يۇلغۇن
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا
تولدۇرساڭمۇ كۆزۈمنى ياشقا،
تاڭ دېسەڭمۇ تاشنى تاياققا،
قاز دېسەڭمۇ قۇدۇق تىرناقتا،
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.
غەلبەم ئۈچۈن قاپاق تۈرسەڭمۇ،
گۈل ئورنىغا تىكەن بەرسەڭمۇ،
سەپىرىمدە پۇتلاپ تۇرساڭمۇ
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.
ھېكمەت تولا ھەر بىر پۇتلاشتا،
يېڭى مەنا بىرەر ھاياتقا،
ئىرىشىمەن ئاچچىق ساۋاققا،
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.
مەيلى گۈل بەر ۋەياكى تىكەن ،
ھەشقاللا دەپ كۈلۈپ ئالىمەن،
ياشاش ھەردەم سىنىقى بىلەن،
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.
قىزغانساڭمۇ مەندىن شادلىقنى،
ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن دۇنيا.
رەخمىتىمدە كۆمۈمەن سېنى،
ئاغرىنمايمەن ھەرگىزمۇ دۇنيا.
ئىبرەتلىك دۇنيا
كۆز سالمىغىن تەرىڭسىز ئاشقا،
ئوتتۇرا يول تۇتقىن ياشاشتا.
ئارزۇيۇڭغا يەتمەكچى بولساڭ،
نەقىش ئويغىن ئەجرىڭدىن تاشقا.
ئىت ھەرگىزمۇ بولالماس بۆرە،
ماڭار بەزەن مايمۇنمۇ ئۆرە.
ئۆزۈڭ قوپۇپ كەتكىنىڭ ئەۋزەل ،
ياردەم كۈتۈپ ياتقاندىن كۈرە.
جايىڭ تۇپراق بولساڭمۇ ئايدا،
بۈگۈن خوشال ، ئەتىسى داغدا.
كۆچەت قويغان چۆللەردە سەرسان،
تەييارتاپلار مىۋە يەر باغدا.
ئاچچىق ساۋاق كۈلكىدە، ياشتا،
بۇ ئەزەلدىن ئىبرەتلىك دۇنيا.
ھېكمەت تولا ھەر بىر پۇتلاشتا،
بۇ ئەزەلدىن ئىبرەتلىك دۇنيا.
بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا
كەملىرىمىز بولمايدۇ پۈتۈن ،
قالار ئىكەن چالىسى چالا.
بەزەن چوغدەك ، بەزىدە تۈتۈن،
بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.
بايا بارلار يوق بولار ھېلى،
شادلىقىدىن تولىدۇر غېمى،
بىرى كۈلسە ، يىغلايدۇ مىڭى ،
بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.
بىرلىرىگە بېرىدۇ بەخت ،
بىرلىرىنى دېگۈزەر ئىسىت ،
تىكلىنىدۇ ، غۇلايدۇ تەخت،
بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.
خاتىرجەملىك مىسكىن ئويىدا،
بىراق پۇتلاش تولا يولىدا،
ھەتتا خانمۇ گالنىڭ كويىدا،
بۇ ئەزەلدىن شۇنداق بىر دۇنيا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 02:54 PM