ئادەتتىكى ئەزا
دىل بايان مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس يەلپۈنەر سامادا ھېسلىرىم تەڭگىل، بۇلۇتلار باغرىنى ئەتكەندەك ماكان؛ ئۇچۇرما ئىلھامدىن يايرىغان بۇ دىل، سېزىدۇ جەننەتتە بولغاندەك مېھمان. چوغ سىياق شەپەقتىن ئىللىسا مېھرىم، ئەركىلەپ ساپ ھاۋا تۇرار باغاشلاپ؛ يۇلتۇزلار قوينىدا يورۇسا جىسمىم، ئەتىكى تاڭ ئەنە كۈتىدۇ ساقلاپ. بۇلۇتلار مېھرىدىن تۆكۈلگەن مارجان، پاكلىسا تەشۋىشنى سېھىرلەپ يۇيۇپ؛ سېزىمەن ئۆزۈمنى ھوزۇرلۇق شۇئان، لەززىتى دىلىمغا كەتكەچكە ئۇيۇپ. مەنبە: قەلىمىم.
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ