نىگارىمنىڭ ...
ئابدۇۋايىت ئابلىز
غەمگە پاتقان غېرىپ بەندە مەن،
قىشنىڭ سوغۇق-سوغۇق تۈنلىرى.
ئەنسىرەيمەن ئۆتكەندۇ قانداق،
دەپ نىگارنىڭ مەنسىز كۈنلىرى.
نىگارىمنىڭ ياڭرايتى ھەردەم،
مەن بولغاچقا ھەريان ئۈنلىرى.
مەن بولغاچقا قېتىلاتتى ھەم،
نىگارىمنىڭ كۈيىگە كۈيلىرى.
دەتلەر يۈدۈپ ياشاۋاتىمەن،
ئەجەپ تاتلىق ئىدى سۆزلىرى.
كۆيمەك ئاسان ئۇنۇتماق قىيىن،
يوللۇرۇمدا بەلكىم كۆزلىرى.
يايرىم بار دەپ
يايرىم بار دەپ سالمىغىن داۋراڭ،
لازىم چاغدا بولمىسا ياندا.
ئۇنداق يارلار قويىدۇ چوقۇم،
سېنى بىر كۈن يۇيۇلماس داغدا.
ھەۋەس قىلما يارى بارلارغا،
ئۆزۈڭ قانچە،خىلىڭمۇ شۇنچە.
ئۇنۇتمىغىن ئىتنىڭ دوستلىقى،
پۇراپ يۈرۈپ سۆڭەك تاپقۇچە.
ئەسلەپ يۈرمە كۈلكەڭگە جۆرنى،
ھەقىقىي يار يىغاڭدا بىللە،
قايغۇرمىغىن قىيناپ ئۆزۈڭنى،
ئۆتۈپ كېتەر بىلسەڭ بۇ كۈنلەر.
چۈشلىرىمدە كۆرگۈم يوق سېنى
چۈشلىرىمگە كىرمىگىن ئەمدى،
بۇزۇلمىسۇن شۇ تاتلىق ئۇيقۇم.
ئەمدى ھەرگىز بولما ئاۋارە،
ساڭا كەلمەس قىلچىلىك زوقۇم.
ئۇچاي مەنمۇ كۆكنىڭ قەھرىدە،
ئەركىن،لەرزان قاناتلار قېقىپ.
ئۆزۈم پۈتۈن بىر ئەركەك تۇرۇپ،
ئۆتمەي مەڭگۈ دېپىڭنى چېلىپ.
چۈشلىرىمدە كۆرگۈم يوق سېنى،
سۆزلىمەيلا قوياي ئوڭۇمنى.
شۇنداقتىمۇ بەختىڭگە دۇئا،
قىلاي كۆككە سۇنۇپ قولۇمنى.
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 08:15 PM