مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 619|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كەلدى ئايەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23840
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5143 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-10-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 05:19:00 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
كەلدى ئايەم

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

ھېيىت كەلدى. ئۇنىڭ خاسىيىتىدىن بارچە چېھىردە نۇر.كەڭ كائىناتمۇ كۈز ئايلىرىدىكى يېقىشلىق تەپتى بىلەن زىمىنغا ئاخىرقى ھارارىتىنى تارقاتماقتا...
ھېيت كەلدى.نەۋقىران يىگىت، ناتىۋان قىزلاردىن تارتىپ، مىسكىن بوۋاي-مومايلارغۇچە ھېيت تەنتەنىسىگە جۆر بولۇپ، بۇ خاسىيەتلىك پەيتلەرنىڭ ھەر بىر دىلغا گۈزەللىك، ئاسايىشلىق، خۇشاللىق ئاتا قىلغۇچى ئىللىق دەملىرىگە چۆمۈلمەكتە.
ھېيت كەلدى.ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان كىچىك ۋەتىنىنى بارلىق مىھرى بىلەن سۈرتۈپ، ھالاللىقى بىلەن يۇيۇپ چىققان ئايال ئىككى ئالەملىك ھەمراھىنىڭ تەكبىر ئېيتىپ قوشقارغا پىچاق سۈرۈشلىرىدىن لەززەتلەنگەنمەكتە.كەپسىز-شوخ پەرزەنتلىرىنىڭ ھېيتلىك كىيىملىرىنى تىكىۋاتقان، كەم –كۇسسىلىرىنى تەقلاۋاتقان ئانىلارنىڭ چېھرىدا سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخار.
ھېيت كەلدى.كىچىكلەرنىڭ سالامىنى، چوڭلارنىڭ پەتىسىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك كىشىلەرنىڭ چېھرىدە مەمنۇنلۇق ۋە ئەڭ سەمىمى كۈلكە پارلىماقتا.
ھېيت كەلدى. ھېيتكاردىكى ساماغا جۆر بولغان ھاياجانلىق قەلىبلەر بارچە كائىناتنىڭ ھەر بىر بولۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قەلىبلەرگۈچە سىڭىپ كىرمەكتە.
بىر بىرىگە تويماي بېقىشىپ، ھال سورىشىۋاتقان قېرىنداشلار، بايرام تەنتەنىسىدىن مىھىرى تاشقىنلاپ بىر-بىرىنىڭ قەلبىگە ئىللىق سىزىملار  ئېقىپ كىرىۋاتقان تالاي قەدىناسلار ۋە يېڭى بىر جۈپلەر.
ھېيت كەلدى. تۇنجى پەرزەنتىنىڭ تۇنجى ھېيتىنى قۇتلۇقلاپ كۆزلىرىدىكى مەمنۇنلۇق ياشلىرىنى سۈرتۈپ، بەخت ئىلكىدە ئەللەيلىنىۋاتقان ياش ئاتا-ئانىلار.
ھېيت كەلدى. دېمەك ئۇ خۇشاللىق، پاكىزلىق، يېڭىچە ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كىلىپ ھەربىر ئىشىكنى مىھرىبانلىق بىلەن چەكمەكتە! بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-22 05:19 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2708
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-10-27
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 09:48:19 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەرھابا ئايەم،قېرىنداشلىرىمنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن

ئەي قېتىملارچە قەدىمى تېيىلغان!قەدىمىڭنى تېيىلدۇرغان نەرسىنى تاشلا!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6773
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-10-27
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 10:06:28 PM |ئايرىم كۆرۈش |
xahla117 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-22 09:48 PM
مەرھابا ئايەم،قېرىنداشلىرىمنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولس ...

بىرگە بولسۇن قېرىندىشىم

سەمىمىي ئادەم مېڭىپ، مېڭىپ ئۇدۇل قەلبىڭىزدىن ئورۇن ئالىدۇ،
ساختىپەز ئادەم مېڭىپ مېڭىپ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىن چۈشۈپ قالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 125726
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2015-9-2
ئاخىرقى: 2015-10-26
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 10:56:48 PM |ئايرىم كۆرۈش |
xahla117 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-22 09:48 PM
مەرھابا ئايەم،قېرىنداشلىرىمنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولس ...

تەشەككۈر بىرگە بولسۇن.

سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگە يار قىلغان كىشى ھەرگىزمۇ ئ‍ۆزىنى دەپ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە زەرچە ئ‍ازار بەرمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74839
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2015-10-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-23 01:36:13 AM |ئايرىم كۆرۈش |
بارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن...

ياخشىلارنىڭ كۆزلېرىدە نەم بولمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4955
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-10-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-27 04:48:01 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەرھابا تورداشلارنىڭ ئايىمىغا مۇبارەك بولسۇن

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 黔ICP备15011399号 )
چوققىغا قايتىش