دوستلار
يۇلغۇن
دۇنيادىن كېتىمىز بىر-بىرلەپ دوستلار،
بىر نىيەت ، بىر يولدا پاكىز ياشايلى.
يۇلتۇزدەك چاقنايلى ھەق سۆزلەپ دوستلار ،
مىسكىنگە، ئاجىزغا مېھىر چاچايلى.
ئەل-يۇرتنىڭ ئوتىدا كۆيەيلى بىللە،
ئېزىقماي بوران ھەم تۇماندا دوستلار .
قول بىرىپ ، دىل بىرىپ يۈرەيلى بىللە،
بولمايلى ھەرگىزمۇ گۇماندا دوستلار.
بىر بۇردا بولسىمۇ يەيلى ھالاللاپ ،
ھارامنىڭ كۈلپىتى باسمىسۇن دوستلار.
يېلىنىپ نامەردكە كۈلمەيلى دانلاپ،
بەختىمىز يۈز ئۆرۈپ قاچمىسۇن دوستلار.
مال-دۇنيا ئالدىدا ۋىجداننى ساقلاپ،
زالىمغا بوي بەرمەي ياشايلى دوستلار.
ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمەيلى يالماپ،
مېھنەتسىز نىممەتتىن قاچايلى دوستلار.
ئەجرىسىز راھەتتىن كۈلمەيلى دوستلار،
ئاچ كۆزلۈك ئېپ بارار تەگسىز ئەلەمگە.
قۇم كەبى چېچىلىپ يۈرمەيلى دوستلار،
ساۋاقلار بار بىزگە ھەر بىر قەدەمدە.
ئادىشىپ كەتمەيلى تەمەدە ياشاپ،
ئادەم بىز ئادەمدەك ياشايلى دوستلار.
ئاتىلار ئىزىدىن مەردانە چامداپ ،
ۋايسىماي داۋاندىن ئاشايلى دوستلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 03:16 PM