بىر سودىگەر بىلەن بىر سېتىقچى يۈز تىللالىق مۇئامىلە قىلغانىدى.ۋاقتىكى مۇئامىلىنى ھېساپ قىلىدىغان سۈرۈك توشتى.سودىگەر بىلەن سېتىقچى ئالغان -بەرگىنىنى ھېسساپلىشىپ ئۈچ نوقۇت ئالتۇنغا كېلىشەلمىدى.سېتىقچى؛
-مەندە بىر دىنارىڭ قالدى،-دېسە،سودىگەر؛
-سەندە بىر دىنار،يەنە ئۈچ نوقۇت ئالتۇنۇم قالدى،-دەيتتى.
سودىگەر بىلەن سېتىقچى مۇشۇ تەرىقىدە بامدات نامىزىدىن تاكى پىشىن نامىزىغىچە دەتالاش قىلىشتى.ئاخىرى سېتىقچى يۈرىكى سېقىلىپ،دەتالاشقا چىدىماي بىر دىنار ،يەنە ئۈچ نوقۇت ئالتۇننى سودىگەرگە بەردى.سودىگەر ئۆيىگە ياندى.
سېتىقچىنىڭ بىر شاگىرتى بار ئىدى،ئۇ سودىگەرنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ بېرىپ؛
ئەي خوجا،ماڭا <<شاگىرىت ھەققى>>(شاگىرىتلىققا تېگىشلىك ئۆلۈش،نېسىۋە)بەرگىن-دېدى.سودىگەر ھېلىقى بىر دىنار ئۈچ نوقۇت ئالتۇننى سېتىقچىنىڭ شاگىرتىغا بەردى.شاگىرت ئالتۇننى ئېلىپ سېتىقچىنىڭ قېشىغا كەلدى.سېتىقچى؛
-ئەي پالانى،مېنى ئۈچ نوقۇت ئالتۇن ئۈچۈن ئەتتىگەندىن تا بۇچاققىچە كايىتقان كىشىنىڭ قېشىغا نېمە تاما قىلىپ باردىڭ؟-دېدى.شاگىرت سودىگەر بەرگەن ئالتۇننى ئۇستىسىغا بەردى.سېتىقچى بۇ ئىشقا ھەيران قىلىپ ئۆز-ئۆزگە <سۇبھاناللا،بۇ كىشى شۇ قاتارلىق بېخىل تۇرۇپ،مۇنچە ئالتۇننى،بۇنىڭغا نېمىچۈن بەرگەندۇ؟>دەپ،سودىگەرنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە سودىگەردىن؛
-ئەي شەيىخ،سېزدىن ئاجايىپ بىر ۋەقەنى كۆردۈمكى،سېز ئەتىگەندىن تا بۇ سائەتكىچە نەچچە كىشى بىلەن مېنى ئۈچ نوقۇت ئالتۇن ئۈچۈن كايىتقانتىڭىز،ئەمدىلىكتە بۇ ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى شاگىرتىمغا بېرىپسىز شۇ باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى نېمىدى،ۋە بۇ ساخاۋەتنىڭ مەنىسى نېمىكىن؟-دەپ سورىدى.سودىگەر ئېيتتى؛
-ئەي خوجا،مەن سود ىگەردۇرمەن،سودىگەرچىلىكنىڭ تەرىقىسى ئالماق ۋە ساتماقتۇر،ئەگەر سودىدا بىر دەرەم چاغلىق زىيان تارتسا،سودىگەرنىڭ يېرىم ئۆمرى بىكارغا كەتكەنگە باراۋەردۇر.ئەگەر مۇرىۋەت(سېخىلىق)قىلىدىغان ۋاقىتتا سېخىلىق قىلمىسا،ئۆز ئەسلىنىڭ ناپاكلىقىغا گۇۋالىق بەرگەنلىكى بىلەن باراۋەردۇر.بەس،مەن ئۆزۈمنىڭ زىيان تارتقۇچى بولىشىنى ھەم خالىمىدىم،ئەسلىمنىڭ ناپاك بولىشىنى ھەم خالىمىدىم.
مەنبە؛<<ئەخلاق دەستۇرى>>دىن