ئۆكسۈيدۇ تەبىئەت، ياشلىرى تارام
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
بوغىدۇ قاماللاپ تىنىقلىرىڭنى،
ئەسەبىي بۇلغىما، بەتبۇي قوغلىشىپ؛
لەيلىتەر سۇ يەكلەپ بېلىقلىرىڭنى،
خار ئەيلەپ مۇھىتنى،كەتكەچ ياتلىشىپ.
زارلىنار تۇپراقمۇ يوپۇق دەردىدىن،
ئېرىقتا سۇلارنىڭ ناخشىسى ئۆچكەن؛
بىلىنەر زىرائەت مۇڭى تۇرقىدىن،
تەبىئەت جىلۋىسى نەگىدۇر كۆچكەن.
چىرمىغاچ تەبىئەت چېھرىنى تەشۋىش،
ھەر بىر نەپەسكە يار ئاچچىق پىغان؛
قاپلىسا توختاۋسىز چاپچىپ بۇلغىنىش،
قىيناقتىن باغىرى بولدى لەختە، قان.
تۈتەكسىز ساپلىققا ھاجەتمەن شۇ دىل،
قەد ئېگىپ ئۆتۈنەر ئەيلىگەچ ھەيران؛
بۇلغىما، قېزىشلار تىنار سەۋرى قىل،
بېسىقىپ ئاچكۆزلۈك،توشقاندا ھەميان.
ئاتىغاي قانداقمۇ مۇھىت ساپ مېھىر،
بوغۇلۇپ نەپەسلەر بەرمىسە ئارام؛
قىلماسقا ئىلتىجا قالدى نە سەبىر،
ئۆكسۈيدۇ تەبىئەت، ياشلىرى تارام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-22 02:08 AM