ئېلىپبە ئۆگىنەي
ئابدۇۋايىت ئابلىز (بالىلار ھېكايىسى )
كۈز ئايلىرىنىڭ باشلىرى بولغاچقا يامغۇر تولا يېغىپ ھاۋا سوۋۇپ قالغانىدى.رەيھانگۈل ھەدە نەچچە سائەتتىن بېرى كومپىيوتىردىن كۆزىنى ئۈزمەي ئويۇن ئويناۋاتقان ئوغلى بەھرەمجانغا سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بىردەم چاپىننى يېپىنچا قىلىپ قويسا ،بىردەم قىززىق چاي سۇناتتى.بۇ ئىشلار ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەن بەھرەمجاننىڭ خىيالىغا كىرمەيتتى. ئورۇق،بۇغداي ئۆڭ،چاچلىق سۆزمەن بەھرەمجان 4-يىللقتا ئوقۇيتتى.رەيھانگۈل ھەدە ئۇنى كۆپرەك بىلىم ئۆگەنسۇن،جەمىئەت بىلەن تەڭ ئىلگىرلىسۇن دەپ خەنزۇ مەكتەپكە بەرگەنىدى.بەھرەمجان 3-يىللىققا چىققاندا رەيھانگۈل ھەدە ئۇنىڭغا ئېلىپبە ئۆگىتىشكە شۇنچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ بەھرەمجان كومپىيوتىرغا مەستانە بولۇپ ئېلىپبە ئۆگىنىشكە قىزىقمىدى.ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن رەيھانگۈل ھەدە ئوغلىغا ئېلىپبەنى يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئۆگەتمەكچى بولۇپ ئۇنى مەيلىگە قويىۋەتتى."بۈگۈن يەكشەنبە بولغاندىكىن ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى تۆپىلىككە ئاچىقىپ ئوينىتىپ كىرەي ،ئازراق بولسىمۇ كومپىيوتىردىن نېرى بولار" رەيھانگۈل ھەدە شۇلارنى ئويلاپ ئوغلىغا : __ ئوغلۇم،بۈگۈن تۆپىلىككە چىقىپ ئويناپ كىرەيلى،بولامدۇ؟__ دېدى. ئەتىگەندىن بېرى ئاپىسىنىڭ ھېچقانداق سۆزىگە ئىرەن قىلمىغان بەرەمجاننىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى.بۇ تۆپىلىك دەرەخ،يۇلغۇن بىلەن قاپلانغان بولۇپ مەنزىرسى بەك چىرايلىق ئىدى. __ راستما؟ ماقۇل ئەمسە ھازىرلا ماڭايلى ! ئاتا-بالا ئىككەيلەن تېزلا تەييارلىنىپ كىرا ماشىنىسى بىلەن يولغا چىقتى.ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن تۆپىلىككە كەلدى..بۇ يەرگە بەھرەمجان دەمەتلىك بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن،بەزىلىرى دوستلىرى بىلەن كەلگەنىدى.بەھرەمجان باشقا بالىلار بىلەن تېزلا تونۇشۇپ تۆپىلىكتە كۆڭۈللۈك ئويۇننى باشلىۋەتتى.رەيھانگۈل ھەدە بىرنەچچە بالىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تۆپىلىكنىڭ باغرىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى تاماشا قىلدى.بەھرەمجان بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋدىكى مىس قۇتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئورۇندۇق ياسىماقچى بولۇپ ھەپلىشىپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى.بالىلار مۆكىمۆكۈلەڭ ئويناۋاتقاچقا بەھرەمجاننىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالغىننى سەزمىدى.بالىلار ئويۇن بىلەن بولۇپ تۆپىلىككە خېلى ئىچكىرلەپ كەتكەنىدى. ئەتراپ يۇلغۇن،جىگدە،سۆگەتلەر بىلەن قاپلانغاچقا بەھرەمجان قاياقتىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمىدى.ئۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ بايا تونۇشقان دوستلىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىردى.بىراق ، سادا كەلمىدى.ئۇ قورقۇپ يىغلىۋېتەيلا دېدى.ئالدىغا قاراپ تۇيۇقسىز نېرىدىكى سۆگەت شېخىغا ئېسىقلىق تۇرغان تاختىنى كۆردى.تاختىدا ئىككى قۇر ئۇيغۇرچە خەت تۇراتتى.بەھرەمجان خەتنىڭ ئالدىدىكى " ئا " ھەرپىنىلا تونۇيالىدى.ئاخىر ئالدىغا قاراپ ماڭدى.ئۇ نەچچە قەدەم مېڭىلا تۇيۇقسىز بېلىگىچە پاتقاققا پېتىپ قالدى.قارىماققا چىملىقتەك كۆرۈنگەن يەر بەھرەمجاننى يۇتۇۋالماقچى بولغاندەك بارا-بارا تارتىپ كېتىۋاتاتتى.بەھرەمجان قورققىندىن ۋارقىرماقچى بولدىيۇ ئاۋاز چىقمىدى.ئۇ يا ۋارقىرىيالماي،يا چىقالماي خېلى ئۇزۇن تۇردى.شۇ چاغدا رەيھانگۈن ھەدە بىر نەچچەيلەن بىلەن يۈگۈرۈپ كەلدى.ئۇلار سۆگەتنىڭ شاخلىرىنى سۇندۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ پاتقاقتىن تارتىۋالدى.بەھرەمجان پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.شۇ ئارىدا 6-7ياشلار چامىسىدىكى ئوماققىنە بىر قىزچاق دادىسىدىن : __ دادا، بۇ ئاكاش ئاۋۇ تاختايدىكى " ئالدىڭىزغا ماڭماڭ،خەتەرلىك !" دېگەن خەتنى كۆرمەپتىما؟__ دەپ سورىدى.بەھرەمجان ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك بۇ قىزچاقنىڭ سۆزىدىن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى ۋە : __ ئاپا،ئۆيگە بېرىپلا ماڭا ئېلىپبە ئۆگىتىڭ،__ دېدى.
ئەسكەرتىش: بۇ ھېكايە شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزتىنىڭ 2014.يىلى 12 . ئاينىڭ 31. كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 10:07 PM
|