ئۇيغۇر ئاياللىرى ئورتاق تونۇشى
! E) z9 S0 ^- i; E/ |( z* U
& n- N' _& }% m4 m
تاھىر ئىمىن
, N) @) p: c8 {9 A5 G5 P) c/ F, Zئىزاھات: ماڭا ئوخشاش 8ياشتا ئانىدىن ،12 ياشتا ئائىلىدىن ئايرىلىپ تا ھازىرغىچە جاھان قايناملىرىدا قاينىغان ، ئانا ۋە ئائىلە مىھرىگە قانمىغان ياشلار ئاز ئەمەس بۇتونۇش مىنىڭ سەرسانلىق چاغلىرىمدا ئاياللار ۋە ئانىلار ئۇچۇن ئويلىغانلىرىم بولۇپ،2014 -يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇيغۇر ئاياللىرى مۇنبىرى 1-سان (توققۇز قىز ئۇچرىششى)دا ئوقۇلغان ۋە ئورتاق تونۇش دەپ قارالغان. بىر بۆلىكى ئۇرۇمچى تىلىۋىزىيە ئستانسسى (شەھەر خاتىرسى) دا قويۇلغان .12-ئاينىڭ 12-كۈنى 3-نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى مۇراسمىدا رىياسەتچى ماھىرە ئابدۇغىنى تىلى ئارقىلىق ئوقۇلۇپ دوسلارنىڭ ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرشكەندىن كىين رەسمى ئىلان قىلىندى.
بىز دەۋرداش ئاياللار ئورتاق كەچمىش، ئورتاق رىئاللىق ، ئورتاق ئارزۇ ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت بىلەن ياشاپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا ئۆزىمىز ۋە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ شاھىتى بولدۇق. ھەر بىرىمىزنىڭ كەلگۈسىمىز ھەم گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بار. كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەن مانا مۇنداق تەۋرەنمەس پىرىنسىپ ۋە پوزىتسىيىمىز بار:
1. ياشاش ئستىكى- بىز ھاياتنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىمىز. ئۆزىمىز سۆيگەن تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىغا يەڭ تۈرۈشكە تەييار بولدۇق.
2.مۇككەممەللىك- مۇكەممەللىككە تولۇق يېتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما، ئۇنى باشتىن – ئاخىر نىشان قىلىپ كەلدۇق. بىز تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قانۇنىيەت، قانۇن، ئەخلاقى پىرىنسپلارغا رىئايە قىلىش، بىلىم ۋە بىر كەسپنى پۇختا ئىگىلەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.
3.ئورتاقلىشىش - ئارىمىزدا تىرىشچانلىقى ۋە ئىقتىدارى بىلەن ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەر بار. ئىرادىسىزلىكى، پۇرسەتنى تۇتالماسلىقى سەۋەبلىك ئارقىدا قېلىۋاتقانلارمۇ بار. ئەمما بىز يارىتىلغان سەھنىلەر ئارقىلىق ئەستايىدىل ئۆگىنىمىز، ئورتاق تىرىشىمىز، تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىمىز. بەخت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.
4. مەسئۇلىيەت - بىز يارىتىلىشىمىزدىنلا ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بولغان -پەرزەنتلىك بولۇش، تەربىيەلەش، ئائىلىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىجتىمائې مۇناسۋەتلەرنى تەڭشەش ۋەزىپىلىرىنى تەبئىيلا ئۈستىمىزگە ئالغان. بىز بۇنى چۈشىنىمىز، خۇشاللىق بىلەن ئادا قىلىمىز. شۇڭا بىز قاخشاپ-زارلاشتىن يىراق.
5. قەيسەرلىك- بىز ھايات يولىدا تۈرلۈك ئازاپلارغا دۇچ كەلدۇق ۋە دۇچ كىلىمىز. ئشسىزلىق، يوقسۇزلۇق، يالغۇزلۇق، ئېغىر ئەمگەك، پۇرسەتلەرنىڭ باراۋەر بولماسلىقى، ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىق، تۈرلۈك پىتنە - پاسات ۋاھاكازالار... ئەمما بىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىۋىرىمىز. بىزگە بەختىمىزنى ھېچكىم ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئىخلاسى، ئۆزىمىزنىڭ قەيسەرلىكى بېرىدۇ.
6. كۆرەش- بىز ئەسلىدە ئۆزىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىز، ھالال جۇپتىلىرىمىزنى كۇتۈش ھەم ئۆزىمىز كۈتۈنۈشكە تەشنا ئىدۇق. ئەمما رىئاللىقىمىز بىزنى جەمىيەتكە ئارىلىشىپ ئشلەش يولىغا باشلىدى. رىقابەتكە تولغان بۇ جەمىيەتتە بىز چۇشىنىشكە، قوللاشقا، ياردەم بېرىشكە مۇھتاج. چۈنكى، بىزنىڭ ئەمگىكىمىز ئەڭ ئاخىرىدا شۇ جەمئىيەتنىڭ يىلىكى بولغان ئائىلە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىز ھەر قانداق تەبىئى ۋە كۈتۈلمىگەن شەپقەتسىزلىكلەرگە كۆرەش ئارقىلىق جاۋاب بېرىمىز.
7. ئەنئەنە- بىز ۋۇجۇدىمىزدىكى ئىزگۈلۈك ، پەزىلەت ۋە مەدەنىيەت روھىنى ئەجداتلىرىمىزدىن ئالدۇق ۋە ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي پەرزەنتلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرىمىز.
8. گۈزەللىك- بىز گۈزەللىكنى سۆيىمىز، بىزنىڭ گۈزەللىكىمىز ئۆزىمىزدە بار بولغان، تاشقى ئامىللارغا زىيادە تايانمايدىغان ھەم مەڭگۈ بىزدىن ئايرىلمايدىغان نەرسىلەر بىلەن قارار تاپىدۇ. بۇ گۈزەللىك – قەلبلەرنى خاتىرجەم قىلغۇچى خاراكتىرىمىز، ئېرىشكەنلىرىمىزگە قانائەت قىلىش ۋە تېخىمۇ ياخشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزدە، ھەرىكىتىمىزگە رەھبەرلىك قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان توغرا دۇنيا قاراشتا، يارىتىشىمىزدىلا ئۆزىمىز بىلەن تەڭ يارالغان تەبئىي گۈزەللىكىمزدە!
9. ئىشەنچ- چەت يېزا-قشلاقلاردا ، مۇساپىرلىق كوچىلىرىدا ئۇنتۇلغان ئاياللارغا: "سلەر يالغۇز ئەمەس، ھاياتنىڭ ئۆزى –قسمەت ۋە قسمەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىش بىلەن مەنىلىك، بىز خياللىرىمىزدا، روھىمىزدا سلەر بىلەن شۇ قىسمەتلەرنى ئورتاقلىشىمىز" دەيمىز چىن دىلىمىزدىن.ئەگەر يېنىمىزدا بارلارنى قەدىرلسەك، ئېرىشكەنلىرىمىزنى ، ئىمكانىيەتلىرىمىزنى چىڭ تۇتساق، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدىن ئوخشاش بەھرىمەن بولالايمىز ياكى تېخىمۇ زور بەخت تۇيغۇسىدا بولىمىز.
10. مىننەتدارلىق- ئاياللارنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ۋە چىقىرىۋاتقان بوۋىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز، يىگىتلىرىمىز: دۆلەت، خەلق ھەتتا، پۈتۈن دۇنيا سىلەردەك مەسئۇلىيەتچان ئەركەكلەرگە مۇھتاج، بىز سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى خاتىرجەم ھېس قىلىمىز. سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بالىلىرىمىز يۈرەكلىك ياشايدۇ! سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار، قىزلىرىڭلار سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، سىلەردىن ھايا قىلىدۇ.
11.چۈشىنىش- ئاياللارنى كەمستىدىغان، ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈپ، يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا خارلىغان، مەسخىرە قىلىۋاتقانلارغا شۇنداق دېگۈمىز بار:
قېرىندىشىم، سز تېخى ھەقىقى ئايالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىڭىز، چۈنكى سىزنىڭ كۆزىڭىز ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ.سز ئاجىز ھەم ئازغۇچى قىزلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىسز، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بايقىۋىلىشىدىن، سزنى كۆزگە ئىلماسلىقىدىن ياكى مەقسدىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىڭىزدىن قورقىسز. سز پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىق، روھلۇق، ئىمانلىق ئاياللارغا يۈزلىنەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ روھى، ئەقلى، قەلبىنى ئۇتالايدىغان ئەركەكلەردىن بولالامسز؟ بىلىشىڭىز كېرەككى، سەمىمىيەت ۋە ئىرادە، پەزىلەت ۋە ئىقتىدار ھازىرلىغان ئەركەكلەرلا ئەڭ گۈزەل تۇيغۇلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ ۋە پەزىلەتلىك ، لاتاپەتلىك ئاياللارغا ئاتا بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدۇ.
12- ئىقتىدار- ئاياللارنى تاماق ئېتىش بىلەن كىر يۇيۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ دەپ قارايدىغانلارغا شۇنداق سۆزىمىز بار:
ئاياللارغا پۇرسەت كىرەك ، ئۇلار پۇرسەتكە ئېرىشكەندە، پارتلاپ چىققاندا،سۈكۈت بىلەن، پاراسىتى، چىۋەرلىكى ۋە ئەستايىدىللىقى بىلەن نۇرغۇن نەرسىنى ئۆزگەرتىدۇ.دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالى مەكتەپلىرى، تەتقىقات مەركەزلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئالىمەلىرى ،تۈرلۈك مەمۇرى ۋەزىپىلەر، ئىجتىمائى ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى، كەسكىن رىقابەت، رەھىمسز بازاردا پۇت دەسسەپ تۇرغان ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئايال كارخانىچىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرى، تاماق ئېتىش، بالا بېقىش، ئۆي تازىلاش، چارۋىلارغا قاراش،ئېتىز-ئېرىقلاردا جاپاغا چىداپ دىھقانچىلىققا ياردەملىشىش، نەزىر-چىراقلارغا قاتنىشش...ھەممىسگە ئۈلگۈرۈپ كېلىۋاتقان يېزا ئاياللىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز سەل قاراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر. بىلىشڭلار كىرەككى،ئەگەر ئاياللار ھەر قاچان پىداكارلىق روھىنى ئاساس قىلىپ ياشىمىغان بولسا،ئەلۋەتتە بىز ئۇنداق ياشيالمايمىز،بەرداشلىقى ۋە تەبئى ئىقتىدارى بىلەن تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قازانغان بولاتتى.
13.يېتەكلەش- ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن، خاتا يولغا قەدەم باسقان سېڭىللار: ئۆزۇڭلارنىڭ يولىنى مەيلى توغرا ياكى خاتا دەپ قاراڭلار، بەرىبىر سىلەر ھازىرقى ئورنۇڭلار، تۇرمۇشۇڭلاردىن رازى ئەمەس، خۇشال ئەمەس. بەلكىم سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئاجرىشىشى ياكى يوقسۇللۇق، مەجبۇرىلىق ياكى كىچىكلىك ۋەياكى ئەقىلسزلىق بىلەن بۇ يولغا كىرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك يولۇڭلار بولالمايدۇ! كېلىڭلار، ئەتراپىمىزدىكى توغرا ئشنى كۆرەلەيدىغانلار سلەرگە بەخت ھەققىدە، ھايات ھەققىدە ، ئادىمىيلىك قىممىتى ھەققىدە، ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى دەپ بەرسۇن، مەبلەغ سىلىپ قوللىسۇن، سلەرنى خىزمەتكە ئالسۇن، پەقەت توغرا يولدا ماڭساڭلارلا، سلەرگە يول ئوچۇق ھەم كەڭرى!
تاھىر ئىمىن ئشلىگەن ئاياللار خىزمىتى:
1-ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش،ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى<<ئاياللار مۇنبىرى>>www.ayal.bizنى قۇرغان. 2-ئاياللارغا ھەقسز ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ،تەربىيلەش مەقستىدىكى <<ئاياللار ياردەم مەركىزى>>نى قۇرغان ،داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
3-<<ئاسپرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى>>نى روياپقا چىقىرىپ،ئۇچ يىلدىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
4-شنجاڭ 30 ئوغۇل شركىتى تېزىمغا ئالدۇرغان 30 ئوغۇل ،9 قىز ماركىسى نامىنى ئشلىتىپ <<توققۇز قىز مۇنبىرى>>نى تەسس قىلىپ،ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىق سۇپىسنى تەرەققى قىلدۇرغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 05:18 PM
" E6 \# E8 H* `9 o: B8 `
5 {( k5 X: c2 \) @