پاكلىق – بەرىكەت
(يۇلغۇن)
رىزىق ئىزدەپ ھالالدىن پاكلىق بىلەن ياشىغىن،
غادايمىغىن ھەرگىزمۇ ھەشەمەتكە بىرىلىپ.
پەرقىڭ نىمە ھەيۋاندىن ئۇنتۇپ قالساڭ ئەسلىڭنى،
ھەي ، قورسىقىڭ تويسىلا ئويناپ يۈرسەڭ كىرىلىپ.
پاكلىق بىلەن ئىنساننىڭ ئېشىپ بارار ئىززىتى،
ئادەم قۇچۇپ شان-شەرەپ ھالاللىقتىن كۆكلەيدۇ.
پاكلىق بىلەن ھالاللىق بەرىكەتنىڭ يىلتىزى،
ناپاك بىلەن ئاچ كۆزلەر مەخسىدىگە يەتمەيدۇ.
كۆرەڭلىمە ئەجرىڭسىز كېلىپ قالغان ئامەتتىن،
ھالال بىلەن ھارامنىڭ چىقىشقىنى نەدە بار؟!...
پاكلىق بىلەن ھالاللىق ھاياتلىقنىڭ قىممىتى،
تەرسىز كەلگەن ئامەتنىڭ ھېسابى بار، دەردى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 01:28 AM