بولساڭ
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
يۈتەر نامىڭ كۆچۈپ ئەلدىن ئەجىرسىز لاپ ئاتار بولساڭ،
ئاچار قوينىن بەخت- ئامەت،ئاۋامغا كۈچ قاتار بولساڭ،
بۆسۈپ -چەيلە جەۋىرلەرنى ، ھاياتقا يول ئاچار بولساڭ،
تەبەسسۇمدىن يىراقلاشما، ئىجىللىقتا ياشار بولساڭ،
دىلىستانغا چېكىلگەيگۈل،جەزىرنى باغ ياسار بولساڭ.
ئەمەس داغدام جىمىمەنزىل ، داۋانى بار كېزىپ قالساڭ،
خىرىس پۇتلار ئاچاللاردا، يولۇڭدۇر تار ئېزىپ قالساڭ،
پۈتەر داستان مۇساپەڭدىن، تەرىپلەپ چىن يېزىپ قالساڭ،
يېشىلنى كۆك بوياپ يۈرمە، بولۇپ رەسسام سىزىپ قالساڭ،
ھايات بەيگەڭدە يۈرگىن-چاپ،زەپەرگە يول ئاچار بولساڭ.
ۋىسال قۇچقاي ئۈمىد جامى قانائەتتىن چېنىپ تۇرساڭ،
يورۇق بەرگەي ھايات شامى يۈرەكىڭ چوغ، يېنىپ تۇرساڭ،
كېلىپ قونغاي كامال تاجى ئىلىمدىن نۇر ئېلىپ تۇرساڭ،
باغاش ئەتكەي ئۇتۇقتونى ئەجىر-مېھنەت قىلىپ تۇرساڭ،
كۈلۈپ باققاي ساڭا ئالەم داۋانلاردىن ئاشار بولساڭ.
كۆتۈرگەي ئەل سېنى كۆكتە نۇرى ئۆچمەس چىراق بولساڭ،
دىلىڭ چاقنار يورۇپ تاڭدەك، ھارام نەپتىن يىراق بولساڭ،
زاۋال ئەيلە رەقىبلەرنى، زەرەتلەنگەن ياراق بولساڭ،
چىدام تونى ساڭا قالقان ئاڭا ئاشىق، پىراق بولساڭ،
چىقىپ نامىڭ تارار ھەريان چېلىشلاردا ئۇتار بولساڭ.
بىشارەتتۇر ھالاكەتلىك، چىغىر يولدىن كېتىپ سالساڭ،
قاچار بەركەت سېنى تاشلاپ ، قانائەتكە پېتىپ قالساڭ،
يېپىشقاي چىڭ غېرىبانلىق ئەجىردىن زەر قېچىپ تالساڭ،
ھالاللانغاي ساڭا نىممەت، ئەجىردىن بەت ئېچىپ قالساڭ،
كېبىر، غەپلەتكە ئۇر پەشۋا، كۈلۈپ مەغرۇر ياشار بولساڭ.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ongmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 06:51 PM