مەن كەلدىم
ھەسەىجان ئۆمەر
قەدىمىي يۇرت،گۈزەل قەشقەر بولۇپ پەرۋانە مەن كەلدىم،
بېھىش يەڭلىغ قۇچاقىڭنى كىزەي سەيلانە مەن كەلدىم.
ئەزىز نامىڭنى تىلغا ئالسام،پەخىر بىرلە كۈلەر قەلبىم،
تېڭىپ ئىشقىڭنى كۆكسىمگە بولۇپ جانانە مەن كەلدىم،
ئىلىم-ئىرپان قۇياشىسەن تالاي دىللارغا نۇر چاچقان،
ئېمىپ نۇردىن،تېپىپ دەرمان قىلاي جەۋلانە مەن كەلدىم.
يۈسۈپ،مەھمۇد،سۇتۇق بىرلە جاھاندا تىك ئىرۇر قەددىڭ،
ئۇدۇم قىپ ،روھى ئەجداتنى ياشاي مەردانە مەن كەلدىم.
دەۋىرگە باپ قەدەم ئالماق،مۇرادى بوپتۇ خەلقىڭنىڭ،
بولۇپ دىلداش،تۈرۈپ يەڭنى تۇراي قاتارە مەن كەلدىم.
سىرىق سۇ كەلتۈرەر مېۋەڭ،چاقار كۆزلەرنى شاخلاردا،
تېتىپ شاپتۇل،ئانارىڭدىن ئالاي دەرمانە مەن كەلدىم.
جاراڭلاپ كۆكنى بىر ئاپتۇ ئىناقلىق ناخشىسى ئەۋجى،
ھوزۇرى بىرلە ناخشاڭنىڭ ئۇراي خەندانە مەن كەلدىم
مەنبە؛ئىجادىيىتىم1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 05:25 PM