ئاتۇشلۇق گىردىلەر مېھىرلىك كۆڭۈل
ئاتۇشلۇق شامالنىڭ قانىتى زېدە،
ئاتۇشلۇق دەرەخلەر سۇندۇرغان بەلكىم.
ئاتۇشلۇق بوراننىڭ قانىتى ناكا،
ئاتۇشلۇق تاغلارغا ئۇرۇلغان بەلىم.
ئاتۇشلۇق تاشلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ،
ئاتۇشلۇق ئارمانلار ھەريان تارالغان.
ئاتۇشلۇق گۈللەرنىڭ تىكىنى خەنجەر !
نامەردلەر كۆكسىگە چۇڭقۇر قادالغان.
ئاتۇشلۇق كۈلكىدە چۇڭقۇر بىر يارا،
ئاتۇشلۇق ئاي پالتا چانار غەپلەتنى.
ئاتۇشلۇق يۈرەكلەر سۈكۈتلەر ئارا،
ئۈمىدلىك نىيەتكە چاتار نىيەتنى.
ئاتۇشلۇق يامغۇرنىڭ لەززىتى چەكسىز،
ئاتۇشلۇق قارلاردا چوغدەك ھارارەت.
شۇقەدەر نۇرلۇقتۇر ئاتۇشلۇق نۇرلار،
قاراڭغۇ ئىچىنى قىلار مالامەت.
ئاتۇشلۇق گىردىلەر مېھىرلىك كۆڭۈل،
ئاتۇشلۇق ئەنجۈرلەر ۋىسال شەربىتى.
ئاتۇشلۇق باھاردا جىمى يېشىللىق،
ئاتۇشلۇق ھەسرەتلەر ئەلنىڭ ھەسرىتى.