|
|
|
|
ئالىم دەيمەن مەن شۇنى
ھەسەنجان ئۆمەر
ھەقنى سۆيسە دىلىدىن، تەستىق قىلسا تىلىدىن، كەچسە ھەتتا جېنىدىن، ئالىم دەيمەن مەن شۇنى.
ئەلنى ھەققە باشلىسا، ناھەق كۆزىن ياشلىسا، يېراق نەزەر تاشلىسا، ئالىم دەيمەن مەن شۇنى.
ئىجرا قىلسا دېگەننى، تۇتسا پاكىز يېگەننى، تاشلاپ كىبىر-تىكەننى، ئالىم دەيمەن مەن شۇنى.
ئەلگە يۆلەك تاغ بولسا، مېھنىتىدىن باغ بولسا، مېھرى قايماق،ياغ بولسا، ئالىم دەيمەن مەن شۇنى.
تەپەككۇرنى ئات قىلسا، مۈشكۈلاتنى مات قىلسا، شەيتانلارنى يات قىلسا، ئالىم دەيمەن مەن شۇنى.
باغلاپ مەھكەم بېلىنى، قوزغاپ ئىلىم جېڭىنى، ئىجات ئەتسە يېڭىنى، مەنپەئەتلىك جىڭىنى، ئالىم دەيمەن مەن شۇنى.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم
|
|
|
|
|
|