مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1335|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يەنە خوتۇن غېمى - پوۋېست [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25451
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-2-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
ئاپتورنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە قايتا يوللاندى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# _9 Y: L7 m) \& S6 _( hئاپتورى:  مۇتىللا ئەبەد قىرانى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; c/ R% k5 A2 {2 J7 W, W

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- o9 p5 q* X9 d0 [& a! m- oبۇ ئۆيۈمگە خوتۇننىڭ زۆرۇرىيىتى بار-يوقلىقى ھەققىدە ئويلىنىش ھەقىقەتەن بېشىمنى ئاغرىتىدىغان ئىش بولۇپ قىلىۋاتاتتى. توي يولۇمنى غايىبانە توسۇپ تۇرىۋاتقان چەتئەلنىڭ قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇمارى بىلەن جاۋاب بەرمىسەممۇ بولىدىغان سۇئاللاردىن تەستە قۇتۇلغىنىمغا خۇشال بولۇپ يۈرگىنىم بىكارغا كەتمىسە بولاتتى. ئاران بىر ياتىقى بار ئۆيدە يالغۇز كۈن ئۆتكۈزۈش بەك زېرىكىشلىك بولمىسىمۇ، قىشى ئۇزۇن بۇ شەھەردە قوش كېشىلىك كارۋاتنىڭ مېنىڭدىن ئاغرىنىۋاتقان ئاۋازسىز بولۇپ قىلىشى، كېچىلەرنى غەۋغاسىز تاڭغا ئۇلاشنىڭ تەسلىكى، قۇرۇق پو ئاتقاندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. مۇشۇ كۈنلەردە بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىمدىن بېرەر چاتاق چىقمىغىنىغا يۈزدە-يۈز كاپالەتلىك بېرەلمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن خوتۇن ئېلىش نىيىتىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكىنىمنى ئۆز-ئۆزۈمگە جاكارلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنسىز تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكىنىمنى باشقىلار تېخى ھېس قىلمىغان چېغى، ھەدېگەندە يۈرىكىمنى ئاغرىتىدىغان ئوخشاش بىر سوئالنى سوراپ، مېنى ئۆزلىرىدىن بىزار قىلىشىۋاتاتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: y. X7 F' T/ X' d
- خوتۇنسىز ئەر ئۈچۈن توي قىلىش راستىنلا زۆرۈرمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 f- R8 ]  j# _% Bبۇ سوئالنى قانچە قېتىم سورىغاندىمەن. ھەر قېتىم ئۆزۈمدىن ئېرىشىدىغان جاۋابىم ئوخشاش بولۇۋاتاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 V3 P4 }. Z' P; L7 F0 B- چوقۇم خوتۇن ئېلىشىم كېرەك!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 B* N8 c. f2 i
بۇ بىر جۇملە سۆزنى ئۆيۈمنىڭ تاملىرىغا قەدەر يېزىۋەتكىنىم ھەرگىزمۇ ئەخمىقانىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمگە بېرىلگەن ئاگالاندۇرۇش ۋە سىگىنال ئىدى. كارۋات بېشىغا رەسىم چاپلاش بىلەن خۇشۇمنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك مېنى ياخشى كۆرۈدىغان قىزلارنىڭ رەسىمىنى سورىمىغانىدىم. بولمىسا نەچچىسى سۇرىتىنى چوڭايتىپ، سوۋغا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار نېمە دېگەنبىلەن رەسىم دېگەن بەرىبىر رەسىم، قانداقمۇ خوتۇننىڭ ئورنىنى باسالىسۇن. ئۇنىڭدىن كۆرە ھەر كەچ بىر جۈملە ئەقىلىيە سۆز يازغىنىم ياخشى ئەمەسمۇ! قىزىل رەڭگە ئۆچ بولمىساممۇ، كارۋات بېشىدىكى ئاق تامغا قىزىل رەڭ ئىشلەتكۈم يوق ئىدى. كېچىدە يازىدىغان خەت بولغاندىكىن يەنىلا قارا رەڭنى مۇۋاپىق كۆرگەنىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ V; R' J7 n0 s+ `4 E«سەن ماڭا بىر قەدەم يېقىنلاشساڭ، مەن سېنىڭدىن ئون قەدەم يېراق قاچىمەن.»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' s5 L+ a* B  A  T6 {$ hبۇ ئۇلۇغ سۆزلەرنى قايسى بىر كېچىسى چەتئەلنىڭ قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچمىگىنىم، توغرىسى ئىچىشنى رەت قىلغىنىمنى قۇتلۇقلاپ يازغانلىقىم ناھايىتى ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. ئاياللارنى قىززىق دېسە پەقەت ئىشەنمەيتتىم. ھاراقنىڭ كۈچى ئۇلارنى ئەرلەردىنمۇ بەكرەك تەشەببۇسكار قىلىۋىتىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۇ ئىبارىلەرنى يازالىغانمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& X$ z3 x% @7 K- x# L«خوتۇنسىز تۇرمۇشنى بەزلەش ئۈچۈن ئەرسىز خوتۇننىڭ دەردىنى ئاڭلا! مەن خوتۇن ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزۈم ئۈچۈن توي قىلىمەن. نىكاھتا مۇھەببەت بولغان بىلەن مۇھەببەتتە نىكاھ يوق...» مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەقلىيەلەرگە تولغان تامنى كىممۇ قالايمىقان ئېلانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ھاجەتخانىنىڭ تېمىغا ئوخشاتسۇن! ئۇنداقلارنىڭ تىلىغا كۆيدۈرگە چىقمايدىغان بولسا، مەن بۇ قېتىمقى توي ئىشىمنى يەنە يوق قىلىۋېتىشكە قەسەم قىلىمەن. توي ئىشىمغۇ ئەسلىدىلا تېگى يوق ئىش، شۇنداقتىمۇ چوقۇم توي قىلىدىغان بىر كۈن كەلمەي قالمايدۇ. شۇ كۈن كەلگەندە قەسىمىمنى ئۇنتۇپ قالمىساملا لەۋزىمدە تۇرالايمەن. بەزىلەر ئۆزىچە «ئېسىلزادىلەر ئۇنۇتقاق كېلىدۇ» دېيىشىدىكەن. خۇددى ئۇلار ئەزەلدىن خان ئەۋلادى ياكى بەگلەرنىڭ پۈشتى بولۇپ يارالغاندەك! خان، بەگ دېگەن نېمە؟ مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، بىر توپ تەييارتاپ، ئاق سۆڭەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىتقا تاشلاپ بەرسە گۆشىنى يېمەيدىغان خۇمپەرلەر ئۈچۈن ئېغىز ئۇپرىتىشنى خالىمايدىغىنىم بىر ئۆزۈمگە ئايان. شۇنداقتىمۇ بەزىدە سۆزلەپ قويماي بولمايدىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. u$ [/ `7 O( ?& o( Vيانفون نومۇرۇمنى كارىدوردىكى تامدىن كىمنىڭ قېرىپ ئۆچۈرىۋەتكىنى بىلەلمىگىنىم مېنى ئازراق ئازابلاپ قويۇۋاتاتتى. بۇ قورۇدا ئادەم كۆرەلمەيدىغان پىت كۆزلەر خېلى بار ئوخشايدۇ. بولمىسا تامغا يېزىلغان يانفون نومۇرى ئۇلارنىڭ كۆزىگە سېغماي قالارمىدى؟ راستىنى ئېيتسام بۇ قورۇدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئايال كىشى بولۇپ تۇغۇلمىغىنى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىپ يۇرىشىدۇ. ناۋادا قولىدىن كەلسە بىر كېچىدىلا ئايال بولۇۋالغۇسى، ئۆيدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تارتىۋالغۇسى بار. ئۇلارغا قاراپ ئانامدىن شۇنداق پەخرلىنىمەن. ئۇلارنىڭ ئانىسى مېنىڭ ئانامدەك بالا تۇغۇشنى بىلمەيدىكەن. ھەقىقىي ئوغۇل تۇغالمىغان ئاشۇ ئانىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇئانىلار «ئوغۇل» دەپ بەرگەن سۈتى ۋە سالغان شۈمىكى ئۈچۈن رازى بولىۋاتامدىغاندۇ؟ دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇ خەق مېنىڭ بىلەن قىرىشقانسېرى يانفون نومۇرۇمنى ھويلا تاملىرىغىمۇ يېزىپ قويغانىدىم. بەزىدە مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز تېلېفونلارنى كەلمەيدىمۇ دېيەلمەيمەن. قايسى بىرى گاز تۇڭى زاكاس قىلسا، قايسى بىرى ئەۋرەز يولىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى تېلېفونلىرىغا كۆنۈپ كەتتىم. ئوخشاش جاۋاب ئۇلارنى بىزار قىلغۇچە تېلېفوننى ئۇزمەيدىغان بولۇپ قالدىم. مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم پەقەت بىرلا سۆز «ھازىرلا» ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  f( u* y5 D. o8 v2 c2 V7 b- J
بۇ قورۇدىن بىر قانچە قېتىم كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بەزى بىر تېلېفوننىڭ مېھرىدىن كېچەلمەيتتىم. قورۇدىكى بارلىق تاملارغا يانفون نومۇرىمنى يېزىۋېتىپ. كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىغان چاغلىرىممۇ بولغان. ئەتىكەندىن كەچكىچە خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، خوتۇننىڭ سىزغان سىقىدىن چىقالمايدىغان قوشنىلار دېسەم بۇرۇنلا كۆچۈپ كەتكۈم بار. ئەممازە باشقا يەردە ئۆزۈمگە تەۋە باش تىققۇدەك كامارمۇ بولمىغاچقا كۆچۈپ كېتەلمىدىم. كۆچۈپ كېتىشىمگە قوشنىلارمۇ ئاساسىي سەۋەپ بولالمايدۇ. كۆچۈپ كەتمەسلىكىمنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى مەن ئالىدىغان خوتۇن بۇ ئۆيگە ئۆزى ئىزدەپ كېلىدىغاندەك شېرىن تۇيغۇ ئىچىدە يۈرۈپ ئادەتلىنىپ قالغانىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  d0 q/ W( ~$ b3 I# A1 ~بۇ قورۇدا يىل بويى خوتۇننى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدە پاراڭ بولمايدۇ. بارلىق پاراڭلار پەقەت خوتۇننى قانداق كۈتۈش ۋە قانداق رازى قىلىشتەك ئاشۇ بىرلا تېمىغا مەركەزلەشكەن. ئۇلار بىر قانچىسى بىر يەرگە كەلدىمۇ، ئاۋۋال گەپنى ئۇدۇل قوشنام توبا باش باشلايدۇ. ئارقىدىنلا ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قوشنام سېرىق تايغان بىلەن ئاق گەدەن قارا قۇچقاچقتەك سايراپ كېتىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە«ئۇ ئۆيدىكى پولنى توبا بىلەن ئەمەس بېشى بىلەن سۈرتەمدىكىن دەيمەن. ھەر قانداق چاغدا پول يۈزى خۇددى ئەينەكتەك ۋالىلداپ تۇرىدۇ». مەن بۇ قوشنامنىڭ بەزەن ئىشىكى ئوچۇق قالغاندا شۇنداق ئويلاپمۇ قالىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) I6 B6 \; u3 ]. q5 Y/ ]: d- f- ئاياللارنى كۈتۈش بىر ئەرگە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. مەن ئايالىمنىڭ رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ئاتا قىلىۋاتقان ھەر بىر تەبەسسۇمىنى كۆرگەندە، ئۆزۈمنى خوتۇنۇم ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك ھېس قىلىمەن ھەم ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدىغان كۈچ-مادارغا توشۇمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 c1 W, D- g7 G( u6 G, R0 ]
- مەنمۇ شۇ! ئۇ مېنى «قولىڭىز بارغانسېرى تەملىك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېسە، يۈرىكىم ئويناپ كېتىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) }6 j( J$ o5 I9 g* D  s$ c& [, P
- قۇرۇق يۈيۈش دۇككىنىدىكى ئۇستاملارمۇ مېنىڭچىلەك دەزمال سالا.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' w) J- l) V- y/ p* l, U" p' V
- بۇ ئۆزۈڭنىڭ گېپىمۇ ياكى خوجايىننىڭ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ _: ]* W9 N3 k' W/ g6 R# V- ئەلۋەتتە خوجايىننىڭ باھاسى دە!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 J% F7 ~# Z# E  z# \3 L" X
- ئەرلەرنىڭ تېرىسى قېلىن كېلىدۇ، سوغۇق سۇغا تىققانغا ھېچنېمە بولمايدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. k/ i) }6 C9 k, j9 K( S
- پۇراقلىق ئەتىر ئىشلەتكىنىڭنى ئاڭلاپ، ئۆيدىكى خوجايىندىن خاپىلىققا قالدىم. قايسى دۇكاندىن ئالغىنىڭنى سورىۋالىمەن، دەپ يەنە ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېسە!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; [. A0 T1 V! U' |- ئۇ خىل ئەتىر بۇ يەردە يوق، بىر خىزمەتدىشىم چەتئەلدىن ئالغاچ كەپتىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" k& y/ j+ R9 L6 n2 U: C, Q( aئاق گەدەننىڭ ئېيتىپ بەرگۈسى يوقتەك قىلاتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئۆزى خوتۇنىنىڭ كىيىم-كىچىكلىرىگە ئىشلىتىۋاتقان ئەتىرنى چەتئەلنىڭ مەھسۇلاتى دەپ يالغان ئېيتىۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ باقمىغان. ئۇدۇل قوشنامنىڭ بەزەن ئىشىكى ئوچۇق قالغاندا شۇنداق ئويلاپمۇ قالىمەن: « ئايالىنىڭ ئەينەككە قارىماي، پولغا قاراپ چاچ تارىغىنىغا قاراپ، ئۇنى ئۆيدىكى پولنى توبا بىلەن ئەمەس بېشى بىلەن سۈرتەمدىكىن دەيمەن».
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. N9 h7 U, g1 f4 M- X: S  L7 l# |ئۇلار خوتۇن ھەققىدە پاراڭغا چۈشكەندە مەن يەنە ئىختىيارىسىز توي قىلىشنى ئويلاپ قالىمەن. يەنە بىر دەمدىن كېيىنلا، بۇ ئويۇمدىن پۇشمان قىلىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كېتىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' w' ~9 j1 J% y) y, N" U2 q; \«سېنىڭ ئۈچۈن خوتۇن ئېلىش شۇقەدەر مۇھىممۇ؟ خوتۇنسىز تۇرمۇش ساڭا نېمە ئازاب ۋە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەن! ئۆز خان، ئۆز بەگلىكىڭنى تۇغۇلىشتىن تونۇمايدىغان يات بىر جىنىسقا ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن تۇتقۇزۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولساڭ، ئاناڭنىڭ ئاق سۈتىگە شەك چۈشۈرگەن بولمامسەن؟ ئەقلىڭنى تاپ، رىزا! سەن باشقىلاردەك بوزەك بولۇش ۋە قۇللۇققا تۇغۇلمىغان. سېنىڭ قىنىڭدا ئېقىۋاتقىنى خوتۇنلارنىڭ كۆزىنى ياشلايدىغان، ئايال كىشىگە ئېگىلمەيدىغان بوۋاڭنىڭ قېنى!»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% u3 g" E$ ?0 b) ~بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 J! S; T" |3 g4 k% ]
بوۋام ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشىغان ئادەم ئىدى. گەرچە مەن بوۋامنىڭ دىدارىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، باشقا چوڭلاردىن گېپىنى كۆپ ئاڭلىغان. ئۇ بۇ ئۆمرىدە 39 خوتۇن ئالغان، بىر خوتۇنىغىمۇ بوزەك بولۇپ باقمىغان بىردىن بىر ئەر بولسا كېرەك! مەن بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى كۆپ سۆزلىگەن، ئەمما ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بېرەرسىنىڭمۇ قۇلىقىغا ياقمىغان. ئۇلارنىڭ بىز ئەرلەرنى چۈشىنىدىغىنى، ئۆزىگە قۇل قىلىشنى ئويلىمايدىغىنى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ چۈشەنمىگىنى ئۈچۈنلا مەن تومۇرىمدا ئېقىۋاتقان ئەركەكلىك قېنىدىن ۋاز كېچىشىم مۇمكىنمۇ!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Y! _0 t! U6 d: h4 l+ Jبوۋامنىڭ بىر ئايالچە مەسە-كالىچى بار ئىكەن. ئۇ كۆزى چۈشكەنلا ئايالغا بۇ مەسە-كاچاچنى تويلۇق قىلىپ بېرىدىكەن ھەم توي كۈنى بىر كۈنلا كېيىشكە ئىجازەت بېرىدىكەن. يېرىم كېچىدە يېقىن بۇرادىرى، مەھەەللە مەسجىتىنىڭ ئىمامىنى چاقىرىتىپ، دىنىي رەسمىيەتنى بىجا كەلتۇرۇپلا، ئۇ ئايالنى خوتۇنلۇققا تاللايدىكەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر ئايالغا كۆزى چۈشۈپ، تويلۇق مەسە-كالاچنى تارتىۋالىلىپ، نىكاھىدىكى خوتۇننى «تالاق» قىلىپلا، يېڭى خوتۇنغا نىكاھ ئوقۇتىدىكەن. ئاتامنىڭ قانچىنچى خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. يۈرتتا بوۋام ھەققىدە توقۇلغان قوشاقلارمۇ ئاز ئەمەس، بىرنى ئوقۇپ قويغانغا بوۋام مېنى ۋاپاسىز دەپمۇ يۈرمەس دەيمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" b7 l+ d' b/ }- W1 e1 }
موللام سۇپەت تەقۋادار،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& i. Y' t: D" p8 m: a; q
يەتتە يۆگەم سەللىسى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# U3 g) ~2 E% m0 H9 k# \خوتۇن ئالاي دېگەندە،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 d' f! l3 E  A9 x* e3 L
خۇرجىندا بار مەسىسى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Y0 R/ Z: A% c: q* p) Zشۇ چاغلاردا بىر مەسە-كالاچنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ بوۋامنىڭ قولىدا قىممىتىنى تاپقانىدى. قانۇننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ھەممە ئىشلارنى دىنىي يول ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ بەختسىزلىكى دەل ئاشۇ يەردە بولسا كېرەك. بۇ ئويۇمنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە باشقىلار بىلەن تېخى بەس-مۇنازىرە قىلىپ باقمىغان بىلەن كۆڭلۈمدە خوتۇنپەزلىكنى بەك تەشەببۇس قىلىپ كەتمەيمەن. ئادەم ئۈچۈن ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولغانغا نېمە يەتسۇن. مەنمۇ بوۋام چۈشىمگە كىرگەن كۈنلىرى خوتۇن ئېلىشنىڭ زۆزۈرلىكى ھەققىدە ئويلانغان بىلەن باشقا چاغلاردا بويتاق تۇرمۇشۇمغا تەن بېرىپ، بىر ئوبدان ياشاپ كېلىۋاتمامدىم مانا!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# x/ B6 n2 z% x9 V; |ئاتامنىڭ بوۋامنى تارتمىغانلىقىغا، يالغۇز ئوغۇل بولسىمۇ بوۋامنىڭ مۇقامىغا قارشى بىر نىكاھلىق تۇرمۇشقا شۇكرى-قانائەت قىلىپ، بىر ئوبدان ياشاپ كېلىۋاتقىنىغا كاپالەت بېرەلەيمەن. ئانامدىن نەچچە قېتىم ئاتامنىڭ كىچىك خوتۇن ئېلىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى سوراپ باققۇم كەلگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئۈندىمەستىن كۆزۈمگە قارىشىدىن قۇرقۇپ سورىيالمىغانىدىم. ئاتامغىغۇ ئۆرە بېقىپ قارىيالمايمەن. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر ئاز ئەركە چوڭ بولغان بولسام، بۇنداق گەپلەرنى ئىچىمدە يۈتۈپ ئۆتمەس ئېدىم. چوڭلارمۇ قىززىق ئىكەن، «بىر ئەرگە تۆت خوتۇن راۋا» دېيىشكىنى بىلەن ھەممىسى بىر خوتۇن بىلەن بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتۈشىدىكەن. ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى زىت تۈرمۇشتىن زىرىكمىگىنىگە ھەيرانمەن. تۆت خوتۇن ئالمىسىمۇ ئىككى خوتۇن ئېلىپ باقسا، بىرى بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا يەنە بىرى ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشسە نېمىشقا بولمايدىكەن. بۇ دۇنيادا بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت ئۇلاردا شۇنداق يۈرەك ۋە قاراملىق كام.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q7 Y  F/ K  R- c0 {) T* Kئەر قوشنىلارنىڭ خوتۇن ھەققىدىكى پارىڭى تۈگىمەيتتى. ئۇلار بىر بىرىدىن نۆۋەت تالىشىپ سۆزلىشەتتى. مەن بىر چەتتە كۈلۈپ تۇراتتىم. بۇ كۈلكەمدە جاندىن ئۆتكۈدەك مەسخىرە ۋە ئېچىنىشنىڭ بارلىقىنى ئۇلار ھەرگىزمۇ ھېس قىلىشمايتتى. بەلكى مېنى ئەيىبلىگەندەك بىر بىرىگە ئىشارەتسىز دارىتما گەپ ئېتىشاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. T' b' t0 H3 b  Z+ O- q- X, c# S0 x- بەزىلەر ئاياللارنىڭ سېھرى ۋە لەززىتىنى تېخى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئايال ھەققىدىكى گەپلەرمۇ تۇسسىز تاماقتەك تېتىيدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 W  A/ o  G7 U% S: F
- شۇ، شۇ، ئۇلار توي قىلىپ باقسۇنچۇ شۇ چاغدا يەنە ھازىرقىدەك كۈلەلەمدىكىن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ], {: B0 I, B4 H- r- يالغۇز ياشىغان ئەرنى ئەر دېگىلى بولسۇنمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S7 t4 B6 D" s, Z' s1 d
- ئەر دېگەن چىرايلىق ئاياللار بىلەنلا ئەر جۇمۇ. مەن كۈنلىرىمنى ئايالسىز تەسەۋۋۇر قىلىشتىن قورقۇمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 d7 V, O4 a6 q2 ]" E) L: p$ t
بۇ گەپ بىلەنلا ئۇلار مېنى يەنە ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇشاتتى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەسلىدىلا مەن بولمىغاچقا مەنمۇ ئەپسۇسلىنىش بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئەجەبلىنىشنىمۇ خىيال قىلمايتتىم. مەن ئۇلاردەك ياشاشنى ئويلىغان بولسام، بۇ چاققىچە توي قىلغان، ئۇلار ئېيتقاندەك چىرايلىق ئايالنى ھوزۇرىدا يۈرگەن بولاتتىم. لېكىن مەن ئۆز ئەقىدەم ۋە ئىتىقادىمغا مۇخالىپ توينى قىلسام بولمايتتى. چۈنكى، «خوتۇن دېگەننى خوتۇن ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزۈم ئۈچۈن ئېلىش» پىشانەمگە پۈتۈلگەن، شۇ تەقدىرىمنى يارىتىشنى نىشان قىلغان ئادەممەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 _! W1 Y- A# j0 a, x  ~كۈندە بىر ئەقلىيە يېزىش تۈرمۈشۈمنى تېخىمۇ مەنىگە ئىگە قىلىۋاتاتتى. يانفوننىڭ تىترىشى ماڭا تونۇش بولغىنى بىلەن ئۇ بېرىۋاتقان ئاۋاز يېڭى ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 A' `  _4 ~, D% w0 U) Q/ t
- سىز؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! P, r. _' \0 B7 n- مەن ئۆزۈم شۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# w# \) n; J. m- A, b8 P( ^  O- مەن بىلسەم بولماسمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* U% F/ _/ f0 p# F# B4 S$ r- بىلىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى كۆنۈش.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 [9 c9 f9 e6 A' [/ F  N" I( F# y
- نېمىگە؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ ?; r/ o9 o- @5 J3 z+ C- ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 C7 y! U4 l" ]' l2 u* X
بۇ چاغدا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولاتتىم. بەزىدە تېخى سۆھبەتمۇ ئۈزۈلۈپ قالاتتى. ئۇنىڭغا نېمە دىيىشنى ئويلاشمىسام، چويلىدا توختىمايدىغان نەدە بىر گەپنى دەپ سېلىپ، ماگنېت دائېرەمدىن قاچۈرۈپ قويسام بولمايتتى. قارشى تەرەپنىڭ بويتاق ياكى ھەمراھلىق ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيتتىم. يانفوننىڭ ئالاقە خاتىرىسىدىمۇ بۇ نومۇر يوق ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, R  g1 J' c3 X  B0 [5 l3 k# M! }* * * *
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 h" G  ?8 y8 k0 t0 ]  i; E( t, R) Yئەرلىكىنى يوقاتقان ئاغۋاتلاردەك بىردىنلا توي قىلىشنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالغىنىمنى دېمەمدىغان! بۇ توي قىلىدىغانغا لايىقىمنىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ توي قىلغۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. لايىق دېسە، ماڭدامدا بىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. گەپ يەنىلا ئۆزۈمدە بولىۋاتقان نېمە! ئىدارىدىن يانفون نومۇرىمنى نەچچە رەت ئالماشتۇرۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ باشلىقىمنىڭ رايىغا باقمىدىم. بۇ نومۇرغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، يادقا ئېلىشقا بۇنداق ئاسان نومۇر نەدە بار. ئۇلار نومۇرنىڭ ياخشىسىنى ماڭا بەرسۇنمۇ؟ كاتىپ قىزنىڭ باشقا يەرگە يۆتكىلىپ كەتكىنى دېمىسەم، بۇ نومۇرغا خېلى مېھرىم چۈشۈپ قالغىنىنى قايتا ئېيتىپ يۈرەرمىدىم. گەپنىڭ ئەڭ قىززىقى مېنىڭ بىردىنلا توي قىلىشتىن ۋاز كەچكىنىمدە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 }1 q" a. F2 Nيالغۇز ئۆتۈۋاتقىنىمدىن بىزار بولىدىغانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشىدىن بەتەر باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئاشۇ ئادەملەردىن بىزارمەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى بىلىشمەي، مېنىڭ توي ئىشىم بىلەن قالغىنى نېمە دەيمەن. شۇنداق چاغلاردا ئۇلاردىن تېخىمۇ يېراقراق تۇرغۇم، ئۇلار كۆرەلمەيدىغان بىر يەرلەرگە كەتكۈم كېلىدۇ. ئەمما ئۆزۈم كەتكىنىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمغىلى بولسا ئىدى، ھەممىنى تاشلاپ كەتكەن، تاملاردىكى نومۇرلارنى پاڭ-پاكىزە ئۆچۈرۈۋەتكەن بولاتتىم. ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ باقسام، ئۆزۈم بىلىدىغان سېسىق گەپلەر بىلەن تىل سېلىپ باقسام زۇۋانىنى ئۆچۈرەلەرمەنمۇ؟ ۋاي تاڭەي، ئۇلارنىڭ زۇۋاندارلىقى ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە بىرەر خاپىلىق ئېلىپ كەلمىسىلا بولاتتىغۇ! قايسى كۈنى بىرىنى قاغاپ قويۇۋېدىم، بېشىغا پىيالە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۆزى بىلىدۇ، بۇ پىيالە ئىشكاپتىن چۈشتىمۇ ياكى ئەتكەن تامىقى تۈز بېسىپ كەتكەن بولسا خوتۇنىنىڭ قولىدىن ئېتىلدىمۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 r- T7 g! }8 Y6 C( p3 u# Mئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ بوش تۇرۇۋاتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغانىدى. ئىدارىدىكىلەرگە دېمەيلا ئۆيگە كۆچۈپ چىقىۋېلىشنى پىلان قىلىۋاتاتتىم. ئۇ ئۆيگە كىرىۋالساملا ھېچبولمىغاندا ئۇدۇل قوشنام توبا باشتىن قۇتۇلاتتىم. ھەي نېمىسىنى دەي، مەن تاش سانىغۇچە قۇم سانايدىغان يەنە بىرەيلەننىڭ بارلىقىنى! ئىدارىدە ھېچكىم نەزەرگە ئېلىپ كەتمەيدىغان، بىرەرسىگە سالام قىلىشنىمۇ ئېغىر ئالىدىغان تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى ھاكىنىڭ بۇ ئۆيگە كىرىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن. بۇ قورۇغا ئۇنىڭ كۆچۈپ كەلگىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولغانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن مېنىڭ ئۈستۈمدە بولىنىدىغان پاراڭلار ئىككىگە بۆلىنىپ كېتەتتى. تالالىقىدىن ئۆزىگە خاس سالالىقى بار ئەرلەر چوقۇم ھاكىنىمۇ بوش قويۇۋەتمەيتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! h3 D; p6 C# q0 Q4 N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! z8 `" }7 P2 m3 [+ I" j7 S) qكۈندە داۋامى يوللىنىدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 10:58 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 K. F& `1 `$ Z; {/ Z" T3 b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% q" f# J1 I  C- K

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114618
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-2-22
ئاخىرقى: 2015-2-27
2#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
مىسرانىمكا، بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

Salom oyi, har Qanday Vaqtda sog' bulin. Bilasizmi, men Opam yana dadam sizsiz Yasholmaymiz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
3#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامى ……?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 873
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 577 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-2-27
4#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامى باردۇ؟

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مىنىڭمۇ ئەسىرىم ئىلان قىلىنغان بولسىچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مىنىڭمۇ ئەسىرىم ئىلان قىلىنغان بولسىچۇ؟

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12323
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32697
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4399 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
‹‹خوتۇن ئالاي دېگەن ››دېگەن ئەسەرنىڭ داۋامىكەن-دە...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45300
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6476 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مۇنبىرىمىزگە يىرىك ئەسەردىن يەنە بىرى  كۆز ئېچىپتۇ-دە! مۇبارەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32050
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3326 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-2-27
9#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:52 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئويلۇشۇپراق ئىش قىلارسىز،خوتۇن ئالماق تەس،ئۆي تۇتماق تېخى تەس.ئاتا-ئانا بولماق،بالا باقماق تېخىمۇ تەس.تەس دىسە ھەممىدىن.....

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104541
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
10#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:36 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەجمى ئۇزۇن  بولغان مۇشۇنداق پىروزا ئەسەرلەرنى بۆلەكلەرگە بۈلۈپ يوللىغانمۇ ياخشى. ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇقۇشى ئۈچۈن  كۆپ پايدىلىق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 h3 A) l* P* t" \( q7 Qئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش