يانفۇنۇم بىر سايرىساڭچۇ
مەن سېنى سۆيىمەن.لېكىن سېنىڭ مېنى قارىتىپ قويۇپ باشقىلار بىلەن كۈلۈشۈپ،ئېچىلىپ كېتشىڭنى خالىمايمەن.بۇ بەلكىم سېنى خاتا كۈنلىگەنلىكىم ھېساپلىنار،شۇنداقتىمۇ مەن ساڭا ئۇنداق ئەركىنلىكنى بېرەلمەيمەن.
بىز تۈنۈگۈن كەچ شۇنداق چىرايلىق ئايرىلىپ كەتتۇق. ھەتتا خوشلىشار ۋاقىتتتا مەن بەختىڭنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەپ مەڭزىڭگە يېنىك بىرنى سۆيۈپ قويدۇم.
تۆۋە،سەن بىلەن يۈرىۋاتقان چاغلىرىمدا سېنىڭ مېنى بىر كۈندە بىرەر سائەت بولسىمۇ ئىزدىمەسلىكىڭنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم.مەن سەن ئىزدىمەن ئاشۇ بىر سائەت قىممەتلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ دوستلىرىم بىلەن تورخانىلارغا كىرىپ ئويناپ چىقىش،باشقا قىز ساۋاقداشلىرىم بىلەن تاماق يېيشنى بەكمۇ ئويلايتىم.بىراق سەن ماڭا ئۇنداق پۇرسەت بەرمەيتىڭ،بىر كۈندە نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ،نەچچە قېتىم ئۇچۇر يوللاپ مېنىڭ نەدىلىكىمنى،نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتىڭ.مەن بىر كۈنى تېلفۇنۇمنى ئېتىپ قويۇپ سىرىتتا ئويناپ كىرىشنى ئويلىغان بولساممۇ سېنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنداق قىلمىغانىدىم.مانا ئىككى كۈن بولدى،مەن بىر سائەت ئەمەس كېچچىلەپ تورخانىلاردا يۈرسەممۇ سېنىڭ مەن بىلەن كارىڭ يوق،پۇلۇم يەتسە قانچە قىزلارنى تاماققا ئاپىرىپ كەلسەممۇ كارىڭ يوق.لېكىن مېنىڭ ئۇ ئىشلارغا پەقەتلا مەيلىم يوق!
مەن سېنى سۆيىمەن!بەلكىم سەنمۇ مېنى سۆيىدىغانسەن،بىراق مەن نۇرغۇن ئىشلاردا ساڭا ئىشىنەلمەيمەن،ساڭا ئىشەنمەيمەن ئەمەس،ئۆزۈڭ ئىشەنچىمدىن قالغان.مەن ساڭا تۇنجى تەلەپ قويۇپ ئارلىشىپ نەچچە ھەپتە بولغاندا تېلفۇنۇڭدىكى "چىرايلىق"يىگىتنىڭ رەسىمىنى(ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق)كۆرۈپ قېلىپ بۇ كىم دەپ سورغىنىمدا سەن ئەيمەنمەستىن دوستۇمنىڭ مۇھەببىتى،دوستۇمنىڭ تېلفۇنى يوق رەسىمىنى مەن ساقلاپ بەردىم دېگىنىڭدە مەن ئاشۇ ئورۇنسىز گپلىرىڭگىمۇ ئىشەنگەن،شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلار بولدى مەن ساڭا ئىشەنمەيمەن،سەن ماڭا سادىق ئەمەس.دېمەك ئىككىمىزنىڭ يەنە داۋاملىق ئارلىششىمىزنىڭ قەتئىي ئورنى يوق،لېكىن بىر-بىرىمىزگە چىداشماي داۋاملىق ئارلاشتۇق.ئاخىر تاشنى تاياققا زورلاپ تاڭغىلى بولماي ئۈزۈلۈپ كەتتۇق.
مەن ئۆزۈمنى بۇنداق بولۇپ كېتەرمەن دەپ ئويلىمىغان،ھازىر كاللام قاپاقلا بولۇپ قالدى،ساراڭلا دېگىنە بەك كۈلكىلىك،ھازىر مەن پايپىقىمنى سالماقچى بولسام ئايىغىمنى سالمايلا پايپاقنى تارتقۇشلايدىغان،ئىشىكتىن چىقماقچى بولسام ئىشىكنى ئاچمايلا قاراپ تۇردىغان،قولۇمدىكى كىتاب،قەلەم،پورتىمال،كىملىكلەرنى ئېغىزىمغا سېلىپ چىشلەيدىغان.... ئاجايىپ قىلىقلارنى چىقىرىۋالدىم.
مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم.لېكىن ئايرىلىشقا چىدىمىدىم.دوستلىرىم مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قاتتىق يىغلاپ ياش تۆككەندە بىر قىز ئۈچۈن يىغلاش كېتەمدۇ؟دەپ تىللىغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە،ھازىر مەن بىر قىز ئۈچۈن يىغلاۋاتىمەن.كۈندە كەچتە ياستۇققا بېشىمنى قويسام سەن خىيال ئېكرانىمدىن ئەگىپ ئۆتىسەن،ئۇخلىسام چۈشۈمدە،ئويغانسام قۇلىقىمغا بىر نەرسىلەرنى پىچىرلىغاندەك،كۆز ئالدىمدا غۇۋا كۆرىنىسەن.
ھەر قېتىم تېلفۇنۇم سايرىسا،ئۇچۇر كەلسە سەنمىكىن دەپ ئىتتىك قارايمەن،لېكىن سەن ئەمەس،چۈنكى مەن سېنى قارا تىزىملىككە سولىۋەتتىم.شۇنداقتىمۇ سېنىڭ بىرەر ئاممىۋې تېلفۇندىن،ياكى دوستلىرىڭنىڭ تېلفۇنىدىن بولسىمۇ بىر رەت تېلفۇن قىلىپ"كەچۈرگىن بىز خاتا قىپتىمىز،مەن دېققەت قىلاي،سەنمۇ دېققەت قىل"دېيىشىڭنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم.
تېلفۇنۇم بىر سايرىسڭچۇ؟!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-29 03:57 PM