مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1387|ئىنكاس: 16

كارخانىچى دوستلار:رىياسەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنى قەدىرلەيلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23746
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5113 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 09:48:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رىياسەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنى قەدىرلەيلى!

تاھىر ئىمىن


QQ图片20150108171855.jpg

QQ图片20150108171902.jpg


يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر مىللى ئېقتسادى ۋە كارخانىچىلىقى تىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا ئەگىشپ، تۈرلۈك ئېقتسادى پائالىيەتلەر،كارخانىچىلار يېغىلىشلىرى،ئاخبارات ئىلان قىلىش مۇراسىمى،مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش،مودىل كۆرەكلىرى، ۋاكالەتچىلەر ئۇچرىششى ،باشقۇرۇش لېكسيەلىرى كۇنسايىن كۆپىيۋاتىدۇ. بۇلاردىكى مەقسەت نەق مەيدانغا قاتناشقان ر ۋە قاتنىشالمىغان مىھمانلارغا شۇ قېتىملىق پائالىيەت ۋە كارخانا ھەققىدە ياخشى تەسر قالدۇرۇش،ئاخبارات ئۇنۇمى پەيدا قىلىش،قسقىسى ئاممىۋى تەشۋىقات قىلىش.دەرۋەقە نۇرغۇن كارخانا ۋە پائالىيەتلەرنى دەل مۇشۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى جەمىيەتكە تونۇتتى،قىممەت ياراتتى،خەق بىلمىسە،بىزنىڭ كارخانىمىزنىڭ ياراتقان قىممىتى ئەلۋەتتە تۆۋەن بولىدۇ-دە!

رىياسەتچىلەر بولسا-نەق مەيداننى ئۆزىنىڭ راۋان سۆز-جۇملىلىرى،كەسپى ئالاھىدىلىكى ۋە نام-شۆھرىتى بىلەن جانلاندۇرۇپ،قاتناشقان ۋە قاتناشمىغان مىھمانلارغا (ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق)ياخشى ئىجتىمائى ۋە ئقېتسادى ئۇنۇم يارىتىدۇ. ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ نۇرغۇن يتشسزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ.مۇخبىرلار بولسا-بۇ پائالىيەتنى قاتناشمىغان مىھمانلار ئۇچۇنلا ئەمەس،بەلكى يىراقلاردىكى كىشلەرگە يەتكۇزىدۇ،مۇھىمى بىر تارىخى ئسپات ۋە ھۇججەت قالدۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە كارخانىچى ئۆز شركىتى ئوبرازى،مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسنى شۇ رىياسەتچى،ئاخبارات ۋاستىلىرى،ئوبراز ئەلچىسى تونۇتىدۇ،شۇڭا پائالىيەتتە ئەڭ ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى-شۇلارنىڭ رولى.

كۆزىتىشمچە،مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كارخانا مەسئۇللىرى پائالىيەتلىرىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشۋاتقان تۈرلۈك خادىملارنىڭ يتەرلىك خىزمىتىنى قىلالمىدۇق، شۇڭا قىلىۋاتقان خىلى ياخشى ئشلىرىمىزنىڭ ئۇنۇمىمۇ كۆرۇنەرلىك بولمىدى .ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۇش ئۆزىمىزنىڭ ئشنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇچۇنلا ئەمەس،ئەڭ ئالدى بىلەن  ئوخشاش بىر ھۇنەر-كەسپ ئەھلىنى ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.كىشلەرگە بىلىشكە تىگىشلىك مۇھىم ،قىممەتلىك نەرسلەرنى بىلدۇرىدىغان <<ئوقۇتقۇچى>>نى ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.بىر ئنساننى ھۆرمەت قىلغانلىق،ئۆزىمىزنى ھۆرمەت قىلغانلىقىمىزدۇر..مەن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بىرىمەن:

1- رىياسەتچى ۋە مۇخبىرلارنى چوقۇم ياخشى رازى قىلىشىمىز كىرەك،رىياسەتچىلىك ،مۇخبىرلىق ...لارئايرىم بىر كەسپ،ئۇلار ئۆزىنىڭ شۇ كەسپىگە تايىنىپ قىممەت يارىتىدۇ. پائالىيتىمىز ئۇچۇن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ كىلىدۇ،قاتناش ھەققى تۆلەيدۇ،ماشىنا توختىتىدۇ،رەسىمگە تارتىدۇ،زىيارەت قىلىدۇ،ماتېريال رەتلەپ يازىدۇ،تەھرىرلەيدۇ،تۇزىتىدۇ،خەت ئۇرىدۇ، تەرجىمە قىلىدۇ،مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسان ئەمەس،ھەم كەسپى بىلىم ھەم ۋاقىت،چېقىم تەلەپ قىلىدىغان ئش،ئەقەللىيسى بىر پارچە ماقالىنىڭ قەلەم ھەققى قانچە پۇل؟سۈرەتكە تارتىش،ئشلەش، چىقىرىش، كىرىشتۇرۇشنىڭ ھەققى قانچە پۇل؟بۇلارنىمۇ ئنساپ بىلەن ئويلاش كىرەك.بىز ئۇلارنىڭ ئېقتسادى قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويدۇقمۇ مەغلۇپ بولغان بولىمىز.شۇڭا ئۇلارغا قانچىلىك ئېقتسادى كۆڭۈل ئىزھار قىلساق ئۆزىمىز ئۇچۇن شۇنچە ياخشى مەبلەغ سالغان بولىمىز.گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا،ئاخبارات ۋاستىلىرى بىزگە مۇھتاج ئەمەس،بىز ئۇلارغا مۇھتاج.ئۇلار بىزنى جاپا تارتىپ يازمىسمۇ باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېقتسادى ئۇنۇم يارىتالايدۇ.ئۇلارنىڭ ئالدىمىزغا كىلىپ خەۋەر يېزىشى بىزگە ھاجىتى چۇشكەنلىكى ئۇچۇن ئەمەس،ئەكسچە باراۋەر يوسۇندا كەسپى ھەمكارلىق ئۇچۇن.شۇڭا ئۇلارنى رازى بولغۇچە قەدىرلىشىمىز كىرەككەن.

2- ئۇلارغا مۇۋاپىق ئورۇن ھازىرلىشىمىز كىرەك.مۇخبىرلار ئۆزىگە مۇناسپ كىلىدىغان ،كۆرۇش نۇقىتىسى،سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسى ياخشى بولغان جايدىن ئورۇن بىرىلگەندە،ئۇلارنى تاشلىۋەتمەي،يول باشلاپ ئىززەتلەپ كىرگەندە، ئۇلارنىڭ خەۋەر يېزىشى ،يارقىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۇرۇشى ئۇچۇن شارائىت بولىدۇ.

3- مۇخبىرلارغا مەخسۇس ماتېريال تەييارلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش،زىيارەت سۇئالى،ھەرقايسى ئايرىم نۇقتىلار بويىچە زىيارەت قىلىنىدىغان كىشلەرنى بەلگىلەپ،ئالاقە ئۇسۇلىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەك.

4- ھەممىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك، تىلىۋىزۇر، رادىئو، گىزىت،ژۇرنال، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ، يانفون ھەممىسى ئوخشاشلا مۇھىم بولغان تارقىتىش ۋاستىلىرى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن خىزمەت قىلىدۇ.شۇڭا ئۇلارنى ئايرىپ قويۇش،تەڭسز مۇئامىلە قىلىش-ئوخشاشلا ئازار بەرگەنلىكتۇر.

بۇلار ئۇچۇن مۇھىمى-مۇخبىرلارنى كۇتۇۋالىدىغان مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئورنىدىن تارتىپ ئالدىن مۇقىملاشتۇرۇش مۇۋاپىق.!

مىللى كارخانىچىلىق بولسۇن، ئاخباراتچىلىق، رىياسەتچىلىك بولسۇن، ھەممىمىز ئومۇمى مىللى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بىر تەركىۋى قسمى،بۇ مەۋجۇتلۇقىمىز ساھەلەر،كەسپلەر ئارا چۇشۇنۇش،قوللاشقا مۇھتاج.ئاخباراتچىلار ئەلۋەتتە كىشگە ئىلھام بىرىدىغان،ئىلغارلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان،ئنسانپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلارنى روياپقا چىقاردى،ئۇلار گۈللەپ ياشنىسۇن.ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ داۋاملىق مىللى كارخانىچىلىقىمىز ئۇچۇن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.سلەرنىڭ رولىڭلارنى كەڭ جەمىيەت،خەلق،كارخانىچلار ھامان تولۇق تونۇيدۇ،سلەرنىڭ خىزمىتىڭلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىدۇ!

بارلىق رىياسەتچى ۋە مۇخبىر دوسلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 05:24 PM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10862
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنى قەدىرلەش كېرەك..........  چۈنكى ئۇلار جاھاندىكى يېڭىلىقلارنى خەۋەردار قىلىپ تۇردۇ ئەمەسمۇ


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14059
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بۇ جۇڭگۇدا ھەقىقى مۇخبىرلارمۇ بامۇ بوممىسا .

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:50:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇخبىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە  دەيدۇ؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hutan.tawakkul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 10:51 PM  


ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:59:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 10:50 PM
مۇخبىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە  دەيدۇ؟


رىياسەتچى دەپ ئاتامدىكىن،ئەممە بەزى ئەللەردە مۇخبىر يوق مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بار ماشىنا مۇخبىرلار بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كاشكارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 11:05 PM  


يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:22:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چاقىرىق بوپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111611
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:24:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا مۇخبىر لارنى قەدىرلىشىمىز كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2638 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 12:36:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 10:50 PM
مۇخبىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە  دەيدۇ؟

تاراتقۇلار دەمدىكىن ...

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 01:19:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 10:50 PM
مۇخبىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە  دەيدۇ؟

چەتتىن كىرگەن ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئەسلىدىنلا بولمىغان ئاتالغۇلارنىڭ زورمۇزور ئۇيغۇرچىسىنى ئىزدەپ نېمە قىلارمىز ؟ چەتتىن كىرگەن ،ئۇيغۇرچە بوپ ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىمۇ ئۇيغۇرلىرىمىز تۇللۇق چۈشىنىمىزغۇ ، مەسىلەن بانكا ،تانكا ،فوتوگراف ……يەنە نۇرغۇن سۆزلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6056
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 01:29:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hutan.tawakkul يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 10:50 PM
مۇخبىر دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە نىمە  دەيدۇ؟

شۇ تىلدا ئەسلىدىنلا بولمىغان سۆزنى ئۆزتىلى بويىچە ياكى ئۆزتىلىغا يېقىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىشلىتىشنى شۇ سۆزنىڭ ئۆزتىلىغا نىسبەتەن ھۆرمەت دەپ چۈشەنسەك ئارتۇق كەتمەس …
مەسىلەن ، خەنزۇلار ياكى باشقا كۆپ سانلىق مىللەتلەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ،مەدەنىيەت-سەنئەت جەھەتتىكى خاس ئاتالغۇلۇق سۆزلىرىمىزنى ئۆز پېتىچە ياكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىشلىتىۋاتىدۇ ، بىز شۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئائىت خاس ئاتالغۇلۇق سۆزلىرىنى ئۆز پېتىچە ياكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىشلىتىدىكەنمىز …

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش