ئادەملەر
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
ھەسەت ئوتى ئۆرتىسە غاجاشمايلى ئادەملەر،
شەيتان زوققا ئۈندىسە ئاداشمايلى ئادەملەر.
ئۈششۈك تىلەپ قوللارغا،خەندەك ئويۇپ يوللارغا،
رەقىپ ساناپ ئۇتقاننى قاغاشمايلى ئادەملەر.
يىرتىپ ئىنساپ ئەھدىنى،پۈكۈپ غۇرۇر قەددىنى،
ئەل رىسقىغا چاڭ سېلىپ، ماراشمايلى ئادەملەر.
تېڭىپ ئەقىل كۆزىنى، تۆكۈپ ۋىژدان يۈزىنى،
شېكەر نەپنىڭ كويىدا چاناشمايلى ئادەملەر.
ئۇتار شۇملۇق تېلەكنى،رەڭ يوقاتسا يۈرەكنى،
تۆت پۇتلۇقتەك بەز-سۆڭەك تالاشمايلى ئادەملەر.
مەنبەسى : ئۆز قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ongmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 06:57 PM