مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2038|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئەلدىن ئەلگە نەپ» پروگراممىسى ئارقىلىق تارقىغان مېھىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25874
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2633 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 02:17:28 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
   شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پروگراممىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە چاغانلىق ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

   بۇ قېتىمقى  چاغانلىق ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە كۈتىنىۋاتقان 65 دادا، ئاپىنىڭ ھەر بىرىنى 150 يۈەن قىممىتىدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى ھەمدە بىر قىسىم دورىلارنى تارقىتىپ بەردى. شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەر بىر قېپى 158 يۈەنلىك، ئومۇمىي قىممىتى  11 مىڭ يۈەن كېلىدىغان «تاشقىن» ماركىسىدىكى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ئاقسىل تالقىنىنى ھەدىيە قىلىدى.

   باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىسېل  ئەنئەنىسى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشانغانلار ساناتورىيەسى 2010- يىلى قۇرۇلغان، 105 كارۋات تەسىس قىلىنغان بولۇپ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى تەرىپدىن 3A دەرىجىلىك ساناتورىيە بولۇپ باھالانغان. بۇ ساناتورىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئەمەت بەش يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى ياشانغانلار ئۈچۈن ئاتىغان شەخسىيەتسىز، پىداكار كىشى. ئۇ ئۆزى مىيىپ تۇرۇپمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرىقىغا ئەمەلىي ئاۋاز قوشۇپ، تاپقان - تەرگىنىنى يىغىپ، بىنا سېلىپ، يۇقىرى ھەقتە ئىجارىگە بېرىش ياكى باشقا تىجارەت خاراكتېرلىك ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشتىن ۋاز كېچىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ئېچىپ، خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ باشمالتىقىنى چىقىرىپ، «يارايسىز!» دېگەن ماختىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. تۈنۈگۈنكى پائالىيەتتە بۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى كۆلۈمى 350 كۇۋادراتمېتىردىن ئاشىدىغان ياشانغانلار پائالىيەت زالىدا بۇ ساناتورىيەدە كۈتىنىۋاتقان 65 كىشى زالنىڭ ئىككى يېقىدىكى ۋاقىتلىق تەسىس قىلىنغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى. دوختۇرلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ساناتورىيەدىكى بوۋاي، مومايلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

   شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پروگراممىسى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:00 تىن 5:00 كىچى بىر سائەت ئاڭلىتىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئەپچىل چارىلەرنى ھاجەتمەنلەرگە يەتكۈزۈش، تۈرلۈك ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش ئۇچۇرلىرى؛ ئەل ئىچىدىكى ساغلاملىققا ئائىت ئەپچىل چارىلەر تۇنۇشتۇرىلىدۇ. ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئاڭلىتىش  چاستوتىسى FM101.7  AM855؛ تۈنۈگۈنكى چاغانلىق ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى نەق مەيداندىن بىۋاستە ائڭلىتىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. خەت، تىلېفۇنلار ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ھەدىيە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتقانلار ھەقەتەنمۇ كۆپ بولدى.


0L7A2145.jpg



0L7A2146.jpg

0L7A2297_副本.jpg

0L7A2148.jpg

0L7A2154.jpg

0L7A2161.jpg

0L7A2163.jpg

0L7A2169.jpg

0L7A2180.jpg

0L7A2185.jpg

0L7A2150.jpg

0L7A2152.jpg

0L7A2186.jpg

0L7A2190.jpg

0L7A2215.jpg

0L7A2236.jpg

0L7A2244.jpg

0L7A2247.jpg

0L7A2252.jpg

0L7A2262.jpg

0L7A2263.jpg

0L7A2271.jpg

0L7A2290.jpg

0L7A2291.jpg

0L7A2320.jpg

0L7A2321.jpg

0L7A2323.jpg

0L7A2324.jpg

0L7A2330.jpg

0L7A2332.jpg


سۈرەتلەرنى مىسرانىم فوتوگرافى ئەخمەت تۇردىھاجى تارتقان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-18 02:30 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 03:07:42 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بولىۋاتىدۇ مۇشۇ يىقىنقى كۈنلەردە ...  خۇرسەن بولدۇق ھەممىمىز .

ھەدىيە كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۆز ئالدىغا دوختۇرخانا قۇرۇشتىن ئىلگىرى 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش دوختۇرخانىسىنىڭ بىر كىچىك بۆلىمىنى ئىجارە ئىلىش ئارقىلىق كىسەل داۋالىغان . شۇ مەزگىللەردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى كۆز بىمارلىرى كىسەل كۆرسىتىشكە پۇلى يوق بولسا ھەقسىز داۋالىغان ، ھەتتا ياتاق تامىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن . ئۇيغۇر سېستىرا قىزلارمۇ بۇ قىيىنچىلىقى بار بىمارلارغا ئانچە -مۇنچە ياردەممۇ قىلغان .  
شۇ مەزگىللەردە دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىش مۇمكىن ئەمەس ، ھەرقانچە قىيىنچىلىقى بولسىمۇ ھۆكىمەت دوختۇرخانلىرى  چېغىدا ياردەم قىلالمايتتى .  بىرنەچچە يىللاردىن كىيىن ھەدىيە كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۆز ئالدىغا مۇنتىزىم دوختۇرخانا قۇرۇپتۇ . بۇنىڭدىن شۇنچە بەك سۆيۈنگەن ئىدىم .


ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3767
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 03:11:35 PM |ئايرىم كۆرۈش |
قەدەملىرىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 03:15:49 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى ئىشلار بولىۋېتىپتۇ مانا... ھەدىيە كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تېخىمۇ روناق تاپقاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 03:38:44 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەدىيە كۆز كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا تىلەكداشمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82959
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3225
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-2-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 04:39:36 PM |ئايرىم كۆرۈش |
«قول-قولنى يۇيسا،قول يۈزنى يۇيىدۇ»دەيدىغان گەپ بار بىز مىللى كارخانىلىرىمىزنى قوللىساق ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىتىۋالساق،ئۇلارغا بازار بوشلۇقى بەرسەك،ئېھتىياجىمىزغا ،كىسەللىك ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرخانىلىرىدا داۋالانساق ئىشىنىمىزكى يىقىن كەلگۈسىدە بىز سۆيۈنگىدەك،پەخىرلەنگۈدەك كارخانىلىرىمىز ۋۇجۇتقا چىقىدۇ، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئارقىلىق  تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭدىن كىيىن بىز ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

ئادەم تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايدۇ،ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2080
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-4-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 06:35:04 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئە شۇ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتقان ئىسىل ئىنسان-ئابدۇراھمان ئەمەتكە چىن كوڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن. مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ شاپائىتىگە كوپ تەشەككۇر! بۇلارنى قوللاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىرقىتىم ھىس قىلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2080
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-4-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 06:39:32 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەن شىنجاڭ خەلىق رادىيۇ ئىستانسىنىڭ ‹‹ئەلدىن ئەلگە نەپ ››پىرۇگىراممىسىنى خىلىدىن بىرى ئاڭلاۋاتىمەن . ناھايىتى ياخشى چىقىۋاتىدۇ. بۇپىرۇگىراممىنى ئاڭلىسا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى تىزدىن ھىس قىلغىلى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-26
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 12:33:39 AM |ئايرىم كۆرۈش |
karawul3 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-18 06:39 PM
مەن شىنجاڭ خەلىق رادىيۇ ئىستانسىنىڭ ‹‹ئەلدىن ئەلگە نە ...

كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقۇ بەك كاتتا ئىش لىكىن زە   بەرگىنىگە  مىنەت قىلغاندەك شەمۇ شە سازايى قىلىپ   نىمە پايدىسى  ساۋاپلىق قىلدىم دەپ  ئاۋارە بولۇپ  بولمىسا ئەڭ  ساۋاپلىق ئىش شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 05:40:58 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مۇشۇ پىروگىراممىمۇ ياخشى پىروگىرامما، لىكىن ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئاڭلىغىنىنى، ئۆزى كۆرگىنىنى، سىناق قىلغىنىنى سۆزلەپ باشقىلارغا ياردەم قىلىدۇ. لىكىن بىر ئادەمگە ماس كەلگەن چارە يەنە بىر ئادەمگە ماس كەلمەسلىكى ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. شۇڭا تەۋسىيەرىم: ئەلدىن ئەلگە نەپ پىروگىراممىسىدا باشقىلار سورىغان مەسلىھەتكە باشقىلار دەپ بەرگەن ئامالنى مۇنتىزىم دوختۇرلارغا دەپ، مەسلىھەتىنى ئېلىپ بىر ئش قىلىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش