مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1200|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

رەڭسىز ھايات ئابدۇۋايىت ئابلىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79117
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4579
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2015-7-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

رەڭسىز ھايات

ئابدۇۋايىت ئابلىز

1

ئىنسانىيەت جەمئىيتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان،مىنۇت-سىكۇتنىڭ ئىچىدە شۇنداق دەۋىر سۈرىۋاتقان يېڭىلىقلار زامانىۋى تېخنىكىنىڭ رەھىمسىزلىكى بىلەن ئىشلىتىشتىن قېلىش ياكى دەۋىر ئېقىمىدىن شانلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياشىماق ئىنتايىن قىيىن ھەم مۈشكۈل ئىكەن.

نادىر ئېغىر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ يولنىڭ چېتى بىلەن خىيال ئىچىدە ئەتراپىدىكى نە قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى،نە قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ دۈدۈك-ئاۋازى،نە قاياقلاردىندۇر كەلگەن شاۋقۇن-سۈرەنلەرگە پەرۋاسىز ھالدا مەكتىپىگە قاراپ كېتىپ باراتتى.ئەمما ئۇ شۇنچە ئېغىر خىيال بىلەن كېتىپ بارغان بولسىمۇ،ئالدىغا ئۇچقاشقان بىرمۇ ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى قالدۇرماي سول قولىدىكى ئالدىن تەييارلىۋالغان خالتىغا سېلىپ ماڭاتتى.

نادىر13-14ياشلار چامىسىدىكى ،قويۇق چاچلىق،قاڭشارلىق،،قاپقارا قاشلىق،بۇغداي ئۆڭ،بۇلماقتەك كۆزلىرى دائىم قارىسا نىشانسىز بىر نوقتىغا قاراپ چوڭقۇر خىيال سۈرىۋاتقان ھالەتتە يۈرىدىغان ،بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئېغىر چاقچىقىغا دۇچار بولغان كاج تەلەي بالا.

2

نادىرنىڭ دادىسى باھادىر بويى پاكار،قارامتۇل،دوغلاق كەلگەن ،پۇت-قولى ئىنتايىن چاققان،ئۆزىنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە ئاتىۋەتكەن،ھېچقانداق ئويۇن-ماشا بىلەن خوشى يوق ئېسىل بالا بولغاچقا ،مەھەلىدىكى ھەر پۇلى بار،ھەر سۆلەتلىك،كېلىشكەن يىگىتلەر ئېرىشەلمىگەن گۈلمىرەگە ئېرىشكەن ئىدى.گۈلمىرەنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن باھادىرنىڭ ئائىلسىدىن  ئۈستۈن بولغاچقا ئۆيىدىكىلەر ئۇنى گۈلمىرە نىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزۈشكە قەتئىي قوشۇلمىدى.بىر كۈنى قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن باھادىرنىڭ دادىسى :

ـــ ئوغۇل بالا دېگەن غورۇر،ۋىجدانى بىلەن ياشىشى كېرەك.ئايال كىشىنىڭ گۈزەللىكى تۆت كۈنلۈك،گۈزەل ئايالنى ئالدىم دەپ بىر ئۆمۈر خوتون كىشىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆتكۈڭ بارمۇ؟ـــ دەيتى دادىسى قوللىرنى شىلتاپ ھېلى ئوغلىنى  ئۇرىۋېتىدىغاندەك قىلىپ :

ـــ سەنغۇ ئۆتەرسەن خوتۇن ئۆزۈڭنىڭ بولغاندىكىن كۆزىگە قاراەسەن،يىغلامسەن،يالۋۇرامسەن،ھەتتا غورۇرىڭنى قايرىپ قويۇپ تىزلىنامسەن،ئۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،ئەمما ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزچۇ؟ ھېيىت-ئايەم،توي-تۆكۈن،ئۆلۈم-يېتىم،ئاغرىق-سىلاقلاردا قانداق قىلىمىز؟ قۇدىلار قول ئىلكىدە بار،مەھەلىدە تۆتنىڭ بىرى،ئاناڭ ئىككىمىز سەن ئۈچۈن ھەشەمەت ياشاپ تاپقىنىمىزنى قۇدىلارنىڭ داستىخېنىغا ئىشلىتىۋەتسەك باشقا ۋاقىتتا شامال يەپ بوران كېكىرىمىزمۇ ؟
  پۈتۈن ئەس خىيالى گۈلمىرە بىلەن توي قېلىشتا قالغان نادىر ئويلانمايلا :

ـــ سەنمۇ بىر پۈتۈن ئەركەك بولغاندىكىن گۈلمىرەنىڭ دادىسىغا ئوخشاش پۇل تېپىپ،يۈز تېپىپ مەيدىمىزنى كېرىپ ياشاتساڭ بولمامدۇ؟ ـــ دېيىشى باھادىرنىڭ تاپىندىن كىرىپ مېڭىسىدىن چىقتى.دېمىسىمۇ باھادىر  ھەقىقەتەن ئىشچان ،ياخشى بالا ئىدى.ئۇ تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەڭ ئاۋۋال ئىككى يىلنى سەرىپ قىلىپ تۆمۈرچىلىك ھۆنىرى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىپ بازارنىڭ ياخشى يېرىدىن ئورۇن تېپىپ دۇكان ئېچىش پىلانى بويچە باشقا بالىلارغا ئوخشاش دادىسىنى قاقشاتماي ياشاپ كېلىۋاتاتتى.ئۇ ئەنە شۇ ئارزۇ بويچە تىرشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇستىسىنىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدىن يانغان باھادىر  مەھەلىنىڭ گۈزىلى گۈلمىرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى:

ـــ شۇنچە چوڭ چېلەكنى كۆتۈرۈپ نەگە ماڭدىڭىز گۈزەل قىز شام قاراڭغۇسىدا؟ـــ باھادىر ئۆزىگە يېقىنلاپ قالغان گۈلمىرەگە مەردانىلىك بىلەن ئېغىز ئاچتى.

ـــ ئۆيدە سۇ يوق،قوشنىمىزنىڭكىگە سۇغا ماڭدىم.

ـــ ھە ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۆيدىن ئېچىقىپ بېرەي،چېلەكنى ماڭا بېرىڭە.

ـــ بولدى،رەھمەت،بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەنسىز ،كىرىپ ئارام ئېلىڭ...،ـــ گۈلمىرە شۇ گەپنى دەپلا قىزىرىپ باشقا ياققا قارىۋالدى.باھادىرمۇ بوش كەلمەي ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي چېلەكنى تارتىپ ئۆيىدىن سۇ ئېلىپ چىقىپ بەردى.شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىپ ئىشىق ئوتى تۇتاشتى.ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى،بولۇپمۇ باھادىرنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ تويغا قەتئىي قوشۇلمىدى.گۈلمىرەنىڭ يىغلاپ،ئاچلىق ئىلان قىلىشى بىلەن بۇ توي مەجبۇرى قىلىندى.مەھەلە،چوڭ-كىچىك ھەممىسى بۇ ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقى يوق،تەنتەكلىك بىلەن قىلىنغان توينىڭ ئاقىۋتىنىڭ ياخشى بولىشى،كۈنلىرىنىڭ بەخىتلىك بولىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرۈپ توينى چىرايلىق تۈگىتىشتى.

نادىر 5 ياشلارغا قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باھادىرنىڭ ئاتا-ئانىسى شەھەردىن ئۆيگە قايتىپ كېلىش يولىدا يولۇچىلار ئاپتومبىلى ئۆتۈشمە كۆرۈكتىن دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ بۇ رەھىمسىز ،ئەمما ھەرخىل نەيرە-ھەيياڭلارغا تولغان،ھەر كۈنىنىڭ مېھرى ئۆزگىچە بولغان دۇنيادىن ۋاقىتسىز دىدارلاشتى.

ئاشۇ چىدىغۇسىز ئازاپلىق ۋەقەلىك يۈز بېرىپ يەنە  توپتوغرا5يىلدىن كېيىن ،يەنى نادىر 10ياشقا كىرگەن يىلى قاتتىق بۇغداي ئورمىسى باھادىرنىڭ ئالدىراش دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا گۈلمىرە باھادىرغا بىر چىنە ئىسسىق ئاش ئېلىپ كەلدى.

ـــ تازىمۇ ئىسسىق بولۇپ كەتتى،سىزنى ئىسسىق باسسۇن دەپ ئۇششاق كېسىپ ئۈگرە ئېتىپ كەلگەنىدىم.كېلىپ يەۋالامسىز؟ـــ دېدى گۈلمىرە قولىدىكى ئىككى-ئۈچ چىنە ئاش پاتىدىغان،قىزىل رەڭلىك ياغلىققا چىگىلگەن تاماق قاچىسىنى تۇتقان ھالدا.

ـــ بەكمۇ خوش قىلدىڭ جۇمۇ خوتۇن،بۇ ياققىلا ئېلىپ كېلە،قولۇمدا ئىش بەك كۆپ،خېرىدارنى خاپا قىلىپ قويماي.

ئەزەرلدىن ئېرىنىڭ رايىغا باقىدىغان،ئېرىنى خاپا قىلىشنى خالىمايدىغان گۈزەل،قولى تاتلىق،ئىشچان گۈلمىرە ئېرىنىڭ ئۆي،خوتۇن-بالا ئۈچۈن مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلىگىندىن سۆيۈنۈش،پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئاشنى ئۇنىڭ يېنىغا ئالىپ ماڭدى.

ـــ قولىڭىزنى يۇيىۋېلىپ يېسىڭىز بولاتتى،ـــ دېدى گۈلمىرە باھادىرغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن.

ـــ سۇنى مۇشۇ يەرگىلا ئېلىپ كېلە خوتۇن.

گۈلمىرە سۇنى ئېلىپ كېلىپ باھادىرنىڭ قولىغا سۇ بەردى.باھادىر يېرىلىپ قارىداپ كەتكەن دۇغىلاق قوللىرنى يۇيۇپ بولۇپ ئايالى ئۇسسۇپ بەرگەن ئۇششاق كېسىپ،چامغۇر،گۆشلا سېلىنغان ئاشنى مەززە قىلىپ ئىچەي دەپ تۇرىشىغا ئۇلار دىن نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئوت كېتىشى بىلەن دۇكان ئىچى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پاراسلاپ گۆمۈرلۈپ چۈشتى.

نەچچە ئايدا ئاران ئېسىگە كەلگەن باھادىر گۈلمىرەنىڭ شۇ قېتىملىق ئوت ئاپىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقى،ئۆزىنىڭ ئىككى پۇتى،سول قولىنىڭ مېيىپ بولغانلىقى،يۈزىنىڭ يېرىمىنىڭ كۆيگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازاپلاندى.

ئۇ قېتىملىق ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى بولسا باھادىر ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنىڭ ئاستىدىكى تۆمۈرنىڭ ئۈستىگە  قولىنى يۇيۇپ قالغاچقا،سۇ تۆمۈرنىڭ ئۈستىدىن ئېقىپ تۆمۈر كېسىش ماشىنىسنىڭ مادار قىسمىغا بېرىپ توختاپ ماداردا ماسلا كۆرۈلۈپ يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئوت كەتكەنىدى.ئۆزىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى كۆيۈمچان ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغان باھادىر تا ھازىرغىچە ئۆزىنى بىر گۇناھكاردەك ھېس قىلاتتى.

3

ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە قوياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلىشتىن بۇرۇن كىيىملىرىنى رەتلىك كېيىشكەن ئوماق بالىلارنى ئاتا-ئانىسى،ئاكا-ئاچىلىرى ھەرخىل قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن مەكتەپ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ مەڭزىلىرىگە سۆيۈپ قويۇپ قايتىپ كېتىشەتتى.پەقەت نادىرنىلا ھېچكىم ئەكىلىپ قويمايتتى،ياكى ئېلىپ كەتمەيتى.چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشى بەكمۇ ئالدىراش ئىدى.ئەمدى ئانىسى ئەكىلىپ قوياي دەپمۇ ئەكىلەلمىسە،دادىسى نادىرغا تاينىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر ئىدى.شۇڭا نادىرمۇ باشقا بالىلاردەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەكىلىپ قويمىغىنىدىن كۆڭلى يېرىممۇ بولمايتتى.شۇڭا ئۇ باشقا بالىلاردەك يولدا ئويناپ ماڭماي بوتۇلكا،يېشىك قاتارلىق پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى تېرىپ مېڭىپ ھەپتە ئاخىرىدا ئۇلارنى سېتىپ خېلى كۆپ پۇل قىلىپ ھەپتىلىك خىراجەتكە ئىشلىتەتتى.

بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن نادىر قوشنىسى ئالىم ئاكىنىڭ باغ چۆرە تېمىنى ئۆرۈپ بېرىپ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم 70يۈەنگە ئىشلەپ تولىمۇ خۇشال ھالدا ئۆيگە كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭ ئەس يادى تېزراق ئۆيگە بېرىپ پۇلنى دادىسىغا كۆرسىتىش،ئۆزىنىڭ ئىشقا يارىغانلىقىدىن پەخىرلىنىشتا بولغاچقا ئىلدام قەدەم بىلەن ئۆيگە كېتىپ باراتتى.

ـــ توختا!

تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بەش-ئالتە بالا كېلىپ نادىرنىڭ ئالدىنى توستى.ئۇلار نادىر بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىلى،تۇرسۇن،تۇيغۇن،داۋۇت،مەمەت قاتارلىقلار ئىدى.

ئىلى ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىلا ئاجىرشىپ كەتكەن،ئانىسى تەرەپ تاغىسى ئوسماننىڭ ئوغلى بولمىغاچقا ئىلىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئىلىنى بېقىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن ئوسمان بالا قىلىپ بېقىۋالغانىدى.ئىلى كىچىكىدە ئىنتايىن ياۋاش،ئەقىللىق،كۆيۈمى بار بالا ئىدى.شۇڭا ئوسمان ئائىلىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى.

ئىلى مەكتەپكە كىرگەن يىلى بىرىنجى مەۋسۇمنى ناھايتى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى.ئوسمان ئوغلىنىڭ ياخشى نەتىجىسىدىن ئۆز ئانىسى،سىڭلىممۇ پەخىرلەنسۇن دەپ ئويلاپ ئۆزى قوشنا كەنىتتىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە ئىلىنى ئېلىپ باردى.

ـــ  ئوغلۇم ئىلى،سەندىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن،سەندەك ئوغلۇمنىڭ بولغىنىدىن مەن بەك خۇشال.

ـــ مەنمۇ سىزگە بەك ئامراق ھامما ،ـــ دېدى ئىلى قوي كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ تۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك،چۈنكى ئىلى ئۆز ئانىسىنى پەقەت ئوسماننىڭ سىڭلىسى دەپلا بىلەتتى.

ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا ئىلىنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق،چىرايلىق چوڭ بولغىندىن كۆزى قىزارغان ئانىسى ئاكىسىدىن ئۆز بالىسىنى تالىشىپ قاتتىق ئۇرۇش چىقىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ قېلىپ يىغلىغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئوسمان ئۆيگە تېپىپ كەلمىسە ئۆيگە كىرمەيدىغان،ھېچكىمگە ئارلاشمايدىغان،ئەمما مەكتەپتىن قەتئىي قالمايدىغان يامان ئادەتنى يۇقتۇرىۋالدى.

تۇرسۇن،تۇيغۇنلار ئاكا-ئۇكا بولۇپ،ئۇلار باشلانغۇچنى پۈتتۈردىغان ۋاقتىدا دادىسى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسسىدە قازا قىلىپ كېتىپ دادىسى تەرەپ چوڭ دادىسغا قېلىپ چوڭ دادىسى يىغىپ قويغان بۇغداي-قوناق،ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى كۆرمەستە ئوغۇرلاپ چوڭ چىلىق بىلەن يۈرىدىغان يامان ئىللەتنى يۇقتۇرىۋالغانىدى.

مەمەت بولسا ئاتا-ئانسى ھايات،ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان،كەپسىز بالا ئىدى.ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى كۈندە دېگۈدەك ئىچىپ-چكىپ مەستلا يۈرەتتى.ئۆيگە كىرسە ئانىسىنى ئورۇنسىزلا ئۇرۇپ چۈشۈپ كېتەتتى.

داۋۇت ئۇلارغا قارىغاندا سەل ئالاھىدە بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى،بىۋاستە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىمۇ بىلمەيتتى.پەقەت شۇلار بىلەن بىر مەھەلىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،تاملىرى ۋەيرانە بىر ئۆينى ئاتا-ئانامدىن قالغان چوڭ مىراس دەپ پۈتۈن يېتىپ،پۈتۈن قوپۇپ يۈرەتتى.

نادىرنىڭ ئالدىنى ئۇزۇندىن گورۇھ بولۇپ شەكىللىنىۋالغان،نادىرنى كۆزۈتىپ يۈرگەن بۇ بىر توپ ئالدىن تۈزگەن پىلانى بويچە توستى.

ـــ قارا ئاداش،نادىر،بىز ساڭا بەكمۇ ھەۋەس قىلىمىز.سەن بەك تىرىشچان،ئەقىللىق،ـــ دەپ سۆز باشلىدى داۋۇت،ـــ سەن ئەقىللىق بولغاچقا ئەگىتىپ ،ياكى باشقا ياققا بۇراپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق گەپنى ئۇدۇللا دەي،سېنى بىزنىڭ توپقا قوشۇۋالغىمىز بار.

ـــ ئاكىمىز توغرا دەيدۇ...

ـــ ئاكىمىز ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدى...
   ـــ ئاكىمىز يۈرىكىمىزدىكىنى ئېيتتى...،ـــ دېيىشتى باشقا ئەزالارنى ھەمدە نادىرنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا قاتتىق چاۋاك چېلىشتى.

ـــ ئۇكىلار ،بۈگۈن بىز نادىرغا ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلىي كۈچىنى كۆرسىتىپ قويايلى.

بالىلار داۋۇتنىڭ سۆزى ئاياغلىششى بىلەن يانلىرىدىن قاتلانغان 100يۈەنلىك،50يۈەنلىك،10يۈەنلىك ... پۇللار ۋە باشقا تېلفۇن،3mp قاتارلىق پۇلغا يارايدىغان ئولغىلارنى ئوتتۇرغا دۆۋلەشتى.

ـــ بۇ بىزنىڭ ئەزالار ئىككى كۈندىن بۇيان جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇل ۋە ،مال-مۈلۈكلەر.سەن بىزگە قوشۇلساڭ بىز تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىمىز.

ـــ مەن،مەن .... ،ـــ داۋۇت نادىرنىڭ مەن،مەنلىرىگە پەرۋا قىلماي ئۇنى تارتىپ مېڭىپ بازارغا ئېلىپ ماڭدى.بالىلار بىلەن كېلىشكىنى بويچە نادىرنىڭ دادىسى باھادىرغا بىر دانە كۆينەك،چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا قويىدىغان بۇلۇت،قورسىقىغا تاماق ئېلىپ نادىرنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.

باھادىر ئوغلىنىڭ بىر نەچچە بالا بىلەن كەلگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.ئەزەلدىن كەمسۆز،كۆپ ئىشلار بىلەن كارى يوق ئوغلىنىڭ بۈگۈن بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلۈپ كىرگىننى كۆرۈپ بىر ئاز تەئەجۈپلەندى.

ـــ دادا،ـــ دېدى نادىر :

ـــ بۇلار مېنىڭ مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىم.

ـــ شۇنداق،بىز نادىرنىڭ جان-جىگەر دوستلىرى،بۈگۈن بىز سىزنى يوقلاپ كەلدۇق،ــ دېدى ئىلى سۆز ئېلىپ.

ـــ گەرچە يوقلاپ كەلگىمىز بولسىمۇ ھەرخىل سەۋەپ بىلەن ۋاقتىدا كېلەلمەي قالدۇق،كەچۈرۈڭ تاغا،ـــ دېدى داۋۇت خۇددى چوڭلارغا ئوخشاش تەمكىنلىك بىلەن قولىدىكى كۆينەكنى باھادىرغا ئۇزاتقاچ :

ـــ بۇ بىزنىڭ ئازراق كۆڭلىمىز،ـــ دېيىشتى بالىلار قوللىرىدىكى ئېلىپ كەلگەن سوۋغىلارنى باھادىرغا تەڭلىگەچ.

نادىر قولىدىكى تاماقنى ئېلىپ دادىسىغا بىر قوشۇق،بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈشكە باشلىدى.باھادىر ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۈلگۈردى.ھەقىقىي جاھاننىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەندەك بولدى.

بالىلار داۋۇتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن چاقماق تېزلىكىدە سۈپۈرگە ،سۇ تېگىپ باقمىغان ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ تازلىۋېتىپ باھادىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ :

ـــ تاغا،بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى،ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالمىسۇن،بىز قايتايلى،ـــ دېدى.

ـــ قونۇپ ماڭماي ،ـــ دېدى باھادىر سەل قورۇنۇپراق.

ـــ يەنە كېلىمىز،شۇ ۋاقىتتا قونۇپ قايتارمىز تاغا،ـــ دېيىشتى بالىلار ئۆيدىن يېنىشقاچ.

بالىلارنىڭ قايتىشى بىلەن نادىر يەنە جىمىپ قالدى.باھادىر نادىرنى ھېرىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئوشۇق گەپ قىلمىدى.

ئەتىسىدىن باشلاپ داۋۇت باشلىق بالىلار نادىرنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈگۈرەپ يۈرۈپ نادىر يىغىۋاتقان بوتۇلكىلارنى يىغىپ ،دەرس ۋاقتىدا بۇرۇنقى كەپسىزلىكىنى تاشلاپ جىم ئولتۇرۇپ،ئۆيگە بۇرۇن قايتىپ ياخشى بالىغا ئايلىنىپ قالدى.بۇ ئەھۋالدىن ھەيران قالغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپكە كېلىپ ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى.داۋۇت،ئىلى قاتارلىقلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ بولغان ئىشنى ئېيتىپ باللىرىنىڭ ئۆزگىرشىگە سەۋەپ بولغان ئىش ياكى ئادەمنى سۈرۈشتۈردى.ھېچكىم سەۋەبىنى بىلمىگەچكە بالىلار مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانسىغا چاقىرتىلدى.

ـــ باللىرىم،سىلەرنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ دەپ سىنىپ مۇدىرى،ئاتا-ئاناڭلار بەكلا خۇشال ،ئۇلارغا ئۆزگۈرۈش سەۋەبىڭلارنى ئېيتىپ بېرىڭلار،ـــ دېدى مەكتەپ مۇدىرى مۇلايىملىق بىلەن.

ـــ شۇ ،شۇ ...،ـــ  دېدى داۋۇت كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ،ـــ بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز ،بوۋا-مومىز بىزگە بەكلا كۆيۈنىدۇ،لېكىن بىز ئۇلارنى قاقشىتىمىز،دوستىمىز نادىرنىڭ ئۆزىگە كۆينىدىغان ھېچنىمىسى يوق ئىكەن،ھەتتا دادسى ئۇنىڭغا مۇھتاج ھالەتتە ياشايدىكەن،شۇڭا بىز ئۇنىڭ جاپادىن قورۇقمايدىغان روھىدىن ئۆگۈنىپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغاندىن بۇيان مۇشۇنداق ياخشىلىنىپ كەتتۇق.

بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى مەخسۇس تەسىرات يىغىنى ئېچىپ بۇ ئىشنى ماختاپ ئۇلارنى مەكتەپكە تونىتىۋەتتى.ئۇلارنىڭ بىر ھەپتىدەك قىلغان ياخشى ئىش-پائالىيەتلىرى بۇرۇنقى ئەسكىلىكلىرىنى سۆرەپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلدى.

داۋۇت ھەممە ئىشنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ پىلانى بويچە توپتىكى ئەزالىرنىڭ ئۆيىگە بىر باشتىن بېرىپ قايسىنىڭ ئۆيىگە بارسا يەنە بىرسىنىڭ ئۆيىگە ھەممىمىز بارىمىز،قارىشىدىغان ئىش بار ئىكەن دەپ يۈرۈپ ھېچكىمنى ئۆيگە كەتكىلى قويمىدى.

بىر جاڭگاللىقتىكى كۆرۈكنىڭ ئاستىغا جايلاشقان «كونا جاي»دا ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان قاپاقلارغا نېشىلىرىنى قاچىلاپ «ھوزۇر »سۈرۈشنى باشلىماقچى بولۇشتى.ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى پىلانى نادىرنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى قىلىش ئىدى.

قاپاققا ئوت تۇتىشىپ ۋايىغا يەتكەندە ئۇلار بىر باشتىن شوراشقا باشلىدى.ئۇلار بىر باشتىن شوراۋاتقاندا بولسا خۇددى پۈتۈن جاھاندا بۇنىڭدىن ئارتۇق ھوزۇر يوقتەك ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىپ كېتىشەتتى.بۇ ئىشلاردىن ھەيران بولغان نادىر بىر نەچچە قېتىم قايتىشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ داۋۇت تەرپىدىن بىقىنىغا تەڭلەنگەن پىچاقتىن قورقۇپ ئورنىدىن  تۇرالمىدى.

ـــ چېكە،شورا ئەزىمەت يىگىت،ساڭا كەلدى،ـــ دېدى مەمەت نېشە تەسىرىدىن خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئاران-ئاران ئېچىپ.

ـــ ياق،مەن چەكمەيمەن ،ـــ دېيىشىگە بىقىنىنى تېشىۋەتكىدەك دەرجىدە سەنجىلغان پىچاقنىڭ ئۇچىدىن قورىققان نادىر:

ـــ بولىدۇ،مەن بىرنىلا شوراي،ئاندىن بولدى قىلاي.

باشقىلاردىن بۇ تەلەپكە ماقۇل ياكى ياق دېگەن جاۋاپ چىقمىدى.ئەكىسچە پىچاقنىڭ ئۇچى تېخىمۇ بەكرەك سانجىلدى.ئامالسىز قالغان نادىر قاپاقنى بىرنى شورىشى بىلەن ھۆتىلىپ قېقىلىپ كەتتى.ئۇنىڭ ھۆتىلىشى بىلەن كارى بولمىغان داۋۇت بىر ئىشارە بىلەن ئۇنى ئەزالىرىغا بەك قاتتىق ئۇدۇرىۋەتتى.تاياق زەربىسىگە چىدىمغان نادىر چىداپ تۇرۇپ قاپاقنى نەچچىنى شورىۋەتتى.

تۇنجى قېتىملىق كەيىپلىك لەززىتى نادىرنى خۇددى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك،ئۇنى جاھان خانلىرىدىن چىڭگىزخان،ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىن،بابۇرخان ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندەك شىر پەنجىلىك باھادىر ئەزمەت،تەڭداشسىز باتۇردەك ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى.

ئەتىگەندە كەيىپتىن يېشىلگەن بالىلار كىيىملىرنى قېقىشتۇرۇپ مەكتەپكە قاراپ ماڭدى.كۆۋرۈك ئاستىدىن چىقار چاغدا داۋۇت بىكاردىن بىكار نادىرنىڭ يۈزىگە تۆت-بەشنى ئۇرىۋەتكەندىن كېيىن :

ـــ بىز سېنى نەدە تۇر دېسەك شۇ يەردە تۇرىسەن،نېمە قىل دېسەك شۇنى قىلىسەن،مەكتەپتە بىز بىلەن ئاكا –ئۇكىلاردەك يۈرىسەن،بىز بىلەن بولغان ئىشلارنى ھېچكىمگە تىنمايسەن ،ـــ دەپ ئېغىز-بۇرۇنلىرىغا قولىنى تىقىپ،ھەر بىر ئېغىز گېپى تۈگىشىگە باشقىلاردىن بىر تېپىك يەپ ئۇنىڭ گېپىگە ئاران ماقۇل دەپ دۆڭگە چىقىۋالدى.

بۇنداق ئىش بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن بىر كۈنى داۋۇت نادىرنى چاقىرىپ :

ـــ بىكارغا كەيىپ قىلىۋېردىغان ئىش يوق ئاداش،بىزدىكى مەبلەغ تۈگدى،ئەمدى بىر ئامال قىلمىساق بولمايدۇ،ـــ دېدى .

ـــ قانداق قىلىمىز ئەمسە ،ـــ دېدى بۈگۈنمۇ قاتتىق بىر كەيىپ قىلغۇسى كەلگەن نادىر .

ـــ قانداق قىلاتتۇق،سەن ئىشخانىغا كىرىسە ،ھەممە مۇئەللىملەرنىڭ سومكىسىدىكى پۇل،تېلفۇن قاتارلىق پۇلغا يارىغىدەكلا نەرسىلەرنى ئېلىپ ئەخلەت چېلىكى ۋە باشقا ھېچكىم گۇمانلانمايدىغان جايغا يۇشۇرۇپ قويىسە،بىز كەچتە كېلىپ ئىشنى جۆندەيمىز.

ئۇلارنىڭ تەلىي ئوڭدىن كەلدى.چۈشتىن كېيىن بىرىنجى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى نادىرنى ئىشخانىغا چىقىپ گىلبوسنى ئەكىرىشكە بۇيرىدى.نادىر ئىشخانىغا كىرىپلا داۋۇت بىلەن دېيىشكەن ئىشنى ئەسلەپ ھاپىلا-شاپىلا خانىملارنىڭ سومكىسىنى ئاقتۇرۇشقا باشلىدى.بىر سومكىدىن نەقلا چاي ئويناۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار يىغقان 5000 يۈەن،يەنە ئىككى سومكىدىن 1000 يۈەندىن 2000يۈەن ئەتراپىدا پۇل قولىغا چىقىپ قالدى.ئۇ باشقا سومكىلارنى ئاختۇرمايلا پۇلنى شىرە ئۈستىدىكى گېزىتكە يۆگەپ گىلبوسنىڭ ئاستىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى.نادىرنىڭ چىقىپ كېتىشىگە ياندىكى ئىشخانىغا چىقىپلا كىرگەن ئادالەت خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.نادىر گىلبوسنى مۇنبەرگە قويۇپلا قولىدىكى گېزىتنى سومكىسىغا سېلىپ چېكىلىرىدىكى تەرنى سۈرتۈپ دەرسىتىن چۈشۈشنى كۈتۈپ جىددىيلەشتى.دەرس ۋاقتى توشىشى بىلەن سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپ سىرتىدىكى ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيگە سومكىسىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ مەكتەپكە يېنىپ كىردى.نادىرنىڭ پېيىگە چۈشكەن داۋۇت سومكىنى يۇشۇرۇپ قويغان جاينى كۆرىۋېلىپ نادىردىن بۇرۇن سومكىنى ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ «كونا جاي»غا ئاپرىپ قويۇپ ئۈلگۈردى.

كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ئىشخانىدا قاتتىق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى.ئادىلە،بەختىنسا،ھۆرىگۈل خانىم بىلەن ئادالەت خانىم ئالدىنقى كۈنى بىرى دەرىسكە بەش مىنۇت كېچىكىپ قېلىش،يەنە ئىككىسى تاپشۇرۇقنى ئوقۇغۇچىلار تەكشۈرۈپ قېلىش ئىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدى.نادىرمۇ بىلىپ قالغاندەك ئادالەت خانىمنىڭ سومكىسىدىكى چاي ئۈچۈن يىغىلغان 12000يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئالماي،ئادىلە خانىمنىڭ 5000يۈەن،بەختىنسا بىلەن ھۆرىگۈل خانىمنىڭ 1000 يۈەندىن پۇلىنى ئېلىپلا تىكىۋەتكەندى.

ئەڭ تاساددبىيلىق بولسا چۈشتىن كېيىن بىرىنجى سائەتتە ئادالەت خانىم ئىزچىل ئىشخانىدا ئولتۇرغانىدى.شۇڭا ئۇلار باشقىلاردىن گۇمانلانماي ئادالەت خانىمدىن گۇمانلىنىپ ئاخىرى يۈتكەن پۇل مەجبۇرى ئادالەت خانىمنىڭ تۆلىشى بىلەن بۇ قېتىملىق ۋەقە شۇنداقلا جىمىپ قالدى.

كەچتە بالىلار نادىرنىڭ قولىنىڭ ئەپچىللىكىدىن خۇشال بولۇپ ئۇنى تەبرىكلەشتى.شۇ قېتىملىق ئوغۇرلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار سومكىلىرىدا كۆپ پۇل قويمىغاچقا بالىلار ئوغۇرلۇق نىشانىنى سىرىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ،بۇغداي-قوناق،توخۇ-كەپتەرلىرىگە قاراتتى.

ئۇلار ئەسكى ئىش بىلەن ياخشى ئىشنى تەڭ قىلغاچقا،ياخشى ئىش ئاشكارە،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قېتىم ياخشى دەپ نامى چىققاچقا،يامان ئىش مەخپى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىشى تولىمۇ جايىدا يۈرشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاكا-ئۇكا تۇرغۇن بىلەن تۇيغۇن مەكتەپتە ھوشىدىن كېتىپ ئايلىنىپ مۇئەللىملەر دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قان بۇزۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى،بەلكىم يىراق بوولمىغان كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ راك كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش مومكىنلىكىنى بىلىپ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.

ئۇلارنى بىر ھەپتىدىن ئوشۇق سوراق قىلىش ئارقىلىق دىلونىڭ باش جاۋاپكارى داۋۇت ۋە ئەگەشكۈچىلىرى تولۇق تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنىپ ئوغۇرلىغان،بۇلىغان،بۇزغان نەرسىلىرى 10000يۈەندىن كۆپ بولغانلىقى،كېسەللىك ۋىروسى ئېلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن سوت ئېچىپ ھەر بىرىنى بەش يىلدىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

4

شۇنداق قىلىپ تىنىچ ياشاۋاتقان بىر ياخشى بالا ئاتا-ئانسى تەرپىدىن بۇ رەھىمسىز دۇنيادا ئۆزىنى ئارتۇقچە ھېساپلاپ ياكى ئۆزلىرى ئاشۇنداق يوللاردا ياشىسا كۈنىنىڭ ياخشى ،مەنىلىك ئۆتىدىغاندەك ھېس قىلغان نەچچە بالىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ گۈزەل ھاياتىنىڭ ئەمدى بىخلىنىۋاتقان مايسىلىرنى بىخ ھالەتتىلا نابۇت قىلىشتى.بۇنداق نابۇت بولۇشنىڭ باس سەۋەپكارى كىمۇ ؟ ئېيىت دۇنيا،ئاشۇ باتۇرلۇقىڭ،ھەممە ،ھەممىنى بوي سۇندۇردىغان ھەيۋەڭ بىلەن جاۋاپ بەرگىن ،بۇ نابۇت بولۇشنىڭ ھەقىقىي سەۋەپكارى زادى كىم ؟؟؟!!!

ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت بىر ھېكايە خالاس،شۇڭا دوستلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرشىنى،كەمچىلىك بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
ئالدىڭغا تاغ ئەمەس تاش پۇتلىشدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 117368
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-4-12
ئاخىرقى: 2015-6-14
2#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى ھىكايە بوپتۇ تىرىشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 122272
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-30
ئاخىرقى: 2015-6-30
3#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
قاراباغ دىياردكى ئنمزشۇمۇ سىزدىن پەخرى لنمز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 745
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-6-30
4#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئائىلە تەربىيەسى كام، ئائىلە، مەكتەپ،جەمئىيەت تەربىيەسىنى ئوبدان ئېلىپ بارمىغان، دەسلەپكى تەربىيە تولىمۇ كام.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
داۋاملىق تىرىشىڭ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1525 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مادارى ئەمەس...ئاككىمىلىياتور دەپ ئالىمىزمىكى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34707
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4004
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 514 سائەت
تىزىم: 2011-3-21
ئاخىرقى: 2015-7-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپقالدى،بوزقىر مۇنبىرىگە پەقەت ئەزا بولالمىدىم،ئېلخەت دېگەندىن ئۆتەلمەيۋاتىدۇ،توغرا ئادرېسىنى يازساممۇ،نېمىشقىدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12919
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31747
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4752 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە  ھېكايىكەن،بىراق ئا بالىلارنىڭ قىلىقلىرى ئەمىلىيەتتىن سەل چەتنەپ كەتتىمۇ قانداق....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 122173
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2015-6-28
ئاخىرقى: 2015-7-3
10#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى تىما  بۇپتۇ  بۇ...

ۋۇجابدۇللا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش