مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 830|ئىنكاس: 10

ئايتۇغ- نورۇز ۋە مەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23755
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5117 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:05:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

QQ图片20150318205850.jpg

نورۇز ۋە مەن

سائادەت ساتتار ئايتۇغ


سۈكۈت زىمىستانىنىڭ باغرىنى مۇلايىم بارماقلىرى بىلەن سىلىغان باش باھارنىڭ سالامىنى يەتكۈزىۋاتقان ئىللىق شامال قىرىق بىر تال ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندە سەبى قىزنىڭ شۇ تاپتىكى ناتىۋان تۇيغۇلىرىغا نىمە يەتسۇن؟ قېلىن دەرەخ پوستىنى زور غەيرەتتە يېرىپ چىققان رەڭگىگە تويۇنمىغان ئاجىز يوپۇرماقلار، كىشى قەلبىنىلا ئەمەس پۈتكۇل تەبىئەتنى لەرزىگە سالغۇچى چېچەكلەرنىڭ جەزبىگە ھەۋەس بىلەن باققان سەبى كۆزلەر باھاردەكلا گۈزەل! باھار دىمەك-يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى، باھار دىمەك، كۈزدىكى مول-ھۇسۇلنىڭ نىشانى،باھار دىمەك، ھايات بېتىمىزنىڭ يېڭى بىر ۋارىقى، بۇ ۋاراقلارنى باھار ئايلىرىدا ئۈمىتتىن ئۇرۇق چېچپ مىننەتسىز ئەجىر بىلەن پەرۋىش قىلغانلار، تۇمۇز ئايلىرىنىڭ پىژغىرىنلىرىدا تاۋلىنىپ ئەجىر بېغىنى بېزىگەنلەر كۈزنىڭ بەرىكەتلىك ئايلىرىدا مەمنۇنىيەت تاغارلىرىغا بەركەت خامانلىرىنى يىغالىغانلار قان-تەرى بەدىلىگە كەشتىلەنگەن ئەڭ گۈزەل سۆرەتلەر، ئىسىل نەزمىلەر، باياشاتلىق كۈيلەر...بىلەن ئەڭ چىرايلىق بېزىيەلەيدۇ.

يېڭى كىيىمىنى بەس-بەستە تالىشىپ كىيىۋاتقان رەسىدە قىزلار كەبى نۇرلىنىۋاتقان باغۇ-بوستان، چىمەنزارلار، دىماقلارغا ئۇرۇلىۋاتقان ئۈرۈك چېچىكىنىڭ خۇشپۇراق ھىدلىرى،ئېتىز-ئېرىقلارغا شىلدىرلاپ قۇيۇلۇۋاتقان ئەگىز سۇلىرى،قاياقلاردىندۇر قايتىپ كىلىۋاتقان قارلىغاچلار، ھالال ئەجرىنىڭ مەنزىل-مەيدانىغا زور ئۈمىد ۋە ئىخلاس بىلەن بەس-بەستە قەدەم ئېلىۋاتقان، چېھرىدىن ساپلىق، ھالاللىق بالقىپ تۇرىدىغان دېھقانلار، چوكانتالدىن چاچ ئۆرۈپ سېلىۋاتقان شوخ قىزلار، تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ، توپىلىق يوللارنى يالاڭئاياغلىرى بىلەن ئويغۇتۇپ، قىيغىتىپ كىلىۋاتقان سەبىيلەر.....باھار كەلدى!باھار كەلدى! دەپ جار سالماقتا! شۇنداق، باھار كەلدى! ئۇ ھەممىمىزگە ھەر يىلىدىكى باھاردەكلا ئۈمىد ۋە ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلارنى تەكرار ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ.يەنە قانچىلىغان ئۈمىدلەر كىلەر يىلقى باھارغا ئىلتىجا كۆزلىرى بىلەن باقاركىن؟!



نورۇز

‹‹ناخشا تېكىستى››


سائادەت ساتتار ئايتۇغ



ئاپئاق تاغلار سالدى چاپان خۇش نورۇز كەلدى،

مىسكىن باغلار كۈلدى لېۋەن خۇش نورۇز كەلدى.

تال چىۋىقنى ئات ئىتىشىپ ئوينايدىغانغا،

كەلدى باللا سالدى سۈرەن خۇش نورۇز كەلدى.


تەبەسسۇمدا كۈلەر ئەنە تارىم-زەرەپشان،

جۆر بولىدۇ سامالارغا شۇ تاپ يەر-ئاسمان،

نورۇز بىلەن ياشارماقتا قەلىبلەرمۇ ھەم،

ئۇيغۇر كۈلدى،جاھان كۈلدى خۇش نورۇز كەلدى.


يىلنىڭ بېشى،ئىشنىڭ بېشى جانلاندى ھەممە،

بۇلبۇل تاپقاچ گۈلشەنىنى قىلىدۇ نەغمە،

ياشارماقتا سەن بىلەن تەڭ دىللاردا ئارمان،

قىزلار كۈلدى، يىگىت كۈلدى خۇش نورۇز كەلدى.


نورۇز بىلەن بارچە خۇشال ئوينايدۇ ساما،

ئىشچان يىگىت بەسكە چۈشتى ئەمگەكتە يانا.

كەلسە نورۇز كۈلەر ئۇيغۇر شادلىنار دىللار،

ئېتىز كۈلدى،ئېقىن كۈلدى خۇش نورۇز كەلدى.


ھەي نورۇز، ھەي نورۇز گۈزەلسەن نورۇز،

ھەر بىر دىلغا ئۈمىتلەر بېرەرسەن نورۇز.

ھەي نورۇز، ھەي نورۇز گۈزەلسەن نورۇز،

ئۇيغۇر كۈلسە جۆر بولۇپ تەڭ كۈلەرسەن نورۇز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 09:36 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 271 يوقاپ كەتمەڭ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 271   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:50:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، مەن ساقلىۋالاي بۇلامدۇ …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9098
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3417 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:17:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇزمۇ كېلەي دېدى،مۇنبەردە بىرەرىمىز نۇرۇزلۇق مەشرەپ ئۆتكۈزسەك بۇلاتتى قېرىنداشلار.

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 972
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45786
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6594 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 01:44:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇزنى باشلاپلا كەپسىز، ئايتۇغ، دىللدرنىمۇ تەڭ ئىللىتىپ. مۇبارەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3901
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1005 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:55:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



         نورۇزلۇقلىرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
         نەسرىڭىزنىڭ جۈملىلىرىنى ئوقۇپ بولغىچە نەپەس ئالالماي قالدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4481
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 02:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇزنى كۇيلىگەن قوللار تالمىسۇن

يىگانەم سىز~~~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65045
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3880
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 04:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نورۇزغا قاتنىشىمەن.

يالغۇزۇم سىز دىسەم يالغۇز قويدىڭىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33406
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4536
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 662 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 05:47:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇزىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

سىز ئالدىرماڭ سىزگە كىلۇر،ئاستا ئالدىرماڭ تىز كىلۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3792
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 09:10:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇز نەزمىسىنى ياخشى يىزىپسىز ،قوللۇرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
سىزنىڭ شېىرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ئايتۇغ.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115085
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2015-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 09:17:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك نەۋرۇز ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن قەلىمىڭىزگە بەركەت تېلەيمەن

ياخشى كۈنلەر ھامان كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش