نېمە قىلارمىز پۇل تېپىپ
قېرىنداشقا مۇشت ئېتىپ، ئارقىسىدىن گەپ تېپىپ،
ئويۇلتاشتەك ئويۇشماي ۋىجدان سېتىپ ، ئاق سېتىپ،
رەقىپلەرنى كۈلدۈرۈپ ، دوستلارنى قان يىغلىتىپ،
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە نېم قىلارمىز پۇل تېپىپ.
نېمە ناھەق ، نېمە ھەق ئايرىماستىن ھە ، ھۇ دەپ ،
كازابلىقىنى ، شۇملۇقنى بەرىكەتلىك ھۈنەر دەپ،
ياخشىلارنى قاقشىتىپ خوشال بولۇپ ھەسسىلەپ،
ئارلاشتۇرۇپ سۈتكە سۇ نېم قىلارمىز پۇل تېپىپ.
سەبىيلەرنى ئازدۇرۇپ ، ھەقىقەتتىن تاندۇرۇپ،
ساددا ، مەسۇم قىزلارنى خاتا يولدا ماڭدۇرۇپ،
راستتەك سۆزلەپ يالغاننى باشلىرىنى قايدۇرۇپ ،
سېتىپ غورۇر ، ۋىجداننى نېم قىلارمىز پۇل تېپىپ .