مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jahankuz

25 يېشىمدا 300 مىليۇن دوللار تاپتىم ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:22:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        بىرنەچچە ئايدىن كىيىن  ئائىلىمىزنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك خوش خەۋىرى يىتىپ كەلدى ( بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئانامنىڭ سېستىرا بولغانلىقىدا بولۇپ  ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئامىرىكىدا سېستىرا كەمچىل مەزگىل ئىدى ) .دادام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ  ھايانجانلانغىنىدىن ئۆزىنى باسالماي قالغان ئىدى  
             ئۇلارنىڭ  بىر قانچە دوستى بۇرۇنلا كالىفورنىيە شتاتىغا كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ، ئۇلارمۇ  كالىفورنىيەگە كۆچۈشنى قارار قىلدى  .  دەسلەپتە دادام ، ئانام ئىككىسىلا چىقىدىغان ، مومام بولسا ئىككى ئاچام ، ئاكام ھەم ماڭا قاراپ ھىندىستاندا تۇرغاچ تۇرىدىغان ، ئۇلار ئامېرىكىدا بىر ئاز مۇقۇملىشىۋالغاندىن كېيىن  بىزنى ئېلىپ كېتىدىغان بولغان ئىدى  .
ئايروپىلان  15 سائەت ئۇچقاندىن كىيىن لوس ئانگېلېسقا قوندى ، دادامنىڭ دوستلىرىدىن بىرى ئايرودرومدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى  . ئۇ  ئۇلارنى ئۆزى تورۇشلۇق  لوس ئانگېلېسنىڭ شىمالىدىن 125 ئىنگىلىزمىللى يىراقلىقتىكى يېزا ئىگىلىك رايۇنى بولغان يۇبا شەھرىگە ( Yuba City )  ئېلىپ باردى  . ئۇلار ئۇ يەردە بىر مەزگىل  تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى  ، بىراق  ئۇلار  ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن بولغاچقا  ، ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم  ياخشى خىزمەت تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى  .
         ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار سان خوسې (San Jose  ) شەھىرىگە كۆچۈپ باردى  ، بۇ شەھەر كۆپ مىللەت ئارلىشىپ بىرگە ياشايدىغان ، ھاياتى كۈچكە تولغان قايناق شەھەر ئىدى  . ئۇلار  بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە توختىماستىن مۇقۇم ئولتۇراقلاشقىدەك بىر جاي ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى،  ئۇلار ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقىتتا،قولىدا ئاران  25 دوللار قالغان بولۇپ، يىغقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مومامغا بىزنىڭ خىراجىتىمىزگە ئىشلىتىشكە بەرگەن ئىكەن  . شۇڭلاشقا ئۇلار خىزمەت تېپىش  كويىدا پايپېتەك بولۇپ كەتكەن ئىدى  .
ئۆيدىكىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىكى دەسلەپكى يىلى ئىنتايىن قىيىنچىقىتا ئۆتكەن بولۇپ .دادامنىڭ خىزمەت تېپىش ئۈچۈن تارتمىغان جەۋىر-جاپالىرى قالمىغان ئىدى  . گەرچە ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيىسى قۇسۇر تاپقۇسىز بولسىمۇ ، بىراق ئۇ بىر سېك مىللىتىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن بېشىغا ئورىغان سېك سەللىسى ، يۈزلىرىگە چىڭ كەلگەن ئۇزۇن بۇرۇت-ساقاللىرى ئۇنىڭ بۇ يەردە پۇت تىرەپ تۇرىشىغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى  . مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي  ئۇ  تىرىشىپ  ئاخىرى  سائىتىگە ئۈچ يېرىم دوللار بىرىدىغان ئامانلىق ساقلاش خادىمىلىق ئورنىغا ئېرىشتى. بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئىدى . ئانام  بولسا ياردەمچى سېسترالىق ئىش ئورنى تاپقان بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ خىزمەت ئورنى ھىندىستاندىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان زىمىن پەرق قىلاتتى ،چۈنكى،ئۇ ھىندىستاندىكى چوڭ شەھەرنىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىسىنىڭ سېستىرالار باشلىقى ئىدى .
        ئۇلار يېتەرلىك پۇل يىغىپ ، ئۆينىڭ  دەسلەپكى ۋە ئەڭ ئاخىرىدىكى ئايلىق ئىجارە ھەققى ھەم زاكالەت پۇلىنى تاپشۇررغاندىن كېيىن  ، سان خوسى شەھىرىدىكى قارا گورۇھنىڭ زوراۋانلىقى ئاستىدىكى شەرقى رايۇن ئۇلارغا ئىككى ئېغىزلىق ئۆي زاكاس قىلىپ بەردى  .
1986-يىلى 6-ئايدا ، ئانام بىزنى ئېلىپ كەتكىلى ھىندىستانغا كەلدى  ، بىر قانچە كۈندىن كىيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنى كامال ، نىمال ، تاج ، مومام ، ئانام  ۋە مەن ئامرىكىغا قاراپ يول ئالدۇق. شۇ ۋاقتىدا مەن  4 ياشقا كىرگىلى يەنە بىر ئاي قالغان ۋاقىت بولغاچقا ، شۇ قېتىملىق سەپەر ۋە بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى بىرىنچى يىلدىكى تۇرمۇشىمىزدىكى  ئىشلارغا نىسپەتەن مېنىڭ  ئىسىمدە قالغانلىرى ئىنتايىن ئاز . بىراق مەن بۇ يىڭىچە تۇرمۇشقا تېزدىن كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم  .
         ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى دادام-ئانام خىزمەتكە ، ئاكا ئاچىلىرىم مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن ، مەن بىلەن مومام سۇرجىت كور ئۆيدە قالاتتۇق . ئۇنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق ئۆمرى يېزا ئېتىزلىرىدا  قارىمۇچ ، قىزىلمۇچ تېرىپ  ،  ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوغلى بېقىش بىلەن ئۆتكەن  ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئامېرىكىدىكى بۇ توخۇ كاتىكىدەك ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرۇش ھېچ قانچىلىك ئىش ئەمەس ئىدى . بىراق ئۇ ئىشىك سىرتىدىكى بۇ ناتۇنۇش دۇنياغا چىقىشتىن ئىنتايىن قورقاتتى .
        مومام ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيلەرنى بىر قاتار تازىلىۋەتكەندىن كېيىن ، مېنى تېلېۋىزور ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ ، ئۆزى چۈشلىك تاماققا تەييارلىق قىلاتتى ، مەن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن ئىنتايىن زېرىككەن ئىدىم ، شۇڭا  دائىم مومامنىڭ يېنىغا چىقىپ ، ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرەتتىم  .    ئۇ پەقەت ھىندىستانچە بىر نەچچە خىللا  تاماق ئېتىشنى بىلگەچكە  ھەر كۈنى  يەيدىغىنىمىز  ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى . ئۇزاق ئۆتمەي ئاكا- ئاچىلىرىم  مەكتەپتىن قايتىپ كېلەتتى  . ئاچام كامال بۇ ۋاقىتتا 13 ياش بولۇپ ، بۇ ياشتىكى مەزگىلدە يۇلۇقىدىغان مەسىلىلەرمۇ كۆپ ، بولۇپمۇ يىڭى كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى . ئەتراپتىكى بالىلارغا نىسپەتەن كامال بىلەن نىمال 》كەلگۈندى 《ھېسابلىناتتى ، شۇڭا ئۇلار باشقا بالىلار تەرىپىدىن توختىماستىن مازاق قىلىناتتى . ئاكام تاج يولۇققان پىشكەلچىلكلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى  . تاج بولسا ياۋاش ، راستچىل بالا بولغاچقا ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرۈشنى قەتئىي ياقتۇرمايتتى  . بىراق ئۇنىڭغا بەش ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا سېكلار مەخسۇس بېشىغا كىيىدىغان سېك سەللىسى يەنى پەتەك كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە  تارتاتتى . باشقا بالىلار ئۇنى 》يۇيۇنۇش لۈگىسى بار كاللا 《دەپ ئاتايدىغان بولىۋالغان ئىدى  . ئۇ دادامغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرسە دادام : «ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن » دەپلا قوياتتى .
       مەنمۇ يېشىمغا تۇشۇپ مەكتەپكە بارغان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئويلىسام ، ئىنتايىن قورقۇپ كىتەتتىم . بەختكە قارشى ، مەن ئەنسىرىگەن بۇ ئىشلارمۇ مىنىڭ بېشىمغا ئۇزاق ئۆتمەي يىتىپ كەلدى  .  بىزنىڭ سىنىپتا نۇرغۇنلىغان لاتىن ئامېرىكالىق ، ئافرىقىلىق ۋە ئاسىيالىق  ئوقۇغۇچىلار  بار ئىدى ، بىراق  مەندىن باشقا  ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى بولمىغاچقا  ئۇلار مېنى بوزەك قىلىپ ئىسمىمنى چاقىرماي ماڭا》 پەتكە كاللا 《 ، 》غوزىلىق كاللا 《قاتارلىق ئىسىملارنى  قويىۋالغان ئىدى .  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخى باشىلىنىش ئىدى  .  
بىر كۈنى مەن دادامغا يىغلاپ تۇرۇپ  :-« ئۇلار مېنى گەندى دەپ چاقىردى ! مىنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى » دېدىم  .  دادام  :
:-ئۇنداق دەپ چاقىرسا نىمە بوپتۇ  ،  گەندى دىگەن ئۇلۇغ  سىياسىيون   ، سەن ئەسلى پەخىرلىنىشىڭ  كېرەكقۇ !  “
_ھېچ كىم مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىمايدىكەن .
_سەن نىمىشقا ساڭا لەقەم قويغان بالىلار بىلەن دوست بولۇشنى ئويلايسەن ؟ سەن بۇنداق دوستلارغا مۇھتاج ئەمەس  ،  مانا بىز سېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇڭ  .
_مېنىڭ مەكتەپكە بارغىم يوق . .
_نېمە ، مەكتەپكە بارغىم يوق ؟ بىزنىڭ بۇ يەرگە كىلىشتىكى بىردىن بىرى مەقسىتىمىز سىلەرنى ياخشى ئوقۇتۇش  ،ئۇقامسەن ؟  بۇ سەن چوقۇم قىلمىساڭ بولمايدىغان ئىش ! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سېنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن .
_ بىراق  ....؟
_ئەمدى بىراق دەيدىغان ھېچقانداق ئىش يوق !  بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپكە بارمايمەن دېگەن گەپنى قىلىشقا قەتئىي رۇخسەت يوق !
ھەر ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم مېنى مازاققا قالدۇرۇۋاتقان بۇ پەتكىنى قولۇمغا ئېلىپ ، چاچلىرىم پاخپايغان پېتى ئۆيگە قايتىپ كېلەتتىم ، مەن تۇغۇلغاندىن بېرى چېچىمنى ياسىتىپ باقمىغان بولغاچقا، چېچىم مۈرەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى  . دادام ماڭا دائىم مىنى بوزەك قىلىۋاتقان بالىلار بىلەن كارىم بولماسلىقىنى ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي مېنىڭ سىرتقى قىياپىتىمگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى  . لېكىن ئۇ خاتالاشقان ئىدى ،  بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار خۇددى بۇ خىل «قىزىقارلىق "ئويۇندىن ھەرگىز زىرىكىپ قالمايدىغاندەك ئىدى  .
مومامنىڭ ماڭا ئىنتايىن ئىچى ئاغرىيتتى    ،  ئۇ دائىم: 》 ھەممە ئىش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ بالام، بەلكىم ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان ئىشلىرىڭ ساڭا سەل پايدىسىز ، ئەمما مىنىڭ كۆڭلۈم سىزىپ تۇرۇپتۇكى ، سىنىڭ كەلگۈسىڭ چوقۇم ياخشى بولىدۇ  ، ئۇزاققا قالماي سەن چوقۇم بۇ قېيىنچىلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىسەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بەك ئەقىللىق ، سېنىڭ ئەقىللىقلىقىڭ ساڭا  بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ئۆتۈپ كىتىشڭگە تېزدىن ياردەم قىلىدۇ  . 《 دەپ ماڭا تەسەللى بىرەتتى  . مەن مومامغا  ئىشىنەتتىم  ، ھەر دائىم ئۇنىڭ مۇشۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ، ھەر بىرسۆزى ماڭا غەيرەت ۋە كۈچ قۇۋۋەت بېرىۋاتقاندەك، تۇيۇقسىز ئىچىمدىن  قانداقدۇر بىر خىل روھ  مېنى كەلگۈسۈمگە كۈلۈپ قاراشقا ، ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشىنىشكە رىغبەتلەندۈرۋاتقاندەك بىلىنەتتى .
دادام دائىم بىزگە زىرىكمەستىن :》بىزنىڭ ئائىلىمىز نىمىدىگەن بەخىتلىك ئائىلە ! 《دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى  ، بەزىدە ئۇ بەكلا ئاشۇرىۋىتەتتى ، مەسىلەن ، ياخشىراق ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرى  ، ئۇ سىرتنى كۆرسىتىپ :》نېمىدىگەن ياخشى ھاۋا ھە !  ھىندىستاندا بولغان بولساق ، ھېلى ئىسسىق ، ھېلى سوغۇق ، ھېلى يامغۇرلۇق، بۇنداق ياخشى ھاۋادىن نەپەس ئىلىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى ، بىز ھازىر گۈزەل كالىفورنىيەدە ياشاۋاتىمىز ! 《   دەپ ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كېتەتتى .
يەنە :》  قاراڭلا ، ئامېرىكىدا تەرەققىيات نېمىدېگەن تېز ھە ! مەن دەسلەپ ئامېرىكىغا كەلگەندە ئاددى بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئىدىم  ، بىراق مەن ھازىر  كومپىيوتىر قاتتىق دىتال ياسايدىغان  يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتتە ئىشلەۋاتىمەن . بۇ دۆلەتتە ھەرقانداق كىشى تەرەققىي  قىلىمەنلا دەيدىكەن پۇرسەت دېگەن تولا . 《دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى .
بىز دائىم يەرلىك خەيرى -ساخەۋەت ماگىزىنى ، باھاسى چۈشۈرۈلگەن بۇيۇملار ماگىزىنى ۋە بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق بۇيۇملار ماگىزىنى قاتارلىق جايلاردىن لازىملىق  نەرسە ـ كېرەكلەرنى سېتىۋالاتتۇق .
ئۇنىڭ ئىچىدە مەن بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق بۇيۇملار ماگىزىنىغا ئىنتايىن ئامراق ئىدىم  . ئۇ يەردە سىز ھەرقانداق نەرسىگە پەقەت بىر ئامېرىكا دوللىرى خەجلىسىڭىزلا  سېتىۋالالايسىز ، مەسىلەن ،بىر  كۆينەك ياكى  بىر جۈپ ئاياغ ۋەياكى ئۈچ جۈپ پايپاق قاتارلىقلارغا ئوخشاش نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ  .
ئۇ يەردىكى ماللارنىڭ باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا  ، مەن ئۇ يەردىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا بەكلا ئامراق ئىدىم . تاكى ھازىرغىچە مەن ئاشۇنداق ماگىزىنلاردىن  سۈپەتلىك ، ئەرزان بويۇملارنى سېتىۋېلىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن  . مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىشىنى بىلىپ خەجلەشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم ، شۇڭا مەن  چوڭ بولغاندا  ھەرگىزمۇ ئاشۇ خىلدىكى كىشىلەردەك   قىلماسلىق قارارىغا كەلگەن .
ئانام   يىمەكلىكلەر مېلىچماللار ماگىزىنىدىن ماڭا سۈت ، پېچىنە ، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق تۈرۈملەرنى ئېلىپ بەرسە مەن ئىنتايىن خوش بولۇپ كىتەتتىم ، ماڭا نىسپەتەن  نەرسە سېتىۋېلىش بىر خىل  كۆڭۈل خوشلىقى ئىدى  ، مەن ئېتىبار بېرىش بېلەتلىرىنى يىغىپ ماگىزىندىن  بىكارلىق ياكى باھاسى ئەسلى باھاسىدىن خېلىلا چۈشۈرۈلۈپ بېرىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىنتايىن ئامراق ئىدىم  . بولۇپمۇ 》كىچىك چار پادىشاھ 《 پىسا قاتلىمىسىنىڭ ئېتىبار بېرىش بېلەتلىرىنى ئىزدەپلا يۈرەتتىم   . بۇنداق ئېتىبار بېرىش بېلەتلىرىنى بىر ئىككى ھەپتىتە بىر قېتىم خەت ساندۇقىغا سېلىنىپ قوياتتى ، مەن ھەر دائىم نېملەر باردۇر دەپ  قىزىقىش ئىچىدە خەت ساندۇقىنى ئىزدەپ كېتەتتىم .
سىز بەش ئامېرىكا دوللىرى خەجلىسىڭىزلا چوڭ ئىككى قاتلىق قىيمىلىق پىسا قاتلىمىسى سېتىۋاۋالايسىز .بىراق بۇنداق ئالاھىدە باھادا سېتىش پائالىيىتى  ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا بار ئىدى . سىز دەپ بېقىڭە بىز ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى نىمە يەيمىز ؟ ئىككى پارچە قارامۇچ سىپىلگەن كولباسا قىيمىلىق پىسا قاتلىمىسى ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخشىمى  چاخال ئائىلىسىنىڭ پىسا قاتلىمىسى كېچىسى ئىدى  ، بۇ كېچىگە ھەتتا موماممۇ ئىنتايىن ئامراق ئىدى  . دادام  دائىم مۇشۇ ۋاقىتتا بىزگە  :ـ》  سېلەر ئەمدى ئۆزەڭلەرنىڭ قانچىلىك بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەنسىلەر ؟  قاراڭلار سىرتتىكى كىشىلەر نېمىدىگەن سېخىي ھە ! 《دەيتتى  .
بىزنىڭ ئائىلىمىز ئىنتايىن نامرات بولغاچقا ، ئۆيدىكىلەر بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جان تىكىپ  تىرىشماقتا ئىدى ، دادام ئۈچۈن ئېيتقاندا ئامېرىكىنىڭ ھەممە نەرسىسى دادامنىڭ چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان ئىدى .
بىراق مەن ئۇنداق قارىمايتتىم . مىسالەن  ، مەن تۆتىنچى يىللىققا چىققان  بىرىنچى كۈنى  ، سېرىق ئىشتان ، سېرىق كۆينەك ۋە ئانام ئۆز قولى بىلەن توقۇپ  بەرگەن سېرىق پەتەكنى كىيىپ مەكتەپكە بارغان ئىدىم  ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى توختىماستىن ماڭا سىنچىلاپ قارىغىلى تۇرىدى ، ھەتتا مۇئەللىممۇ ئىنتايىن ھەيرانلىق ھىس قىلىپ :》 بۈگۈن سىلەرنىڭ ئالاھىدە بايرىمىڭلارمۇ ؟ 《 دەپ سورىدى . مەن ئۆزۈمنى شۇنداق تۇتۇۋېلىشنى ئويلىدىميۇ ، ئەمما ئاچچىقىمنى باسالماي :
ياق ! بۈگۈن ئالاھىدە كۈن ئەمەس !  ئادەتتىكى كۈنگە ئوخشاش !
:-رەھمەت  گۇرباكىش، ماڭا ئالىيىپ چۈشەندۈرۈپ قويغىنىڭىزغا !
مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئاچچىق يېغىپ تۇراتتى .
ئۆيدىكى چوڭلار ئالدىراش بولغاچقا ، كامال مېنىڭ ئىككىنچى ئانام بولغان ئىدى  ، ئۇ ماڭا ياردەملىشىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلىشىپ بىرەتتى ، ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا ئۆيىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن قاتنىشاتتى ، ئۆيدىكىلەر خىزمەتتىن يېنىپ كەلگەندىن كىيىن  ، ئۇلارغا ئوقۇتقۇچۇمدىن ئىگە بولغان ئۇچۇرلارنى  دوكىلات قىلاتتى  .
:ـ》 ئۇنىڭ ئۆگۈنىشى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ، كۆپىنچە دەرسلەردىكى نەتىجىسى B ،  ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ، ناۋادا ئۇ تىرىشسىلا ھەممە نەتىجىسىنىڭ A  غا ئۆرلىشىدە گەپ يوق  . بىراق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دېيىشىچە ،  ئۇ ئىنتايىن جىمغۇر ، گەپ قىلغاندا تىلىنى چايناپ گېپىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرەلمەيدۇ ، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ گەپ قىلالمايدۇ  .《
دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن رەددىيە بىلدۈرۈپ : 》 مەن خىجىل بولىمەن ! 《دېدىم .
ئۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ  :》يەنە بار ، ئۇ مۇناسىۋەتكە ماھىر ئەمەس ، ئۇ چوقۇم باشقا بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشى كېرەك  《
مەن يەنە رەددىيە بىرىپ : 》 ئۇلار مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ 《دېدىم .
》 ئېغىز غېرىشلىما ! 《دېدى دادام ئاچچىقلاپ  ، ئۇ يەنە دائىم دەيدىغان كونا گەپلەرنى قېلىشقا  باشلىدى :
:》  سىلەر بۇ كۈننىڭ باللىرى بىر ئازمۇ مىننەتتارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇقمايسىلەر  ، سىلەر ئاناڭلا بىلەن مېنىڭ قانچىلىك تەسلىكتە سىلەرگە مۇشۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىمىزنى بىلەمسىلەر ؟ تولا باشقا گەپنى  قويۇپ تاپشۇرۇقىڭلارنىڭ ئىشلەڭلار ! 《
كېيىن ، مەن ئىككىنچىلەپ ئاغرىنماس بولدۇم  ، بۇنداق ئاغرىنىشنىڭ ماڭا قىلچىمۇ پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم  . ئۆيدىكىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ  ، مېنىڭكى بۇنداق كىچىك ئىشلىرىمغا ۋاقىت چىقىرالمايتتى ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غېمى ئۆزىگە يىتىپ ئاشاتتى .
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆي ئىچىدىن چىرقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم قارتتىدەك قىلدى   ، دەرھال ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرسەم ، دادام يەردە يېتىقلىق ، ئانام دادامنىڭ يېنىدا يىغلاپ ئولتۇرغان ئىكەن  ، ئاچام دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلفۇن قىلدى . مەن دادامنىڭ كۆز قارچۇقىنىڭ ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە قاراپ ئۈلگىرگىنىگە دىققەت قىلغان ئىدىم  ، مەن دەل شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى ، ئۇ ئەزرائىل ئالدىدا جان تالىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم  . بىز ھەممىمىز يىغلىدۇق ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يىتىپ كەلگەندە ، بىز ئاللىبۇرۇن ئۈمىدنى ئۈزگەن ئىدۇق . بىراق دوختۇر دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا بىر ئاماللارنى قىلىپ دادامنىڭ كېسىلىنى تۇراقلاشتۇردى ، ئاندىن ھەرخىل كۆزۈتىش ئەسۋابلىرىنى دادامنىڭ بەدىنىگە ئورۇنلاشتۇردى .  شۇنداق قىلىپ دادام دوختۇرخانىدا 3 كۈن ياتتى  ، ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلى قۇزغۇلۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ ، دوختۇر ئانامغا ئۇنىڭ ئەسلىگە كەلگىنى ئۇنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى  .
دادام دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، بىز ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسەكمۇ  خۇددى ئۇ بىر تىگىپ كەتسە چېقىلىپ كىتىدىغان  ئەينەككە ئوخشاش ئىنتايىن ئىھتىيات قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدۇق . پۇرسەت بولسىلا بىز ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوختۇرخاندىن چىققانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتاتتۇق . ،  بىز بىلەن دادام ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىن بۇنداق مېھرى- ئىسسىقلىق ، ئىللىقلىق بولۇپ باقمىغان .  بۇ ئىش بولغاندىن كېيىن بىز ئۇزاق مەزگىلگىچە دادامغا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئۇنى ئىنتايىن   ئاسرايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدۇق  . بۇ ئىش  دادامنى قانچىلىك ياخشى كۈرۈدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىزگىمۇ ، دادامغىمۇ  ھىس قىلدۇرغان  ئىدى .
بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ، دادام سەللىمازا ئەسلىگە كەلگەن ۋاقتىدا ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھالەر كەڭ كۆلەمدە خاراپلىشىشقا باشلىدى ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئىشتىن بوشۇتۇلدى . لېكىن دادام  قەتئىي مەيۈسلەنمىدى ، ئۇ   :》مەن چوقۇم ياخشى خىزمەت تاپالايمەن ، ئەنسىرمەڭلار ،   ئادەم ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىدە ياخشى پىسخىكا ھالىتىنى ساقلىيالىسا چوقۇم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ  《دەپ  بىزنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى  .
بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ،  ئۇ پوچتا ئىدارىسىدىن خىزمەت تاپتى  . بۇ يەرنىڭ ئىش ھەققى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ داۋالىنىش پاراۋانلىق  سۇغۇرتىسى ۋە موقۇم بولغان پېنسىيە پۇلى بار ئىدى  .
بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ، بىز ‹‹ بوللىۋود ①كېچىسى ›› (① بوللىۋود (Bollywood). ھىندىستاننىڭ بومباي شەھرىگە جايلاشقان ئەڭ داڭلىق  كىنو-فىلىم  ئىشلەش مەركىزى بولۇپ ، ھەر يىلى ئوتتىرا ھىساب بىلەن 150-130 كىچە كىنو ئىشلىنىدۇ  .  بوللىۋودتىكى كۆپىنچى فىلىملار ئوردۇ تىلىدا ئىشلىنىدۇ .)گە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈن سىن
بويۇملىرى ئىجارىگە بېرىش ماگىزىنىغا  ماڭغىلىۋاتساق  ، دادام ئەستائىدىللىق بىلەن  ئۆزىنىڭ يىڭى ئۆيگە كۆچۈش ئويى بارلىقىنى ، شۇڭلاشقا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن پۇل خەجلىگەندە تېخىمۇ  تىجەشلىك بولىشىمىز كېرەكلىكىنى ، يىڭى ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپرەك پۇل يىغمىساق بولمايدىغانلىقىنى  ئېيتتى . بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇددى ئۇ يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ بولغاندەك قىن- قىنىمىزغا پاتماي خوش بولۇشۇپ توۋلىشىپ كەتتۇق  . ئاندىن كېيىن بىز ماشىنىغا قىستىلىشىپ چىقىپ ، ئۈن-سىن بويۇملىرى ئىجارىگە بېرىش ماگىزىنىغا يول ئالدۇق  .
ھەر شەنبە كەچلىكى  ئائىلمىزدىكى ھەممەيلەننىڭ  ئەڭ خوشال ۋاقتى ئىدى . ھەر ھەپتە مۇشۇ كۈندە
دادام  بۇ ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئىجارىگە بېرىش  ماگىزىنىغا كېلىپ ، خوجايىنغا دائىم  مۇنۇ بىر ئېغىز گەپنى قىلاتتى .
:》بىز ئائىلە فىلىمى كۆرمەكچى ، ئۇقۇۋاتامسىز خوجايىن ؟ ئائىلە فىلىمى جۇمۇ ! 《
:ـ 》ھە ! بىلدىم  ئەپەندىم  《 دەيتتى ئۇ خوجايىن  مۇلايىملىق بىلەن  .  
شۇنداق قىلىپ بىز خوشال ھالدا ئۆيگە قايتىپ كىلىپ تېلېۋىزور ئالدىدا قاتار تىزىلىپ  ئولتۇرۇپ كىنو كۆرەتتۇق  . بىر نەچچە مىنۇتقا قالماي ، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان فىلىم ۋەقەلىكىگە كىرىپلا كېتەتتۇق  .  ئادەتتە ، بوللىۋود ئارتىسلىرى سۆيۈشىشكىمۇ يول قويۇلمىغاچقا ، بۇ كىنولار ئىنتايىن ساغلام ئىدى . بەزى ۋاقىتلاردا ئارتىسلار  تولۇپ تاشقان تەشنالىق  ھىسياتلىرى  بىلەن ئۆز-ئارا بىر بىرىگە قارىشىپ ،
باغرىنى  باغرىغا يېقىشققان دەل مۇشۇ جىددىي پەيىتلىك كۆرۈنىشنى رېژىسسور  ئۇسسۇل ئويناپ ،ناخشا ئېيتىۋانقان كۆرۈنىشكە يۆتكەپ ئۈزىۋېتىدۇ  . بۇ ئۇسسۇل ئويناپ ، ناخشا ئېيتىدىغان كۆرۈنىش سۆيۈشىش ۋە ئارقىسىدىكى ۋەقەلىكنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ  .
دادام دائىم دەل مۇشۇنداق كۆرۈنىشلەر چىققانداق قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ  . ھەر قېتىم ئارتىسلارنىڭ ھىسياتلىق كۆزلىرى بىر- بىرىگە تىكىلىشكىنىدە ، دادام دارھال تىزگىنەكنى ئىزدەيدۇ .  》 تىزگىنەكچۇ؟  تىزگىنەكنى ماڭا بىرىڭلار  !  تېزدىن  دەۋاتىمەن ! .... مەن ھېلىقى گالۋاڭ خوجايىنغا ئىنىق قىلىپ
ئائىلە فىلىمى كۆرىمىز دېگەن تۇرساممۇ  ، ئۇ قېلىقسىز خوجايىن بىزگە  نەدىكى ھاياسىز ئەخلەت فىلىمنى بېرىپتۇ  . 《
دادام تىزگىنەكنى تېپىپ بولغىچە ،بىز ئىكران يۈزىدە ھېلىقى كۆرۈنىشنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىدىغان كۆرۈنىشكە يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى كۆرەتتۇق  ، بۇ ۋاقىتتا ، دادامنىڭ يۈرەگى ئازراق جايىغا چۈشۈپ ، جىددىيلىكتىن سەل بوشىشاتىيۇ ،  ، ئەمما ئۇ يەنىلا قاتتىق سەزگۈرلىك بىلەن ئولتۇراتتى ، بىز بىر فىلىمنى كۆرۈپ بولغىچە ئۇ ئاز دىگەندە ئىككى ئۈچ قېتىم :ـ   》قېنى تېزگىنەك ! تىزگىنەكنى كىم تىقىپ قويدى ! 《دەپ ۋارقىراپ ئۈلگىرەتتى .
دائىم مۇشۇ ۋاقىتلاردا بىچارە كامال ھودۇقۇپ كېتەتتى  .بۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ  ، ئاشۇ ۋاقىتتا دادام  ئارتىسلارنىڭ بىر - بىرىگە ئەركىلىشىپ يېقىنلىشىۋاتقان كۆرۈنىشىنى دەرھال باشقا پىروگىراممىغا يۆتكەيمەن دەپ تىزگىنەكنى ئىزدىگىنىدە ، تىزگىنەك كامالنىڭ قولىدا ئىشلىمەس بولۇپ قېلىپ ، دادام ئۇنىڭغا قاتتىق جۇدۇنى تۇتۇپ ۋارقىراپ   :》 سەل بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى تۇرۇپ قىلغان ئىشىڭنى قارا ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىككە كاپالەتلىك بەر 《。دېگەن ئىدى  .
ھەر يەكشەنبە كۈنى ، بىز  ئۈن – سىن بويۇملىرى ماگىزىنىغا پىلاستىنكىنى قايتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن بارغاندا ، دادام دائىم ھېلىقى بىچارە خوجايىنغا دوق قىلىپ :》 مەن  سېلىگە شۇنچە تاپىلاپ ئائىلە فىلىمى كۆرىمىز دىگەنتىمغۇ  ، سېلىنىڭ قولاقلىرى ئېغىرمۇ قانداق ؟  بۇ پىلاستىنكىدىكى ئارتىسلارنىڭ   لەۋلىرى تاس قالدى تىگىشىپ كەتكىلى 《دەپ ئالىيىپ قويۇپ چېقىپ كىتەتتى  .
1992-يىلى ، كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق  ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى خېلىلا ياخشىلاندى ،چوڭلار مەسلىھەتلىشىپ  سان خوسى  شەھرىنىڭ شەرقى قىسمىدىكى  گېرىتلىر بازىرىدىن بىر ئولتۇراق ئۆي سېتىۋالدى  ،  بۇ ئۆي گەرچە شەھەردىكى ئەڭ ئەرزان ئۆيلەر قاتارىدىن سانالسىمۇ   ، لېكىن بۇ ھەقىقىي  ئۆيگە ئوخشايتتى  ، بۇ ئۆينىڭ كىچىك بولسىمۇ بىر ھويلىسى بار ئىدى  .  
بىزنىڭ ئۆيىمىز  بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل ئىدى  . مەن سۈت ئارلاشتۇرۇلغان پىچىنىنى يەۋېرىپ سەمىرىپ كەتكەچكە ،بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ مەكتەپنىڭ قوتۇر ۋاسكىتبول مەيدانىغا بېرىپ  توپ ئېتىشنى مەشىق  قىلاتتىم  ،بىر كۈنى  مەن بارغان ۋاقىتتا مەيداندا ھېچكىم يوق ئىدى   ، ئۇزاق ئۆتمەي ، ئون نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى ئىككى ئىسپانىيىلىك بالا كەلدى  ، ئۇلار ماڭا باشتىن - ئاياغ قارىۋېتىپ  مەڭسىتمىگەن تەلەپپۇزدا  :》   ھەي ! بېشىغا لۆڭگە ئورىۋالغىنى ! 《 دېدى . مەن ئاڭلىمغانغا سېلىپ توپىمنى ئويناۋەردىم  .
: - ھەي !  ھەي !  خوجا ئاكاڭ ساڭا گەپ قىلىۋاتىدۇ ، سەن ئۆلۈم تۈك نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ، ھەي يىللىقچى ، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن  !  
: - نېمە !  نېمە دېدىڭ  !  
: - سەن نېمە دېگىنىمىزنى ئىنىق ئاڭلىدىڭ  
: - توپ ئويناۋاتىمەن  بىرەر ئىش بارمىدى ؟
: - كاللاڭدىكى ئاۋۇ نەرسىنى ماڭا بەر ، ئويناپ باقاي  .
: - مەن بۇنى بېشىمدىن ئاجراتسام بولمايدۇ  ، بۇ بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ قائىدىسى .
: - تازا گەپ چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسە ئوخشىمامسەن !
ئۇ گېپىنى قىلغاچ يېنىدىن بىر پىچاقنى چىقىرىپ  》   ئاۋۇ نەرسەڭنى تېزدىن بىزگەئېلىپ بەر ! تېز بول ! 《  دېدى  . مەن توپنى تاشلىۋېتىپ ، ئاستا – ئاستا پەتىكەمنىڭ ئىلمەكلىرىنى بوشۇتتۇم ،بۇ ۋاقىتتا ،  مەن ئۈنلىك  تىنىشقىمۇ تېنىم زۇرقىرايتتى ،  ياش كۆز چانىقىمدا لېغىلداپ  تۇراتتى  ، لېكىن مەن يىغلىمىدىم ، پەتەكنى ئىنتايىن تەسلىكتە يېشىپ  ئۇلارغا بەردىم  ، ئۇلار مېنى تىلغا ئالغۇسىز سېسىق گەپلەر بىلەن قانغۇچە تىللىۋېلىپ ، ئاندىن كېتىشتى . مەن شۇ يۈگۈرگەنچە ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم  ، مومام مېنىڭ بۇنداق يىغلاپ كەتكىنىمگە قاراپ دەمانلىققا ھېچ نېمە دېيەلمەي  تۇرۇپ قالدى ، بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن :》بالام  ، نېمە بولدى  ؟  پەتىكىڭ قېنى ؟ 《 دەپ سورىدى . مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى مومامغا دەپ بەرگەچ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتىم  ، ئۇ مېنى باغرىغا  بېسىپ  ، چىڭ قۇچاقلاپ تىترىگەن ئاۋازدا  :》  بالام  ، بۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس ، سەن ھېچنېمىنى خاتا قىلمىدىڭ  ، بۈگۈندىن تارتىپ ئۇ يەرگە يالغۇز بارمىغىن ! 《 دەپ  ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاپ كەتتى  .
دادام قايتىپ كەلگەندە مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى دادامغا قايتىدىن سۆزلەپ بەردىم .
: - سەن شۇنداق قىلىپ پەتىكەڭنى خەققە تۇتقۇزۇپ قويدۇڭما !  
: - مەن بەرمىگەن بولسام ، ئۇلار ماڭا پىچىقىنى تىقىۋىتەتتى .
: - بولدى ، ئەڭ مۇھىمى ساڭا بىر ئىش بولماپتۇ  ، مەن شۇنىڭدىن خوشال  ، بىراق سەن ئۇلارغا بوزەك بولماسىلىقىڭ كېرەك ئىدى ، كىيىنكى قېتىم يۈرەكلىكرەك بول  
مەن دادامغا بۇ گەپلەرنى دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ماڭا تەسەللى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلغان ئىدىم ، بىراق دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مېنىڭ كۆڭلىم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى ئىدى  . شۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ  ئۇلارغا بوزەك بولغۇم ، چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ ئۇلارغا پەتىكىمنى بېرىپ قويغۇم يوق ئىدى  ، بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرىم  ، ئىچى - ئىچىمدىن يىغا تۇتاتتى  .
شۇ يىلى  ، ئاكام تاج ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا رەسمىي ھالدا سېك سەللىسى كىيگۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولدى  ، بۇ مۇراسىمغا مۇشۇ يەردىكى  سېك ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاقساقىلىمۇ قاتناشقان ئىدى . ئۇ ۋاقتىدا   ، تاج بىلەن ماڭا   كەسكى  ( keske ) بىلەن پەتكە (  Patka  )  نۇسقىسىدىكى سېك سەللىسى كىيدۈرۈلگەن ئىدى ،  بۇ خىلدىكى سېك سەللىللىرىنى بالىلار كىيىدىغان بولۇپ  ، چوققىسىدا بىر دانە توپچىسى بار ئىدى  . بۇ قېتىم تاجغا  داستار    (  dastar  )  نۇسقىسىدىكى قورامىغا تۇشقانلار كىيىدىغان ئۆلچەملىك سېك سەللىسى كىيدۈرۈلمەكچى ئىدى   .
مەن  بۇ مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزىلگەنلىكىدىن  ئانچە خوشال ئەمەس ئىدىم  ، سەۋەبى كېيىنكى قېتىملىق مۇراسىمدا بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كېلەتتى  .  كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ مەجبۇرى ھالدا مۇشۇ مۇراسىمغا قاتناشتۇرۇلۇپ ، ئاشۇ چوڭ سېك سەللىسىنىڭ بېشىمغا كىيدۈرىلىشىنى  ئويلىغىنىمدا تېنىمنى تىترەك باساتتى  .  مېنىڭ بۇ كىچىك پەتكەممۇ  ماڭا ئاز بولمىغان خورلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان يەردە ، رەسمىي چوڭ ئادەملەر كىيىدىغان سېك سەللىسىنى كىيگىنىمدە  ئىشلارنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقى ماڭا  ئايان ئىدى  . مەن شۇ ۋاقىتتا ، ئاكامنىڭ بۇ مۇراسىمنى قوبۇل قىلماسلىقىنى  ، ئاشۇ چوڭ سېك سەللىسىنى كېيىشكە ئۇنىماسلىقىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلغان ئىدىم .
مۇراسىمدا كۆپچىلىك سېك سەللىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا بەس – بەستە مۇنازىرلىشىپ   ، سېك سەللىسىنىڭ گۇرۇ ناناك nanak) guru)  ئۇستازنىڭ  500 يىل   ئىلگىرى سېك دىنىنى ئۆزى بىر قوللۇق  بارلىققا كەلتۈرگەن ۋاقىتتىن تارتىپلا ، سېك مەدىنىيىتىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ  ، سېك سەللىنىڭ  بىز سېكلارنىڭ  سالاھىتىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ،ئۇنىڭ  بىزنىڭ روھى دۇنيايىمىزغا ، ئىززەت ـ ئابرويىمىزغا  ، قەدىر ـ قىممىتىمىزگە ، ئەخلاق قارشىمىزغا  ، باتۇرلىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىزگە چۈشەندۈردى .
ئەمدىلا  10 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مەن بۇ يەردە بولۇنغان ۋەزنى ئېغىر گەپلەرنىڭ تىگىگە يېتەلەيمەن دەپ ئېيتاللمايتتىم  . بىراق مەن يوۋاشلىق بىلەن ئولتۇرۇپ  ، مۇراسىمغا باشتىن ئاخىر قاتناشقان ئىدىم  .
شۇ كۈنى ئاخشىمى ، بىز ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن  ، دادام يەنىلا خۇشال ھالدا  بۇ مۇراسىمدىن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى ، ئۇنىڭ قېينا ئاتىسىنىڭ بۇرۇن ھىدىستاندىكى بىر سېك ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ سېك دېنىنى ئامېرىكىغا ئەكىلەلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى  ئېغىزى - ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكەن ئىدى . بىز ھەر  ھەپتىنىڭ ئۈچىنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى كۈنى مۇشۇ يەردىكى يەرلىك  ئىبادەتخانىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىپ كىلەتتۇق . ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئەتىگەنلىك دۇئاغا ئولتۇراتتۇق  . دادام   پەنجاپ   تىلىدا ‹ جاپجى ساھىب › (japji sahib  ) نى ئوقۇيتتى  . بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە تەرجىمە قىلساق ‹ ئۇلۇغلارنىڭ بايانلىرى › دېگەن مەنىدە ئىدى . گەرچە مەن بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى  قىلچە چۈشەنمىسەممۇ  ، ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ، بۇ كىتابنى قارىسىغا  پۈتۈن يادقا ئېلىۋەتكەن ئىدىم  . دادام بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى بىزگە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇناتتىيۇ  ، ئەمما مەن دادام چۈشەندۈرگەن مەزمۇنلاردىن پەقەت باشقا دىنلاردىمۇ   ئوخشاشلا  بار بولغان‹‹ زامان ئاخىرى بولۇش ›› ، ‹‹ قايتا تىرىلىش ››  دېگەندەك  بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارنىلا ئازراق چۈشەنگەن ئىدىم  .   
كېيىنكى يىلى يازدا ، دادام بىزنى تۇغۇلغان ئانا يۇرتىمىزنى ئۇنتۇپ  قالماسلىقىمىز ئۈچۈن  ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ باردى  .  دادام ئەنئەنىۋى  مەدىنىيىتىمىزنى ھەر دائىم ئىسىمىزدە تۇتۇشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتى  ، مەن بىر سېك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققانلىقىمدىن شۇنداق پەخىرلىنەتتىميۇ ،  لېكىن   ئالللىبۇرۇن  نۇرغۇن مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىنى  ئۇنتۇپ  ، ئامېرىكىلىشىپ بولغان ئىدىم  .
بىز ئالدى بىلەن چاندىگاردىكى  ( Chandigarh ) ئانا تەرەپ ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە  باردۇق  .
مەن بۇ كىشىلەر بىلەن تۇققانداشلىق مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكىمنى قەتئىي بىلمەيتتىم  .راست گەپنى قىلغاندا ،  بىز ئۇ يەردە تۇرغان بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كۆڭۈلدىكىدەك  قارشى ئېلىنمىدۇق  . مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بالىلارمۇ مېنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدى  ،  ئۇلار ھەر بىر ئىشىدا ئۆزىنى ئاجايىپ  ئەقىللىق ، مېنى ھېچ نەرسىنى ئۇقمايدىغان دۆت قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇناتتى . ئۇلار  كىتابلىرىدىكى ھېسابلارنى ماڭا ئىشلىتىپ  ، ناۋادا ئىشلىيەلمەي قالسام ، دەرھال  «قاراڭلار ، بەزىلەر ئامېرىكىغا بېرىپ   دۆتلىشىپ كېتىپتۇ ، ئامېرىكىدا ھېچ نەرسە ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دېسە ئىشەنمەيدۇ تېخى ‍! » دەپ ئۆزلىرىنىڭ  مېنى قەتئىي كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ  قويۇشقان ئىدى  .
دادام بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ماڭا :- «ئۇلار ھەسەت قىلىۋاتىدۇ، ھەممىسى ئامېرىكىداياشاشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ،مانا بۇ كىشىلىك تۇرمۇش. ئەگەر باشقىلار سېنىڭدە بار  نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىسە،سەندىكى نەرسىلەرنى  دەرھاللا كەمسىتىشكە باشلايدۇ»  دەپ چۈشەندۈردى  .
ئۇزۇن ئۆتمەي ،بىز چاندىگاردىن ھىندىستاننىڭ ئوتتار پرادىش ئۆلكىسىدىكى بىر كىچىك كەنتكە  ھاممامنى يوقلىغىلى باردۇق .ئۇ يەر كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىپتىدائىي ھالەتتە بولۇپ ، سۇـ توك يوق ،ھاجەتخانىمۇ نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى ،بىراق بۇ يەردىكى پۈتۈنلەي ناتۇنۇش كىشىلەرمۇ بىزنى خۇددى ئۆز ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قارشى ئالغاندەك ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىشقان ئىدى. كىشلەرنىڭ چىرايىدا ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى ، خوشال كۈلكىلەر جاراڭلايىتتى، ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىدىغان قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىش ، ئېگىلىپ سالام قىلىشلار ئادەمنىڭ   ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى  .  
مۇشۇ قېتىملىق سەزگۇرەشتە ماڭا مۇنداق بىر ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتنى ھىس قىلدۇردى ،بۇ ساۋاق مېنىڭ  كۆپ يىللار كېيىن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىمدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغانىدى.
: قائىدە قارىماققا ئىنتايىن ئاددى ، بىراق سىز رىئال تۇرمۇشتا ياشاۋاتقىنىڭىزدا ، زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر سىزنىڭ مەغلۇبىيتىڭىزنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ ،  شۇنى بىلىپ قويۇڭكى ، سىزنىڭ  بۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرىشىڭىز سىزنى نۇرغۇنلىغان غەلبە پۇرسەتلىرىگە ئىرىشتۈرىدۇ  .
     ئۇ يەرگە بېرىپ بىرىنچى كۈنى ، ساھىبخان بىزگە چوڭ زىياپەت بەردى ، داسىتخاندا ئۆچكە گۆشىمۇ بار ئىدى ،شۇ قەدەر كەمبەغەل بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ،بۇ ھەقىقەتەن مول غىزالار بىلەن مىھمان كۈتۈش بۇلۇپ ھېساپلىناتتى  . بىراق ئۇلارنىڭ مېھمانداچىلىقى شۇقەدەر شەخسىيەتسىز،سېخى ، ناھايىتى قىزغىن ئىدى .گەرچە ئۇلار ماددى جەھەتتىن شۇ قەدەر كەمبەغەل بولسىمۇ ، مەنىۋى دۇنياسى شۇقەدەر ساپ،شۇقەدەر ئاقكۆڭۈل ۋە جۇشقۇن كۆرىنەتتى، شۇنداقلا تولىمۇ ئاددىي-ساددا ۋە مېھماندوست ئىدى .تاكى قۇرسىقىمىز تۇيۇپ زادى يىگۈچىلىكىمىز قالمىغۇچە شۇنداق قىزغىىنلىق بىلەن تاماققا زورلايتتى. مەن ئىشىنىمەنكى باشقا مەدىنىيەتتىكى مېھماندارچىلىقمۇ ئوخشاشلا شۇنداق سېخى، بىراق  ھىندىستاندا تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىدى.سىز باشقىلارنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارسىڭىز ،ئۇلار سىزنى توختىماي يېيىشكە دەۋەت قىلاتتى، ئەگەر بىرنەرسە يىگىلى ئۇنىمىسىڭىز ،بۇ سىزنىڭ ساھىبخاننى ياراتمىغانلىقىڭىز بۇلاتتى،شۇڭلاشقا سىزقورسىقىڭىز يىرىلىپ كەتكىدەك يېگەندىن كىيىن ئاندىن توختايتتىڭىز، مانا شۇنداق قىلغىنىڭىزدا ساھىبخانمۇ سىزنى ياخشى كۈتۈۋالالىدىم دەپ  خوشال بولاتتى .
:- دادا  بۇ يەردىكى كىشىلەر نىمىدىگەن ئاق كۆڭۈل  ! نېمىدىگەن خۇش پېئىل ھە !
:- مېنىڭ سېنى ھىندىستانغا ئېلىپ كېلىشىمدىكى سەۋەبنى ئەمدى بىلگەنسەن  ، مانا بۇ سېنىڭ مەدىنىيىتىڭ  ،  مانا مۇشۇ كىشىلەر سېنىڭ قان قېرىنداشلىرىڭ  ، سەن بۇنى كەلگۈسى ھاياتىڭدا چوقۇم ئېسىڭدە مەھكەم تۇتۇشىڭ كېرەك  .
     كىيىن مەن ھاممامنىڭ بىر تۇتۇق ئاچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇ :« بىزدە بارى پەقەتلا ئۆز-ئارا  كۆيۈنىش ، بىر- بىرىمىزگە  چوڭقۇر مېھرى –مۇھەببىتىمىزنى بېرىش ، بىز ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى قەدىرلەيمىز ، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشنى ھەمىشە دىلىمىزدا چىڭ ساقلايمىز . مال دۇنياسى  بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكەن ئادەملەر دائىم نېمىنىڭ ھەقىقىي مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. »
       مەن شۇنى ئېيتمىسام بولمايدۇ، بىز ئۇ يەردە تۇرغان ھەر بىر دەقىقىدە ، مەن  دۇنيانىڭ نەقەدەرگۈزەل ۋە مېھرى- مۇھەببەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلىدىم . پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرى ،كىمدۇر بىرى ماڭا يەلپۈگۈچ ئەكىلىپ بېرەتتى ،قورسىقىم ئاچقاندەك قىلسا، يىمەكلىكلەر خۇددى مۆجىزە يۈز بەرگەندەكلا يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالاتتى ،ئەگەر مېنىڭ ئۇيقۇم كىلىپ مۇگدەپ ،ئەسنەپ قالغىدەك بولسام كىشلەر قۇلىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ مېنى ئوينىتاتتى ياكى بىرەر سالقىن جايغا ئاپىرىپ ئۇخلىتىپ قۇيىشاتتى. بۇ يەردە مەن گوياكى شاھزادە ئىدىم! ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى  ئۇلارنىڭ ماڭا ئېيتقان:‹ئادەملەر ئۆز-ئارا قەدىرلەشكە مۇھتاج،بىزدە چۇقۇم  ئۆز-ئارا مېھرى – مۇھەببەت بولىشى كېرەك.›دېگەن سۆزى ئىدى  .
ئۇ يەردە تېلېۋىزورمۇ ،ئۈن-سىن بويۇملىرىنى ئىجارىگە بېرىش دۇكانلىرىمۇ يوق بولۇپ ،رادىئو بۇيەردىكى بىردىن-بىر كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى بولۇپ ھېسابلىناتتى . ئەمەلىيەتتە بۇيەردىكى كىشلەر بىرەر ئۆيدە يىغىلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇزىكا ئاڭلاشنى ،ھىكايە ئېيتىشىشنى ياخشى كۆرەتتى.ئۇلار ھەقىقى مەنىدىكى ئائىلە دېگەن ئۇقۇمنى تولىقى بىلەن چۈشەنگەن كىشىلەر ئىدى، شۇنداقلا بۇ خىل ماھىيەتلىك چۈشىنىشنى تۇرمۇشنىڭ ھەربىر بولۇڭ –پۇچقاقلىرىغىچە ئىپادىلىشەتتى.
     شۇ قېتىملىق ھېندىستانغا بېرىش  سەپىرىم ، مېنىڭ ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزگەن  بىر قېتىملىق تەتىلىم  بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئىسىمدە قالغان باشقا تەتىل كۈنلىرىمنىڭ  ھەممىسىدە ، دادام كىچىك ماشىنىدىن بىرنى ئىجارىگە ئالاتتى-دە ،بىز بىر ئائىلىدىكى يەتتە جان قىستىلىشىپ ئولتۇرۇپ يولغا چىقاتتۇق .بىر يىلى سانتىياگو ،يەنە بىر يىلى لوس ئانگېلېس دېگەندەك ...  بىر يىلى يازدا بىز بىر مېڭىشىمىزدا توختىماي 17سائەت يول يۈرۈپ چارچاپ ھالىمىزدىن كەتكىنىمىزچە  ۋانكوۋىرغا ئاران تەستە يىتىپ كەلدۇق  ، شۇمۇ ساياھەت بولامدۇ ، ھەي ! مېنىڭ ھىندىستانغا بارغاندىكى شۇ  قېتىملىق ساياھىتىم ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بولغان بولۇپ، نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن ،ھەرقېتىم شۇ چاغلارنى ئەسكە ئالغىنىمدا دادامنىىڭ بۇ ئىشلارنى نۇرغۇنلىغان قان – تەرىنى سەرىپ قىلىپ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھىس قىلاتتىم.
بىز ھەر قېتىملىق ساياھىتىمىزدە  نەگىلا بارمايلى  ، شۇ يەردىكى سېك ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۇنۇتمىدۇق , بۇ  بىزنىڭ ساياھىتىمىزگە بىرخىل دىني پۇراق قوشقانىدى  .  دادام بىزگە دائىم  :
ــ« بىز ھەممىمىز ئاللانىڭ  مۆمىن بەندىسى ، بىز مەيلى نىمە ئىش قىلمايلى  ،نەگىلا بارمايلى ، ئۇ ئىشىمىز خۇپىيانە ياكى ئاشكارە بولسۇن ،  پەرۋەردىگار ئۇ ئىشىمىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر  ، بىز بۇنى ھەر دائىم ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم  . »  دەيتتى  .




ئىككىنچى باپ  


ئونئالتە يېشىمدا CEO (ئىجرائىيە مۇدىرى) غا ئايلاندىم.





1996 يىلى كۈز.14يېشىمدا ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنجى يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى باشلىدىم.تېخى ئۆسمۈر بولساممۇ خېلىلا بالدۇر خەت تارتىپ قالغان ساقال - بۇرۇتلىرىم بىلەن يوغان بېشىمغا ئورىۋالغان سېك سەللەم مېنى باشقىلاردىن خېلىلا ئالاھىدە كۆرسىتەتتى.مەن ئاكام ئوقىۋاتقان مەكتەپ - «مۇستەققىللىق ئوتتۇرا مەكتىپى» گە ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ ئاكام مەندىن تۆت يىل يوقىرى يىللىقتا ئىدى. مەن ئەسلىدە ئوقۇشقا كىرگەن بىرىنجى كۈنىلا نۇرغۇن يېڭى دوستقا تونۇشتۇرىلىمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ بىراق ئاكامنىڭ دوستلىرىغا قىلچىلىك ئەھمىيىتىم يوق بولۇپ چىقتى، ھەتتا بولۇش – بولماسلىقىم بىلەن ئۇلارنىڭ قىلچە ئالاقىسى يوق دىگۈدەك ئىدى.تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى كىچىك بولسىمۇ ئۆز ئالاقە چەمبىرىكىمنىڭ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلساممۇ، بۇ سەبى ئارزۇ تاشقى قىياپىتىمنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكى سەۋەبلىك بەربات قىلىنغان ئىدى.مەكتىپىمىزدە ھىندىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىك مۇھاجىرلارنىڭ خېلى كۆپ پەرزەنتلىرى بولسىمۇ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقەم يوق ئىدى.ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بالىلار بىلەن بىرەر ئالاقەمنىڭ بۇلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.گويا مەندىن ئۆزگە ھەممە بالىلار ئۆز دوستلېرىنى تېپىپ بولغاندەك مەن بولسام ئۇسۇل كېچىلىكىگە كېچىكىپ قالغان ھېلىقى بىچارە ئىدىم . مەكتەپتىكى ھەر بىر كۈن بىر يىلدەك ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.
   1997-يىلى تۇنجى شىركىتىمنى قورۇشتىن بىر يىل بۇرۇن كرىمىنىي جىلغىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر چاقماق تېزلىكىدە بېيىپ كېتىشكە باشلىدى.داداممۇ ئۆزىچە پايچەك مەستانىسى بولۇپ كەتمەكتە ئىدى. ئوزۇنغا قالماي مەنمۇ ئۇنىڭدەك ئەتتىگەنلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرىگە زەن قويۇشقا باشلىدىم  ،شۇنداقلا يىڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان تور شىركەتلىرىگگە بەكرەك قىزىقىپ قالغان ئىدىم.بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى سان خوسې بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى پالو ئالتو غا جايلاشقان ئىدى.تېخى بۇشىركەتلەر   توغرىلىق نورغۇن نەرسىلەرنى چۈشەنمىسەممۇ ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر مېنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇراتتى.مەن يەنە بۇ خىل ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىر مەيدان دۇنياۋى ئىنقىلابقا باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم،ئۆزۈممۇ ھەم شۇلارئىچىدىكى بىرسى بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .بۇ خىل تويغۇلار مېنى مەكتەپتىن تېخىمۇ بىزار قىلماقتا ئىدى.ئۇ چاغدا مەن ئىككىنجى يىللىقتا بولۇپ ئورتاق نەتىجەم GPA3.5,B+( ئامىركىدىكى مەكتەپلەردە تۆت نومۇرلۇق سىتىما قوللىنىدىغان بولۇپ يۈز نومۇرلۇق سىستىما بىلەن تۆۋەندىكىدەك سېلىشتۇرىلىدۇ: A 100-90=  (4.0) ، B 89-80= ( 3 ـ 0)،C  79-70= (=2 - 0)،D    69-60 = (1-0) ، F 59-0= (=0). )ئىدى،بىراق بۇنىڭ ماڭا قىلچىلىك پايدىسى يوق ئىدى.مەن راستىنلا قالغان ئۈچ يىلنى قانداق ئۆتكۈزىشنى ھەقىقەتەن  بىلمەيتتىم.
مەن تىزراق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن «ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېز پۈتتۈرۈش ئىنستىتوتى»غا تىزىملاتتىم.بۇ مەكتەپ ئالى مەكتەپ تۈزۈمىدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا مەن خېلى بالدۇرلا ئوقۇش پۈتتۈرەلەيتتىم.مۇھىمى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئۆز كەسپىگىلا كۆڭۈل بۆلگەچكەمېنىڭ سىرتقى قىياپىتىم ۋە «مەن توغرىسىدا»كى ئەخمىقانە سۇئاللار ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چاچالمايتتى.شۇنداق بولىشىغا قارىماي مەن ھەرقانداق شەكىلدىكى مەكتەپلەردىن زىرىككىن ئىدىم.كىشىلەر دائىم :مەكتەپ دېگەن كەلگۈسى تۇرمۇشنىڭ ئاساسى،كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان جاي، دېيىشسىمۇ بىراق مەكتەپتە ئوقۇش ماڭا زادىلا ماس كەلمەيدىغاندەك ئىدى . مەن بۇ خىل شەكىلدىكى تۈگىمەس تەييارلىقلاردىن بالدۇرراق قوتۇلۇپ  تۇرمۇشتا ئەمىلى ياشاشقا شۇنچە ئىنتىلەتتىم. شۇڭلاشقا مەكتەپتە ئوقۇش مەن ئۈچۈن غايەت زور ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىدى. خارەكتىر جەھەتتىن مەن ھەقىقەتەن سەۋر-تاقەتنى بىلمەيدىغان ئادەم ئىدىم—بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جاپاسىغا بىر ياندا قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تورىدىغان بۇ خىل تورمۇش شەكلىدىن تولىمۇ زىرىككەن ئىدىم.دادام پوچتىخانىدا،ئانام بولسا سىستىرا بولۇپ ئۇلار سىمىنا قوشۇپ جەمئى 14 سائەت ئەتراپىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەتتا ئائىلە تۇرمۇشىدىن لەززەتلەنگۈدەك ئازراقمۇ ۋاقتى يوق ئىدى.بۇلار دائىم ئۇلار تەكرالاپ تۇرىدىغان «تورمۇش بولسا تەڭپۇڭلۇق سەنئىتىدۇر  »دېگەن گېپىدىن گۇمانلاندۇراتتى. مەن بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئاندىن تەڭپۇڭلۇق بولمىغان تورمۇشنىڭ ناھايىتى بەختسىز تورمۇش بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65211
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلىگە بەك قايىل جۇمۇ مەن بورادەر !  تەرجىمە قىلىمەن دەپلا راست تەرجىمە قىلىپسىلە ،  ئوقۇغانسىرىم ئوقۇغۇم كىلىۋاتىدۇ  .

<<ئانا &am

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 5352 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:37:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى تىزراق يولىسىڭىز بۇپتىكەن

ۋاز كېچىش ماڭا ل

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3440
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9038
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 1806 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 01:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38328
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1778
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1628 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:29:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30794
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1095
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن.ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم دىسە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38328
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1778
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 1628 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:20:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا بىز رەخمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7208
تۆھپە نۇمۇرى: 620
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 03:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ ھەتتا ئائىلە تۇرمۇشىدىن لەززەتلەنگۈدەك ئازراقمۇ ۋاقتى يوق ئىدى.بۇلار دائىم ئۇلار تەكرالاپ تۇرىدىغان «تورمۇش بولسا تەڭپۇڭلۇق سەنئىتىدۇر  »دېگەن گېپىدىن گۇمانلاندۇراتتى. مەن بىر قانچە يىلدىن كىيىن ئاندىن تەڭپۇڭلۇق بولمىغان تورمۇشنىڭ ناھايىتى بەختسىز تورمۇش بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدىم .
  ھەر كۈنى كەچتە دادام پوچتاخانىدىن چارچاپ ھالى قالمىغان ھالەتتە قايتىپ كىلەتتى-دە تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھەرخىل  گېزىتلاردىكى ئىقتىساد خەۋەرلەرىنى تەتقىق قىلاتتى،ئاندىن كومپيوتىرى ئارقىلىق پايچېك بازىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلايتتى.ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ پايچېكتىن قىلغان كىرىمى خىزمەت ئارقىلىق ئىرىشكەن مائاشىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.شۇڭلاشقا ئۇ ئاڭسىزلا پايچېك ھايانكەشلىكى بىلەن شوغۇللۇنۇشقا باشلىدى.توغرىسى ئۇ ئەسلىدىنلا ئۈزىگە تەۋە بولمىغان پۇل بىلەن دوغا چىقىشقا باشلىدى.مەسىلەن:ئۇنىڭ قولىدا5000 دوللار بولسا 15000دوللارلىق پايچېكى سېتىۋالالايتتى.ئەگەردە پايچېك باھاسى ئۆسۈپ قالسا15000دوللالىق مەبلەغ ھىسابىدا پۇل تاپاتتى ئۇنىڭغا ئەزەلدىن تەۋە بولمىغان 10000دوللارمۇ ئۇنىڭغا پۇل تېپىپ بىرەتتى.                        
  دادامنىڭ دېيىشىچە بۇ ھەقىقەتەن جەلپ قىلارلىق ۋە ئۆزگىچە ئىش ئىدى.ھەتتا ئۇنىڭچە ئامىركا دېگەن دەل مۇشۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى.
      دەل موشۇ چاغدا مەن DoubleClick  (قوش چېكىش)شىركىتى توغرىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشتىم.بۇ شىركەت تور بەتتە ئىلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت بولۇپ،يىڭى پايچېكىنى بازارغا سالغان چاغدىكى باھاسى 300مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايتتى ،ئەمەلىيەتتە پېيىنىڭ باھاسى ئەڭ يوقىرى سەۋىيەگە يەتكەندە 15مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى.بۇ خىل يوقۇرى قىممەتكە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ ،بىراق تولىمۇ جەلپ قىلارلىق ئىدى.مېنىڭ DoubleClick توغرىسىدا چۈشەنچىمنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئىلان كەسپىگە مەستانە بۇلۇپ قېلىۋاتاتتىم.
ھېس قىلىشىمچە تور كەسپىدە ئۇقۇم ئەمىلىيەتكە تەڭداش ئىدى.شۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان مۇۋاپىقىيەت قازانغان باشقا تۈردىكى شىركەتكە سودىدىن ھېچقانداق پايدا ئالالمايۋاتقاندا نۇرغۇن كىشىلەر توربەت شىركەتلىرىنىڭ غايەت زور پايدىدىن دىرەك بىرىدىغان ئالامشۇمۇل تەرەققىياتنىڭ باشلىنىشى نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى.بۇ شىركەتلەرگە تەۋە بولغان نۇرغۇنلىرىنىڭ ھەتتا سودا پىلانىمۇ مەۋجۇت بولمايتتى.ئۇنداق نەرسىلەرگە ھاجىتى چۈشمەيۋاتقاندەك ئىدى.ئۇلار پەقەت .Comنىڭ بىر بۆلىكى بۇلالىغانلىق ۋە تور سېتىمىسىدىن ئىبارەت مەھھۇملۇقنىڭ چەكسىز مۇمكىنچىكلىرى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇنداق تېز تەرەققىي قىلالايتتى.گوياكى ھەممە ئادەم توربەتلەر بىرمەيدان دۇنياۋى ئىنقىلاپ قوزغايدۇ دېيىشىۋاتقان بىر چاغدا ئۆزى كۈتىۋاتقان ئىنقىلاپ كەلگەندە ئاتالمىش يول ئاچقۇچىلارمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قېلىشقانىدى.
      سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر بىر ئادەم شىركەت قىممىتىنىڭ باج تاپشۇرۇشتىن ئىلگىركى ئۇمۇمىي كىرىمنىڭ 30ھەسسىسىگە تەڭداش ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ.ئەگەر شىركىتىڭىز بىر يىلدا بىر مىليون پۇل تاپالىسا دىمەك 30مىليون پۇلغا يارايدۇ.بىراق توربەت شىركەتنىڭ قىممىتى بۇ خىل شەكىلدە ئۆلچەنسە ئەڭ بولمىغاندا ئاشۇ چاغدا ئادالەتسىزلىك بۇلاتتى.چۈنكى باشقا تۈردىكى چوڭ شىركەتلەر ئۆز سودىسىدىن نەپ ئالالمايۋاتاتتى.مۇنداقچە ئېيتقاندا چوڭ شىركەتلەر پەقەت تور بەتكە يۈرۈش قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۈگىمەس بايلىق مەنبەسىگە ئىرىشەلەيدۇ.شىركەت قىممىتى بىلەن شىركەت غايىسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمايتتى.سېتىش بۈلۈمىدىكى كىشىلەر ھەتتا چۈشۈنۈكسىز يېزىلىدىغان سادا پىلاننامىسى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمايتتى.توربەت شىركەتلىرىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ مەۋھۇم دۇنيا بىلەن قانچىلىك باغلىنىلاغانلىقى ئارقىلىق ئۆلچىنەتتى.ئاڭلىماققا خېلىلا غەلىتە تۇيۇلسىمۇ:سىز پەقەت باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى توربەتنى چۈشۈنىدىغان ئادەم بولسىڭىز ياكى باشقىلار بىلمەيدىغان ياكى بەك چۈشۈنۈپ كەتمىگەن تور بىلىمىنى بىلسىڭىزلا ناھايىتى تېز دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرەلىشىڭىز تامامەن مۇمكىن.
  بۇ يەردىكى كىشىلەر ئاڭلاۋىرىپ دىققەت قىلماس بۇلۇپ كەتكەن ئاددىي بىر ھىكمەت يۇشۇرۇنۇپ ياتقان:قارىماققا تولىمۇ ياخشىلىقىدىن كىشىگە يالغاندەك تەسىر بىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە يالغان بۇلۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.ئىقتىسادى بۇران بۇنىڭ ئاددى مىسالى بۇلۇپ قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزدىن خېلىلا ئاشۇرۇپ قەرىز ئېلىشىمىز ئاڭلىماققا ناھايىتى ياخشى ئىشتەك بىلىنسىمۇ بىراق بىز كۆنگەن تەپەككۈر ئۇسۇلىمىزدىن سەل ئۆزگىچە تەپەككۈر قىلساق بۇ يەرگە دۇنياۋى ئىقتىسادى ئاپەتلەرنىڭ يۇشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بايقىيالايمىز.ئەلۋەتتە بۇنى بايقاش ئۈچۈن سىز ھۇكۇما بولماي تۇرۇپمۇ ئاددىي تۇرمۇش بىلىمىگە تايىنىپلا بۇنى ھېس قىلالايسىز.
  ھەر كۈنى سەھەر مەن دادام بىلەن يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ CNBC   نىڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆرەتتۇق  ، بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن مۇمكىنچىلىككە تولغان بۇلىدۇ.مەنمۇ ئاخىرى تۇنجى شىركىتىم توغرۇلۇق باش قاتۇرۇشقا باشلىدىم.مەن ھەر بىر پارچە پايچېكنىڭ دادامغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىۋاتىمەن:باھانىڭ بىر رەت ئۆرلىشى ئۇنى كۈلۈمسىرىتىدۇ ھەتتا خوشلىقىدىن قاقاقلاپ كۈلىدۇ،سەكرەپ قويىدۇ.ئۇ ھەقىقەتەن بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىدى.ئاخىرى ئۇنىڭغا غالىپلارغا خاس روھى كۈتۈرەڭگۈلۈك پەيدا بولدى.گويا بۇلار ئۇنىڭ ئامېركىغا كىلىش سەۋەبى بۇلۇپ ئۇ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت ئىزلەشكە مۇھتاج ئىدى.

  ھەر سەھەردە مەن ئۆزۈمگە بىر چىنە سۇلۇ ئۇمۇچى تەييارلايتتىم ۋە سول قۇلۇمغا ئەتىگەنلىك گېزىت ئوڭ قۇلۇمغا خاتىرە قەلەمنى ئالغان ھالەتتە تىلىۋىزورغا دىققەت قىلاتتىم.ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى بىلەن پەرقى يوق ئىدى.

  مەن نۇرغۇن دادامنىڭ چاغلاردا پايچېك توغرىسىدىكى قارارلىرىغا ياردەم بىرەتتىم.ئۇ بىرەر شىركەتكە قىزىقىپ قالسا بىز بۇ شىركەت پايچېكىنىڭ ئىھتىماللىقلىرىنى مۇزاكىرە قىلاتتۇق.دادام مېنى ئۆزىنىڭ شىرىكى دەپ مۇئامىلە قىلاتتى.بىز بىرلىكتە پايچېك ھايانكەشلىكى ۋە قەرىز ھۇقۇق سودىسىنى ئۆگۈنۈشكە كىرىشتۇق.ئۇزاققا قالمايلا سەھەر تۇرۇش مېنىڭ كۈندۈلۈك ئادىتىمگە ئايلاندى .
بار دېيىشكە توغرا كەلسە قىلىۋاتقىنىم ئەمىلىي ئىش ئىدى.ئۇ ئەمىلى ئىشنى گويا ھەممە ئادەم قىلالايتىتى.سىز بۇ تاپشۇرۇققا ئەڭ يۇقۇرى باھاغا ئىرىشىش ئۈچۈن چۇقۇم ۋاقىت سەرىپ قىلىشىڭىز لازىم بولاتتى.پايچېك ئويناشمۇ مۇشۇنداق ئىش ئىدى.سىز پەقەت ناھايىتى ئىھتىياتچان ۋە كەسكىن مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدا ئاندىن مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىڭىز مۇمكىن ئىدى.چۈنكى بىزنىڭ باش قاتۇرۇدىغىنىمىز پۇل ئىدىكى مەكتەپتىكى نەتىجە ئەمەس ئىدى.
  ھەر كۈنى سەھەردە دادام ئۇيقۇغا قانمىغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ بىۋاستىلا :«خوش خەۋەر بارمۇ؟«دەپ سورايتتى.ئاندىن بىز بىرلىكتە دوكلات جەدىۋەللىرى ۋە شىركەتنىڭ يىللىق دوكلاتىنى تەتقىق قىلاتتۇق.قانچىلىك پايدا ئالغانلىقدىن خەۋەردار بۇلۇشقا تىرىشاتتۇق.مۇشۇ تەرەقىدە مەن بىر شىركەتكە باھا بېرىشتە ئاساسلىنىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلارنى چۈشەنمەكتە ئىدىم ،ھەمدە  بۇ بىلىمىم بىلەن كىيىنكى بىر نەچچە يىلدا خېلىلا مۇۋاپپىقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشەلىگەن ئىدىم.قىزىق يىرى مەن قىسقىغىنە 10يىلدا «بانى«پروگراممىلىرىنى كۆرۈشتىن ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ چۈشۈنەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ئىدىم.بۇ ئەلۋەتتە مەنىسىز تېلىۋىزىيە تىياتىرىلىرىنى كۆرۈشتىن كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىدى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ دادام بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ھېسىيات ئىپادىلىمە تەرەققى قىلىپ خېلىلا يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ئىدى.
-،مەن DoubleClickنى تۇلىمۇ ياقتۇرىمەن،- دېگەن ئىدى بىر قېتىم.
-،بۇ شىركەت نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟
-،توربەت ئىلانچىلىقى بىلەن.
بىراق بىز DoubleClickقا مەبلەغ سېلىپ باقمىغان ئىدۇق.چۈنكى ئۇچاغدا بىزگە پايدا ئېلىپ كىلەلەيدىغان نۇرغۇن تاللاشلار بار ئىدى.بىزمۇ خاتالىشىپ قالمايتتۇق.ئاخىرى بۇ خىل كىچىك مۇۋاپپىقىيەتنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن دادام يېڭى ئۆي سېتىۋالماقچى بولدى.دېمەك بىز بۇ ئەبجەق ئىجدىمائىي رايۇندىن باشقا رايۇنغا كۆچەتتۇق.بىز بىر قانچە ھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبىسىدىن پايدىلىنىپ سان خوسې شەھىرىدىن ئەمدىلا ئۇلى قۇرۇلغان بىر ئۆينى سېتىۋالماقچى بولدۇق.ئۇ چاغدا 30ئائىلىلىك بۇ تۇرالغۇنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 500دىن ئارتۇق ئائىلە ئۆچىرەتتە ئىدى.بۇ مەسىلىنى پەقەت چەك  تارتىش  ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بۇلاتتى.نەتىجىدە بىز يەنە بىر رەت تەلەيلىك ئائىلە بولدۇق .  
  بىز ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال ئىدۇق.دادام بىر پارچە پۇل چېكى ئارقىلىق ئالدىن تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى تۆلىۋەتتى.بىز قايتىش يولىمىزدا ھەتتا يېڭى ئۆيگە قويىدىغان رەڭلىك تىلىۋىزورنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقتا بولىدىغىنىغىچە گەپ تالىشىپ ماڭدۇق.
  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دادام پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بىر ئادەمنىڭ تېلىفۇنىنى قۇبۇل قىلدى.ئۇ ئادەم 50مىڭ دوللارغا بىز توغرا تارتقان چەكنى سېتىۋالماقچى ئىدى.بىراق دادام ساتمىدى.بۇ يېڭى ئۆي بىزگە 50مىڭ دوللاردىن خېلىلا مۇھىم ئىدى.بىزنىڭ ئامىرىكىغا كېلىشىمىز بىر ئائىلىك كىشلىرىنىڭ بەخىتلىك ياشىشى ئۈچۈن ئىدى.شۇڭا دادام تېلىفۇندا:«مەن بۇ سودىغا قىزىقمايمەن.مەن پۇل ئۈچۈن ئەمەس ئائىلەم ئۈچۈن باش قاتۇرۇشۇم كېرەك»دېگەنىدى.
  1997ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 27ـ كۈنى،يېڭى ئۆيىمىزنىڭ يېرىمى پۈتۈپ بولغان چاغ.پايچېك بازىرى چوڭ ۋەيرانچىلىق ئىچىدە قالغان ئىدى.دادام گەرچە بەك ھېسىياتلىق ئادەم بولسىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئازاپلاندى.ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان پۇلنىمۇ ئۇتتۇرۋەتكەن ئىدى.
  شۇ كۈنى ئاخشىمى تاماق ئۈستىدە ئۇ بىزگە :«بىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىمىز ۋەيران بولدى.بىز يېڭى ئۆيگە كۈچۈپ كىرەلمەيدىغان بولدۇق.»دېدى.تېخىمۇ چاتاق يىرى پايچېكى ئۇدا تۆۋەنلىمەكتە ئىدى.گەرچە ئۇ 500نۇقتا چۈشۈپ بولغان بولسىمۇ يەنە چۈشۈدىغاندەك ئىدى.«ئەتە سەھەردە بازار ئېچىلغان ھامان ھەممە پايچەكنى  سېتىۋېتىش كىرەك.بىزنىڭ يەنە ھېچنىمىمىز قالمىسىمۇ مەيلى.قەرزگە كىرمىسەكلا بولدى.»دېگەن ئىدى ئۇ ئازاپ بىلەن.
  ئىككىنجى كۈنى بازار ئېچىلىپ بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ئۇ ھەممە پايچېكىنى سېتىۋەتتى ،بىراق بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك داۋجىنىس پايچېك كۆرسەتكۈچىسى يېرىم سائەتكە قالماي 324 نۇقتا ئۆستى دادام يەنە يېرىم سائەت ساتماي تۇرغان بولسا بىز بەلكىم يېڭى ئۆيگە كۈچۈپ كىرەلىگەن بولاتتۇق.ئەمدى بىز يېڭى ئۆينىڭ كاپالەت پۇلىنىمۇ زىيان تارتماقچى ئىدۇق.
  مەن ئۆمرۈمدە دادامنىڭ يىغلىغىنىنى تۇنجى رەت كۆرگەن ئىدىم.ئۇ ناھايىتى ئىھتىياتچان ئادەم بولسىمۇ بىراق ھازىر ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا يىغلاۋاتاتتى.مەن تولىمۇ قورقۇپ كەتتىم.
  «مەن ئىسمى جىسمىغا لايىق مەغلۇبىيەتچى.مەن ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن...»دېگەن ئىدى ئۇ يىغلاۋاتقان ھالەتتە.
  بىز نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلىپ ئۇنى خىزمەتكە ماڭغۇزدۇق،بىر قانچە كۈندىن كىيىن دادام ئاخىرى ئۈمۈدسىزلىكنى يەڭدى ۋە:«مەيلى نېمىلا بولسۇن بىز چۇقۇم يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىمىز كېرەك»دېدى.مەن ئۇنىڭ بۇخىل ئىرادىسىدىن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ئىدىم.دادامنىڭ بۇ خىلدىكى ئىرادە ۋە غەيرىتى مېنىڭ يۈرۈكىمگە مەڭگۈلۈككە ئۇيۇلغان ئىدى.مەن تۈگىمەس روھى بايلىققا ئىرىشكەنىدىم.ئۇ بولسىمۇ-قەتئى ۋاز كەچمەسلىك ئىدى.
  كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىدە بىز بارلىق ئاماللىرىمىز بىلەن پۇل توپلاشقا كىرىشتۇق.ئانامنىڭ ماشىنىسى سېتىۋېتىلدى ۋە دادام ئانامنى خىزمەتكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان بولدى.داداممۇ سىمىنا قوشۇپ ئىشلىمەكتە ئىدى.بىزمۇ ھەم ئىتىىبار بېرىش  بىلىتنى كېسىشكە باشلىدۇق.بىز ھەتتا رەڭلىك تىلىۋىزورنى سېتىۋەتتۇق.
دادام بىزگە :‹‹ بىز يەنە بىر قېتىم نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇرمىز ،بۇ كۈنلەردىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز .››دېگەن ئىدى .
  بۇ كەچۈرمىشلەردىن مەن نۇرغۇنلىغان ساۋاقلارغا ئېرىشتىم .ئەڭ مۇھىم بولغىنى،مەن بىۋاستە  ھېس قىلدىمكى :مەغلۇبىيەت ئىچىدىن يەنە دەست تۇرۇپ ،بولمىغاندا ئۆمىلەپ بولسىمۇ غەلبىگە يۈرۈش قىلماق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۈشكۈل ئىشلاردىندۇر .بىراق ئادەم دېگەن دائىملا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ تۇرغاچقا ،ئۆزىنى ئەيىپلەپ يۈرۈشتىن ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق تېخىمۇ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئەڭ بولمىغاندا ئاقىلانىلىك .بۇ ساۋاق ھەرقانداق سودىگەر ئۈچۈن مۇھىم ساۋاق .بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا دائىم ئېسىڭىزدە  ساقلاڭكى  بۇ  ھىچقانداق  ئالاھىدە ئېش ئەمەس غەلبە ھەرقاچان مەغلۇبىيەتلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان.
ئائىلىمىزنىڭ ھەربىر ئەزاسى بۇ  كىلىشمەسلىكلەردىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. مەنمۇ بىر قېتىم مەكتىپىمىزنىڭ ئودۇلىدىكى ماك دونالىد تېز تاماقخانىسىنىڭ دەرىزىسىگە    ئېسىپ قويۇلغان ‹‹خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز ››دېگەن تاختاينى كۆرۈپ خىزمەت ئىلتىماسى يازغان ئىدىم .ئۆزۈمچە  مەن بۇ خىزمەتكە تولىمۇ باپ كېلىمەن دەپ ئويلايتىم .چۈنكى مەن  ماك دونالىدنىڭ ھامبۇرگى بىلەن مايدا قورۇلغان ياڭيۇ تىلىمچىسىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ يەيتتىم ،ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنچلىك ئىدى .
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە دەرىستىن چۈشەتتىم .شۇڭا سائەت تۆتتىن سەكىزگىچە ھەپتىدە بەش كۈن خىزمەت قىلساممۇ يەنە ئۆيگە قايتىپ،تاپشۇرۇق ئېشلەپ ۋە تاماق يەپ ئۈلگۈرەتتىم .شۇڭا بىر كۈنى دەرستىن قايتىپلا ئىلتىماس قەغىزىنى توشقۇزۇپ ماك دونالىد قا كىردىم .ئۇلارنىڭ خوجايىنى تاماقخانىدا بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە كۆرشىدىغان بولدۇم . خوجايىن ئېشخانىسىدىن چىقتى-دە سەللەمگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى .دېمەك بۇ خىزمەتتىن ئۈمىد يوق ئىدى .بىراق ئۇ نەخ مەيداندىلا مېنى رەت قىلۋەتمىدى .كەسپى خادىملىق كىبىرىنى كۆرسەتكەندەك ئۇيان –بۇيان مېڭىپ قويۇپ ،مېنى بىر بوش ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى ۋە قېزىقمىغاندەك ئېلتىماس جەدىۋىلىگە قاراپ تۇرۇپ.-نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىسىز ؟-دەپ سورىدى.
-مەن ئۇدۇلىمىزدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى.
-نەچچە ياش كىردىڭىز ؟
-15 ياش (چۈنكى كالفورنىيەدە پەقەت ئاتا-ئانىڭىزلا قوشۇلسا  15 ياشتىن باشلاپ خىزمەت قېلىشقا بولاتتى .)
-بۇرۇن نېمە خىزمەت قىلىپ باققان ؟
-بىرەر خىزمەت قىلىپ باقمىغان.بىراق ئائىلىدە دائىم ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىمەن .
ئۇنىڭ دىقىقىتى تېخىغىچە سەللەمدىن ئەگىپ كېتەلمىگەن ئىدى .مەن ئاخىرى :‹‹ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ ،مەن چوقۇم سىزنى ئۈمىد سىزلەندۈرمەيمەن .››دىيەلىدىم.بىراق بۇ ئورۇنۇشلىرىم مەغلۇپ بولدى .ئۇ ماڭا ‹‹ ئەپۇ قىلىڭ ،بىز باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈپ بولدۇق .كېيىن يەنە خىزمەت ئورنى چىقىپ قالسا سىزگە تېلفۇن قىلىمىز .››دېدى.
  بىر يىلنىڭ قالغان يېرىمىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىلانى دەرىزىدە دائىما ئېسىقلىق تۇردى .بىراق مەن يەنە كىرىپ خىزمەت سوراپ باقمىدىم . مەن ئۆزۈمگە تولىمۇ ئىشىنەتتىم ،مەنمۇ باشقىلاردەك ئىشەنچكە تولغان ياڭراق ئاۋازىم بىلەن :‹‹سىز نېمىشقا بۇ خىل ئۆزگىچە تەمدىكى ياڭيۇ قۇرۇمىسىنى تېتىپ باقمايسىز ؟!››دەپ توۋلىيالايتىم .بىراق مەسلە  بۇ يەردە ئەمەس ئىدى ،مەسلە مېنىڭ تاشقى قىياپىتىمدىن چىققان ئىدى .گەرچە بېشىمدىكى بۇسەللىگە خوجايىن بەك دىققەت قېلىپ كەتمىسمۇ بۇ سەۋەبلىك خېرىدارلارنى بىسەرەمجان قىلىش ئۇنىڭغا ئارتۇقچە باش ئاغرىقى ئىدى .مەنمۇ ماك دونالىد شەپكىسىنى نەگە  كىيشكە خېلىلا باش قاتۇرسام بولاتتى .بۇ قېتىملىق خىزمەت ئىلتىماس قىلىش مېنى خېلىلا بىئارام قىلغان ئىدى .شۇنىڭدىن ئىتبارەن مەن تەقدىرىمنى چوقۇم ئۆز قارارىم بويىچە بەلگىلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم  ،مەن ھامان بىر كۈنى ئۆزۈم ئۈچۈن ،ئۆز خىزمىتىم ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغانچە قارار چىقىرىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم .
بۇ چاغدا ئىككى ئاچام بىلەن  ئاكام ئىشتىن سىرت خىزمەت تېپىپ بولغان ئىدى .   ئاكام بىر لىنيەنىڭ بارلىق گېزىتلىرىنى توشۇيتتى .پۈتكۈل ئائىلىمىز ھايات ئۈچۈن بولۇۋاتقان  كۆرەشنىڭ قاينىمىدا كۈچ چىقارماقتا ئىدى .
‹‹قۇربانلىقتىن قورقماسلىق كېرەك ››دەپ دائىم ئەسكەرتىپ تۇراتتى دادام،ھەمدە قانداق قۇربانلىق بېرىشنى ئۆز ھەركىتى بىلەن كۆرسەتمەكتە ئىدى.     
ۋاقىت بۇنداق تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىزگە تونۇتتى .دادامنىڭ ۋوجۇدىدىن قەتىئىيلىكنى ئۆگەندۇق. ئۇنىڭ ئىش –ھەركەتلىرىدىن غەلبىنىڭ نورغۇنلىغان مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتۇق .ئەڭ مۇھىمى ئۇ دەپ ئۆتكەندەك مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكنى ئۆگەندۇق .شۇنچە چوڭ كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ تۇرۇپ ئۆز روھىنى ئۆزى كۆتۈرەلەيدىغان ،ئۆزى بىۋاستە غەلبىگە باشلاپ ماڭالايدىغان  ئۇلۇغ دادام ،ئۇ بىزگە ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەيتتى ۋە ئەمەلدە بىزگە كۆرسەتكەن ئىدى.
  پاي بازىرى ۋەيران بولۇپ بىر ئايدىن كېيىن ئۆي-مۈلۈك سودىسى يەنە جانلىنىشقا باشلىدى.بىز
گېرۇيدىلىي كوچىسىدىكى كونا ئۆيىمىزگە ‹‹سېتىلىدۇ ››دېگەن ئېلاننى چاپلاپ قويدۇق. گەرچە بۇ بىزنىڭ بىردىنبىر پۇلغا يارايدىغان مۇقىم مۈلكىمىز بولسىمۇ .

   بىرىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىر كشى يامان ئەمەس باھا بىلەن كونا ئۆيىمىزنى سېتىۋالدى .     
بىزمۇ ئۇزۇنغا قالماي يېڭى ئۆيىمىزگە كۆچتۇق .بىز بىر يۈك ماشىنىسى ئىجارىگە ئالغان بۇلۇپ ،پۈتۈن شەنبە-يەكشەنبە كۈننى سەرپ قىلىپ ئاندىن كۆچۈپ بولغان  ئىدۇق .  ماشىنىدىن    ئاخىرقى  بىر يەشىكنى چۈشۈرگەندە مەن دادامنىڭ كۆزلىرىدىن غەلبە شادلىقىنى كۆرگەن  ئىدىم .ئۇ ئاخىرى ئائىلىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىغان ئىدى . شۇنچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا     ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئائىلمىزگە يېڭى ئۆي سوۋغا قىلالىدى . بۇ ئۆي گەرچە رىۋايەتلەردىكى     قەسىر بولمىسمۇ ،بىز ئالدىغا قاراپ بىر قەدەم ئالغان ئىدۇق .يېڭى ئۆيىمىز بەش خانا بولۇپ    بىرىگە ئاكام بىلەن ئىككىمىز ، بىرسىگە  ئىككى ھەدەم، يەنە بىرسىگە دادام –ئاناملار        ئورۇنلاشتى . مىھمانخانىدىن باشقا بەشىنجى ئۆينى بىز ئىبادەت ئۈچۈن ئايرىپ قويدۇق ۋە ‹‹دادام-   نەزىر –چىراق ئۆيى ›› دەپ نام بەردۇق .بۇ خانىدا ۋاراڭ –چۇرۇڭ تۈگۈل ئۈنلۈكرەك پاراڭ   سېلىشقىمۇ بولمايتتى .چۈنكى دادام ئىبادەت قىلۋاتقان بولۇشى مومكىن ئىدى .
يېڭى ئۆيىمىزگە كۆچۈپ كىرگەن ئاخشىمى ئاشخانىمىزنى تېخى سەرەمجانلاتۇرمىغاچقا سىرتتىكى كىنتاكى ئاشخانىسىدا بىر قېتىم يايرىماقچى بولدۇق. بىر –بىرىمزگە قاراپ كۈلۈمسىرەشكەچ
خۇشال-خۇرام غىزالاندۇق .ھەممەيلەن شۇنچە خۇشال ئىدۇق -چۈنكى بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىز بار بولغان ئىدى .
     ئىككىنچى كۈنى كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن دادام بىر قېتىم ‹‹ئارداس›› مۇراسىمى تەشكىللەپ  تەڭرىگە بولغان رەھمىتىمىزنى ئىپادىلىدى .كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە بىز يەنە ‹‹ ئاكخاند ››  مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ سېك دەستۇرىنى پۈتۈن ئوقۇپ چىقىدىغان بولدۇق .ئەسلى قائىدە بويىچە  ئۈچ كۈندە تاماملىنىدىغان ۋە كەسپى ھاپىزلار تەكلىپ قېلىنىدىغان بۇ مۇراسىم خىزمەت ۋە بالىلارنىڭ ئوقۇش ئشى سەۋەبلىك ئىككى ھەپتىگە  ئۆزگەرتىلگەن ئىدى .شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنىڭ  خاتا يېرى يوق ئىدى .
شۇنداق قىلىپ يېڭى ئۆيگە كۆچۈش ئارقىلىق بىز ئوتتۇرا بۇرژازىيەنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدۇق ؛ راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئارزۇ دادام –ئانامنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بىز ئەرزان ئىجارىلىك ئولتۇراق رايوندىن مۇھىتى خېلىلا ياخشى ئىجتىمائى رايۇنغا كۆچۈپ كىردۇق .تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ     گۈزەل ئىدى !
    ئۇ چاغلاردا مەن   CNBC غا بەكلا قىزىقىپ قالغان ئىدىم .ئۆزۈمچە ھاياتىم ئۈچۈن پىلان تۈزمەكتە ئىدىم..مەن ھەرقانداق بىر ئىشقا قىزىقىپ قالسام شۇ ئىشقا بېشىمچىلاپ كىرىپ كېتەتتىم .مەن خەۋەرلەردىكى ئىگىلىك تىكلۈگۈچىلەرنىڭ  ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئاخىرى قورۇق قول ئىگىلىك تىكلىمەكچى  بولدۇم.پۈتۈنلەي ئۆزۈمگە تەۋە بولغان شىركەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدۇم .مەن يەنىلا تور بەتكە قىزىقاتتىم .ئۇ بوۋاق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ماڭا بەرىبىر ئىدى .ئۇ چاغدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تور بەت توغرىسىدىكى بىلىمى ھازىرقىدىن خېلىلا تۆۋەن سەۋىيەدە ئىدى .ئۇ چاغلاردا تور بەت باشقىلارنىڭ ئايىغى تەگمىگەن بوش يەر ئىدى .مەن تور بەت بىلەن ھەپلىشىۋاتقان تور مەستانىلىرى تەسىرىدە مەنمۇ تور مەستانىسى بولۇپ قالاي دېگەنىدىم .
1998-يىلى كۈز .مەن ئاخىرى ‹‹ئوتتورا دەرىجىلىك تېز پۈتتۈرۈش ئىنىستوتى››نىڭ تېز پۈتتۈرۈش دەرىسىگە قوبۇل قىلىندىم .ماتېماتىكا دەرىسى ۋاقتىدا مەن چوقۇم 25 ياشقا كىرگۈچە دوختۇر بولالايدىغانلىقىمغا شۇ ئارقىلىق ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغىنىمغا ئىشەنچ قىلدىم . چاتاق يىرى مەن دوختۇرلۇققا قىلچە قىزىقمايىتتىم ،گەرچە  جورجى .كرونى ‹‹جىددىي قوتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ ھېكايىسى ››دېگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا دوختۇرلارنى شۇنچە جەلىپ قىلارلىق نامايان   قىلغان بولسىمۇ مەن يەنىلا سودىغا قىزىقاتتىم . گەرچە مەن مەكتەپنى ياقتۇرمىساممۇ بىراق قۇرامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدا ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاش كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقان ‹‹كىچىك بالا›› ئۈچۈن يىتەرلىك قىزقارلىق ئىش ئىدى .
مەكتەپنىڭ دەرىسلىرى تولىمۇ ئازادە بولۇپ ،دۈشەنبىدىن جۈمە كۈنىگىچە ،سائەت 12دىن باشلاپ ئىككىگىچە بەلگىلەنگەن دەرس ۋاقتىم ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە قېلىپ قالغان ۋاقىتنىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇراتتىم .مەن پەقەت تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەپ نەتىجەمنىڭ  كەينىدە قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ بەرسەملا  مەكتەپنىڭ دەرسلىرىگە قاتناشمىساممۇ بولاتتى .مەن يەنە مەكتەپتىن پايدىلىنىپ نورغۇنلىغان يېتىشمەسلىكلەرنى تولۇقلىغان ئىدىم .مەسلەن: مەن تولىمۇ ئىچ مىجەز بولغاچقا نۇتۇق سۆزلەش دەرىسىگە قاتنىشىشنى ئېلتماس قىلدىم .ھەمدە تۇنجى سائەتتىلا پىراففىسورنىڭ تاپشۇرۇقىغا ئېرىشتىم .ئۇ بىرىنجى كۈنىلا‹‹مەن سىلەرگە بىر قىسىم نۇتۇق تېمىلىرىنى تارقىتىپ بېرىمەن .مەيلى سىلەر قانداق تېمىغا ئېرىشىڭلار كىلەركى ھەپتە چوقۇم مۇشۇ توغرىسىدا بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلەيسىلەر››دېدى.   
  مېنىڭ نۇتۇق تېمام ۋايگرا     Viagra    (ئولۇغ ئەركەك )  توغرىسىدا بولۇپ جىنسىي توسالغۇنى ئاچىدىغان بۇ دورا بازارغا سېلىىنغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى .بۇ تېمىنىڭ قيىنلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى .چۈنكى مېنىڭ ھېچقانداق جىنسىي كەچۈرمىشىم يوق ئىدى .چاتاق يىرى مېنىڭ ئائىلەمدە جىنسىيەت تېمىسى مەڭگۈ چەكلەنگەن  پاراڭ تېمىسى بولۇپ ،بوللىۋودنىڭ ئەڭ ساددا مۇھەببەت فىلىملىرىدە چىقىدىغان ئاددىي قۇچاقلىشىىش كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئەخلاقسىزلىق ،ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىدى .ئانامنىڭ سىستىرالىقىمۇ بۇ دورا توغرىسدا نۇتۇق سۆزلىشىمگە قىلچە ياردەم   قىلالمايتتى .چۈنكى  مەن ئانامنى تېپىپ ئۇنىڭغا ‹‹ ئانا سىز سىستىرا بولغاندىكىن يىڭىدىن بازارغا سېلىنغان بۇ دورا توغرىسدا بىرەر نەرسە دەپ بىرىڭ ››دىيەلمەيتتىم .ئاكا –ئاچىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىشىنىڭمۇ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق ئىدى .چۈنكى ئۇلارنىڭ بىلدىغانلىرى مېنىڭكىدىن  ھەرگىزمۇ پەرقلەنمەيتتى .
    بىر نەچچە يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە بولۇپ ،شۇچاغدا بىر قىز ساۋاقدىشىمدىن تېلفۇن كەلگەندە ،دادام ئىنتايىن  ئاچچىقىلانغان ھالدا :« ئۇ قىز كىم ؟سېنڭچە قانداق قىز بالا ئوغۇل بالىغا تېلفۇن قىلىدۇ ؟ ئۇنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟
-ئۇ پەقەت ئائىلە تاپشۇرۇقىدىن ئوقۇپ كېلىدېغان مەزمۇننى سوراپ تېلفۇن قىپتۇ ،دادا!
- قۇرۇق گەپ .
يەنە بىر قېتىم بىر قىز ساۋاقدىشىم تاپشۇرۇقنى سوراپ تېلفۇن قىلغاندا دادام ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئۆيگە قايتا تېلفۇن قىلماسلىق توغرىسىدا گەپ قىلغاندىن كېيىن تېلفۇننى خېلىلا قوپاللىق بىلەن  قويىۋەتكەن ئىكەن .بۇ ئىشلارنى ئەتىسى ئاندىن شۇ قىز بالىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىدىم .ئۇنىڭغا قىزارغان ھالدا ئارانلا :‹‹ ئەپۇ قىلىڭ ، ئۇ بەلكىم ئارام ئېلىۋاتقان بولسا كىرەك ..››دىيەلىگەن ئىدىم
ئۇ ساۋاقدىشىم ماڭا ئىشەندىمۇ يوق ،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم .دادام ئەنئەنىنى ناھايىتى ياقلىغۇچى،ھەمدە ناھايىتى كەسكىن ئىدى .باشقا بىر دۇنيادا ئۆزگىچە مۇھىتتا چوڭ بولغان دادام ئۈچۈن ‹‹ ئەخلاق سىستىمىسىدا مەسلە بار›› بۇخىل جەمئىيەت ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇق ئىدى .ئەمىلىيەتتە   مەنمۇ قىزلارغا قىزىقاتتىم ،قىزىقاندىمۇ خېلىلا قىزىقاتتىم ،بىراق ئۇلار ماڭا قىزىقامدۇ –يوق؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى.
  دېمەك نۇتۇق تېمىسىنى تاپشۇرۋالغان كۈنى كەچتە مەن پەقەت ئۆزۈمگىلا تايىنالايدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم .تور بەت ۋە كۈتۈپخانىلارنى ئاختۇرۇپ ئاخىرى بىر پارچە يامان ئەمەس نوتۇق تىزىسى  تۈزۈپ چىقتىم ،ۋە ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ ئەينەككە قاراپ مەشىق قېلىشنى باشلىدىم :‹‹ بۇ دورا ھەرخىل جىنسىي توسالغۇلاردىن خالاس     قىلىپ ... قان ئايلىنىشىنى جانلاندۇرۇپ ...›› دېگەندەك ‹‹ چەكلەنگەن ›› سۆزلەرنى قىلېشقا باشلىدىم.نوتۇق سۆزلەيدىغان كۈنى مەن پۈتۈن سىنىپداشلىرىمنىڭ ئالدىدا بەش مىنۇت نوتۇق سۆزلىدىم.ۋاقىتنىمۇ ناھايىتى ياخشى كونتۇرۇل قىلدىم .سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى گۈلدۈراس ئالقىش ياراڭراتتى .مەن  بۇ نوتۇقنى خېلىلا ياخشى سۆزلىگەچكىمىكىن مۇئەللىمىم ( ئۇ ئايال ئىدى ) ماڭا «A » دەرىجىنى بەرگەن ئىدى .
   مەن يەنە ‹‹ پەلسەپە 101›› دەرىسىگىمۇ قاتناشقان ئىدىم .گەرچە مەن تېخى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە  بولساممۇ ،ھاياتنىڭ مەنىسى نېمە ؟ ئولۇغ مۇتەپەككۇرلار بۇ توغرىسىدا نىمىلەرنى دېيىشكەن ؟ مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمەن؟دېگەندەك مەسىلىلەرگە تولىمۇ قىزىقاتىتىم .بىر قېتىم مەن سوقرات بىلەن ۋە  ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش مۇتەپەككۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يازغان ئىدىم .ھەتتا سوقراتنىڭ ‹‹ تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ .شۇندىلا ھاياتتىكى مۇۋەپىقىيەتلەردىن ھەددىدىن زىيادە خۇشال بۇلۇ كەتمەيسىز ،ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ئارتۇق ئازاپ تارتىپ كەتمەيسىز .›› ۋە ‹‹ مەيلى نېمىلا بولمىسۇن چوقۇم توي قىلىڭ ،ياخشى خوتۇن ئالالىسىڭىز بەخىتلىك بولالايسىز،ئەسكى خوتۇن ئېلىپ قالسىڭىز پەلسەشۇناس مۇتەپەككۇر بۇلالايسىز›› دېگەن ئىككى جۈملە ھىكىمەتنى يادلىۋالغان ئىدىم . بۇ ئىنىستىتوتتا شۇنچە تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقاندەك قىلساممۇ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا يېرىم ئىدى . مەن بالدۇرراق ئەمىلىي تۇرمۇشنى باشلاشقا ئىنتىزار ئىدىم.نۇرغۇنلىغان دەرىسلەر گويا ئىسراپچىلىق   ئىدى .مەنمۇDoubleClick تىن ئىبارەت تور بەت ماگىنىتلىرىدەك توربەتتە ئىلان بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا شۇنچىلىك قىزىقاتتىم ،بىراق نەدىن قول سېلىشنى بىلمەيتتىم .
  بۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن يەنە باشقا تىجارەت (سودا) پۇرسىتىنىمۇ ئىزدىمەكتە ئىدىم.مەسلەن :ھۆكۈمران پاي چېكى شىركەتلىرىنىڭ توربەت سىستىمىسى بىلەن شۇنچە ئاستا تونىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ 20دوللارلىق باھا بىلەن ئون نەچچە تورنامى سېتىۋالدىم ،بۇ جەريان تولىمۇ ئاددى بولۇپ تورغا چىقىپلا Dell.net,HPدېگەندەك تورنامىلىرىنى تىزىملىتىمەن .ئاندىن ئائىلە كومپۇيۇتىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارغا ئېلخەت يوللايمەن ۋە بىر تۈمەن دوللارلىق باھا بىلەن ئۇلارغا ئۆز تورناملىرىنى تونۇشتۇرىمەن .بىراق بۇ قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگىدى .48 سائەتتىن كىيىن مەن فىدراتسىيە تېز پوچتىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن پوسۇلكىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .ئانام تولىمۇ غەلىتلىك ھېس قىلىپ ‹‹ سەن تېخى كىچىك بالا تۇرساڭ كىممۇ ساڭا فىدراتسىيە تېز پوچتىسى ئارقىلىق پوسۇلكا  يوللىغاندۇ دەپ ›› سورىغانىدى .
    بۇ پوسۇلكا مەن ئېلخەت ئەۋەتكەن بىر شىركەتتىن كەلگەن بولۇپ ،ئۇلار مەن قويغان باھادىن قورقۇپ كەتمىگەن ئىدى .بۇ خەت ئەسلىدە ھوقۇققا دەخلى قىلىشىنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى بولۇپ ،ھەتتا ماڭا تور نامىلىرىنى دەرھال تاپشۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنىدى .ئىككىنچى كۈنى مەن  باشقا بىر شىركەتتىن يەنە بىر خەتنى تاپشۇرۋالدىم .ئىچىدىكى بىر پارچىسدە تېخى مېنى ‹‹ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قېلىش ›› جىنايىتى بىلەن  ئەيىپلەنگەن ئىدى . مەن ماركا  ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقىمنى راستىنلا بىلمەيتتىم .شۇنداقلا قىسقىلا ۋاقىىتنىڭ  ئىچىدە ئۇلارغا خەت يېزىپ،تور ناملىرىنى ھەقسىز ئۆتۈنۇپ بەرگەنلىكىم ۋە ئۆزۈمنىڭ تېخى ئوتتورا مەكتەپتە ئوقوۋاتقانلىقىمنى ، بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇنچە كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى چۈشەندۈرگەن ئىدىم.  مەن ئۆزۈمچە بۇ خىل يېڭىلىق ئارقىلىق بېيىيالايمەن دەپ بەك ئالدىراپ كەتكەچكە قىلغىنىمنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سۈرۈشتۈرمىگەن ئىكەنمەن .گەرچە پايدا ئېلىش ئۈچۈن تور ناملىرىنى بالدۇر تىزىملىتىش بىلەن ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشنىڭ شۇنچە چوڭ پەرقى بولسىمۇ ،مەن راستىنلا ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان ئىدىم .
ــ يەنە بىرەيلەن مەندىن كۆپ ئەقىللىق بولۇپ   business.com” " دېگەن تور نامىغا بالدۇر تىزىملىتىۋىلىپ  يەتتە مىليون 800مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقان ئىدى .ئەمىليەتتە بۇ ئائىلە تاپشۇرۇقىدىن  خېلىلا ئاسان بولۇپ بۇ تور نام ھىچقانداق بىرىنىڭ ماركىسى ئەمەس ئىدى .مەن ئۆزۈمگە بېيىشنىڭ ئۇنداق ئاسان بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ساۋاق بېرىپ ،مەيلى قانچىلىك كىچىك ئىش قىلاي چوقۇم توغرا قىلىشقا ئىرادە باغلىدىم .
  بىر كۈنى مەن شۇ يەردىكى نېمكەش ماللار بازىرىدا بىر ئادەمنىڭ 50 ئامېرىكا دوللىرىغا سىرتقى قېپى يېڭىلانغان نېمكەش پىرىنتىر ( خەت ئۇرۇش ماشىنىسى ) سېتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.چۈنكى        eBay  تورىدا بۇ خىل ماشىنىنىڭ  300 دوللارلىق باھادا سېتىلىدىغانلىقىنى كۆرگەچكە  ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ھەممە ماللىرىنى سېتىۋالدىم .ھەمدە توردا 200 دوللارلىق باھا بىلەن سېتىپ چىقاردىم .دېمەك ھەربىر پىرىنتىردىن 150 دوللار كىرىم قىلغان ئىدىم .
  بىراق مېنىڭ يەنىلا تاقىتىم يەتمەيتتى .مەن گەرچە بىر كىچىنىڭ ئىچىدە بېيىپ كىتىشكە ئىشەنمىسەممۇ  ئىشەنچىلىكرەك بىرەر پىلاننىڭ بولۇشى كىرەكلىكىنى بىلەتتىم .مەن يەنە مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە  چوقۇم بىرەر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كىرەكلىكىنى ھېس قىلدىم ،مەيلى قانداق تىرىشاي چوقۇم غەلبىگە يېقىنلىشىشىم توغرىسىدا ئىرادەگە كەلدىم .گەرچە ئۇچاغدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى   بەك بىلىپ كەتمىسەممۇ ،تور بەت ئېلانچىلىقى مېنىڭ بىرىنچى تاللىشىم ئىدى،ئەلۋەتتە.بۇ دۇنيا    ھەقىقەتەن ئىزدەنگۈچلەرنىڭ دۇنياسى  ئىدى .كاپىتال ھازىر گېزىت ،تېلىۋىزىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ۋاستىلەردىن تور بەتلەرگە قاراپ ئاقماقتا ئىدى .نۇرغۇنلىغان يېڭىدىن جانلىنىۋاتقان ياش شىركەتلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە ئىدى .
DoubleClick  يەنىلا تور بەت ئىلانچىلىقىنىڭ كاتتىسى ئىدى .بۇ شىركەت مەھسۇلات ئىلانچىلىقىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇپ گىزىت –ژۇرناللارغا ئوخشاش ئېلان كاپتالىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئاققۇزاتى .بىراق ئۇ چاغدا نۇرغۇن يېڭىدىن توردا ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار  ئۈنۈمنى ئاساس قىلىدىغان  ئېلان ئۇسۇللىرىنى تېپىشقان ئىدى .مەسلەن                           ValueClick,Advertising.com,Flycastدېگەندەك شىركەتلەر يېڭىچە يۇمشاق دىتال ئارقېلىق تور ئابۇنتىنى(ياكى تورغا چىققۇچى ) خالىغان بىر ئېلاننى چەككەندىن كېيىن ئىز قوغلاپ ئېلان بىرەتتى .ئەلۋەتتە ئېلان بەرگەن شىركەت ۋاستىچى  شىركەتلەرگە ئۆز ئېلانلىرى باشقىلار تەرىپىدىن چېكىلگەندە ئاندىن پۇل بىرەتتى .مەن بۇنى بىر قېتىملىق  قىممەتلىك پۇرسەت دەپ قارىدىم  .
  ئۇ چاغدا تېخى ئۈنۈمنى ئاساس قىلىدىغان ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشلەر ناھايىتى ئاز ئىدى ،مېنىڭچە بولغاندا مەنمۇ تامامەن ئۇلارنىڭ بىرسىگە ئايلىنالايتتىم .ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل ئېلاننىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاقتەك بىلىنەتتى .بۇ خىل ئېلان ئۇسۇلى ئېلان ئۈنۈمىگە توغرا باھا بىرەلەيتتى .ھېلىقى ئېلانلىرى ئەڭ كۆپ چېكىلگەن ۋە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ئىستىمالچىلار       تەرىپىدىن چېكىلگەن مۇلازىمەت شىركەتلىرى سۆزسىز ئەك  كۆپ  پايدىغا ئىرىشكۈچى شىركەت      ئىدى .    DoubleClick  شىركىتى بۇ خىل شىركەتلەر ئىچىدىكى گىگانىت چولپان ئىدى .بىراق شىركەتنى قورغۇچىلار سودا يۆنىلىنشىنىڭ ئۆزگىرۋاتقانلىقىنى بايقىغاچقىمىكىن ئۇلارمۇ مۇلازىمەت شەكىلىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندەك  ئىدى .
  مەن بۇ خىل مۇرەككەپ كەسىپنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن تور ئېلانچىلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ھەرقانداق ئادەمگە تېلفۇن قىلىشقا باشلىدىم .‹‹ ۋەي ياخشىمۇ سىز ؟ مېنىڭ   ئىسمىم گورى سىڭگى (سىڭگى مېنىڭ ئوتتۇردىكى ئىسمىم ئىدى ).مەن تور بەتتە ئۈنۈم
ئېلانچىلىقى بىلەن  شۇغۇللىنىمەن ›› بۇ خىل ئاتاش چىكىلگەن قېتىمىغا ئاساسەن پۇل تۆلەيدىغان ئېلانچىلىقنىڭ چىرايلىقلاشتۇرۇپ  ئاتىلىشى ئىدى .‹‹ تور بىتىم ئۈچۈن سىزدىن مەسلىھەت سورىسام بولامدۇ ؟›› مەن ئاۋازىمنى ئامالنىڭ بارىچە چوڭ ئادەمنىڭ  ئاۋازىدەك چىقىرىشقا تىرىشاتتىم .شۇنداق قىلسام جىددىيلىكىم  ئازراقمۇ بولسىمۇ پەسەيگەندەك بىلىنەتتى .
  مېنىڭ ھەقىقەتەن بىر تور بىتىم بار ئىدى .بىراق بۇ بەت  مەن بىر قا نچە ھەپتە بۇرۇن Microsoft Frontpage    دېگەن باشلانغۇچ يۇمشاق دىتالىدىن پايدىلىنىپ قۇرغان تولىمۇ ئاددى تور بەت ئىدى .شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۆزۈمچە خېلىلا ياخشى قىلىۋاتقان ئىدىم . بۇ بەت كەسپىي تور بەتلەردىن خېلىلا  پەرىقلىق بولۇپ ، پايدا تاپقان ھامانلا كەسپىي خادىمدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم .بىراق مۇھىم ھالقا تور بېتىمنى بىرەرسى زىيارەت قىلىپ  قويمايىتتى .ئەگەر زىيارەت قىلدى دىسەكمۇ  ئۇ مېنى ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپلا  بىلەتتى ،شۇنداقلا بۇ تور بەتمۇ باشقا تور بەتلەردەك ئەمدىلا قۇرۇلغان ئىدى .
    بۇ كۈنلەردە مەن تېلفۇن ئۇرۇپ يۈرۈپ خېلى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ قالغان  ئىدىم .مەسلەن:مۇتلەق كۆپ قىسىم توربەتلەر  بىۋاستىلا ۋاكالىتەن ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەردىن  ئېلانغا ئېرىشەتتى .شۇنداقلا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ۋاكالەتچىنىڭ قولىدا 10-20 ئەتراپىدا مۇئامىلىدار بولاتتى .بىراق مەندە بىر مۇئامىلىدار بولسىلا بولاتتى .ئەگەر بىرەر ۋاكالەتچى شىركەت مەن بىلەن ھەمكارلىشىنى خالىسىلا مەنمۇ پۇل تېپىشنى باشلايتتىم .
بۇ قىلچە تەس يىرى يوق  بولغان سان ئويۇنى ئىدى ، ئۇ قانچە كۆپ چېكىلسە شۇنچە كۆپ پۇل تېپىشقا بولاتتى.
مەن بۇ خىل 》تەتقىقات《 بىلەن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللاندىم.ھەر خىل شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ خېرىدار مەنبەسىنى سۈرۈشتۈردۈم . ئۇلار كىم بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ؟ قانچىلىك پۇل تېپىۋاتىدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى ئۇلار يەنە قانچىلىك ۋاقىت پۇل تاپالايدۇ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. مەن يەنە ئېلان بەرگۈچى، ئېلان ۋاكالەتچىسى ۋە تور بەت ئىگىلىرى ئارىسىدىكى پايدىنىڭ تەقسىملىنىشىگە تولىمۇ قىزىقاتتىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا:ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بۇ" لوق گۆش" نىڭ قانچىلىك قىسىمغا ئېرىشكەنلىكى مېنى تولىمۇ قىزىقتۇراتتى.
مەن توردا پۇرسەتنىڭ تولىمۇ كەڭرىلىگىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم.  پەقەت بىرەر ئېلان ۋاكالەتچىسىنى قايىل قىلالىساملا چوڭ شىركەتلەر بىلەن رىقابەتنى باشلىيالايتتىم. بىراق ئىش باشلىنىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان ئىز قوغلاش دېتالىغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن  بىر نەچچە ھەپتىدەك تور ئاختۇردۇم.
ئاخىرى لوندوندىكى بىر شىركەتتە مەن ئىزدىگەن دېتالنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇم، گەرچە بۇ دېتال مەن كۆرگەن باشقا يۇمشاق دېتاللاردەك مۇرەككەپ ۋە پىشىپ يىتىلگەن بولمىسىمۇ ماڭا تولىمۇ ماس كېلىدىغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۆزۈم تۆلىيەلىگىدەك باھادا  بۇ دېتالنى سېتىۋالالايتتىم.
مەن  ئاخىرى تەقدىرىمنى بەلگىلەيدىغان تېلىفۇننى ئۇردۇم. نەتىجە شۇ بولدىكى بۇ شىركەتتە پەقەت بىرلا ئادەم بار ئىكەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سان خوسې شەھىرىگە كەلدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئاران 16ياشقا كىرگەن، بېشىغا سەللە ئورىغان ھىندىستانلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتمىدىم، بۇلار مۇھىم ئەمەس ئىدى. مۇھىمى مەن بۇ سودىغا قىزىققان سودىگەر ئىدىم.
مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ رايوندىكى ۋاندىر مېھمانخانىسىدا كەچلىك تاماق يېيىشكە كېلىشتىم. ئاكامنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولغانلىقى ئۈچۈن دادامنىڭ ماشىنىسىدا مېنى ئاپىرىپ قويدى. ئاكامنى بۇ كىشىگە سودىدىكى شېرىكىم دەپ تونۇشتۇردۇم. ئەمما  مەن ئازراق جىددىيلىشىۋاتاتتىم، چۈنكى  بۇ سودىنى بەكلا قىلغۇم بار . ئەمىلىيەتتە ئۇ  مەندىنمۇ بەكرەك جىددىلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.21ياشلىق بۇ تاتىراڭغۇ يىگىت ئىنگلىزچىنى قويۇق  ئەنگلىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى،   ئۇ يېنىدا پۇلنىڭ تايىنى يوقلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ سودا ئۇنىڭ شىركىتىنى ۋەيران بولۇشتىن ساقلاپ قالالايتتى. بۇ ماڭا تولىمۇ پايدىلىق بولۇپ،ئۇ ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا مەجبۇر بولدى. سۆھبەت ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا  بولغاچقا، مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
شۇ كۈنى غىزالىنىپ بولغۇچە ئۇنىڭ  يېنىدا مېھمانخانىدا قونغۇدەك پۇلنىڭمۇ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۇنى بىزنىڭ ئۆيدە قونۇشقا تەكلىپ قىلدىم. مەن ئاكام بىلەن مېھمانخانىغا چىقىپ يېتىپ ياتاق ئۆيىمىزنى ئۇنىڭغا ئۆتۈندۇق. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ،بىز  بىر ئائىلە كىشىلىرى  بىلەن بىرگە ناشتا قىلغاندا،  باشقىلار بۇنى تولىمۇ غەلىتە ھېس قىلىشتى. ئانام ھەتتا >:بۇ ئاق تەنلىك بالا كىم ؟<دەپ سوراپ ئۈلگۈردى.
> ئانا، مەن ئۇنىڭ بىلەن تور بەتكە مۇناسىۋەتلىك سودا قىلىۋاتىمەن. بۇ ئىشتىن  مەن ebayدا پرىنتىر ساتقاندىن كۆپرەك پايدا تاپالايمەن. ئۇمۇ ئۇزۇن تۇرمايدۇ<دېدىم مەن.
ناشتىدىن كېيىن ھەممەيلەن ئۆز ئىشىغا مېڭىشتى مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مېھمانخانىدا سودا ئىشىمىز توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ لوندوندا بىر‏قانچە توربەت قۇرۇپ ئېلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بەك ياخشى قىلىپ كېتەلمەپتۇ. ئۇنىڭ يۇمشاق دېتالى خېلى ياراملىق بولسىمۇ يەنىلا بەزى ئۆزگەرتىشلەرگە مۇھتاج ئىكەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن بۇ دېتالنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلدىم. گەرچە مەن پروگرامما يېزىشتىن ھېچنىمە بىلمىسەممۇ، بىراق ياخشى بىر پروگراممىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سودىگەر بولغاچقا دىققەت نەزىرىمنى ئۆزۈمگە كېرەكلىك نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈردۈم.  بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ بەزى چەكلىمىلىگى بارلىقى ئېنىق ئىدى ،بولۇپمۇ ئۇ بىرتەرەپ قىلالايدىغان تور ئېقىمىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، بىراق ئادەتتىكىچە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇ يەنىلا مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقالايتتى. گەرچە پروگرامما ئەھلى بولمىساممۇ ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ ئۆز تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىر كۈن پاراڭلىشىپ بۇ دېتالنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ھالەتكە يېتىشىگە خېلى ۋاقىت بارلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ قىلچە ئىرەن قىلمىدىم، چۈنكى بۇ خىل مۇكەممەللىك يەنە نۇرغۇن پۇل قوشۇپ ئاندىن ئۇنى سىېتىۋېلىشىم كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.
ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە ئىككى كۈن تۇردى، بۇ جەرياندا ياتاق-تامىقى پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەنگەندىن باشقا ئۇ يەنە جىمجىتقىنا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ پەنجاب تىلىدا قىلغان پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلىدى. ئۈچىنچى كۈنى  ئاكام بلەن بىرگە ئۇنى ئۇزىتىپ ئايدۇرۇمغا ئاپىرىپ قويدۇق.
ئۇ لوندونغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ھەركۈن دېگۈدەك تېلفۇنلىشىپ تۇردۇق، ئۇ ئالدىراشلىق بىلەن ئاخىرى مۇكەممەل بولغان ئىز قوغلاش دېتالىنى پۈتتۈردى ۋە 30مىڭ دوللارلىق باھا بىلەن ماڭا سېتىپ بەردى . مەن سودا توختامىمدىكى مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى پۈتۈنلەي ئۆزۈم تۈزگەن بولۇپ ،بۇ توربەتلەردىكى نەچچە ئون پارچە توختامنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققانلىقىمنىڭ نەتىجىسى ئىدى. گەرچە مەن ئادۋوكات بولمىساممۇ، ماڭا كېرەكلىك ھەممە نەرسىنىڭ تور بەتتىن تېپىلىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى.)بۈگۈنكى كۈندە تور ئاختۇرۇش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ سىز نۇرغۇنلىغان ھەقسىز توختام ئۈلگىلىرىگە ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز(.توختام بويىچە ،بۇ يۇمشاق دېتالنى 90كۈن سىناپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ناۋادا ئىشەنچلىك بولسا ئاندىن پۇل تۆلەيتتىم. مەن  تېزلا ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ، مېنىڭ بارلىق ھاجىتىمدىن چىقالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ 90 كۈن ئىچىدە مەن ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان پۇلنى جەملىمەكچى ئىدىم ،بۇلارنى ئۇنىڭ بىلىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق ئىدى.
   مەن يەنە ئۇنىڭغا مۇۋاپپىقىيەتلىك ھەمكارلىشالىساق ئۇنى يەنە بۇ دېتالنى باشقۇرغۇچى قىلىپ تەكلىپ قىلىدىغانلىقىمنى ،ئايلىق ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقىمنى ،كېيىنچە  ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتسە  ئايدا بىر تۈمەن دوللارلىق مائاش بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىمنى دېدىم،گەرچە بىر تۈمەن دوللار ھازىر مەن ئۈچۈن خېلىلا  يۇقىرى سومما بولسىمۇ،لېكىن بۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەرزىمەس سان ئىدى. ھالبۇكى، كەلگۈسى دەل  مۇشۇ ھەمكارلىشىشتىن باشلىناتتى.
-  بەك ياخشى بولدى،‏‏- دەۋەتتى ئۇ.
-  مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن- دېدىم مەنمۇ.
  شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سودام باشلاندى. كومپىيوتىر ھەققىدە  ھېچنىمە بىلمەيتتىم.  پىروگىرامما يېزىش، تور بىخەتەرلىكى...دېگەنلەرنى  چۈشەنمەيتتىم. شۇنداقلا ئۇلارنى بىلىپ كېتىشىمىنىڭ ئالاھىدە زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ھازىر مەندە ياخشى بىر يۇمشاق دېتال بار بولۇپ،  بار كۈچۈم بىلەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ،ئۆزۈم  ئېلان سودىگەرلىرى ۋە ئېلان بەرگۈچىلەر بىلەن ياخشى ئالاقە ئورناتساملا  بولاتتى.  يەنى  ياخشى بىر ئېلان ئىشلەتكۈزۈپ، تور بېتى بار بىرسى ئارقىلىق ئېلان مۇلازىمىتى قىلساملا  سودا قىلالايتتىم.
  يۇمشاق دېتال سودىسىغا ئىمزا قويغان ئاشۇ ھەپتىدە، مەن تور بەت شىركىتىمنى قايسى خىل شەكىلدە قۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇردۇم. ھەمدە 99 دوللارغا ئۇنىمۇ پۈتتۈردۈم ،     شىركىتىمگە Click Agent كىلىك ئېيجىت     )ۋاكالەتچى چەككۈچ(دېگەن نامنى قويدۇم، چۈنكى مەن تېخى قۇرامىمغا توشمىغان ئىدىم. ئاكاممۇ خوشاللىق بىلەن بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى، شۇ سەۋەپتىن مەن ئۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى  بىلدۇرىمەن. )ئەلۋەتتە، دادامنى بۇ خىل خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدۇرمايتتىم(.كېيىنكى باسقۇچتا مەن ئېلان ۋاكالەتچىلىرىگە تېلفۇن قىلساملا بولاتتى، قالغىنى مېنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان ئىشىم بىلەن  تامامەن ئوخشايتتى. مەن پەقەت تېخىمۇ تەلەپچان، تېخىمۇ ئېغىر بېسىق بولۇشۇم كېرەك ھەمدە  بىر ھەمكارلاشقۇچىغا- مەيلى قانداقلا ئادەم بولسۇن! ‏- تولىمۇ مۇھتاج ئىدىم. بىراق بۇ قېتىم تەسرەك بولدى. گەرچە باشقىلارغا تېلفۇن قىلىش ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، بىراق ھەمكارلاشقۇچى تېپىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى. مەن، فامىلىنىڭ قىسقارتىلما ھەرىپى+ ئىسىم + @ + شىركەت نامىcom + ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېلىخەت ئادىرسىنى پەرەز قىلىپ  ،ئاۋۋال  ئۇلارغا ئاۋازلىق ئېلىخەت يوللىدىم، چۈنكى ئۇلار بىلەن بولغان  ھەمكارلىققا مۇھتاجلىقىمنى بىلىندۈرمەسلىكىم كېرەك ئىدى.  ئارقىدىن ئېلخەت يوللايتتىم. ئەگەر بىرەرسى  ئېلىخەت قايتۇرسا مەن تەييارلىق قىلغىنىم بويىچە >>: مېنىڭ  Cilck Agent تىن ئىبارەت بىر شىركىتىم بار  ، بىز بىر تور بەتلەر ئويۇشمىسى، مەن سىزنىڭ ئېلانلىرىڭىزنى ئاشۇ تور بەتلەرگە قويۇپ سىزنى تەشۋىقات بىلەن تەمىنلەيمەن ۋە چېكىلىش قېتىم سانىغا ئاساسەن ھەق ئالىمەن << دەپ ئېيتىمەن.
  ئەمىليەتتە مېنىڭ ھېچقانداق بىرلەشمەم يوق ئىدى. مەن تېخى ھېچقانداق قانۇنلۇق تور بەتلەر بىلەن ئالاقە ئورناتمىغان ئىدىم. بىراق ۋاكالەتچى شىركەت بۇنى بىلىمىسىمۇ بولاتتى .مەن  گەپلىرىم ئارقىلىق قارىشى تەرەپنى قايىل قىلىپ ئىشنى  پۈتتۈرەتتىم.
  ئىككى كۈندىن كېيىن مەن  ئاخىرى بىر كوزۇرغا ئېرىشتىم. سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى   
(  Field  (Left    ئېلان شىركىتىدىكى مۇھىم بىر  كىشىگە تېلفۇن قىلدىم. سولدىكى قىرغاقتا ئىسمى Snfoseek دىيىلدىغان ئىزدەش تورى بولۇپ، خىزمەت خارەكتېرى Google بىلەن ئوخشايتتى، ئۇلار شۇ چاغدا   تور ئېقىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامال ئىزدەۋېتىپتىكەن. >> ئەگەر سىز ماڭا 30 تۈمەن دوللارلىق زاكالەت بەرسىڭىز،سىزنى ھەر چېكىلىشى بىر دوللارلىق تور ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيمەن<< دېدىم ئۇلارغا. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەن ئۇلارنى ئاز دېگەندىمۇ 300 مىڭ قېتىملىق چېكىلىش بىلەن تەمىنلەيتتىم.

  ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىلاشتى ھەمدە قىستۇرما ئېلان بېرىش توغرىسىدا ھەمكارلىق توختامى ئەۋەتتى. مەن يەنە  سودا قىلىشقا باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 300 مىڭ دوللارلىق توختامنى ئىمزالىدىم. ئۇلار يەنە ئالتە ھەپتە ئىچىدە 300مىڭ قېتىملىق چېكىلىشىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. مەن دەرھال ئېلان بېرىدىغان توربەتلەر بىلەن ئالاقىلاشتىم،ھەمدە ئۇلارغا:«ناۋادا سىلەر مېنى بۇ ئىزدەش تورىنىڭ ئېلانىنى قۇيىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلىسەڭلار پايدىسىنى سىلەرگە تەڭ ئايرىيمەن.»دېگەندەك ئىسسىتمىنى ئەۋەتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بۇ تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلدى،بەزىلىرى قۇبۇل قىلغان بولسىمۇ،تېخىمۇ كۆپ ئۈلۈش پايدا تەلەپ قىلغانىدى.بىر نەچچە كۈنگە قالماي ئېلان تور بەتكە قويۇلدى.شۇنداقلا كىشىلەر بۇ ئىزدەش تورىنىڭ ئېلانىنى چېكىشكە باشلىدى.ئىزدەش تورىمۇ ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشان-تور ئىقىمىنى كۆپەيتىشكە ھەتتا ئالدىنىقى كۈندىكىدىن ئارتۇقراق نەتىجىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇناتتى .
-ياخشى قىلدىڭ گوري-دېدى،سول قىرغاقتىكى ھېلىقى كىشى-بىز يەنە نېمە ئىش قىلالايمىز؟
-مەن سىزنىڭ تور ئېقىمىڭزنى يەنە بىر قاتلاپ بېرەلەيمەن.
-بەك ياخشى بولدى،مەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئىزدەش تورى بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزگە ئۇچۇر بېرىمەن.
  چوڭ ئىشىك ئاخىرى ئىچىلدى،ئەمدى مەن بۇ ئىشىكنىڭ ئوچۇقلۇق ھالىتىگە كاپالاتلىك قىلىشىم كېرەك ئىدى.سودا ئىشلىرىدا قارشى تەرەپكە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش تولىمۇ مۇھىم بۇلۇپ ھەممە ئىشىڭىزنى بەللگىلەيتى.مەن بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن بېرەر ئالاھىدە ئىقتىدارغا تاياندىممۇ؟ياق!مەن ئۇنداق قارىمايمەن ،مەن بۇ جەرياندا پەقەت ئەدەپلىك،ناھايتى كەسىپچان ۋە ئىشەنچىلىك بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەت قازىنالىدىم.بىراق تېخىمۇ مۇھىمىي شۇكى، مەن سول يان قىرغاقتىكىلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالىدىم.
ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلار مۇھتاج بولغان ۋاقىت،ھالقىلىق ماكاندا ھازىر بولدۇم.شۇنداقلا ئەڭ ئاسان ئىشىنىدىغان ھېكايە ئارقىلق ئۇلارنى قايىل قىلدىم.
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تۇنجى پۇل چېكىنى تاپشۇرۇۋالدىم،300مىڭ ئامىرىكا دوللىرى –مېنىڭ ئىشەنگۈم كەلمەيتى،مەن دەرھال ئاكامنى تېپىپ:«سەن ماڭا بانكىدىن ھېساپ ئېچىپ بەر.»دېدىم.
-نېمىشقا ھېساپ ئاچماقچى بولىۋاتىسەن؟
-بۇنىڭ ئۈچۈن ،-مەن ئۇنىڭغا پۇل چېكىنى كۆرسەتتىم.
-ۋاھ!
-ھەئە،ۋاھ،-دېدىم
بىز ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېقىن تارمىقىدىن تاجنىڭ قول قويىشى بىلەن مېنىڭ  تۇنجى ھېساباتىمنى ئاچتۇق،گەرچە شىركەت ماڭا تەئەللۇق بولسىمۇ يېشىم كىچىكلىكى سەۋەبىدىن ھېساب ئاچالمايتتىم،پەقەت تاج ئارقىلىق ئاندىن ئۈزۈلمەس بايلىقنى كۈتىۋالالايتىم.
-دادامغا دېمەي تۇر،ئاكا!
-بۇ پۇللار قانۇنغا خىلاپ ئەمەس،شۇنداقمۇ؟
ئەلۋەتتە!دادم ئۇنداق چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.
بانكا ھېسابىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئاكامنىڭ قولىدا ئىدى.بىراق مەن ئاكامغىمۇ ئىشەنمىسەم بۇ دۇنيادا مەن ئىشىنىدىغان ئادەم قالمايتتى.
ئىككىنچى كۈنى مەن كەسپىي خادىمدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ تور بەتنى قايتىدىن ياساتماقچى بولدۇم.مېنىڭچە بولغاندا تور بېتىم پۈتۈنلەي كەسپىي شىركەتلەرنىڭ تور بېكىتىدەك ھالەتكە كېلىشى كېرەك ئىدى.مېنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىم ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايتتى.ھەرقانداق بىر مۇئامىلىدار تور بېتىمدىكى ئۆزگىرىشچان رەسىملەر بىلەن 3D دا ياسالغان شىركەت بەلگىسىنى كۆرگەن ھامان مېنى زور كۆلەمدىكى شىركەتنى يىتەكلەۋاتىدۇ،دەپ ئويلىشى كېرەك ئىدى.بىلىشىمچە نۇرغۇن مۇئامىلىدارلىرىم مېنىڭ تور بېتىمنى زىيارەت قىلىپ يۈرمەيتتى.مۇھىمى ئۇلار مېنى توختامغا رىئايە قىلىدىغان ئىشەنچىلىك ئادەم دەپ چۈشەنسە بولاتتى.ئۇلار مېنى ھەرگىزمۇ ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن بالا دەپ قارىمايتتى،چۈنكى مەن ئۇلارغا تەلەپچان كەسپىي خادىملاردەك تەسىر بەرگەنىدىم،بۇ يەردە مېنىڭ ئىلگىرى دەپ ئۆتكەن بىر تەجىرىبە-ساۋىقىم كۈچىنى كۆرسەتكەنىدى.:ئۇقۇم ئەمەلىيەتكە(ھەقىقەتكە)تەڭداش ئىدى.ئۇلارغا نىسبەتەن:تېلىفۇندا پاراڭلىشۋاتقىنى  بىر كىچىك بالا ئەمەس بەلكى كېلىشىمگە قەتئىي رىئايە قىلىدىغان تەلەپچان كەسپىي خادىم  ئىدى.
ئۇزۇنغا قالماي مېنىڭ سودام تېخىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى،بۇلاردىن تېخىمۇ مۇھىم بولغان تەجىرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلىدىم:كىشىلەر ئاساسەن  دېگۈدەك شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يېڭىدىن بىر نەرسە تېپىپ چىقىش كېرەك دەپ ئويلايتتى.بىراق بۇ كىشىگە رىۋايەتتەك تەسىر بېرەتتى-تەۋەككۈلچى كاپىتالىستلار دائىم شۇنداق دىيىشەتتى.ئەمەلىيەتتە،ئۇلارنىڭ سىزدىن تۇنجى بۇلۇپ سورايدىغىنى:«قانداق نەرسە سىزنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈردى ؟سىزنىڭچەقانداق سەۋەب سىزنىڭ شىركىتىڭىزنى باشقا شىركەتلەردىن پەرقلەندۈردى؟ بىز سىزگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن چوقۇم يۇقارقى سۇئاللارغا قانەئەتلىك جاۋاب ئېلىشىمىز كېرەك.»دېگەنلەر ئىدى.بىراق ئۇلار چۈشەنمەيتى (ھەتتا ھەممە ئادەم دېگۈدەك چۈشەنمەيتى)پەقەت سىزنىڭ ماسلاشقان ئادەملىرىڭىز بىلەن ماسلاشقان باشقۇرىشىڭىز بۇلۇپ باشقا رىقابەتچىلىرىڭىزدىن تېخىمۇ ياخشى قىلسىڭىزلا سىز چوقۇم يەڭگۈچى بولالايسىز.ClickAgents قۇرۇلغاندىن كېيىنلا مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ كۆل ئىچىدىكى بىر تىنىمسىز بېلىجان ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلغان ئىدىم،ھەتتا ئۈنۈم ئېلانچىلىقى دېگەن ئۇقۇمنى مەن ئىجاد قىلمىغان بولساممۇ،شىركەت تەرەققىياتىمغا ئەگىشىپ چوقۇمكى باشقىلاردىن ياخشى قىلىشقا تىرىشاتتىم،رىقابەتچىللىرىمدىن نەتىجە،ئۈنۈم ۋە كەسپىي جەھەتلەردە ئېشىپ كېتىش- مېنىڭ جەلىپ قىلارلىق تەرىپىم ئىدى. پوزىتسىيەم تولىمۇ ئاددى-مەن قىلالايدىغانلىقىمغا،قىلغاندىمۇ تېخىمۇ ياخشى  قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.دەسلەپتە ياخشى قىلالمىساممۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقا تىرىشاتتىم. مەن باشقا رىقابەتچىلىرىمنى قوغلاشقا ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالايتتىم .
يەنە بىر قىتىم تەكرارلىسام:ئېگىلىك تىكلىشىڭىز ئۈچۈن قانداقتۇر بىر يىڭى ئىدىيىگە ئېگە بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.ئەمەلىيەتتە سىز باشتىلا يىڭى نەرسىلەر  بىلەن شۇغۇللىنىپ كەتسىڭىز باشقىلار سىزنىڭ تىجارەت شەكلىڭىزنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىن گۇمانلىنىدۇ.ئەگەر سىزنىڭ ناھايىتى يىڭى ۋە ناھايىتى ئاقىل بىر يىڭىلىقىڭىز بۇلۇپ دەۋرىڭىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنى چۈشەنمىسە ئۇلار سالىدىغان (ناھايىتى مۇھىم بولغان)مەبلىغىدىن قۇرۇق قېلىشىڭىز مۇمكىن.مېنىڭچە سىز چۇقۇم باشقىلار چۈشىنەلەيدىغان ئىشلاردىن باشلاپ ئاندىن ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغان يىڭىلىققا ئۇلاشتۇرىشىڭىز كېرەك ئىدى.نېمىلا ئىش باشلىغاندا سىز يىڭىدىن ئۆزگىچە چاق ئىجاد قىلىشنى ئويلىماڭ.ئاستا ئىش باشلىسىڭىزمۇئېغىر-بېسىق تەرەققىي قىلىڭ ،ھەر بىر قەدىمىڭىزنى مەزمۇت بېسىپ رەقىبىڭىزگە قارشى تۇرالىغۇدەك بولغاندىن كىيىن ،ئاندىن يىڭىلىق يارىتىڭ.
مېنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنالىشىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مېنىڭ بايلىققا بولغان قارىشىم تولىمۇ ساغلام ئىدى.مەن ئەلۋەتتە بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتمىسەممۇ بۇلاتتى.مېنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا مەقسىدىم بار ئىدى.مەن يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم ھەمكارلاشقۇچىلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرەتتىم،ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى،مۇھىمى سىزنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز ئىدى.مەن ھەربىر خېرىدارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتىم،نۇرغۇن ئىشىكلەرنى ئاچالايدىغانلىقىم ماڭا ئېنىق ئىدى،بۇ بىر قاتار ئىشىك تېخىمۇ چوڭ ئىشىكلەرنى ئېچىشمغا چۇقۇم ياردەم بېرەلەيتى.مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداش بىلەن توختاملاشقۇچىغا كىلىشىمدىن ئارتۇقراق نەتىجە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئېنىقكى ئىككى خىل ئىش .مەن بۇ ئىككىسىدىن كېيىنكىسىنى بەكرەك كۆزلەيتىم. كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ نەزىرى يەنىلا نەتىجىدە بۇلۇپ ئۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىڭىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ،ياخشى نەتىجە  كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ،ئىشەنچ يوقىرى پايدىلىق ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىققا ئېلىپ بارىدۇ،ئەلۋەتتە.
بۇيەردىكى مۇھىم نۇقتاشۇكى:ھەرگىزمۇ پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلماڭ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ئەڭ بولمىغاندا پەقەتلا پۇل ئۈچۈن بېرەر ئىش قىلماڭ.گەرچە پۇل تېپىشقا ئىنتىلسىڭىزمۇ،ئۇنى بىردىنبىر نىشانىڭىز قىلىۋالسىڭىز ئۇ ھەربىر قارارىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن.سىزنىڭ ھەربىر قارارىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن ئاچكۆزلۈك دەپ چۈشىنىلىشى مۇمكىن.دېمەك پۇل پۇت-قولىڭىزدىكى كېشەن بولماي غەلبە مۇساپىڭىزدىكى كۆۋرۈكلەردىن بولىشى كېرەك.
ئېگىلىك تىكلەش ئاسترونومىيە ئىلمىگە قارىغاندا خېلىلائوڭاي بۇلۇپ،ئاددىيسى دۇكانغا كىرىپ بېرەر نەرسە سېتىۋالسىڭىز پىركازچىك يا قىزغىن ئەمەس،يا زىرەك ئەمەس بىرسى بولسا سىزنىڭ بۇ دۇكانغا ئىككىنچى رەت كىرىشىڭىزنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە.ئەگەردە پىركازچىك ناھايىتى جانلىق بۇلۇپ سىزنى ھۆرمەتلىسە ،ئەڭ مەنىسىز خىزمەتتىمۇ ئەڭ يۇقىرى بېغىشلاش روھىنى ئىپادىلىسە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان سودىنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە يۇقىرى ئۆرلىشى مۇستەھكەم ئاساسقا ئېگە بولىدۇ.ھەر قانداق ئىش قىلماڭ بىر كۈندىلا نەتىجە قازىنىمەن دەپ ئويلىماڭ،ياخشى پۇزىتسىيە سىزگە بىر ھەپتە،ھەتتا بىر ئايغىچە نەتىجە بەرمەسلىكى مۇمكىن،بىراق ئەڭ ئاخىرىدا سىز يەنىلا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز،بۇ بولسىمۇ ئاددى ئەمما تولىمۇ مۇھىم بولغان ساۋاق بۇلۇپ،ھەرگىزمۇ كىچىك نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ كۆپرەك نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ،ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ قانائەتلىنىپ قالماي ئالغا ئىنتىلىشچان پىسخىكىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ ھەمدە رىقابەتچىلىرىڭزدىن خېلىلا ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ.كۈنسېرى قىستىلىۋاتقان سودا ساياھىتىڭىزدە باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى قىلىش ئارقىلىق يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىڭ.


ھەركۈنى ئەتىگەن  مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن مەن مۇھىم ئەسلەتمىلەر خاتىرەمنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىقىمەن، ئۇنىڭ ئىچىدە كەسپىمنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئېگە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار يېزىلغان بۇلۇپ-مۇشۇنىڭ بىلەن يىڭى بىر كۈنۈم باشلىنىدۇ.بىر نەچچە يىلدىن كېيىن نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارنىڭ مەن بىلەن ئوخشاش ئۇسۇل قۇللىندىغانلىقىنى بايقىدىم ئۇلار يەنە بۇنداق قىلىشنى مۇھىم ئەسكەرتىشلەر كۆزنىكىKPIS دەپ ئاتىۋالغانىدى،ئۇلار بۇ خىل ئاددىي شەكىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەتىجىللىرىگە باھا بىرىشەتتى،ئۆزىنى نازارەت قىلىپ تۇراتتى:مۇئامىلىدار كۆرسەتكۈچىسى،ئايلىنىش نىسبىتى،پايدا نىسبىتى،قەرز...دېگەندەك بۇ خىل نازارەت چىكىنىڭ ئاساسلىق دىققەت قىلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىللىرى ئىدى.بىۋاستە سەزگۈممۇ بۇنداق قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.مەنمۇ ھەر كۈنى كۈندىلىك پايدا جەدىۋېلى،كۈنلۈك،ھەپتىلىك ،ئايلىق ھەمدە شۇپەسىللىك پايدا خامچوتىنى تۈزىۋالغانىدىم.ئەمەلىيەتتە مەن شۇ پەسىلدىن كېيىن يەنە مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرالىساملا خېلىلا چوڭ نەتىجىگە ئىرىشكەن بولاتتىم.بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن  رىقابەتچىللىرىمنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلاتتىم.ئاخىرىدا ياقامنى قىرلاپ قويۇپ يېڭى ئېلان بەرگۈچى ۋە ئېلانچى خوجايىنلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى باشلايتىم.
ئۇزاق ئۆتمەي مەنمۇ نۇرغۇن خېرىدارلارغا ئېرىشتىم،شۇنداقلا ئۇلار ئېلىپ كەلگەن كۈنسېرى يۇقىرىلاۋاتقان كىرىمگە ئېرىشتىم،مەن 500مىڭ دوللارلىق زاكاس تاپشۇرۇۋالدىم،رېكورد يېڭىلىنىۋاتقان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولدۇم.كېيىنكى بىر ئايدا زاكاس تالونى يەنە بىر قاتلاندى،بۇ خىل ئەھۋال ئۈزۈلمەي تەكرارلاندى.
لىكىن شىركىتىم يەنىلا بىر كىشلىك شىركەت بولغاچقا ناھايىتى ئەنسىرەيتتىم،گەرچە خېلىلا ياخشى تور بېتىمدىن بىرى بولسىمۇ،نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئۆزۈمنى كەمتۈك ھېس قىلاتتىم.مەسىلەن:مەن پۇل چېكىنى قولۇمدا يازاتتىم، ئەلۋەتتە بۇ كەسپىي خادىملارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئەمەس ئىدى.شۇڭلاشقا مەن ئاددىغىنە كومپىيوتىر پروگراممىسى ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلدىم.كېيىنىكى قېتىم مەن تېلىفۇن لىنىيەرىمنى ئايرىم قىلىپ ئەسلىدىكى ئاۋازى تولىمۇ تۆۋەن ئەرزان باھالىق تېلىفۇننىڭ ئورنىغا مەخسۇس تېلىفۇن ئورناتتىم،مەن يەنە كەسپىي ئاۋازلىق ئېلخەت سېستىمېسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ھالقىلار ئىدى (مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنداق بولمىسىمۇ،چۈنكى باشقىلارغا ئىشەنچ ئېلىپ كېلەلەيدىغان شىركەتلەر يەنىلا كەسپىي شىركەتلەر ئىدى)ھەر قانداق بىر شىركەت سىزگە ھەقىقىي ئىشەنچ قىلسا چوقۇمكى سىزنى دوستلىرىغا تۇنۇشتۇرىدۇ.
مېنىڭ تىجارىتىم كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بولسىمۇ،تەرەققىياتى يېتەرلىك تېز ئەمەستەك بىلىنەتتى،مەن ئۇنىڭ تېخىمۇ تېز،مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.شۇڭلاشقا مەن باشقىلاردەك مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەشكە كىرىشتىم.
بىر مەزگىللىك ئۇرۇنۇشلاردىن كىيىن مەن سانتا كلارا(( Santaclaraدىكى بىر يىغىندىن ئىزدىگەن نەرسەمنى تاپقاندەك بۇلدۇم،بۇ يىغىن ھىندىستانلىق كارخانىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ ھىندىستانلىق مۇھاجىرلار قۇرغان كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلاتتى.بىر كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا مەن پەقەت بىرلا ئالاقىلىششقا بولىدىغان ئادەمنى تاپتىم-45ياشلار ئەتراپىدىكى ھىندىستانلىق مۇھاجىر-گوياكى ئۇنىڭ ماڭا مەبلەغ سېلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ ئىدى،ئۇ مەن بىلەن كېلەركى ھەپتە ئازىرتون(Atherton)غا جايلاشقان ئۆيىدە كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى.
شۇكۈنى ئاكام مېنى ماشىنا بىلەن ئازىرتونغا ئەكىلىپ قويدى.ئازىرتون رايۇنى شەكسىز بۇ دۆلەتتىكى بايلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى ئىدى.بۇ ھىندىستانلىق مۇھاجىر يوغان بىر دەرۋازا ئىچىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك داچىدا تۇراتتى. شۇ چاغدا خىزمەتكارلاردىن بىرى چوڭ ئىشىك ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان بۇلۇپ .ئۇبىزگە يول باشلاپ ھەشەمەتلىك زالدىن ئۆتۈپ كۈتۈپخانىغا ئەكىردى،ئۇنىڭ خوجايىنى بىزنى ساقلاۋاتقان ئىكەن،مەن ئاكامنى يەنىلا سودىدىكى شىرىكىم دەپ تونۇشتۇردۇم.ئۇكىشى باش لىڭشىتىپ قويدى ۋە يەنە بىرەر نەرسە ئىچىشكە تاۋىمىز بارلىقىنى سورىدى،بىز ئەدەب بىلەن رەت قىلدۇق.ئاندىن ئۇنىڭغا clickAgents توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم،شۇنداقلا ئۇنىڭغا شىركىتىمنىڭ يۈكسەك تەرەققىيات پەللىسىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتۈم،بىراق ئۇ ئانچە قىزىقمىغاندەك تىڭشىدى ۋە ئۆزىنىڭ كاتتا ئېگىلىكى ھەققىدە نۇرغۇن كەچۈرمىشلىرىنى دەپ ئۆتتى.بۇ ئەپەندىم يىرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇلۇپ،مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىمنى چۈشەنگەنلىكىگە بەك ئىشەنچ قىلىپ كېتەلمىدىم.بىراق بۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى.ئۇ مېنى خۇددى ئۆز ئېگىلىكى ھەققىدە لاپ ئۇرۇشقا چاقىرىغاندەك قىلاتتى.
ئۇچرىشىشىمىز ئاخىرىلاشتى.يول ئۈستىدە ئاكامغا:«بۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن قابىلىيىتى بارىكەن»دېدىم.
-نېمىلا بۇلسۇن بۇ ئىش تولىمۇ قىزىقارلىق ئىكەن.
-مەن يەنە بىر ساۋاققا ئېرىشتىم ئاكا:باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم قىلىدىغان مەسئۇلىيىتى يوق.
-ھېم، ئۇ كىشى ساڭا ياردەم قىلمايدۇ،ئۇ پەقەت ئۆز ئېگىلىكىنى ماختاپ بەرمەكچى بولسا كېرەك...
-مۇھىمى بىزمۇ تامامەن ۋاقىت ئىسراپ قىلمىدۇق.
-نېمىشقا؟
-ئۇ قىلالىغان ئىكەن مەنمۇ چوقۇم قىلالايمەن.
بىر نەچچە كۈنگە قالماي  بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇم.مەن داۋاملىق مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىدىم.ئەگەر كىشىلەر سىزگە مەبلەغ سالسا دېمەك ئۇلار سىزگە ئىشەنچ قىلغان،غەلبە قىلىشىڭىزغا ئىشەنگەن بولاتتى.شۇنداق بولغاچقا مەن بىر قاتار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ ھەممە يەردە ئۆزۈمنى ماختىدىم.
باشتىكىگە ئوخشاش مەن يەنە بىر رەت خەۋەر تىزىسى يېزىشنىڭمۇ تەس ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.مەن يەنە تور بەتتىن ئىبارەت راست-يالغان خەۋەرلەرنىڭ بۇلىقىدىن ئېلان -خەۋەر دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلدىم.گەرچە،بۇ  قاراڭغۇدا كان قازغانغا ئوخشىسىمۇيەنىلا جانغا ئەسقاتاتتى،سىز پەقەت بىر پاي ئوقنى تەخمىنەن توغرا ئاتسىڭىزلا،يەنى بىر توپ ئوۋغا قارىتىپ ئاتسىڭىزلا چۇقۇم چوڭ ئوۋغا ئېرىشەلەيتىڭىز.سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز قانچە كۆپ بولغانسىرى ،قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز شۇنچە ئېنىق ۋە ئاددى بۇلۇپ ئۆزگىرىدۇ.سىز دائىم بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتسىڭىز چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزغا ئىرىشىسىز.
قائىدە بويىچە بولغاندا مەبلەغ سالغۇچىلار دەسلەپ سۆزئېلىپ ئۆزىنىڭ مۇۋاقىيىتى ھەققىدە خېلى ئۇزاق سۆزلىگەندىن كېيىن،نۆۋەت سىزگە كېلىدۇ-دە،ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىسىز.ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلىگۈدەك ھىچقانچە تەجىرىبەم يوق-مەن تېخى ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈر-شۇڭلاشقا مەن ئۇلارغا  ClickAgents توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمنى بىر ھازا ماختايمەن.بىراق ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تەبئىيلا گېپىمنىڭ بىلىگە تېپىدۇۋە مېنى يەنىلا شىركىتىمنىڭ كەچۈرمىشى توغرىسىدا  سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ:
- ClickAgents نىڭ ئۆتمۈشى توغرىلىق دەمسىز؟-ئىھتىياتچانلىق بىلەن سورايمەن .
-ھە
-ھىم...ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئالاھىدە يىرى يوق،مەن شۇ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ،بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان.
-ئالىي مەكتەپتىن؟
-ياق،ئوتتۇرا مەكتەپتىن.
-ئوتتۇرا مەكتەپ؟
-مەن ھازىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېز پۈتتۈرۈش ئىنىستۇتىنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشىۋاتىمەن.
بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان قىزىقىشى پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغان  بولىدۇ.---بۇ بەلكىم دادامنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشۇمغا قانچىلىك خۇشتار ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.
بىراق ،پەقەت ئىككى قېتىملا مەبلەغ سالغۇچىلار ماڭا راستىنلا ئۆز قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى، شۇ چاغدا بىزنىڭ ھەمكارلىشالىشىمىزدىن ئۈمىد شۇنچە چوڭ ئىدى. مەن ئۇلارنڭ قىزىقىشى توغرىلىق ئويلىغانسىرى شۇنچە ئەنسىرەپ كېتەتتىم. يېشىم كىچىك،يا تەجرىبەمنىڭ تايىنى يوق،سىرتقى قىياپىتىممۇ غەيرى بولغاچقا مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا باشقىلارنى تاللايدىغاندەك ھېس قىلىپ كېتەتتىم.تەۋەككۈلچى كاپىتالىىستلار بىر قاتار قائىدىلىرى ئارقىلىق ئاندىنCEO (ئىجرائىيە مۇدىرى) نى تاللايتتى. ئوتتۇرا ياش ، داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ، ساپ ئامىرىكا قان سىستىمىسىغا تەئەللۇق بولۇش دېگەنلەر بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي بۆلەك ئىدى . شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچىلار نۇرغۇن مەنپەئەت ئېلىپ كەلسىمۇ ، كارخانا   باشقۇرۇش ھۇقۇقىنىڭ ئۇلارغا ئۆتۈپ كېتىش خەۋپىمۇ يوق ئەمەس ئىدى . ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى ئالغىنىڭىز بىلەن شىركەت پايدېسىنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا بېرىشىڭىز كېرەك ئىدى .ئەڭ يامان يېرى شىركىتىڭىزگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھۇقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىشىڭىز مۇمكىن بۇلۇپ، ئەگەر يېتەرلىك ئېھتىياتچان بولمىسىڭىز ئۇلار ھەتتا ئايىغىڭىزنى توغرىلاپ قويىشى مۇمكىن ئىدى . دېمەك ئۇلار سىزنى ياقتۇرغانلىقى ياكى دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن سىزگە مەبلەغ سالمايتتى ، پەقەت نۇرغۇنلىغان پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا مەبلەغ سالغان بۇلاتتى . بۇ نۇقتىنى چۈشەنسىڭىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلالايسىز. مەن ئاخىرى بولماي : قارارىم بويىچە مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ۋاقتىنچە ئۆزۈمگىلا تايىنىشنى لايىق تاپتىم .
شۇڭلاشقا مەن يەنە خىزمەت قوينىغا قايتىپ كەلدىم . ھەمدە ھەممە ئىشنى بىر قوللۇق پۈتتۈردۈم .  ئۇزۇنغا قالماي مەن ئۈزۈلمەي ماڭا قاراپ ئاقىدىغان نۇرغۇن سوممىدىكى بايلىققا ئېرىشتىم . ئۆيىمىزنىڭ چىقىمىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشقا كىرىشتىم -ئەلۋەتتە ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈر ئۈچۈن بۇ بىر خىل غەلىتىلىك ئىدى . بىراق ماڭا نىسبەتەن بۇ توغرا ئىش بولۇپ ، مەن ئائىلىمىزنىڭ بارلىق يىمەكلىك چىقىمىنى كۆتۈردۈم . «پىسا كېچىلىكى »ئۈچۈن باشقا يىمەكلىكلەرنى قوشتۇم .يېڭى توڭلاتقۇ سېتىۋالدىم . بىراق ئەقلى ھوشۇم يەنىلا جايىدا بولۇپ  سودىگەر ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدىم . ئالدىمدا چوقۇم جاپا مۇشەققەتلىك دەۋرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتىم ، بانكا ئامانەت پۇلۇمدىن ئىبارەت ھەقىقى مەنىدىكى سۇغۇرتا ھۆججىتىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچلەندۈرۈشۈم كېرەك ئىدى .               
  ئالتە ئاي ئىچىدە مېنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمىم 100مىڭ دوللارلىق سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، بىراق بۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق تەس يېرى يوق ئىدى . بىۋاستە سەزگۈم مېنىڭ كەلگۈسىدىكى كىرىمىمنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ - نۇرغۇن كۆپ - بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇراتتى . مەن ئەمدىلا ئىش باشلىغان بولۇپ قىلچە تىنىم تاپماي ،قانائەت ھاسىل قىلماي دەل ئەكسىچە بارلىق كۈچۈم بىلەن ئالغا ئىنتىلەتتىم . نۇرغۇن كىشىلەر توربەت دۇنياسىدىن ئۆزىگە تەۋە بايلىقنى ئىزدەۋاتقاندا مەن قانائەت ھاسىل قىلىش ئىستىكىدە بولسام ياكى ئازراق ئىھتىياتسىزلىق قىلسام ۋەيران بولۇش تەقدىرىگە دۇچار بولاتتىم . مەن بۇنىڭدىن يەنە بىر ساۋاققا ئېرىشتىم : رىقابەتچىڭىزنىڭ ھەر قانداق ھەركىتىگە ئۈزلۈكسىز دېققەت قىلىڭ . مەن ئۇلارنىڭ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىمەن .ئۆزۈمگە تۇنۇش بولمىغان ئېلاننىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۈرۈشتۈرىمەن . مەن يەنە ئۆزۈم يىتىشىۋالىدىغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارغا يىتىشىۋالىمەن .
بۇ مەزگىلدە دادام - ئاناملار نېمە قىلىۋاتقىنىمغا بەك دېققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىدى . مەن مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرى خىزمەت قىلاتتىم ، دەرس ئارىلىقىدا ئىلخەتلەرنى ئاختۇراتتىم ، تېلىفۇن قىلاتتىم . مەكتەپتىن ئۆيگە قايتقاندا ماڭا تېلىفۇن ئارقىلىق قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى تەكشۈرۈپ،  داۋاملىق خىزمەت قىلاتتىم . ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇش تەرتىپىمدە ئالاھىدە ئۆزگىرىش يوق ئىدى . دادام پوچتىخانىدىن كەچ سائەت ئالتە ، يەتتىلەردە قايتىپ كېلەتتى . ئانام يەنىلا سىمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ ، كەچ سائەت سەككىز ، توققۇزغا ئۇلاشماي ئۆيگە قايتالمايتتى .مەن ئۇلارغا تەپسىلىي بىر نەرسە دەپ باقمىغان ئىدىم - ئەلۋەتتە خىزمىتىم توغرىلىق بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى .مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالاي دېگەنىدىم ، خالاس .مەن نېمە ئىش قىلسام ئۆزۈم خوجا بولۇپ قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم . مەن ئاچىلىرىم بىلەنمۇ ئىنچىكە نۇقتىلار ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ باقمىغان ئىدىم . كامال سېستىرا بولۇپ ، نىمالمۇ سېستىرا بولۇش ئۈچۈن ئوقۇۋاتاتتى . دېمەك ئۇلارمۇ ئۆز ئىشلرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ ماڭا بەك دېققەت قىلىپ كەتمەيتتى .
تاج پۇلغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىشلارنى بىلەتتى .ئۇ يەنە تور بەتتە ئىلان مۇلازىمىتى قىلىدىغانلىقىمنى بىلەتتىيۇ ، بەك دېققەت قىلىپ كەتمەيتتى ، ئۇ يەنىلا تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىنژېنىر بولۇش ئىستىكىدە ئىدى . مەن ناۋادا ئۇنىڭغا پۇل چېكىگە ئىمزا قويدۇرماقچى بولسام ھېچنىمە سوراپ ئولتۇرمايلا ئىمزا قويىۋېرەتتى ، شۇنداقلا شۇنچە يۇقىرى سوممىلىق پۇلنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئولتۇرمايتتى ،قىلچىلىك ھەيران بولۇپ باقمىغان ئىدى .
   ئاخىرى مەكتەپ تۇرمىشىدىن پۈتۈنلەي زىرىكىپ ، مەكتەپتە بىر كۈنمۇ تۇرغۇم كەلمەيدىغان ھالەتكە يەتتىم  ھەمدە ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ قارارغا تەۋەككۇل قىلىپ ئوقۇشتىن چىكىنىش يولىنى تاللىدىم . لېكىن بۇ ئىشتا مېنىڭ دېگىنىملا ھىساب بولمايتتى ،  مەن چوقۇم دادام بىلەن ئەستائىدىل ھالدا بىر قېتىم سۆزلىشىشىم كېرەك ئىدى  . لېكىن دادام مائارىپنى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم بولغاچقا  ،  بۇ گەپتىن ئېغىز ئېچىش ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توختىغان ئىدى . بىراق مەن كەلگۈسى نىشانلىرىم ئۈچۈن چوقۇم بۇ گەپلەرنى دىيىشىم ، چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىشىم كېرەك ئىدى . ئۇنداق بولمىغاندا مەن  چوقۇم   مەڭگۈلىك پۇشايمانغا قالاتتىم . شۇڭا مەن قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ بىر كۈنى ئاخشىمى دادامغا ئېغىز ئاچتىم   .

:-دادا سىزگە  دەيدىغان گىپىم بار ئىدى .
:- نېمە ئىش ؟
:- سىز ھازىر مىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلەمسىز ؟
:- ھە !  مەن ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمەن ، لېكىن سەن ئۈگۈنىشىڭگە تەسىر يەتكۈزمىسەڭلا  بولدى .
ئاھ تەڭرىم !  قارىغاندا مېنىڭ بۇ گەپنى دىيىشىم ھەقىقەتەن تەسكە چۈشكىدەك ، لېكىن مېنىڭ يېنىش يولىم يوق ، مەن دىمىسەم زادى بولمايدۇ  . مەن ئىنتايىن ئىككىلىنىپ ناھايىتى تەسلىكتە دادامغا بانكا چېكىمنى كۆرسەتتىم ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇلنىڭ سانى ئاللا بۇرۇن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى . دادام ئۇنى كۈرۈپ يۈرەك كىسىلى قوزغىلىپ قالغاندەك كۆكسىنى تۇتۇپ ۋارقىراپ كەتتى .
:- سەن ، سەن بۇنچە كۆپ پۇللارنى نەدىن تاپتىڭ  ؟.
دادام سۆزنى داۋام ئەتكەچ ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ئانامغا < بالاڭ تۇرمىغا كىرگۈدەك !> دەپ توۋلىدى .
ئانام ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ < نىمە دەۋاتىسىز ؟ تۈرمە ؟!  كىم تۈرمىغا كىرگىدەك ؟ > دەپ سورىدى ئەندىككەن ھالدا .
:-ھېچكىم تۈرمىگە كىرمەيدۇ ! – دېدىم ئانامغا قاراپ .
ئۇلار ئازراق ئۆزىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن مەن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم .
:- بۇ ئالتە ئايدىن بېرى مەن ئۇدا ئىنتىرنىت بازىرىنى تەتقىق قىلدىم . نۇرغۇنلىغان يىڭى  ئېچىلغان شىركەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئۇنداق تىز بېيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئىنىقلىدىم  . مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  Double Click  ( قوش چىكىش ) دىگەن شىركەتكە ئىنتايىن قىزىقىپ قالدىم  . ئاساسلىق سەۋەبى ئۇ www  يەنى دۇنيا كەڭ تور بەلۋىغىدا  ئەڭ بۇرۇن ئېلان كەسپى ئاچقان شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىدى .ھازىر  كىشىلەر بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى  تورغا چىقىشقا ، ناھايىتى ئاز ۋاقتىنى بولسا كىتاب ئوقۇش ياكى تېلۋىزور كۈرۈشكە سەرىپ قىلىدىغان بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنىۋى ئېلان كەسىپلىرى بولسا ناھايىتى تىز سۈرەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئەسلى قىممىتىنى يوقۇتۇشقا باشلىدى . لېكىن Double Click   قا ئوخشاش شىركەتلەر ئىنتايىن تىز سۈرەتتە كىيىنكى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ كۈلەمدىكى سودا قۇرالىغا ئايلانماقتا  .  
دادام – ئانام بۇ گەپلىرىمىنى ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمىدى . دادام ئىنتايىن مەيۈسلەنگەن ھالدا :-مەن سېنى دوختۇر بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتىم بالام .- دېدى
:- لېكىن دادا مەن قىلىۋاتقان ئىش دوختۇر بولغاندىنمۇ ياخشى ، مەن ۋەدە بىرەي .
        ئىككى كۈندىن كېيىن دادام ئاخىرى مېنى مەكتەپكە ماشىنىدا  تىز پۈتتۈرۈش ئىنىستوتىغا ئاپىرىپ مەكتەپتىن چىكىنىش رەسمىيىتىنى بىجىردى . مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۇئالىغا «بالام تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىكەن . »دەپلا جاۋاپ بەردى .
شۇ كۈنى ئاخشىمى ھەممەيلەن بىرگە تاماق يەۋاتقاندا ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان دادام مەندىن :«بوپتۇ، سەن بەلكىم يېقىندىن بۇيان نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىڭنى بىزگە ئېيتىپ بېرەرسەن ؟ »
- سودائىشلىرىمنىمۇ ،  دادا   ؟                                          
  – دەل   شۇ.
-  راستىنلا ئاڭلىغىڭىز  بارمۇ ؟
ھەممەيلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ باش لىڭشىتتى .
ماقۇل -، دېگەچ مەن توختىماي چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم .
«مەن تور بەتتە ئىلان مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن . خىزمىتىم ئاساسەن ئۈچ مۇھىم نوقتىدىن تەركىب تاپىدۇ . بىرىنچىسى ئىلان ئېگىسى بولۇپ ئۇنىڭ ساتىدىغان بىرەر نەرسىسى ياكى شۇغۇللىنىدىغان مۇلازىمىتى بولىدۇ .»
« ئاندىن كېيىن تور بەت ئىگىسى . كىشىلەر بۇنى دائىم ئىلان تارقاتقۇچى دەيدۇ . بۇ خۇددى گېزىت نەشرىياتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، مەسىلەن  : مەن ئادەتتە CNNنىڭ توربىتىگە ئېلانىمنى قويماقچى بولسام چۇقۇمCNN دىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشىم كېرەك . »
« ئەڭ ئاخىرقى ھالقا تولىمۇ مۇھىم بولۇپ سىزنىڭ چۇقۇم ئىستىمالچىلىرىڭىز يەنى دائىم توربەت زىيارەت قىلىدىغان ، ماقالە ئوقۇيدىغان ياكى ئۇچۇر ئىزدەيدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك . »
-  داۋاملاشتۇر ، دېدى   -  دادام .
« ئەمەلىيەتتە ئىستىمالچى تور بەتكە چىقىپ ئۆزىگە لازىمەتلىك ياكى ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى ئاختۇرىدۇ ، مەسىلەن ، بىرەر يېڭى ھېكايە دەيلى ، ئۇلار ھېكايىنى كۆرۈش جەريانىدا بۇ بەتتە ئېلان بارلىقىنى بايقايدۇ . ئەگەر بۇ ئېلان ئۇنىڭغا تەسىر قىلسا ئۇ بۇنى چېكىدۇ - دە ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا بىر بەت پەيدا بولىدۇ . »
« ئەگەردە بۇ  ئېلان دەل ماڭا تەئەللۇق ئېلان بولسا ، يەنى بۇ ئېلان مەن  تورغا قويۇپ قويغان ئېلان بولسا مۇشۇ چېكىلىش سەۋەبلىك چېكىش راسخوتىغا ئېرىشىمەن . ئەلۋەتتە ھەر قېتىملىق چىكىش ئۈچۈن ئىلان ئېگىسى ماڭا پۇل تاپشۇرىدۇ ، شۇڭلاشقا چىكىلىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە كۆپ پۇل تاپىمەن دېگەن گەپ . شۇڭلاشقا مەن ئېلان ئېگىسىنى تېخىمۇ كۆپ تور ئېقىمى بىلەن تەمىنلەيمەن . بۇ ئۇسۇل تولىمۇ ئاسان ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ »
« بىراق سەن بۇ ئىلانلارغا قانداق ئېرىشىسەن ؟ »دەپ سورىدى ئانام .
« ئېلان ئىگىلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىمەن ياكى بىر قانچە ئابۇنتى بولغان ئېلان ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىمەن . بۇلار مېنىڭ كۈندە قىلىدىغان ئىشلىرىم بولۇپ ، مەن ھەركۈنى ئۆزۈم قىلچىمۇ تۇنۇمايدىغان كىشىلەرگە تېلفۇن قىلىپ ئۇلاردىن ئېلان سورايمەن .»
« سەن ئېلاننى قانداق تارقىتىسەن ؟ » ئاكام سورىدى.
« مەن تور بەت ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېلان قىستۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈرىمەن ، ئەلۋەتتە ئازراق ئىقتىسادى ۋاستە بىلەن ئۇلارنى قىزىتۇرىمەن ، دېگەندەك. »
«ئاڭلاشقاتولىمۇ  ئاددى ئىكەن» دېدى نىمال.
«ئاسان ياكى قىيىنلىقىغا بىر نەرسە دىيەلمىسەممۇ ، بىراق بۇ خىزمەت مەكتەپتە ئوقۇشتىن كۆپ قىزىقارلىق . »
«بەلكىم ئاكاڭنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقساڭ بولىدىغان ئوخشايدۇ.»دېدى دادام .
«مەن مەكتەپنى ياقتۇرىمەن .»تاج شۇنداق دېدى. ئۇ مەكتەپنى راستىنلا ياقتۇرىدىغان بولۇپ ، ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئەزەلدىن 4.0 دىن يۇقىرى ئىدى .
«ئۇنداق بولسا سەن كەلگۈسىدە ئىنژېنېر بولماقچى،»دادام تاجقا قاراپ «ئۇنداق قىلساڭ بەلكىم ھەر يىلى 5، 6 تۈمەن ئامىرىكا دوللىرى تاپالايسەن ، بىراق ئۇكاڭدەك قىلساڭ ئۇزۇنغا قالماي مىليونىر بولالايسەن .»
«مەن ساڭا خىزمەت قىلاي »دېدى نىمال ،«مەنمۇ مەكتەپنى ياقتۇرمايمەن.»  
«سەن چۇقۇم مەكتەپتە ئۇقۇشۇڭ كېرەك .»دېدى دادام .نىمال قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا ماڭا قارىدى . مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەپسۇسلاندىم .مەن باشقىلارنى مەكتەپتە ئۇقۇشتىن توسماقچى ئەمەس ،توغرىسى مەكتەپ ئارقىلىق چىقىش يولى ئىزدەش ھەر بىر ئادەمگە ماس كېلىۋەرمىسە كېرەك . بەزى چاغلاردا مەن راۋان ھالدا فىرانسۇزچە ياكى ئىسپانچە پاراڭلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ قالىمەن . يەنە بەزىدە پاۋل سېزاننا①(پاۋل سېزاننا ،فىرانسىيىلىك ، كېيىنكى دەۋر تەسىرات رەسساملىقىنىڭ ۋەكىلى . پۈتكۈل ئۆمرىنى شەكىل ، ھەرىكەت رەڭدارلىقى ۋە ئوبراز يارىتىش جەھەتتىكى بايقاشلارغا ئاتىۋەتكەن بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن « ھازىرقى زامان رەسساملىقىنىڭ ئاتىسى » دەپ تەرىپلەنگەن . ) بىلەن كىلاۋدى مونېتنىڭ(كىلاۋدى مونېت،فىرانسىيىلىك. تەسىرات ئېقىمىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى .تەسىرات ھەركىتى 19 - ئەسىر تەبىئىيلىككە ئىنتىلىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ ، ھازىرقى زامان سەنئىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر . تەسىرات ئېقىمىنىڭ ئىجاتچىسى مانېت(مانەي ) . مانېتنىڭ تەسىرات ئېقىمىغا قوشقان تۆھپىسى ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن ئارتۇق بولۇپ ، سايە
ئارقىلىق مەنزىرە ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇپ بۇ خىل ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان
) سەنئەت ئۇسلۇپىدىكى پەرىققە قىزىقىپ قالىمەن . بىراق مېنىڭ چوڭ قىزىقىشىم يەنىلا سودىغا مۇناسىۋەتلىك .ھەممىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىمەن ،بۇ خىل ئۆگنىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمەن ، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ساۋاقنى ئەڭ چوڭ خاتالىقىمدىن ئالىمەن .
كېيىنكى بىرقانچە ھەپتىدە مەن ئوقۇشتىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم . ئۆزۇمنى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشكە بارلىقىم بىلەن كىرىشىپ كېتىدىغاندەك ،. ھەتتا جاھىللىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم . مەن ئەڭ ياخشى ،ئەڭ تېز قىلىشقا تىرىشاتتىم . گەرچە سەۋر- تاقەت بىر خىل گۈزەل پەزىلەت بولسىمۇ، ماڭا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئازراق بولىشى پايدىلىقراق ئىدى .


ئالتىنچى ئاي يېتىپ كەلدى ، يەنى مەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئايلىق كىرىمىم 300 مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا يەتتى .
ئەمدىلا مۇۋەپپىقىيەت  قازانغان بىر كىچىك بالىنىڭ تۇنجى ئارزۇسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى سىزمۇ پەرەز قىلالايسىز ،ئەلۋەتتە.ئۇ دەل بىر كىچىك ماشىنا ئىدى.مەن   «GS400» Lexus  ماركىلىق پىكاپ ئېلىشنى قارار قىلدىم.شۇنداق قىلىپ مەن ،دادام ۋە ئاكام ئۈچەيلەن ماشىنا سېتىش مەركىزىگە كەلدۇق.
  مەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ماشىنا ئىچىگە كىرىپ ئولتۇردۇم-دە،تارقىلىۋاتقان يېڭى ماشىنىنىڭ ھىدىدىن چوڭقۇر نەپەسلەندىم.
  -بۇ ماشىنىنىڭ باشقا قۇشۇمچە ئىقتىدارلىرى بارمۇ؟
  -ياق ،خوجايىن جاۋاب بېرىپ ،-بۇ ماشىنىغا باشقا قۇشۇمچە ئىقتىدار سەپلەنمىگەن .
ئۇ توغرا ئېيتقانىدى.بۇ ماشىنا مېنىڭ ئېھتىياجىمغا تولىمۇ باپ كىلەتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ماشىنىنى 58مىڭ دوللارغا سېتىۋالدىم.ئىككى-ئۈچ سائەتتىن كېيىن بىز دۇكاندىن ئايرىلدۇق .ئاكام مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇردى.
.
دادام ئۆزىنىڭ خوندا ماركىلىق پىكابىنى ھەيدەپ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.مەن ماشىنىىدا ئولتۇرۇۋېتىپ كۆڭلۈمدە، كېيىنچە دادامغا چۇقۇم بىر كىچىك ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن،دەپ ئويلىدىم.مېنىڭچە ئۇمۇ  ««GS400»   ماركىلىق پىكاپنى ياقتۇرىدۇ.
     يىل ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ بىر رەسمى تۈردىكى ئىشخانىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ ياردىمى ئاستىدا ،يېقىن ئەتراپتىن مۇۋاپىق بىر ئورۇن ئىزلەشكە كىرىشىپ كەتتۇق.ئەمىلىيەتتە ماڭا ئۆزى ئەرزان ،كىچىك ئورۇن بولسىلا يىتەرلىك ئىدى.تەلىيىمىزگە يارىشا ناھايىتى ئېسىل بىر بىنانىڭ ئىچىدە ئورۇن چىقىپ قالدى.كۈلكىلىك يېرى شۇكى،بۇ بىنا دەل دادام دەسلەپتە ئامرىكىغا كەلگەندە ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن بىنا شۇ ئىدى.شۇڭا مەن دادامنى مەن تاللىغان ئورۇننى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدىم.ئۇ بۇيەرنى كۆرۈپ ،ئۆزىنىڭ ئىلگىركى كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى ئەسلەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
  بىراق ئۇ يەنىلا بۇيەرنى ئىجارە ئېلىشىمنى قوللىدى.شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەرنى توختاملاشتۇق.ئاكام ماڭا ۋاكالىتەن توختامغا ئىمزا قويدى.ئەمما بۇيەرنىمۇ بەك ئەرزان دەپ كەتكىلى بولمايتتى .5000مىڭ دوللارلىق ئايلىق ئىجارە،بۇ دادامنىڭ ئايلىق مائاشىدىن ئېشىپ چۈشەتتىى.ئەلۋەتتە ، بانكىدا مېنىڭ نۇرغۇن پۇللىرىم بار.بىراق ،مەن ئويلايمەن،بۇ پۇللار مېنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىمنىڭ كاپالىتى.مەن كۈتۈلمىگەن ئوڭۇشسىزلىقنىڭ يۈز بېرىشىدىن  ئەنسىرەيمەن.بۇ مېنىڭ بىر قورقۇنچاق ئادەم ئىكەنلىكىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ.دەل ئەكسىچە،مەن ئۇتۇق قازىنىشىمغا تۇلۇق ئىشىنىمەن.بىراق،مەن كەلگۈسىگە تۇلۇق تەييارلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.چۈنكى ئىشلار داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ-دە.  
  مەن تاجىنى مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا،ئۇ بىر ئاز تەشۋىشلىنىپ سورىغانىدى:
  -مەن سېنىڭ چۇقۇم ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقىڭغا قانداق ئىشىنىمەن؟
  -مەن بىلمەيمەن،مەن جاۋاب بىرىپ،-لېكىن غەلبە كۆڭلۈمگە ئايان.مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يىتەرلىك.مەن ئۇلۇغۋار غايىلەرنى ئۆز كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن.تېخىمۇ مۇھىمى،مەن ئۆزۈمگە تۇلۇق ئىشىنىمەن.
  كېيىنكى بىرنەچچە ھەپتىدە تاج ئىككىمىز  چېپىپ يۈرۈپ بىرقانچە يەردىن كونا،ئاددى ئۆي جاھازلىرى ، يەنە مەخسۇس ئەرزان مال سېتىش ئورنىنىڭ «ئىشخانا بۇيۇملىرى ئامبىرى» غا بېرىپ ،ئەرزان باھالىق ھۆججەت ئىشكابى ۋە ئەرزان باھالىق بىريۈرۈش ئۈستەل ئورۇندۇق سېتىۋالدۇق .
  مېنىڭ ئىشخانا ئارقىلىق بىرەرسىگە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش خىيالىم يوق .ھەتتا بىرەرسى مېنىڭ ئىشخانامغا كېلىپ يۈرمەيتتى.چۈنكى مېنىڭ سودا-مۇلازىمەت ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى توردا ياكى تېلفۇندا ئېلىپ بېرىلاتتى.
  بۇ ئىشخانا مەن ۋە پات ئارىدا ياللىنىدىغان خىزمەتچىلەر ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى.مەن «1200كۇۋادرات ئېنگىلىس چىسى»  چوڭلۇقتىكى بىر ئىشخانىغا ئىگە بولدۇم. بۇ يەردە ئالتە-يەتتە خىزمەتچى بىمالال مەشغۇلات ئېلىپ بارالايتتى.بۇندىن سىرت مەن يەنە بىر ساتقۇچى خادىمغا ئېھتىياجلىق ئىدىم.
  ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ئېلان ۋاكالەتچىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تور بىكىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئىدى.يېڭى ئىشخانامغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى،خېرىدارلارنىڭ قەلبىدىكى شىركەت ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،مەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان ۋاقىتتا جاۋاب خەتلەردىكى ئادرىسىمغا «312-نۇمۇرلۇق» ئىشخانا دەپ يازماستىن بەلكى «3-قەۋەت» دەپ يازىدىغان بولدۇم.بۇنىڭدا،ئۇلارنىڭ كۆزئالدىغا كېلىدىغىنى كىچىككىنە بىر ئىشخانا بولماستىن بەلكى ،تۆت ئەتراپىدىن شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىغان ئىشخانىلىق شېركەت بولاتتى   ،ئەلۋەتتە. بۇ بىر ئۇتۇق قازانغان تىجارەتچىنىڭ باشقىلاردا قالدۇرۇشقا تېگىشلىك تەسىراتى. بۇ يەردىن بىر ساۋاق يەكۈنلەشكە بولىدۇ.يەنى:ياخشى بولغان تەسىرات كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر،ئۆزۈڭىزنى  ئامالنىڭ بارىچە تىپىك سودىگەر قىياپىتىدە  كۆرسىتىشكە تىرىشىڭ .
   سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىز ،شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى ۋە شىركىتىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇش ئۇسلۇبىڭىزمۇ سىزنىڭ باشقىلارغا بەگەن تەسىراتىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، سودا شېرىكلىرىمنى ئازادە ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر.سىز مۇشۇ پەللىگە يەتكەن ھامان سىزنىڭ ھەقىقىي سودىڭىز باشلانغان بولىدۇ.
  مەن ئاكامنىڭ «تىپىك»ئوبرازىمغا قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.بەرىبىر ئۇ مەن ئۈچۈن ئۇقۇشتىن چىكىنىپ ،باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىدىن ۋاز كېچىپ ،مېنىڭ شىركىتىمنىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش باش نازارەتچىسى بولغانىدى.دېمەك ئۇ ماڭا ئىشەنگەنىدى.
  بىزنىڭ تەجرىبىلىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكە قۇربىمىز يەتمەيتتى..شۇڭابىز «ئالۋاستى تورى »ۋە«مېركۇرىي يېڭى خەۋەرلىرى » قاتارلىق شىركەتلەردە ئىلان بەردۇق.ئۇزۇن ئۆتمەي تاجىنىڭ جەدۋېلى يۈزتۇرانە ئىمتاھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى بىلەن توشۇپ كەتتى.بىزنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز،غەلبىگە ئىنتىلىدىغان،ئاسانلا قانائەتلىنىپ قالمايدىغان،ئاكتىپ كىشىلەرگە ئېرىشىش ئىدى. شۇنداقلا يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بار ئەمما خىزمەت تەجرىبىسى يوقلارنىمۇ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىپ بېقىشنى خالايتتۇق. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تاج ئىككىمىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان پەيت ئىدى.ئەمەلىيەت شۇنى ئسپاتلىدىكى، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمىز خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ كىچىككىنە ئىشخانىدا ئون نەچچەخىزمەتچى ئىشقا چۈشتى.كېيىنچە بۇكىشىلەرنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىلىرى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بۇلۇشىمۇ بىزگە نىسبەتەن ياخشى ئىش ئىدى.چۇنكى بۇنداق بولغاندا،بىز ئۇلارنى ئۆز ئۇسلۇبىمىز بويىچە تەربىيلەپ چىقالايتتۇق.
  مەن يەنە ھەدەم كامالنىمۇ تەكلىپ قىلدىم.ئۇ ئەينى چاغدا سېستىرا ئىدى ھەمدە ئۆز كەسپىنى خېلىلا ياقتۇراتتى. بىراق ئۇنىڭ يەنىلا يېڭىلىقنى سىناپ باققۇسى كەلدى.
  -مېنىڭ خىزمىتىم نېمە؟ ئۇ سورىدى.
  -سەن بىز بىلەن ئىلان تارقاتقۇچى ۋە تور پونكىتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل بولىسەن.يەنى، ئەگەر بىز مەلۇم ئىلاننىڭ چىكىلىش قېتىم سانىنى ھۆددىگە ئالساق ،سەن چىكىلىش قېتىم سانىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭ كىرەك.
  -ئۇنداقتا مېنىڭ مائاشىم قانچە؟
  -ئانچە كۆپ ئەمەس ، مەن دېدىم،-بىراق سەن شېرىنكانىغا ئېرىشەلەيسەن.
كەسىپ تىلغا ئېلىنسىلا ھەممىمىزگە بىر ئىش ناھايىتى ئايدىڭ،يەنى مەن بولسام خوجايىن.مەن ناھايىتى قاتتىق قول.مەن ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ئۈنۈم يارىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.مېنىڭچە خىزمەتچىلەرمۇ شىركەتنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ.خوجايىن بولۇش سالاھىتىم بىلەن،چىقىشقاق ئادەممەن،بىراق ئادەتتىكى بىر شەخس بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، بەلكىم مەن  ئۇنچىۋالا چىقىشقاق،مۇلايىم ئادەملەردىن ئەمەسمەن..ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ ئىشخانامغا كىرىپ ئۆزىنىڭ قىز دوستى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا دەردلىنىپ بېرىشنى لايىق تاپسا ،ئۇھالدا ئۇ خاتالاشقان بولىدۇ.مەن قانداقتۇر بىر تاشيۈرەك مەخلۇق ئەمەس .بىراق ،كەچۈرۈڭ،سىزنىڭ ئۇنداق ئىشلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانغا چولام يوق.ھەممەيلەن بۇيەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ. دەرۋەقە ،ئۇلارمېنىڭ پۇلۇمنى ئالغانىكەن ،مەن ئۇلادىن باشقا ئىشلىرىنى تاشلاپ پۈتۈن زېھننى خىزمەتكە بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھەقلىق.مەن ھەرگىز ئۇلارغا مېنىڭمۇ تېخى قىز دوستۇمنىڭ يوقلۇقىنى ھەمدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغانلىقىنى ،ھەتتا،قانداق قىزدوست تېپىشنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئاغرىنىپ يۈرمەيمەن.مېنىڭچە،ئۇلار بۇنىڭغا قىلچە قىززىقمايدۇ.ئەلۋەتتە ،بۇ خىل قىززىقىشنىڭ كەمچىللىكىدىن ئۇلار ئەسكى ئادەم بۇلۇپ كەتمەيدۇ.ئەكسچە تالانت ئىگىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
  مانا بۇ دەل مەن كۆزدە تۇتۇۋاتقان خىزمەت.
   بۇ مېنىڭ تۇنجى ئىگىلىكىم ئىدى. شۇڭلاشقا مەن چوقۇم ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلىدىم. مېنىڭ نىشانىم ئۆزىمىزنى بىر مۇنتىزىم قوشۇن قىلىپ تەشكىللەپ چىقىش.ئەلۋەتتە،بىر قۇشۇن ئۆز نىشانىنى بىلمىسە ئىنىقكى نورمال جەڭ قىلالمايدۇ.ئەمەلىيەتتە نىشان بىرلا ،ئۇ بولسىمۇ غەلبە.مىنىڭ ۋەزىپەم قوشۇنۇمنى ئۆز نىشانىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلدۇرۇش. بىراق بۇ مېنىڭ رەھىمسىز،تاش يۈرەكلىكىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ.گەرچە مەن شەخسى ئىشلارنى ئىشخانا سىرتىدا قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلساممۇ،بىراق خىزمەتچىلىرىمنى ئۆز ئائىلە كىشىلىرىدەكلا كۆرىمەن.
  بۇ جەرياندا مەن يەنە بىر ھەقىقەتنى تۇنۇپ يەتتىم:مەقسىتىڭىزگە يېتىش جەريانىدا، رەھىمدىللىك بىلەن رەھىمسىزلىك ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق ئارلىق ساقلاڭ.
  بىراق مېنىڭ ئىككى خىزمەتچىم –كامال بىلەن تاجىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بۇخىل شارائىتقا كۆنۈپ كېتىشىگە مەلۇم بىر جەريان كېتەتتى.ئەلۋەتتە،مەن ھازىر ئۇلارنىڭ ئىنىسىلا بۇلۇپ قالماي بەلكى ئۇلارنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغانىدىم.ئېنىقكى، ئۇلارغا مېنىڭ بۇيرۇق قىلىشىم بىر خىل يات تۇيغۇ بېرەتتى.
   بىراق ئۇلار مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھامان بۇ خىل ھالەت ئاخىرلاشتى.
  ئىشخانا مېنىڭ ئۆيۈمگە ئايلىنىپ كەتتى.
  مەن ھەركۈنى سەھەردە ئىشخانىغا باراتتىم.چۈشلۈك تاماقنى شۇ ئەتراپتىكى تېز تاماقخانىدىن يەپلا يەنە ئىشخانىغا قايتاتتىم.دائىم كېچىچە خىزمەت قىلىپ ئىشخانىدا قونۇپ قالاتتىم.مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى مۇكەممەل تۇرمۇش دەپ كېتىشكە بولمايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدىن قېپقالغانىدىم. (ئەمما مەن ئەزەلدىن  ئىجتىمائىي ئالاقىدىن خالىي ياشىغاچقا،بۇ ئىشلارنى  تېخى مۇھىم دەپ كەتمەيتتىم.).مېنىڭ پۈتۈن ئەس-يادىم ئۇتۇق قازىنىشتا ئىدى.مەن ئۆزنىشانىمغا يېتىش يولىدا بارلىقىمنى ،يەنى،ساغلاملىقىم،ئائىلەم،نورمال تۇرمۇشۇم ھەمدە قىممەتلىك ياشلىق باھارىمنى قۇربان قىلدىم.باشقا ئىشلاردا  بەلكىم ئىككىلەنگەن بولىشىم مۇمكىن.بىراق بۇئىشقا كەلگەندە مەن مانا مۇشۇنداق ھەممىدىن ۋاز كەچتىم.
  ئاندا-ساندا ئۆيگە تاماققا قايتقىنىمدا،دائىم دېگۈدەك «رەڭگى-روھىڭ چۈشۈپ كىتىپتۇ.مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىل.خىزمەت قىلىپلا يۈرۈش ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئەمەس» دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلايتتىم.بىراق ئۇلار بۇخىل قۇربانلىقنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلەتتى.چۈنكى ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى مېنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى.شۇڭا ئۇلار ماڭا ئۇنچىۋالا قارشى تۇرۇپ كەتمەيتتى.
«Providian Bank»پورېدىيان بانكىسى بىلەن بولغان بىر سودىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆيگە قايتىپ كەچلىك تاماق يىگەندىكى مەنزىرە ھېلىھەم ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ.200مىڭ دوللارلىق سودا! بۇ ئەينى ۋاقىتتا شىركىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھىساپلىناتتى. بىز توختام بويىچە بىر ئاي ئىچىدە بۇ خىزمەتنى تاماملىشىمىز كېرەك ئىدى ھەمدە تاماملانغان ھامان بىزگە ساپ 100مىڭ دوللار پايدا قالاتتى.
   -ئاپاڭ ئىككىمىز ئۈچ يىل ئىشلىسەك ئاندىن بۇ پۇلنى تاپالايدىكەنمىز. دېدى دادام.
  -بۇ تېخى ئارانلا بىر خېرىدارنىڭ پۇلى. دېدى تاج.
  بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بەئەينى بىر چۈش ئىدى. ئۇلار بۇنى ئەقلىگە سىغدۇرۇشقىمۇ ئامالسىز ئىدى.مەن بولسام بىرلەشمە تور ئىلانىدىن ئىبارەت بۇ «يېڭى دۇنياغا جۈرئەت»قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىم ھەمدە بۇ ساھەدە بىلىق سۇدا ئۈزگەندەك ئەركىن يايرىيالايتتىم.
  بۇۋاقىتتا ،رىئاللىقنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئۆزىنى ئاشكارلىدى.
  ھېلىقى 30مىڭ دوللارغا ماڭا يۇمشاق دېتالىنى سېتىپ بەرگەن شۇنداقلا ھەرئايدا مەندىن 10مىڭ دوللار تېخنىكىلىق ئاسراش ھەققى ئالىدىغان ئەبلەخ ماڭا لوندوندىن تېلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى كېلىشىمگە نارازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.ئوتتۇرىمىزدا بولۇشقان سۆزلەر ھازىرغىچە ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ قۇپاللىق بىلەن : - مەن شىركەتنىڭ 3/1ىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ھوقوقلۇق.
  -شىركەت مەن بولغاچقىلا ئۇتۇق قازاندى، مەن ئېيتتىم ،-شۇنداق،مەن سېنىڭ يۇمشاق دېتالىڭنى ئىشلەتتىم .بىراق مەن ئۇنى  ئاللىقاچان سەندىن سېتىۋالغان.
  -بىراق مەن بۇنداق دەپ قارىمايمەن.
  -بىز تۇنجى كۆرۈشكەندە سەن ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىكەنسەن.شۇنداق تۇرۇقلۇق سېنىڭ يەنە نىمىشقا ئاغرىنىدىغانلىقىڭنى زادىلا چۈشەنمىدىم.ئەلۋەتتە مۇشۇ پروگرامما بىلەن  شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز بولدى.بىراق بۇ ،سېنىڭمۇ شىركەتتە ھەسسەڭ بارلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.كېلىشىمدىكىدىن بىر پۇڭ پۇلغا ئارتۇق ئېرىشىمەن دەپ خام -خىيال قىلما.بىز توختام تۈزۈشكەن ،ئۇنىڭدا ھەرئىككىلىمىزنىڭ ئىمزاسى بار.
  -كۆتۈر ئۇنداق توختاملىرىڭنى .سەن ماڭا قەرزدار.
  -مەن ساڭا قەرز ئەمەس.ئەگەر سەن كېلىپ خىزمەت قىلىشنى خالىساڭ،ساڭا مائاش ئاجرىتىپ بېرىمەن.كېيىنكى ئىشلارنى ئالدىرماي پاراڭلاشساق بولىدۇ.بىراق شۇنى سەمىڭگە سېلىپ قويايكى بۇشىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى مانا مەن.
   -ماڭا مائاشىڭنىڭ كېرىكى يوق.مەن شىركەتنىڭ 3/1پېينى ئالىمەن.
  -ئۇخلاپ چۈشۈڭ.
  -مۇشۇنداقلا قىلىدىغان بولساڭ مۇلازىمىتىرنى ئەتكۈزۈۋېتىمەن.
  -ماڭا تەھدىد سېلىۋاتامسەن!؟
  - قاراپ تۇر!
  راست دېگەندەك ئىككىنچى كۈنى مۇلازىمىتىر تاقىلىپ قالدى.                                                                       شىركەت بولسا ھېلىقى سولتەكنىڭ نامىدا تىزىملىتىلغانىدى.شۇڭا ئۇ بىر تېلفۇن بىلەنلا مۇلازىمىتىرنى تاقاتكۈزىۋەتكەنىدى.بۇ ھەقىقەتەمۇ بىر ئاپەت خارەكتىرلىك ئىش بولدى . بىراق مەن ئىلاجىسىز ئىدىم. مەن « يەرشارى چىگرا مۇلازىمەت مەركىزى»شىركىتىگە  يەنە تېلفۇن قىلدىم.ئۇلار ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن ئۆزىىنىڭمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى، ھېساباتنى ھېلىقى ئەبلەخنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.تېخىمۇ يامان بولغىنى ،ئۇ بۇ شىركەتكە قەرزدار بوپقالغانىكەن.شىركەت بىرنەچچە ئايغىچە سۈيلەپتۇ ،بىراق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ.
   مەن ھەتتا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سان خوسى شەھرىدىكى شۆبىسىگىچە تېلفۇن قىلدىم.بىراق بۇ نەتىجىسىز بولۇپ چىقتى.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ،بۇ تۈردىكى دېلو ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس ئىكەن.دادام باشقا بىر فېدراتسىيە ئەمەلدارىغا تېلفۇن قىلدى.بىراق نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ چىقتى.فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئادەتتە چوڭ دېلولارنى بىرتەرەپ قىلىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۇلارنىڭ قولىدىكى چوڭ دېلولارمۇ ئۇلارغا يېتىپ ئاشىدىكەن .شۇڭا ئۇلارنىڭ بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە دېلويىمىزغا قارايدىغانغا چولىسى يوق ئىدى.
  -گېپىڭىزچە ئوغلۇم باج تاپشۇرۇشى كېرەك.بىراق پەقەتلا بىر كىچىك بالا بولغاچقا ھۆكۈمەتتىن ياردەمسىز قالىدۇ،شۇنداقمۇ؟  دېدى دادام.
  -بۇنداق چۈشەنسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ،  دېدى ئۇ،-مەن پەقەت سىزگە ئوبىكتىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرىۋاتىمەن.
  مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىشنىمۇ ئويلاشتىم.بىراق تورجىنايىتى ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئۇ ئەبلەخ ئۆيىدىن ئاللىقاچان كۆچۈپ كەتكەنىكەن .شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقىمۇ ئامالسىز ئىدىم.
مەن ئىزچىل ئەنسىرەپ يۈرىۋاتقان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.مەن  « يەرشارى چىگرا مۇلازىمەت مەركىزى »شىركىتىگە قايتا تېلفۇن قىلىپ ھېلىقى خۇمپەرنىڭ قانچىلىك قەرزى بارلىقىنى سورىدىم.نەتىجىدە ،100مىڭ دوللار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى،ئۇلار ئىلگىرىلا مۇلازىمىتىرنى توختىتىۋېتىشنى ئويلاشقانىكەن .ئەمما،قارا گورۇھلارنىڭ«قەرزدارنى ئۆلتۈرمەسلىك»دەيدىغان بىر قائىدىسى بار.شۇڭا ئۇلار بۇ خىيالىدىن ۋازكەچكەنىدى.
   -مەن بۇ پۇللارنى تۆلىۋىتەي ،بىراق شەرتىم شۇكى ،ماڭا ھېساباتنى قايتۇرۇپ بېرىسىلەر.
  -ئەلۋەتتە بولىدۇ.  دېدى ئۇ.
  «ماڭا بىر تېخنىك خادىمى كېرەك ،ھازىرلا!»دېدىم مەن ئاكامغا ۋارقىراپ تۇرۇپ.
  بىز توپتوغرا بىر ھەپتە مۇلازىمەتتىن توختىدۇق.مەن ئۈچۈن بىر ھەپتە ئېلىكتىرونلۇق پوچتىدىن خەۋەرسىز ياكى تورسىز يۈرۈشنىڭ نەقەدەر ئازاپلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟تور مېنىڭ سودائىشلىرىمنىڭ يۈرىكى ئىدى.
  بۇ بىر ھەپتىدە ئۆزۈمنى گويا بىر تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم.
بىزنىڭ ئېلانلىرىمىز توپتوغرا بىر ھەپتە ھېچقانداق تور بېكەتلىىرىدە كۆرۈنمىدى،ئېلاننىڭ چىكىلىش قېتىم سانىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالدى،ئېلان .ئىگىلىرى ھەتتا بىزنىڭ مۇلازىمىتىرنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئامالسىز قالدى.بۇ بەئەينى بىرمەيدان پاجىئە بولغانىدى.
  بىرلەشمە تورىدىكى ۋاقىت ئىت يىلى ئارقىلىق ھېساپلىناتتى،مۇشۇ بويىچە بولغاندا،            «Click Agents»توپتوغرا بىر ھەپتە توردۇنياسىدىن غايىب بولغانىدى.
  بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە مەن ھېچقانداق تېلفۇننى قۇبۇل قىلمىدىم.مەن ئۇلارغا قانداق چۈشەندۈرۈشنىمۇ بىلمەيتتىم.سىزنىڭچە مەن ئۇلارغا نېمە دىيىشىم كېرەك.ئەجەبا «بىز كېلەر ھەپتىلا قايتىپ كېلىمىز »دەيمەنما؟
  ئەھۋال ئوڭشالماي تۇرۇپ ،ئۇلارغا بۇ گەپلەرنى دىيىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.مېنىڭمۇ پۈتۈن زېھنىم مۇشۇ ئىشتا ئىدى.
  يەتتىنچى كۈنى،يەنى بىز نورمال ئىشقا چۈشكەندىن كېيىنلا مەن خېرىدارلارغا تېلفۇن ئۇرۇشقا باشلىدىم.
  بۇ بىر ھەپتە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر بوپقالدى.
  ئەينى چاغدا مەن نېمىلا دىمەي،خىرىدارلارنى خوش قىلالمايتتىم.
ئەلۋەتتە،مەن ئۇلارغا، مېنىڭ سېستىما باشقۇرغۇچۇم مېنى قاقتى-سوقتى قىلدى،دىسەم بولىدۇ.بۇ بىر ئەمەلىيەت.بىراق بۇنداق دىيىش باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇشتىن باشقا بىزگە ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كەلمەيتتى.ئۇلارنىڭ،بىر ئاچكۆز سېستىما لاھىيلىگۈچى سېنى مۇشۇنداق پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدىمۇ؟،دېيىشى مۇقەررەر ئىدى.
  بۇجەرياندا مەن مۇنداق بىر چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە بولدۇم:ھەرگىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ موھتاج ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماڭ ھەمدە ۋەزىيەتنى تىزگىنلىمەي تۇرۇپ ،زىياننى تۇلۇقلاشقا كىرىشىپ كەتمەڭ.
  مۇلازىمىتىر نورمال خىزمەتكە چۈشكەن سائەتتىن باشلاپ مەن خېرىدارلارغا تېلفۇن قىلىپ ئەپۇ سوراشقا باشلىدىم:«كەچۈرۈڭلار،بىزدە تېخنىكا جەھەتتە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەچكە ئەھۋال مۇشۇنداق بوپقالدى.بىلىمەن،بۇ ھەممىمىزگە ئېغىر كەلدى.بىراق مەن سىلەرگە شۇنداق كاپالەت بىرەيكى بۇنداق ئىش قايتاتەكرارلانمايدۇ.ھەمدە،تارتقان زىيىنىڭلارنى تۇلۇقلاپ بېرىشكە مەن ۋەدە بېرەي»
  مەن ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش،ھەقسىز ئېلان بىلەن تەمىنلەش،ھەتتا مەلۇم مەزگىل ئېلان تارقاتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپرەك نىسبەتتە پايدا ئايرىپ بىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندىم.سىزنىڭچە نەتىجىسى قانداق بولغاندۇ؟دېگەندەك ،بۇچارىلەر ئەسقاتتى.
  مەن بىرمۇ خېرىدارىمدىن ئايرىلىپ قالمىدىم.كېيىنكى ئايدا بىز 200مىڭ دوللارلىق سودا قىلدۇق.شۇنداقلا ،كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا،تىجارەت ئەسلىگە قايتىپ يەنە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى.
  مەن يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ قايتىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرقىسىم تەدبىرلەرنى قوللاندىم.مەن >چىگرا يەرشارى مەركىزى< بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ،ئۇلار ماڭا بىر سېستىما بىخە تەرلىكىگە مەسئۇل تېخنىك خادىمنى تەۋسىيە قىلدى.
ئادەتتە،سېستىما لاھىيلىگۈچىلەر كېيىنچە سېسسىمىغا كىرىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئەپ بولسۇن ئۈچۈن يۇچۇق قالدۇرۇپ قويىدىكەن.بۇ بالا مۇشۇنداق يۇچۇقتىن ئۈچنى تېپىپ چىقىپ ھەممىسىنى ئىتىۋەتتى.شۇنداق قىلىپ يۇمشاق دېتال يەنە مېنىڭ باشقۇرشۇمغا ئۆتتى.بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيتتى.شۇڭا مەن باش تېخنىك ۋە بىرنەچچە ئېنژىنىر تەكلىپ قىلدىم.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە كەلگەندە پىخسىقلىق قىلىپ ئولتۇرمىدىم.مەن ئامالنىڭ بارىچە ئېتىبار باھا دۇكىنىدىن مال سېتىۋېلىش جەريانىدا قېپقالغان ئادەتلىرىمنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم.ھەممە ئادەم ئەرزان باھالىق مالغا ئامراق ،بىراق ھالقىلىق پەيتلەردە كۆزى كىچىكلىك قىلماسلىق كېرەك.
  بۇ جەرياندا مەن مۇنداق ئۈچ ساۋاققا ئىگە بولدۇم.
  بۇلارنىڭ بىرىنچىسى،ھەر ئېتىماللىققا قارشى پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ.تۇرمۇش تاسادىپىيلىق بىلەن تولغان.ھەممە تاسادىپىيلىق ياخشىلىقتىن دېرەك بىرىۋەرمەيدۇ.شۇڭا، كەلكۈن كەلگۈچە توغان سېلىش ئاقىلانە تەدبىردۇر.  
  ئىككىنچىسى شۇكى،خاتالىقىڭىزنى دادىللىق بىلەن تۇنۇڭ.مەن بىر نامەرد بىلەن سودىلىشىپ ۋەيران بولغىلى تاسلا قالدىم.بىراق ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىشنى ئۆزۈم تاللىغان ،شۇڭا بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ خاتالىغىم.« Click Agents »مېنىڭ شىركىتىم،مەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك.ئەينى ۋاقىتتا،مەن بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ،ئۆزخاتالىقىمنى ئىنكار قىلمىدىم.ئەكسىچە،ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز خاتالىغىمنى تۇنۇش ئارقىلىق بارلىق خېرىدارلىرىمنىڭ يەنە بىر قېتىم تۇلۇق ئىشەنچىسىگە ئىگە بولدۇم.
  مەن ئالدىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يەنە بىر ساۋاق شۇكى:تېجەشلىك بولۇڭ ئەمما پىخسىق بولماڭ.
  بەزى ئىشلاردا پۇل تىجەش ،بەزى يوللارنى قىسقارتىۋېتىش تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس.بۇلۇپمۇ ئشچى-خىزمەتچىلەر مەسىلىسىدە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
  ھېلىقى ئەبلەخ ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ كۆزدىن يوقالدى.مەن دەرھال بىرنەچچە تۈرلۈك ئىسلاھاتقا تۇتۇش قىلدىم.مەن ئالدى بىلەن بىر ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەكلىپ قىلىپ،باش تېخنىك ۋە ئىككى ئېنژىنىر بىلەن توختام تۈزۈۋالدىم.چۈنكى مېنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدەك بىلەرمەنلىك قىلىپ سادىر قىلغان خاتالىغىمنى يەنە تەكرارلىغۇم يوق ئىدى.ئۇندىن باشقا خىزمەتچىلىرىمگە تارقاتماقچى بولغان پاي ۋە ئۇنىڭ مۆھلىتى توغرىسىدا مۇزاكىرلەشتىم.بۇ ئاددىيغىنە بىر سېخىيلىق ياكى پىخسىقلىق مەسىلىسى ئەمەس بەلكى سودا ماھارىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
مەن چوڭ بىر شىركەتنىڭ ئازبىرقىسىم پېيىغا ئېرىشىشكە رازىمەنكى،بىر كىچىك شىركەتنىڭ بارلىق پاي ھوقوقىغا ئېرىشىشكە قىلچە قىززىقمايمەن.« Click Agents »نىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا،ھەمدە،كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ.چۈنكى ئۇ كوچا دوقمۇشىدىكى سودىسى بىرخىل رېتىمدا تۇرىدىغان مىلىش ماللار دۇكىنى ئەمەس ئىدى.
  مەن بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەتىنىڭ بىردەك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلشىم كېرەك.تىگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن شىركەتنىڭ   بىرقىسىم پېيىنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكە رازى .مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بارلىق خىزمەتچىلىرىمنى شىركەتنىڭ پېيىغا ئىگە قىلىپ بۇئارقىلىق ھەممە كىشى شىركەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرمەكچى بولدۇم.
  شۇندىن باشلاپ قۇبۇل قىلىنغان ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ پېيى ئىش ھەققىگە قوشۇپ ھىساپلىنىدىغان بولدى.بۇ ،خىزمەتنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلاتتى.ئىلگىرى قۇبۇل قىلىنىپ بولغانلار ئىچىدە ،ئەڭ مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەر پاي ھوقوقىنى قۇبۇل قىلمىسىمۇ بولاتتى.

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1743
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26947
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4216 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 04:52:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشچانلىقىڭىزغا رەھمەت !
قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلدىڭىز بۇ ئەسەرنى ؟...

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19635
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6724 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 05:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش قىسمىنى ئوقۇپ باقتىم.«سېك»مىللىتى ياكى «سېك دىنى»دەپ ئېلىنىپتۇ.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلىرىمىزدا بۇ ئاتالغۇ «شېك»دەپ ئېلىنىپ كەلگەن.ھازىرقى ھىندىستان باش مىنىستىرى سېنگىمۇ شېك مىللىتىدىنكەن.ئەسلى مەنبە بېلەن سېلىشتۇرۇپ باققان بولسىڭىزلەر.جۈرئىتىڭىزلەرگە ئاپىرىن.يەنىمۇ تىرىشقايسىزلەر.

ۋاقتىم چىقسا داۋامىنى ئوقۇپ چىقىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش