مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15179|ئىنكاس: 97

مەن خوتۇن ئالاي دېگەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 25461
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:44:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورنىڭ تەۋسىيسى  بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ مىسرانىم تورى ۋە مىسرانىم سالونىدا تارقىتىلىدۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ U& `) h7 Q: s. }, Cمەن ئەتە توي قىلىمەن، ئۆگۈنلۈككە توي قىلىشىممۇ مۇمكىن. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۆزۈمنى بىر ئەركەك ھېسابلىغانكەنمەن، توي قىلماي بولمايدۇ-دە؟! بۇ شەھەردىكىلەر تويى بولۇۋاتقان يېڭى كېلىنچەكنى بېزەك ماشىنا بىلەن كۆچۈرىدىكەن. بۇ ئەخمەقلەر خوتونىنى كوچا ئايلاندۇرغىچە بىرەرىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىمەمدىكىنە؟ بەلكى يېڭى يېگىتنىڭمۇ باشقا قىزلارغا كۆزى چۈشىدىغاندۇ، ئۆزىنىڭ ئالدىراپ توي قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغان پۇرسەتمۇ تاپالمايدىغاندۇ. ھەي، ئاخىرى ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ، مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىمەن. مەن نېمىشقا ئۇلار ئۈچۈن ئويلىنىپ ئاۋارە بولىمەن، خۇددى ئۆزۈم توي قىلماي تەنھا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك! مانا مەنمۇ توي قىلىدىغان، مېنى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇن ئالىدىغان بولىۋاتىمەنغۇ؟ ئەمما مەن بۇ ئەخمەقلەرنى ئەسلا دوراپ يۈرمەيمەن. ئۇلار ئار-نومۇس، شەرم-ھايا دېگەننى ئازراقمۇ بىلىشمەيدىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ?* f8 N2 C7 N- S
مەن توي قىلىشىم كېرەك، مەن ئۇلاردىن پەرقلىق، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئېسىدە قالغىدەك توي قىلىشىم كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، بۇ ھاياتتىكى بىر قېتىملىق توينىڭ نېمە مەززىسى بولسۇن!؟ توي كۈندە قىلىپ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس، شۇڭا مەن چوقۇم توي قىلىشىم، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ قانداق ئەركەك ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قويۇشۇم كېرەك. شۇ چاغدا تېخى ماڭا ئوخشاش توي قىلىش بارا-بارا مودا بولۇپ، مەن بۇ شەھەردە توي مەسلىھەتچىسى بولۇپ قالسام ئەجەپ ئەمەس. شېركەت ئېچىپ، شاگىرت تەربىيەلەپ، بىر كېچىدىلا داڭلىق ئادەم بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم-دە؟ بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ مۇدا قىلمايدىغان ئىشى يوق، دىۋانە چېغىدا مودا قوغلىشىپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ شەھەردە مودا بەرپا قىلىش ئادەتتىكى بىر قابىلىيەت. مەن بىر پۈتۈن ئادەم، يەنە كىلىپ قابىلىيەتلىك بىر ئادەم تۇرۇپ نېمىشقا مودا يارىتالمىغۇدەكمەن؟!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 E  U: o2 H0 j, H$ e& W
بۇ شەھەرنىڭ يىگىتلىرى تېخى ئۆزلىرىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىشمىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلىشقان بولسا، بۇنداق توي قىلىشمىغان بولاتتى. ياسىداق ماشىنا بىلەن كوچا ئايلىنىش، توي بولىۋاتقانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن رەسمىيەتكە ناغرا ئۇرۇش دېگەنلەرنى توي دېگىلى بولامدۇ؟ ئۇلار مېنىڭ قانداق توي قىلىدىغانلىقىمنى بىر كۆرۇپ بېقىشسۇن! ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توي ئەمەس، بەلكى سازايى قىلىش ئويۇنى ئوينىغانلىقىنى بېلىپ قىلىشىدۇ. مەن دەيمەن، بىر ئەركەك بولغاندىكىن، توينى كۆرگەنلەر بىر مەھەل سورۇن-سورۇنلاردا پاراڭ قىلغۇدەك، كۆرمىگەنلەر ئەپسۇسلىنىپ «ئاھ» ئۇرۇشقىدەك، يەنە بىر شۇنداق توينى قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغۇدەك قىلمىسا قانداق بولىدۇ! مەنغۇ بۇ شەھەردىكى تېتىمى يوق تويلاردىن شۇنداق بىزار بولدۇم. لېكىن، بىزار بولۇش بىلەنلا قۈتۇلغىلى بولمايدىكەن. ئۆزۈمنى ھەر قانچە قاچۇرۇپمۇ قاچۇرۇپ بولالمىدىم. كۆرمەسكە، ئاڭلىماسقا سىلىپمۇ، يەنە كۆرۇپ قالىمەن ۋە ئاڭلاپ قالىمەن. تېخى بەزىدە، خالىماي تۇرۇپ مېھمان بولۇپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى توي سەۋەبىدىن، توي قىلىدىغان يېشىمدىن بىر مۆچەل ئۆتۇپ كەتكىنى نىكەم...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! K3 d* g, D8 [, y) F( p) rمېنىڭ باشقىچە توي قىلىشىمغا ئۇ رازىلىق بېرەرمۇ؟ بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلىغۇم، بېھۇدە باش قاتۇرۇپ زېھنىمنى ئۇپراتقۇم يوق. مەن ئۆزۈمنى خېلى جىگىرى بار ئەركەكلەردىن ساناپ يۈرگەنىكەنمەن ئۇنىڭغا گېپىمنى ئۆتكۇزىمەن-دە! ناۋادا رازىلىق بەرمەي قويسا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەيلى. مەن ئۇنىڭغا قايتا يالۋۇرۇپ يۈرىدىغانلاردىن بولمىغاندىكىن ئاستا يولۇمنى، خوتۇن تاللىشىمنى ئۆزگەرتىمەن. ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغان، شۇنداق توينى سېغىنىدىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇنداقلارنى ئۆزۈم ئىزدەپ تاپىمەن دەپ، نەلەردە يۈرەي! ئۆزۇمنى ئەرزان قىلغىنىمدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىزدەپ كەلگىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇ چاغدا بۇ ئەخمەقلەر مېنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقىمنى، ھەقىقىي بىر ئەركەكنىڭ قانداق توي قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىشىدۇ. راست، تويۇمغا ئىدارىدىكىلەردىن كىملەرنى چاقىرسام بولا؟ ئەڭ ئاۋال چوقۇم مالىيە بۆلۈمىدىكى ئۇزۇن بويۇن سەتەڭنى چاقىرىشىم كېرەك. ئاندىن قوشنا ئىشخانىدىكى ئورۇق ئاداشنى چاقىراي، ئۇ تېخى يېقىندىلا توي قىلغان ئەمەسمىدى. ئۇ نەلەردىدۇر تاشلىنىپ قالغان بىر سىۋەرەكنى چەتئەلنىڭ ئۇزۇن ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى « قاراڭلار، مانا بۇ سېرىق سۇۋەرەكنىڭ ئېرى مەن بولىمەن» دېگەندەك كوچا ئايلانغان. ئورۇقلىقىغا قارىماي، كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇق تاقىۋالغىنىنى دېمەيلا قوياي! ياخشىمۇ بۇ تويدىن بۇرۇنلا كېتىپ قالغىنىم، بولمىغاندا يۈرىكىم سىقىلىپ شۇ يەردىلا ئۆلۈم تۈگىشەركەنمەن. شۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇلار مېنىڭ قانداق توي قىلىدىغانلىقىمنى بۇ ھاياتىدا بېلەلمەي قالاتتىكەن. ياق، مەن ئۇلارنىڭ تېتىقسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ بەرسەم بولمايدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا ئەرزىمەيلا قالماي، ماڭا ئەلەم ۋە نومۇس بولىدۇ. ئىشخانامدىكى پاكىنەكنى چاقىرغۇم يوق، ئۇ ئوسال مىجەز بولۇپلا قالماي، بەك ئاتىكاچا بىر نېمە. قولىدىن ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا قارىماي، ھەممە ئىشقا قول تىقىپ يۇرىدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىدارىدا چات كەرمەيدىغان ئىشى، سۆز قاتمايدىغان يىغىنى ۋە قىلمايدىغان پارىڭى يوق. ئۇنىڭ چېتىنىڭ ھازىرغىچە يىرىلىپ كەتمىگىنىدىن ھەيرانمەن، بەزىدە ئۇنىڭ تېنى رېزىنكىدىن يارالغانمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. ئاق تىرە، زىلۋا كەلگەن كاتىپ قىزنى چاقىرماي قەتئىي بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن خېلى بۇرۇنلا چىقىشىپ قالغانمەن، ئارىلاپ مۇھەببەتلىك چاقچاقلارنىمۇ قىلىشىپ قالىمىز. ئۇ مېنىڭ تويۇمنى كۆرۈشى، ماڭا خوتۇن بولمىغىنىغا ئاھ ئۇرىشى، خوتۇنۇمنى قويىۋېتىپ ئۆزىنى خوتۇنلىققا ئېلىشىمنى ئۆتۈنىشى كېرەك. ئاشۇ ئىدارە باشلىقىنى قانداق قىلسام بولا؟ ئۇنىڭ يېغىننى كۆپ ئاچىدىغان خىزمەت ئىستىلى، تۈگىمەيدىغان قۇرۇق نۇتۇقى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. ئۇنىڭ تويۇمنى يېغىنغا ئايلاندۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولسام، ئادەمگەرچىلىك قىلىپ قوياتتىم. پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ جانابى باشلىقىم بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئۆلۈم نەزىرىسىدە ئۈچ سائەت سۆز قىلغانىكەن. مېنىڭ تويۇمدا شۇنداق كېسىلى تۇتۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ؟ ئەمما بىر قانچە كۈن رۇخسەتنى ئارتۇق ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، چاقىرىپ قويۇشنى قايتا ئويلاشمىسام بولمىغۇدەك! بۇ شەھەردىكى ئاغىنىلەرنى تولۇق چاقىرماي بولمايدۇ، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى، ئەركەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خوتۇن ئالىدىغان بولىۋاتقىنىم ھەقىقەت. توۋا، دەيمەن. مەن بۇ ئىشلار ئۈچۈن نېمىشقا ئويلىنىدىغاندىمەن. مېھمانلارنى خوتۇنۇم چاقىرىدىغان، توينى ئۇ قىلىدىغانغا پۈتۈشكەنلەكىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى. قېنى، ئۇنىڭ قانداق ئادەملەرنى چاقىرىدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باقاي! ئۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھەم ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندەك قىلىۋاتاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: P/ e6 d3 m1 D% Hيېقىندىن بېرى قانداقراق توي كېيىمى مۇدا بولۇۋاتقاندۇ؟ مەنمۇ تويۇمدا بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيمىسەم بولماس. ماڭا قارا رەك ئانچە يارىشىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنىڭ قارا رەڭگە تازا خوشۇم يوق. ئىدارىدە ماتىرېيال يازغاندىمۇ توق كۆك سىيا ئىشلىتىمەن. كۆك رەك بىر سىھېرگەرگە ئوخشايدۇ، بۇ رەڭگە مەيلىم تارتىپلا تۇرىدۇ. مەيلىلا، بىر ئاز كالتە كەلگەنگە نېمە بوپتۇ؟ ئۇزۇنى بولمىغاندىكىن، يەنە ئىزدەپ ئاۋارە بولىمەنمۇ؟ ئەتە تويۇم بولغىچە ئاياغ- پىشىنى سۆكۈپ، ئۇزارتىۋالساملا پۈتمەمدۇ! ياخشىسى توي تۈگىگىچە بۇ ئايىغىم يىرتىلىپ كەتمىسىلا بولاتتى؟ بۇ ئاياغنى خوتۇنۇم ئېلىپ بەرگەن، ئۇ ئالاھىتەن « توي كۈنى كىيىدىغان ئايىغىڭىز» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغانىدى. ئۇ ماڭا بۇ ئەسكەرتمىنى قايتا-قايتا تاپىلىمىغان بولسا، بۇ چاغقىچە ئۇنىڭ سوۋغىسى مەھەللىدىكى يەكچەشمە موزدۇزنىڭ ئۆيىدە نەچچە كېچە قونۇپ قالغان بولاتتى. گالىستۇقنى بولدى قىلاي، يات خۇي كالىدەك بوينۇمنى باغلاپ، نەپىسىمنى سىققۇچىلىكى يوق تويغۇ-بۇ! خوتۇنۇم تېخىچە توي كىيىم كۆرگىلى كەلمەيدۇ-يا؟ ئۇنى يەنە ساقلايدىغان بولسام، ئۆزۇمنىڭ ئەركەكلىكىگە نۇقسان يەتمەمدۇ دەيمەن. مەن ئۆزۈم خالىغان كېيىمنى تاللىغان ئىكەنمەن، ئۇمۇ ئۆزى تاللاپ كىيسۇن. ئۇنىڭ ماڭا كىيىم تاللاشنى باھانە قىلىپ، مېنى باشقۇرۇشنى ئويلايدىغانلىقىنى مەن بىلمەيدىغان، ئۇنىڭ كوتۇلداشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي «لەببەي» دەيدىغان ئادەم بولمىسام يا...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. }. Y5 J' I. dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. i& W5 @3 J* O  F8 o9 D, e2 B
يەنە ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن. تويدا يېڭى كىيىمنىڭ نېمە كېرىكى؟ بىراۋ «كىيىمىڭ كونا ئىكەن» دەپ تويۇمنى توختىتىپ قويمىغاندىن كېيىن، بىر تالاي پۇلنى بۇزۇپ يېڭى كىيىم سېتىۋېلىپ نېمە قىلاتتىم. ئاشۇ ئەخمەقلەر تويلۇق يېڭى كېيىمى ئۈچۈن قەرزدار بولغىنى بىلەن، مەن قۇرۇق سۆلەت ۋە يوق ئابروي ئۈچۈن قەرزدار بولىدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئاتام توي قىلغاندا يالاڭئاياغ ئىكەندۇق. مەنمۇ شۇ ئاتىنىڭ قېنىدىن بولغاندىكىن، يالاڭئاياغ توي قىلمىساممۇ، ئۇچامدا بار كىيىملەرنى قۇرۇق يۇيدۇرىۋېتىپلا توي قىلسام بولماسمۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھەممە كۆز تىككۈدەك، قۇلاقنى ئېغىزغا يىقىپ قىزغىن سۆھبەت قۇرغۇدەك توي بولىدۇ. ئۇچامدىكى بۇ تۆت يانچۇقلۇق چاپان تېخى يېڭى، ئۆتكەندە بىر ئوغرىدىن ئەزرانلا سېتىۋالغان. ياراتقان ئىگەم ئاشۇنداق ئوغرىلارغا ئىنساپ، دىيانەت ئاتا قىلمىسا تەس، ئۇلار ماڭا ئوخشاشلارنى يالىڭاچ قويمايدۇ. مەن بەك قاتتىق ئۇخلايدىغان ئادەم، بۇ يەردىن بىر قۇر ئەڭ ياخشى ئىچ كېيىم سېتىۋالغىنىم بىلەن، ئاشۇ ئوغرىلار مېنىمۇ يالىڭاچلاپ قويسا، قەيەرگە بېرىپ ئەزر-شىكايەت قىلغۇلۇق. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يېڭى كىيىم سېتىۋالماسلىق ئاقىلانە تاللاش ۋە خاتاسىز چىقىرىلغان قارار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 D; Q( [4 M0 |
كوچا چىراقلىرى بىر بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئۆچۈشكە باشلىدى. قارىغاندا ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەش بىلەن بۇ كۈننىمۇ كەچ قىلغان ئوخشايمەن. ئەتە ئىدارىدە يىغىن باردەك قىلىۋاتاتتى، ئەتىگەنرەك بارمىسام يەنە ھېلىقى يوقلىمىچى باشلىقىمغا يالۋۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇ ئاداشنىڭغۇ كارايىتى چاغلىق، ناھىيىتى كەلسە ئۆزۈمدىن ئاشقان پارچە ھاراقنى ئۈچ زىخ ئۈچەي كاۋىپى بىلەن قۇيۇپ بەرسەملا، بىر ئاي ماڭا چېكىت ئۇرۇلمايدۇ. ئەمما، ھەر ئايدا ئۆيۈمدە پارچە ھاراق بولۇشى ناتايىن-دە؟ بۇ كەچ كوچىنىڭ نېرىسىدىكى كاۋاپچى بۇرادەرنى يوقلىماي، ئۆيگە بۇرۇنراق قايتساملا، پارچە ھاراق ئۆزۈمگە قالىدۇ. بىر كۈن يوقلىمىغانغا ئۇ بۇرادەرمۇ باتناپ كەتمەس. ئۆيدە ئىككى تۇخۇم بىلەن قايسى كۈنى ئىشىپ قالغان پارچە ھارىقىم بولغاندىكىن، ئۆزۈمنى ئۆزۈملا كۈتكىنىم ياخشىدەك قىلامدۇ، نېمە؟ ئۈچەي كاۋىپى يېمىگەنگە ھاراق گېلىدىن ئۆتمەيدىغان ئادەم بولمىسام-يا؟! تېخى قايسى كۈنىلا «تۇسۇق تەپمەس»نىڭ ياتىقىدا، سوغۇق سۇ بىلەنمۇ ئىچكەن. يوتقىنىغا ئوراپ تىقىپ قويغان يېرىم جىڭ تۇخۇمنى تېپىۋالساقمۇ، بىر تەخسە قورۇما قىلغىلى ئۇنىمىغان ئىدى. مانا ئەمىسە دەپ، سوغۇق سۇنى زاكوسكا قىلىپ، ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى ئارتۇق ئىچىۋىدۇق، بېچارە تۇسۇقنىڭ ئىچى ئۆتۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. بۇرادىرىمىز پىخسىقلىقى ۋە ئۆز قارنىغا يېيىشكىمۇ رايىنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن چوكىدەك ئورۇق ئىدى. ئەمما باشقىلار مېھمان قىلغۇدەك بولسا، يەپ تويمايتتى. بەزىدە تويغىدەك تاماق بەرمىدىڭ دېگەندەك باتناپمۇ قالاتتى. ئۆزىنىڭ ئىچى تارلىقىدىن يېگىنى تېنىگە تەپمەيتتى. شۇ ۋەجىدىن بۇرادەرلەر ئۇنى «تۇسۇق تەپمەس» دەۋالغانىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  S7 y4 t5 q) j/ k/ K$ I2 M* Zمەن ئەتە نېمىشقا ئىدارىگە بارغۇدەكمەن، مەن ئەتە توي قىلىدىغان ئادەممەن. ھەي، مېنىڭ مۇشۇ ئۇنۇتقاقلىقىمغا داۋا بارمىدۇ؟ ئىدارىدىكىلەرنى بۇرۇنراق خەۋەرلەندۈرۈپ قويمىغىنىم سەۋەبلىك تويۇمنى يەنە كەينىگە سۈرۈپ يۈرەرمەنمۇ، ئەمدى!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& M+ |* ]% _( D× × × ×بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ]  {* h- q! a6 ?3 v+ V7 [, c: ]4 c- q1 |
بۈگۈن ئورنىمدىن بەكلا كېچىكىپ تۇرۇپتىمەن، يەنە ئىشقا كېچىكىدىغان بولدۇم. ئىدارە باشلىقىمنىڭ خاپا بولۇشى تۇرغانلا گەپ. بىراق، بۇنىڭغا باش قاتۇرۇشۇمنىڭ ئورنى يوق. بىردەم گاچا بولىۋالساملا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ. يەنىلا يوقلىمچى باشلىقىمغا پارچە ھاراق قەرز بولىدىغان بولدۇم-دە! نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر ئىككىسىگە ئامالىم بار، مېنىڭ بۇ چارە-تەدبىرىمنىڭ خېلىدىن بېرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. لېكىن، شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ يەنە ئەنسىرىمەي تۇرغىلى بولمايدىكەن. ناۋادا، ئىش ھەققىمدىن تۇتۇپ قالسا تۈگەشكىنىم شۇ. پارچە ھاراققىمۇ پۇل كېتىدىغان شەھەر بۇ! ئاتامنىڭ يۇرتىدا كۆپ نەرسە بىكارلىق ئىدى، قۇشنىلاردىن بىرەر نان سورىساق، پۇل دېمەيتتى. تۇخۇم ئارىيەت ئېلىپ، ئىشلىتىدىغان چاغلارمۇ بولاتتى. بۇ شەھەر ئۆتنە-يېرىم قىلىدىغان، پۇل تۆلىمەي، سوراپ تۇرۇپ بىر نەرسە ئالغىلى بولىدىغان يەر ئەمەس. ئاتام ئەزەلدىن چاچ ياساتقانغا پۇل تۆلىگەن ئەمەس، ئۇلار بىر بىرىنىڭ چىچىنى ئۆز ئارا ئېلىشىپ قوياتتى. مېنىڭ بۇ شەھەردە سەتىراچقا تۆلىگەن پۇلۇملا، ئاتامنىڭ ئايلىق خىراجىتىگە يېتىپ ئاشىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 M! p+ Y% T4 p1 a) e/ S9 X
يەنە خىيال بىلەن قانچىلىك كېچىككىنىمنى بىلمىدىم. ئىدارە بىلەن ئۆيۇمنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، خىيال سۈرگىلى ۋاقىت چىقمايتتى. لېكىن، مەن ئاشۇ نەچچە دەقىقىلىق يولنىمۇ خىيالسىز بېسىشنى ئەسلا خالىمايتتىم. بۇ شەھەردە ھاياتنىڭ لەززىتى دەل شۇ خىيال بىلەن ئۆتىدىغان بولغاچقا، خىيالسىز ئۆتۈشنىڭ نەقەدەر زىرىكىشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. ئىدارىگە بېرىش، ئىشخانىدا باشلىقنىڭ چىرايىغا قاراپ ئولتۇرۇش، ئۈچەي كاۋىپىنى ئىشتىھا بىلەن يېيىش، كېچىسى يالغۇز، پۇتنى قۇچاقلاپ تۈگۈلۈپ ئۇخلاشتىن باشقا ھەۋەس يوق ئادەم ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. قانداقلا بولمىسۇن، مەندە خىيال سۈرۈش ھەۋىسى بار ئىكەن. بولمىغاندا ئاشۇ ئادەملەردەك «بىچارە» بولۇپ قالاتتىمكەن. ئۆزۇمنىڭ ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان بۇ ھەۋىسىمنى باشقىلارغا تېخى ئېيتىپ بەرمىدىم. ئۇلارغا دەپلا قويىدىغان بولسام، ھەممە نەرسىنى مودا قىلىۋالىدىغان بۇ ئادەملەر مېنىڭ خاسلىقىمنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىدۇ، دەيمەن. ئەستا، ھەۋەسنىڭ كۈچى مېنى يەنە تىلغا قويىدىغان بولدى-دە! بۈگۈن مېنىڭ چارەم ئىشلىمەيدۇ، ئەمدى. ئەنسىزلىك ۋە ئاخىرى يوق خىيال بىلەن ئىدارىگە كىلىپ قالغىنىمنى تۇيمايلا قالدىم. يىغىن زالىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشتىن ئاۋال، باشلىقىمغا نېمە دېيىشنى، قانداق باھانە سەۋەبنى ئوتتۇرىغا تاشلاشنى ئويلاشمىسام بولمايتتى. باشقىلار بىلمىگەن بىلەن ھەممىسى ئۆزۈمگە ئايان، مېنىڭ بەزىدە بۇ كاللام بەك ئىشلەيدۇ. مەن ئادەتتە باشلىق تىللاشقا باشلىغاندا، خۇددى ئۇنىڭغا ئىتائەتمەن قۇلدەك ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالىمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىدىن پەخىرلىك ھېس قىلغۇچە پەقەت ئاۋاز چىقارمايمەن. باشلىقىم خېلىلا قانائەتچان بولغاچقا، بىر دەمدىلا ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىدىن پەخىرلىنىدۇ-دە، تىللاشتىن ۋە ئاچچىقلىنىشتىن توختاپ قالىدۇ. مەن شۇ چاغدىلا رەسمىيەت ئۈچۈن ئېغىز ئېچىپ، قىسقىلا ۋەدە بېرىمەن. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلماي بولمايدۇ، مېنىڭ بۇ ئېغىزىمدا يالغان قەسەم لىپمۇلىق تۇرۇپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- e. H6 S- _1 z' n! k/ vتوۋا، ئىدارە باشلىقى نېمىشقىدۇ بۈگۈن مېنى تىللىمىدى، كىچىكىدىلا بىر ياققا كەتكەن ئەلەس كۆزىنى غەلىتە قىلىپ ئالايتمىدى، باشقا چاغلاردىكىدەك چېچىلىپ سۆزلەشكىمۇ رايى بارمىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپى بۆلەكچىلا چاغ كۆرۈنەتتى، ئەمىلى ئۆسكەندىمۇ بۇنداق خوشال بولمىغان باشلىقىمغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم. كېيىنىشىدىمۇ ھېچ يېڭىلىق يوق، سۆزلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇزۇن جۈملىلىك ھەم چېچىلاڭغۇ. بىراق ئاۋازى بىر ئاز يېقىملىق بولۇپ قالغاندەك تۇيىلاتتى. مەن ئۆز كۆزۈمدىن گۇمان قىلىپ باقمىغان ئىدىم، ئۆتكەندە ئىدارىدىن سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىمۇ ھېچقانداق چاتاق چىقمىغانىدى. ئەجەبا، بۈگۈن ئۇ باشلىقىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ھېچ بايقىيالمايۋاتاتتى. ئۆز-ئۆزۈمدىن ئەجەبلەنگەندەك، كۆزلىرىمنى باشلىقىمدىن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كاتىپ قىزغا يۆتكىدىم. كاتىپ قىزمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، شېرەدىن بېشىنى كۆتۈرمەي، باشلىقنىڭ سۆزىنى خاتىرلەۋاتاتتى. ئۇنىڭدىكى بىرلا ئۆزگىرىش شۇ بولغانكى، ئۇ ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇق يېڭى يىل ئولتۇرۇشىدا سۇنۇپ كەتكەن بولغاچقا، باشلىقىمغا يىقىنراق ئولتۇرۇپ قالغانىدى. ھەي، ئېسىم قۇرۇسۇن! ئۇلارنىڭ ئادەتتە بىر ئورۇندۇقنى بوش قويۇپ ئولتۇرىدىغان، ئاددىي قائىدىسى بار ئەمەسمىدى؟ ئەسلىدە باشلىقىمنىڭ بۈگۈنكى بارلىق خوشاللىقى تازىلىق قىلىدىغان ئايالنىڭ بىچەللىكىدىن ئىكەن. چۈنكى، ئۇ سەھنىگە قويۇلغان شىرەنىڭ ياپقۇچىنى قىيا ئوچۇق قويۇپ قويغانىكەن. بۇ بەلكېم ئۇنىڭ قەستەنلىكى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇ پەقەت ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە مەخسەتسىزلا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدى. باشلىقىمنى ھەممىدىن ھاياجانغا سالغىنى كاتىپ قىزنىڭ يالىڭاچ قالغان ئاپئاق پاقالچىقى، بۇ پاقالچاق باشلىقىمنىڭ پۇتىغا تېگىپ تۇراتتى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; G7 X$ |7 z& K- ^* e

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]! f9 h8 y' ?داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4467
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:02:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى تىزراق يوللانسا  بوپتىكەن  تەقەزا  بولۋاتمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2362
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تىخى توي قىلمىغانما  مىسرانىم  ئەپەندىم  ،  توينى ۋاقتىدا قىلىۋىلىڭ  جۇمۇ  ھى.......ھى.........
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, [7 U7 Q% K* j/ y' }‹ چاقچاق ھە !  ›   
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 }5 H3 Z+ u# Q4 o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% |+ l3 R; j* N, uتېما ياخشى چىقىپتۇ  ،  داۋامىنى  تىزرەك يوللاڭ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34237
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقۇللۇق بەردىم خوتۇن ئېلىڭداۋامىغا تەشنامەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111460
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:22:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاپ ،ياخشى يىزىپسز

يامان يولدا باشقىلار ھەمراھ بولغاندىن،
يامان يولدا تەنھا ماڭغىنىم ياخشى…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:32:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا مەن.............................

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:57:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kizikarlikqikiptu

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:57:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kizikarlikqikiptu

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 12:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمىز ؟...............

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 01:25:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازراق   قىزىقتۇرۋاتىدۇ    لىكىن   قۇرۇق   خىيال   بەك   كۆپ   بوپ  كەتتىمۇ   قانداق  ؟   لىكىن    بۇ   تىمىدىن    بىر   ئىبرەتلىك   ھەم   ئەھمىيەتلىك   توينىڭ   پۇرقى   كىلۋاتىدۇ  .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# E/ E4 d' U& I$ sداۋامغا   تەشنامەن  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش