامال تۇغۇلدى ، ئىككى يىلدىن كىيىن ئىككىنجى پەرزەنتى- نىمال تۇغۇلدى  ، ئىككىلا پەرزەنتنىڭ قىز تۇغۇلۇشى ئۇلارغا ئىنتايىن زەربە بولغان ئىدى  .ھىندىستاندا  ، ئوغۇل پەرزەنتى  بولسىلا ، كىيىن  پۇل تېپىپ ئۆينى باقىدىغان تۈۋرۈك بولالايتتى ؛ پەقەت ئوغۇل پەرزەنتلا نەسىلنى داۋام ئەتكۈزۈپ ، ئاتا-بۇۋىلارىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ئاشۇراتتى  ، شۇڭلاشقا ھەممە ئائىلىدە ئوغۇل پەرزەنتلىك  بولۇش ئارزۇ قىلىناتتى .
مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ  ،  دادام – ئانام  ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇردى ، ئۇلار ئىككىلىسى ئىنتايىن  تەقۋادارلاردىن بولۇپ كەتكەن ئىدى  ، دائىم سېك ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ ئوغۇل پەرزەنتى بولۇشنى تىلەيتتى ، ئۆيدە بولسا ھەمىشە دۇئا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ھىممىتىگە ئىرىشىشنى ئويلايتتى  .
ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلغانمۇ قانداق  ، 1978-يىلى  ، ئانام يەنە بىر قېتىم ئېغىر ئاياق بولدى  ، كىيىنكى يىلى  ئوغۇل پەرزەنتى تاجنى يەڭگىدى . تاجنىڭ تۇغۇلۇشى دادام بىلەن ئانامنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك ۋاقىتلار بولۇپ  ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن شاتلىققا چۈمۈشكەن ئىدى  .
ئۇلار بىر ئۆيدە ئىككى ئوغۇل ، ئىككى قىز پەرزەنت بولسا ئاندىن باراۋەر بولىدۇ دەپ  قاراپ ، يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۈرۈشنى قارار قىلدى ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنىڭ تويمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتىيۇ ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ  كۈچلۈك ئارزۇسىغا دال بولالمايتتى.
ئۇلار يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ سەجدە قىلىپ دۇئا قىلىشقا باشلىدى . ئۆيدىمۇ توختىماسىتىن ئىبادەت قىلاتتى ، ئۇلار يەنە سەۋرىچانلىق بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆتۈنىشىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى كۈتتى  ،
دەرھەقىقەت ، بۇ قېتىممۇ  ئۇلارنىڭ تىلىگى ئىجاۋەت بولدى  
1982-يىلى مەن بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتىم  ، ئۇلار ماڭا گۇرباكىش دەپ ئىسىم قويدى ، بۇ ئىسىم پەنجاپ تىلىدا 》پەرۋاردىگار بەرگەن ئىلتىپات《 دېگەن مەنىدە ئىدى .
مەن ئۆزۈمنىڭ پەرۋەردىگار بەرگەن ئىلتىپات  ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلمەيمەن  ، لېكىن مەن تۇغۇلغان شۇ يىل ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئەندىشىلىك ، تەشۋىشلىك يىللارنىڭ بىرى ئىدى .
1984-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ،يەنى مەن تۇغۇلۇپ ئىككى يىلدىن كىيىن ، بىر ئۇچۇم 》سېك دۆلىتى 》 قۇرۇشنى مەخسەت قىلغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار سېك دىنىنىڭ مۇقەددەس ماكانى بولغان ئامرىتسار ئالتۇن ئىبادەتخانىسىدا يىغىلىپ نامايىش قىلدى ، شۇ ۋاقتىدىكى ھىندىستان زۇڭلىسى ئىندىرا گەندى① ( ( 1917-1984 ) . ئىككى قېتىم ھىندىستان زۇڭلىسى بولۇپ سايلانغان .1984-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ، ئىككى سېك دىنى مۇرتىدىن بولغان مۇھاپىزەتچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن  ، ئۇ ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئايال شۇنداقلا ئەڭ داڭلىق  سىياسىيون   .)بۇ قېتىمىلىق نامايىشنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپ ، نۇرغۇنىلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى سېكلار ئىدى . بۇ قېتىملىق  ھەركەت تا ھازىرغىچە ھىندىستان تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ سىياسى ئاپەت دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

دادام بۇ ۋەقە  يۈز بىرىشتىن ئىلگىرىمۇ دائىم ھىندىستاندىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتكە چىقىپ كېتىش ئويى بارلىقىنى ئېيتاتتى ،  بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن دادام قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ ، ھىندىستاندىن چوقۇم چىقىپ كىتىش نىيىتىگە كەلدى ،شۇنداقلا باشقا نۇرغۇنلىغان ھىندىستانلىقلارغا ئوخشاش نەزىرىنى ئامېرىكىغا تىكتى  . ئۇ ئۈزلىكسىز چەتئەلگە چىقىش ئىشىدا مۇنازىرلىشەتتى  ،  ئۇ باشقىلارغا  ھىندىستاندا سېكلارنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ ، بۇ دۆلەت ئاللىبۇرۇن يىلتىزىن چىرىدى ، كىشىلەرگە بىرىلىدىغان پۇرسەت كۈندىن كۈنگە ئازىيىپ كىتىۋاتىدۇ دەپ چۈشەندۈرەتتى .  ئۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلاتتى ، ئۆزىنى دېمىسىمۇ تۆت بالىسىنى ئويلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىن ئۆزى ئويلىغان ئەركىن تۇرمۇشنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى  .
1984-يىلى ، دادام ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان چەك تارتىش لىنىيىسى ئارقىلىق ۋىزا ئىلتىماس قىلدى  ، بىرنەچچە ئايدىن كىيىن  ئائىلىمىزنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك خوش خەۋىرى يىتىپ كەلدى ( بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئانامنىڭ سېستىرا بولغانلىقىدا بولۇپ  ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئامىرىكىدا سېستىرا كەمچىل مەزگىل ئىدى ) .
ــــــــــــــــــــــــ
ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەر پەقەت مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە،ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە،ئېلىكتۇرۇنلۇق كىتاب ياساشقا بولمايدۇ،ئەگەر شۇنداق ئەھۋال بايقالسا،قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ،ياخشى پىكىر-تەلەپلەر بولسا،ماڭا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قۇيۇڭ،ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!
-جاھانكۆز

ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
turkinaz0992 + 100 بەك ياخشى بوپتۇ !
yadikar- + 55 -
دەقيانوس + 505 ئېسىل!
suzuk-ay + 1000 ئاللاھ قولۇڭلارغا دەت بەرمىسۇن !
gulbaxikar + 200 رەھمەت! ھەقىقى ئەزىمەتلەر !
asrari + 500 بارىكاللاھ(ئاللاھ بەركەت بەرسۇن)!!!
xahid + 20 ئىسىل ئېش قىلىپسىلەر . رەھمەت
xugkar520 + 100
almaweb + 20 ئوغا بالىدەك ئىش قىپسىلەر ،

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:38:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى  تىزراق  يوللىسىڭىز . تەرجىمە  جەريانىدا  تارتقان جاپالارنى    چۇشىنىشكە  بۇلىدۇ  . قوللېرىڭىزلەردىن  گۈل  ئۈنسۈن.

شۈكۈرى اللاھ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5019
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1708 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:38:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەزكۇر تەرجىمە گورۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالارغا رەھمەت. ئەجىرىڭلار يەردە قالمايدۇ. يەنىمۇ تېرىشىڭلار.
  بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىمۇ مۇنبەرگە يوللىنامدۇ؟ ياكى بولمىسا كىتابنى سېتىۋىلىپ ئوقۇمدۇق؟ داۋامىنى قەرەللىك ھالدا يوللاپ تۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

haciجون.... تورغا ئىشەنمە، تورسىزمۇ يۈرمە....

يىغلار يۈرۈگۈم ئ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4397
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1119 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قىنى بۇنىڭ .........

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4732
تۆھپە نۇمۇرى: 659
توردا: 8129 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلاخ،شىپىكەر . . . تازا قېزىقىپ ئوقۇۋاتىتىم .  (دەل شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىدا سېستىرا كەمچىل مەزگىلى ئىدى ) . دەپلا تۈگەپ كەتتى ...
ئاخىرى بامۇ؟يوقمۇ ؟

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 615
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5680
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4561 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ كەتتا! ئەمگەك مىۋەڭلاردىن مەنمۇ بەھىرمەن بولغىنىمدىن خوشال بولدۇم، ناھايتتى مەنىلىك ، ياشلىرىمىزغا پايدىلىق، ئۇلارنى توغرا كۆز قاراش ۋە يولغا باشلايدىغان بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپسىلەر! ئىنشائاللا ئەجىرىڭلار يەردە قالمىغۇسى!
ئاخىرىغا تەشنامەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1724
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5649
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2011-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا بىز

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11349
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4499 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭلارغا  بارىكاللا

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

مۇزلىماقتىمەن.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69195
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 899
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك ئىقتىسادچىلار ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى ئەسەركەن.. داۋامىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن
  تېما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!

ئۈزى ئۈچۈن ياشاركەن ھەركىم،
      شۇ كويدىمەن مەنمۇ ھەم بەلكىم.

مەن دىگەن ئەلچۈن

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15044
تۆھپە نۇمۇرى: 321
توردا: 1030 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:25:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى مۇنبىرىمىزدە مۇشۇنداقمۇ باي ئادەم بارمىدۇ دەپ كىرىپتىمەن. ھې ھې ھې ھې

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش