مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2525|ئىنكاس: 4

بۇ يوللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104637
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 09:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                 بۇ يوللار

                 (يۇلغۇن)

مەن ماڭغا بۇ يوللار خىيالدىن ئۇزۇن،
ئارمانلار پىغانلىق ، ئاتەش بەزىدە.
بۇ يولدا ماڭغانلار ئەل بىلەن بىللە،
بۇ يولدا ماڭغانلار ئاۋام قەلبىدە.

بۇ يولدا ئاقماقتا مېنىڭ خاسلىقىم،
بۇ يولدا تەشۋىش ھەم ئاپپاق ھاياجان.
بۇ يوللار مۇڭدىشىپ قانماس مەن بىلەن،
بۇ يولدا يېشىل كۈي، يېشىل ھاياجان.

بۇ يولدا غېرىپلىق، تەنھالىقىم بار،
ئازاپتەك چۇڭقۇرلاپ بارار باغرىمغا.
بۇ يولدا بەك ئۇزۇن ئارمان لاۋۇلدار،
يېقىملىق بەك مۇڭلۇق قەدىمكى ناخشا.

بۇ يولدا ئەجدادنىڭ ئۆچمەس ئىزى بار،
( بۇ يولدا بوۋامنىڭ پۇتى قاپارغان.)
بۇ يولدا دادامنىڭ ئىزلىرى ياقىن ،
جاسارەت، ئۈمىدلەر، ئارمانلار تۇغيان.

بۇ يولدا خىلمۇ-خىل ئادەملەر تولا،
بۇ يولدا چاپچىغان تۇلپارلار قېنى؟!...
ھەسرەت رەڭ ئۈمىدلەر ئاقار ئۆركەشلەپ،
بۇ يولدا بىر ئەلنىڭ كۈلكىسى، غېمى.

بۇ يولدا بۆرىلەر ھوۋلايدۇ پات-پات،
ئەركەكلىك ئۆركىشى ياسىغان دەريا.
كۈلپەتنىڭ « چوكۇلداپ» سۈيۈشلىرى بار،
چاقناشنى ئۈگەتتى بۇ يوللار ماڭا.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 01:53:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 06:24:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ!!!!!

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 01:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپسىلىي ئۇقۇسا چوڭقۇر مەزمۇن يۇشۇرۇنغان شىئىركەن

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:06:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش