تىللىما
ھەسەنجان ئۆمەر
تىللىما ھەركىمگە يۇرتداش،مېنى داتلاپ تىللىما،
مەندە يوق قىلمىشلىنى سەن ماڭا چاپلاپ تىللىما.
ئاڭلىدىم ،تىللاپ بېرىپسەن قىلمىدى يۈزىمنى دەپ،
باشقىلارنىڭ ئىززىتىنى لايغا تاشلاپ تىللىما.
كۈن چۈشۈپ باشىڭغا كەلسەڭ،بارىنى بەرگەن تولۇق،
بوپتىمەن پىخسىق بېرىپمۇ،بېخىل چاغلاپ تىللىما.
خۇش بولاي راستىنى ئېيتقىن،مەن قاچان ياندۇر دېدىم؟
يالغىنى يالغان ھامانە ئۇنچە باپلاپ تىللىما.
كۈتمىدىم رەھمەتنى سەندىن،ھار كەلدى ئەمما داتلىشىڭ،
بەك نۇمۇس،بىل ،كەينىدىن تىللاش غاجاپ تىللىما.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم